- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2910
- نادىر
- 0
- يازما
- 328
ئۆسۈش
30.33%
|
مەن نىمىشقا «ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ» دەيمەن ؟ ساتۇق
يەر ئاستى ئۆتۇشمە يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسام 10ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا - ئاكا تازلىق قەغىزى ئىلىۋالسا ئىككىسى بىر يۈەن - دېدى . مەن ئۇنىڭغا بىشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ لازىم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۇپ كەتتىم . بىر نەچچە قەدەم مىڭىشىمغا 50ياشلار چامىسىدىكى يامان ئەمەسلا بىر ئادەمنىڭ ئۇ بالىغا قاراپ - قانداق بىرەمسە ئۈچنى بىر يۈەنگە - دىگىنىگە ۋە ئۇ بالىنىڭ - ئاكا پايدا قىلمايدۇ ئىككىنى بىر يۈەنگە ئىلىۋەرسىلە - دىگەن تارتىشملىرى دىققىتىمنى تارىتتى . ھىلىقى ئادەم - بەرمىسەڭ بولدى ئالمايمەن - دىگىنىچە ئالدىغا قاراپ مىڭىشقا تەمشەلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن گەپ قېتىپ:
- ئاكا ئەگەر سىز ئىھتىياجلىق بولسىڭىز تالاشماي ئىلىڭ بىر يۈەننى ھازىر سەدىقىگىمۇ ، ھاجەتخانىغىمۇ بىرىۋىتىدۇ ، شۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل ئىلىپ خەجلەپ ئويناپ يۈرمەي ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ خىراجتىنى مۇشۇنداق كىچىك تىجارەتلەرنى قىلىپ چىقىرشىمۇ ياخشى ئىش ، ھىچ بولمىسا قوللاش ، رىغبەتلەندۈرۈش بوپ قالىدۇ - دىدىم .
لىكىن ئۇ ئاكىمىز گىپىمگە پىسەنىت قىلماي كىتىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئىسىمگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە بىر ئىش كاللامغا كەلدى . تەخمىنەن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر نەچچە كونا ساۋاقداش بالىلار دىدارلاشقاچ بازار ئايلاندۇق توساتتىن ئالدىمىزغا قولىدا يىرىم پىچىغلىق قوغۇن كۆتۈرگەن بىر كىشى كىلىپ سۆۋىتىنى ئالدىمىزغا قويدى دە:
- ھە ئۇكۇلۇرۇم ھەسەلدەك قوغۇن تىتىشىپ بىقىشماملا - دىدى .
قارىساق قوغۇن راسىت دىگەندەك رەڭگىمۇ چىرايلىق ئادەمنىڭ يىگۈسىنى كەلتۈرگۈدەك قوغۇن ئىدى ، مۇشۇ 1-ئايلاردىمۇ مۇشۇنداق پاكىز ساقلىغان قوغۇننىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن خوش بولغۇدەك ئىش ۋە باھاسىنى تالاشمايلا بىر-ئىككى تىلىم يەۋالساقمۇ ئەرزىيدۇ . ئارىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تىجارىتىنى قىلىپ مىليۇنىر بولۇپ قالغان بايۋەچچە ساۋاقدىشىمىز - ھە بولىدۇ يوغانراق پىچە ئاكا قەغەزدەك پىچماي - دىدى . قوغۇنچى ھەممەيلەنگە ئادەتتىكىدىن چوڭراقتىن پىچىپ بەردى . قوغۇننى يەپ بولغاندىن كىيىن ھەممەيلەن پۇلىنى تۆلەشنى تالاشتۇق لىكىن ئۇ مىليۇنىر ساۋاقدىشىم ئۇنىمايئۆزى 20يۈەننى چىقىرىپ بەردى . قوغۇنچى "رەھمەت " دەپ يانچۇقغا سىلىشقا تەمشەلدى ، توساتتىن ئۇ ساۋاقدىشىم :
- نەچچىدىن ئىلىپ قالدىڭ ئاكا؟_ دىدى ،
- تۆت تىلىمغا بەش يۈەندىن 20 يۇەن بولدى رازى بولاشلىما _ دېدى قوغۇنچى .
مىليۇنىر:
- ھەي ئاكا ھەي مەن پۇلنى يەرگە تىرىپ تاپمايمە نايماندىن كەلگەن كۆرۈپ قالدىڭمۇ يا ھەممە يەردە ئىككى يۈەندىن پىچسا سەن بەش يۈەندىن پۇل ئالامسە؟ ئاشقان پۇلنى قايتۇرە تولا گەپ قىلماي - دەپلا قوغۇنچىنىڭ قولىدىكى 20يۇەنگە ئىسىلدى .
قوغۇنچى پۇلنى بەرمەي چىڭ سىقىمدىۋىلىپ:
- ئۇكام مەن ئەسلى ئۈچ يۈەندىن پىچقان سىلە چوڭراق پىچسىلا دىگەندىن كىيىن شۇنداق بەش يۈەندىن پىچىتىم - دىدى .
مىليۇنىر - باشتا دەپ قويساڭ بولمامدۇ بولمىسا يىمەيتۇق 20يۈەنگە يوغان قوغۇندىن بىرسى كىلىدۇ ھازىر . شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىر ساۋاقدىشىم گەپكە ئارلاشتى:
- ماڭغا قارا سەن ئىككى-ئۇچ يىل يۇرىتقا چۇشمەي بۇرۇنقىغا ئوخشىتىپ قالدۇڭمۇ قوغۇن - تاۋۇزنىڭ ئەزانلىقىنى ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى ھازىر ئۇ پۇلۇڭغا كىچىك سويمىدىن بىرسىمۇ كەلمەيدۇ ئاكا بىرە مانىڭ پۇلىنى مەن بىرەي دەپ - پورىتمالىدىن پۇل چىقارغىلى تۇردى .
مىليۇنىر سەل نۇمۇس قىلدى بولغاي
- بولدى-بولدى نىمىنداق سەت ئىشنى قىلىسەن دەيمەن - دىگىنىچە ئۇنى تارتىپ ئىلىپ ماڭدى . شۇنىڭ بىلەن تارتىشمىلار تۇگىدى .
كەچتە ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن ئالدىمدىن ئۆتكەن بۇ ئىككى ئىش بۇندىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئوقۇغان ئامرىكىلىق بىر يازغۇچىنىڭ بىر ھىكايىسنى ئىسىمگە سىلىپ قويدى .
ئامرىكىدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ژورنال شىركىتىنىڭ لىدىرى داۋاملىق ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن شوپۇرغا كەمبەغەل يايمىچىلار بار يولدا ئۆيگە قايتىشقا تەۋسىيە قىلىدىكەن .ۋە شۇ يايمىچىلار قاتارىدىن گىزىت ساتقۇچى بالىلارنى ئىزدەپ شۇلارنىڭمۇ ئىچىدىن شۇ كۈنى گىزىت ساتالماي مەيۈسلىنىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ گىزىتىنىڭ ھەممىسىنى سىتىۋىلىپ قايتىدىكەن . ئۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقىنىغا 30يىلچە بوپتۇ ئۇنىڭ ھازىرقى شوپۇرى يىڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن ياش بولۇپ خوجايىنىنىڭ بۇ ئىشىدىن ئەجەپلىنىپ :
- ئەپەندىم سىز ئاتايىن بۇيەرگە كىلىپ گىزىت سىتىۋالمىسىڭىزمۇ ھەر كۈنى ئۈستىلىڭىزدىن شۇ كۈنلۈك يىڭى گىزىتلەر ئۈزۈلمەيدىغۇ - دەپ سوراپتۇ .
لىدىر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا شۇنداق گىزىت ساتقۇچى بالا ئىكەنلىكىنى بىر كۈنى ئۇ نەچچە ھەپتە تۈزۈك گىزىت ساتالماي گىزىتچىلىكتىن ۋاز كىچىپ باشقا ئىش قىلماقچى بولۇپ مەيۈسلىنىپ ئولتۇرسا توساتتىن يىراقتىكى بىر ئالى دەرجىلىك پىكاپتىن بىر زەردارنىڭ چۇشۇپ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ساتالماي قالغان گىزىتلىرنىڭ ھەممىسىنى سىتىۋىلىپ ، ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۆزىگە گىزىت لازىملىقىنى ئۆزىنى مۇشۇ يەردە داۋاملىق ساقلاپ ئۆزىگە گىزىت بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى ئىيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىلھام كىلىپ ئۆزىنىڭ گىزىتچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ ۋە شۇ باينىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇپ ئاخىرى شۇ باينىڭ گىزىتچىلىك شىركىتىدە خىزمەتكە چۇشۇپ ئىشلەپ ئاخىرى شۇ شىركەتنىڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلىنىپ ھازىرىقىدەك زەردارغا ئايلىنىپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇمۇ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكىدەك گىزىت ساتالماي روھى چۈشكۈن تۇرغان بالىلارغا ئىلھام بىرىش قوللاش يۈزسىدىن شۇنداق قىلىپ كىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەپتۇ .
يەنە بىر ئىش بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئامرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدىنتى بايدىن دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەندە بىيجىڭدىكى مەلۇم بىركىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يەپ پۇل بەرگەندىن كىيىن " ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ " دىگەن سۆزىنى تاراتقۇلار ماختاپ ئۇنىڭ غەرىبنىڭ ئادىتى بويىچە ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ دەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى دىگەن خەۋەرنى تىلۋۇزۇردىن كۆرگەن ئىدىم . دىمىسىمۇ مۇشۇ غەرىبنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ كىنولىردا بايۋەچچىلەر كىچىك يايمىچىلاردىن ، ئاشپۇزۇللاردىن نەرسە - كىرەك سىتىۋالغاندا ، تاماق يىگەندە پۇلنى ئارتۇقراق بىرىپ " ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ " دەپ كىتىپ قېلىشلىرىنىڭ ياكى مىھمانخانا ، رىستۇرانلارغا كىرگەندە مۇلازىملارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئارتۇقچە مۇلازىمىتىگە مەسىلەن ؛ پىكاپلىرنى ئەكىلىپ بىرىش ، پەلتۇ -چاپانلىرنى سىلىشىغا ياردەملىشىش ، يۈك -تاقىلىرنى توشۇشۇپ بېرش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرگە سۆيۈنچە پۇلى بىرىشىنىڭمۇ ئەسلى ئۇ ئاجىزلارغا شۇ ئىش ئارقىلىق ئىقتىسادى ياردەم بىرىش ، قوللاش ، ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم .
مەنمۇ بىر بايۋەچچە بولمىساممۇ بۇ ياخشى ئەخلاقنى دوراپ بىقىش ئۈچۈن بۇ ئىشقا يۈز يۈەن دەسمى سىلىپ ، شۇنداق كىچىك تىجارەتچى بالىلار ۋە ئاياللاردىن لازىملىق نەرسىلەرنى سىتىۋىلىپ ئىككى يۈەندىن ئارتۇق بەش يۈەندىن تۆۋەن ھىساباتقا بەش يۈەن بىرىپ ۋە بەش يۈەندىن يۇقىرى ئون يۇەندىن توۋەن بولغان ھىساباتلارغا ئون يۈەن بىرىپ " ئاشقان پۇلنى قايتۇرماڭ " دىيىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلماقچى بولۇۋاتىمەن ، سىز تىلەمچىلەرگە بەرسىڭىزمۇ بېرىسىز، بەزىدە خاتا سەدىقە قىلىپمۇ سالىسىز ، بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق كوچىدا سوغۇقتا قوللىرى توڭۇپ تىترەپ بىر ئۆينىڭ غېمى ئۈچۈن قەيسەرلەرچە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كىچىككىنە روھىي مەدەت بەرسەك توغرا ئەمەسمۇ ؟ ، تورداشلارنىڭمۇ مىنىڭ بۇ ئىشىمغا قانداق پىكىر - تەلەپلىرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى، تورداشلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى ئۇمىدى قىلىمەن ، ھەمدە بۇ خىل ئەخلاقنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدىمۇ تارقىلىشقا مۇناسىپمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟
|
|