قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1264|ئىنكاس: 15

ئۆلۈككە خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 21:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈككە خەت

( مەمتىمىن ھوشۇر )


       بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بولىدىغان، ئۇ سالام-سەھىتى جايىدا، رەتلىك كىيىنىپ يۈرۈيدىغان، ناھايتى قائىدىلىك ئادەم ئىدى. پىنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ دوختۇرخانىدا بوغالتىرلىق خىزمىتى ئىشلەيتتى. ئۆمرى بىر تەرىپى ئىگىز، بىر تەرىپى پەس، ھەربىر زىخچىسىدا ئون تالدىن ئۇرۇقچىسى بار كونا روس چوتنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم ئىدى. يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ غەلىتە بىر قىلىقىنى بايقاپ قالدۇق.
       باشتا بۇ ئىشقا بىزمۇ دىققەت قىلماپتۇق. مەھەللىدىكى پىنسىيىگە چىققان بىر نەچچىمىز ھەر كۈنى دىگۈدەك كىچىك بەندىڭلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلىپ قارتا ئوينايتۇق. كۆۋرۈك پارچە-پۇرات نەرسە-كېرەكلەرنى ساتىدىغان بىر نەچچە دۇكانمۇ بار ئىدى. بىز قارتا ئوينىغاچ ئۆتكەن – كەچكەنلەر بىلەن سالاملىشىپ، كۆرگەن-بىلگەن يېڭىلىقلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزۈشەتتۇق. ياز كۈنلىرى كۆۋرۈك ئاستىدىن گۈرۈلدەپ ئۆتۈپ تۇرغان سۈزۈك سۇ سالقىن شامال پەيدا قىلىپ، كىشىنى ھوزۇرلاندۇراتتى. سۇ بويىدىكى يوغان بىر تۈپ قارىياغاچ كۆۋرۈك بېشىغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. بىز ئۇچۇن بۇ يەر ھەر قانداق پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ باغچىسىدىن راھەتلىكرەك ئىدى. . .

      ھېلىقى قوشنا بىزنىڭ كۆۋرۈك بېشىدىكى ئويۇنلىرىمىزغا ئارلاشمايىتتى. بەزىدە ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ، قوللىرىنى ئىشقىلاپ «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋەتتىم »دەپ قويۇپ يىنىمىزدىن كۈلۈپ ئۆتۈپ كېتەتتى. مۇنداق چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە موھىم بىر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداپ بولغان ئادەملەردە بولىدىغان خۇرسەنلىك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
         بىر كۈنى بىز پىنسىيىچىلەر كۆۋرۈك بىشىدا قارتا ئويناپ ئولتۇرۇپ، ئەزىمجاننىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ قالدۇق.
-ھوي، بۇ ئادەم دائىم ئۆيىدىن چىقىپلا «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋەتتىم» دەيدۇ، زادى كنمگە خەت يازىدۇ ؟-دەپ قالدى بىرەيلەن. بىزمۇ:
-راسىت، ئۇ كىمگە خەت يازىدۇ؟ ئۆيلۈك –ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەن بالىلىرى مۇشۇ شەھەردە تۇرىدۇ. باشقا ئۇرۇق –تۇققانلىرىنىڭمۇ تايىنى يوق بولىدىغان. . . . قىزىق ئىش –ھە!- دېيىشتۇق.
شۇنداق دېيىشىپ تۇراتتۇق، ئەزىمجان يەنە ئۆيىدىن كەلدى ۋە بىزگە يېقىنلاشقاندا:
-ئۇنىڭغا يەنە بىرپارچە خەت يېزىۋەتتىم، -دەپ كۈلۈمسىردى.
-كىمگە ؟!- دېيىشتۇق بىر نەچچىمىز تەڭلا.
-خوتۇنۇمغا. . . . . مېنىڭ خەت يېزىشىدىغان باشقا كىمىم بار، دەيسىلەر، -دېدى ئۇ خاتىرجەم ھالدا.
          بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. مەنمۇ چۈشۈۋاتقان قارتامدىن ئېزىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئايالى ئۆلۈپ، يىل نەزىرسىنىڭ پولۇسىنى يەپ بولغىنىمىزغىمۇ خېلى ئايلار بولۇپ قالغانىدى. مانا مۇشۇ ئولتۇرغانلار جامائەت بىلەن بىللە رەھمەتلىكنىڭ نامزىنى چۈشۈرۈپ، تاۋۇتىغا ئەگىشىپ چىقىپ يەرلىكىدە قويغانىدۇق. بۇ چاغقىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنى قېلىن شىۋاق ئوتلار بېسىپ كەتكىنى ئېنىق ئىدى.
    ئەزىمجان يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ گېپىمىزمۇ قولاشماي قالدى. ئاغزىمىزدا دېمىسەكمۇ، كۆڭلىمىزدە قوشنىمىزنى «بىچارە، ئالجىپتۇ –دە!»دەۋاتقىنىمىز كۆزىمىزدىن چىقىپ تۇراتتى. قېرىغانداشۇنداق كۈنلەرگە قېلىشتىن خۇدا ئۆزى ساقلىسۇن !. . . ئويۇنىمىزمۇ ئويۇن بولماي قالدى، قارتىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىدۇق.

※     ※            ※          ※
       بۇ گەپ شۇ كۈنىلا ئۆيدىكى خوتۇنلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. خوتۇن خەق دېگەن تۇرمۇشنى يەنە باشقىچە مۇلاھىزە قىلىدىغان جامائەت-دە.
ۋاي بىچارە، يالغۇزلۇقتا غېرىبسىنىپ، تازا زىرىكىپتۇ-دە ! دېدى ئايالىم.
--- زېرىكىپتۇ ؟!. . . بىز ئاينىپ قالغان ئوخشايدۇ، دېيىشتۇققۇ.
--- ئوھۇش. . . تۈپتۈزۈكلا ئادەم ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق نېمىدەپ ئاينىپ قالاتتى، زىرىككەن گەپ !
--- نېمىدىن زىرىكىدۇ ؟
-- نېمىدىن زىرىكەتتى، ئۇ ئادەم سىلەرگە ئوخشاش دوقمۇشقا چىقىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى بىلمىسە، ئوڭچە قۇرودا، تۆت تامنىڭ ئىچىدە يالغۇز يېتىپ قۇپۇپ زېرىكمەمدۇ ؟. . . قۇلۇم قوشنا بولغاندىن كېيىن مۇڭدىشىپ ياتقۇدەك بىرەر لايىقنى تېپىپ، ئۆيلەپ قويساڭلار بولمامدۇ. . .
         ئەتىسى كۆۋرۇك بېشىغا يىغىلغاندا ئاغىنىلەرگە ئايالىمنىڭ ئەقلىنى يەتكۈزدۈم. قىزىق يىرى، خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ھەممەيلەننىڭ ئۆيدىكىللىرى شۇ گەپنى قىپلىپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، بىز ئەر خەقلەر بەزى ئىشلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ كالتە پەم ئوخشايمىز. . . شۇنىڭ بىلەن قارتا ئويناشنىمۇ ئۇنتۇپ، قىزىق مەسلىھەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. شۇ ئەتراپتىكى ئۆزىمىز بىلىدىغان تۇل خۇتۇنلارنىڭ ئىسمىنى بىر – بىرلەپ ئاتاپ چىقتۇق.
-- بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى مۇئەللىم بالا قانداق ؟ --دىدى بىرەيلەن، -- بالىسىمۇ يوق. چالا –پۇچۇق بىر ئەرگە تېگىپ چىقىپ كەتكىنىنى دېمىسە قىز دېسىمۇبولىدۇ.
-- بولمايدۇ، ئۇ بەك ياش ! - دەپ قەتئىي رەت قىلدۇق باشقىلار.
-- ئاۋۇ تۇرداخۇن ناۋاينىڭ  قوروسىدىكى سەتەڭچۇ ؟--دېدى يەنە بىرەيلەن، -- كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدۇ –دە، كاساپەتنىڭ . . .
-- قويۇڭلار،-- دېدى يەنە بىرەيلەن، -ئۇ كوچىدىن كىرمەيدىغان ئابدال خوتۇن. تونۇشتۇرىدىغان بولغاندىن كېيىن ئوبدانراق بىرىنى تاپايلى.
-- ماۋۇ داۋالاش پونكىتىدىكى ھېلىقى ئوكۇل ئۇرىدىغان چوكانچۇ؟. . . . ئېرى ئۆلۈپ كەتكىنىگىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى.
-- ئۇغۇ بولىدىغان پاكىز ئايال. بىراق، بالىلىرى جىق-دە، قوشنىمىزغا باش ئاغىرىقى تېپىپ بېرەرمىزمىكىن.
-- ھە، راسىت، مانا مۇنۇ دوقمۇشتىكى ماشىنىچى خېنىمنىڭ گېپىنى قىلمايسىلەرغۇ ؟. . . پاھ سېمىزلىكى، ئۇنىڭ يېنىدا جاڭ - جاڭ سوغۇقتا يوتقان يېپىنماي ياتساڭمۇ تەرلەپ چىقىسەن. . . . .
-- يېشىمۇ قىرىقتىن ئېشىپ قالغان، تازا باب خوتۇن. بىراق، ھالى چوڭ. . .
ئۇ بىر نېمە دېدى، بۇ بىر نىمە دېدى. ئاخىردا بىرەيلەن :
-- ئاغىنىلەر، ئاۋۋال ئەزىمجاننىڭ ئۆزى بىلەن بىر پاراڭلىشىپ، ئۆيلىنىش خىيالىنىڭ  بار – يوقلۇقىنى بىلىپ باقايلى جۇمۇ. بولمىسا، سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپ قاپتۇ دېگەندەك ئىش بولمىسۇن ! –دېدى.
بۇ گەپنى ھەممىمىز توغرا تاپتۇق . مۇنداق ئىشلارنى گۈلگە كەلتۈرۋېتىدىغان گېپى يۇمشاق، شېرىپجان دەيدىغان بىر دوختور بار ئىدى. ئۇمۇ ئىلگىرى ھېلىقى قوشنىمىز بىلەن بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيتتى. پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن ، كۆۋرۈك يېنىغا بىر دۇكان ئېچىپ، سەكسەنخالتا قىلىپ، كەسپىنى تېۋىپقا ئۆزگەرتىۋالدى. بۇ ئەتراپتىغۇ ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى كۆپرەك يىراق سەھرا، قىرلاردىن كېلەتتى. دورىلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ئۇ دۇكىنىنىڭ تاملىرىغا قۇرۇتۇلغان پاقا، كەسلەنچۈك، ئېيىق تاپىنى، يىلان قاسراقلىرى دېگەندەك نېمىلەرنى ئېسىۋىتەتتى. خېرىدار يوق چاغلارغا  ئۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىپ، ئويۇنىمىزغا ئارلىشىپ قالاتتى. دوختۇرنىڭ ئۆيىمۇ ئەزىمجان بىلەن تام قوشنا ئىدى.
ئۇ :
- بولدى، بۈگۈن كەچتىلا مەن ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پاراڭلىشىپ باقاي، - دېدى.
ئەتىسى ھەممىمىز كۆۋرۈك بېشىغا يىغىلغاندا دوختۇردىن :
- قانداق بولدى ؟ - دەپ سورىدۇق.
- راسىتتىنلا ساراڭ بوپتۇ ! -دېدى ئۇ.
ئۇقساق، دوختۇر كەچكە يېقىن ئەزىمجاننىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرا-چىقارمايلا ئەزىمجان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ :
- سەن مېنى نىمە كۆرىۋاتىسەن ؟. . . . خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالىدىغان بۇ ئىش ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغىمۇ سىغامدۇ ؟ ھەر قايسىڭ قوشنا تۇرۇپ، مېنى مۇشۇنداق يامان ئىشقا سالا قىلىشساڭ بولامدۇ ؟. . . شۇڭىلاشقىمۇ  سەن خەققە  ئارلاشمايىتتىم، چىقە ئۆيۈمدىن !- دەپ دوختۇرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
- توۋا ! -دېيىشىپ ياقىمىزنى تۇتۇشتۇق، -«خوتۇنى  ئۆلگەنگە ئىككى يىل بولاي دېگەن ئادەم، ئەمدى ئۆيلەنسە قانداقمۇ خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالغان بولىدۇ !؟ ». . .
- ھوي، ئاغىنىلەر ، ھەيران بولماڭلار، -دېدى دوختۇر، - بۇمۇ بىر خىل روھىي كېسەل. مەن شۇنداق قارىسام، بىزغۇ ئەزىمجان بىچارىنىڭ خوتۇنىنى جامائەت بىلەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈپ قويۇپ كەلدۇق، دەيمىز . ئەمما، ئۇ خۇتۇننىڭ روھى ھازىرغىچە ئەزىمجان بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك قىلىدۇ . . . ئۈلۈشكۈن ئۇ قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، تامغا رەھمەتلىك مەريەمنىڭ يوغان بىر سۈرىتىنى ئېسىپ قۇيۇپتۇ، ئۆزى گىلەم ئۈستىدە ياستۇقنى قىرلاپ قۇيۇپ ئايالىغا قاراپ ياتىدۇ، مۇنداق ئادەم ئۈلۈپ كەتكەن كىشىنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغاندەك ھىس قىلىۋېرىدۇ، خۇتۇنى بىلەن ھەر كۈنى غايىبانە سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ، ئۇ سىز بىلەن بىز ئويلىغاندەك ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، ئۇنى ئارامىدا ياشىغىلى قۇيايلى.
شۇنىڭدىن باشلاپ ھېلىقى قوشنىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىغان بولدى، بەزىدە قارتا ئويناۋاتقان ۋاقتىمىزدا «ئۇنىڭغا خەت يېزىۋېتىپ كەلدىم» دەپ قالسا، «ھە، ئۇبدان بۇپتۇ ! » دەپلا قۇيىدىغان بولدۇق.
ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتمەي ئۇ قوشنىمىزمۇ ئالەمدىن ئۆتتى، يەرلىكىنى ئايالىنىڭ قەبرىسى يېنىدىن كولاپ دەپنە قىلدۇق.

※  ※  ※  ※  ※  ※  ※  ※
      دۇنيادا ئۆلمەيدىغان كىم بار؟ ئۆلۈممۇ بۇ ئالەمنىڭ بىر قىزىقى ئوخشايدۇ. ھېلىقى قوشنىمىز شۇ ئۆلۈپ كەتكەنچە ئۆلۈپ كەتكەن بولدى، لېكىن، بىزنىڭ قارتا سورۇنىمىزدا ئۇزاققىچە ئۇنىڭ غەلىتە قېلىقلىرى توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ تۇردى.
بىرى:
-- ھېلىقى رەھمەتلىك ئەزىمجاننى خۇتۇنىنىڭ يېنىغا كۆمگىنىمىز ياخشى بولدى. باشقا يەرگە كۆمگەن بولساق گۆرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايتتى،- دېسە، يەنە بىرەيلەن:
-- بۇ چاغقىچە ئۇ ئاغىمىز ئىچ گۆرىنى تاتىلاپ تىشىپ خۇتۇنىنىڭ قېشىغا چىقىۋالدىغۇ دەيمەن،-- دەيىتتى . يەنە بەزىلەر:
-- توۋا! ئەزىمجان شۇچاغدا خۇتۇنىغا راستتىنلا خەت يېزىپ يۈرگەن بولغىيدىمۇ ؟
-- خەت يازغان بولسا، ئادرىسىنى نېمە دەپ يازغان بولغىيدى؟
-- «ئۆلۈپ كەتكەن خۇتۇنۇم مەريەمخانغا تەگسۇن» دەپلا سالغان بولسا، پوچتىكەشلەرمۇ بۇ خەتنى نەگە ئاپىرىشىنى بىلەلمەي تازا بېشى قاتقاندۇر؟
-- ئايرۇپىلان زاكاز قىلغاندىمۇ ياكى ... – دېيىشىپ، چاقچاق ئارىلاش مۇلاھىزە قىلىشاتتى. ھېيىت –ئايەملەردە تۇپراق بېشىغا چىقىپ قالسا، ئەزەمجاننىڭ بېشىغا بېرىپ، قۇرئان ئوقۇپ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇمايتتۇق.
بىر كۈنى كۆۋرۈك بېشىغا ئاغىنىلەردىن بۇرۇنراق بېرىپ قاپتىكەنمەن، دۇختۇر دوكىنىدىن بېشىنى چىقىىپ مىنى چاقىردى. يېقنلاپ بېرىۋىدىم، ماڭا قاراپ كۈلۈپ:
قوشنىنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇپ باققىڭىز بارمۇ دىدى ؟ -- دىدى .
-- نېمە خەت، قايسى قوشنىنىڭ ؟ -- دىدىم مەن .
-- ھېلىقى رەھمەتلىك ئەزىمجاننىڭ خەتلىرىنىچۇ؟
-- نېمە دەۋاتىسىز؟ ئۇ راستتىنلا خەت يېزىپ تۇرغانمىكەن، سىزنىڭ قولىڭىزغا قانداق چۈشۈپ قالدى؟
ئەسلىدە، ئەزىمجان جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغاندا دۇختۇر ئاغىنىمىز ئۇنىڭ بېشىدا ئىكەن. رەھمەتلىك تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن بىر بولاقنى ئېلىپ، دۇختۇرغا سۇنۇپ :
-- ئۆلۈپ كىتىپ قالسام، مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۇنتۇماي مەن بىلەن بىللە يەرلىكىمگە كۆمۈۋېتىڭلار، ماڭا قىلغان قوشنىدارچىلىقىڭلار شۇ بولسۇن،-- دەپتۇ.
بۇنىڭ ھېلىقى مەريەمخانغا يېزىلغان خەتلەر ئىكەنلىكىنى دوختۇر چۈشىنىپتۇ. بىز « ئەزىمجان ئايالىغا راستتىنلا خەت يېزىپ تۇرغان بولسا ئۇنى پوچتىغا سالغانمىدۇر، زادى نېمە قىلغاندۇر ؟ » دەپ ئەقلىمىزنى يەتكۈزەلمەي كېتىپتىمىز، بايا ئۇ يازغان خەتلىرىنى ئۇدۇنياغا بارغاندا خۇتۇنىغا ئوقۇپ بىرىش ئۈچۈن يىغقان ئىكەن. دۇختۇر بۇ خەتلەر توغرىسىدا ئەزىمجاننىڭ بالىلىرىغىمۇ ئۈن چىقماپتۇ. ئەزىمجان دىگەندەك ئۇنىڭ بىلەن بىللىمۇ كۆمۈۋەتمەپتۇ.
توپىغا كۆمۈۋەتكەن بىلەن چىرىپ تۈگەيدۇ شۇ ! – دىدى دۇختۇر،-- مانا بۇ خەتلەرنى قوشنىمىزدىن خاتىرە بولۇپ قالسۇن، دەپ ساقلاپ قويدۇم، سىزگە بىرەي، ئوقۇپ بېقىڭ. خېلى قىزىق گەپلەر بار. ئەمما، بىر شەرت، ئۆزىڭىز بىلىسىز، بىراۋنىڭ سىرىنى باشقىلارغا يېيىپ يۈرۈش ياخشى ئىش ئەمەس. ئوقۇڭ-دە، مەزمۇنىنى ھېچكىمگە تىنماڭ!
دۇختۇر پاكىزە يىپەك رەخىتكە ئورالغان بىر بولاقنى ئېلىپ ماڭا سۇندى، بىزنىڭ ھەممىمىزدە مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىشكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بىر مىجەز بولىدۇ. ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ، ئىشىكنى مەھكەم ئەتتىم، -- دە خەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
※            ※             ※
          «مەريەم !
         يېقىندىن بىرى پات-پات چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈشەكىسەملا، چۈشۈمدە سېنى كۆرىمەن. سېنى كۆرمەي كىمنى كۆرەتتىم، دەيسەن؟ ئويلاپ باقسام دۇنيادا سېنىڭدىن باشقا يېقىنراق ئادىمىممۇ بولمىغان ئىكەن ...
بالىلارنى باقتۇق ، چوڭ قىلىپ ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق قىلدۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، بىزگە ئېشىنىدىغانغا چولىسى تەگمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئاخىرىدا يەنە ئىككىمىز يالغۇز قېلىۋىدۇق، سەنمۇ مېنى تاشلاپ كىتىپ قالدىڭ. سەندىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن، بۇنىڭ ھەممىسى ياراتقان ئىگىسىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار. دۇنيادا نېمە ئارمىنىم قالدى دېسەڭ، ئۇ دۇنياغا سېنىڭ بىلەن بىللە كەتمىگەنلا ئارمىنىم قالدى. سەن كېتىپ تولىمۇ غېرىبسىندىم.
... يېقىندىن بىرى كۆڭلۇم يەنە كۆتۈرۈلۈپ قالدى، چۈشۈمدە بولسىمۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئويغانساممۇ ئۆينىڭ بىر يېرىدە يەنە سەن ماڭا قاراپ تۇرغاندەك، بازارغا مېڭىۋاتقىنىمدا، يەنە ئادىتىڭ بويىچە : « قاراڭ، بىر نېمىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ يۇرمەڭ، قىلىدىغان سودىلىقىڭىزنى بىر قەغەزگە يېزىۋېلىڭ، پۇلنى مەھكەمرەك يەرگە سېلىڭ، يولنىڭ چېتى بىلەن مېڭىڭ! دەپ جېكىلەۋەتقاندەك تويۇلىسەن» ۋاي-ۋۇي ! مەن بىر يەرگە بارماقچى بولسام، سەن خۇددى مېھرىبان ئانا كىچىك بالىسىنى يولغا سالغاندەك، شۇنداق قىلىدىغان ئىشلارنى جېكىلەپ ئۇزىتىپ قالاتتىڭ. ئۆمرۇڭ مېنى كۈتۈپ، مەن ئۈچۈن پايپاسلاپ ئۆتتى، مېنىڭ سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز يىقىلدىڭ-دە مەندىن بۇرۇن ئالەمدىن كەتتىڭ. قارىغاندا، ئەمدى مېنى يالغۇز قالدى دەپ قەبرەڭدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايۋاتقان ئوخشايسەن. روھىڭنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم. ئاخشام ئىشىكلەرنىڭ يىنىك غىچىلداپ قىيا ئېچىلغانلىقىنى، سېنىڭ شىپىرلاپ يېنىمدىن ئۆتكەن ئاياغ تىۋىشىڭنى ئىنىق ئاڭلىدىم. ئويغانساممۇ، ئۇخلىساممۇ سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ھېس قىلىدىغان بولدۇم... »
※            ※             ※
         «مەريەم !
         قالايمىقان چۈش كۈرۈپ ياخشىراق ئۇخلىيالمىدىم، دەپ دادلايدىغان ئادەملەرگە ھەيرانمەن.چۈش كۆرمىسە ئۇيقۇنىڭ نېمە لەززىتى؟!....كېچە مەن ئاجايىپ چۈش كۆردۈم . چۈشۈمدە سەن ياشىرىپ ، بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ ، نېپىز كۆڭلەك بىلەن ئالدىمدا تۇرغۇدەكسەن . ھە ،جەننەتتىكى ھۆرلەر شۇنداق كىيىنىدىكەن _ دە ! دەپ ئويلىغۇدەكمەن . شۇ چاغدا ، كېپىنەكتەك پەرۋاز قىلىپ ، شۇنداق چىرايلىق ئۇسۇلغا چۈشۈپسەنكى ، ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران قاپتىمەن ....
     ياش ۋاقتىڭدا ئانچە_ مۇنچە ئۇسسۇل ئوينايدىغىنىڭ ئېسىمدە ، بۇ ناھايتى ئۇزاق يىللارنىڭ ئالدىدىكى بىر گەپ ئىدى . ئۇ كەملەردە ھەربىر مەھەللىدە دېگۈدەك سەنئەت كۇرژۇكلىرى بولىدىغان ، سېنىڭ ئارتىس بولۇپ، باشقىلارغا ئوخشاش سەھنىلەرگە بىر چىقىپ باققۇڭ بار ئىدى . ياشلىقتا ئادەمنىڭ شۇنداق غەلىتە_غەلىتە ئارزۇلىرى بولىدىغان بولسا كېرەك . مېنىڭمۇ ئاتلىق ئەسكەر بولۇپ ، قاپقارا بۇرۇت قويۇپ ، ياخشى ئارغىماقتىن بىرنى مىنىپ ، مەھەللىنىڭ كوچىلىرىدىن بىر ئۆتۈپ باققۇم كېلىدىغان ......كېيىن بىز توي قىلدۇق ، بالىلىق بولدۇق ، تۇرمۇشنىڭ ئاۋارىچىلىكىگە بېشىمىزچە پاتتۇق ؛ ھېلىقى خىياللىرىمىز نەلەردە قالدى ، ئۇنتۇپلا كەتتۇق .
        ئادەم ئۆلۈپ قايتا تىرىلىدۇ ، دېگەن سۆزگە ئىشىنىمەن . بۇئالەمدىن بالدۇرىراق خوشلىشىپ قېشىڭغا قايتىپ بېرىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىمەن . ماڭا ئۇ دۇنيانىڭ جەننەتتىكى ھۆر- پەرىلەردىن كۆرە چاچلىرىنى ئاق ئارلىغان ، تۇرمۇش مۇشەققىتىدىن چىرايلىرىنى قورۇق باسقان بولسىمۇ ، يەنە كۆزلىرىدىن ساداقەتلىك ، مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۆزۈڭ بولمىساڭ بولمايدۇ . »
※            ※             ※
      «...كېچە سەن مەندىن بالىلارنى سوراپ قالدىڭ . تۈن شۇنچە قىسقا ، كۆملۈمدىكى گەپلەرنى ئېيتىپ ئۈلگۈرمەيلا غايىپ بولىسەن . قالغان گەپلەرنى ساڭا خېتىمدە يازاي .
      بالىلار پات _ پات كېلىپ يوقلاپ تۇرىدۇ . قىزلار كىر _ قاتلىرىمنى يۇيىدۇ . دادا ، سىزگە يالغۇزلىقتا ئېغىر بولدى ، بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ بېرىڭ، بىللە تۇرايلى ، دېيىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت . ھازىرچە تېنىم ساق . ئىش _ كۈشلىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا چامىم يېتىدۇ  ، ئاناڭلارنىڭ تۇتقان ئكيىنىڭ چىرىغىنى مەن بولساممۇ ئۆچۈرمەي تۇراي ، دەيمەن . بىر كۈنى ئوغلىمىز : بولمىسا مەن سېنىڭ يېنىڭغا كۆچۈپ كېلەي ، دېدى . ئۇنىڭغىمۇ : بولدى قىل ، بۇ كىچىكىنە قورۇنىڭ نەرىگە پاتىمىز ، رەھمەت ! دېدىم . بالىلار ئۆزىمىزنىڭ بولغان بىلەن كۈيئوغۇللار ، كېلىنلەر يات ، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مىجەز _خۇيى بار _دە !...مېنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ، سېنىڭ ھەر كۈنى كەچتە كېلىدىغانلىقىڭنى  ئۇلارغا  قانداقمۇ ئېيىتقىلى بولسۇن !... شۇ يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىمەن ؛سەن چۈشۈمگە كىرىپ تۇرىدىغان ، ئۆزۇم يېگانە يېتىپ تاتلىق خىياللارنى سۈرىدىغان شۇ ھالەتنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايمەن .




... داۋامى بار ...


1

تېما

2

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 14:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...بالا دېگەن يەنە بالا دە !يېقىندىن بېرى ئىككى قىزىڭ ئۆيگە تاپ باستۇرماي كېلىپ : ئاپام تۇتقان مونۇ نان تەڭلىسىنى مەن تۇتۇپ قالاي .... ئاپام تۇتقان ئاۋۇ چىنە – تاۋاقلار ماڭا يادىكار بولۇپ قالسۇن ... رەھمەتلىك ئاپام بىر قېتنم ماڭا ماۋۇ پەلتويۇمنىڭ پاسونى كونا بولغان بىلەن ، سوكنىسى ياخشى . ساڭا باشقىدىن ئوڭشىتىپ بېرىمەن دېگەن ... دەپ قولىغا چىققان نېمىنى ئېلىپ مېڭىپ ، ئۆينى خېلىلا قۇرۇقدڭپ قويدى . ئوغۇل كېلىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، قىزلارنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ ! دەپ ئاچچىقلاپ : ئۇنداق بولسا ماۋۇ گىلەمنى بولسىمۇ مەن تۇتۇپ قالاي ، دەپ بىر پارچە گىلەمنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى . ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ كۆزۈم يۇمۇلىدىغان بولسا ، بۇلار مۇشۇ قورۇ – جاينىمۇ تالىشىپ ئۆلىشىدىغان ئوخشىمامدۇ ، دەپ قالدىم . ئەگەر ھېلىقى كۆمۇپ قويغان نەرسىمىزنىڭ تىۋىشىنى چىقىرىدىغان بولسام ، بۇ  بالىلارنى  جېدەل – ماجىراغا سېلىپ ، تىرىك تۇرۇپلا كۆڭۈل ئاغرىقىغا پېتىپ قالىدىغان ئوخشايمەن ، دېگەن ئوي خىيالىمغا كەلدى .
بىر ئىشقا ھەيران  بولدۇم ئۇلار ئۆيدىن شۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېتىشتى  (مەيلىغۇ ، بىزدىن قالسا شۇلارغا قالىدۇ ) . سېنىڭ تامدىكى ھېلىقى سۈرىتىڭنى ھېچقايسىسى  تالىشىپ باقمىدى . ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن – بالىسىنىڭ سۈرىتىنى ئاسىدۇ دېگىنە ياكى ئۇلار مېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ ئايىغاندۇ ...»

           ※             ※          ※

«... سېنىڭ ھېلىقى دوستۇڭنى مۇنچىۋالا لاۋزا خوتۇن دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن .  ئالدىنقى كۈنى ئۇ دەرۋازىنى قاقمايلا ھويلىغا بە خۇدۈك كىرىپ كەلدى . خۇشال بولۇپ ، ئالدىغا چىقىپ ئۆيگە باشلىدىم . ئۇ قاتلىشىپ كەتكەن ئېگىز ئۆتۈكىنى پەگاھقا سېلىپ ، ئۈستىدىكى چەت ئەلنىڭ كېلەڭسىز ئېغىر پەلتوسىنى ئىلغىغا ئېسىپ  (ھازىر مۇشۇنداق كىيىنىدىغان مودا چىقتى ) ، ئالدىرماي كېلىپ ، قېلىن كۆرپىگە ئولتۇردى . خۇددى ساڭا ئوخشاشلا داستىخان سېلىپ ، قەنت – گېزەك  بىلەن چاي بەردىم . ئۇ ھەر بىر بارمىقىغا ئىككى – ئۇچتىن ئۈزۈك سېلىنغان قوللىرى بىلەن ناۋات سېلىنغان  چاينى  قوشۇقتا ئىلەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ، شۇنچىلىك تېتىقسىز گەپلەرنى  قىلىشقا باشلىدىكى ، ئۆيگە كىرىڭ  ، دېگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم  . گەپنىڭ قىسقىسى ، ئۇ مىنىڭ ئۆيلىنىۋىلىشىمغا  سالا قىلىپ كەپتۇ .
<ئەزىمجان ، رەھمەتلىك دوستۇم مەريەم ياخشى مەزلۇمتى ، ئىككىمىز ياخشى ئۆتكەن ------...دەپ گەپنى باشلاپ كېلىپ ، تۇيۇقسىزلا قوشاق قېتىپ ،---ۋاي ، شۇ دوستۇمغا بەرگەن قازانى ماڭا بەرگەن بولساڭچۇ ئىلاھىم...ۋاي ياخشىلار كېتىپ ، يامانلار قالىدىغان  ئالەمكەنغۇ  بۇ  خۇدايىم ...---دەپ يىغىنى سالدى. ئاران تۇرغان ئادەم كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ، مەنمۇ قوشۇلۇپ يىغلاپ كەتكىلى تاسلا قالدىم . ئارقىدىنلا ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ ، ---ئەمدى ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلىۋالغىلى بولمايدۇ  ، ئەزىمجان سىلىنىڭ مۇنداق يالغۇز يېتىپ ، يالغۇز قوپۇپ ، ياش چوڭ بولغاندا قازان بېشىدا ئۆزلىرىنىڭ مۈدۈرۈپ يۈرۈشلىرى كېلىشمىگەن ئىش . مەريەم تۇتقان بۇ ئۆينى لايىقىدا بىرى كېلىپ ئاۋات قىلسۇنمىكىن ، دەيمەن >دېدى .
<ماڭا قاراڭ ، مەريەم تېخى يېقىندىلا  كۆز  يۇمدى  ، مەن خۇش بولاي ، مۇنداق گەپنى ئىككىنچى قىلماڭ ، ئۇنىڭ روھى قورۇنىدۇ > دېدىم. ئۇ :
<يىلى توشسۇن ، قىرىقى توشسۇن ، دەيدىغانغا سىلى بىر خوتۇن كىشىمىتىلا ؟>دېۋىدى،    <ئۇ گەپلىرىغۇ  راسىت ، بەزى نائىنساپ ئادەملەر خوتۇنى ئۆلۈپ قىرىقى توشا – توشمايلا ئۆيلەنگىلى قوپىدىكەن >دېسەم  ، ئۇ نېمە دېدى دېمەمسەن ؟
<قىرىقىنى ئۆتكۈزۈپ ئۆيلەنسىغۇ خېلى ئىنساپ قىلغىنى . مانا مېنىڭ رەھمەتلىك ئېرىمنى ئالسىلا ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنى ئۆلۈپ ، ئەتىسى مەھەللىدىكىلەر بىلەن پەتىلەپ  كىرسەملا ماڭاكۆزى چۈشۈپتىكەن ، مەريەم ئۆلۈپ يىلىدىن ئاشتى ئەمەسمۇ ؟>دېدى .
دوستۇڭ دەپ يۈزىنى قىلمىغان بولسام ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان بولاتتىم . نائىلاج ، چىشىمنى چىشلەپ ئولتۇردۇم . ئەگە يات بىر خوتۇن بىلەن قۇچاقلىشىپ ياتىدىغان  بولسام (ئۇنداق كۈننى خۇدا كۆرسەتمىسۇن ! )  ، سېنىڭ گۆرۈڭدە ئۆرە ئولتۇرىدىغىنىڭنى ئۇ نەدىن بىلسۇن ! ...
<ماڭا قارىسىلا ، --دېدى ئۇ خىيالىمنى بۆلۈپ ، --بىر ماشىنىچى دوستۇم بارتى ، شۇنى سىلىگە تونۇشتۇرۇپ قوياي دەپ كىرىشىم . ئۆزىنى باشلاپلا كېلەيمىغۇ  ، دېۋىدىم ، ئۇنداق قېلىن –قېتىشلاردىن بولمىغاچقا  «ياق» دەپ ئۇنىمىدى . ياش قورامىمۇ سىلىگە تازا باب  . بىر كۆرۈپلا كۆڭۈللىرى يۈگۈرمىسە مانا مەن . كېچىسى ئاش – تاماقلىرىنى ئېتىپ ،خىزمەتلىرىدە بولىدۇ ، كۈندۈزى ماشىنىچىلىق قىلىپ پۇل تاپىدۇ . تۇل خوتون ، پۇل خوتۇن ،دېگەن  ،دېگەن مانا شۇ ....گەپ قىلمايلىغۇ ، بولمىساپەس كۆۋرۈكتىكى  پەزىلەتخان قاراقاشقا مېڭىپ باقايمۇ –يە ؟ دۇتار دېگەننى شۇنداق چالىدۇ . رەھمەتلىك دوستۇم مەريەممىغۇ ئەرنى كۈتۈشنى بىلەتتىيۇ ، يەنە سەھرا قىزى -  دە ! ئەرنى كۈتۈش دېگەننى مانا پەزىلەتخاندىن سورىسىلا ، تالادىن كىرسىلەئاستىلىرىغا قوشلاپ كۆرپە سېلىپ ، پۇت – قوللىرىنى تۇتۇپ ، دۈمبىلىرىنى مۇشتىلاپ  ھاردۇقلىرىنى چىقىرىدۇ ؛ ئىچىلىرى پۇشسا دۇتار چېلىپ ، ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈللىرىنى ئاچىدۇ . ئۇسسۇلغىمۇ قالتىس ئىدى بۇ دوستۇم ، ھازىر سەمىرىپ كەتتى . شۇنداق بولسىمۇ ، مەن ياش ، دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۈرۈيدىغان  يىڭناغۇچتەك بېلى بار  ئىنجىقلاردىن ئۈلۈكى ئارتۇق ..... >
< قېنى ، ئويلىشىپ باقاي > دەپ يولغا سالدىم .
ئىككى كۈندىن كىيىن قارىسام ، ئۇ دوستۇڭ يەنە يەڭدەك قاشلىقنى ئېتىپ ، يۈزىنى پەرەڭدەك بوياپ ، غىتىلداپ مېڭىپ ، بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ . دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپ ، قانداق قىلىدىكىن ، دەپ دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى تامغا چاپلىشىپ تىككىدە تۇرىۋالدىم . دەرۋازىنى ئىتتىرىپ ، قېقىپ ئاچالماي :
<ماۋۇ ئادەم قايسى بىر كېسەك ئالتۇنىدىن قىزغىنىپ ، كۈندۈزىدىمۇ دەرۋازىسىنى مەھكەم ئېتىۋالىدىكىنا ! > دەپ غودۇرىغىنىچە كېتىپ قالدى.
ئالتۇننىڭ گېپى چىقىۋىدى ، چۆچۈپ كەتتىم . ئاشۇ دوستۇڭنىڭ ماڭا باشقىلارنى سالا قىلىشى يالغانمىكىن ،  دەيمەن  . بىر ئامال قىلىپ مېنى ئازدۇرۇپ ، ئۆزى تېگىۋالماقچى . شۇنىڭغا قارىغاندا  ئۇنىڭ ھېلىقى كۆمۈپ قويغان نەرسىمىزدىن ئازىراق خەۋىرى بارمۇ –قانداق ؟ ... شۇ سېرىق نىجىستىن ئەجەپ بىزار بولدۇم . ئاكام رەھمىتى ئۆزىگە تەگكەن مىراسلارنى سېتىپ يەپ بولۇپ ، يەنە مەندىكى شۇ نەرسىلەرنىڭ داۋاسىنى قىلىپ ، بىر ئۆمۇر ئازارلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى ، ھىلىقى قالايمىقانچىلىق يىللاردا ئۇنى نەگە يۇشۇرىشىمىزنى بىلەلمەي كۈنىمىز ئەندىشە ئىچىدىلا ئۆتكەن ئىدى ، ئاخىرىدا ، يەرگە كۆمۈۋىتىپلا قۇتۇلدۇقمىكىن دېسەك ، ئۇنىڭ دەككە – دۈككىچلىكى ئۆلگىچە تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ  ... »

  ※             ※          ※

« ...كېچە چۈشۈمدە سېنى ناھايتى مەيۈس ھالدا كۆردۈم . سەن ناھايتىمۇ يىراقتىن ماڭا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۈرغۇدەكسەن شۇنچە شەرەتلىسەممۇ يېنىمغا كەلمىگۈدەكسەن . چىرايىڭدىكى قورۇقلار تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ، چاچلىرىڭدىكى ئاقلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ . مەريەم نىمانچە مۇڭلۇق ، دىلى سۇنۇق كۆرىنىدۇ ، دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئويغىنىپمۇ قولۇم ھېچ ئىشقا  بارمىدى . كەچكە يېقىن ، تامدىكى سۈرىتىڭگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ياتسام ، ھېلىقى تام قوشنىمىز  __  ساختىپەز دوختۇر :
<ئوھۇي ، ئەزىمجان ، مۇشۇنداق ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ، مەريەمخاننىڭ سۈرىتىگە قاراپلا ياتىدىغان گەپما ؟ >دەپ كىرىپ كەلدى .
< كېلىڭ ، شېرىپجان ، تازا مىجەزىم يوق ... > دېدىم .
بۇ دوختۇرنىڭ ئۆز ۋاقتىدىمۇ تېخنىكىسى تايىنلىقتى . پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن  كۆۋرۈك يېنىدىكى بازارغا دۇكان ئېچىپ ، ئۆزىچە تېۋىپمەن ، دەپ تومۇر تۇتۇپ ئادەم ئالدايدىغان بولىۋالدى  . ئاغزىغا قارىساڭ ھەر قانداق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىمەن ، دەيدۇ ، ئۆزىنىڭ قورسىقى ئاغىرىپ قالسىمۇ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بارىدۇ ... دوختۇر كۆيۈنگەندەك قىلىپ يېنىمغا چىقىپ ، كىرپىكلىرىمنى قايرىپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ ، تومۇرۇمنى تۇتتى .
>سىزدە ھېسسىي مۇشتەرەك قالايمىقانلىشىپتۇ . پىشقان گۆشنى قېتىققا مىلەپ يەپ بېرىڭ . كۆڭلىڭىز كۆتۈرسە ئىتنىڭ جۈمە كۈنى ماياقلىغان نىجاسىتىنى قۇرۇتۇپ ... باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدۇ دەمسىز ؟ ھە ، بۇنى تېبابەتتە شەقىقە دەيمىز ... ئاياللارغا قىزىقمىغىنىڭىزغا قارىغاندا سىزدە قۇۋىتى ھايۋانىمۇ پەسىيىپ كېتىپتۇ . بۇنىڭ دورىسى مەجۈنى لوبوبى ئەسرارى ئەتىبىيا ، مەجۈنى مادەتولھايات بولسىمۇ بولىدۇ . شەربىتى شىۋىرغانى ، ھە ،ياق ، شاتەررەئەرەقى ئىچىپ باقامسىزيە ؟!...- دەپ قانداقتۇر شەربەتلەر ، مەجۈن ، ئارلاشما بالايىبەتلەرنىڭ شىپالىق رولى توغۇرسىدا ئاغزىغا كەلگەننى كاپشىغىلى تۇردى .ئاندىن ، -- ئۇنىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز ، ئەزىمجان ، داۋالاشنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلى تاماق بىلەن داۋالاشقا يەتمەيدۇ . مانا ، ئۆيىڭىزدە ئەلۋەتتە خامنى پىششىق ، سوغۇقنى ئىسسىق  ، پاسكىنىنى پاكىز قىلىپ بېرىدىغان بىر ئايال ھەمراھىڭىز بولۇشى كېرەك – دە ! > دەپ ئۆزىنىڭ قېشىمغا كىرىشتىكى مەقسىتىنى ئېيىتتى .
گېپىنىڭ ئورامى ____ كۆۋرۈك بېشىغا ئولىشىپ قارتا ئوينايدىغان ئاغىنىلەر مەسلىھەتلىشىپ ، بېشىمنى ئوڭلاپ قويماقچى بولۇشۇپتىدەك . تام قوشنا بولغاچقا دوختۇرنىڭ ئۆزىمۇ ئۇزاقتىن بېرى مېنىڭ غېمىمنى يەپ يۈرۈپتۇدەك ... كىيىن ئۇ نېمىلەرنى دېدى ، قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى . خىيالىم يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا كەتتى .



... داۋامى بار ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

456

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26276
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 17:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىزراق يوللىشىڭىزغا تەشنا مەن .

0

تېما

0

دوست

456

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26276
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 17:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھىكايىلىرىغا بەك ئامراق.

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3832
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 18:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەك ياخشى چىقىپتۇ... داۋامىغا تەشنامىز....

yaxnar

1

تېما

4

دوست

5892

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 22:12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ

1

تېما

2

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 10:35:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى ئەنسىز ئىشلار ئېسىڭدىدۇر ؟ شۇ چاغدا مېنىمۇ تەركىبى يوقىرى ، دەپ <تۆت خىل ئونسۇر >لارنىڭ ئارىسىغا قېتىپ قويوشقانىدى. ھەر كۈنى كۈرەش يىغىنىدا ئۆرە تۇرۇپ ، كەچتە قايتىپ كېلىپمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتۇق . ھېلىقى كېچە – كېچىلەپ دۇوباق چېلىپ ، داس – چېلەكلەرنى داراڭشىتىپ چىقىدىغان يەجۈج – مەجۈجىلەر ھېلى بىرىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇشسا ، ھېلى بىرىنى باغلاپ كېتىشەتتى  ...  بىر كۈنى ، يېرىم كېچىدە ئۇلار بىزنىڭ دەرۋازىنى گۇمباڭشىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدى . ئىككىمىز چۆچۈپ ئويغىنىپ ، نىمە قىلىشىمىزنى بىلمەي ئۆينىڭ ئىچىدە پىرقىراشقا باشلىدۇق . سەن مېنى تۇتۇپ كېتىدىغان بولدى ، دەپ قورقۇپ كەتكەنىدىڭ :مەن ھېلىقى نەرسىنى ئاختۇرۇپ تېپىۋالسا بېشىمىزغا بالا بولامدىكىن ، دەپ ھودۇقاتتىم ، ئېسىمنى يىغىپ :
< مەريەم ، بول ، ھېلىقى نەرسىنى نەگە قويغانتىڭ ، ھېلىقىنى ؟ > دەپ ئالدىراتتىم .
<نېمىنى دەيسىز ، نېمىنى ؟>دەپ ئېسىڭگە ئالالماي كەتتىڭ
ھېلىقى دەرھال بىر نېمىگە ئەسقېتىپ قالار ، دەپ كۆمگەن نەرسىلەردىن ئايرىپ قالغان نېمىنىچۇ ؟ >
< ھە ، مانا، مانا ...>دەپ كىچىك تېرە خالتىنى تېپىپ ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدۇڭ .
دەرۋازا تېخىمۇ قاتتىق تاراقشىغىلى تۇرغانىدى ، ھويلىغا چىقىپ ، تېرە خالتىنى تەۋەككۇل قىلىپ ئۆگزىگە ئاتتىم – دە ، دەرۋازىنى ئاچتىم . بىر نەچچە قولچىرىغىنىڭ يورۇقى كۆزۈمگە تەڭلا چۈشتى .
< ئۆيۈڭدە سىرىتتىن كېلىپ قونغان ئادەم بارمۇ ؟ >دېدى ئۇلار .
<يوق >دېدىم .
ئۇلار ھويلىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا ، ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتتى – دە كېتىپ قالدى .
ئەتىسى ئەتىگەندە  ئاستا شوتىنى قويۇپ ، ئۆگىزىگە چىقىپ قارىسام ، ھېلىقى خالتا ھېچ يەردە كۆرۈنمەيدۇ . نېمە گەپ بولدى ئاخشام قورقۇنچىلىقتا قاتتىقىراق ئاتقان بولسام قوشنىلار تەرەپكە چۈشۈپ كەتتىمۇ ، قانداق ؟ دەپ دوختۇرنىڭ ھويلىسىغا ئېڭىشىپ قارىدىم . ئۇنىڭ كوكات بېسىپ كەتكەن بېغىدا بىر نېمىنى ئېنىق پەرىق ئەتكىلى بولمىدى . كوچىغا چىقىپ ، دوختۇرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەن غىپلا قىلىپ باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىم . تام تۈۋىدىكى كوكاتلارنى شۇنچە ماتىلاپ قارىدىم ،يوق . خۇدانىڭ قۇدىرىتى بىلەن ھېلىقى خالتا مەن تاشلىغاندا يەرگە چۈشمەي ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندەكلا غايىپ بولغانىدى .
خالتا يوقالغاندىن كىيىن ،  ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بولۇپ تۈگىشىپلا كەتتىم . بىر ھەپتە ئۆتتى . سەن ساقلاپ يۈرگەن گۈرۈچ ، مايلىرىڭنى چىقىرىپ بىر قازان پولۇ دەملىدىڭ . دوختۇرنى ئۆيگە چاقىرىپ چىقتۇق . تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ، مەن ئېغىز ئېچىپ :
<شېرىپجان ، ئۆزىڭىز بىلىسىز ، بالىلىرىمىز ئۇششاق ، بالىلار چوڭ بولسا لازىملىقىغا دال بولۇپ قالارمىكىن ، دەپ ساقلاپ يۈرگەن ئازراق بىر نەرسىمىز بار ئىدى ... ئۆزىغۇ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق ، دادامدىن قالغان ئەرزىمەسلا بىر نەرسە ئىدى ... ئۇ كۈنى كېچىدە سىز ئاڭلىدىڭىزمىكىن ؟... كېچىدە تەكشۈردىغانلار كېلىپ دەرۋازىمىزنى قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى . قورقۇنچلۇقىمدا ھېلىقىنى ئاچىقىپ ئۆگىزە تەرەپكە بىر ئىرغىتىپتىكەنمەن ، بەكرەك ئېتىۋەتتىممۇ ، قانداق ، سىلەرنىڭ ھويلىغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ . ئەتىگىنى شوتىنى قويۇپ ئۆگىزىگە چىقسام يوق . ھەر قاچان شېرىپجانلار تەرەپكە چۈشكەن بولسا قوشنا بولغاندىن كىيىن ئېلىپ قويۇپ كىيىن بېرىۋىتىدىغۇ ، دەپ خاتىرجەم يۈرىۋەردىم ... شۇ ئىشنى بۈگۈن بىر سوراپ باقاي ، دەپ چاقىرتقانىدىم > دېدىم .
<نېمە دەيدىغانسىز ؟ ... زادى نېمىتى ئۇ ، ئوچۇق دەگە ! > دەپ كۆزىنى چەكچەيىتتى ئۇ .
<يائاللا ! بۇ ئاي ،بۇ كۈنلەردە ئۇنداق ئوڭاي ئالتۇن تېپىۋالىدىغان ئىش نەدە تۇرۇپتۇ ، ئەزىمجان ، _ دەپ ئۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن ياقىسىنى تۇتتى ، _بىزنىڭ باغنىڭغۇ  ئىشلىمەي تاشلىنىپ قالغاچقا ھەممە يېرىنى كوكات بېسىپ كەتتى . يۈرۈڭ ، چىقىپ قاراپ باقايلى ، تاشلىغان بولسىڭىز بىر يەردە باردۇر .>
مەن قارىدىم .
<يوقمىكەن !؟... ئۇنداق بولسا نەگە كېتىدۇ ؟... ئۇنى تېپىۋالغان ئادەممۇ يە ئىگىسىگە ، يە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرماي سىڭدۈرۈۋېتەلمەيدۇ ، دەڭا . >
ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنى پەش قىلىشىدا غەرىزى بار ئىدى . مەن قورقۇپ كەتتىم .
< بوپتۇ  ، شېرىپجان ، ئۇغۇ  ئازغىنە نېمە ، بەرمىسىڭىز مۇ بەرمەڭ ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىمەن  ، دېمەڭ  . بۇنچىلىك بىر نېمە چىققان يەردىن يەنە يوغانراقىمۇ  چىقىدۇ  ، دەپ ئۆيۈمنى ئاختۇرۇپ ئوڭدا – دۈمدە قىلىۋەتمىسۇن . مەنمۇ سىزدىن سورىمىغان بولاي ، سىزمۇ بۇ گەپنى ئاڭلىمىغان بولۇڭ  ... ھەمىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز ، راسىت – يالغىنى ئىگىسىنىڭ ئالدىغا بارغاندا بىر تەرەپ بولار . >
< شۇنداق بولماي ، خۇدالىق ئالەم – دە بۇ ! قەسەم قىلىپ بېرەيمۇ يا ؟! >
< بولدى ، مەن سىزگە ئىشەندىم ، بۇ گەپنى بىرىگە تىنىمىسىڭىزلا مەن خۇش ...>
دوختۇر ئۈنچىقماي ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى . شۇنچە يىللار مەن ئۇنى كۈزەتتىم . مانا زامان بىرلا ئۆزگىرىۋىدى ، دوختۇر بېغىنىڭ ھېىلىقى  كوكات بېسىپ ياتقان يەرلىرىگە تاختايلىق ئۆيلەرنى سېلىپ ، دۇكان ئېچىپ تاراقشىپلا كەتتى ئۇنىڭ قەيەردىكى دۇنيانى خەجىلەپ شۇنچە بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەن بىلمەيمەنمۇ ؟! ... مانا بۈگۈن تۇرۇپلا ئۇنىڭ مېنى ئۇنىڭ مېنى ئۆيلەپ قويغۇسى كېلىپ قاپتۇ . مېنىڭدە يەنە دۇنيا بار ، دەپ ئويلايدۇ – دە ! يامان خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ ، ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى ... ياكى بولمىسا ھېلىقى سېنىڭ دوستۇڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ تىلى بىرمىكىن ، دەيمەن  ! ...
شۇ خىياللار بىلەن بىلەن ئاچچىقىدا نېمىلەرنى دېگىنىمنى بىلمەيمەن ، دوختۇرنى تىللاپ ، ئۆيدىن قوغلاپلا چىقىرىۋەتتىم . »
  ※             ※          ※
بىر – ئىككى كۈندىن كېيىن دوختۇرغا خەتلەرنى قايتۇرۇپ بەردىم .
-        قانداق ، ئوقۇدىڭىزمۇ ؟ - دەپ سورىدى ئۇ .
-        ئوقۇدۇم ، بىر ئۆمۈر بالا بېقىپ ، جاپا تارتىپ ، ھالال ياشاپ قېرىغان بىر ئادەمنىڭ ياخشى كۆرگەن جورىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنكى ئىچكى دۇنياسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
-        پاھ ، يازغۇچىلاردەك باھا بېرىۋەتتىڭىزغۇ ، ھېلىقى ئالتۇن – كۈمۈشلەر توغۇرسىدىكى گەپلەرنىغۇ خىيالىي بىر جۆيلۈشمىكىن ، دەپلا بىلدىم . ئاخىرىغا بېرىپ ھەمىمىز خىلمۇ – خىل قېرىيدىغان ئوخشايمىز ...



... داۋامى بار ...

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 19:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىزراق يوللىشىڭىزغا تەشنا مەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )