- تىزىملاتقان
- 2011-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1992
- نادىر
- 0
- يازما
- 96
ئۆسۈش
99.2%
|
سىڭلىمغا
(خەيرىگۈل قادىر)
قەدىرلىك سىڭلىم، سېۋىتىڭدىكى گۈلنى كىمگە سوۋغا قىلماقچى بولىۋاتىسەن؟چىرايىڭنىڭ گۈلدەك نازاكىتىنى دېمەيلا قوياي،گۈل تۇتقان قوللىرىڭدىن گۈپۈلدەپ گۈل پۇرايدۇ. سەن شۇ قەدەر نازۇك، شۇ قەدەر جىلۋىدارسەن، شۇ قەدەر سەبىي ھەم پاكسەن. ھاياتنى ئاشۇ گۈلگە ئوخشاتساق، گۈلدەك ئېچىلغان بۇ مەزگىلىڭ تولىمۇ قىسقا بولىدۇ. توغرا بېسىلغان قەدەملىرىڭ ساڭا بەخت ئېلىپ كەلسە، خاتا ماڭغان يوللار سېنى مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قويىدۇ. شۇڭا بۇ ھالقىلىق پەيىتلىرىڭدە گۈللىرىڭنى مۇنداق ئۈچ خىل ئادەمگە تۇتمىغىن:
بىرى، گەرچە تەڭتۇشۇڭ بولسىمۇ ھەممە يەردە گۈل پۇراپ يۈرگەنلەرگە تۇتمىغىن، چۈنكى ئۇلار گۈلۈڭنىڭ قەدرىنى قىلمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، يېشى سەندىن چوڭ، مىھرىبان ئايالى، ئوماق بالىلىرى تۇرۇپمۇ يەنە باشقىلاردىن گۈل سورايدىغانلارغا بەرمە، بولمىسا گۈللىرىڭ تالادىلا قېلىپ، ئىللىق ئائىلىگە كىرەلمەيدۇ، مەزگىلسىز قىممىتىنى يوقىتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، ھاراق- شاراپ، قىمار سورۇنىدىن ئۆزىنى تارتالمايدىغان ھەم بۇ ئىشلاردىن ماختىنىدىغان ئەرلەرگە تۇتما، بولمىسا، گۈللىرىڭ ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپلا سولىدۇ، ۋاقىتسىز ياپراق تاشلايدۇ.
قەدىرلىك سىڭلىم، ھايات مۇساپىسى تولىمۇ قىسقا، گۈلدەك ئېچىلغان بۇ مەزگىلىڭ پەقەت بىردەملىكلا، ھاياتىڭدا بىلىم سېنىڭ زىننىتىڭ بولسا، ئەخلاق سېنىڭ قىممىتىڭدۇر. سەن پەقەت بىرلا قولدا، بىرلا يۈرەكتە مەڭگۈ ساقلىنىدىغان توزۇماس گۈل بولغىنكى، قولدىن –قولغا ئۆتىدىغان، بەرگىلىرى چىرايلىق كۆرىنسىمۇ ئىچىدىن سېسىغان يىرگىنىشلىك گۈل بولمىغىن!
شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى. |
|