قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3885|ئىنكاس: 33

تاشپولات: مېنىڭ ئۇستازىم ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى رىشات ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 14:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئۇستازىم ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى رىشات ھەسەن

تاشپولات روزى

R9.jpg


ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى رىشات ھەسەن ئاكا، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىم بولۇپ، ئۇ 1934-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.  رىشات ئاكا 1942-يىلى 9-ئايدىن 1951-يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ھەم تولۇقسىزنى ئوقۇپ پۈتتۈرىدۇ. ئۇ 1951-يىلى 9-ئايدىن 1953-يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. رىشات ئاكا، مىللەتلەر ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،  1953-يىلى 9-ئايدىن 1957-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1957-يىلى 9-ئايدىن 1960-يىلى 8-ئايغىچە شاڭخەي فۇدان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا 3 يىل بىلىم ئاشۇرىدۇ. 1960-يىلى 8-ئايدىن 1988-يىلغىچە ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور ھەم پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1980-يىلى شىنجاڭ مائارىپ كومىتېتى ئۇنۇڭغا ماتېماتىكا دوتسېنتى ئۇنۋانى بېرىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە رىشاتكام ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تەبىئىي پەندىن بىرىنچى بولۇپ بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. رىشات ئاكا 1989-يىلى قازاقىستانغا كۆچمەن بولۇپ چىقىپ 2006-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاغرىق سەۋەبىدىن 2007-يىلى 7-ئايدا بەخت قارشى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

R8.jpg


رىشات ئاكا 1972-يىلدىن باشلاپ ماقالە يېزىش ھەم تەرجىمانلىق ئىشى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يازغان ئۇيغۇرچە ماقالىلەر، ""شىنجاڭ مائارىپى"، "بىلىم كۈچ"، "ئىلىم-پەن ھەم تۇرمۇش"، ھەم "شىنجاڭ ئۇنۋەرسىتى ژۇرنىلى" قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنىدۇ. رىشات ئاكىنىڭ تۆۋەندىكى يازغان ماقالىلىرى ئۇيغۇر ماتېماتىكا ساھەسى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

1. "تۆت رەڭ مەسىلىسى توغرىسىدا"
2. "نيۇتون نەزەرىيىسى"
3. "قارا ئۆڭكۈرنىڭ قۇرغۇچىسى"
4. "نۆلنىڭ ئىپادىلىنىشى"
5. "ماتېماتىكىغا نەزەر"

R2.jpg


ئۇ يەنە تۆۋەندىكى كىتابلارنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتابلار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، جۇڭگو ئىلى-پەن نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تارماق نەشرىياتى، ھەم مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

1. "گولدباھ قىياسى"
2. "گېئومېتىرىيىلىك ئالماشتۇرۇش"
3. "ترىگونومېتىرىيە"
4. "ماتېماتىكا ئانالىزى"
5. "دىففېرېنسىئالىق گېئومېتىرىيە"
6. "باشلانغۇچ گېئومېتىرىيىدىكى قىيىن مەسىلىلەر كۆرسەتمىسى"
7. "ئۆسمۈرلەر گېئومېتىرىيىسى"
8. "ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قوللانمىسى"
9. "ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى"

R3.jpg


رىشات ئاكا، مېنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ماڭا ترىگونومېتىرىيە، دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيە، رىمان گېئومېتىرىيىسى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.  ئۇنۇڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى ئالاھىدە بولۇپ، بىر قېتىملىق دەرسنى ھېچقانداق ماتېرىيال ياكى قولىدا ھېچقانداق بىر قەغەزنى تۇتماي بىر تال بور بىلەن دەرس ئۆتۈپ تۈگىتەتتى. ئۇنۇڭ دوسكا تۇتۇشى ھەقىقىي پېداگوگلاردەك بولۇپ، خەتنى باسمىدا باسقاندەك چىرايلىق يېزىپ، دەرس تۈگىگەندە دوسكىنىڭ ئەڭ ئاخىرى خەت بىلەن بويىلىپ ئاخىرلىشاتتى. گېئومېتىرىيىدىكى ئەڭ قىيىن تېئورېمىلارنى ناھايىتى ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەتتى. شۇڭا ئۇنۇڭ ئۆتكەن دەرسىنى چۈشەنمەي قالىدىغان ئوقۇغۇچى سىنىپتا ئاساسەن بولمايتتى.

R4.jpg


ئۇ ناھايىتى چاقچاقچى بولۇپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئارىلاپ-ئارىلاپ چاقچاق قىلىپ تۇيۇقسىزلا كۈلدۈرۈۋېتەتتى. ئۇنۇڭ ئانا تىلىدا ئېيتىلغان چاقچاقلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېگەن يەرلىرىگە بارغاچقا سىنىپ كەيپىياتى ناھىيىتىمۇ جۇشقۇن بولۇپ، بېرە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇخلاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. رىشاتكامنىڭ كېيىنكى قېتىم دەرسى كەلگىچە بىز ئۇنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتەتتۇق.

رىشاتكام بىر قېتىم ترىگونومېتىرىيە دەرسى ئۆتۈۋاتقىنىدا، قەشقەردىن كەلگەن ساۋاقدىشىم رىشاتكامدىن، "مۇئەللىم بۇلۇڭنىڭ گرادۇسى دەيمىز، يەنە بەزىدە ھاراقنىڭ گرادۇسى دەيمىز، بۇلار ئوتتۇرىسىدا بېرە مۇناسىۋەت بارمۇ دەپ سورىدى". رىشاتكام تۇرۇپ كېتىپ، "ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بار دەپ جاۋاب بېرىپ، ئەگەر سەن 60 گرادۇسلا ئىلى ھارىقىنى ئىچىۋالساڭ، يولدا چوقۇم 60 گرادۇسلا بۇلۇڭ ياساپ ماڭىسەن دەپ جاۋاب بەردى" بۇنى ئاڭلىغان ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق. يەنە بىر قېتىم بۇ ساۋاقدىشىم رىشاتكامدىن، "3 بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇس بولىدۇ دەيمىز. ئەگەر ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە ئاشۇ ئۈچبۇلۇڭ قانداق ئۈچبۇلۇڭ بولىدۇ دەپ سورىدى" رىشاتكام تۇرۇپ كېتىپ، "ئۇنداق 3 بۇلۇڭ ئەلۋەتتە يېرىلىپ كېتىدۇ-دە دەپ جاۋاب بەردى" ھەممىمىز يەنە پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق. ئۇنۇڭ ھەر بىر دەرسىدە چاقچاقلىرى ئۈزۈلمەيتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنۇڭ دەرسىدە بېرە ئوقۇغۇچىنىڭ مۈگدۈيىپ قالغىنىنى كۆرمەيمىز. مېنىڭ چەت ئەل ھاياتىمدا دەرسلەرنى رىشاتكامغا ئوخشاش ئانا تىلىدا قىزىقارلىق دەرس ئۆتكەن سۆيۈملۈك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن باشقا بىرەر ئوقۇتقۇچىنى تېخى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم.

بىز ئوقۇغان قاراردا ئىككى ماتېماتىكا سىنىپى بولاتتى. مەن ئوقۇغان سىنىپ 79-يىللىق 2-سىنىپ. يەنە بىر سىنىپ 79-يىللىق 4-سىنىپ ئىدى. مەن ئوقۇغان سىنىپتا تۆتىمىز ياپونىيەدە ئوقۇپ، ئۈچىمىز دوكتورلۇق، بىرىمىز ئىقتىسادتىن ماگىستىرلىق (مېنىڭ ئايالىم) ئۇنۋاننى ئالدۇق. 79-يىللىق 4-سىنىپتىن ئىككىسى ياپونىيەدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدى. بۇ ئىككى قارارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھازىر ۋەتەندە داڭلىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مانا بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈپ، بىلىمنى ئىلىكلىرىمىزگىچە سىڭدۈرگەنلىكىدىن بولغاندۇر. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

sawaqdashlar.jpg

ئالدىنقى رەت سولدىن 4-كىشى رىشات ئاكا.

بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتىمىزدا رىشاتكامنىڭ رىمان گېئومېتىرىيە دەرسىنى تاللىغان ئىدۇق. رىمان گېئومېتىرىيىسى خېلى تەس دەرسكە كىرىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر تەس دەرسنى رىشاتكام ئانا تىلىدا بەكمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۆتۈپ بەرگەن. رىمان گېئومېتىرىيىسى ئېينىشتېين نەزەرىيىسىنىڭ جېنىدۇر. رىشاتكام 30 يىلنىڭ ئالدىدا بىزگە قارا ئۆڭكۈر، ئېينىشتېين نەزەرىيىسىنى بەكمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن. مېنىڭ ئالەم ئىلمىگە ھازىرمۇ قىزىقىشىم مانا شۇ رىشاتكامنىڭ ئاشۇ ۋاقتىدا سۆزلىگەن لېكسىيىلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. مېنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇستازىم فىزىكا ئالىمى بولغاچقا، ئۇنۇڭ تەتقىقاتلىرى تېنزور (tensor) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئوقۇتقۇچىم بىلەن تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا، مەن ئۇنۇڭ سوئاللىرىغا خېلى ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ ئۇنى ھەيران قالدۇراتتىم.

رىشاتكام قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئاز ئۆتمەي يەنى 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتىم. ياپوندا 10 يىل تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇستازىم رىشاتكام بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتى پەقەتلا بولمىدى. بىراق دائىم ئۇستازىمنى ئەسلەيتتىم. ئۇنۇڭ ماڭا بەرگەن چەكسىز بىلىمى ئۈچۈن بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈشۈپ رەھمىتىمنى ئېيتقۇم بار ئىدى. ياپونىيەدە ماتېماتىكىدىن ماگىستىرلىق ھەم دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشتىم. ئامېرىكادا تۇرغان ۋاقتىمدىمۇ داۋاملىق ئۇستازىم رىشاتكام بىلەن پاراڭلىشىش ئۈمىدىم پەقەتلا ئۈزۈلمىدى. 2006-يىلى مەن ئاخىرى  قازاقىستاندىكى رىشاتكامنىڭ قول تېلېفوننى ئىزدەپ يۈرۈپ تاپتىم. قول تېلېفوننى تاپقان كۈنى قازاقىستانغا تېلېفون قىلىپ رىشاتكام بىلەن ئاخىرى پاراڭلاشتىم. ئۇ مېنى تېلېفوندا ئۇققاندىن كېيىن يىغلاپ تاشلىدى. مەن ھەم ئايالىم ئىككىمىز ئۇنۇڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئۆپكىمىزنى باسالماي يىغلاپ كەتتۇق. قەدىرلىك ئۇستاز دېگەننى تاپقاندا پۈتۈن بەدەن باشقىچە سىلكىنىپ ئاجايىپ بىر دۇنياغا كىرگەندەك بولۇپ قالىدىكەن ئادەمدە. بۇ مىنۇتلار مېنىڭ ھاياتىمدا مەنگۇ ئۆچمەيدىغا مىنۇتلاردۇر! رىشاتكام مەنىڭ ئامەرىكادا ماتەماتىكا پروفەسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ بەكمۇ تەسىرلىنىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئىككىڭلاردىن مەڭگۈ رازى. مەن سىلەردىن بەكمۇ پەخىرلەندىم. رىشاتكام مېنىڭ ھازىرقى ئورنۇمنى بىلگەن بولسا ئوقۇغۇچىسىدىن قانچىلىك پەخىرلەنگەن بولغىيتتى؟"

R7.jpg


مۇشۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن بىز ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بەزىدە تېلېفون ئۇرۇپ تۇرىدىغان بولدۇق. رىشاتكام 2006-يىلى ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئوغلىنىڭ يېنىدا بىر يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن 2007-يىلى بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مېنىڭ ئۇنۇڭ بىلەن تېلېفوندا ئىككى قېتىم سۆزلىشىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇنۇڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ماتېماتىكا ساھەسىدىكى چوڭ بىر يوقىتىشتۇر. ئۇنۇڭ خەلقىمىزگە قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزلىرى نۇرلۇق يول بولۇپ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

ئاخىرىدا رىشاتكامنىڭ رەسىملىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن ئەلى رىشات ئۇكامغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!



0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 14:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تاشپولات ئاكا،يەنە بىر ئالىمىمىز بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بەرگىنىڭىزگە؟
مەن بۇندىن بۇرۇن بۇ ئالىمىز توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدىم .
ئاخىردا تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2436

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 778
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 14:54:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنى بىلىۋالدىم.ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!

3

تېما

1

دوست

1736

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 487
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 15:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنى بىلىۋالدىم.ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!

0

تېما

0

دوست

371

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26210
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 16:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملىرىمىز مەڭگۇ ھايات

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 16:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى

1

تېما

7

دوست

6317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1652
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 17:02:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ يوقۇرى شەرەپ،ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ،بەرگەن بىلىملىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋەئۆزىگە بەرگەن ئىجابى باھاسى.
تاشپۇلاتكا،سىز ئۆز ئۇستازىڭىزغا،ھەققى شەرەپ كەلتۈردىڭىز.ئۇنىڭ روھى سىزدىن خوش بولىدۇ.ئاللا، بۇ ئۇستازغا جەننەت ئاتا قىلسۇن.

2

تېما

12

دوست

4223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 17:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنى بىلىۋالدىم.ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )