قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1241|ئىنكاس: 8

بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 18:45:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۆكەن خانلىقى ھەققىدە رىۋايەت



           بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ، ئەدەبىياتى ، دىنىي ئېتىقادى … قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە ئاساسلىقى ئورخۇن – سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ( مىلادى 747 – 840 – يىللار ) ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانى — مويۇنچۇرنىڭ كەنجى ئوغلى بۆكەخاننىڭ ( ئېل تېكىن ياكى تەڭرى خاقان ) تۇغۇلۇشى ، تەختكە چىقىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئومۇمىي پائالىيەتلىرى خەلق رىۋايەتلىرىگە خاس گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىنغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ ، بۇنى فرانسۇز تارىخچىسى دوسسون ئۆزىنىڭ « جامىئۇت تەۋارىخ » دېگەن كىتابىغا ئاساسەن يازغان « موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەپ قالدۇرۇلغان .« ….. قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالىرىنىڭ تۇغلا ، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىدا «قۇملانجۇ» دېگەن جاي بار ئىكەن . شۇ جاينىڭ بىر – بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بولۇپ ، بۇنىڭ بىرىنىڭ نامى فېستۈك ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قىزىل قارىغاي دېگەن مەنىدە بولۇپ ، « بوز تۈك » دەپ ئاتالغان ) ئىكەن . ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئاق قارىغايغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، ھەمىشە يېشىل ئارچىدەك كۆكىرىپ تۇرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۇرۇقى (مەدىكى) ئاق قارىغاينىڭكىگە ئوخشايدىكەن . دەرەخنىڭ يەنە بىرى ياۋا قارىغاي ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇتلا كىچىك بىر دۆڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ . بۇ دۆڭ كۈن ئۆتكەنسېرى ئېگىزلەشكە باشلاپتۇ . دۆڭنىڭ ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇچە شام يېنىپ تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلار دۆڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئىچىدىن خۇددى ناخشا ئېيتقاندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن . ھەر كېچە ئەھۋال شۇنداق بولۇپ تۇرىدىكەن . دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى شام بارغانسېرى چاقناپ دۆڭدىن 30 قەدەمچە كېلىدىغان ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان بوپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆڭدىن ئۇشتۇمتۇتلا بىر ئىشىك ئىچىلىپتۇ . شۇ ئىشىكتىن دۆڭنىڭ ئىچكىرىگە قارىغانلار دۆڭنىڭ ئىچىدە خۇددى ئوتاۋ ( كىگىز ئۆي ) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئېغىز ئۆينىڭ بارلىقىنى ، ھەر بىر ئۆيگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۈمۈش سەگۈنچەكلەرنىڭ ئېسىلغانلىقىنى ، سەگۈنچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردىن بوۋاق ئوغۇل بالىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى ، بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدا سۈت ئەمگۈزىدىغان ئېمىزگىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيدىكەن . ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئاجايىپ بوۋاقلارنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھۆرمەت ئىزھار قىلىشىپتۇ . بۇ بەش نەپەر ئوغۇل بوۋاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ھەرىكەتلىنىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ . ئۇيغۇرلار ئىنىگئانىلارنى تەيىنلەپ ، بوۋاقلارنى ئېمىتكۈزۈپتۇ . بوۋاقلار تىلى چىققان ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ . كىشىلەر ئۇلارغا ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ قويۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇل دەرھال دەرەخكە چوقۇنۇپتۇ . دەرەخ ئادەمگە ئوخشاش تىلغا كىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ ئۆسۈشى ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆمۈر كۆرۈشىنى قۇتلاپتۇ . شۇ جايدا كىشىلەر بۇ بەش ئوغۇلغا خۇددى شاھزادىلەرگە ئىتائەت قىلغاندەك بويسۇنۇشۇپتۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇڭقار تېكىن ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى قۇتچۇر تېكىن ، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى بۇقا تېكىن ، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئۆر تېكىن ، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆكە تېكىن ئىكەن . ئۇيغۇرلار بۇ ئوغۇللارنى تەڭرى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىنى خاقان قىلىشنى قارار قىلىشىپتۇ . ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە بۆكە تېكىن چىرايلىق ، ئەقىللىق ، تالانتلىق بولۇپ ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىكەن . شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆكە تېكىننى خاقان قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن ئىكەن . بۆكە تېكىن خاقانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپتۇ . دۆلەتنىڭ ئاھالىسى كۆپىيىپتۇ . تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن . بۇ قۇشلار نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن . بۆكەخان بۇ قۇشلارنى ھەمىشە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن » .« كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىسى بۆكەخان چېدىر ئىچىدە ياتقاندا ، بىر ئىلاھى جاننى كۆرۈپتۇ . ئىلاھى جان گۆدەك قىز قىياپىتىدە كۆرۈنۈپتۇ . خاقان قورقۇپ ، يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ ، گەپ قىلىشقا پېتىنالماپتۇ . ئىككىنچى كېچىسىمۇ يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . ئۈچىنچى كېچىسى بۆكەخان بۇ ئەھۋالنى باش ۋەزىرگە ئېيتىپ قويۇپ ، ئۆزى پەرى قىزغا ئەگىشىپ «قۇت تېغى» ( بەخت تېغى ) دەپ ئاتالغان تاغنىڭ ئىچىگە بېرىپتۇ . تاڭ ئاتقۇچە قىز بىلەن مۇڭدىشىپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كېچە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ تۇرۇپتۇ . مۇنداق ئەھۋال يەتتە يىل ئالتە ئاي 22 كۈنگىچە داۋام قىلىپ ، بۆكەخان پەرى قىز بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا قىز مۇنداق دەپتۇ : «كۈنچىقىشتىن كۈنپاتارغىچە پۈتۈن دۇنيا ساڭا بويسۇنىدۇ . سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ، ئەلنى ياخشى باشقۇرغىن » . پەرى قىز بۇ گەپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن غايىب بوپتۇ . بۆكەخان لەشكەر يىغىپ ، چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تېكىنگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇنى 300 مىڭ قوشۇن بىلەن موڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئېلىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئىككىنچى ئاكىسى قۇتچۇر تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلار ئۈستىگە ماڭغۇزۇپتۇ . ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقا تېكىننى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن جۇڭگوغا ماڭغۇزۇپتۇ . تۆتىنچى ئاكىسى ئۆر تېكىننى ئۆز ئېلىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپتۇ . يۈرۈشكە ماڭغان قوشۇنلار نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ، كۆپلىگەن ئەسىر ۋە ئولجىلارنى ئېلىپ ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ كېلىشىپتۇ . شۇ يەردە ” ئوردابالىق ” دېگەن بىر شەھەر بىنا قىلىنىپتۇ . شۇ چاغدا كۈنچىقىش تەرەپتىكى دۆلەتلەر پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلۇپتۇ . »« كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۆكەخان كېچىسى ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ ، چۈشىدە ئاپئاق چاپان كىيگەن ، ئاق ھاسا تۇتقان بىر ئەر كىشىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ بىر پارچە قاشتېشىنى بۆكەخانغا بېرىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : « سەن مۇشۇ تاشنى مەڭگۈ ساقلىيالىساڭ ، پۈتۈن جاھان ساڭا باش ئېگىدۇ» . بۆكەخاننىڭ باش ۋەزىرىمۇ خۇددى شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ . ئەتىسى بۆكەخان ھەربىي ھازىرلىققا كىرىشىپ ، كۈنپېتىش تەرەپكە قوشۇن باشلاپ مېڭىپتۇ . بۇ قوشۇنلار تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ، تۈپ – تۈزلەڭ ، بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان ، سېمىز ماللار سەكرىشىپ ئويناپ تۇرغان بىر يايلاقنى كۆرۈپتۇ . قوشۇن شۇ يەردە توختاپتۇ . ئۇلار شۇ يەردە بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىپتۇ . قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جاي – جايلارغا بېرىپتۇ . 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ بىر خىل ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ ھەم بۇ جاينىڭ سىرتىدا يەنە ئىنسان يوقتۇ دەپ ئويلاپتۇ . بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكەخان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ . ئۇلار بۆكەخانغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپتۇ …. . بۆكەخان ئۇلارنى ئۆز ئەللىرىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ . چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن بۆكەخان بالاساغۇندىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ . »« بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » سيۇژىت تۈزۈلۈشى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە ھەم رىۋايەت ژانىرلىرىغا خاس فانتازىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ئاساسلىق پېرسوناژ بۆكەخان سىرلىق مۆجىزات ئىگىسى بولغان بىر شەخس سۈپىتىدە قىزىقارلىق قىلىپ سۈرەتلەپ بېرىلگەن . بولۇپمۇ رىۋايەتنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىكى ئىخچاملىق ۋە راۋانلىق ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئالاھىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن ؛ ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، رىۋايەتتىكى ئاجايىپ مۆجىزات ئىگىسى بولغان بۆكەخاننىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرى بەلگىلىك تارىخىي رېئاللىقنى ئۆزىنىڭ تايىنىش ئاساسى قىلغان ھالەتتە قويۇق فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن تەسىرلىك ئىپادە قىلىنغان .«تاڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» بابىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا ، رىۋايەتنىڭ باش قەھرىمانى بۆكەخان تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخس . رىۋايەت بۆكەخان ھەققىدىكى رېئال تارىخىي پاكىتلارنى فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلار بىلەن تۈسلەندۈرۈش ئاساسىدا توقۇپ چىقىرىلغان . « تاڭ سۇلالىسى تارىخى » دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ئىچىدە بۆكەخان ئىسىملىك مەشھۇر خاقانمۇ بولغان . ئۇ ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ياشىغان مويۇنچۇرنىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئېل تېكىن بولۇپ ، ئاتىسى مويۇنچۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مىلادى 759 – 780 – يىللاردىكى خاقانى سۈپىتىدە ئاتىسىنىڭ تەختىنى ئىگىلىگەن . بۆكەخان ھەققىدىكى رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان « پەرى قىز بىلەن 7 يىل 6 ئاي 22 كۈن سۆزلەشكەن …. » ، « بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىلىپ … 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ … »دېگەن سۆزلەرنى ئەينى دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقلار بىلەن باغلاشتۇرۇپ قارىغاندا ، ئۇنىڭ ھېقىقى پاكىتلاردىن بەك چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى سېزىۋېلىش مۇمكىن . بۇ رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن سانلارنى جەملىگەندە تەخمىنەن 20 يىل بولىدۇ ، بۇ ۋاقىت بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىنى كۆرسىتىدۇ . رىۋايەتتە يەنە بۆكەخاننىڭ بەش ئوغۇلنىڭ ئەڭ كەنجىسى ئىكەنلىكى ، ئاكىلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنغان . بۇ مەلۇماتلار « تاڭ سۇلالىسى تارىخى » دا يېزىپ قالدۇرۇلغان «مويۇنچۇر خاننىڭ يابغۇ تېكىن ، قۇتچۇر تېكىن ، ياغلاقار تېكىن ، تون باغا تېكىن ، بۆكە تېكىنلەردىن ئىبارەت بەش ئوغلى بولغان » دېگەن پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ . بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىنى « تاڭ سۇلالىسى » دەۋرىدىكى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، رىۋايەتنىڭ ھەقىقەتەن تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا پەيدا بولغانلىغى تېخىمۇ روشەن بىلىنىدۇ .مىلادى 712- 756- يىللار تەختتە ئولتۇرغان تاڭ پادىشاسى تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ خېبىي ئەتراپلىرىدا تۇرىدىغان ھەربىي – مەمۇرىي ۋالىسى ئەن لۇشەن ئىسيان كۆتىرىپ نۇرغۇن قوشۇن بىلەن چاڭئەنگە قاراپ باستۇرۇپ كېلىدۇ . تۇڭگۇەندە بولغان دەھشەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن ئەن لۇ شەن تاڭ پادىشالىغىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ ، پايتەخت چاڭئەننى بېسىۋېلىپ ، ئۆزىنى پادىشا دەپ ئېلان قىلىدۇ . بۇ مەزگىلدە تاڭ شۇەن زۇڭنىڭ ئوغلى تاڭ سۇزۇڭ گەنسۇ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرى سەركەردىسى گو زىيىنىڭ قوللىشى بىلەن تاڭ پادىشاسى دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئەن لۇ شەن — شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ . نەتىجىدە ئۇيغۇر خاقانى مويۇنچۇر تاڭ پادىشاسىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئاساسەن ئەن لۇ شەن ئىسيانىنى تىنچتىش ئۈچۈن 756 – يىلى يابغۇ تېكىننى ئەۋەتكەن بولسا ، شى سىمىڭ توپىلىڭىنى باشتۇرۇش ئۈچۈن 762 – يىلى خاقان بۆكە تېكىننىڭ ئۆزى جوڭگوغا كەلگەن . نەتىجىدە توققۇز يىل داۋام قىلغان ئەن لۇشەن – شى سىمىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بەرگەنلىك ئۈچۈن تاڭ پادىشاسى بۆكە خانغا « قەيسەر ، ھەققانىي ، تۆھپىدار بىلگە خاقان » دەپ ھۆرمەت نام بەرگەن .مىلادى 765 – يىلى بۆكە تېكىننىڭ يەنە بىر ئاكىسى ياغلاقار تېكىن ياڭ پادىشالىقىغا غەرپ تەرەپتىن ھۇجۇم باشلىغان 100 مىڭ كىشىلىك تاڭغۇت قوشۇنىنى ھازىرقى نىڭشىيا ئەتراپىدا تارمار كەلتۈرۈپ ، زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ پادىشاسى ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ تاۋار – دۇردۇن ھەدىيە قىلغان ئىكەن ……دېمەك ، « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » تە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر بەلگىلىك تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىدىكى قەدىمىي ژانىر — رىۋايەتنىڭ فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى بويىچە توقۇپ چىقىرىلغان . يەنى مەلۇم تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا يۈكسەك تەسەۋۋۇر ۋە مول فانتازىيىلىك ئېلىمېنتلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قىزىقارلىق ئىپادە قىلىنغان . رىۋايەتتە فانتازىيىلىك تەسەۋۋۇر بىلەن قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىغا ئائىت بەزى چۈشەنچىلەر ئارىلاش ئىپادە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، رىۋايەتتە ئېيتىلغان بۆكەخان باشلىق بەش ئوغۇلنىڭ خىسلەتلىك ئىككى تۈپ دەرەخ ئارىسىدا پەيدا بولغان كىچىك دۆڭدە تۇغۇلغانلىقى ۋە بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەخكە ، دۆڭگە ھەم خىسلەتلىك بەش بوۋاققا چوقۇنغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقىدۇر . چۈنكى ، شامان دىنى ئىپتىدائىي كۆپ ئىلاھلىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، كىشىلەر شامانىزىم چۈشەنچىسى بويىچە ئوتنى ، دەرەخنى مۇقەددەس ئىلاھ سۈپىتىدە تونۇيتتى . خاقانلارنى بولسا ئىلاھنىڭ يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى دەپ قارايتتى . شۇ سەۋەبتىن قەدىمقى شامان ئېتىقادىدا ئوتقا ( نۇرغا ) ، دەرەخكە ۋە پادىشالارغا چوقۇنۇش مۇقەددەس ئىش ھېسابلىناتتى . دېمەك ، مانا بۇ قەدىمىي دىنى ئېتىقاد ۋە ئۆرپ – ئادەت چۈشەنچىسى « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت» تە ئەنە شۇنداق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .رىۋايەتتە يەنە « تەڭرى بۆكەخانغا ئۈچ قۇش ئىنئام قىلغان ئىكەن ، بۇ قۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن …. » دېگەن بايانمۇ بار . بۇ ئېھتىمال ئۇيغۇر ئورخۇن خاقانلىغىدىكى خارجى ئىشلارغا مەسئۇل قىلىنغان ، كۆپ خىل تىللارنى ئىگەللىگەن قابىلىيەتلىك ئۈچ نەپەر ۋەزىرنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولسا كېرەك .خۇلاسىلىغاندا ، « بۆكەخان ھەققىدە رىۋايەت » رېئال ، ھەقىقىي ، تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر ئاساسىدا يارىتىلغان ، ئۇنىڭدىكى فانتازىيىلىك توقۇلمىلارنى چىقىرىۋەتكەندە ، كۆز ئالدىمىزدا قالىدىغىنى رېئال تارىخىي شەخس ۋە ۋەقەلەردىن ئىبارەت . شۇڭا بۇ رىۋايەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ، ئېتنوگرافىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ، خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى نەمۇنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ئۈگۈنۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 22:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىمىزنى ،ئەجدادلىرىمىزنى مەڭگۈ ياد ئىتەيلى ،بىزنىڭ تارىخىمىز شانلىق تارىخ،بىزنىڭ مۇساپىمىز ئەجدادلارغا ۋارىسىلىق قىلىدىغان مەڭگۈلۈك يولدۇر .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

411

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6274
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 23:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلارنى سېغىنىش-مىللى روھنى ئۇرغۇتىدۇ.

2

تېما

4

دوست

3269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 23:50:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر . بىلمىگەن تارىخلاردىن خەۋەردار بولدۇم .

2

تېما

12

دوست

4255

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1290
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 00:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈرئاللائەجرىڭىزنى بەرسۇن.

0

تېما

0

دوست

1608

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24563
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 18:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،مۇشۇنداق تىملارنى كۇپىرەك يۇللاڭ.

1

تېما

0

دوست

519

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24387
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 19:35:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم « 1632677944»

     ...»بۆكەخان ھەربىي ھازىرلىققا كىرىشىپ ، كۈنپېتىش تەرەپكە قوشۇن باشلاپ مېڭىپتۇ . بۇ قوشۇنلار تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ، تۈپ – تۈزلەڭ ، بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان ، سېمىز ماللار سەكرىشىپ ئويناپ تۇرغان بىر يايلاقنى كۆرۈپتۇ . قوشۇن شۇ يەردە توختاپتۇ . ئۇلار شۇ يەردە بالاساغۇن دېگەن شەھەرنى بىنا قىپتۇ . قوشۇنلار بۆلۈنۈپ جاي – جايلارغا بېرىپتۇ . 12 يىل ئىچىدە كۆپ ئەللەرنى ئېلىپ بىر خىل ياۋايى ئادەملەر ياشايدىغان جايغىچە بېرىپتۇ ھەم بۇ جاينىڭ سىرتىدا يەنە ئىنسان يوقتۇ دەپ ئويلاپتۇ . بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى بۆكەخان بىلەن كۆرۈشۈپتۇ . ئۇلار بۆكەخانغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈپتۇ …. . بۆكەخان ئۇلارنى ئۆز ئەللىرىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ . چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن بۆكەخان بالاساغۇندىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئېلىگە قايتىپ كەپتۇ »
    يۇقارقى نەقىل ۋە تەھلىلىڭىز ئارقىلىق، مىلادى 715-يىلى تەختكە چىققان مۇيۇنچۇرنىڭ دادىسى «بۆكە»(بۆكەن)خاننى «قۇز ئوردا-بالاساغۇن»نى تۇنجى قۇرغۇچى تەرىزدە تىلغا ئېلىشىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئىبنۇل ئەشىر، جۈۋەينى ۋە دۇسسۇننىڭ خەلىق رىۋايەتلىرى ئاساسىدىكى «بۆكە»خاننى ئەفراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ يانداشتۇرۇلغانلىقى بىلەن زىتلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۈرىلىدۇ. خەلق رىۋايەتلىرى ئاساسىدىكى ئەفراسىياپ بىلەن تەڭداش «بۆكە»خاننى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 715-يىللىرى تەختكە چىققان «بۆكە»خانغا يىل ھالقىسى جەھەتتىن نەقلەشتۈرۈپ، «بالاساغۇن» شەھرىنىڭ قۇرۇلىشىغا نىسبەتەن دەۋىر ئېنىقلىمىسى بېرىش، ماھىيەتتە، تۈركى مىللەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مىللەت ئاساسىنى تەشكىل قىلغۇچى قەۋىم-قەبىلىلەرنىڭ دەسلەپكى قۇت بەلگىسى بولۇش ئىھتىمالى، شۇنداقلا تارىخىمىزدىكى بىرنەچچە پادىشاھنىڭ «بۆكەن»دىن ئىبارەت ئىپتىخار نامىنى قوللۇنۇش ئىھتىمالىنى نەزەرگە ئالمىغانلىق؛ ھەتتا «بالاساغۇن» شەھرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتىنى مىڭ يىل كەينىگە سۈرىۋەتكەنلىك بولۇپ قالىدۇ.
   مېنىڭچە، «بۆكەن»نى مۇئەييەن شەخسكە بىرلەشتۈرۈپ، زامان ھالقىسىغا ئېگە قىلىش، خەن سولالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى-كېيىن تۇرىدىغان «بۆكەن» سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن مەدىيەت يادىكارلىقى بويىمىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق يېرى شۇكى، «بالاساغۇن»نى سىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىڭىز ئاستىدىكى «بۆكە» (بۆكەن)خان قۇرغانمۇ ياكى «بۆكەن» قۇت بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى باشقا «بۆكەن»خان قۇرغانمۇ ؟ -دېگەن مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان «يېڭى تاڭنامە- جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دىكى «بالاساغۇن»غا تەڭداش ئۇقۇم بولغان «بۇيلا سانغۇن» (裴罗将军城)  ۋە «بۇيلا سانغۇن»دىن كېيىن تۇرىدىغان مەشھۇر كىشىلەر ئىسمىدىكى يۇرت تەخەللۇسىدىكى «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىنىڭ بېشىدىكى ئىككى بوغۇم «بالا»(«بىرلە- بىللە، بىلەن... بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ” ر“ ھەرپى تاشلىنىپ، ”بىلا، بىلە“ دېيىلىدۇ» («تۈركىي تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 561- بەت).)غا ۋەكىللىك قىلغۇچى «بۇيلا» قاتارلىقلار «بالاساغۇن»نىڭ قۇرۇلىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئەجەللىكى «ئاتاساغۇن» بىلەن «بالاساغۇن»نىڭ ھەقىقى تارىخى مەناسىدىكى «بىرلىكسەپ» ئومۇمىي ئۇقۇمى، سىز تەكىتلىگەن «بۆكە»خاننىڭ يەككە ھەركىتى بىلەنلا پۈچەك ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ.      
   بىز تېخىمۇ ئىنچىكە تارىخى نەزىرىمىز ئارقىلىق، ئەفراسىياپ بىلەن «بۆكەخان» بىرلەشتۈرۈلگەن لېكىندىغا ۋە «بالاساغۇن»نىڭ قۇرۇلىشىغا ئائىت تارىخى ئېنىقلىمىغا قارايدىغان بولساق، «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئۇچرايدىغان تۆۋەندىكى قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇر ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ:
   «...زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ ‹شۇ› ئىسىملىك بىر ياش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى ‹شۇ› قەلئەسىنى ‹شۇ› ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ‹زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرىشىمىزمۇ ؟ نىمە بۇيرۇقلىرى باركىن ؟ › دەيدۇ. ئەسلىدە خاقان ‹شۇ› خۇجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىپ تاپقان قىرىق كىشىلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەن ئىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپى ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۆمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىگى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆدەكلەر چۈشۈپ شۇڭغۇپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ موشۇ كۆمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ: ‹غاز، ئۆدەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن ؟ ›دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملىرىنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ، ئۇلاردا ‹خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس› دېگەن گۇمان پەيدا بولۇپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم  قىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن، خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بوپتۇ. ئۇلاق تاپالىغانلار ئالدىراش- تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاقلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ  ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ، تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپ-تۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كۆچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاق تاپالمىغانلىقتىن، بالا –چاقىللىرى بىلەن شۇ يەردە قېلىپ قاپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنى كىتاپنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم،  ماللىرىغا باسىدىغان تامغىللىرىنىمۇ شۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىش ھەققىدە مەسلەھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ ئۇلارنىڭ بالا-چاقىللىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك-تاقلىرىنى دۇمبىللىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋېتىپ، ھېرىپ-ئاچقان، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۈمگەن ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېلىپ قالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا: ‹ئەي ئادەملەر، زۇلقەرنەين بىر يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىزنىڭ يەرلەردە قېپقالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز› دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە: ‹قالاچ-مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار› دەپتۇ. كېيىن ئۇلار ‹قالاچ › دەپ ئاتىلىپ قالغان. خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر. زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار ‹تۈرك مانەند-تۈرككە ئوخشايدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنكە قەدەر نام بولۇپ قالغان.  تۈرۈكمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر. لىكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شۇدۇر. خاقان ‹شۇ› چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ، زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش ‹ئالتۇنقان- ئالتۇن خان› دېگەن يەردە بولغان ئىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە ‹ئالتۇنخان› دەپ ئاتىلىدۇ، زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھ تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، خاقان ‹شۇ› قايتىپ كېلىدۇ. ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرلەيدۇ، ئاندىن ئۆزنامى بىلەن ئاتالغان ‹شۇ› شەھەرنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇردىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ. تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ» (3-قىسىم، 564-بەت).
   
   يۇقارقى ئۇچۇر «...بالاساغۇن يېنىدىكى <شۇ> قەلئەسى... ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى.» -دېگەن باياندىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 329-يىللاردىكى ئىسكەندەرنىڭ شەرق ئىستىلاسىدىن بۇرۇن «بالاساغۇن»نىڭ تېخى قۇرۇلمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىمىز.
   ئۇنداقتا «بالاساغۇن» قاچان قۇرۇلغان؟ «بالاساغۇن» كىم تەرىپىدىن قۇرۇلغان؟
   «بالاساغۇن» مىلادىدىن ئىلگىرى 328-يىلدىن 320-يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈم «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىنىڭ مەنا- يەشمە چۇڭقۇرلىقىدىن ئايان. بىز «ئاتاساغۇن» ۋە «بالاساغۇن»دىكى «ئاتا» ۋە «بالا»نى نەزەرگە ئالمىغاندا قېلىپ قالغان «ساغۇن»غا نەزەر سالساق، «ساغۇن»نىڭ «سا» ۋە «غۇن»غا بۆلۈنۈپ، بۇ ئىككى بوغۇمنىڭ تارىختىكى «ساك»لار بىلەن «ھون»لارنىڭ نامى ئېنىقلىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ «ساك ھون»نى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىساق نەتىجە «ساغۇن» بولۇپ چىقىدۇ. «بالاساغۇن»دىكى «بالا»(بىلا)نىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى يەشمىسى «بىرلە- بىللە، بىلەن... بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ” ر“ ھەرپى تاشلىنىپ، ”بىلا، بىلە“ دېيىلىدۇ» («تۈركىي تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 561- بەت). بىز «بالا» بىلەن «ساغۇن» ئىزاھاتىنى بىرلەشتۈرسەك «بالاساغۇن- ساك بىلەن ھون بىللە» (بالاساغۇن- ساك بىلەن ھونلارنىڭ بىرلىكسېپى) -دېگەن ماھىيەتلىك خۇلاسىگە كېلىمىز. دېمەك، سىز ئوتتۇرغا قويغان، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى «بۆكە»خاننىڭ غەرىپ تامان ئاتلىنىشىدىن «بالاساغۇن- ھونلار بىلەن ساكلارنىڭ بىرلىكسېپى»نى قۇرۇشتەك تارىخى ئەينەنلىكنى كۆرەلمەيمىز. «بالاساغۇن» شەھرىنى ئىسكەندەر ئىستىلاسىغا ئۇچراپ چېكىنگەن «شۇ»خاقان بىلەن «ئالىپ ئايا» بىرلىشىپ سالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچى قول ماتىرايلىنى «دىۋان»دىكى «شۇ»خاقاننىڭ شەرىقكە چېكىنىشى ئارقىلىق كۆردۇق. ئەمدى، ئىككىنچى قول ماتىريال بولغان «ئالىپ ئايا»نىڭ ئىسكەندەر ئىتىلاسىدا شەرقكە چېكىنگەنلىكىدەك ئۈچۈرنى كۆرۈپ باقايلى:
   « سۈ كەلدى يەر ياپا
   قارار قار (كۆكنى با)سا
   قاچتى ئاڭار ئالب ئايا
   ئۇفۇت بولۇپ ئول ياشار»
(«يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان چاڭ- توزان ئۇپۇقنى ۋە قارلىق تاغلارنى قاپلىدى، شۇڭا ئالپ ئايا دىگەن كىشى قاچتى، ئۇ يېڭىلگەچكە ئۇيۇلۇپ ياشىدى.») («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 288- بەت). شېىردىكى دەسلەپكى ئىككى مىسرا، ئىسكەندەر قوشۇنىنىڭ پامىر-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىغاندىكى دەھشەتلىك كۆرىنىش تەسۋىرى. كىيىنكى ئىككى مىسرادىكى تەسۋىرلەنگەن شەخس «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى «ئالپ ئايا» بولۇپ، ئۇ بەلكىم ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)تىن 171 يىل كېيىن ياشىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 329- يىللاردىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ «شۇ»خاقاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ 4-، 5-ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن. «ئالپ ئايا» چوقۇمكى «ئالىپ ئەرتۇڭا»دىكى «ئالپ»نى تەخەللۇس قىلغان.
   «دىۋان»دىكى «شۇ»خاقان بىلەن «ئالىپ ئايا»غا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىككى ئۈچۈردىن شۇ نەرسە ئايانكى، قەدىمكى غەربى چىنغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئىككى پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقارنەيىندىن قاچقان، ئۇلار شۇ چېكىنگەنچە «ئالتۇنتاغ»دىكى قېرىنداش ھونلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدىكى زىمىنگە چېكىنىپ، ئىسكەندەرگە قارشى ھونلار بىلەن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كۈچنى ئويۇشتۇرغان، ھەمدە ئىسكەندەرنى «پۈتۈم» تۈزۈشكە كەلتۈرگەن. «شۇ»خاقان بىلەن «ئالىپ ئايا» «پۈتۈم» نەتىجىسىدە ئۆز ئېلىنىڭ تېرىتورىيىسىگە قايتىش بىلەن بىرگە، بۇ تارىخى خاراكتىرلىك غەلىبىنىڭ مەڭۈلۈك ئابىدىسى بولغان ھونلار بىلەن ساكلارنىڭ بىرلىكسېپى -«بالاساغۇن»شەھرىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان. «ئالىپ ئايا» بىلەن «شۇ»خاقان بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان «بالاساغۇن»نىڭ كونكىرت ئورنى چوقۇم «شۇ»خاقاننىڭ زىمىنى بىلەن «ئالىپ ئايا»نىڭ زىمىنى ئارلىقىدا، يەنى ئىككى دۆلەت چىگرىسىگە تۇتاش جايدا بولىشى كېرەك.  مۇشۇ سەۋەپتىن مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز «ئارغۇ- ئىككى تاغ ئارىسى. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ <ئارغۇ> دىيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ يەرلەر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا.» («دىۋان»، 1-توم، 172-بەت) -دېگەن ئىزاھات ئارقىلىق «بالاساغۇن»نى ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ گىرۋىكى ياكى چېتىگە جايلاشقان، قەشقەر («ئۆرداكەنت»)كە يېقىن شەھەر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن.
  ئومۇمەن، «بۆكە»خان لېكىندىسىنىڭ ئەفراسىياپ بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلىنىشى، ئەفراسىياپنىڭ ئىككىنچى بىر ئاتىلىشى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ 4- 5- ئەۋلادى بولغان، يۇقارقى شېئىردا تەسۋىرلەنگەن «ئالىپ ئايا»دىن مۇستەسنا ئەمەس.            
                  

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 23:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1632677944 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 23:30  

تېمنڭ رىۋايەت بۆلكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )