«سۆيۈملۈك ماكان باغداشقا سەپەر» گە ئىككى كەلىمە بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن مۇنازىرە خېلى قىزىدى.ئەلۋەتتە، بولۇپمۇ «نادىر تېما» بولىشى دىققىتىمىزنى بەكرەك تارتتى بولغاي...
مەنمۇ باغداشقا مۇھەببەت باغلىغانلاردىن بىرى ھەم شۇ زېمىننىڭ بالىسى بولغىنىم ئۈچۈن، بۇ تېمىلارغا ئالاھىدە سەزگۈر. شۇ سەۋەپتىن مېنى ئەللەيلىگەن بۇماكاننىڭ ھازىرىنى بىلىش تەققەزاسى بىلەن ئالدىراپ بۇ تېمىنى چەكتىم. ئەپسۇس،ئاپتورنىڭ شۇنچە كۈچلۈك قەلىمى بەلكىم ھاياجاندىن تتىرەپ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان بولساكېرەك،تەسۋىرلەرنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى، ئىملاخاتالىقىنىڭ ئېغىرلىقى، مۇھىم نۇقتىنىڭ تولىمۇ ئەگرى توقايلىقلار بىلەنيورۇتىلىشى، مۇناسىۋەتسىز بايانلارنىڭ تەپسىلىي ئېيتىلىشى سەۋەبلىك ، ئەسەرساياھەت خاتىرىسى ئەمەس،بەلكى ھاياجاندىن يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرىنىڭ تەسىرىنى بەردى.
ئەلۋەتتە،ئاپتورناھايىتى ئىجتىھاتلىق، داڭلىق كىشىلىرىمىزدىن بولسا كېرەك.(ئەسەردىن بايقىشىمچە) مەيلى كىملا بولسۇن، نېمىلامەقسەت بىلەن بولسۇن، يۇرتۇمغا دەسسىگەن قەدەملىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئاپتور كىملىكى توغرىسىدا بولۇنغانمۇنازىرىگە خاپا ئارىلاش جاۋاپ بېرىپتۇ ،ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر ئۇلۇغ كىتاب ئۈستىدەئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ،(قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن). خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەسەرئارقىلىق ئاپتورنى تونۇپ كەلگەن، دېمەك،بىز ئاۋۋال ئەسەرنى ئاندىن ئاپتورنى تونۇيمىز،شۇنداقلا خەلق ئۆزسۈيىدە ئاققان كىشىلىرىنى قەدىرلەيدۇ ھەم ئۇنۇتمايدۇ.
شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ بىز بىلەن سۆھبەتكە ۋاقىت چىقارغانلىقىڭىزغا رەھمەت،ئەمما بىۋاستە يازغانلىق سەۋەبى بىلەن خاتالىقلارغاچۈشەنچە بېرىشىڭىز مېنى ئەجەپلەندۈردى. ئەدەبىي ئەسەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقاتقان سىزدەك ئەرباب شۇنچە خاتالىقلارنى سادىر قىلسا، بىزدەك چالا ساۋات كىشىلەرنىڭ نۇقسانلىرىغا «يېشىل چىراغ» يېنىپ قالامدۇ-قانداق؟ ياكى بۇ بىزگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، ياكى بولمىسا تىل – يېزىقىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
ئەسەردىكى بۇتەسۋىرلەرگە ھەيرانمەن:
«بىزباغنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بۇ قەبرىگاھ ئالدىدا ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدۇق،بەلكىم قىلىۋاتقان دۇئالىرىمىز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى مەنىۋىيىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردىكى ياش قىز-يىگىتلىرىمىزگىمۇ ئىنساپ،دىيانەت،شەرمى ھايا،ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ياخشى كۆرگەن مەشۇقىغا ساداقەت تىلىگەندىمىز،»
خەلقىمىز ئەزەلدىن ئاشق ـ مەشۇقلارنىڭ قەبرىلىرىگەقاراپ قول كۆتۈرۈپ، ئەۋلادلارغا ئىنساپ – دىيانەت، ۋاپا تىلىگەن ئەمەس، بۇ بىريېڭىچە ئىش بولۇپتۇ.
باغداش -بوستان،ئارا قۇرا،ئوردا ئۈستى،يەنى باغچە ئۈستى،باغداش يەنى ئوردا ئاستى،دۈشۈي،تۆۋەن دۈشۈي ئەمتى ئاغزى دىگەنگەئوخشاش بىر نەچچە تەبىي مەھەللىدىن تەشكىل تاپقانىكەن،
بىلىشىمچە، ئەسەرلەردىكى تەسۋىرلەر تەرتىپ بويىچە بولىشى كېرەكقۇ دەيمەن، مەھەلىلەر تەرتىپ بىلەن تىزىلغان بولسا ئىدى،ھەربىر ئوقۇرمەن بۇزېمىنغا بارغىنىدا مۇشۇ ئەسەرنى ئەسلەيتتى-دە، بۇرۇندىن بىلىدىغاندەك بەھۇزۇرمەھەللە ئارىلىيالايتتى.
باغداش غولدا قارلىق تاغدىن ئېقىپ كەلگەن مۇزدەك تاغ سۈيى تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ تۆۋەنگەقاراپ ئاقماقتا،ئۇنىڭ شاقىراشلىرىدىن بىر خىل يېقىملىق كۈينى ھىس قىلغاندەك بولدۇم.باغدىن ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،جىمجىت ئويقۇدا ياتقان خېزىر سۈپەت بوۋاينى ئەسلىتىدىغان كۈجۈم مەھەللىلەر تاغ مەدەنىيىتىنى نامايىش قىلدۇرىۋاتقاندەك شۇنچە خىرامان، شۇنچە يۈكسەكلىكتە مېنىھاياجان قۇچىقىغا تاشلىماقتا ئىدى
ھەممىلا يەردە سۇ تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدىغاندۇ؟ يەنە كېلىپ بەھەيۋەت تاغلار ئەمەس،يۇرتتىكى خەلق خىزىردەك مېھرىبان ، ئوچۇق قول بولغىيتتى ؟« ئۇخلاپ ياتقان »دېگەن تەسۋىر بىلەن«نامايىش قىلىش» زىتمۇ قانداق؟مېنىڭچە، مەۋج ئۇرۇپ ئاققان سۇلار نامايىش قىلغان بولسا، قالتىس بولاتتى.
چۈنكى بۇ سىزىم كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئادەمنى چۈكتۈرىۋەتكىدەك ئېقىپ كىلىدىغان ئۆستەڭلەردە غۇلاچ تاشلاپ سۇ ئۈزۈپ ئوينىغان چاغلىرىمىزدا يۈز بەرگەن سىزىم ئىدى
«سېزىم» سۆزىنى« يۇز بېرىش» بىلەن پئېللاشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەستۇ؟
بىزبەكرى ھاجىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يىتىپ كەلگىنىمىزدە جامائەت ناماز شامدىن يېنىپتۇ بۇناماز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كىيىن بەكرى ھاجى بىزنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى،جامائەت نامازدىن قايتىپ كىلىۋاتقانىكەن،بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاۋال كىرىشكە زورلايتتى،بىز مۇھتىرەملىرىمىزنى زورلايتتۇق
«ناماز قېرىنداش» دېگەن قانداق قېرىنداش؟
تاغلارنىڭ كەينىدىن خۇددى ئۇياتچان قىزلاردەك قىزىرىپ چىققان قوياش پۈتۈن ئالەمنى نۇر زىياسىغا ئورىغانىدى،غول ئۆستەڭ سەھەردە تېخىمۇ بەكرەك شاقىراشقا باشلىغانىدى
«نۇر»نىڭ زىيا سۆزى بىلەن، «غول»نىڭ «ئۆستەڭ»سۆزى بىلەن مەنىداشلىقى ئاپتورغا مەلۇم ئەمەسمىدۇ ؟
بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان مىنرال سۇلاردىمۇ بۇنچىلىك تەم بولماس،مانا مۇشۇ سۇ قومۇلنىڭ بىرقىسمىنى تۇيۇندۇرىدۇ،بارلىق تىرىكچىلىكىمىز مۇشۇ سۇغا قاراشلىق،ئەگەر ئەشۇ قارلىق تېغىمىز بولمىغاندا بىزگە مۇنداق سۈزۈك مۇنداق شىرىن سۇ نەدە تۇرۇپتۇ،بىز ئاللانىڭ مۆجىزىسى بولغان بۇ مەڭگۈ قېرىماس تاغلىرىمىزغا بەرىكەت تىلەيلى،سۇنىڭ ئىنسانلارئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايلى،چۈنكى ئانا يۇرتىمىز مانامۇشۇنداق سۇغا تەشنا،ھېلىمۇ كارىزلىرىمىز قۇرىدى،بۇلاقلىرىمىزمۇ قۇرىدى، بوتۇلكىغا قاچىلانغانلا ئەمەس،ھەرقانداق سۇنىڭ بۇلاق سۈيىدەك لەززەتلىك بولىشى ناتايىن. ئاپتور قارلىق تاغقا، تاغ سۈيىگە شۇنچەمەپتۇن بولۇپتۇ-يۇ، قارلىق تاغنىڭ بۇرۇنقى ھەيۋىتىگە ئازراقمۇ قىزىقماپتۇ،بەلكىم،ئىزدىنىش تېمىسىدىن يىراق بولغاچ سەل قارىغاندۇ...بۇرۇنقى قارلىق چوققىنى «ئاق لىباسلىق» دەپ تەسۋىرلىگىنىمىزدە ،ھازىرقى ھالىتىنى «چېچىغا ئاق ئارىلىغاندەك»دېيىش مۇمكىن.
ئاپتورنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنى قوللايمەن، يۇرتىمىز سۇغا تەشنا،خەلقىمىزنىڭ قەلبىمۇ ھەم شۇنداق،بۇلاقلارنىڭ قۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزمۇ قۇرۇشقا باشلىدى،بىزدىكى چاڭقاقلىق قەلەم ئىگىلىرىدىن ئۈمىد بىلەن زەمزەم تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يارىلىرىغا مەلھەم ئىزدەيدۇ. ھەربىر ئەسەرنىڭ ئاپتورنى لەززەتلەندۈرگەن تاغ سۈيىدەك ساپ،چىن بولىشىنى خالايدۇ . شۇندىلا خەلقمۇ ئاپتور تاغ سۈيىنى قانماي ئىچكىنىدەك ،ئەسەرلەرنى تەشنالىق بىلەن سۆيۈنۈپ ئوقۇغان بولاتتى.
ئاخىرىدا ئاپتورغا شۇنداق مەسلىھەت بەرگۈم كەلدى:
مۇققەددەس ئەسىرىڭىز ئۈچۈن خەلق ئىچىگە چۆككىنىڭىزدە خۇددى ھازىرقىدەك نامسىز چۆككەن بولسىڭىز ئېرىشكەنلىرىڭىز بەلكىم ھازىرقىدىن كۆپرەك بولغان بولاتتى.
ئەسەردىكى چۈشىڭىزدىكىدەك ئاتسىز ،ئالدىراپلامەيدانغا چۈشكىنىڭىزدە خان ئەسكەرلىرى ئەمەس، «باغداش» ئەسكەرلىرى ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويىدۇ، رەنجىمىگەيسىز.
|