قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1601|ئىنكاس: 17

ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

3

دوست

2327

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24773
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 193
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 21:16:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف

          1945- يىل 9- ئاينىڭ 8-كۈنى جىڭغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلاش پىلانلاندى، جىڭنى ئېلىش ئۈچۈن باجىياخۇنى ئېلىش زۈرۈر ئىدى.7-كۈنى باجىياخۇئۇرۇشى باشلاندى. دۈشمەن پوتەيگە تايىنىپ غالجىرلارچە قارشىلىق قىلىۋاتاتتى. شىددەتلىك ئوق پارتىزانلىرىمىزنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتماقتائىدى، دۈشمەن پوتەيلىرىدىن ئېتىلىۋاتقان پىلىمۇتلار ھۈجۇمغا ئۆتكەن يىگىتلەرنى كەينى-كەينىدىن يىقىتماقتائىدى، جىغان-تىكەنلەر يەربېغىرلاپ ماڭغان جەڭچىلەرنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى تىلغاپ قانغا بويىۋىتەتتى، قانداق قىلىش كېرەك؟
               بۇ ئاچقۇچلۇق پەيىتتە تۆتىنجى پولك بىرىنجى باتالىئۇندىن كوماندىر زىخىرىللا نادىروف،ئابدىكىرىم، تاھىر ھامۇت، ئابدۇللا مامۇت قاتارلىق تۆت جەڭچى:«پوتەيلەرنى بىز پارتىلىتايلى» دەپ قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئابدىكىرىم، سىيتوپ قاتارلىقلار زىخىرۇللا نىڭ يىتەكلىشىدە پوتەي پارتىلىتىشقا تەستىقلىنىدۇ. يىگىتلەر بەللىرىگە گىراناتلارنى تۈگۈپ دۈشمەن پوتىيى تەرەپكە سىلجىدى، پوتەيىگە ئاز قالغان زىخرۇللا تەپسىلى كۈزۈتۈپ دۈشمەن پوتەي ۋە پوتەيدىكى ئوت كۈچى ئەھۋالىدىن ئاددى بىر خېرىتە سىزىپ ،سىيتوپقا بىرىپ كۇماندىرغا دوكلات قىلىشقا بۇيىرىدى، سىيتوپ خېرىتىنى ئېلىپ ئەمدىلا ئۆمۈلەپ مېڭىشىغا دۈشمەن پوتىيىدىن چىققان ئوقتىن يارلىنىپ شۇيەردىلا يتىپ قالدى.دۈشمەن يىگىتلىرىمىزنى بايقاپ قالغاندى، دۈشمەن ئوقلىرى شىددەت بىلەن ئېتىلىشقا باشلىدى، يەنەبىر يىگىت- موزدوز ئوغلى غۇپۇرجان گىراناتنىڭ يىپىنى تارتىپ دۈشمەنگە ئاتاي دېگەن شۇسىكونىتتا ئۇنىڭ پىشانىسىغىلا ئوق تەگدى، گىرانات پىژىلداپ پىرقىراپ ئۇنىڭ يېنىغا چۈشتى-دە پارتىلاپ كەتتى، يىگىت قۇربان بولدى. زىخىرىللانىڭ قۇلىقىغا يەنە بىر يىگىتنىڭمۇ «ۋاي...» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. زىخىرىللا ئۈزى يالغۇزلا قالغانىدى، ئۇنىڭ غەزىپى قەسەمگە ئايلاندى،ئۇ ئۈزىلا پوتەينى پارتىلاتماقچى بولدى-دە، دەرھال ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭدى، ئۇنىڭ قۇلاق تۈيىدە دۈشمەن ئوقلىرى ۋىژىلداپ ئۈتەتتى.  بىرىنجى پوتەينىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋەتتى، پوتەيدىن كۈتۈرۈلگەن چاڭ-تۇزاننىڭ دالدىسىدا ئۇ ئىتتىك ئىلگىرلىدى، ئەمما باشقا پوتەيلەردىن ئېتىلىۋاتقان ئوق ئۇنىڭ يېنىدىلا ۋىژىلداپ تۇپا تۇزۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىنى كۈتۈرگىدەكمۇ پۇرسەت بولمايۋاتاتتى. پوتەينى پارتىلاتماي قىسىمنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ:«يائۈلۈم، ياكۈرۈم، ئانا، مەندىن رازى بول!» دەپ  يەربېغىرلاپ ئىككىنجى پوتەيگە تېز-تېز ئىلگىرلىدى. ئىككىنجى پوتەيمۇ پارتىلىدى. شۇچاغدا ئۇ ئۈچۈنجى پوتەيدىكى دۈشمەننىڭ پوتەيدىن چىقىپ قاچماقچى بۇلىۋاتقىنىنى كۈرۈپ قالدى-دە، گىرانات بىلەن ئىككى دۈشمەننى يەرچىشلىتىپ، قالغىنىنى پوتەيگە قوغلىۋەتتى ۋە دەرھال پوتەي ئىچىگە ئاخىرقى گىراناتنى تاشلىدى، ئۈزىمۇ يارلىنىپ يېتىپ قالدى، دۈشمەن ئۇنىڭ يارلانغىنىنى كۈرۈپ ئۇنى تىرىك قولغا چشۈرمەكچى بۇلۇپ پوتەيلىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى، سەزگۈر زىخىرۇللا قۇللىرى بىلەن ئاپتۇماتنى قاماللاپ ئۇلارنى ئوققا تۇتتى، ئىككى دۈشمەن يەرچىشلىدى، يەنە ئىككى دۈشمەن پوتەيگە قېچىپ كىرىۋالدى. ئەمما زىخىرۇللادىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە كۆزلىرى قاراڭغۇلاشماقتائىدى. ئۇنىڭ بىرپۇتىغا ئوق تەگكەن بۇلۇپ، قۇم ئۇنىڭ قېنى بىلەن بۇيالماقتا ئىدى.
            پوتەيدىكى دۈشمەنلەر قىسىمنى قاتتىق ئوققا تۇتماقتائىدى، زىخىرۇللا چىشىنى چىشلەپ بىرپۇتىنى سۆرەپ پوتەي ئىچىگە كىردى، ئىككى دۈشمەن ئۇنىڭ كىرگىنىنىمۇ سەزمەي پىلىمۇت ئاتماقتائىدى، زىخىرۇللا مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن بىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىگىلا قاتتىق بىرنى قويدى، دۈشمەن ئوڭدىسىغا چۈشتى، يەنە بىرسى زىخىرۇللانى كۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى، زىخرۇللا بىرپۇتى بىلەن ئۈرە تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ كانىيىدىن قاماللاپ تۇتىۋالدى. پىلىمۇتنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەن جەڭچىلەر يىتىپ كىلىپ پوتەيگەكىرگەندە ، زىخىرۇللا قانسىزلىنىپ ھۇشسىز ياتقىننى كۆردى، سەبداشلار ئۇنىڭ قۇلىنى ئۈلۈك دۈشمەننىڭ كانىيىدىن تەستە ئاجراتتى. پوتەيلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىتچىت قىلىنىشى بىلەن قىسىم تىزدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. زىخىرۇللا دوختۇرخانىدا داۋالىنىپلا يەنە ئالدىنقى سەپكە بېرىلۋالدى.   
         زىخىرۇللانادىروفنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى بىراقلا پۈتۈن پولىككە تارقالدى، قىسىمدىكىلەر ئۇنىڭ ھۇجۇمغا ئۈتۈشكە يول ئاچقانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە كىلىپ رەھمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۇرۇشتىكى جان پىدالىق رۇھى، چىچەن سەزگۈرلىكى، غەيرەت- غۇرۇرى پۈتۈن قىسىمغا تارقالدى. زىخىرۇللا نادىرف كۈرەش قەھرىمانى دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولدى.   
              ئازاتلىقتىن كىيىن، 1951-يىلى زىخىرۇللا نادىروف كۈرەش قەھرىمان بۇلۇپ، مەملىكەتلىك قەھرىمانلار ئۇچرۇشۇش يىغىنىغا باردى.  
            داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «كەچكۈز» نامىلىق نادىر پوۋېستىدا، كۈرەش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروۋنىڭ كىيىنىكى تەقدىرى بىلەن تۇنۇشقىلى بۇلىدۇ. بۇ پوۋېستتا، قەھرىمان زىخىرۇللانىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە سىياسى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىغا چۈشۈرۋىتىلگەنلىكى، گەرچە ئېغىر ئەمگەك ۋە قىيىن تۇرمۇشتا قاتتىق قىينالغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ شۇيەردىمۇ قىلچە ئۆكۈنمەي، تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى، ئەمما ئېغىر كېسەلگە موپتىلا بۇلۇپ، كېسىلىنى داۋالىتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، كۈڭۈلسىز كەچكۈزنىڭ يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى، ئېغىر كېسەل بىلەن داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغان بۇ باتۇر قەھىرىماننىڭ شال كۈچۈرگەن ئېتىزدىكى پېتىققا مىلىنپ يېتىپ، ئۈزى ئازات قىلىش ئۈچۈن قان كىچىپ جەڭ قىلغان ئاشۇ زىمىندا ئۈن- تىنسىزلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ ۋە  ئۇقۇرمەننى  قاتتىق ئازاپقا قۇيۇدۇ. (زوردۇن سابىرنىڭ «كەچكۈز» نامىلىق بۇ داڭلىق پوۋېستى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»  ژورنىلىنىڭ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ كىشنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالغىدەك نادىر ئەسەر)     شۇنداق، 44-45-يىلدىكى ئۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن قەھرىمانلار ئۈزىنىڭ غۇرۇرى ۋە باتۇرلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن قىز-يىگىتلىرىمىز باتۇرلارچە قۇربان بولدى. ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت بىرلاقېتىم كىىلىدىغان ھاياتىنى كۈرەشكە بېغىشلىدى، كۈزىگە ئەجەل كۈرۈنۈپ تۇرسىمۇ يەنە يامغۇردەك ئېتىلىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرىغا دادىل يۈزلىنەلىدى، بۇخىل باتۇرلىق رۇھى ۋە ئاشۇ باتۇرلار بىزنىڭ غۇرۇرىمىز، بىز شۇلاربىلەن پەخىرلىنىمىز، ئۇلارنى سېغىنىش ئىچىدە كىيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش قەرزىمىز بار. ئاشۇ قەھرىمانلارئىچدە بەزىلەرنىڭ ھەتتا بىرەرپارچە سۈرىتىمۇ قالمىدى. قۇربان بولغانلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، باللىرى تېخى خەۋەرسىز ئۇلارنى قايتىپ كېلىدۇ دەپ تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى، خۇددى ۋاقىتسىز توزۇپكەتكەن غۇنچە، قەھرىمان قىز رىزۋانگۈل قۇربان بولغاندا ئۇنىڭ ئۇچۇق قالغان چولپان كۆزلىرى ئارمان بىلەن قېتىپ قالغانغا ئوخشاش، ئاشۇ مىڭلىغان قۇربانلارنىڭ ئوچۇق قالغان كۆزلىرىدە ئۇلارنىڭ يەنە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى باربولغىيتتى؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى قانغا بۇيالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تارىخ ئۇنۇتمايدۇ ، كىيىنكى ئەۋلاتلار سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدۇ. كىيىنكى ئەۋلاتلار ئاتا-بوۋىللىرىنىڭ قەيسەرلىكىدىن ماختىنىدۇ ۋە يەنە ئەۋلاتلىرىغا ھېكايە قىلىپ بىرىشىدۇ.  مانابۇتارىخ.   
               مىللى ئارمىيىدىكى قەيسەر-باتۇر قىز-ئۇغۇللارغابولغان يۈكسەك سېغىنىش ۋە لىرىك كۈيلەر مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى .
مەنبە: زىخىرۇللا نادىروفنىڭ ئىش-ئىزلىرى «ماناس دەرياسىدىن قايتىش» ۋە «ئانايۇرت» نامىلىق كىتابلاردىن ئېلىندى.
  

2

تېما

12

دوست

4223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 18:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاالاھ قەھرىمان ئوغۇل -قىزلىرىمىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتىنئورۇن بەرگەي،بىزنىمۇ شۇ قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرۇشنى دىلىمىزغا سالغاي.
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19718
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 18:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ يەرلەرنى خاتا يېزىپسىز! مەسىلەن:
« ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى› مەزگىلىدە سىياسى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىغا چۈشۈرۋىتىلگەنلىكى، گەرچە ئېغىر ئەمگەك ۋە قىيىن تۇرمۇشتا قاتتىق قىينالغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ شۇيەردىمۇ قىلچە ئۆكۈنمەي، تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى، ئەمما ئېغىر كېسەلگە موپتىلا بۇلۇپ، كېسىلىنى داۋالىتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، كۈڭۈلسىز كەچكۈزنىڭ يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى، ئېغىر كېسەل بىلەن داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغان بۇ باتۇر قەھىرىماننىڭ شال كۈچۈرگەن ئېتىزدىكى پېتىققا مىلىنپ يېتىپ، ئۈزى ئازات قىلىش ئۈچۈن قان كىچىپ جەڭ قىلغان ئاشۇ زىمىندا ئۈن- تىنسىزلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ»
..............................................
«زىخرۇللا نادىروف 1962 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شۋىرغانلىق كېچىدە قازا تاپتى» («كەچكۈز» پوۋېستىدىن)
..............................

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 21:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كوزۇمگە ياش كەلدى  نىمە ئۇچۇن شۇنچە جەسۇر قورقىماس بىر قەھىرمان خەلىق ئۇچۇن كورەش قىلغان ئەزمەت نىمگە جازالىندۇ ؟؟ مۇشۇ ئىنقلاپقا قاتناشقانلاردىن  جازالانمىغانلىرىمۇ بارمۇ ؟ ئۇ كىم ؟بىزدىكى چىكىنىشنى نۇرغۇن ئادەم ئاپپاق خوجىغا ئارتىدىكەن ،مەنچە مەدىيەت ئىنقلاۋى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۋەتىمىكىن دەيمەن،شۇ  ۋاقىتلاردا خاتا ھەركەتلەر يۇز بىرۋاتسمۇئوزئارا بىر بىرنى ئۇرۇپ سوقىۋاتسىمۇ  ،ئازاتلىق ئازاتلىق ئارمىيە توختىشقا ھەركەت قىلمىغانمىدۇ

0

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27042
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 23:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇۋا ئەمدى ئىسمى‹زىخىرىللا› بۇلاپ قاپتىما؟ مەن ‹زىخرۇللام نادىروپ› دەپ ئۇقۇغان.

0

تېما

0

دوست

1578

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 21:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەھرىمانىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىردىكى ئىچىنىشلىق تۇرمۇشى ھەرقانداق بىر كىشىنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ بۇ كىشى  مەن كىچىك ۋاخلىرىمدا بىزنىڭ ئۆيگە بىر قىتىم كەلگەن ئىكەن ئەپسۇز مەن كۆرەلمەي قاپتىكەنمەن دادام رەھمەتلىك بۇ كىشىنىڭ ئۆلۇم خەۋرىنى ئاڭلاپ  مەرھۇم سەپتىشى ئۇچۇن بەك ئېچىنغان بۇ قەھرىمانىمىز توغۇرلۇق نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى ئەپسۇس.................................مەرھۇم تۇگەپ كەتكەن كۇنى كورۇلدا تۇرۋاتقان بىر دوستۇنۇڭ چۇشۇگە ئايان بولغا ئىكەن

0

تېما

0

دوست

1578

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 21:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 21:29
مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كوزۇمگە ياش كەلدى  نىمە ئۇچۇن شۇنچ ...

50-يىللىرى مەخسۇس سىياسى ئۇگۇنۇش دەپ مىللى ئەسكەرلەرگە باشلىقىڭلار نىڭ سىلەرنى بوزەك قىلىپ تىللاپ ئۇرغان چىرىكلەشكەن ئىشلىرى بولسا قورۇقماي بىزگە ئىنكاس قىلىڭلار دەپ ئاجايىپ ئىشلار بولۇپ كەتكەن ئىكەن........................

0

تېما

0

دوست

1578

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 21:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zerdab يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 18:57
كۆپ يەرلەرنى خاتا يېزىپسىز! مەسىلەن:
« ‹مەدەنىيەت زور  ...

كەچقۇرۇن بىر يەردىن قايتىپ كېلىۋىتىپ زەيكەشكە چۇشۇپ كىتىپ  ئەتىسى چەسىتى بايقالغان قورغاس ناھيەسىنىڭ كۆكتالا دىگەن  يەردە (بۇ بىڭتۇنگە تەۋە ئورۇن بولۇپ 64-لەن دەيدۇ)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )