قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4877|ئىنكاس: 69

سىز دېگەن ناخشىچى، دېھقان ئەمەس!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 14:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىز دېگەن بىر ناخشىچى، ھەرگىزمۇ دېھقان ئەمەس!



         مەن ئائىلەمدە ۋاقىتتا كۆپىنچە تېلېۋىزور كۆرۈمەن، ئارىلاپ چىقىۋاتقان رەڭگارەڭ ئېلانلارنىڭ بىر قىسىمىدىن شۇنداق بىزارلىق ھېس قىلىپ، ئامالسىز چىداشقا مەجبۇر بولىمەن.
         كۆپچىلىكمۇ بىلىدۇ بەلكىم، ئۇ ئېلانلاردا ئادەتتىكى چاچ سوپۇنىدىن تارتىپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغىچە ھەممە نەرسە بار. بولۇپمۇ يېقىندىن بويان رايونىمىزدا خېلى نامى چىققان بىرقىسىم ناخشىچىلىرىمىز ئېلانلاردا پات- پاتلا چىقىدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا «ئوبراز ئەلچىسى» سالاھىيىتى بىلەن مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىقىدىغان ئىشلار يېقىندىن بويان كۆپۈيۈپ قالدى. دېمەكچى بولغىنىم ھەم قاتتىق ھەيران قالىدىغىنىم: ئېلېكترون، كېيىم- كېچەك ئېلانلىرىدىغۇ ئەشۇ داڭلىق ناخشىچىلىرىمىز- چولپانلىرىمىزنى ئوبراز ئەلچىسى بولسا بۇمۇ مەيلىغۇ، ئەمما دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى (مەسىلەن، خىمىيىۋى ئوغۇت) ئېلانىغا چىقىۋالغان ئەشۇ ئارتېسلىرىمىز ئۆزىچە «سىزگە تەۋىسىيە قىلىمەن»، «قالتىس ياخشى»، «بىردىنبىر تاللىشىڭىز» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەشۇ مەھسۇلاتلارنى ماختاپ ئاغزى بېسىقمايدىكەن.
دېھقان دېگەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، دېھقان بولماي نان، دېھقان بولماي جان، شەھەرلەردىكى ئىگىز بېنالار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مانا بۇلارنى دېگەنمۇ ئەشۇ ئېلانغا چىققان ئارتېسلىرىمىز. بىر كۈنمۇ دېھقانچىلىق قىلىپ باقمىغان، پىشانىسىدىن تەر چىققۇدەك كەتمەنمۇ چېپىپ باقمىغان بىر ئارتېس ئەشۇ خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ قالتىسلىقىنى نەدىن بىلگۈدەك؟! زادى نېمىگە ئاساسەن شۇنداق «قالتىس، سىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىڭىز» دەيدۇ، شۇنداق دەيدىغانغا قانداق سالاھىيىتى توشىدۇ؟! ۋاقتى كەلگەندە ئەشۇ ئاتاقلىق ناخشىچىمىزنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىسى ئەشۇ دېھقاننىڭ كىچىككىنە بالىسىچىلىكمۇ كەلمەس تايىنلىق! ئۆزىچە شۇ مەھسۇلاتلارغا تەپ تارتماي «ئوبراز ئەلچىسى» بولۇپ، كېرىلىپ يۈرۈيدىكەن. بولىدۇ، ئوبراز ئەلچىسى بولۇڭ، ئەشۇ مەھسۇلاتلارنى ماختاڭ، بىراق شۇنداق ئېلانغا چىقىشتىن بۇرۇن سىزمۇ بىرقانچە يىل ۋالىلداپ تۇرغان سەھنىنىڭ سىرتىدىكى يېزا- قىشلاقلارغا بېرىپ، دېھقان تاغىلىرىمىز بىلەن بىرگە يەرلەرنى ئاغدۇرۇڭ، تۇپراق تەركىبىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىڭ، ھەرخىل زىرائەتلەرنى تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىڭ، تۈن نىسپىدە شېرىن ئۇيقۇڭىزدىن ۋاز كېچىپ، ئېتىزلارغا سۇ تۇتۇڭ، مۇشۇنداق ئىشلارنى راۋرۇس بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئەشۇ ئېلانغا چىقسىڭىز سىزگە، سىز ئېلانغا چىققان ئەشۇ خىمىيىۋى ئوغۇتقا دېھقانلىرىمىز ھەقىقى قايىل بولىدۇ، ئىشىنىدۇ. بولمىسا شۇ بازارغا بېرىپ، شۇ ئوغۇتنى كۆرۈپ، «ماۋۇ پالانى ئارتىس ئېلانغا چىققان ئوغۇتكەن» دەپ، ئالسا ئالىدۇ، بولمىسا كېتىپ قالىدۇ- شۇ.
          داڭلىق ناخشىچىمىز زاھىر بۇرھاننى ھەممىمىز بىلىمىز، قايسى بىر چاغدا مەلۇم بىر مۇنبەردە (بەلكىم مۇشۇ باغداشتىمىكىن) بىرسىنىڭ زاھىر بۇرھان توغرىسىدىكى زىيارەت ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇنىڭدا زاھىر بۇرغانغا بىر چاچ سوپۇنى زاۋۇتىدىن ئېلانغا چىقىپ بىرىش توغرىسىدا تەكلىپ كەلگەن (300 مىڭ يۈەن ھەق بېرىش بەدىلىگە)، زاھىر بۇرغان ئۇلارغا «مەن مەھسۇلاتىڭلارنى بىر يىل سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىپ باقاي، يارىسا، ئۈنۈمى سىلەر دېگەندەك بولسا ئېلانغا چىقىپ بېرىمەن، بولمىسا چىقمايمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، ھېلىقى ئېلانغا تەكلىپ قىلغۇچى بۇ تەلەپكە قوشۇلغان. نەتىجىدە ئەشۇ سوپۇننى بۇ مەشھۇر ئارتېسىمىز بىر يىل ئىشلىتىپ، ئۈنۈمىنىڭ ئەسلىدە ئېيتىلغاندەك بولمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئېلانغا چىقىشنى رەت قىلغان. مەن مۇشۇلارنى ئوقۇپ، ئەسلىدىنلا قايىل بولغان بۇ ناخشىچىمىزغا ئىچ- ئىچىمدىن شۇنداق قايىل بولۇپ كەتكەن ئىدىم ھەم بۇنى تا ھازىرغا قەدەر ئاغزى- ئاغزىمغا تەگمەي تونۇش- بىلىش، كۆرگەن- بىلگەنلىرىمگە دەپ يۈرۈۋاتىمەن.
         دېمەك، مەيلى ئۇ قانداق مەھسۇلات بولسۇن، ئېلانغا چىققۇچى ۋىجدانى بىلەن چىقىشى كېرەك، بولۇپمۇ يوقۇردا مەن دېگەندەك دېھقاندىن ئىبارەت بۇ بىزگە نان بېرىۋاتقان ئۇلۇغ ئىنساننىڭ كۆزىگە توپا چاچىدىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلىشقا بولمايدۇ! شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئايىشىڭىز، ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك. قىسقىسى سىزنىڭ ئۆزىڭىز قىلچە چۈشەنمەيدىغان، بىلمەيدىغان، ۋىجدان تارازىڭىزغا سېلىپ كۆرمىگەن ئەشۇ مەھسۇلاتلارنى ئاساسسىز ماختايدىغان، ئىشلىتىشكە تەۋىسىيە قىلىدىغان سالاھىيىتىڭىز يوق! سىز ۋاقتى كەلسە بىر ناخشىچى، ھەرگىز دېھقان ئەمەس! يەنە مەن ئەشۇ ئېلاننى ئىشلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەم خادىملارنىڭمۇ يولى بىلەن ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ئەشۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت- كارخانىلارنىڭمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ھەقىقى ئىشلىتىپ باققان، چۈشىنىدىغان ئادەملەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنى، سىزنىڭ زاۋۇتىڭىز بىر خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى بولسا، سىز ئىناۋەت قوغلىشىپ، ئۆمرىدە بىر قېتىم كەتمەننىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئارتېسلىرىمىزنى تەكلىپ قىلماي، يېزا- قىشلاقلاردىكى كۆپ يىللىق دېھقانچىلىق تەجرىبىسى مول، يىلمۇ- يىل دېھقانچىلىقتىن مول- ھوسۇل ئېلىپ كەلگەن دېھقانلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ، ئېلان ئىشلىگۈزۈڭ، ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز، مەھسۇلاتىڭىزنى ئىشلىتىدىغانلار تەدىرىجى كۆپۈيىدۇ، ئىگىلىكىڭىز راۋاج تاپىدۇ.


  

0

تېما

0

دوست

371

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26210
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 16:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇڭلۇمدىكى  گەپنى  قىلىپسىز  قېرندىشىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 16:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز

2

تېما

1

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10965
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 16:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىنىڭ دىگەنلىرى بەك توغرا . مەنمۇ ئويلىنىۋاتقان مەسىلە ئىدى . ئېلان شىركەتلىرىمۇ قىزىقكەن . داڭلىق ئارتىسلارغا نەچچە ئون ، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى بېرىپ ، بەك ئىسراپچىلىق قىلىدىكەن . شۇلارغا كەتكەن پۇللار نىمانداق ئىسراپچىلىق ھە ! ئېلان دىگەنگە ئادەتتىكى ئادەملەر چىقسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ ، بەزى ئارتىسلىرىمىز خۇددى ئېلان ئۈچۈن تۇغۇلغاندەكلا ، پۇلغا تويماس بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ . بەزىلەر نەۋرىلىرىدەك بالىلارنى بالام دەپ ئېلانغا چىقىۋاتىدۇ . ھۇ ، تويماس ئارتىسلار !
  ئېلان شىركەتلىرىگە تەكلىپىم شۇكى ، ئېلان دىگەن قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى . شۇڭلاشقا ئېلان دىگەننى كومپيۇتېر بىلەن مۇبالىغىلاشتۇرۇپ ئىشلىمەي ، تەبىئى ، يېزا قىشلاقلاردا ئىشلەش كېرەك . شۇندىلا ئېلاننىڭ سۈپىتى ياخشى بۇلىدۇ ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلانلىرى خەنچىنى شۇ پىتىلا تەرجىمە قىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ . ئۆرپ ئادىتىمىزگە دەل ماس كەلمەيۋاتىدۇ .

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 17:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئېلان دېگەننى مۇشۇ داڭلىق ئارتىسلار بىراقلا كۆتىرە ئالدىغۇ،ئوبدانراق قاراپ باقساق ھەر قانداق بىر ئېلاندا بىزنىڭ ئارتسلىرىمىز چولپانلىرىمىز يوق ئەمەس،ئۇلار ئەشۇ پۇلنى تاپمىسىمۇ مائاشى،ھەتتا بىر قېتىم سەھنىگە چىقسا ئەشۇ دېھقان بىر يىل كەتمەن چېپىپ تاپقان پۇلدىنمۇ ئارتۇقراق پۇل تاپالايدىغۇ،نىمانداق پۇلغا تويمايدىغاندۇ بۇ چولپانلار.

8

تېما

0

دوست

1964

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2962
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 329
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 17:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز،ياشاپ كېتىڭ،مەنمۇ ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق ساتىدىغان موشۇنداق ئېلانلاردىن بىزار بولۇپ،موشۇنداق ئېلانلارغا قارشى ئىنكاس يازاي دەپ تۇراتتىم، كۆڭلۈمدىكىنى يېزىپسىز،،،،،،نىمە قىلىدۇ دەيمەن؟ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنى ئالداپ؟بۇنداق كېتىۋەرسە كىم ئېلانغا ئىشىنىدۇ؟ تېخى ئاشۇ ئوبراز ۋەكىللىرىنىڭ ئوبرازى بەك چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ؟تېخى بىر ئېلاننى تېپىۋالسا بىر ئاي ئەمەس،بىر يىل سېسىتىپ ۋەتۋەرىكىنى چىقارمىغىچە بولدى قىلمىغان؟ ئۇلارنىڭ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى داڭلىق ئوبرازى موشۇ ئېلانلارنىڭ دەردىدە شاپاق بولۇپ كېتىدىغان بولدىدە؟

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 17:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
razigul.sali يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 17:18
يارايسىز،ياشاپ كېتىڭ،مەنمۇ ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق سات ...

سىزگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى قىلالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. تېمامنى ياقتۇرغۇنىڭىزغا رەھمەت!
بۇ تېمىنى يېزىشنى مەن خېلى بۇرۇنلا ئويلاۋاتقان بولساممۇ بىراق بۈگۈن ئاران نېسىپ بولغان ئىدى.
مەن يېزىدا چوڭ بولغان، ئاپاممۇ دېھقان، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇرۇق- تۇغقان، قېرىنداشلىرىم دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپلا دېھقانغا بولغان ھېسىداشلىقىم، مېھرىم باشقا ھەرقانداق ساھەدىن چوڭقۇر. تېمامدا مەن ئەشۇ ئېلانغا چىققان ئارتېسلارنىڭ ئىسىمىنى ئوچۇق يازمىدىم، كۆپچىلىكنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ناۋادا ئەشۇ ئارتېسلىرىمىزنىڭ ئىسىم- شەرپىنى ئوچۇقلا ئاتىۋەتسەك، بۇ تېمىنى يېزىشتىكى ئاساسى مەقسەتكە زىت ئىش بولۇپ قالىدۇ. بىز گەرچە پالانى ئارتېس دېمىسەكمۇ ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچتىمەنكى، مەزكۇر ئەھۋالنى ئەشۇ ئارتېسلىرىمىز بىلسە چوقۇم ئۆز ھەرىكىتىدىن خىجالەت بولىدۇ (ھەقىقى ۋىجدان ئىگىسى بولسىلا). شۇڭا «ياخشىغا ئىشارەت، يامانغا جۇۋالتۇرۇز» دېگەندەك ئىش قىلىپ، مۇشۇنداق ئورتاق پىكىرلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە بىر تەسىر پەيدا قىلىشقا تىرىشساق، شۇ ئارقىلىق ئالاقىدار ساھەدىكى يالغانچىلىق- ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئالساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
باغداش تورىنىڭ ئىناقلىقى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىناقلىقىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇپ، ئۆز ئارا ئىتتىپاق ئۆتەيلى، ئاساسسىز غەيۋەت- شىكايەتتىن خالىي بولۇپ، شەخسنىڭ ئىززەت- ئابرويىغا ھۆرمەت قىلايلى.

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 18:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆڭلىمىزدىكى گەپنى قىپسىز قېرىندىشىم.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )