قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3645|ئىنكاس: 50

بىز دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرلۇشىنى نېمىشقا توختاتمايمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

1366

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15536
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 16:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


بىز نېمىشقا دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى توختاتمايمىز؟

(قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)


  
       12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا سۇنۇلغان 2014-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە خام چوت دوكلاتلىرى ئىچىدە ، مەركەز مالىيىسى دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجراتقان خام  چوت سوممىسى 882 مىليارد   300 مىليون يۈەن  بولۇپ،  بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا % 12.2 ئاشقان.   - شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى
      مىلادى 1889-يىل ، بېيجىڭ ، بىر مەيدان ئۇزۇنغا سوزۇلغان تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىقتى!
        بۇ تالاش-تارتىشتىكى ھالقىلىق سۆز دەل- ھەربىي چىقىم.
       بۈيۈك چىڭ ئېمپىرىيىسى 2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تارتىپ تاكى ئەنگىلىيە-فىرانسىيە قوشۇنلىرى ئىشخالىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىنلا ئاخىرى ئۇرۇش قوراللىرى ،ھەربىي پاراخوتلار بىلەن چاپما قېيىقلارنىڭ پەرقىنى تولۇق چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا بېلىنى باغلاپ ئىرادەت قىلىپ، يېقىنقى زامان دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا تۇتۇش قىلدى.ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئاخىرى دۇنياۋى سەۋىيىدىكى ماۋزۇر (تاپانچا) پولات زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە ئىككى پاراخوتقا ئىگە بولغان دېڭىز ئارمىيىسى بۈيۈك چىڭنىڭ ئارمىيىسىدە پەيدا بولدى. بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئېمپىرىيە ئارمىيىسى ۋە خەلقىنىڭ غۇرۇرى ئىدى.
      مۇشۇ ھەربىي كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقى تۈپەيلىدىن، ئېپمىرىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى توپىلاڭلار تىنچلىنىپ، جەنۇپتىكى تاشقىي دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزى بېسىقىغا چۈشكەنىدى. ھەتتا چەتئەللىكلەر نەزەرىدە «زەئىپ» بۈيۈك چىڭ قەددىنى رۇسلىغانىدى.شۇ ۋاقىتتا دۇنيادا مۇنداق پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئالغانىدى: ئاسىياغا روسىيە ،ئەنگىلىيە ۋە جۇڭگو دىن ئىبارەت 3چوڭ دۆلەت ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئەينى چاغدا شەرقتىكى ئارال دۆلەتلەر كۆزىنى ئالايتىشقىمۇ پېتىنالمايىتتى.
        ھالبۇكى، ئارمىيە ھالقىش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ئېپمىرىيەدە مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە دۆلەت مۇداپىئەسى مۇستەھكەملىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاقچا-كۆمۈشلەرنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق بولدى. دۆلەت نوپۇس پىرقىسىنىڭ دىۋان بېگى ۋىڭ توڭخې مۇشۇ قاراشنىڭ ئاساسى تەشەببۇسچىسى ئىدى. يەنە بەزىلەر بولسا ئارمىيە قۇرۇلغان بىلەن كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تېخنىكا –ماھارەت ، قوررال-ياراق ، ئەسكەرلەرنىڭ تەربىيلىنىشى، ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى ...قاتارلىقلارغا ئىزچىل ۋە زور كۆلەمدە مەبلەغ كېتىدۇ دەپ قاراشتى. ئىچكى دىۋان بېگى لى خوڭجاڭ مۇشۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسچىسى ئىدى. بىز تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەل قىلغۇچ ئامىلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما، سۆزمەن ۋىڭ توڭخې بۇ مۇنازىرىدە ئۈستۈنلۈككۈ ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشى ئوردا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
       بەش يىلدىن كېيىن جۇڭگو جىياۋۇ يىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى دەرىسلىك كىتابلىرى بىزگە دەپ بەردى. ئېمپىرىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شىمالىي كورىيەنىڭ پىڭراڭدا قوماندان يې جچاۋنىڭ قوشۇننى تاشلاپ قېچىشى بىلەن گۇمران بولدى، سېرىق دېڭىزدا تەڭدىشى يوق دېڭىز ئارمىيىسى بولسا تامامەن يېڭى تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھۇجۇمىدا گۇمران بولدى.
        دەرىسلىك كىتابلىرى بىزگە قەھرىمان قوماندان يې جىچاۋنىڭ ئارقا سەپ، ئوق-دورا، ئاشلىق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن پىڭراڭدا بىر كۈن تۇرۇپ چېكىنگەنلىكىنى ،چېكىنمىسە پۈتۈن قوشۇننى ۋەيران قىلماسلىقنى ئويلىغانلىقىنى ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بولسا توپ ئېتىش سۈرئىتىنىڭ ئالۋاستىلارنىڭ توپ ئېتىش سۈرئىتىگە تەڭ كېلەلمىگەنلىكىتىن ۋەيران بولغانلىقىنى دەپ بەرمىدى. بۈيۈك چىڭ تىرىشمىدى ئەمەس، ياكى ئالۋاستىلار بەك يامانمۇ ئەمەس، بەلكى، ئاشۇ بەش يىل ئاۋالقى مۇنازىرە ئاللىقاچان مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەپ قويغانىدى.
       مېنىڭچە ، بۇ مۇنازىرە 100يىلدىن بۇيان سەل قارىلىپ كەلگەن ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.ئەمما ، ئۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.پەقەت جىياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ياپونغا تۆلىگەن ئۇرۇش چىقىمى ۋە بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن قەرز ئۆسۈمىلا 500مىليون سەر كۆمۈش بولغان.(ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئېشىنچا پۇلى نەچچە مىليون سەر كۆمۈش بولغان) بۇ ھالەت جۇڭگونى يېقىنقى زاماندا ھەرگىزمۇ سانائەت تەرەققىياتىغا مەبلەغ سالالماس قىلىۋەتكەن! شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو سېپى ئۆزىدىن پور دېۋىگە ئايلانغان.
        مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنداق ئەخمىقانە قارارنى چىقارماي، ئۇرۇش تۆلىمىگە ئىشلەتكەن مەبلەغنىڭ ئوندىن بىرىنى ياق،100دىن بىرىنى دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتىغا مەبلەغ قىلىپ سالغان بولسا، ئەتراپتىكى ئارال دۆلەتلەر بىزگە پۇت ئاتالامتى؟ ئەگەر جىياۋۇ ئۇرۇشى يۈز بەرمىگەن بولسا ، ھازىرقى جۇڭگو يەنە قانداق ھالەتتە بولغان بولاتتى؟
         ئەمما ، تارىخنىڭ پەرىزى بولمايدۇ. بىز ئەنە شۇنداق قاملاشمىغان قارارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پۈكلىنىش بەدىلىگە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ياشاپ ، ئاخىرى دۆلەتنىمۇ يوق قىلدۇق،خەلقنى ھاقارەتكە مۇپتىلا قىلدۇق. دۆلىتىمىز 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرىلىپ كىرگەندە خەق پولات زەمبىرەك،تانكا ،زامانىۋى قوراللار بىلەن ئۇرۇشسا ،بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز كونىراپ كەتكەن بەشئاتار بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇبىيەت ئۈستىگە مەغلۇپ بولۇپ ، ياشلارنىڭ قېنى زىمىننىڭ ھەر بىر غېرىچ يېرىگىچە چېچىلدى!
      بۇ بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارىغانلىقتىن جەزمەن تۆلىنىدىغان بەدەلدۇر.
      بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئىنتايىن شەپقەتسىزدۇر، چەكلىك بايلىق بارلىق دۆلەتلەرنى باياشاتلىقا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ، مەنپەئەت توقۇنۇشى ھەر يەردە مەۋجۇت بولىدۇ.
...
      ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئالدىنقى مەزگىللەردە تازا ياخشى ئەمەس ئىدى، ئەمما دۆلەت مۇداپىئەسى مەسىلىسىدە ھەرگىزمۇ ئىككىلىنىپ تۇرمىغاچقا، قەيەردە مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرسە شۇ يەردە ئامېرىكا ئاۋئاماتكىلىرىنىڭ سايىسى پەيدا بولدى. روسىيىمۇ ئىقتىسادىي ياخشىلىنىشى بىلەنلا ، 770مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى تۈزدى. ھەتتا ھىندىستانمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە مۇداپىئەگە مەبلەغ سالماقتا.
...
       دۆلىتىمىز ناھايىتى نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىگە بولىشى كېرەك،ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك. دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، بەلكىم 1-ئورۇنغا چىقىشىمۇ مۇمكىن، يەنى باي بولدۇق. ئەمما ، توردا بىرقىسىملار ئاۋئاماتكا ياساشنى مازاق قىلىۋاتىدۇ، چەتئەلمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت قالقىنىمىز- دۆلەت مۇداپىئەسى-نى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، 120يىل ئاۋال ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقىمىز،كىرزىسنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم.
مەنبە :   http://news.qq.com/a/20140311/004749.htm  

0

تېما

1

دوست

2913

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 388
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 19:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ROCK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 21:45  

دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئاۋياماتكىدىن 10 نى ياسىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ، ،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25920
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 20:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن جاپا مۇشەقەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، 10مىڭ چاقىرىمدىن ئۇزۇن سەپەرنى تاماملاپ ،ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تالاي ئەزىمەتلىرىمىز ئىسسىق قېنى بەدىلىگە، ھازىرغىچە سۆرۈلۈپ كىلىۋاتقان زېمىن ماجراسى نىمە ئۈچۈن تۈپكى يىلتىزدىن ھەل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدا چوڭ قۇرۇقلىقىمىزدىكى قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن چېرىكلىك تۈپەيلى قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىمىزمۇ بارمىدۇ.ئاشۇ زاماندىكى ئەمەلدارلار كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۇگۈنكى باش قېتىمچىلىقىنى ئويلاپ باقمىغاندىمۇ؟ ئەمدىكى مەسىلە تېنچ يول بىلەن ئۆزىمىزگە تەئەللۇق زېمىنلارنى قايتۇۋالمىساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا پارلاق گۈزەل كىلەچەكنى ،شانلىق تارىخنى يېزىپ قالدۇرمىساق بولمايدۇ... بېرېشكە تىگىشلىكىنى بېرىپ، ئېلىشقا تېگىشلىكىنى ئېلىش كېرەك.... بولۇپمۇ بېرېشكە تېگىشلىكى مۇھىم.

2

تېما

9

دوست

2707

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 794
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 20:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈكۈت قىلىشنى توغرا تاپتىم.

0

تېما

0

دوست

1372

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10138
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 225
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 22:14:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ بېرېشكە تېگىشلىكى مۇھىم

نادىر ئىنكاس...قوللايمەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

0

دوست

1717

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23265
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 22:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەربى خىراجەتنى كۈپەيتىپ،ئىلغار قۇراللارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىپ،يشى 15 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان بارلىق ئەر جوڭگۇ پۇقراسىغا بىردىن ئاپتۇمات،10000 پايدىن ئوق سەپلەپ بېرىشىنى،
............................................................................
     ئۇنداق قىلساق 30تىلىيۇننى   كىم خەجلەيدۇ .
    .ئەمەلىيەتتە  تەڭسىز  شەرتنامىگە  قول قويۇپ ئۇرش  تولىمى  تولەش بىلەن ، زايوم   سېتىۋىلىش  ئوخشاش   بىر ئىش .  

1

تېما

0

دوست

2538

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 22:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرجەم.تىنىچ-ئامان ياشايمەن دەيدىكەنسەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىل.ئاجايىپ پاسائەتلىك ئىيتىلغان سۇزدە.
رەھمەت تېمىڭىزغا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )