«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ۋەسىيەت ۋە نەسىھەتلەر
110 تولال كونا بىر سۆز مەسەلدە كىلۇر ، ئاتا ئورنى ، ئاتى ئوغۇلغا قالۇر .
246 كىشى ياخشى ئات بىلەن ئالقىش ئالۇر ، يامان ئاتلىق بولسا قارغىش ئالۇر .
863 تىشىدەك ئىچىمۇ ، ئىچىدەك تىشى ، بۇ ياڭلىغ بولۇرچىن ۋە توغرا كىشى .
869 كىشى قىس ئەمەستۇر كىشىلىك قىس ئۇل ، دۇرۇس ، چىن كىشى ئۇ ، تولا ماختىلۇر .
1334 مەي ئىچمە ، بۇزۇقچىلىقتىن بولغىن يىراق ، زىنا قىلما ، پاسىقدەپ ئالما ئاتاق .
1338 ھاراق مىڭ گۇناغا پاتۇرغاي سىنى ، قاچار بەخىت زىنادىن ، يۈزۈڭ تۆكۈلۇر .
1664 دۇرۇسلۇق ، ئۇيات ھەم بۇ ياخشى قىلىق ، بىرىكسە بۇ ئۈچى بولۇر خوشچىلىق .
2724 تەمەگەر قۇل ئىرۇر ، گەر بولسىمۇ خان ، بولۇر پەس تەمەگەر كىشى ھەر قاچان .
2863 خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ ، قاچار پايدىلىق ئىش ھەممىسى يىراق .
4102 ئۇششاق سۆز قىلما سەن كىشىنى چىقىپ ، دۇرۇس سۆزلە ، تۇرماي بارىنى يىپىپ .
4114 باداشقاننى قۇرما ، يانچە ياتمىغىل ، قاقالاپ قاتتىق ئۈن بىلەن كۈلمىگىل .
4115 يانا تىرناق ئالما ، مىنگەشتۈرۈپ پۇت ، قىلىپ خار ، قاچۇرغاي سىنىڭدىن ئۇقۇت .
4116 سىنىڭدىن بۈيۈكلەر مەگەر قىلسا سۆز ، قۇلاق سال ئۇنىڭغا ، ئۆز سۆزىڭنى ئۈز .
4129 يىمەكنى ئال ئوڭ قول بىلەن ، ئى ھىكىم . ئاۋال ئىيت بىسمىللاھىر راخمانىرېھىم .
4212 قوشۇلما پىتنى خورغا ، بارما يىقىن ، ئۇنىڭكىن تىلىدىن چىقار ئوت - چىقىن .
4506 ئوغۇل - قىزغا ئۈگەت بىلىم ھەم ئەدەپ ، بىرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيا نەپ .
4508 پەزىلەتنى قويماي ئوغۇلغا ئۈگەت ، ئاڭا مال بەگۈسى يىغىپ پەزىلەت .
4605 پۈتۈن نەرسىنىڭ تەرتىپ - يۇسۇنى بار ، يۇسۇنلۇق بولسا ئەر يۈزى نۇرلىنار .
4606 يۇسۇن - قائىدە ئۇقماس قىلىقسىز كىشى ، كىشىگە قوشۇلسا ، تۈزۈلمەس ئىشى .
|