ئابدۇللا خاراباتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق قاراشلىرى ھەققىدە
(دىلئارا ئابلىمىت)
يۇرتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك ،ئەڭ مۇستەبىت ،ئەڭ ئىستىبىدات ۋە قالايمىقان جەڭگە –جىدەلگە تولغان دەۋىر ،يەنى ئاپپاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقىمىز ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۋاتقان مەزگىل بولدى . بۇنىڭ بىلەن قۇچىقى كەڭ ،سۈيى ئەلۋەك ،ئەزەلدىن تارتىپ مەدەنىيەن بۆشۈكى ۋە ئوچىقى بولۇپ جاھان مەدەنىيەت ئاسمىنىدا كۆزنى قاماشتۇردىغان يۇلتۇزلارنى مەيدانغا چىقارغان قەۋىم –ئۇيغۇرلاردىن ،ئىلىم –مەرىپەت ،بەخىت-سائادەت ،ھۆرلۈك،ئاددىيسى ھەقىقى بىر ئىنساندەك ياشاش شارائىتى قاتارلىقلار ئاستا –ئاستا يىراقلىشىشقا باشلىدى ،ئىلىم –مەرىپەت قۇياشى ئۇيغۇرلار ئاسمىنىدا نۇر چاچماس بولۇپ قالدى ،قاراڭغۇلۇق جاھاننى قاپلاپ،ھەممە يەرنى جاھالەت ئىس تۈتەكلىرى ،تەپرىقىۋازلىق ،ئۇرۇش ماجرا قاپلاپ ،تىلى بىر ،ئىمانى بىر بولغان بۇ قەۋىم «ئاق تاغلىق »ۋە «قارا تاغلىق »دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ بىر –بىرى بىلەن قىيامەتلىك رەقىپلەردىن بولۇپ قېلىشتى ،بۇ مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆۋەن قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى .بۇ گورۇھلارنىڭ خۇراپىلىق شامىلىدا كىشىلەر كۈن بويى مازار ۋە خانىقالاردا «ئىستىقامەت »،قىلىشىدىغان دۇنيانى تەرىك ئېتىش ئومومىيلىققا ئايلىنىپ ،رىئال دۇنيادىن يىراقلىشىشقا تىرىشىدىغان ،پەقەت روھى دۇنياسىدىلا ياشاشقا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالدى .لېكىن ،رېئاللىقتىن قېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ،ئادەم بولۇپ تۆرەلگەن ئادەم بولۇپ ياشىمىقى كېرەكلىكىنى ،ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل ھاياتىنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى ھەممە ئادەم ئۇنتۇپ قالمىغانىدى .بەزى ئەقلى دانىشلار شۇ دەۋىرنىڭ ئىستىبىداتىغا قارشى شۇنداق ئىسيان كۆتۈرگەنكى ،ئوچۇق ئاشكارا ھالدا :
ئەي ئوغۇل بول دىن پۇرۇشلۇقتىن يىراق ، دىن پۇرۇشۇ دىل خۇرۇشلۇقتىن يامان . دىن پۇرۇشلار ئەھلى بى تىمىز بولۇر ، ئاقىۋەت ئو «دىن پۇرۇش »تونگوز بولۇش .
دەپ جاكارلاپ ،ئۆزىنى دىنىي داھىي ،پەيغەمبەر ئەۋلادى،مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىسى دەپ ئاتىۋالغان ،ئەمەلىيەتتە ھوقوق ۋە تەخىت ئۈچۈن جان تىككەن شەرمەندە ئاپپاق غوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان ،مانا بۇ دانىش دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى . بۇ زاتى مۇبارەك ياشىغان دەل ئاشۇ چوڭ مۇناپىق تەخىتكە چىققان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھاكمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋىرگە توغرا كەلگەچكە ،ئاپپاق غوجىنىڭ ماھىيىتىنى،قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى بەش قولدەك چۈشەنگەن . خاراباتىيچە بولغاندا ،ئۆزىنى سوپى دەپ ئاتىغانلار ئۆزىدىن مەرىتلەرچە كېچىشى ،ئۆزلىكىنى يوقىتىشى ،نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشى ،ئاخىرىدا تەڭرى (ئاللاھ) بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى .لېكىن شۇ دەۋىردە كىمنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى شائىرنى قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈرگەن ۋە غەزەپلەندۈرگەن .شائىر ئۆز زامانىسىدا ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ پەيدا قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي چۈشكۈنلۈكلەرنى خەلقنى ،مىللەتنى ھالاك قىلىدىغان ئاپەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ :
مەقسەدى خەلىق ئىچرە تاپماق ئىززەتى ، شۇل زامان پەريات ئەتكەي مىللەتى.
دەپ سۆكىدۇ. ئۇتېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بۇنداق نەپسانىيەتچىلىكنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق ،ھەقىقىي ئىنسانلىق قەدىر- قىممىتىنى بىلىدىغان كىشى مۇنداق نەپسانىيەتچىلىككە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىشى لازىم دەپ قەتئى خىتاپ قىلىدۇ :
نەفىسىدىن بولماق خەلاس ئاسان ئەمەس ، نەفىسىدىن بولماق خۇلاس ئىنسان ئەمەس . نەفىسىنىڭ زىددىدە قىلغىن ئىشنى تېز ، ئىككى ئالەم بولغايسەن ئېزىز .
دىمەك ئىنسان ئاللاھنىڭ نۇرى ئەڭ تولۇقى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ،ئاللاھقا ئەڭ يېقىن جانلىق دەپ قارىلىدىغان سوپىزىم مۇھتىدا ،ئادەمنىڭ ئىجتىمائى ئۇرنىنىڭ بىر تۈركۈم نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن رىياكار سوپىلارنىڭ ئىرادىسى بىلەنلام تۆۋەنلەپ كېتىشى ،شائىرنىڭ كاللىسىدىن زادى ئۆتمىگەن .دىمىسىمۇ ئادەم بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە ،ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا مۇجەسسەملەنگەن .شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ،ئادەم دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى ،بۇنداق بۈيۈك مەۋجۇداتنىڭ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىشى ھاياتلىق شەنىگە قىلىنغان چوڭ ھاقارەت بۇنداق ھاقارەتكە ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئادەم چىداپ تۇرالمايدۇ. مېنىڭچە ،شائىر يۇقىرىقىدەك تۇيغۇلىرى بىلەن ئىنسان قەدىر-قىمىتى كۈندىن –كۈنگە تۆۋەنلەۋاتقان شۇ دەۋىر ئېقىمىغا قارشى تۇرۇپ ،زامانداشلىرىغا ئۆز قەدىر- قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش نىيىتىدە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن فارابى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،نەۋائىي قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ ئىنساننى ئۇلۇغلاش ئىدىيىلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئۆز ئەسىرلىرىدە«ئىنسانشۇناسلىق »نۇرلىرىنى چاقناتقان دېيىشكە بولىدۇ.
فارابىي ،يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ خاراباتىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى خاراباتىينىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىجتىمائى قاراشلىرى ئەبۇ ناسىر مۇھەممەت فارابىيدىن باشلانغان ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ يارقىن شېئىرىي شەكلىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ ،ئۇئالەمشۇمۇل ئىلغار پىكىر ئېقىمى ۋە دۇنياۋى ئەدەبىياتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يىراق مەنبە ۋە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان . پروفېسسور ،ئالىم مۇھەممەتئىمىننىڭ فارابىي توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ .فارابىينىڭ ئىنسان ۋە دۆلەت توغۇرسىدىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ خارابتاتىغا بولغان تەسىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ . بىرىنچى،فارابىينىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپىلىك قاراشلىرى «ئىنسان مەركەز » لىك نەزىريىسى ئاساسىغا ،تەبىيەت قانۇنلىرى بىلەن جەمىيەت تۇرمۇشىنىڭ گارمۇنىلىك ئاساسىغا ،ئىنسان بەختى ۋە بەختىيار ئىنسانىيەت جەمىيىتى ،دۆلەت ۋە غايىۋى دۆلەت ،ئەخلاق ۋە بەخىت سائادەت قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . فارابىيچە بولغاندا ،ئەخلاق پەلسەپىسى مۇستەقىل پەن بولۇپ ،ئىنساننىڭ ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە جەمىيەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈش شەرتى ھېساپلىناتتى ،ئۇ ئىنسان بەخىت- سائادىتىنى ھەممىنىڭ ئالىي نىشانى دەپ چۈشەنگەن . ئىككىنچى ،فارابىي جاھالەتلىك دۆلەتنى يىمك ئىچمەك مەسىلسىنى ھەل قىلالمىغان گاداي دۆلەتلەر ،پۇل تېپىش خاھىشىغا غەرىق بولغان ساختىپەز دۆلەتلەر ،كەيىپ ساپاغا بېرىلگەن ،چۈشكۈنلەشكەن دۆلەتلەر ،خۇشامەتچى ۋە شۆھرەتپەرەس دۆلەتلەر، خۇراپىي دۆلەتلەر پەزىلەتتىن ئاينىپ كەتكەن دۆلەتلەر قاتارلىق تۈرلەرگە ئاجىراتقان .فارابىي جاھالەتلىك دۆلەتلەرنىڭ خەلقى ھەقىقىي بەخىتنى بىلمەيدۇ،باشلىقلىرى ھەقىقى بەخىت ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ،ئۇلارنىڭ ھايات مەقسەتلىرى جىسمانىي قاۋۇللۇق ،شۆھرەت ،كەيىپ ساپا ئۆز ئېتقاتلىرىدىن خالىغانچە يۈز ئۆرۈش بولۇپ ،بۇنى بەخىت دەپ بىلىدۇ .،دەپ ئىزاھلايدۇ .فارابيى جاھالەتلىك دۆلەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا ئەينى زامان جاھالەتلىك سىياسىي ئىجتىمائىي مۇھىتىغا تەنقىدى خاراكتىر بەرگەن ،ئۇنى ئېچىپ تاشلىغان .
ئاخىرى ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىدۇ
مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» |