ئادەمسىمان ئالۋاستىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش
( ئا ھەرپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى)
مەخەت ئابدۇرېھىم.
ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىردا، ئادەم ئارىلىدىن ئالەم ئاستانىسىغا ئاجايىپ ئاۋازلار ئاڭلانغان. ئاۋازدىكى ئاتالغۇلارغا ئاساسلانغاندا: _ ئادەملەر ئارىسىدا ئاتا-ئانىسىز ئاينىغان ئادەمسىمان ئالۋاستىلار،ئادەملەرنى ئالدى-ئارقىسىغا ئايلاندۇرۇپ،ئالقىنىدىكى ئالتۇننى ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇرۇپ،ئادمنىڭ ئالاھىدە ئاڭلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ئادەملەرنىڭ ئامانلىقىغا ئارىلشىۋېلىپ، ئادەملەرنى ئالدىغان، ئازدۇرغان،ئاخىردا ئالامەت ئازابلىغان.
ئالەم ئاستانىسىدىكى ئادۇۋكات_ئادالەت ئادىل ئادەملەر ئارخىپىنى ئاختۇرۇپ، ئادەمسىمان ئالۋاستىلارنىڭ ئاق ئالۋاستىلارغا ئارلىشىپ ئادەملەرنى ئالدىغان، ئازدۇرغان ئادالەتسىزلىك ئالامەتلىرىنى ئاشكارلىغان.
ئالۋاستىلاردىكى ئادالەتسىزلىك ئامىللار _ ئادەم ئادەمنى ئالداش، ئادەمنى ئازاپلاش، ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك ئالامەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئادەملەرنى ئالۋاستىلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئادەملەرنڭ ئابرويىنى ئازايتىش، ئالقانلىرىدىكى ئالتۇنلىرىنى ئادەمنى ئازاپلايدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئادەمسىمان ئالۋاستىنىڭ ئاسلانلىرىغا ئالماشتۇرۇش. ئاق ئالۋاستىنىڭ ئالامەتلىرى_ ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاتلاپ، ئاشقازانلىرىنى ئايلىنىپ، ئادەمنىڭ ئازادىلىكىنى ئاسرايدىغان ئاستىنقى ئاراللىرىنى ئازاپلايدۇ.
ئالەم ئاستانىسىنىڭ ئادۇۋكاتى_ ئادالەت ئادىل ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇردىكى: ئادەملەردىن ئاڭلانغان ئاجايىپ ئاۋازلارغا ئاساسەن، ئالايلى! ئادەملەر ئايلىنىۋاتقان ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئانتاراكتىدا، ئالجىرىيە، ئالمۇتا، ئاتموسفېرا، ئاي ئايلانمىسى..... ئالتاي، ئاتۇش، ئاۋات، ئائىلە، ئاتا-ئانىلار ئارىسىنى ئارىلاپ ئاختۇرسا ئالۋاستىنىڭ ئادەمگە ئايلانماي، ئادەمنىڭ ئالۋاستىغا ئايلانغانلىق ئالامىتى ئاشكارلانغان. ئادەمنىڭ ئالۋاستىغا ئايلىنىشى ئادەملەرنىڭ ئادىمىيلىك ئابرويىغا ئاھانەت، ئادەملەرگە ئازاب.
ئادەملەر! ئادىمىيلىك ئالاھىدلىكىڭلارغا ئاساسەن ئادەم ئاراللىرىنى ئادىل ئايلانمىساڭلار: ئادەمنى ئالدايدىغان، ئازدۇردىغان ، ئازاپلايدىغان ئادەتلىرىڭلارنى ئاخىرلاشتۇرمىساڭلار، ئاق ئالۋاستى ئارلاشمىسىدىن ئايرىلمىساڭلار ئادەملەرگە ئايانكى: ئادالەت ئادىل ئاخىرەتنىڭ ئاتەش ئامبىرىدا ئاخىرغىچە ئازابلايدۇ. ئادەملەرنىڭ ئارخىۋى ئادالەتنىڭ ئالقىنىدا.
ئاڭلىق ئادەملەر ئادالەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن، ئادەمسىمان ئالۋاستىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىپ، ئاق ئالۋاستىنىڭ ئالداشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئادالەت ئادىلنىڭ ئادەمنى ئالەم ئالدىدا ئالقىشلايدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاشقا ئالدىرايلى. ئاللاغا ئامانەت!
ئالدانساڭلار ئادەملەر،
ئالۋاستىغا ئارلىشىپ.
ئادىمىيلىك ئازىيار،
ئالۋاستىغا ئالمىشىپ.
ئالۋاستىنىڭ ئادىتى،
ئادەملەرنى ئازدۇرۇش.
ئالقاندىكى ئالتۇنغا،
ئاق ئازابنى ئالدۇرۇش.
مەخەت ئابدۇرىھىم
|