قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1398|ئىنكاس: 6

ئىككىنچى باھار (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

63

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21723
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 15:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەزىلەت  سەھەرسائەت تۆتلەر بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپ، ئوغلىنىڭ سىرىتلاردائويناپ يۈرۈپ توپا قىلىۋەتكەن كىيىملىرىنى  يۇيۇپ چىققاندىن كىيىن بېلىنى رۇسلاپ بىردەم تۇرۋەتتى. ئاندىن  كىيىن  ئۇمۇھىم بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك سائىتىگە قارىدى، بۇ چاغدا سائەت بەشكە ئاز قالغانىدى.ئۇ ئەمدى تاھارەت ئېلىپ تۇرۇشىغا  ئۆيگە يېقىنلايەردىكى مەسچىتتىن يېقىملىق ئەرزان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئەرزان ئاخىرلاشقۇچە مىدىرلىماي تۇرۇپ ئەرزان تۈگىگەندىن كىيىن دۇئاغا قول كۆتۈردى.قىسقىغىنا  دۇئادىن كىيىن جەينامازنى سېلىپ بامدات نامىزى ئۇقۇشقاتۇتۇندى. ياندىكى ئۆيدە ئەمدىلا بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوماق بالىسى،پەزىلەتنىڭ كۆز-قارىچۇغى بولغان ئىمران تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.پەزىلەت نامىزىنى ئۇقۇپ  ئوغلى ياتقان ئۆيگە چىقتى. ئۇ ئوغلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ دۇنيانىڭ غەم-ئەندىشىلىرىدىن بىخەۋەر ھالەتتە ياتقان، بىغۇبار تۇرقىغا قاراپ  ئۆزىچە مەستلىكى كېلىپ قالدى بولغاي  ئېڭىشىپ ئوغلىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ  قويدى. ئىمران ئۇنىڭ  بارلىقى، بەختى، پۈتۈن خۇشاللىقىنىڭ مەنبەسى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ئازابلىق ئۆتمۈشىنىڭ  ئۇنىڭغا قالدۇرغان يالدامىسى ئىدى. ئوغلىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ خىيالى ئۆتۈشكە بۇندىن ئالتە يىل بۇرۇنقى تۇرمۇشىغا كەتتى.

               پەزىلەت  دىيارىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا ھالىلىق سەۋىيەدىكى بىر ئائىلىنىڭ يالغۇز قىزى ئىدى. يالغۇز قىز بولغاچقىمىكىن  ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئەركىلىتىپ، ئامراقلىق قىلىپ ناھايىتى ئەركىن چوڭ قىلغان ئىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئەتۋارلىشىغايارىشا پەزىلەتمۇ ناھايىتى ياخشى ،ئەقىلىىق چوڭ بولدى. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تۇللۇق ئوتتۇرىلاردىكى نەتىجىسى سىنىپ بۇيىچىمۇ ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. تۇللۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان يىلى ئاتا-ئانىسى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ كېيىنكى ئارزۇ-پىلانلىرىنى سوراپ قالدى. پەزىلەتنىمۇ ھەم كىچىكىدىن تارتىپ ئاخبارات ساھەسىدە ئۇقۇپ ياخشى بىرمۇخبىر بولغۇسى بولغاچقا ئاتا-ئانىسىغا گەپنى ئۇدۇللا دەۋەردى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئەزەلدىن پەزىلەتنىڭ رايىغا بېقىپ كەلگەن ئاتا-ئانىسى خۇددى دېيىشىۋالغاندەك تەڭلا قارشى چىقپ قالدى. ئۇلارنىڭ خىيالى بۇيىچە بولغاندا پەزىلەت تۇللۇقنى پۈتتۈرگەندە ئۇنىڭ تۈركىيەياكى ئەرەب قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە چىقىرىپ ئوقۇتقۇسى بار ئىدى. پەزىلەتنىڭ يېشىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئارزۇ دېگەن قەدەمدە بىر ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئىرادىسى قەتئىي بولغاچقا  نېمىشقىدۇر ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرگۈسى كەلمىدى. ئىزچىل ئۆز-كۆز قارىشىدا تۇرۇۋەردى. شۇنداق قىلىپ تۇللۇق  3-يىللىققا چىققان يىلى ئۇ ئوقۇشتىن توختىۋالدى.بۇرۇن مەكتەپتىن ئۆيگە، ئۆيدىن مەكتەپكە كېلىپ ، يەنە ئۆيگە كەلسە  تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئۆي ئىشلىرى قىلىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن بۇ قىز  ئوقۇشتىن چىكىنگەنكى بىر ئاي ئىچىدىلا ئۆيدىكى بىكار ئۆتۈپ كىتۋاتقان ۋاقتىغا، ۋە بۇرۇقتۇملۇققا چىدىيالمىدى. مۇخپىربۇلۇش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغان ئىكەن ئەمدى باشلىچە پىلاننى ئويلاپ بېقىش كېرەكتە.ھەم بۇنداق  بىكار ئولتۇرىۋېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشىئىش ئەمەس ئىدى. بىرەر نەرسە ئۆگىنىش كېرەك ئىدى. ئويلا-ئويلا ئاخىرى كومپيۇتېر ئۆگىنىشنى لايىق تاپتى. چۈنكى بۇندىن بۇرۇن نەچچە قېتىم دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا ئۇنىڭ ئاكىسى لاھىلىگەن رەسىملەرنى كۆرۈپ باشقىچە قىزىقىپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاتا-ئانىسىغاماقۇل كەلتۈرۈپ يۈرۈپ ئاران تەسلىكتە ئۇقۇشقا تىزىملاتتى. ئۇ ئۇقۇشقا كىرگەن ۋاقتىدائۇقۇش باشلىنىپ ئاللىبۇرۇن مەۋسۇم يېرىمى بۇپ قالغاچقا شەنبە -يەكشەنبىمۇ كەچلىك كۇرۇسلارغاقاتنىشىپ يۈرۈپ كەم قالغان دەرسلەرنى تۇلۇقلاپ چىقتى. شۇنداق ئۇقۇپ يۈرۈپ ئۇ بىر يىللىق ئوقۇشنى يېرىم يىلدىن كۆپرەكلا ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماملاپ بولدى ھەم ئۇزۇنغا قالمايلائوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن بىر تور مائارىپى شىركىتىگە ئىشقا چۈشتى.ھەم  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خىزمىتىگە كۆنۈپلا كەتتى،ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ ئۆز ئورنىنى تېپۋالغىنىغا خۇشال بولۇپ باشقا بىر نېمە دېمىدى.

       يېقىندىن بۇيان پەزىلەتنىڭ ئاپىسى سەل ساقسىزبۇلۇپ  قالغان ئىدى. تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ ھەممەيلەننى قورقۇتۇپ ساراسىمىگە سېلىپ قويغان ئىدى. تەكشۈرتۈش ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.دوختۇر ئۇنىڭ ئاپىسىغمۇ ھەم باشقىلارغىمۇ دەققەت قىلىشنى،كەيپىياتنى ھەرۋاقىت ياخشى تۇتۇشنى جىكىلىگەن ئىدى. ئاپىسىنى ئەكېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دادىسىغائۈزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا بىر قېتىم ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىش ئۇينىڭ بارلىقى ئېيتتى. دىمىسىمۇمۇسۇلمانلارغا ھاياتىدا بىر قېتىم ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىش پەرز ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەتكە چىقىشنىڭ تەييارلىقىدا پاسپورت دېگەنلەرنى بېجىرىشكە چۈشۈپ كېتىشتى.  بىراق چەتكە چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش خېلىلا تەسكە چۈشتى ھەم ۋاقتىمۇ مۆلچەرىدىكىدىن خېلىلا ئۇزۇنغاسۇزۇلدى. ئەگەر ئۇلار ھەرەمگە بىر كەتسە ئۆمۈر ھەجىنى تۈگىتىپ كېلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى.شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چىقىپ كەتسە قىزىنىڭ يالغۇزلا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆپ باش قاتۇرۇشتى. ئۇيان ئويلا-بۇيان ئويلا ئاخىرى چەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توينى قىلۋېتىپ چىقىپ كېتىشنى لايىق كۈرۈشتى ۋە بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كىين ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ئولتۇرغان پەزىلەتنى يېنىغا چاقىرتىشتى. پەزىلەت ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرايىدىن بىر مۇھىم گەپ بارلىقىنى ھېس قىلىپ گەپ-سۆزسىزلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى:

          -قىزىم، بىزنىڭ ھەج قىلىپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمىزنى بىز دىمىسەكمۇ سىز بىلىسىز دەپ گەپ باشلىدى پەزىلەتنڭ ئاپىسى. تەييارلىق پۈتسسىلا ماڭىمىز دېسەك  سىز ئۆيدە يالغۇز قېلىپ كۈزىمىز كەينىمزدە قالغۇدەك. يا سىزنىڭ ئاكا-ھەدىىلىرىڭىز يوق، شۇڭا ھەرەمگە مېڭىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ تويىڭىزنى قىلۋېتىپ ئاندىن مېڭىشنى ئويلاشتۇق. كۈزىىمىزنىڭ يورۇقىدا سىزنىڭ تويىڭىزنى قىۋەتسەك بىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز

        - نېمە ؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ پەزىلەت چۆچۈپ كەتتى.مەن ئەمدى 19 ياشقا كىرگەن تۇرسام

       - 19 ياش قىز بالىنىڭ توي قېلىش يېشىغا نىسبەتەن كىچىك ھېسابلانمايدۇ قىزىم دېدى دادىسى گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ. ئاپىڭىزمۇ ماڭا 17 ياش چېغىدا ياتلىق بولغان.   ئۇ ھازىرغا قەدەر توي قىلىش ئەمەس تېخى مۇھاببەتلىششنىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ھازىر دەرھال توي قىلىشقاماقۇل بولدى دېگەندىمۇ ئۆزى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان بىرەسىمۇ يوق كىم بىلەن قىلىدۇ؟ ياكى يولدىكى بىرەرسىنى توسۇپ مېنى ئالامسىز دېگىلى بولمىسا.  پەزىلەتنىڭ دادىسى پەزىلەتنىڭ توينىڭ گېپىنى ئاڭلاپلابېشىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ  گېپىنى داۋام قىلدى.

          - نەۋرە ئاكىڭىزنىڭ بىر قەشقەرلىك ئاغىنىسى باركەن،ئۆزى ياخشى ،مىجەزىمۇ ئوڭلۇق بالىمىش. ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ياخشى ئادەملەركەن،بىز ئويلىشىش ئارقىلىق شۇ بالا بىلەن تويىڭىزنى قىلىشنى قارار قىلدۇق.  دادىسىنىڭ بۇ گېپى بىلەن پەزىلەتنىڭ بېشدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. «دېمەك مەن ئۆزۈممۇ كۆرۈپ باقمىغان بىرەسى بىلەن توي قىلدىكەنمەندە، بوپتۇكۈرۈشۈپ تۇنۇشتۇممۇ دەي، ئۇنى ياقتۇرمىسامچۇ؟» پەزىلەت كاللىسىغا كەلگەن بۇ خىياللاردىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كىينكى تۇرمۇشىنى بىردىنلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.گەرچە ئۇ تېخى مۇھاببەتلىششكە ئۈلگۈرمىگەن بولسىمۇ كالسسىدا كەلگۈسى تۇرمۇشىغا بولغان ئۆزگىچە پىلانلىرى بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ دادىسىغا چىش يېرىم بىر نېمە دېمەي جىممىدەئورنىدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئاپىسى بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن سۆزلەپ قالدى:

        - ئىدىيەڭىزدە ياخشى تەييارلىق بولسۇن، نەچچەكۈنگىچە ئۇلار ئۆيگە ئەلچىلىككە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

          دەرۋەقە نەچچە كۈندىن كىيىن  پەزىلەت نەۋرە ئاكىسىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇنىڭ ئاغىنىسى بىلەن كۈرۈشتى.راستىنى دېگەندە بۇ يىگىت تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا پەزىلەتكە پەقەت ياقمىدى.شۇڭائۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، گەپ سورىسمۇ ھە ياكى ياق بىلەنلا جاۋاب بېرىپ تۈگەتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆيىگە  قايتىپ كېلىپ بۇ بالاماڭا ياقمىدى دېيەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئاپىسىنى ئاياپ قالغان ئىدى، ئۆزى تۈپەيلى ئاپىسىنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىنى خالىمايتى. بۇ تويغا ياق دېيىشنىمۇ ئويلىدى بىراق ياق دەي دېسە ھىېچبىر باھانە تاپالىمىدى ھەم  ھېچكىممۇپەزىلەتنىڭ ئېغىزىدىن تويغا قوشۇلدىڭىزمۇ دېگەننى سوراپ يۈرمىدى. شۇ كۈنلەردە پەزىلەتنىڭ كۈزىدىن زادى ياش قۇرىمىدى. ئەلۋەتتە ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا يىغلىيالمايتى.كەچلىرىھۇجىرىسىغا كىرۋىلىپ يوشۇرۇن ياش تۈكەتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا يىگىت تەرەپ ئۆيگە چاي ئەكىرمەكچىبۇلۇشتى. ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى قەشقەردە بولغاچقا چايلىققا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئۇئۈزى ئالماقچى بولغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ  پەزىلەت ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كۈن ئۇدا بازارغا چىقىپ نەرسىلەرنى ئېلىشتى. بۇرۇن پەزىلەت بازارئايلىنىشقا خېلى ئامراق بولۇپ بىراق بۇ قېتىم ئوخشىماي قالدى. بىر نەرسىلەرنى ئۈزىگەئەمەس خۇددى باشقىلارغا ئېلىۋاتقاندەك خۇشياقمىغان خالىمىغان ھالەتتە ئالاتتى.

              ئەتە چاي دېگەن كۈنى يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنى پەزىلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى قېيىنئاتا-ئانىسى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى پەزىلەتنى كۆرۈپمۇ قاراپمۇ قويماستىن ئەكسىچە ئۇنىڭ ئالغان نەرسىلىرى بىلەن قالغان ئىدى.:

         -بالام قەشقەردە تۆت خوتۇن ئالغىلى بۇلدىغان پۇلغا بۇ ئۈرۈمچىدە بىرى كىلدىكەن ھە، ئۈرۈمچىلىك خوتۇن ئالتۇن چىچمايدىغاندۇ؟ ئۇلارياكى ئۆينىمۇ ئېلىپ بىرەمدىكەن يە؟

        بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ پەزىلەت ئاچچىقىداكەينىگە ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. كەلگۈسىدىكى قېيىن ئاپىسى دېمىگەن بولسا دەككىسنى بېرىپ قۇيار ئىدى ئەمما ئۆزىنى تۇتۋالدى. خۇدايم توۋا دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ، قەشقەرلىكنىڭ سېسق گەپلىرى دېسە نېمە گەپكىن دەپتىكەنمەن ئەسلى مۇشۇنداقكەندە. ماڭا ئالغان تويلۇققاقەشقەردە تۆت خوتۇن كەلسە شۇ يەردىن تۆتنى ئېلىپ بەرسە بولمىدىمۇ ئۈررۈمچىگە كەلگۈچە،تېخى ئۆي ئېلىپ بىرەمدىكەن دەپ سوراۋاتقىنىنى خىجىل بولماي . ئوغلىغا خوتۇن ئېلىپ بىرەمدۇياكى ئەرگە بېرەمدۇ ماۋۇ خەق. پەزىلەت شۇنداق دەپ ئىچىدە غۇدىراپ قويدى ئۆز ئۆزىگە.ئەمىليىتتەبۇ تويلۇق نەدىمۇ ئۇ خوتۇن دېگەندەك بولسۇن؟ ھەممىنى قوشۇپ ھېسابلىسىمۇ بەك چىقسا15مىڭدەك چىقار ئىدى بەلكىم.  پەزىلەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىسراپ خورلۇققا، ئارتۇقچە ھەشەمەتكە تولىمۇ ئۆچ كىشىلەردىن بولغاچ  تۈزۈك تويلۇق سالمىغان ئىدى.

       پەزىلەت  ئۇ خوتۇننىڭ بايمقى گەپلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ بولالماي تۇرغىنىدا ئۇ خوتۇننىڭ ئوغلىغا ئالدىغاننەرسىنمۇ جىق  ئېلىپسەن ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈيىگەداسىتخان ئاپارمايلى دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەنە تۇرىۋەرسە ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ سىرتقا چىققاچ «خەپ بوپتۇ چىداي ،ئاپامنى دېمىگەن بولسا بۇ سەن خەقنىڭ بۇ سېىسق گەپلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتارمىدىم مەن. تېخى خىجىل بولماي ئالتۇنقىز سىزچۇ قانداق قىلىسىز دەيدىيا توۋا...»دېگەنلەرنى ئىچىدە ئويلاپ تۇرۇشىغائۇنىڭ بولغۇسى ئېرى  ئۇنىڭ كەينىدىنلا سىرتقاچىقىپ قالدى. ئاچچىقى كېلىپ يېرىلالماي ئاران قالغان پەزىلەت ئۇنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتالمايلاقالدى:

        - ئاپىڭىزنىڭ نېمە قىلغىنى ئۇ؟ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى نېمە كۆرۈپ قاپتۇ، بىز ئۇنداق پۇلغا سېتىلغان خەقلەردىن ئەمەس. ماڭا ئېلىپ بەرگەن شۇئىككى تۆت-تال نەرسىڭىزگە قەشقەدە تۆت خوتۇن كېلەمدىكەن؟ ھازىر ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس باشقاشەھەر- يېزىلاردىمۇ ماڭا ئالغانچىلىك نەرسە ئالسا بۇلدىغان توي بارمۇ.ماڭىغۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق ئاپىڭىزنىڭ تۇنجى كۆرۈش ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلماقتا يوق سېسىق گەپلەرنىلا قىلىپ يۈرۈيدۇ. دەيدىغاننى دەپ بولۇپ ئالتۇنقىز قانداق قىلىسىز دەپ مەندىن سوراۋاتىدۇ. سىزگە ھازىر شۇنى دەي ، مەن بۇ توينى قىلمايمەن . پەزىلەت شۇنداق دەپلاكەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى.
             -پەزىلەت  يولدا كېتۋىتىپ شۇلارنى ئويلىدى. بۇرۇن ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار تىلفۇندا پاراڭلاشقاندا شۇنداق ياخشى پاراڭلاشقاندەك قىلغان.بۈگۈن نېمە قىلغىنى بۇ خوتۇننىڭ. بۇ توينى قىلسام بۇ خوتۇن بۈگۈنكىدەك سېسىق گەپ قىلغىلى تۇرسا ماڭا كۈن بارمۇ.دەيدىغاننى دەپ بولۇپ ئالتۇن قىز دېگىنى تېخى. قان چىقارماي ئادەم ئۆلتۈرەمدۇنىمە. ئۇ شۇ خىياللارنى قىلغاچ  ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى. بۇ چاغدا ئاپىسى ئاللىبۇرۇن رېستوراندىن ئۇرۇن زاكاز قىلىپ بولغان، بىز تەرەپتىكى تۇغقانلارمۇ ئاساسەن بېرىپ بولغان ئىدى. پەزىلەت ئاپىسى بىلەن پاراڭلىشىپ بولغاندىنكيىن كىچىك ئاپىسىغا تېلېفون قىلىپ ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى:

           _ ئاپامنىڭ مىجەزى قانداقراق؟

         -كەيپىياتى بەك ياخشىغۇ، ئاۋۇ تەرەپتە چوڭ ئاپىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. كىچىك ئاپسىىنىڭ گېپىنىڭ تۈگىشىگىلا ئەگىشىپ پەزىلەت ئۈزىنىنى تۇتۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى.:
         -نېمە بولدىڭىز قىزىم؟ سىزگە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ پەزىلەت كىچىك ئاپىسىنىڭ سۇئالىغاجاۋاپ بەرمەي ئېسەدەشكە چۈشكەن ئىدى. كىچىك ئاپىسى جىددىيلىشىپ قايتا قايتا سورىغاندىن كىيىن پەزىلەت يىغىسىنى توختىتىپ :

          - مەن بۇ توينى قىلمايمەن، مېنى يەنە بۇتويغا زورلىساڭلار مەندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. پەزىلەت شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويدى.  ئۇ ئۇدۇل ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە باردى. چوڭ ئاپىسى نەچچە يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ ھازىر بۇ ئۆيدە ھېچكىم تۇرمايتى.. پەزىلەت ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكىنى ئاچقاندىن كىيىن ئىچىگە كىردى. نەچچە يىل ئادەم تۇرمىغان ئۆينىڭ ئاستى زەيلىشىپ كەتكەن ئىدى. پەزىلەت  چوڭ ئاپىسى دائىم ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن  يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئويلاپ،ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسىنغا بولغا سېغىنىش قوشۇلۇپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاشقا چۈشتى. ئۇنىڭ يىغىسى بارغانسېرى كۈچىيىپ  كېتىۋاتاتتى.

    پەزىلەت ھېچكىم يوق ئۆيدە قانغۇچە يىغلاپ ئىچىنى بوشىتۋالغاندىن كىيىن ئىشىكىنى تاقاپ سىرتقا چىقتى. بۇ چاغدا ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ قاراڭغۇچۈشۈشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالمىسۇن دېگەن نىيەت بىلەن ئۆيىگە  قاراپ  ماڭدى.بۇ يەر بىلەن ئۆز ئۈينىڭ ئارىلىقى خېلىلا ئۇزۇن بولغاچقا ئۇ قەدىمىنى بارغانسېرى تېزلەتتى.شۇنداقتىمۇئۇنىڭ خىيالىغا بۈگۈن بولغۇسى قېيىنئاپىسىنىڭ دېگەن سېسىق گەپلىرى كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ نېرۋىلىرىنى قالايىمقانلاشتۇرۋاتاتتى. ئۇ يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي كىتۋېىتپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىگەپۇتلىشىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ چوپچوڭ بولغاندا يىقىلىپ چۈشكەننى ئاز دەپ يولدائۈتۈشكەنلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالماي دەپ دەرھال ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ تۇرالماي قالدى.بايا ئۇنىڭ تىزى قارىماي قىلىنغان يولغا خېلى ئوبدانلا تەگكەن بولغاچقا ئاغرىپ كەتكەنىدى. ئۇ تەسلىكتە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تىزىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز بىر يىگىتنىڭگەپ قىلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى:

         - پالاكەتلىك قىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ يەنە ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئولتۇرۋاتامسەن؟

       پەزىلەت بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان بولسىمۇ ئالدىدىكى گەۋدىنى ئۇچۇق كۆرەلمىدى. بايا كۆڭۈلسىز خىياللارنى قىلىپ ماڭغاچ كۆزلىرى ياشاڭغىراپ قالغاچقا ياش تامچىلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تۇسۋالغان ئىدى. ئۇ تېزلىكتە كۆزىنى ئۇۋۇلاپ ياشلىرىنى سۈرتىكەندىن كىيىن قايتا سەپسېلىپ قارىدى:

        - مەن بۇ كەچتە بەك جۇلالىنىپ كېتىپ كۈزۈڭ قامىشىپ كەتتىمۇ ياكى كۈزۈڭدىن قېرىپ كەتتىڭمۇ ؟ يىگىت  كۈلكە ئارىلاش يەنە داۋاملىق چاقچاق قىلىۋاتاتتى.پەزىلەت كىمۇ بۇ قاملاشمىغان چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقتىدا دەپ پۇتنىڭ ئاغىرىشغا چىداپ تۇرۇپ زەردەبىلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە ئالدىدىكى يىگىتكە قارىدى. قارىدىيۇ ئۆزىمۇ بىلمەي ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى:
       - ۋاي ئەسقەر تاز سەنمىتىڭ. بىر يېرىم يىلكۆرمىگەنگە ھەجەپ كىچىك تىللىرىڭ چىقىپ قاپتا.

      - تاز دېمىگىنە . كۆردۈڭمۇ ماۋۇ قاپقارا، قويۇق چاچلىرىمنى دېىدى يىگىت خىجىل بولغان قىياپەتتە چېچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  پەزىلەت ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەيتىن ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سوئال سورىدى:

      - بۇ كەچتە بۇ يەردە نېمە قىلىسە؟

     -  ھازىرئوقۇۋاتقان ئونۋېرسىتت مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا. كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ ياتاققا قايتىپ مېڭىشىم. سەنچۇ نېمە مىنىڭ مەكتىپىم ئالدىغا كېلىپ يىقلىپ يۈرۈيسەن. مېنى كۆرگىلى كەلگەنمۇدەپ تۇرۋالسامچۇ.ئەسقەر  شۇنداق دەپ يەنە گېپىنىڭ ئاخىرىنى چاقچاققا ئايلاندۇرۋەتكەن ئىدى.

        - ۋاي ماڭا تاز، سىنى كۆرگىلى كېلىپ كاللام ئىششىپ قالمىدى.  سىنىڭ بۇ يەردە ئوقۇۋاتقىنىڭىنىمۇھازىر بىلدىم تېخى. ۋاي سەن بىلەن گەپلىشىپ ئۆيگە كەچ قالماي خوش مەن كەتتىم . پەزىلەت شۇنداق دەپلا كېتىشكە ئالدىردى.

       - مەكتەپتىنمۇ ھېچكىمگە بىر ئېغىز تىنمايلائالدىراش يوقاپ كەتكەن ئىدىڭ. ئالدىراپ نەگىمۇ بارارسەن ھە. ئۇنداق بولسا سېنى كىين قانداق ئىزدەيمەن.  پەزىلەت  ئۇنىڭغا تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرىپلا خوش دەپ ئۇنىڭ ئاخىرى قانچىتى دېگەن سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. ئەسقەر بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن  توۋلىغىنىچە قالدى.

       ئەسقەر ئۇنىڭ تۇللۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشى ھەم پارتىدىشى ئىدى.  ئەسقەر دائىم چېچىنى چۈشۈرۋېتىپلايۈرگەچكە ھەممەيلەن ئۇنى ئەسقەر تاز دەپ چاقىرىشاتتى .ئوقۇۋاتقان ۋاقىتنلىرىدا ئىككىسى تولا ئۇرۇشۇپ قالاتتى.  ئەسقەر پەزىلەتنى تولاجىلى قىلىپ ئىچىنى سىقاتتى. بىردەم چېچىنى تولغاپ غەلىتە قىلىپ قويغان، بىردەم مەن كالۋا دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ پەزىلەتنىڭ دۈمبىسىگە بىلىندۈرمەي چاپلاپ قويغان ئىشقىلىپ ئۇنىڭ پەزىلەتنىڭ چىشىغا تىگدىغان، تىرىكتۈردىغان ئاماللىرى كۆپ ئىدى. دەسلەپ  پەزىلەت ئەسقەرنىڭ بۇ ئىشلىرىغا چىدا بولالماي ئۇنى سىنىپ مەسئۇلىغا چېقىشتۇرۇپ تىلغا  قويغان بولسا كىيىن ئۆزىمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا ئۆزىمۇ بەزىدە چاقچاق قىلىپ ئۇنىڭ ئەمدىلا چاچ ئۈسۈشكە  باشلىغان تاقىر بېشىغاشاپلىقى بىلەن ئۇرۇپ قۇياتتى. تۇللۇق ئوتتۇردىكى چاغلاردا بەزى ساۋاقداشلار ئارسىدايۇشۇرۇن مۇھاببەتلىشۋېلىش دېگەندەك ئىشلار بۇلۇنسىمۇ لېكىن پەزىلەت بۇنىڭدىن مۇستەسناكەلگەن ئىدى. بىراق بالىلار بۇ ئىككىسىنىڭ چاقچاقلىششنى ھەم ئەسقەرنىڭ دائىم پەزىلەتنىڭ چىشىغا تېگىپ ئۇنىڭ بوزەك قىلغىنىدىن ئەسقەر پەزىلەتنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ گەپ تېپۋېلىشقان ئىدى. بۇ چاغدا پەزىلەت بۇنىڭ ھەممىسىنى ئەسقەردىن كۆرۈپ « ۋۇ كالۋا تاز، ھەممىنى قىلغانسەن» دەپ ئۇنى تىللىسا ئەسقەر ئۆزىچە خاتالىقىنى بوينىغا ئالغاندەك قىزىرىپ كېتەتتى.  ئۇ چاغدا ئەسقەر دائىم تاقىرباش بۇلۋالغاننى ئازدەپ بويى ئېگىز بىراق سەل  ئۇرۇق بولغاچقا بالىلار«قوناق شېخى بادىر بولماس، ئەسقەر تاز يىگىت بولماس » دەپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگەتتى. بۇچاغدا ئەسقەر قاراپ تۇرۇڭلار ئالى مەكتەپكە چقىسام   سىلەر كۆرسەڭلار ھاي ھاي دېگۈدەك يىگىت بولۇپ كەتمىسەم دەپ قۇياتتى. دەرۋەقە بايا پەزىلەت كۆرگەن ئەسقەر تۇللۇق ئوتتۇردىكى ئەسقەر   ئەمەس ئىدى. چاچلىرىنى ياراشتۇرۇپ قۇيۋالغان بولۇپ ئۇرۇق قوناق شېخىدەك بۇيىمۇ ئەت ئېلىپ قاۋۇل بولۇپ قالغان ، چىرايلىق بۇرۇتمۇ قۇيۋالغان  راستتىنلا ئۆزى دېگەندەك ھاي-ھاي يىگىت بولۇپ كەتكەن  ئىدى.  پەزىلەت ئىچىدە ئەسقەرنىڭ بۇرۇنقى ۋاقتى بىلەن ھازىرقى ۋاقتىنى سېلىشتۇرۇپ بىر يېرىم يىل ئىچىدە باشقىچىلا ئۆزگىرىپ كىتىپتۇيا .ئادەم دېگەندە ئۆزگىرىش نېمانچە چوڭ بۇلدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. ئۇ يەنە ئەمنى بۇنى تاز دەپ چاقىرغىلى بولمىغۇدەك دەپ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويدى

     پەزىلەت بارغانسېرى يېقىنلاپ قالغان ئۆيىگە قاراپ بايامقى ۋاقىتلىق يوقالغان ئەندىشىلىرى ، قايغۇلىرى قايتىدىن غەلىيان كۆتۈرۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ خىيالىدا كىچىك ئاپام مەن تىلفۇندا دېگەن گپلنى دادام-ئاپامغا دېگەن بولسا   ھازىر ئۇلارنىڭ كەيپىياتى چوقۇم بەك ناچار دەپ پەرەز قىلدى. شۇڭا ئۇ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپمۇ  بىر ھازاغىچە سىرتتا تۇرۋېتىپ ئاندىن ئۆيگە كىردى. ئەمما ئۇنىڭ ئويلىغىننىڭ ئەكسىچە ئۇلار ئىنتايىن  خۇشال بولۇپ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى. ئاپىسىنىڭ پەزىلەتنىڭ ئىشىكىتىن كىرگىنىنى كۆرۈپ:

        - نەگە بارغانتىڭىز؟ بايا چايغىمۇ قاتناشماي ئەمدى كەلدىڭىززا؟

       - شۇ كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ئايلىنىپ كەلدىم دېىدى پەزىلەت  ۋە ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە  كىرىپ كەتتى.  ئۇ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەينىدىنلا كىچىك ئاپىسى تاپ بېسىپ كىرىپ  كەلدى.
          - بايا نېمە بولغان قىزىم ؟

پەزىلەت  بولغۇسى قېيىن ئانىسى دېگەن گەپلەرنى بىرەر قۇر دەپ بەردى.

        - سىز تېلېفوننى قۇيۋەتكەندىن كىيىن مەن ئۇ ئايالغا تېلېفون قىغان، قىزىمىز توينى قىلمايمىز دەيدۇ؟ مۇشۇ يەردە توختىتىدىغان ئىشمۇ ياكى  دېسەم  ياق بىر كېلەي دەپ قالدۇق ئەنسىرىمىسىلە ، ھېچ ئىش يوق دېدى شۇڭا مەنمۇ  ئاپىڭىزغا باشقا گەپ قىلىپ يۈرمىدىم.

پەزىلەت  كىچىك ئاپىسى بىلەن يەنە پاراڭلىشىنى خالىمىدى. كىچىك ئاپىسىمۇ  پەزىلەتنىڭ  رايىنغا بېقىپ چىقىپ كەتتى. كەچتە ئۆيدىكى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى قايىتپ كەتكەندە ئۇ ئاپىسى بىلەن پارڭلىشىنى لايىق كۆردى.

            ئۆيدىكى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى كەتكەندىن كىيىن پەزىلەت ئاپىسىنىڭ يېنىغا كىردى. ئاپىسى پەزىلەتنىڭ بىر نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەمىلەپ نېمە  ئىش دېگەن مەنىدە ئۇنىڭغا قارىدى

           -ئاپا مەن بۇ توينى قىلمايچۇ؟ مىنىڭ زادى ئۇ بالا بىلەن توي قىلغۇم يوق.

         - نېمە ؟ دېىدى ئۇنىڭ ئاپىسى چېچىلىپ. ئەمدى  بولغاندا نېمە گەپ بۇ. بىزنىڭ يۈزىمىزنى چۈشۈرەي دەمسىز؟  سىزگە ئۇ بالىنىڭ نەرى ياقمىدى؟ ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىق، پاكىز بالىكەن. ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق ئوڭلۇق ئادەملەركەن. ئاپىسى شۇنداق دىېگنىچە قاقشاپ كەتتى. ئۇلار ئاللىبۇرۇن پەزىلەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۋالغاندەك قىلاتتى. پەزىلەت ئاپىسى بىلەن پاراڭلىشششنى ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ئاپىسىنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتى. يەنە چىڭ تۇرۋالسا ئاپىسى تېخىمۇ ئاچچىقلىنىشى، ئاچچىقلانسا كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بولدىلا دەپ ئويلىدى پەزىلەت، قېنى توي قىلىپ باقاي. ئاتا-ئانامنىڭ تەلىپى بۇيىچە توي قىلىپ ياخشى ياشاشقا تىرىشىپ كۈرەي.

      شۇنداق قىلىپ پەزىلەتنىڭ تويى كىينكى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنىگە توغىرلاندى. ھېسابتا يەنە ئالتە كۈن قالغان ئىدى.پەزىلەت ئۈزىنىڭ زادىلا كۆڭلى تارتىماي قىلغان بۇ توينىڭ تۇنجى كۈنىلا كۆڭۈلسىزلىك بىلەن باشلىندىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى.

     مانا توي كۈنىمۇ كېلىپ قالدى. پەزىلەت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە توي ئەتلەستىن توي كۆينىكى كىيدى. بېشىغا ئارتىدىغانىغىمۇ شۇنداق چىرايلىق ياغلىقتىن بىرنى ئېلىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ دوستلىرى ياغلىقىنى ئۇنىڭ بېشىغاياراشتۇرۇپ يۆگەپ بولۇپ ئۇ يەر بۇ يېرىنى  ئوڭشاپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ  بولغۇسى ئېرىنىڭ ھاممىسى كىرىپ قالدى. ئۇ ياغلىقىنى بويۇنلىرىغىچە  يۆگەپچىگۋالغان پەزىلەتنى كۆرۈپلا سۆزلەپ كەتتى:

         -ۋىيەي، مەتولىشىپ نېمە قىلغىنىڭىز بۇ، ئېلىڭ ئاۋۇ بېشىڭىزدىكى ياغلىقنى قېرى خوتۇننى دورىماي دېگىنىچە كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى ياشلىقىنى تارتىپ دېگۈدەك ئېلۋەتتى ئاندىن:

          - تۇتىڭە بۇنى كىيىڭ، بۇنى  قېيىن سىڭلىڭىز ئۆز قۇلى بىلەن  كەشتىلىگەن دەپ ئۇنىڭ قۇلىغا كىرلىشىپ ئەسلى رەڭگى قالمىغان بىر دوپپىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. قېيىنسىڭىلىڭىز سىزنىڭ مۇشۇنى كىيىشڭىزنى خالايدىكەن.پەزىلەت ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويغان دوپپىسىنى كۆرۈپ ئەمدى ئېغىزىنى ئۆمەللەپ بىردەي دىيىشىگىچە ھاممىسى ياغلىقنى ئۈزىنىڭ سومكىسىغا سالدىدە ئىشىككە قاراپ مېڭۋىتىپ:

          - چوقۇم شۇ دوپپىنى كىيىڭ ھە دەپ قۇيۇپ ئىشىكىنى جاققىدە ياپقىنىچە چىقىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدىن پەزىلەتمۇ، ئۇنىڭ دوىستلىرىمۇبىر ھازاغىچە نېمە قىلىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ تۇرۇپ قېلىشتى. پەزىلەت شۇ تاپتا تا يىغلاشنى-يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بولغۇسى ئېرىگە تىلغۇن قىلدى ۋە بايام ھاممىسنىڭ قىلغانلىرىنى بىر قۇر ئۇنىڭغا دېگەچ:

         - مەن بۇ دوپپىنى كىيمەيمەن، دوپپىنى بېشىمغاقوندۇرۇپ كىيگەن بىلەن چاچلىرىم شۇ پېتى سىرتىدا تۇسا مۇشۇ پېتىم  نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلىڭ دىمەكچىما؟ ئۇ ئەسلى يولدىشىغابۇلارنى دېيىش ئارقىلىق ئاز بولسىمۇ  يولدىشىدىن خاپا بولماڭ دېگەندەك تەسەللى سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى، يالغاندىن بولسىمۇ ياغلىق ئېلىپ ئەۋەتىپ بېرەي دېيىشنى كۈتكەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ يولدىشى ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالدى:

           - مەيلى ، دوپپىنى كىيگۈڭىز بولمىسا كەيمەڭ،چېچىڭىزنى  گىرىمخانىدا چىرايلىق ياسىتىپ شۇپېتى چىقسىڭىز بولغۇدەكقۇ.

پەزىلەت ئېرىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن  ھەيران قالدى. مانىڭ دېگەن گېپىنى قارا،  مەن چېچىمنى ياسىتىپلا ياغلىق چەگمەيمەن دېسەم  ئاچچىقلايدىغان يەردە تۇرۇپ  مۇنداق دەپ يۈرىيدا. قەشقەر تەرەپنىڭ دىننى ئېتىقادى كۈچلۈك دەپ ئاڭلىغان.. ھەي بولدى نېرىسىنى ئويلىماي. پەزىلەت شۇلارنى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپ  ئېرىگە باشقا گەپ سۆز قىلماستىن  تېلېفوننى  قويدى. شۇنداق قىلىپ پەزىلەت ياغلىقمۇچەگمەي، قېيىن سىڭلسنىڭ كۆڭلى بولغان «قاسماق دوپپىسى»نىمۇ بېشىغا ئارتىماي  چېچىنى ئازراقلا ياسىتىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ تويمۇداغدۇغىسىز، ھەشەمسىز ئۆتكۈزۈلدى. تويغا كەلگەنلەر ئاساسەن ئىككى تەرەپتىن كەلگەن  ئۇرۇق -تۇغقانلار ئىدى. پەزىلەت ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كىيىن ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلمىغاچقا ئۇنىڭ تۈزۈك دوستلىرىمۇ يوق ئىدى. شۇڭائۇنىڭ يېنىدا  تويى بولىدۇ دېگەنلەرنى كىملەردىندۇرئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى بىر -ئىككى دوستلىرى بىلەن  دوستلىرى قاتارىدا يېقىندىكى قوشنىلارنىڭ قىزلىرى بىللە ئولتۇرۇپ ، ياردەملىشىپ دېگەندەك قىلىپ بەردى. مېھمانلار كېلىشكەندە ھېلىقى ھاممىسى دېگەن خوتۇن كىرىپ توي بولغاندىن كىيىن يۈزىنى يېپىپ ئولتۇرۇش كېرەك، تۇتۇڭ بۇنى دەڭ ئۇنىڭ يېنىدىكى قولداش قىزغا بىر توردەك نەرسىنى بېرىپ چىقىپ كەتتى. پەزىلەت قولداش قىزنىڭ قولىدىكى  ياغلىق دېسە ياغلىققا ئوخشىايدىغان، يۈزلىرىنى ياپتى دېگەندىمۇ ياپمىغان بىلەن پەرقسىز ھالدا ئۇچۇق  كۆرۈنۈپ تۇردىغان بۇ نەرسىنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا يىغلاپتاشلىدى. ئۇ شۇ يىغلىغانچە تاكى توي ئاخىرلىشىپ ، قىزمۇ كۆچۈرۈلۈپ ھەممە مېھمانلار تارقاشقانغا قەدەر يىغلاپ چىقتى. يېنىدكى دوسىتلىرىمۇبەزلەپمۇ ئۇنىڭ يىغىسىنى توختىتالمىدى. ئەلۋەتتە پەزىلەتنىڭ يىغىسى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى ئەڭ  قاملاشمىغان ئىش شۇ توي ئاخشمى يۈز بەردى.

   يولدىشى ئابدۇسەمەتنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئۈرۈمچىدەبولغاچقا ئۇلار تويدىن كىيىن ئۈرۈمچىدە تۇردىغان بولغان بولۇپ ئابدۇسەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇئۇلار تۇردىغان ئۆينىڭ يېنىدىن ئۆي ئىجارە ئالغان ئىدى. توي ئاخشىمى ھەممە كىشى تارقاپ ئۆيدە ئۇ ئىككىسى ۋە قېيىنئاتا-ئانىسىدىن باشقا ئادەم قالمىغان،ئۇلار بولسا ئۆزىنى بىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. پەزىلەتنىڭ قېيىنئانىسى بولسا ئۇلار تۇردىغان ھۇجىرىغا كىرىپ خۇددى تويى بولغان قىز ئۆزىدەك كارىۋاتتا پۇتلىرىنى ئوڭدىسىغا سۇنۇپ يېتىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھالغا قاراپ  ئابدۇسەمەتمۇبىر نېمە دېيەلمەي قالدى. قېيىن ئانىسى بولغا خۇددى ئۇلار يېنىدا يوقتەك پەرۋاسىز ئىدى.ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. بىر چاغدا قېيىنئانىسى ئۆزى ئېغىز ئېچىپ قالدى:

       _ بىز ياشىنىپ قالدۇق، قېرىغاندا قاتتىق پولداياتساق بېلىىمز ئاغرىپ قالىدىكەن، شۇڭا بۈگۈن ئاخشام سىلەر بىز ئىجارە ئالغان ئۆيدەيېتىڭلار.

بۇ گەپتىن ئابدۇسەمەتمۇ نارازى بولغان بولسىمۇ چىش يېرىپ بىر نېمە دېيەلمىدى.گەرچە ئۇنىڭ ئاپىسىغا”بۈگۈن دېگەن مىنىڭ تۇيۇم “دىگۈسى بولسىمۇ ئامالسىز قالدى. قېيىنئانىسنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ يىغىسى ئەمدى توختاي دېگەن پەزىلەتمۇ قايتىدىن يىغىنى باشلىغان ئىدى. ئوغلى ئالدىداھايا قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان  ئايال بولسا پەرۋاسىزھالدا ياتاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغىنىچە ئابدۇسەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىجارە ئالغان ئۆيگە يېتىپ كەلدى. ئۆينى تېخى ئەمدىلا ئىجارە ئالغاچقاتۈزۈك نەرسىمۇ قۇيۇلمغان بولۇپ پول ئۈستىگە تاشلاپ قۇيۇلغان بىرھال كونا يوتقاننى كۆرۈپ پەزىلەتنىڭ تېخىمۇ كۆڭلى بۇزۇلدى.شۇنداق قىلىپ توي كېچىسى پەزىلەت بۇ ئۆيدە يېتىشقائۇنىماي، ئابدۇسەمەت بولسا ئۇنىڭ يىغىسىنى قانداق قىلىپ پەسەيتىشنى بىلمەي شۇنداقلائۈتۈپ كەتتى.

         توي قىلىپ بىر ئايىغچە پەزىلەت بۇ تۇرمۇشقازادىلا كۈنەلمىدى. ئابدۇسەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تويدا بىر كەلگىنىچە  قەشقەردە ئۆيى بارلىقىنى، يەنە باشقا بالىلىرى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك كەتمەي تۇرۇۋەردى. ئۇلارنىڭ ئۇخلاشتىن باشقا كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تامىقى ۋە باشقا ئىشلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئىدى.پەزىلەتمۇبولدىلا بىر ئۆيدە تۇساقمۇ بەرىبىر مەن كۈتەتتىم دەپ گەپ-سۆز قىلماي يۈرۈۋەردى. قېيىنئانىسنىڭ سامان ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ گەپ قىلىدىغان تاتلىق پاراڭلىرىمۇ بارغانسېرى ئاينىغىلى تۇردى. بىر كۈنى تاماق ئۈستىدە بۇلۇنغان پاراڭدىن كىيىن بۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىسقىغىنەتىنىچلىق ئاساسەن يوقىدى دىىيىشكە بۇلاتتى:

           _ ئالتۇن قىز بۇ چىنىلەرنى قانچىگە ئالغانسىلەردېدى قېيىنئاپىسى ئالدىدىكى لەڭمەن ئۇسۇلغان خىرۇستال تەخسىگە قاراپ. پەزىلەت باھاسىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن قېيىن ئانىسى يەنە سۆز قاتتى:

     _ ۋاي ھەتتىگىنەي مەن تېخى بۇ چىنىنىڭ باھاسىغاقاراپ تاماقنى ئەتمىسىمۇ ئۆزى پىشىپ تەييار بۇلامدىكىن دەپتىمەن. پەزىلەت قېيىن ئانىسىنىڭ بۇ گېپىنى دەمالىققا تېگىگە يېتىپ چۈشىنەكلمىگەچكە قىزىق تۇيۇلۇپ كۈلۈپ كەتتىيۇ بىردەمدىن كىيىن چۈشەنگەندەك بايامقى كۈلگەن چىرايىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كىيىن پەزىلەت دەستۇرخاننى يۇغۇشتۇرۋاتقاندا قېيىنئانىسى يەنە تام تۈۋىدىن ھوشۇر تازچىقاندەكلا بىر گەپ قىلىپ پەزىلەتنىڭ خاپىلىقتا تۇرغان كۆڭلىگە يەنە بىرئازار بەردى:

     _ ئالتۇنقىز توي ئۆزلە بالام بىلەن توي قىلغىلىمۇبىر ئاي بولدى، ھېچبىر ھامىلىدار بۇلاي دېمەيلىغۇ؟

بۇ چاغدا ئۆيدە ئابدۇسەمەتمۇ، قېيىنئاتىسىمۇبار ئىدى. پەزىلەت قېيىنئانىسىنىڭ ئەر كىشى بار دېمەي قىلغان ھاياسىزلارچە بۇ گېپىدىن دەسلەپ خىجىل بولۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان قالدى. قېيىئاتىسىمۇ بۇ تۇيۇقسىز قىلىنغان گەپتىن چۆچۈپ ئايالىغا قارىدى. پەزىلەت بولسا قېيىنئاتىسى ھەم ئېرى بار يەردە قىلىنغان بۇ گەپتىن نومۇس قىلىپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنى تالاغا ئاتتى. ئابدۇسەمەت پەزىلەتنىڭ تالاغاچىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاپىسىغا كايىدى:
        _ ئاپا ، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز توي قىلغىلى ئەمدى بىر ئاي بولغان تۇرسا.
         ئاپىسى بولسا خۇددى ئورۇنلۇق گەپ قىلىۋەتكەندەك ئوغلىنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماي غادايغىنىچە ئولتۇراتتى.پەزىلەت تالاغاچىقىپ خېلى ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. «نېمە دېگەن ھاياسىز ئايال بۇ، شۇمۇ ئوغلى ،ئېرى باريەردە كېلىنىگە دەيدىغان گەپمۇ؟» دەپ ئويلاۋاتاتتى پەزىلەت ئىچىدە.

        شۇ كۈندىن تارتىپ پەزىلەتنىڭ خاتىرجەم كۈنلىرى ئاخىرلاشتى دېيىشكە بۇلاتتى. بۇ بىشەم قېيىنئانا ھەدىېسىلا پەزىلەتنى گەپتەچېقىۋېلىپ، شۇنداق تاپتا گەپلىرى ئارقىلىق پەزىلەتنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلاتتى. شۇنداق بولسىمۇ يېڭى ئەر خوتۇنلاردا توي قىلىپ ئۈچ ئايغىچە ھېچقانداق سۈركىلىش،ئۇرۇش-جېدەل دېگەندەكلەر بۇلۇنمىدى. ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بولغاندا پەزىلەتنىڭ بۇيىدا قېلىشى بىلەنبۇ يېڭى ئائىلىگەخۇشاللىق كىرمەكتە يوق ئۇرۇش_جېدەلنىڭ  ھەقىقىي باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى. پەزىلەتنىڭسىزىكى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ ئانچىكى پۇراقنى پۇرىسىلا كۆڭلى ئېلىشىپ قەي قىلاتتى،تاماقتىنمۇھەم قالدى. پەزىلەتنىڭ سېزىكىنىڭ قاتتىق بولۇشى ئەسلىدىنلا تېرىقتەك ئىشقا تۆگىدەك قاينايدىغان قېيىنئانىغا بولۇپ بەردى . ھې دېسىلا پەزىلەتكە سېسىق گەپلەرنى قىلاتتى:

        _ ۋۇيت ئالتۇنقىز ،يېتىشلىرى نېمىدىن؟  تۇرسىلا، جۈگۆسىلە، تاماق ئەتسىلە.

        _ ۋۇي، ئۈرۈمچى مەلىكىسى، ئاستىلىرى زەي تارتىپ قالدىمۇ ئولتۇرۇشلىرى نېمىدىن؟

       _ ۋۇي كېلىن ئاغىچا، باشقىلار بالا تۇغسا، سىلى ئالتۇن تۇغاملا نېمە؟ پەگاغا چىقىپ يېتىشلىرى نېمىدىن. قېيىنئانا ھە دېسىلا مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن پەزىلەتنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى. خۇددى ئۆزى ھامىلىدار بولۇپ باقمىغاندەك،كېلىن بولۇپ باقمىغاندەك.

           دېمىسىمۇ پەزىلەت ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولغاچقا سىزىكى ھەم قاتتىق ئىدى، ھەم يېتىشنى خالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ ئىشى قېيىنئانىسىغا ھۇرۇنلۇق،يالغاندىن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋېلىش بولۇپ تۇيۇلغان ئىدى. ئەلۋەتتە قېيىنئانىسىنىڭ بۇ سېسىسق گەپلىرىنى پەزىلەت ئېرىگە دىمەيتى. دىسىمۇئېرى ئاپىسىغا بىر نېمە دىيەلمەيتى. پەزىلەتنىڭ سېزىكىنىڭ قاتتىق بولۇپ ساقسىز بولۇپ قېلىشى ئەلۋەتتە ئەر -خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەتكىمۇ تەسىر يەتكۈزمەي قالمىدى.
         بىر كۈنى پەزىلەت ھامىلىدار بولغاندىن بۇيان ئايالىغا يېقىنلىشىپ باقمىغان ئابدۇسەمەتنىڭ كۆڭلى پەزىلەتنى تارتىپ قالدى. ئاخشىمى ئۇرۇنغان كىرگەندە ئۇ پەزىلەتكە يېقىنلاشماقچى بولدى. بىراق پەزىلەت ئۇنى چىرايلىقچەرەت قىلدى. بۇنىڭدىن سەل رەنجىگەن يولدىشى:
           _ دوختۇرلارمۇ دېدى. دەسلەپكى مەزگىلىدەئۇنداق ئىش قىلسا بالىغىمۇ ھېچقانداق زىيىنى يوقكەنغۇ.
          _ بىراق مىنىڭ زادى مىجەزى يوق. بۈگۈنچەمىنى مەيلىمگە قۇيۇپ بىرىڭ.دېىدى پەزىلەت.
         _ ئۇ ئەزەلدىن سەندەك قىلمايتتى. مەن نېمىنى تەلەپ قىلسام ھېچقاچان مىنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىپ باققان ئەمەس.
           _ئۇ؟ يولدىشىنىڭ تۇيۇقسىزلا «ئۇ» نى تىلغائېلىشى بىردىنلا پەزىلەتنى سەگەكلەشتۈردى. گەرچە ئۆزى ياخشى كۆرۈپ توي قىلمىغان ئەربولسىمۇ بىراق نىكاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن پەزىلەتكىمۇ ئېرىنىڭ مېھرى چۈشمىدى دېگىلى بولمايتتى.
        _ ئۇ دېگەن كىم؟
        ئابدۇسەمەت ئۈزىنىڭ گەپنى خاتا قىىپ سالغانلىقىنى بىلىپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولدى.
         _ ھېچكىم مۇنداقلا دەپ قويدۇم.
         _ شۇنداق بىرى بولمىسا مۇنداقلا ئېغىزىدىن چىقىپ قالامدۇ؟ ماڭا راىست گەپنى قىلىڭ؟ئۇ دېگەن كىم؟
  ئابدۇسەمەت راستىنى دېمىسە پەزىلەتتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ:
          _ ئەمىسە مەن دەپ بېرەي لېكىن ئاچچىقلانماسلىققاۋەدە بەرگىن.
        _ بولىدۇ قېنى دەڭ.

         شۇنداق قىلىپ ئابدۇسەمەت ئۈزىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى تەپسىلىي قىلىپ پەزىلەتكە دەپ بەردى. پەزىلەت بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلائۇنىڭ بىر لايىقى بولۇپ قاملاشمىغان يېرى ئۇ قىز خەنزۇ ئىدى. ئابدۇسەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلسەكمۇ ساڭا خەنزۇ قىزنى ئېلىپ بەرمەيمىز مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز دېگەچكە ئامالسىز يوشۇرۇن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. گەرچەئۇ ئىككىسى توي قىلمىغان بولسىمۇ خېلىغىچە بىر ئۆيدەتۇرۇپ ئەر-خوتۇندەك ئۆتكەن، كىيىن بولسا ئايرىلىپ كەتكەن. كىيىن ئابدۇسەمەت پەزىلەت بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان.

  پەزىلەت بايا ئاچچىقلانماسلىققا ،كۆڭلىگە ئالماسلىققاۋەدە قىلغان بولسىمۇ بىراق ئېرىنىڭ ھېكايىسى تۈگىگىچە تاقىتنى ئارانلا يىغىپ ئولتۇردى
       _ سىز بەك نۇمۇسسىزكەنسىز؟ ئەمدى ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولماڭ، نېرى يېتىڭ.ئۇ شۇنداق دەپ ئېرىنى نېرىغا ئىتتەردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۈزىگە ئېرى تۇڭگۇزدىنمۇ بەتبەشىرە كۆرۈنۈپ كېتۋاتاتتى

         _ بايا ئاچچىقلانمايمەن دەپ ۋەدە قىلغانغۇدېدى ئېرى تېرىكىپ.

      _ شۇنداق مەن ۋەدە قىلغان. بىراق بۇ سىزنىڭ بۇنداق پەسلىكىڭىزنى بىلمىگەن چاغدىكى گەپ. ئارىلاشقان بولسىڭىز مەيلىغۇ؟ تويدىن بۇرۇنقى ئىشكەن، تويدىن بۇرۇنقى ئىشنى دەپ سىز بىلەن ئۇرۇشسام قاملاشمايدۇ. بىراق مىنىڭ ئاچچىقىم كەلگىنى بۇ ئەمەس.  ئاچچىقىم كەلگىنى ئۇنىڭ خەنزۇ بولغىنى. ئەجەبا سىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ ؟ قانداقمۇ  ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېتىشقا كۆڭلىڭىز باردى؟ سىزدەۋىجدان يوقكەن.

    پەزىلەت ئىچىدە ئويلىغانسېرى ئېرىدىن سەسكىنىپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ قانداقلارچە بىر خەنزۇ قىزنى كۆڭلىگە سىغۇدۇرالىغىنىغا ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئېرىنىڭ بەدەنلىرىنى پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۈزىنىمۇبۇلغىنىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىنىپ كېتىپ باراتتى. ئېرى بولسابايامكى تالاشتىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇشنى خالىماي ئۇنىڭ يېنىدا ياتقىنىچە ئۇيقۇغاكەتكەن ئىدى. پەزىلەتكە بولسا بۇ كېچە ھارام بولدى، ئۇيقۇسى قاچتى. ئېرى ھازىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن بادى -كەلدى قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.

       شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئەتىگە پەزىلەت ئاز-تولانەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭكىگە كەتتى. بۇنى ئۇنىڭ ئېرىمۇ، قېيىنئانىسمۇبىلمەي قالدى. ئاپىسى پەزىلەتنىڭ قاق سەھەردە بوغجىمىسىنى كۆتۈرۈرۈپ كەلگەنلىكىنى  كۆرۈپ ئەنسىزلىك بىلەن پەزىلەتكە قارىدى. پەزىلەت ئاپىسىنىڭ ئەنسىرەپ قېلىىشىدىن ئەنسىرەپ چىرايىغا دەرھال كۈلگە يۈگىرىتتى:

         _ ھېچ ئىش يوق ئاپا، سېزىكىم بەك قاتتىق بولۇپ كەتكەچكە ئۆيگە بېرىپ بىرنەچچە كۈن ئارام ئېلىپ كېلەي دەپ تۇرۇپ كەلدىم. پەزىلەتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاپىسىنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەك بولدى. پەزىلەت ئاپىسىغا ئېرىنىڭ توي قىىشىتىن بۇرۇنقى ئىشىنى دەپ يامانلاپ كەلدىم دىيەلىسۇنمۇ؟  شۇنداق قىلىپ پەزىلەت ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.ئابدۇكېرىممۇ ئەتىگىنى پەزىلەتنىڭ يوقلىنقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا تىلغۇن قىلدى، بىراق پەزىلەت تېلېفوننى ئالمىدى. پەزىلەت ئاپىسىنىڭكىدە نەچچە كۈن ئەمەس ئىككى ھەپتە تۇرۇپ قالدى.ساق ئىككى ھەپتە  بولغاندا ئېرى ئۇنى ئالغىلى كەلدى، پەزىلەتمۇ گەپ -سۆزسىز ئېرىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

          پەزىلەتنىڭ قورسىىغا تۆت ئايلارچە بولۇپ قالغاندا قەشقەردىن ئۇنىڭ تويدا كىيشى ئۈچۈن دوپپا كەشتىلىگەن قېيىنسىڭلىسى كەلدى.تويدا كەلمىگەچكە پەزىلەتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۈرۈشىشى ئىدى. قىز پەزىلەتنى كۈرۈپلاھېچبىر تەكەللۇپسىز سۆزلەشكە چۈشتى:

        _ نېمە دەپ مەن تويدا كىيىڭ دەپ ئاتايىتەن كەشتىلىگەن دوپپىنى كىيمەيسىز؟ ئۇ مىنىڭ كۆڭلۈم ئەمەسمۇ ؟
پەزىلەتنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇززىدەئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئۆزى تۇتۋالدى.« قارا مانى، تۇنجى كۆرۈشۈپ سالام سائەتمۇ يوق ئادەم سوتلاشقا چۈشتى. ماڭا كەشتىلىگەن دوپپىمىش تېخى» پەزىلەت كۆڭلىدە شۇنى ئويلاپ ئۈلگۈردى:
         _ كەچۈرۈڭ ،كۆڭلىڭىزنى يەردە قۇيۇپتىمەن.مەن تويدا ياغلىك چىگىشنى ئويلىغان.
      _ ياغلىق بولسا نېمە بولدى، دوپپا بولسا نىمەبولدى، ئۈرۈمچىلىك دېگەنغۇ زادى چاتىغى جىق خەق.
پەزىلەت  قىزنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تاقتىنى چېكىگە يەتتى:
        _ ھەي، مەن كىچىك بولساممۇ ئاكىڭىزنىڭ ئايالى،سىزنىڭ يەڭگىڭىز، گەپ قىلغاندا سەل ئەدەپلىك بولسىڭىز قانداق؟ يەنە كېلىپ بىز تۇنجى كۆرۈشتۇق، ئەدەپ دېگەننى بىلەمسىز سىز؟

        پەزىلەت قېيىنئانىسىڭمۇ دائىم ئۈرۈمچىلىكلەرئانداق، ئۈرۈمچلىكلەر بۇنداق دەپ ئۈرۈمچىلىك نامىنى قوشۇپ ئۆزىنى گەپتە چاقىدىغان ئىشىغا تولىمۇ ئۆچ ئىدى. ئەمدى ماۋۇ يېڭىلا كۆرۈنگەن كىچىك قېيىنئانىسىنىڭمۇ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. دېمىسىمۇ باشقا شەھەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردەياشىشىنى، بالىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىشىنى ئازۇ قىلىشىدۇيۇ، ماختىشىدۇيۇ ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئۈرۈمچىلىكىنىڭ يامان گېپىنى قىلىشى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتاتتى.

      _ مەن تېخى سىزگە قاتتىق گەپ قىلمىدىمغۇ؟ ماڭاكۈرۈشە كۆرۈشمەيلا يەڭگىلىڭىزنى كۆرسەتمەكچىما؟ مەن ئۈرۈمچىلىككە بوزەك بۇلدىغانلاردىنئەمەس جۇمۇ ھۈ ھۈ ھۈ....پەزىلەت ئەمدى بىر گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا قېيىنسىڭلىسى يىغلىغىنىچەسىرتقا قاراپ ماڭدى. پەزىلەت ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەيران قالدى. « توۋا، سەن دىگۈچەمەن دەۋالاي دېگەن راست گەپمۇ نېمە؟ دەيدىغاننى ئۆزى دەۋېلىپ يەنە مېنى يامان قىلىپ يغىلاپ چىقىپ كېتىپ بارىدا» پەزىلەت ئىچىدە شۇنى ئويلاپ تۇرۇشىغا يولدىشى چىرايىدىنمۇز ياغدۇرغىنىچە كىرىپ كەلدى. قارىغاندا قېيىنسىڭلىسى چىقىپلا ئۇنىڭغا چېقىشتۇرغاندەك قىلاتتى:

          _ تېخى ئەمدى كەلگەن بالىنىڭ كۆڭلىنى نىمەدەپ ئاغىرتىسىەن؟ نېمە دەپ يىغلاتتىڭ؟ ئابدۇسەمەت ھازىرلا ئۇنىڭ ئۇرۋېتىدىغاندەك ئەلپازدائىدى.
      _ مەن نېمە قىپتىمەن. دەيدىغاننى ئۆزى دەپ ماڭاگەپ قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەي چىقىپ كەتكەن تۇرسا ئۇ
       _سەن تىللىمىساڭ ئۇنچە ئاسان يىغلايدىغان بالائەمەس ئۇ
      - ۋاي ئىشەنمىسىڭىز ئىشەنمەڭ، مىنىڭ قاچان بىرەسىنى ئالدىراپ تىللغىنىمنى كۆرگەن سىز. پەزىلەت شۇنداق دەپ ئېرىگە پەرۋا قىلماستىن ئاشخانائۆيگە كىىرپ كەتتى.

  قېيىن سىڭلىسى چىقىپ ئاتا-ئانىسىغا داتلاپ بەرگەن بولۇپ ئۇ يەردە ئابدۇسەمەتمۇ بولغاچقا ئۇ پەزىلتنىڭ قېشىغا كىرگەن ئىدى. يامان يېرى قېيىن ئانىسى كېلىنچەك قىزىمنى پاتقۇزمىدى دەپ يىغلاپ-قاخشىغان پېتى ئېرى بىلەن بىللەقاق سەھەردە قەشقەرگە قاراپ كېتىپ قالدى. ھېسابتا پەزىلەت قېيىنئاتا-ئانىسىنى پاتقۇزماي قوغلىۋەتكەن دېگەن ئاتاققا قالدى. ئېرىمۇ نەچچە كۈنگىچە ماي تارتىپ ئۇنىڭغا قاپاق تۇرۇپ يۈردى. قېيىن -ئاتا-ئانىسى كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا ئابدۇسەمەتنىڭ ئىككى ئىنىسى يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۇلار ئەتىگەنلىك تاماق يەپ ئولتۇرغاندائېرىگە ئاپىسىدىن تىلغۇن كەلدى:

        — ۋەي ،مەن ئاپاڭ
        _ ھە ئاپاممۇ؟ تىنچلىقمۇ ؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
       _ كېلىن قوغلىۋەتكەن تۇرسا ياخشى تۇرامدىم.ئېرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىم بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا ئۆيدە پەزىلەت ،ئابدۇسەمەتنىڭ سىڭلىسى ۋە ئىككى ئىنىسى بار ئىدى. تىلفۇندا ئاۋاز خېلىلا ئۈنلۈك چىقۋاتقاچقا ھەممىسى ئاڭلاپ تۇراتتى:

       _ مەن سىنى ئۈرۈمچىلىك خوتۇننى باقسۇن دەپلاباقمىغان بىلىپ قوي، سىنىڭ راھىتڭىنى ئۇ ئۈرۈمچىلىك بىشەملا كۆرمىسۇن. ئىككى ئۇكاڭنى ئەۋەتىۋەتتىم .ئۇلار سەندىن ھۈنەر ئۆگەنگەچ شۇ يەردە تۇرسۇن، سىڭلىڭنىمۇ نەچچە كۈن ئىچىدە ياخشىراق بىر سەيپۇڭخانىغا شاگىرتلىققا بەر. ئاپىسى شۇ گەپلەرنىڭ قىلىپ بۇلۇپلاتىلفۇننى قۇيۋەتتى. ئۆي ئىچى تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. پەزىلەت تېلېفوندىكى گەپلەرنى ئېنىق ئاڭلىغان بولغاچقا  قاچىسىنى كۆتۈرۈپ گەپ-سۆزسىز سىرتقاماڭدى. قېيىن سىڭلىسى بولسا مەنسىتمىگە ھالدا ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى، ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى بولسا ئاپىسىنىڭ گېپىدىن خىجىل بولۇپ كەتتىمۇ ئىشقىلىپ بېشىنى كۆتۈرمەستىن تامىقىنى يەۋاتاتتى. پەزىلەت سىرتقا چىقىپ ھويلىدىكى تاش ئۈستىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغائولتۇرۇپ كەتتى.بايا قېيىنئانىسىنىڭ تىلفۇندا دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى.يىغلاي دىسسمۇ كۈزىدىن بىر تامچە ياشمۇ چىقمايتى. ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە تاش ئۈستىدە مىدىر-سىدىرقىلماي ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاستا ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ماڭغاچ ئىچىدە ئۆزىگە خىتاب قىلاتتى«چىدا،چىدا.....»

      پەزىلەت ھامىلىدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغاندا بۇرۇنلا ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. چۈنكى  بۇ چاغدا پەزىلەت ئوبدانلا ئېغىرلىشىپ قالغان بولۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى قىيىنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. قېيىن سىڭلىسى بولسا  ما يەڭگەم ئېغىرلىشىپ قالدى مەن ئاز-تولا ياردەملىشەي دېمەكتە يوق ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىۋاتاتتى. دەسلەپ كەلگەنلىرىدە ئازراق ئىش ئۈچۈن پەزىلەت بىلەن سۇقۇشقاننى ئاز دەپ ئۆزىگە پايدىسىز ھېس قىلىپ قالسىلا چىقىپ ئاپىسىغا تېلېفون قىلىپ چېقىشتۇرغان ياكى بولمىسۇن ئۇدۇل چىقىپ ئاكىسىغا دېگەن. ئابدۇسەمەتمۇ دەسلەپتە بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ سىڭلىسىنىڭ چېقىشلىرى كۆپەيگەنسېرى پەزىلەتكە سېسىسق گەپ قىلىدىغان بۇلۋالغانىدى. نەچچە قېتىم  سېنىڭ كاساپىتىڭدىن ئاپاممۇ يامانلاپ كەتتى، ئەمدى ئۇكىلرىمنىمۇ پاتقۇزمامسەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى.  ئاق-قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئابدۇسەمەتنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلەپ يامانغا چىقىرىشى پەزىلەتنىڭ تېخىمۇ جېنىغا تەگدى.  سەمەتنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى تېخىچە خىيالىدىن چىقىرۋىتەلمەي تۇرغان پەزىلەتكە ئابدۇسەمەت تېخىمۇ سەت كۈرۈنپ قېلىشقا باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم ئابدۇسەمەتنى كۆرگەندە ، ئاخشاملىرى ئابدۇسەمەت ئۇنىڭ يېقىنچلىق قىلغانلىرىدا ئۇنىڭ بىر خەنزۇ قىز بىلەن ئەر-خوتۇنلاردەك ئاپئاق-چاپاق بولۇپ يۈرگەن قىياپىتى كۆز ئالدىغا كىلۋېلپ ئۇنىڭدىن سەسكىنىپمۇ قالاتتى.ئۇنىڭ قانداقلارچە بىر خەنزۇ قىز بىلەن ئۇنداق يۈرەلىگىنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

        راستىنى دېگەندە پەزىلەت دەسلەپ ھامىلىدار بولغاندا  بەلكىم قېيىنئانىسىنىڭ مۇئامىلىسىدىن زىرىككەچكىمىكىن ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىگەن ئىدى. كىيىن قورسقدىكى ھامىلىنىڭ بارغانسېرى يېتىلىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ھەممىگە چىداشنى ئويلىغان ئىدى. گەرچە ئۆزى خالاپ، ئارزۇ قىلىپ ھامىلىدار بولغان بالا بولمىسىمۇ بىراق ئانا دېگەن يەنىلا ئانىدە. قورسقىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىسىنىڭ ئاز-تولا ھەرىكەت قىلىشى ئۇنىڭ قەلبىگە مېھىر ئۇرۇقلىرىنى چاچقان بولۇپ  قەلبىدىكى ئانىلىق مېھىر-مۇھەببىتى بارغانسېرى ئېشىپ مېڭۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھازىر بالىسىدىن باشقا ھېچنېمىگە قارىغۇدەك ھەپسىلى، ئويلىغۇدەك ۋاقتى يوق ئىدى. خاتىرجەم  ساق -سالامەت يەڭگىۋالسام دەپلا ئويلايتتى. ئابدۇسەمەتنىڭ خاتالىقلىرىمۇ ئاساسەن تويدىن بۇرۇنقى ئىشلار بولغاچقا بالىسىنى دەپ بولسىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ بىراق قېيىنئانىسى ۋە قېيىن سىڭىلىسىنىڭ ھەدەپ ئېرىگە يامان كۆرسىتىپ داتلاپ بېرىشى ئارقىسىدا ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىپ باراتتى. شۇڭا پەزىلەت ئابدۇسەمەتنى يېنىغا كەلتۈرمەيلا قويدى، ئابدۇسەمەتمۇ ھەم ئايالىم ھامىلداركەن دېگەننى ئويلىماي ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى. شۇ سەۋەبتىنمىكىن پەزىلەت بۇنداق خاپىچىلىق ئىچىدە ياشاۋەرسە ھامىلىگە تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بالدۇرلا كېلۋالغان ئىدى

       پەزىلەتنىڭ ۋاقىت سائىتىمۇ توشۇپ نەچچە سائەت تولغان ئازابىدىن كىيىن ئاخىرى بالا ئوپراسىيە ئارقىلىق ئېلىندى. ئۇ بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغقان ئىدى. بالا تۇغۇلسا ئەڭ خۇشال بۇلدىغان ئادەم  ئانا بىلەن دادا بولسا توغرا بۇلاتتى. بىراق بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە ئابدۇسەمەت قارىسىنى كۆرسەتمىدى. ئۈچ كۈندىن كىيىن بولسا ئازراق يەيدىغان نەرسە كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ  پەزىلەتنى يوقلاپ كەلدى. چوڭلار بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن تېخى خەۋەرسىز بولغاچ ئابدۇسەمەتنىڭ كەلمەسلىكىنى ئالدىراشلىقتىن بولسا كېرەك دەپلا چۈشەندى.پەزىلەتمۇ  ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ ھازىرغىچە بۇلۇنغان ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنماي ئىچىدىلا  بىلىپ كىلۋاتاتتى.  نەچچە كۈندىن كىيىن پەزىلەت دوىتۇرخانىدىن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىندى. ئابدۇسەت پەزىلەتنى شۇ ئەكېلىپ قويغانچە يەنە ھامۇ يوق، شامۇ يوى تاكى پەزىلەتنىڭ قىرىقى توشقىچە ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. پەزىلەتنىڭ قىرىقىمۇ توشۇپ خېلى تۈزىلىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ قالغاندا  ئابدۇسەمەتنىڭ ھاممىسى بىر قانچە تۇغقانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ پەزىلەتنى ئەكىتىشكە كەلدى. پەزىلەتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ گەپ سۆزسىز ئۇنى قوشۇپ قويدى.

           پەزىلەت ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئابدۇسەمەت ئۆيدە يوق ئىدى. ئۇ ئۆيدىكى ۋەيرانچىلىقنى كۆرۈپ بۇ ئۆينىڭ ئۆزى تۇتقان ئۆي ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدى.  قاچا-قۇچىلار قازاننىڭ ئىچىگە تاغدەك دۆۋىلەنگەن، دېرىزىلەر  خۇددى پەزىلەت كەتكەندىن بۇيان بىر قېتىممۇ سۈرتىلىپ باقمىغاندەك توپا بېسىپ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بولۇپ قالغان، پەردىلەرمۇ خۇددى جامبا قىلغاندەك مايلىشىپ كەتكەن ، پوللارغا ئاياق بىلەنلا دەسسىدىمكىن يەرمۇ، ياكى پولمۇ بىلگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ كەتكەن ئىدى. پەزىلەت بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئۇ ياتاق ئۆيىگە كىردى، خۇداغا شۈكرى ياتاق ئۆي پاكىزە تۇراتتى. ئۇ تۇنجى قېتىم قېيىنسىڭلىسىغا ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلىكى كەلدى.« قىز بالا تۇرۇپ ئۆينى تازىلاپ قويمىغىنىنى قارا، ئابدۇسەمەتقۇ مەيلى ئۇ دېگەن ئوغۇل بالا، ماۋۇ سىڭلىسى دېگەن بىرنېمە ما ئۆيدە تۇرغاندىن كىيىن تازلاپراق ئولتۇرسا بولمامدۇ، خەپ» دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە. ئۇ قۇچىقىدىكى ئۇخلاپ قالغان بالىسىنى ئاستا كارىۋات ئۈستىگە قويدىدە ئۆي تازىلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ نەچچە سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۆينى ئاران ئۆي سىياقىغا كىرگۈزگەندىن كىيىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئابدۇسەمەتنىڭ ئالماشتۇرۇپ ئېسىپ قۇيۇشقا ئۈلگۈرمەي ئۇ يەر بۇ يەرگە تەشلاپ قويغان كىيىملىرىنى رەتلەپ قاتلىدى. ئۇ كىيىملەرنى كىيىم ئىشكاپىغا سالاي دەپ ئىشكاپنى ئاچىتىيۇ چەكچەيگىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۈزىنىڭ ۋە ئابدۇسەمەتنىڭ كىيىملىرى ئارسدا باشقىچە كۆزگە چېلىقىپ تۇردىغان بىر قىز بالىنىڭ كىيىمى تۇراتتى. ئۇ كىيىمنى قۇلىغا ئېلىپ ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ كۆرۈپ ئۇ كىيىمنىڭ قېتىن سىڭلىسىنىڭ ئەمەسلكىنى جەزم قىلدى. چۈنكى قېيىن سىڭلىسىنىڭ كىيىملىرىنڭ ھەممىسىنى بىلمىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ بۇنداق ئۇچۇق كىيىم كىيمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ بۇ كىمنىڭ كىيمىدۇ دەپ گۇمان قىلغاچ باشقا نەرسىلەرگە كۆز يۈگىرىتتى. پەستە، كارىۋاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئۇنىڭ كۈزىگە يەنە بىر نەرسە چېلىقتى. ئۇ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك بېرىپ ئۇ نەرسىنى قۇلىغا  ئالدىيۇ  يەنە دەرھال تاشلىۋەتتى. چۈنكى  ئۇ ئايال كىشىنىڭ لىپتىگى ئىدى. پەزىلەتنىڭ كۈزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. بۇ ئېنىقلا پەزىلەتنىڭ ياكى قېيىنسىڭلىسىنىڭ ئەمەس ئىدى. قېيىن سىڭلىسى سەر قانچە بولسىمۇ ئاكىسى ياتىدىغان ئۆيگە بۇنداق نەرسىنىنى تاشلاپ قۇيۇپ يۈرمەيدۇدە. « دېمەك ئۇ ئۆيگە باشقا قىز بالىنى ئەكىرىپتۇ» پەزىلەتنىڭ كاللىسىغا بۇ خىيال كېلىشى بىلەن تەڭ كاللىسىدا چاقماق چېقىلغاندەك  چۆچۈپ كەتتى. ئۇ كارىۋاتقا قارىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ بىر خىل قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى.« كارىۋاتتا ياتقان ئېرى، ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئېرىگە چاپلشىپ ياتقان خەنزۇ قىز..... ئۇلارنىڭ ناشايان ئىشلىرى.....» پەزىلەتنىڭ كاللىسىدا بۇ ئىش خۇددى ھازىر كۆز ئالدىدا يۈز بېرۋاتقاندەن، قۇيۇلۋاتقان كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇ ئالدىراپ بېرىپ كارىۋاتتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنى يۇلۇپ دېگۈدەك قۇچىقىغا ئالدى. تۇيۇقسىز سىلكىنىشتىن چۆچۈپ كەتكەن بوۋاق قىرقىراپ يىغىلاشقا باشلىدى. پەزىلەت بىر جۈپ ئىپلاسلارنىڭ پاسكىنا بەدىنى بىلەن بۇلغانغان كارىۋاتتا بالىنى ئۇخلىتىشىنى خالىمىغان ئىدى.  شۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىقىغا بالىنىڭ يىغىسى كىرمەيتى. ئۈزىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ئاللىبۇرۇن ياشلاپ مەڭزىلىرىنى بويلاپ يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. بىراق بۇ قېتىم پەزىلەت ئاۋاز چىقىرىپمۇ يىغلىمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىگە، ئەمدىلا تۇغۇلۇپ ئىككى ئارىلىقتا چوڭ بۇلۇنۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئوغىلنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ قالغان ئىدى.  بۇ قەتئىي نىيەتكە كەلدى ۋە بالىنى كۆتۈرۈپ بايا ئۆيىدىن قانداق كەلگەن بولسا شۇ پېتىم ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى.

         ئۆيگە كېلىپ نەچچە كۈنگىچە پەزىلەت گەپ-سۆز قىلمىدى. ئاپىسىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىنىمۇ جاۋابسىز قويدى. ئاپىسى پەزىلەتتىن جاۋاب ئالالمىغاندىن كىين ئابدۇسەمەتكە تېلېفون قىلدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئابدۇسەمەت ئۆيگە قايتىپ كېلىپ پەزىلەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ۋە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ پەزىلەتنىڭ ئۈزىنىڭ ئشىلىرىنى سىزىپ قالغانلىقىدىن  خەۋەردار بولۇپ پەزىلەت بىلەن كۆرۈشكەندە نېمە دېيىشنى، ھەتتا ئاجىرىشىمەن دېسە ماقۇل بۇلۇشنمۇ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىدى. ئۇ قېيىنئانىسنىڭ تېلېفونىنى قۇيۇپلا پەزىلەتكە تېلېفون قىلدى، پەزىلەت ئابدۇسەمەتنىڭ تىلغۇن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ دەقىقە ئىككىلىنىشتىن كېيىن تېلېفوننى ئالدى:
              _ ۋەي. پەزىلەتنىڭ ئاۋاز قاتتىق چىقتى.
             _ ۋەي، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
             - ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ بۇسۇئالىڭىزنىڭ ناھايىتى كۈلكىلىك  سوئال ئىكەنلكىكىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ ?بولدى بۇنى دېيىشمەيلى، تېلېفون قىپسىز مەنمۇ دەيدىغاننى دەۋىيەي. بىز ئاجىرشايلى؟
        ئابدۇسەمەتتىن خېلىغىچە جاۋاب كەلمەي جىمىپكەتكەندىن كىيىن جاۋاب كەلدى:
             _ راستتىنلا ئاجراشماقچىمۇ سەن؟ ئۇنداقتابالىچۇ ؟
          _ بالىنى ئويلىغان بولسىڭىز ئۇنداق پەس ئىشلارنى قىلماس ئىدىڭىز. مەن تۇغقان مەزگىلىدە بىر قېتىممۇ كېلىپ قويمىغىنىڭزدىن مەن ھېس قىلغانتىم. بىراق سىزنىڭ ئادەم ئېتىپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىپ كەلگەن.. ئەمدى ھەممەئىش تۈگدى. ئاجىرشايلى، بالىنمۇ تالاشماڭ، مەن ئالىمەن.
    _ بولىدۇ، تەلىۋىڭىگە قۇشۇلدۇم، ئاجراشساق ئاجىرشايلى.خاتالىق مەندە سەندىن بالىنىمۇ تالاشمايمەن، ھەم بوۋاق بالىنى مەن تالاشساممۇ باقالمايمەن.بالىنىمۇ ، ئۆزۈمنىمۇ جاپاغا قۇيدىغان گەپ. باشقا تەلەپلىرىڭ بارمۇ ؟
           _ باشقا تەلىپىم يوق. پەقە بالىنى بەرسىڭىزلابولدى. يەنە بىر گەپ، ئاپامنىڭ كېسىلى بارلىقىنى بىلىسىز شۇڭا مەن مۇۋاپىق پۇرسەت چقىرىپ ئاپامغا دېگۈچە ئاجراشقانلىقىمىزنى سىر ساقلاڭ.
        _ بولىدۇ دېىدى ئابدۇسەمەت. بىراق  سەن چوڭ ئۆيدە تۇرىۋەسەڭ قېيىنئاپام گۇمانلىنىپ قالمامدۇ.
        _ بۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن، ياكى سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ چىقىپ كىتەمەن.
       _ ئۇنداق بولسا مۇنداق  بولسۇن دېدى ئابدۇسەمەت بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن.سەن قېيىن ئاپام بىلگۈچە  بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغىن،سىرتتىن ئۆي تاپىمەن دېسەڭ قىينىلىپ قالىسەن. مەن ئىشلەۋاتقان يەردە تۇرسام بۇلىۋېرىدۇ.
        _ ماقۇل ئەمىسە شۇنداق بولسۇن. ئەتە چۈشتەنۇپۇس قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ توي خېتى ئالغان يەرگە بېرىڭ.
        شۇنداق قىلىپ پەزىلەت بىلەن ئابدۇسەمەت ئىككى تەرەپتىكى چوڭلاردىن يوشۇرۇن ھالدا ئاجراشتى. ئابدۇسەمەت خاتالىق ئۆزىدە بولغاچقا شۇنداق قىلدىمۇياكى پەزىلەت بىلەن بالىنى ئويلىدىمۇ ئىشقىلىقپ ئاجرىشىپ ئىككى كۈن بولمايلا دېگىنى بۇيىچە ئۇنىڭغا ئۆينى بوشىتىپ بەردى. ھەم پەزىلەت بىلەن بالىغا ھەر ئايدا ئىللى مىڭىدىن بېقىش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى دېدى. پەزىلەت ئابدۇسەمەتنىڭ جېدەل قىلماي جىمجىت ئاجىرىشپ بەرگىنىگە ھەم بالىنى تالاشمىقىغىغائالامچە خوش بولۇپ يۈرگەچكە ئۇنىڭ پۇل بىرىمەن دېگىنىگە بەك ئېتىبار قىلىپمۇ كەتمىدى.

      پەزىلەت شۇنىڭدىن كىيىن بالىسى بىلەن بۇرۇنقى ئۆيىدە ياشاشقاباشلىدى. بەزى ۋاقىتلىرىدا پەزىلەت ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولغاندا ئابدۇسەمەتكەتىلفۇن قىلىپ بىرگە باراتتى. ئابدۇسەمەتمۇ چاندۇرماي تاكى پەزىلەت كەچتە ئۆيگە قايىتقۇچەبىللە ئولتۇرۇپ ئاندىن كەچتە ئۇلارنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇپ ياتىقىغا قايتاتتى. كۈنلەرمۇشۇ تەرقىدە ئۆتۈپ بالىمۇ يېشىغا تېگىپ تىلى چىقىشقا باشلىدى. ئابدۇسەمەتمۇ ھەر ئايدائىككى مىڭ يۈەن پەزىلەتنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىپ تۇردى. راستىنى دېگەندە شۇ ئىشتىن كىيىن ئېرىنى بىراقلا يامانغا چىقىرۋەتكەن پەزىلەت ئابدۇسەتنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ۋىجدانسىز،ئەسكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ كەتتى. شۇنداق ئەرلەر بارغۇ  خاتالىق ئۆزىدە تۇرۇپ يۈزىنى داپتەك قىلىپ بالىنى تالىشىدىغان، ئانا-بالىغا بېقىش ھەققىنى كۆپ بىرىۋىتەمەنمىكىن دەپلا بالا تالىشىدىغان،ياكى بىر ئاجرىشىپلا كارى بولمايدىغان.  بۇنداقلارغاقارىغاندا ئابدۇسەمەتنى كۆپ ئىنسابلىق دېيىشكە بۇلاتتى. بەلكىم قېيىنئانىسى بىلەن قېيىنسىڭلىسى ئارىغا سوغۇقچىلىق سېلىپلا يۈرمىگەن بولسا، بەلكىم ئابدۇسەمەت قايتا ھېلىقى خەنزۇ قىزنى تېپۋالمىغان بولسا، بەلكىم  پەزىلەت يەنىمۇكەڭ قورساقلىق قىلغان بولسا، بەلكىم......... ئۇلار ئاجراشماسمۇ ئىدى .بىراق ھازىرھەممە ئىش ئۆتتى، تارىخقا ئايلاندى. مۇھىمى پەزىلەتنىڭ ئابدۇسەمەتكە بولغان كۆڭلى سوۋۇپلاكەتتى، مۇز بولۇپ قاتتى. ئەمدى ئېرىمەيدۇ، ئۇنىڭغا قايتا مۇھەببەت ئويغانمايدۇ. ھازىرقىسى ئۇنىڭغا بولغان مىننەتتتارلىق خالاس.

ئوغلىنىڭ ئويغىنىپلا يۆتىلىپ كېتىشى بىلەن پەزىلەت ئالتە يىل ئاۋۋالقى ئەسلىمىلەر قوينىدىن قايىتپ كېلىپ ئوغلىغا قارىدى:
          _ ئويغاندىڭمۇ بالام ؟
          _ ھە.. ئوينىغىلى ماڭامدۇق ئاپا. ئوغلىنىڭ گېپى بىلەن پەزىلەت بۈگۈن ئوغلىنى بالىلار باغچىسىغا ئوينىغىلى ئېلىپ بارماقچى بولغىنىنى ئەسكە ئېلىپ كۈلۈپ كەتتى.
          _ بۈگۈن نېمە ئەتىگەن تۇرۇپ كەتتى دېسەم ئەسلى ئوينايدىغان ئويۇننىڭ غېمىدە ئەتىگەن تۇرۋەپتىكەنسەندە. تۇرە ئەمىسە، ئاۋۋال يۈزۈڭنى يۇيۇپ تاماق يەپ ئاندىن ئوينىغىلى بارىمىز. پەزىلەتنىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ياتقان ئىمران ئورنىدىن دەسسدە تۇرۇپ يۈزىنى يۇيۇش ئۈچۈن يالىڭاچ پېتى يۈزىنى يۇيغىلى چىقىپ كەتتى. پەزىلەت يۈگىرىگەندەك تىز مېڭىپ چىقىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ كەينىدىن مېھرىبانلارچە قاراپ قالدى.
           ئابدۇسەمەت بىلەن ئاجرىشىپ بىر يىلدىن كىيىن ئىككىلا تەرەپتىكى چوڭلار ئۇلارنىڭ ئاجراشقانلىقىنى بىلگەن، پەزىلەتنىڭ ئاپىسى پەزىلەتتىن ئاجرىشىشى سەۋەبىنى تولا سوراپ تۇرۋالغاندا  ئابدۇسەمەت ئۇنى ئۇرۇپ قويدۇم دەپ گەپنى تۈگەتكەن ئىدى. چوڭلار بىلگەندىن كىيىن پەزىلەتمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، بىراق بۇ قېتىم ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئەمەس بۇرۇن مومىسى تۇرغان، مومىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن تاشلىنىپ قالغان ئۆيگەقايتىپ كەلدى ۋە بالىسى بىلەن بەش يىلنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزدى.. بۇ بەش يىل جەريانىدەئابدۇسەمەت ئۇنىڭغا ھەر ئايدا تۇرمۇش پۇلىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ھم ئاندا-سانداكىلىپ ئىمرانىنى كۆرۈپ كەتتى. ئاپىسىمۇ ئەينى چاغدا ھەرەمگە بېرىشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا  قىزىنىڭ قۇشۇلمىغىنىغا قارىماي تويىنى قىلىپ قويغىنىغائۆكۈنۈپمۇ قالدى . ھەرەمگە بېرىشنىڭ كۇيىدا پەزىلەتنىڭ يالغۇز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ تويىنى قىلىۋەتكەن بىلەن خېلى ئۇزۇن يول مېڭىپمۇ چەتكە چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرەلمەي توختاپ قالغان ئىدى.خۇدانىڭ رىزاسى بىلەن ئاپىسىنىڭ كېسىلىمۇ قايتا قوزغىلىپ قالغاماي تىنچ يۈرۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ قىزىنىڭ ئاجىرىشپ كەتكەندىن كىيىن بالىسى بىلەن ئايرىم تۇرۇشىغىمۇبىر نېمە دېمىدى.قېيىن ئاپىسى تولا يېنىشۋېلىشنىڭ گېپىنى قىلىپ قىزىنى پەزىلەت بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەيدىگەن بولسىمۇ بىراق پەزىلەت يېقىن كەلتۈرمىدى. چۈنكى ئۇ قېيىن ئاپىسى بىلەن قېيىن سىڭلىسىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلارنىڭ سېسىق گەپلىرىنى ئويلىسىلابەدىنىنى تىترەك باساتتى. مۇھىمى ئۇنىڭدا ئابدۇسەمەتكە قارىتا ئازراقمۇ مۇھەببەت قالمىغان ئىدى.
       پەزىلەت ئوغلى بىلەن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىين ئوغلىنى مۇنچىغا ئاكىرىپ يۇيۇندۇردى ، ئاندىن ئۇنىڭغا  يېڭى ئېلىپ تېخى كىيدۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن  كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتقىنىچە سىرتقاچىقتى. ئۇلار باغچىغا كەلگەندە سائەت 11 بۇلاي دەپ قالغان بولۇپ ھاۋامۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى.ئۇ ئوغلىنى ھەرخىل ئويۇنچۇقلارغا چىقىرىپ تازا ئوينايتتى ، رەسىملەرگىمۇ تارتتى.بىر چاغدا ئىمران قورسىقىم ئاچتى دېگەندىلا ئاندىن ئاشخانا ئىزدەپ مېڭىشتى. باغچىدائادەملەر ناھايىتى جىق ئىىدى. بىر يەردە قىزىقارلىق سېرك ئويۇنى كۆرسىتۋاتقان بولۇپ ئىمران پەزىلەتنىڭ قۇلىدىن بوشىنىپلا ئاپىسىنىڭ ئالدىدا سېرك كۆرسىتۋاتقان يەرگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. پەزىلەتمۇ ئوغلىنىڭ كەينىدىنلا ئۇ يەرگە بېرىپ ئوغلىنىڭ كەينىدىلا تۇرۇپ سېرك كۆردى. توپلاشقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.  پەزىلەت ئىمراننى ئالدىمدىلا بار دەپ ئويلاپ سېرك كۈرۋېتىپ بىر چاغدا ئادەملەر شالاڭلاشقاندا ئىمراننىڭ ئالدىدا يوقلىقىنى سىزىپ ئەتراپقاقارىدى. بىراق ئىمران كۈرۈنمەيتى. پەزىلەت جىددىيلىشپ ئالاقزەدە بولۇشقا باشلىدى، ئۇھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئىمراننى ئىزدەشكە باشىلىدى.تاپالمىغانسىرى جىددىيلىشىپ ، ئەنسىرەپ ھەم قورقۇپ يىغلاپ تاشلىدى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆزىگە ھەيران بولۇپ قارىشۋاتقانلىقىغاپىسەنىتمۇ قىلغۇدەكمۇ ھالى يوق ئىدى. يېرىم سائەتكە يېقىن ئىزدەپمۇ ئىمراننى تاپالمىدى.ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون قىلاي دېسە ئۇلارنىڭ ئەنسىرەپ بىر نېمە بولۇپ كېتىشىدىن قورقاتتى.پەزىلەت نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئەنسىرەپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا بىر ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كېلىپ قالدى.  پەزىلەت ئالدىراش تېلېفوننى ئالدى:
          -ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟
          -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
بۇ ناتونۇشلا بىر  ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى. پەزىلەت سىزكىم دەپ سوراي دەپ تۇرۇشىغا قارشى تەرەپ ئېغىز ئېچىپ قالدى:
         - سىز بالىڭىزنى يوقىتىپ قويدىڭىزمۇ ؟
         _ شۇنداق، شۇنداق؟  پەزىلەت قانداقتۇ بىر ئۈمىدلەرگە تولۇپ جاۋاب بەردى.سىز قانداق بىلىسىز ؟
         -ھە بايا باغچە ئىچىدە بىر بالا يىغلاپ تۇرۇپتىكەن،قېشىغا بېرىپ گەپ سورىسام جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇشۇ نومۇرنى دەپ بەرگەن ئۇرۇپ بېقىشىم ئىدى.
        _ مەن ئۇنىڭ ئاپىسى ئىدىم . بالام ھازىر قېشىڭىزدابارمۇ ؟ سىز نەدە ؟
        _ مەن ھازىر باغچە ئىشىكىدە، بالىڭىزمۇ يېنىمدابار.
         - مەن ھازىرلا باراي، ساقلاپ تۇرسىڭىز. پەزىلەت شۇنداق دەپلا  قارشى تەرەپنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتمەي تېلېفوننى قويدى ۋە باغچە ئىشىكىگە قاراپ يۈگىردى.
پەزىلەت باغچە ئىشىكىگە يېقىنلاكىلىپ ئىمراننىڭ ناتونۇش بىر يىگىت بىلەن تۇرغىنىنى كۆرۈپ بالىسىغا ئۆزىنى ئاتتى.
        _ نەگە بەردىڭ؟ مەن يېنىمدىن ئايرىلما، قۇلۇمنى قۇيۋەتمە دېگەنغۇ؟  ھېلىمۇ تېلېفون نومۇرۇمنى يادىلاتقۇزۇپ قۇيۇپتىكەنمەن ، بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتىم سەن تازنى تاپالماي. پەزىلەت شۇنداق دېگىنىچە بالىسىنى قۇچاقلاپ يىغلىماقتا ئىدى. ئىمرانىمۇ ئاپىسىنى تاپقىنىغاخۇش بولۇپ ئۇنىڭ ئېسىلىپ يىغلۋاتاتتى.  پەزىلەت شۇ تاپتا بالىسى بىلەن بولۇپ كېتىپ بالىسىنى تېىپۋالغان ئادەمنى ئۇنتۇپلا قالغان ئىدى.
        _ بالاڭنى ئۆزۈڭ يوقتۋېتىپ يەنە ئۇنى ئەيىپەيسەنغۇ، كىچىك بالا نېمىنى بىلەتتى ئۇششۇق.
پەزىلەت بۇ گەپتىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ گەپ قىلغۇچىغا قارىدى. قارىدۇيۇ ئۆزىمۇ سەزمەستىن ئىسىمنى چاقىرىپ سالدى:
        _ ئەسقەر تاز......! . پەزىلەتنىڭ ئاۋازىيۇقىرى چىقىپ كەتتىمۇ ئىشقىلپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتى بىردىنلا ئۇ يىگىتكە چۈشتى.يىگىت خۇددى ئۆزى تازدەك بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. پەزىلەت ئۈزىنىڭ ئويلىماي ئۇنىڭ لەقىمىنى چاقىرىپ سالغىنىدىن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى.
       - مەن ھازىرمۇ سىنىڭ نەزىرىڭىدە ئاشۇ ئەسقەرتازكەنمەندە.. يىگىت ئۇنىڭغا باشقىچە بىر تەرىزدە ئۇنىڭغا  قارىدى.
پەزىلەت تاز بولغاندىن كىيىن تازدىمەي نېمە دەيمەن دېمەكچى بولدىيۇ ئۇنىڭ قاپقارا قۇندۇزدەك ،قويۇق كەلگەن چاچلىرىغاكۈزى چۈشۈپ تىلىنىڭ ئۇچىغا  كەپقالغان گېپىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى.
- شۇنداق چاقىرىپ كۆنۈپ قاپتىمەن ئامال يوق دەپ كۈلدى پەزىلەت بايامقى ئەنسشىرەشلىرى  يوقاپ. بالام ساڭا قانداق ئۇچراپ قالدى.
             _ مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان  ئۇرۇن مۇشۇ يەرگە يېقىن. چۈشلۈك تاماق يەپ ئىشخانىغاماڭغان  ، بۇ بالا  يىغلىغىنىچە مېڭىپتىكەن  چوڭلاردىن ئېزىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ توختىتىپ گەپ سورىسام دەپ بەردى، تېلېفون نۇمۇرڭىنىمۇ يادىقا بىلدىكەن. سورىسام باغچە ئىچىدىن چىققانلىقىنى دېدى شۇڭا باغچە ئالدىغان ئېلىپ كېلىپ ساڭا تېلېفون قىلغان.
             _ ھە مۇنداق دېگىن. رەھمەت ساڭا . ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ چىقىپ بولدۇڭمۇ؟
             _ ئەلۋەتتە  بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى. مەن ئالى مەكتەپكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سەن توي قىلغان ،مانا ھازىر بالاڭمۇ چوڭ بولۇپ قاپتۇ. مەن سىنىڭ تۇيۇڭغىمۇبارغان، سەن بىلمەيسەن ھەقىچان.
            _ نېمە؟ سەن تويغا كەلگەنما؟ مەن كۆرمىدىمغۇسىنى ؟
           _ تۇيۇڭ بۇلدىغانلىقىنى ماڭا گۈلنار دېگەن ئىدى. ئويلىماپتىمەن سىزنىڭ ئۇنچە بالدۇر توي قىلىشىڭنى. مەن  ئەسلى........ ئەسقەر  گېپىنى ئاخىرىنى قىلماي بىردەمتۇرۋەتكەندىن كىين گېپىنى داۋام ئەتتى:
           _ سەن تۇيۇڭدا تۇتۇپ ئولتۇرغان بىر دەستەئەتىرگۈل ئىسىڭدە باردۇر، شۇنى مەن گۈلنارغا بەرگەن.  پەزىلەت توي كۈنى دوستى گۈلنارنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن بىر دەستە ئەتىرگۈلنى ئەكىرىپ بۇنى تۇتۇپ ئولتۇر دەپ تۇتقۇزۇپ قويغىنىنى ئەسكەئالدى. پەزىلەت يەنە ئەسقەرنىڭ بايا ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇشقا تەمشىلىپ گەپنى ئىچىگە يۇتىۋەتكەنلىكىنى سەزدى.
          _ تويغا كەلگەن ئادەم كىرسەڭ بولمامدۇ؟
         _ مەن ناتونۇشلا يىگىت تۇرسام ، قانداقمۇ تويى بۇلۋاتقان قىزنىڭ يېنىغا كىرەلەيمەن؟
         _ بۇمۇ با گەپ راست.. پەزىلەت بىردىنلا ئۈزىنىڭ خاتا سوئال سوراپ سالغىنىنى سەزدى.
         _ ئوغلۇڭنى ئويناتقىلى يالغۇز كەپسەنغۇ؟يولدىشىڭىچۇ؟
         _ بالام تۇغۇلغان يىلىلا ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرىشپ كەتكەن.
               -نېمە ؟ مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟ئەسقەر ھەيران قالدى.
            - ئاجىرىشپ كەتكىنىمنى چوڭلارمۇ خېلى ئۇزۇندىن كىين بىلگەن تۇرسا، سىنىڭ بىلىشىڭ مۇمكىمۇ؟ يەنە كېلىپ ئىككىمىز ئىزچىل ئالاقەقىلىپ باقمىغان تۇرساق.
             _ ئەينى چاغدا تېلېفون نومۇرۇڭنى ئالدىراپلادەپ قاچقاچقا ئاخىرىنى تۇتالمىدىم. كېيىن باشقىلاردىن بىلگىنىمدە بولسا تۇيۇڭ بۇلدىغانلىقىنى بىلىپ تېلېفون قىلمىدىم. بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئەسقەرنىڭ چىراينى بىردىنلا مەيۈسلۈك قاپلىدى. پەزىلەت بىر نېمە دەي دەپ تۇرۇشىغا ئىمران  قورسىقىم ئېچىپ كەتى دەپ ئۇنى ئالدىرتىشقا باشلىدى.
           _ مەن ماڭاي، سەنمۇ بالامنى دەپ ئىشىڭىدىن قاپسەن ، يەنە كىچىكپ يۈرمىگىن.
           _ بولىدۇ. ئۇنداق بولسا بۇ قېتىم تېلېفون نومۇرۇڭنى ئالدىرىمايراق دەپ بەرگىن ، قاچماي.
           _ بايا ئوغلۇم دەپ بېرىپ بوپتۇ، ئەمدى دەپ بەرمىسەممۇ بۇلار... بۇلارنى دەپ بولۇپ پەزىلەت كۈلۈپ كەتتى.
         _ ھە راست، بايام مەن ساڭا تېلېفون قىلغان ھە... ئۇنداق بولسا مۇشۇ نومۇر بىلەن سىنى ئىزدىسەم بولىدۇ شۇنداقمۇ؟
          _ ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى ئەتىگەندە قوشنامنىڭ  تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ چىقمىغان. بۇ گەپتىن ئىككىسى تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى.

         شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاددىيلا خوشلاشتى. پەزىلەت ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ئەسقەرنىڭ قىياپىتىنى قايتا ئەسلەپ كۆردى. ھازىرقى ئەسقەر ئۇ ئالتە يىل بۇرۇن مەكتەپ ئالدىدا كۆرگەن بۇرۇتلىرى خەت تارتپ ئەمدىلا يىگىت بولغان ئەسقەرگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى.  پەزىلەت بىلەن يېشى تەڭ، چوڭ بولسىمۇ بىرەر ياش چوڭدۇ بەلكىم. بىراق پەزىلەت25 ياش بولغان بىلەن ھازىر بەش ياشلىق بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى. ئەسقەر بولسا ئەمدى 25 ياشقا كىرگەن، خىزمەتكىمۇ چۈشكەن.  ئادەم دېگەننىڭ تەقدىرى خىلمۇ خىل بولىدىكەن، ھازىركىممۇ ئۇنى تۇللۇق ئوتتۇردىكى يۈزلىرىنى سۈپكۈن باسقان، ئاق سېرىق، تاقىرباشلا يۈرىدىغان،قوناق شېخىدەك ئۇرۇق ھەم ئېگىز ئەسقەر تاز دېسۇن. ھازىرقى ئەسقەر قۇيۋالغان قويۇق بۇرۇتلىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان، بۇرۇنقى سەپكۈن باشقان يۈزلىرى تامامەن سۈزۈلۈپ ئاقىرىپ كەتكەن،بۇرۇنقى كۈرۈمسز چىرايى، تاقىرباش باشلىرى، كىيىنىشىنىڭ ئەرۋاڭ-سەرۋاڭلىقى تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ نەزىرى چۈشمىگەن چوڭ قوي كۈزلىرى باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەن،بەدەنلىرىمۇقاۋۇللىشىپ قالغان ، قسىقىسى ئوبدانلا بىر كېلىشكەن يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. بۇرۇن سىنىپتىكى قىزلار ئەسقەر تاز دەپ ياراتمايدىغان ئەسقەر تاز ئەمدىلىكتە خېلى قىزلارنىڭ كۈزى چۈشكىدەك يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. نىمىشقىن پەزىلەت ئەسقەر بىلەن بىرخىل كۈرۈشمىسمۇئوخشاش، بەش يىل كۈرۈمىسمۇ ئوخشاش پاراڭلاشقاندا زادى ياتسىراش ھېس قىلمايتتى. بايىمۇخۇددى تۇللۇق ئوتتۇردىكى چاغىدىكىدەك نەچچە يىل بۇرۇنلا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن چاقچاقلارنى ئۆزى باشلاپ قىلغان ئىدى.  پەزىلەت مۇشۇلارنى ئويلاپ پىسسىڭىدە كۈلۈپ قويدى ۋە ئىچىدە پىچىرلىدى:

           -كالۋا سەت تاز.........   

        پەزىلەت كەچ سائەت 4 لەر بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئىمران بولساھېرىپ كەتكەن بولسا  كېرەك   قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيقۇغا تەگكەن ئىدى. پەزىلەت ئۆيدە ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن مەلىكە بولۇپ  سائەت توققۇزلار بىلەن ياتاق ئۆيىگە كىردى. ئۇ ياتاق ئۆيىگە كېلىپ بايا ئۆيگە كىرىپلا ئىلىپ قويغان سومكىسىدىن تېلېفوننى ئالدى. تلفۇنغا ئەسقەرنىڭ ئۇنىڭغا يازغان بىر پارچە ئۇچۇرى تۇراتتى، ئۇچۇر ناھايىتى ئۇزۇن يېزىلغان ئىدى.

          _ياخشىمۇ سەن پەزىلەت:

          ئويلىنا -ئويلىنا ساڭا ئۇچۇر ئارقىلىق دىىيشنى لايىق كۆردۈم. سەن بەلكىم ھېس قىلغانسەن ياكى قىلمىغانسەن مەن سىنى تۇللۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپلا ياخشى كۆرۈپ كەلدىم. دەسلەپ ئوقۇش پۈتكەندە ئالى مەكتەپكە چىققاندا ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشنى، ھەتتا سەن بىلەن بىر ئونۋېرىستتا ئوقۇشنىمۇ ئويلاپ قويغان ئىدىم. ئويلىمىغاندا سەن تۇيۇقسىز ئوقۇشتىن چكىنىپ كەتتىڭ. كىيىن مەن سىنى قايتا ئۇچراتقاندا بولسا ماڭا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەيلا كېتىپ قالدىڭ. كىيىن تۇيۇڭ بۇلدىغانلىقىنى بىلىپ بەك ئازابلاندىم. بىراق ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان تويى بولغان سېنى تۇسۇس، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش قۇلۇمدىن كەلمىدى، ھە سېنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلا ئۇنداق قىلىشقا جۈرئىتىم يوق ئىدى. ئۇ چاغدا سەنمۇ ھەم ، مەنمۇ ھەم كىچىك ئىدۇق. تۇنجى مۇھەببىتىم مەن تېخى كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بيوق بەربات بولغاچقا ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش جەيرانىدا ھېچكىم بىلەن ئارلىشالمدىم، بەلكىم قورقۇنچاق بولۇپ قالغان بولسام كېرەك. بۇ قېتىم سىنى يەنە بالاڭنىڭ سەۋەبى بىلەن قايتا ئۇچىرىتپ قالدىم.ئويلىماپتىكەن  شۇنچە يىل ئۇزۇن كۆرمىگەن يۈرەكلىرىم سىنى ئۇنتۇدى دەپ ئويلىغانتىم. بىراق بۈگۈن سىنى قايتا كۆرۈپ قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوققىنى سىزىپ تېخى سىنى ئۇنۇتمىغانلىقىنى، ھېلى ھەممۇ ساڭا بولغان مۇھەببەتنىڭ يالغۇنجاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ھەم سېنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كەتكىنىڭىنى بىلىپ يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرمىدىم. چۈنكى يەنە كېيىنگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ ئىككىنچى قېتىممۇ سەندىن ئايرىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. بۇ قېتىم  مەيلى سەندىن ئازار يەيدىغان ئىش بولسىمۇ مەن دەۋىتىپ ئازاپلىناي.

        ئەگەر سەنمۇ مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ياق  ياق.. ھېچ بولمىسا ماڭا  كۆڭلۈڭدە ئاز تولا قىزىقىش بولسا، مېنى ياخشى ئەر بۇلالايدۇ دەيدىغان قاراش بولسا مېنى رەت قىلمىغىن. مىنىڭ تېخى توي قىلمىغان بويتاق يىگىت ئىكەنلىكىم ساڭا بېسىم بولۇپمۇ قالمىسۇن . ئەرلەر ئاجرىشىپ بولۇپ قىزلارنى ئالسا بۇلىۋېردىكەن، قىزلارمۇ ئەلۋەتتە ئاجىرىشپ كەتكەن بولسا ياخشى كۆرگەن يىگىت بىلەن توي قىلسا بۇلىۋېرىدۇ. مۇھىمى مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم. چۈنكى سەن مايلى قىز بول، مەيلى ئاجراشقان ئايال بول، ياكى مەيلى بىر بالىنىڭ ئانىسى بول مەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت، ھەر قاچان مەن ياخشى كۈردىغان قىزسەن.( ساڭا لايىق بولىمەن دەپ بىر  توي قىلىپ ئاجرىشىپ ئاندىن سىنى ئىزدەشنىڭ ئورنى يوق ئەمدى ھې ھې .. بۇ چاقچاق ھە)ئاتا-ئاناممۇ مۇتەسسىپ كىشىلەردىن ئەمەس، ئۇلار مىنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلىدۇ. مەنمۇ ھەم سىنىڭ ئوغلۇڭنى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ بېقىپ، تەربىيلىيەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭا مېنى رەت قىلماسلىقڭىنى ، چوڭقۇر ئوينىلىشتىن كىيىن بىر قارارغا كېلىشڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مېنى ياخشى كۆرسەڭ، تەلىپىمگە قوشۇلساڭ مۇشۇ شەنبە 12 بىلەن بۈگۈن كۈرۈشكەن باغچە ئالدىغان كەلگىن. سىنى كۆرسەم ماڭا رازىلىق بېرىپتۇ دەپ چۈشىنىمەن.
                سېنى سۆيۈپ
                                ئەسقەر

          پەزىلەت ئۇچۇرنى ئۇقۇپ تۈگىتىپ خېلىغىچە جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئەسقەرنى ئەزەلدىن ئۈزىنىڭ لايىقى سۈپىتىدە پەرەز قىلىپ باقمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ئەسقەرنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشى بىلەن ئويلاپ بېقىۋىدى دەرۋەقە ئەسقەر دېگەندەك ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇنجى بولۇپ كەلگىنى ئۈزىنىڭ بىر توي قىلىپ چىققان، بىر بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكى، ئەسقەرنىڭ بولسا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىت ئىكەنلىكىنى كېلىۋالدى.  ھازىرغىچە ئەسقەرنىڭ پەزىلەتكە يامان تەسىر بەرگەن يېرى يوق ئىدى. تۇللۇق ئوتتۇردىكى ئەسقەر كىيىنىشكە ئېتىبار بەرمەيدىغان ،قىزلار ياراتمايدىغان سەت تاز بولسا   ھازىرقى ئەسقەر خىزمەت دېسە خىزمىتى بار، مىجەز دېسە مىجەزى ياخشى، چىراي دېسە قىزلارنىڭ كۈزى چۈشكىدەك كېلىشكەن يىگىت ئىدى.  ئۆزى بولسا توي قىلىپ ئاجراشقان ،بىر بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.  ئەسقەرنى رەت قىلاي دېسە كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن تارتىشىدۇ، ماقۇل دەي دېسە باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن قورقىدۇ. چۈنكى ئۈرۈمچىلا ئەمەس باشقا  يەرلەردىمۇ   بىر ئەر كىشى بىز قىزنى ئالسا ھېچ گەپ يوق، بىر يىگىت بىر توي قىلغان چوكانغا ئۆيلەنسە گەپ جىق ئىدى.« ۋۇي  ما يىگىتكە قىز چىقمىغانمىدۇ چوكاننى ئېلىپ؟ ياكى بولمىسا بۇ قىز راسلا يامانكەن ئىككىنچى قېتىممۇ يىگىتكە تىگۋالدى»دېگەندەك گەپلەرنىڭ بۇلىنىشى ئېنىق ئىدى. مەيلى بار تۇرۇپ ياق دېسە شۇ ئەسقەر ئۇچۇردا چاقچاق قىلىپ دېگەندەك  « مىنىڭ توي قىلىپ ئاجرىشىپ ئاندىن سىنى ئىزدىشىمنىڭ ئورنى بارمۇ؟» دېگەندەك ئىش بولىدۇ.  ھەم توي قىلمىغان يىگىت شۇڭا رەت قىلىمەن دىيىشقۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق پەزىلەتمۇ ھەم توي قىلدى دېگەن بىلەن بۇ يىل ئەمدى25 ياشقا كىردى،كىيىن ھامان توي قىلىدىغان گەپ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسقەر ئەڭ ياخشى نامزات ئىدى. پەزىلەتنىڭمۇ ھەم  ناۋادا ئەمدى توي قىلىپ قالسا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپى بىلەن ئەمەس ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىرىنى  تېپىپ توي قىلغۇسى بارئىدى. قانداق قىلىش كېرەك. پەزىلەت ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى.

         شەنبە كۈنى ئەتىگەن پەزىلەت ئىمراننى ئاپىسىنىڭ كىگەئاپىرۋېتپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى.  ئۆزى ياخشى كۈردىغان كىيىملىرىنى كىيىپ ئەينەك ئالدىغان كېلىپ ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن  سىرتقا چىقتى. ئۇ شۇ تاپتا  باغچىغا ، ئەسقەرنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭغان ئىدى.ئۇنىڭ قەلبى ئۆزىدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر خىل تۇيغۇغا چۆمگەن ئىدى.  توي قىلغان چېغىدىمۇ، تويدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدا بۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باقمىغان ئىدى. بۇ بىر قىزنىڭ ئۆزى ياخشى كۈردىغان يىگىت بىلەن ئۇچىرىششقاچىققاندىكى بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىدى. بۇ تۇيغۇ بىز قىزنىڭ سۆيگەن يىگىتنىڭ ئۆزىنى ساقلۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كىينكى گۈزەل تۇيغۇ ئىدى.  بىر ئىنسانغا ھەمىشە قايغۇ ئازابلا ھەمراھ بولمىغىنىدەك،خۇشال بۇلدىغان ,بەختكە چۈمىدىغان پەيتىمۇ بولىدۇ. ئاللاھمۇ ھەم ئىنسانغا ھەرخىل سىناقلارنى بېرىدۇكى ھەرگىز ئۇ كۆتۈرۈلمىگۈدەك سىناقلارنى بەرمەيدۇ. يامغۇردىن كىين قۇياش پارلىغانغا ئوخشاش، قەھرىتان قىشتىن كىيىن باھار كەلگەنگە ئوخشاش ئىنسانغىمۇ بەختسىزلىك كەينىدىن بەختى كېلىدۇ. بىر  قېتىملىق نىكاھ پەقەتلار بىر ئوڭۇشسىزلىق، ھەرگىزمەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەت ياكى ئىنسان تۇرمۇشىغا چۈشكەن قارا سايە ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭسىنىقى خالاس، بەلكىم تۇنجىسى سىزنىڭ ئەمەستۇر، بىراق ھامان شۇنداق بىرى باردۇركى  ئاللاھ بىر ئۆمۈر سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى غەمگۇزارىڭىزقىلغان. پەزىلەت بىر قېتىملىق  ئوڭۇشسىزلىقتىن كىيىن بەختكە قاراپ مېڭۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىككىنچى باھارنى كۈتۋالماقچى بۇلۋاتاتتى.پەزىلەت  باغچە دەرۋازسىغا يېقىنلاشقانسېرى  ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرغان تونۇش سىمانى كۆرۈپ يۈرەكسۇقىشى تىزىلىشىپ قىزلىق سۈزگۈلىرى ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان خىجىللىقتىن يۈزلىرى ئوت ئېلىپ يانماقتا ئىدى. دېرىزىگە يۆلىنىپ پەزىلەتنى كەلمەي قالارمۇ دەپ  ئەنسىرەپ تۇرغان ئەسقەر  بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆز ئالدىدىكى ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان پەزىلەتنى كۆرۈپ قانداقتۇر بەخت ئىلىكىدە شاتلاندى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

ئاپتورى :فىرقەت ئۇيغۇر
bagdax

8

0

تېما

6

دوست

2426

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 702
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 00:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!

0

تېما

0

دوست

169

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66549
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-1 16:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك تەسىرلەندىم،

0

تېما

1

دوست

886

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  74862
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-21 16:44:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرلىكنى ھەجەپ ئوسال كۆرسىتىپسىز، ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس بىلىپ قويۇڭ.
bagdax

0

تېما

0

دوست

696

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26573
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 19:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يېزىپسىز ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

1

تېما

5

دوست

2428

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 23:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىدىكى ئابدۇسەمەتتەك نىكاھقا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ،مۇھەببەت -نەپرىتى نائېنىق ئەرلەردىن ئاللاھ ساقلىسۇن .

1

تېما

5

دوست

2428

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  78257
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-11-22 23:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس ،ئازراق ئىملا خاتالىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھىكايىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ ،رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )