- تىزىملاتقان
- 2010-10-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17777
- نادىر
- 0
- يازما
- 502
ئۆسۈش
100%
|
بىر يازغۇچىنىڭ چۈشكۈنلىشىشى
(تۇرسۇن تۆمۈر تەرجىمىسى )
يازغۇچى د مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن جىلغىدىكى مەكتەپنىڭ بوسوغۇسىدىن ئۆمۈلەپ -تىرمىشىپ دېگۈدەك تەستە چىقىپ يازغۇچىلىق تەختىگە ئولتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك گىزىت ژۇرناللاردا ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلىنغىلى تۇردى ،بەزىلەر ئۇنى ئىستىقپاللىق يازغۇچى ،كەمدىن كەم تىپىلىدىغان يازغۇچى دەپ تەرىپلىشىپ كەتتى .
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ،يازغۇچى د سىناپ كۆرۈش يۈزىسىدىن بىر پارچە ئاممىباپ ئەسەر يىزىپ مەلۇم ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ باقتى ،ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ژۇرنال تەھرىر بۆلىمىدىن ،ئۇنىڭغا : ئەسىرىڭىز ئوبدان يىزىلىپتۇ ،شۇ غىنىسى غىدىقلاش كۈچى كەمرەك بۇلۇپ قاپتۇ ،بۇنىڭدىن كىيىن يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى تېخىمۇ <تەملىك>رەك بولسا ،دەپ جاۋاپ خەت كەلدى .بۇ قىتىمقى قەلەم ھەققى ھەر مىڭ خەتكە 20 يۈەندىن بولغانىكەن .ئۇيەنە بىر پارچە ئەسەر يېزىپ چىقىرۋىدى ،ئۇ ئەسەر ئۇزۇنغا ئۆتمەي تالاڭغا چۈشكەن مال بۇلۇپ قالدى .
ئۇنى تېخىمۇ يىراققا ،تېخىمۇ چوڭقۇرغا تېيىلدۇرغىنى بۇ دورامقى ئىش بولدى ، مەلۇم بىر كۈنى ئۇ ئۈيدەئەسەر يېزىۋاتقاندا ،توساتتىن بىر نەشىريات سودىگىرى كىرىپ ئۇنىڭغا :ئەگەر كىتاپخانلارنىڭ ئىشتىھاسىنى تارتىدىغان ھەم قوزغىيالايدىغان ئەسەر يىزىپ چىقالىسىڭىز ، بىر پوۋىسىت ھېسابىدا 10 مىڭ يۇەن قەلەم ھەققى بېرىمىز ،دېدى . يازغۇچى د ئۆزىنىڭ چوڭ مىڭىسىنى تەپەككۇرىنى تازا جارى قىلدۇرۇپ «ئىشتىھاسىنى تارتىش ،قوزغاش » دېگەن مۇشۇ ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا بۇ پوۋىسىتنى پۈتتۈرۈپ چىقتى .
يازغۇچى د نىڭ بۇ پوۋېستتى قەپەسدىن چىقىشى بىلەنلا نەشىريات سودىگەرلىرىنىڭ ئارزۇلۇق نەرسىسىگە ئايلىنىپ قالدى .ئۇ ئارام ئېلىش ، تاماق يىيىش دىگەنلەرنى تامامەن ئىسىدىن چىقىرىپ ، كېچە كۈندۈز ئىشلەپ ، تېخىمۇ غەلىتە ،قالتىس غىدىقلاش كۈچىگە ئىگە ،كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغان ئەسەرلەرنى ئاپىرىدە قىلغىلى تۇردى . دەسلەپتە ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇردىغان كىتاپخانلار ئالدىدا خىجالەتتە قالغان بولسىمۇ ،لىكىن ئارقىغا قاراپ ھازىرقى دۇنيادا پۇل ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلىمەيدىغان كىم قالدى ،دەپ ئويلا ئېسى جايىغا چۈشتى .
ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، يازغۇچى د ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنى ئەكىس ئەتتۈردىغان بىر ئەسەرنى يېزىۋاتاتتى ، بۇنى نەشىريات سودىگەرلىرى بۇيرۇتقانىدى . توساتتىن شىرە ئۈستىدىكى تىلفۇن جىرىڭلاپ قالدى ،ئۇ تىلىفۇن تۇرۇپ تروپقىسىنى قولىغا ئېلىپ داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدى .
تېلىفۇن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن كەلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قىزىنىڭ بۇزۇقچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى ...ئۇ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى .ئۇنىڭ قىزى تېخى ئەمدىلا ئونبەش ياشتا ئىدىغۇ !ئۇنىڭ قوللىرى ،پۈتۈن ئەزايى لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى! ...
ئۇ قايغۇ -ھەسرەت ۋە تەشۋىش ئىلكىدە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىغا بارغانىدى .بىراق ،ئۇنىڭ قىزى ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈشنى خالىماي بىر پارچە خەت يىزىپ قالدۇرۇپ قويغانىكەن:«...دادا ،مەن ئەسلىدە سىزنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتىم ، سىزدىن پەخىرىنەتتىم ،ئەمدى سىزدىن نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالدىم .ئەگەر سىزنىڭ ئاشۇ ئەسەرلىرڭىز بولمىغان بولسا ، مەن ھەرگىزمۇ بۇ گۈنكىدەك ئاقىۋەتكە قالماس ئىدىم .سىز تەسۋىرلىگەن بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ،«جىنسىي مۇھەببەت » دىگەن بىرنىمىلەر ئۇنچىۋالا جانلىق ،تەسىرلىك بولمىغان ،مىنى شۇنچىۋالا جەلىپ قىلمىغان بولسا ،...سىز كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچى !سىزگە مىڭ لەنەت !...»
بۇ يالغۇز ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگىلا يۈزكىلەلمەيدىغان ئىش ئەمەس ئىدى ،ئۇ يازغان « ئاممىباب ھېكايىلەر » پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ بولغىنى ئۈچۈن ،قانچىلىك بىگۇناھ ياشلارنى زەھەرلىگەندۇ ؟ قانچىلىك ئاتا ئانىلار ئۆز پەرزەنتىلىرىنىڭ دەردىدە قايغۇ ھەسرەتلىك ياش تۆكىۋاتقاندۇ ؟
ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى . باغداش تورىغىلا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!
|
|