قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 12:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 11:45
ماڭا بىر جاۋاپ بېرۋەتسىڭىز، بىر قىتىم زۇكام ۋاقتىمدا ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماڭا بىر جاۋاب بېرىۋەتسىڭىز دەپسىزيۇ، سوئالنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماپسىز. سىز نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، قانداق قىلسام ساقىيارمەن دەپ سورىماقچى، شۇنداقمۇ؟ زۇكام ۋاقتىدا قان تەقدىم قىلىش بىلەن يۈرەك يوغىناپ كېتىشنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بەلكىم بەدەندە تۇيۇقسىز قان ئازلاپ كەتكەن مەزگىلگە توغرىلاپ قول قايرىشىپ بەك كۈچەپ كەتكەن بولسىڭىز يۈرىڭىڭىزگە مەلۇم تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئېنىقكى، بەدىنىڭىزنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارى خىلىلا ئاجىز ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ زىيادە ماغدۇرسىزلىنىشىڭىزدىن دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالامىتىمىدۇ، دەپ گۇمانمۇ قىلىپ قالدىم. ئەمما سىزگە ئۇدۇللا دېسەم مەن ئامېرىكىدا تۇرۇپ پەقەت سىز سۆزلەپ بەرگەن كېسەللىك ئالامەتلىرىگە تايىنپلار كېسلىڭىزگە دىئاگنوز قويۇپ، سىزگە داۋالاش ھەققىدە ئۇچۇرلارنى بېرەلمەيمەن. بەرسەممۇ بەرىبىر ھەممىسى پەرەزگە تايىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ئۆزىڭىزنى ئوخشىمىغان بۆلۈملەردە ئومۇميۈزلۈك بىر تەكشۈرتۈپ بارلىق كېسەللىڭىزنى ئېنىقلىتىڭ. ئاندىن مەندىن سورايدىغان سوئاللىرىڭىز بولسا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىپ سورىسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق جاۋاب بېرەلىشىم مۇمكىن. سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىنى تىلەيمەن.

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 12:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئىلتىماسىنى سۇنۇپ بولغۇچە شۇنچىلىك كۆپ گاڭگىراشلارنى بېسىپ ئۆتتۈم، بىلىشىمچە ئۇتۇق بىلەن ئابلەتمۇ شۇ. ئۇتۇق خاربىندا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى، ئابلەت شىئەندىن كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خاڭجۇغا كەتتى چۈنكى ئۇ 11-ئايدىكى TOEFL توفىل ئىمتىھانىنى شۇ يەردە بەرمەكچى ئىدى. مەن ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئىلتىماس سۇنۇشقا لازىم بولىدىغان بارلىق ماتېرىياللارنى تىزىپ بىر باشتىن پۈتكەنلىرىگە بەلگە قويۇپ ماڭدىم. (بۇ بۆلەكنى چەتئەلدە ئاسپىرانتلقتا ئوقۇشنى ياكى بالىلىرىنى كەلگۈسىدە ئوقۇتۇشنى ئويلاشقانلار ئۈچۈن پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ سەل تەپسىلىيرەك يازدىم)
1. تولۇق كۇرس ئوقۇش نەتىجىسى (Transcript, GPA)

ئوقۇشنى مەن جاپا تارتتىم ئوقۇدۇم، ئوقۇغاندىمۇ ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق مەكتەپكە نەتىجەمنى ئەۋەتسەم كۆرسە خىلى تەسىرلەنگۈدەك ئوقۇغان، ئەمما شۇ نەتىجىنى مەكتەپتىن ئىلىۋىلىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى. دەسلەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسەم گىپىمنى ئاڭلايدىغانغا ھېچكىم يوق. مېنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپمۇ خۇددى مېنى تاماشا كۆرگىلى تۇرغان ئوخشايدۇ دەپ قالغاندىكى ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان يولداشلارنىڭ بىرەرسىمۇ قاراپ قويايمۇ دېمەيتتى. بىر ياش ئۇيغۇر مۇئەللىمدىن سورىسام ياندىكى ئىشخانىغا كىر، دەپ كۆرسىتىپ قويدى. بۇ يەردىكىلەر بەلكىم مېنى بۇت ئوخشايدۇ دەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تۆتەيلەننىڭ ئىچىدىن بىرەرسىدىنمۇ سادا چىقمىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە گەپ قىلىشىپ قوياتتى، تېلېفوننى قۇلاققا قىستۇرىۋىلىپ ئاللىقانداق بىركىملەر بىلەن كەچتە قەيەردە تاماق يىيىشنى دېيىشسە دېيىشەتتىكى مەندەك ھېلىھەم شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان بىرسىگە ئۇلار قاراشقىمۇ چولىسى يوق ئىدى. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەندەك ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا شۇ ئىشخانىلىرىدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالماي ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى… بۇنداق ئىشلارنى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا كۆپ كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن بولغاچ تەلەتى قالغانلىردەك ئۇنچىۋالا سۆرۈن كۆرۈنمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەن بۇ يەرگە ئىش بېجىرگىلى كەلدىم، دېدىم. بۇ ئايال باشنىمۇ كۆتۈرمەستىن نېمە ئىشىڭ بار دېگەن گەپنى ناھايىتى ھورۇنلۇق، لايغەزەللىك بىلەن سورىدى ۋە ئاۋۋال كۈتۈپخانىغا بىرىپ نەتىجە ئارخىپىمنى تىپىپ كىلىشىمنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 10 كوي تۆلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ يولغا سالدى. كۇتۇپخانىدا ياخشىمۇ خىلى پوزىتسىيىسى ياخشى بىر ياشانغان خادىمنىڭ ياردىمى بىلەن نەتىجەمنى تىزلا تاپتىم ۋە نۇسخىلىۋىلىپ تامغا ئۇرغۇزغاندىن كىيىن پۇلنى تاپشۇرۇپ قايتا ھېلىقى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكى تەلەتى سۆرۈنلەرنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇلار مېنىڭ بۇنچە تىز بۇ نەتىجىنى ئىلىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ ئاۋۋال ئېنگلىزچە تەرجىمە قىلىپ جەدۋەل ياساپ كەلسەم ئەسلىدىكى نەتىجە بىلەن سېلىشتۇرۇپ خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە نۇسخىلىرىغا تامغا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىغا بىرلىككە كەلگەن نەتىجە دوكلاتىنى تۇتقۇزۇش دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەقەللىي ئىشقا ئايلانغان بىلەن يۇرتىمىزدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك مەندەك لازىم قىلىدىغانلار سورىسا ھەيران بولۇشاتتى ۋە خوشياقمىغاچ بۈگۈن كەل، ئەتە كەل دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ كىشىنى ئاۋارە قىلاتتى. شۇندىن كىيىن ئاز دېگەندە 7 قېتىم بارغاندىمەن، كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر ئۇزۇن ساقلايمەن، ئاندىن ئاران ئىچىگە كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە تامغا مەندە ئەمەستى، كىيىن كەل دەپ يولغا سېلىشىپ بىر مۇنچە ۋاقتىمنى زايە قىلىشتى. ئۆزىنى قالتىس باشلىق چاغلايدىغان بۇ بىر توپ پوق قورساقلارغا ئادەمنىڭ غەزىپى كەلمىسە كېلەتتى... ئاخىرى تامغىنى تۇتىدىغان قېرى «مىكىجىن» بىلەن ئاران كۆرۈشكىنىمدە بولسا چۈشتىن كىين سائەت 3:30 بولغاندا مەن ھازىر ئىشتىن چۈشتۈم دەپ، دوستىغا تېلېغۇن قىلغانچە چاچ ياسىتىشقا بارىدىغانلىقىنى دېيىشىپ ئاچچىقىمدا قېتىپ تۇرۇپ قالغان مېنى ئۈسۈۋەتكۈدەك بولۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. بۇنداق دېسەم، ئۇنىۋېرستېتتا ئىشلەيدىغان «باشقۇرغۇچىلار» غا ھەجەپمۇ قوپاللىق قىلىپ كەتتى دەپ قالماڭلار، بۇلارنىڭ ماڭا قىلغان قوپاللىقلىرى ئالدىدا بۇنچىلىك دېيىشىم ھېچقانچىلىك ئەمەس. بۇلار پىرافىسورمۇ؟ ياق. بۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغۇدەك بىلىملىكلەردىنمۇ؟ ياق. بۇلار ھېچبولمىسا ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىي ھۆرمەتكە لايىقمۇ؟ ياق! چۈنكى ماڭا ئىنسانىي ھۆرمەت كۆرسەتمىگەن كىشى مەيلى كىم بولسۇن، قانچىلىك چوڭ ئەمەلدار بولسۇن مېنىڭ ھۆرمىتىمگە لايىق ئەمەس. جۇڭگوچىلىقتىكى كىچىككىنە ئەمەلگە ئىگە بولۇۋالغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك قالتىس چاغلاپ باشقىلارغا قوپاللىق قىلىشى، كۆزگە ئىلماسلىقى ۋە ناچار مۇئامىلىلىرىنى ئامېرىكىغا سېلىشتۇرسام بۇ يەردە ھايۋانغىمۇ ئۇ قەدەرناچار مۇئامىلىدە بولىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. باشقىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇغۇچىلار ۋە پىرافىسورلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ياللانغان ئاتالمىش «باشلىق»لارنىڭ قىلمىشلىرى قەتئىي كاللامدىن ئۆتمەيتتى. غەزەپلەنگەنسېرى بۇنداق بىيۇكراتلىققا تولغان، ئىنساننى بىر جانسىز تۈۋرۈكتەكمۇ كۆرمەيدىغان بۇنداق مەخلۇقلار بىلەن تولغان مۇھىتتىن تېزراق قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا چىقىپ كىتىش خىيالىم بارغانسېرى كۈچىيەتتى. نەچچە رەت ئاچچىق يۇتۇپ، ئاخىرى ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا كىلىپ مانا ئەمىسە دەپ 10 نۇسخا ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە نەتىجىگە تامغا ئۇرغۇزغىلى تەييارلاپ كەلدىم. بۇ قېرى مىكىجىندا ئېنگىلىزچىنى كۆرۈپ چۈشىنەلىگۈدەك سەۋىيە نەدە دەيسىلەر، ھېلىقى ياش ئۇيغۇر مۇئەللىمنى چاقىرتىپ توغرىمۇ، نەتىجىلەر ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاشمۇ دېگەنلەرنى بىرمۇ-بىر تەپسىلىي سېلىشتۇرغۇزدى ۋە چاتاق يوقلىقىنى ئاڭلاپ ئاخىرى ھېلىقى ئالتۇن ساندۇقتا ساقلايدىغان تامغا ناملىق «گۆھەر»نى چىقاردى. 20 پارچە تامغىنى ئۇرۇپ بولغۇچە نېمانچە كۆپ، سەن شۇنچە كۆپ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ نېمە قىلىسەن دەپ كوتۇلدىغاچ مەنسىتمىگەن ھالدا سەن بەرىبىر بىزنى ئاۋارە قىلغانغا چۇشلۇق چەتئەلگە چىقالمايسەن، ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ دەپ نەسىھەت قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. نەگىلا بارسام ساڭا چەتئەلدە نېمە بار، بەرىبىر چىقالمايسەن، پاسپورت بىجىرسەڭمۇ بىكار، شۇڭا بىجىرمە دېگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلاپمۇ ئاخىرى پاسپورتنىمۇ ئالتە ئاي يول مېڭىپ 50-60 قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قاتراپ، تىل ئىشتىپ، ھەتتا ساقچى بىلەن ئۇرۇشقاچ ساقچىخانىغا سولانغىلى تاس قىلىپ دېگەندەك بىجىرىۋالغان بولغاچقا بۇنداق كوتۇلداشلاردىن قانچىلىك بىزار بولساممۇ ئىشنى پۈتتۈرۋالساملا بولدى دەپ يۈزى قېلىنلىق بىلەن دېگىنىمنى قىلغۇزاتتىم. تازا ئەمىسە دەپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا 10 پارچە مەكتەپنىڭ لىپاپىغا بۇ 10 نۇسخا نەتىجىنى سېلىپ لېپاپنى نەق مەيدانغا يانچۇقۇمدىكى يىلىم بىلەن ئېغىزنى ئەتكەندىن كىيىن لېپاپنىڭ ئۈستىگىمۇ ھەر بىرىگە ئۈچتىن تامغا ئۇرۇلۇشى كىرەكلىكىنى ئېيتىپ (ئەسلى بىرسى بولسىلا كۇپايە) تاماشا كۆردۈم. مېنى شۇنچە بوزەك قىلغان بۇ ئەبلەختىن شۇنچىلىك بولسىمۇ دەردىمنى ئالمىسام بولمايدۇ، دە؟ كىيىن ئامېرىكىدىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا بۇ ئەبلەخلەرنىڭ كۆزىگە بىر تىقىپ قوياي دېدىميۇ، بۇلارنىڭ چىرايىنى يەنە بىر كۆرگۈم كەلمەي بولدى قىلغان ئىدى. ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمدىكى دەرس نەتىجىلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىغا بارسام ئۇلار ھەر ھالدا خىلى ئاسان نەتىجىلىرىمنى چىقىرىپ بەرگەن بولدى.  بەلگە: پۈتتى.

2. TOEFL ۋە GRE ئىمتىھان نەتىجىسى
ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشتا قەتئىي كەم بولسا بولمايدىغان بۇ ئىككىلى ئىمتىھاننى تۈگىتىپ بولغاچقا ETS تېلېفۇن قىلدىم. توفىلنىڭ ئىشى ئاسانلا پۈتتى چۈنكى 1-ئايدا بېرىپ بولغان ئىمتىھان بولغاچقا $50 دوللارنى تۆلىسەملا بولىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىمتىھانلار گەرچە ناھايىتى تەس بولسىمۇ بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ بەرگەنگە چۇشلۇق ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىمۇ ھەر ھالدا ياخشى ئىدى. GRE نى بەرگىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا قانچە نومۇر ئالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتى ھەم بىر يېرى ئايدىن كىيىن ئاندىن ئەۋەتىشكە باشلايدىغانلىقىى ئېيتىۋىدى سەل ئەنسىرەپ قالدىم.  لېكىن 12-ئاينىڭ باشلىرىدا قولۇمغا بىر نۇسخا نەتىجە قەغىزى تەككەن ئىدى، گەرچە ھامىنى ETS ئەۋەتسە ئاندىن ئېتراپ قىلىنسىمۇ ھەر ھالدا نەتىجەم بارلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىمۇ پوچتىدىن ئەۋەتىدىغان ماتېرىياللار ئارىسىغا قوشتۇم. بەلگە: يېرىم پۈتتى.

3. ئىلتىماس خېتى (شەخسىي بايان، Personal Statement)
بۇ بىر پارچە ئاددىيلا خەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەتنىڭ ئىلتىماس جەرياندىكى مۇھىملىقى GRE غا ئىمتىھانى نەتىجىسىگە يەتمىسىمۇ، توفىل ئىمتىھانى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇراتاتتى. بۇ خەتكە ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەرەپلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن قەلەمگە ئىلىپ يۇقىرى ئىنگىلىز تىلى يېزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن شۇ خەتنى ئوقۇغان كىشىنى بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنى چوقۇم بىر ئويلىشىپ باقمىساق بولماپتۇ دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە يېزىش زۆرۈر ئىدى. ئويلىسام، جۇڭگو مائارىپىدا بىزنى يېزىقچىلىق قىلىشقا ۋە نۇتۇق سۆزلەشكە ئازراقمۇ كۆندۈرمەيدىكەن، شۇڭا كۆپىنچە ستۇدېنتلار بۇنداق رەسمىي خەت-چەكلەرنى يېزىشتا بەكلا قېينىلىپ كىتىدىكەنمىز. بۇنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسى يۇقىرى بولغانغىلا بولمايتتى، چوقۇم چەتئەل مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ باققان  ئۇيغۇر دوستلار ياكى چەتئەللىك تونۇشلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىگە ۋە تۈزىتىپ بېرىشىگە سۇنماي بولمايتتى. كۈتۈپخانىدىن چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش توغرۇلۇق تاپقان بىر مۇنچە كونا كىتابلاردىن ئۈلگىلىرىنى ئوقۇپ بۇ خەتنى قانداق يېزىش توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، ئەمما باشقىلارنىڭ يازغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا يەنىلا خىلى قىينالدىم. بۇ جەھەتتە ئىچكىرىدىكى taisha ۋە jituo دېگەن ئىككى چوڭ چەتئەلگە چىقىشقا ئائىت تور بەتتىن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم ۋە ئۈچ ھەپتىدەك ۋاقىتتا بۇ خەتنىمۇ ئوبدانلا تەييارلاپ بولدۇم. شۇ ۋاقىتلاردا گېرمانىيىدىكى دوستۇم ئەخمەتجان ۋە ئامېرىكىلىق دوستۇم Adem بۇ خېتىمنى كۆپ قېتىم تۈزىتىپ بەرگەن ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن كۆپ مىننەتدارمەن. بولمىسا راستىنلا گاڭگىراپ قالاتتىم. (مانا ئەمدى، مەندىن ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك، بولۇپمۇ ھەر يىلى 12-ئايلاردىن 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار يازغان خەتلىرىنى تۈزىتىپ تەھرىرلەپ بېرىشىمنى سورايدۇ. بەزىلەر ھەتتا، ماڭا خەتتىن بىرنى يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز دەپ سوراپمۇ قويىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ جاۋابى: بۇ خەتنى سىزدىن باشقا ھېچكىم ياخشى يازالمايدۇ، ئاۋۋال يېزىپ بولۇپ ئەۋەتسىڭىز كۆرۈپ بېرەي، بولىدۇ). جەمئىي 12 قېتىم تۈزەتكەندىن كىيىن بۇ خەتمۇ تەييار بولدى. بەلگە: پۈتتى.

4. تەۋسىيە خەتلىرى
ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە چوقۇم 3 پارچە تەۋسىيە خېتى ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنغان بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پىرافىسورلارغا ئۆتۈنۈشىمىزگە توغرا كېلەتتى. بىراۋ ئۈچۈن مەيلى مەسئۇلىيەت يۈزىسىدىن ياكى ئۆزى خالاپ ھەر قانداق بىر ئىش قىلىپ بەرگەندە قايتىدىغان جاۋابنى ئاۋۋال ئويلىشىدىغان كىشىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رېئاللىقتا ياشاۋاتقان بولغاچقا، گەرچە بۇ بىر ئۇستاز بولغۇچىنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن قىلىپ بىرىشى بىر كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما پايدا كەلمەيدىغان بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىش نۇرغۇن پىرافىسورلارغا بەك خوشيىقىپمۇ كەتمەيتتى. بۇ خەت ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىلى مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو پىرافىسورلىرىنىڭ تەۋسىيە خېتى بولمىسا بولمايدىغان، ئەمما بولسىمۇ ئىلتىماسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن چوڭ پايدىسى تەگمەيدىغان بىر ئالۋاڭ ئىدى، خالاس. بۇنداق بولۇشى جۇڭگودا كۆپىنچە پىرافىسورلار تەۋسىيە خەتنى ئۆزى يازماي ئوقۇغۇچى يېزىپ كەلسە ئىمزاسىنى قويۇپ بىرىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ (بۇمۇ خوشياقسا تېخى)، شۇنداق بولغاچقا كىممۇ ئۆزىنى ئۆزى تازا كۆپتۈرۈپ ماختىمىسۇن؟ كۆپىنچە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋسىيە خەتلىرى بەكمۇ ئوخشىشىپ قالىدىغان بىر قېلىپتا چىقىدىغان بولغاچقا بارا-بارا بۇ خەتلەر ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمايدىغان بولغان بولسا كىرەك. ئەلۋەتتە، بۇ خەتنىمۇ ناچار يېزىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان تولۇق كۇرستىكى قەدىناس ئۇستازىم پاتىگۈل مۇئەللىمگە دېسەم ئۇنىۋېرستېت ئېلخەت ئادېرىسى يوقلۇقىنى ئيتېيقان ئىدى (چەتئەللەردە بۇ بەكلا مۇھىم، ئىمكانقەدەر ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەسمىي ئېلخەت ئادرېسى بولۇشى كېرەك)، مەكتەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئۇنىڭغا يېڭىدىن بىر ئېلخەت ئادرېسى ئالغۇزدۇم، ئاندىن ئۇ ماڭا ئىشىنىپ مەخپىي نومۇرىنى دەپ بەردى ۋە مەكتەپلەردىن كەلگەن ئالاقىلەرگە ئۆزۈم جاۋاپ قايتۇرسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىدىن مەن تەييارلىغان تەۋسىيە خېتىگە ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. ئەمما ماگىستىر يىتەكچىم ئاۋۋال بۇ خەتنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشىمنى ئېيتتى، تەرجىمە قىلسام ياخشى بولماپتۇ، دەپ خەنزۇچىسىنى تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئىنگىلىزچىغا ئۆرۈپ قايتا يارغۇزۇپ ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. ئۈچىنچى پارچە خەتنى بولسا بەزى مەكتەپلەرگە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يازغۇزدۇم، يەنە بەزىلىرىگە ئامېرىكىلىق پىرافىسور دوستلىرىمنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىگە يازغۇزدىم. بۇ خەتلەر ھەر ھالدا پۈتكەن بولدى. بەلگە: پۈتتى.

مانا، ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا شۇنچە ئۇزۇن تەييارلىق قىلىپ ئىشلار پۈتۈپمۇ قالدى. ھاياجان ئىچىدە كېلەر يىلى 9-ئايدىكى ئوقۇشقا ئىلتىماس ۋاقتى 12-ئاي ئىچىدىلا توشۇپ بولىدىغان ئىككى مەكتەپكە ئىلتىماسىنى بىر ھەپتە ئىلگىرى-ئاخىرى ئەۋەتىۋەتتىم. بەك مۇرەككەپ ۋە تەس بىلىنگەن بىلەن يىغىپ-يۆگەپ كەلسە ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن شۇ يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنى تەق قىلسىلا بولىدىغان ئىشكەنغۇ! ئالدى بىلەن تامغىلار بېسىلىپ لېپاپقا قاچىلانغان باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇش نەتىجىلىرىمنى چوڭ لېپاپقا سېلىپ ئۇنىڭ ئىچىگە يەنە شەخسىي بايان خېتىنى، ھەر ھالدا ئېتىراپ قىلىنمىسىمۇ توفىل بىلەن GRE نەتىجە قەغەزلىرىدىن بىر نۇسخىدىن (ETS رەسمىي نەتىجىنى بىۋاستە مەكتەپلەرگە ئەۋەتسە ھېساب، بۇنى ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان) سالدىم، ئاندىن ھەر ھالدا ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن تەۋسىيە خەتلىرىنىمۇ كىچىك لېپاپقا سېلىپ ئۇلارنى بۇ چوڭ لېپاپقا سالدىم ۋە تاپشۇرۋالغۇچىغا ئىكى لىك خەت يېزىپ ئالاقىلىشىش ئادرىسىمنى قوشۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئادرېسىنى نەچچە قېتىم توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ DHL گە تېلېفۇن قىلدىم. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو پوچتىسىدىن ئالدىرىماي ئەۋەتىدىغانغا ۋاقتىم قالمىغاچ ھەم ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ ئويلىغاچقا گېرمانىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى DHL مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھەممە نەرسە تەق بولغاندا تېلېفۇن قىلسام ئۇلار دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتا مەكتەپ ئالدىغان كېلىپ لىپاپنى قولۇمدىن ئالاتتى ۋە تۆت كۈن ئىچىدە يېتىپ بارىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ خەتنى ئىلىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق ئىلتىماستىن 6 نى تاپشۇردۇم. ئۇتۇقمۇ خاربىندا تۇرۇپ ئوخشاش ۋاقىتتا 7-8 مەكتەپلەرگە ئىلتىماس تاپشۇرۇپتۇ. ئابلەت دەسلەپ 4 مەكتەپكە، ئاندىن 3-ئايلارغىچە داۋاملىق 10 دىن كۆپرەك مەكتەپلەرگە ئىلتىماس يوللاپتۇ. بىز ھەر ۋاقىت ھەر بىر ئىشتا ئىنچىكە، كىچىك نۇقتىلارغىچە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشتۇق ۋە بىلگىنىمىزنى ئايىماستىن ئۆز-ئارا ياردەمدە بولدۇق. بۇنداق ئۇزۇن ۋە جاپالىق سەپەردە بۇنداق ياخشى سەپەرداشلارنى ئۇچرىتىش ھەقىقەتەنمۇ ئامىتىم ئىدى.

داۋامى بار….
قۇتلان تېلفۇنلىرى

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 09:42:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 10:31  

يازمىنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىغى ئۈچۈن تەۋسىيە خېتىنى قانداق يېزىش توغرىسىدا بەكتۇر تورىدا ئېلان قىلغان تۆۋەندىكى يازمامنى بۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قوياي، ئوقۇشقا  ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس:

ئۇزۇندىن بىرى سىلەرگە پايدىلىق تىمىلارنى كۆپلەپ سۇنۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، بەكتۇردا چەتئەلدە ئوقۇشقا چېتىلىدىغان تىمىلارنىڭ تۈرى ۋە سانى خېلى كۆپ بولغاچقا تورداشلارنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي يازما يوللىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. بۇ ھەپتە «ھايات» ئىسىملىك توردىشىمىز مەندىن چەتئەلگە ئاسپىرانىتلىققا ئىلتىماس قىلىشتا لازىم بولىدىغان تونۇشتۇرۇش خېتى (تەۋسىيە خېتى، recommendation letter) نى قانداق يازىمىز، سىز ئۆز ۋاقتىدا ئەۋەتكەن تونۇشتۇرۇش خەتلىرىدىن بىر قانچىنى تورغا يوللاپ قويغان بولسىڭىز، دەپ ئىلتىماس قىپتۇ. شۇ تەلەپكە ئاساسەن بۈگۈن تورداشلارغا ئازراق بىر نەرسە سۇنغۇم كەلدى.
تونۇشتۇرۇش خېتى ئامرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا چەتئەللەردىكى ئۇنىۋىرستىتلارغا ئىلتىماس قىلىشتا چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك خەت-چەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە 2-3 پرافىسور ياكى ئازدىگەندە ئىككى پرافىسور ۋە باشقا بىر ئىلتىماس قىلىۋاتقان كەسىپكە مۇناسىۋەتسىز بىر كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ خەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئىلتىماسنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدا بەلگىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا نېسبەتەن تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ رولى ئامرىكا ۋە ياۋروپا ئوقۇغۇچىلىرىدەك مۇھىم سالماقنى ئىگەللىمەيدۇ چۈنكى چەتئەل ئۇنىۋىرستىتلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ سەمىمىيتىدىن گۇمان قىلىدىغنى ئېنىق، شۇنداقتىمۇ ھەر ھالدا تونۇشتۇرۇش خېتى ۋاقتىدا تاپشۇرۇلىشى، مەزمۇنىدا ئىلتىماس قىلغۇچىغا پايدىسىز گەپلەر بولماسلىقى، چىنلىققا ئەھمىيەت بىرىلىشى ۋە تىلى راۋان، يۇقىرى ئىلمىيلىك بىلەن يىزىلىشى زۆرۈدۇر. ئەسلى تونۇشتۇرۇش خېتىنى پرافىسورلار يىزىپ بىرىشى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىغا كۆرسەتمەي بىۋاستە مەكتەپلەرگە يوللاپ بىرىشى كىرەك بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ پرافىسورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىزىپ كىلىشىنى تاپشۇرۇپ ئىمزا قويۇپ بىرەي دەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بۇ بىر باش قېتىقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ تەۋسىيە خېتىنى ئۆزىڭىز تەييارلاشقا توغرا كەلسە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىپ يازسىڭىز، ھەر ھالدا يامان ئەمەس چىقىشى مۇمكىن:
1. سىز بىر پرافىسورنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ يېزىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۆزىڭىزنى بىر پرافىسورنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇ ماڭا قانداق باھا بىرىشى مۇمكىن، قايسى نۇقتىلاردىن ئويلىشى ۋە نىمىنى يىزىشنى مۇھىم دەپ قارىشى مۇمكىن؛ ئۇ مېنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ؛ چەتئەل ئۇنىۋىرستىتلىرى تەۋسىيە قىلغۇچى پرافىسورلارنىڭ ئېغىزىدىن مەن توغۇرلۇق نىمىلەرنى ئاڭلاشنى خالايدۇ، دىگەنلەرنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇپ، شۇ نۇقتىدىن يىزىشىڭىز كىرەك.
2. تەۋسىيە خېتى بىر رەسمىي خەت بولۇپ، تەۋسىيە خېتىنىڭ باشلىنىش، ئاخىرلىشىش ۋە مەزمۇنلارغا بۆلۈنۈشىگە ئەھمىيەت بىرىڭ. چەتئەللەردە كىشىلەرنىڭ قانچىلىك رەسمىي ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە خەت يىزىشى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ۋە سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بىرەلەيدۇ. شۇڭا خەت يازغاندا كۆپرەك ماتىرىيال كۆرۈپ خەتنىڭ فورماتلىنىشىغا دىققەت قىلىڭ. بولسا مەكتەپنىڭ ئورگان ئىش قەغىزىگە ئۇرۇپ چىقارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. خەتنىڭ ئۈلگىسىنى مەن قوشۇپ قويىدىغان ھۆججەتتىن كۆرۈپ بىقىڭ. ئەڭ مۇھىمى، خەت يازغۇچىنىڭ ئادرېسى ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى تولۇق يىزىلىشى ۋە ئىمزاسى قويۇلۇشى كىرەك.
3. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ يازغان شەخسىي باياننى ئاۋۋال يىزىپ بولۇپ، ئۆزىڭىز ئېيتىشىڭىز ئەپسز، لىكىن سىز ئىلتىماس قىلىۋاتقان مەكتەپتىكىلەرنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى تونۇشتۇرۇش خېتىدە تولۇقلاڭ. شەخسىي باياندا سىز ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارالغانلىرىنى يازغان بولسىڭىز، تەۋسىيە خېتىدە پرافىسورنىڭ نەزىردە مۇھىم دەپ قارىلىدىغان ۋە سىزنىڭ كەلگۈسىدە سىز ئىلتىماس قىلىۋاتقان مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز بىر مۇۋاپىققىيەت قازىنالايدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايدىغانلىقىڭىزغا ئۇلارنى ئىشەندۈرۈشكە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى چوقۇم قوشۇپ قويۇشىڭىز كىرەك. بۇلار ئاساسلىقى سىزنىڭ قېينچىلقنى يىڭىش جاسارىتىڭىز، ھەمكارلىق روھىڭىز، ئىجادچانلىقىڭىز ۋە قاتتىق تېرىشچانلىقىڭىز ... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەنە بىرى، بىر قانچە تەۋسىيە خېتى يازغان بولسىڭىز، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ۋە تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدا ئۆزگىرىش بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.
4. شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىز كىرەككى، سىز ئاسپىرانىتلىققا ئىلتىماس قىلىۋاتىسىز، شۇڭا تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە خەت-چەكلەر سىزنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىڭىزنى ياكى يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى باش نۇقتا قىلغان بولۇشى، يىزىلغان بارلىق مەزمۇننىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزى ئىددىيىسى سىزنىڭ تەتقىقاتقا بولغان قىزىقىشىڭىز، ھازىرلىغان تەتقىقات ئىقتىدارىڭىز ۋە تەتقىقاتتا نەتىجە قازىنىشقا لازىم بولىدىغان بىلىم ۋە باشقا تەييارلىقلىرىڭىزنىڭ يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بىرىشى كىرەك.
5. مەزمۇنى جەھەتتىن ئاۋۋال سىز بىر پرافىسور سۈپىتىدە سىزنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى (ئۆزىڭىز) بىلەن قانداق تونۇشلۇقىڭىز، مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېنىق يىزىشىڭىز، ئاندىن باشتىكى ئابزاستىلا ئىلتىماس قىلغۇچىغا بىر ئومۇمىي باھا بىرىشىڭىز، ئاندىن شۇ باھاغا لايىق پاكىتلارنى كىينكى بۆلەكلەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىز كىرەك. ئاندىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سىز بىلىدىغان، ئىلتىماس قىلغۇچىغا پايدىلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئىككى ئابزاسقا بۆلۈپ يىزىپ چىقىڭ. ئاخىرىدا، خۇلاسە قىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىنى نېمىشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلەڭ ۋە ئىلتىماس قىلغۇچى توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار لازىم بولسا ئۆزىڭىزنىڭ تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ خەتنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ.



24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 09:26:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندىكىسى بەكتۇر تورىدا ئېلان قىلغان شەخسىي باياننى يېزىشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا يازغان قىسقا يازمام:
http://www.bektur.com/bbs/thread-1632-1-1.html

ھازىر چەتئەلگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرى بولغاچقا نۇرغۇن سىتۇدىنتلاردىن كۈنىگە ئونلىغان خەتلەرنى تاپشۇرۋالىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپ تاللاش ياكى ئىلتىماس قىلىشتىكى خەت-چەكلەر توغرىسىدا مەسلىھەت ۋە ياردەم سورايدۇ. مەن ئالدىنقى قېتىم بەكتۇرغا Recommendation Letter نى قانداق يېزىش توغرىسىدا بىر يازما يوللىغان ئىدىم. ئەمدى ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم خەت-چەك ھېسابلىندىغان Personal Statement ياكى ياۋروپا مەكتەپلىرىگە نېسبەتەن Motivation Letter دەپ ئاتىلىدىغان خەتنى قانداق يېزىش توغرىسىدا تەجىرىبەمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن ۋە ئاخىرىدا مەن ئىشلەتكەن بىر پارچە Personal Statement نى ئۈلگە ئۈچۈن قوشۇپ قويىمەن.(بۇ يازمىدا بۇ خەتنىڭ ئىسمى ئورتاق ھالدا Personal Statement دەپ ئىلىنىدۇ، پەقەت ئاسپىرانىتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ماس يېزىلدى).
چەتئەل مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشتا Personal Statement ۋە Recommendation Letter لەر تەرجىمھالىڭىزدىن باشقا چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك خەت-چەكلەردىن بولۇپ، Personal Statement نىڭ ياخشى يېزىلىش-يېزىلماسلىقى سىزنىڭ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقىڭىزدا رولى بىر قەدەر مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەتنى تەلەپ قىلىشنىڭ مەقسىتى مەكتەپلەر سىزنىڭ ئۆز تەرجىمھالىڭىزدىن سىزنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىڭىزنى قىسقىچە بىلگەندىن باشقا، سىزنىڭ شەخسىي سەرگۈزەشتىلىرىڭىز ۋە تەرجىمھالدا تىلغا ئېلىنمىغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى بايقاشنى ۋە كەسپىي جەھەتتىكى قىزىقىش ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋىلىشتىن ئىبارەت. سىز ئەگەر بۇ خەتنى ئۆز ئالدىڭىزغا يۇقىرى سەۋىيەدە مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ چىقالىسىڭىز، بۇ ئەمەليەتتە سىزنىڭ چەتئەل مەكتەپلىرىدا ئوقۇشقا لايىق كەلگۈدەك ئېنگىلىز تىلى يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقىڭىزنىمۇ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. شۇڭا، بۇ خەتنى ناھايتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يىزىش بىلەن بىرگە، كىشىگە سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكلىرىڭىز ۋە كەسپىي جەھەتتىكى سىزنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىڭىزغا ئاساس بولغۇدەك تەتقىقات ئارقا كۆرۈنۈشىڭىزنى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتۇپ بىرىشىڭىز، شۇ ئارقىلىق سىزنى باھالىغۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىدىكىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشىڭىز ناھايتى مۇھىم. بۇ خەتنى يازغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى يىزىش ۋە دىققەت قىلىش لازىم:

1. بۇ خەت بىر رەسمىي خەت-چەك قاتارىغا كىرىدىغان بولغاچقا، چوقۇم خەتنى تەييارلىغاندا تۇرمۇش ئېنگىلىز تىلىدا ئەمەس، رەسمىي تىلدا يېزىشىڭىز لازىم. بەزى سىتۇدىنتلار خالىغانچە سۆزلەرنى قىسقارتىپ ۋە slang لەرنى ئىشلىتىپ يازىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل Personal Statement تە ئىشلىتىشكە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ ھەم بۇ ناھايتى تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2. خەتنىڭ ھەر بىر جۈملىسى تاللانغان، مەزمۇنلۇق بولۇشى، ئارتۇقچە ياكى چۈشىنىكسىز جۈملىلەر قەتئىي ئىشلىتىلمەسلىكى كىرەك. مەن كۆرۈپ بىرىش تەلەپ قىلىنغان خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە نۇرغۇنلىغان ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتسىز شەخسىي كەچۈرمىشلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن ياكى چۈشىنىكسىز، ھىچبولمىغاندا چەتئەل مەكتەپلىرىنىڭ پىراافىسورلىرى چۈشىنەلمەسلىك ئېھتىماللىقى بار جۈملىلەر كۆپلەپ ئىشلتىلگەچكە، مەن ئۇ خەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆچۈرۋىتىمەن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پىرافىسورلارنىڭ ۋاقتى تولىمۇ قىس، ئۇلار سىزنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىڭىز ۋە قىزىقىشىڭىزنى، شۇنداقلا ئۆزگىچە ھايات ھېكايىڭىزنى كۆرۈش مەقسىتىدە خېتىڭىزنى قولغا ئالىدۇ، شۇڭا ئۇلار قىزىقمايدىغان مەزمۇنلارنى زۆرۈر بولمىسا قوشماڭ ۋە ئەڭ توغرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىپ خەتنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ.

3. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، Personal Statement ئاساسلىقى سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ كەسىپ، شۇ مەكتەپكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى قايىل قىلارلىق، بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، دەل ۋە ئىخچام ئۇچۇرلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىشىڭىزنى؛ سىزنىڭ مۇشۇ كەمگىچە قانچىلىك ياخشى دەرىجىدە كەسپىي ۋە روھىي تەييارلىقلارنى قىلغانلىقىڭىزنى؛ ئەڭ مۇھىمى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومېتىتىدىكى پىرافىسورلار نېمە ئۈچۈن سىزنى كەلگۈسىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ، دەپ ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىنى مۇشۇ خەتتە ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىشىڭىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىز بىر تولۇق ھېكايە سۈپتىدە قىزىقىشىڭىزنى يىتىلدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى بىرەر جۈملىدە ئىپادىلەپ بەرگەندىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ شۇ قىزىقىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىپ قىزىققان بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكىڭىز، قىزىقىشىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئاشقانلىقى ۋە ئاخىرىدا نېمە ئۈچۈن ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەل باغلىغانلىقىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك سەرگۈزەشتىلىرىڭىزگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. شۇ مەكتەپنى نېمە ئۈچۈن تاللىغانلىقىڭىزنى قىسقىچە چۈشەندۈرسىڭىزلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ «ئامرىكا بۇ كەسپىتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ» «گېرمانىيە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دىگەندە سىزگە بىۋاستە مۇناسىۋەتسىز ئۇنىۋىرسال گەپلەرنى ئىشلتىشتىن ساقلىنىڭ. بولسا، سىز قىزىققان بىرەر پىرافىسورنىڭ تەتقىقاتىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغانلىقىڭىزنى ۋە شۇ مەكتەپنىڭ سىزگە لازىم بولغان بىلىملەرنى بىرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنىڭ، ھەم سىزنىڭمۇ شۇنىڭغا چۈشلۇق پۇختا ئاساس ۋە تەۋرەنمەس ئېرادە بىلەن ياخشى ئارقا كۆرۈنۈش ھازىرلىغانلىقىڭىزنى يازسىڭىز قايىل قىىش كۈچي يۇقىرىراق بولىدۇ.

4. سىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولغانلىقىڭىز ۋە باشقا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن قانداق پەرقلەندۈردىغانلىقىڭىزنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز. پەقەت، شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشىڭىز بارلىقى ۋە سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ توسالغۇلارنى يېڭىپ باشقا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغانلىقىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

5. ئومۇمەن، سىز بۇ خەتتە تونۇشتۇرۇش خېتى ۋە تەرجىمھالىڭىزدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك كەسپىي نەتىجىلىرىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ پىرافىسورلارنىڭ ئېسىدە قىلىشىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ تۇرۇپ، كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان، ئەمەليەتكە ئۇيغۇر، ماختىنىدىغان يەرلىرى بار ئەمما سەممىيەتلىكى كۈچلۈك بىر ئۇسۇلدا بۇ خەتنى تاماملىسىڭىز، سىزنىڭ ئىلتىماس قىلغان مەكتەپنىڭ GRE ۋە TOEFL(ياكى IELTS) شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ئەھۋالدا قوبۇل قىلىنىپ قىلىش ئېھتىمالىڭىزنى ئاشۇرۇشقا زور ياردىمى بولىدۇ.

ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك ئىكەن، چالا قالغان گەپلەرنى ئىنكاس شەكلىدە سورىسىڭىز جاۋاپ بىرىمەن.

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 10:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا مۇنداق ئىلتىماس قىلدۇق

ئامېرىكا چۈشىمىزگە يىقىنلاشقانسېرى تاقەتسىزلىنىشكە باشلىغان ئىدۇق. ئابلەت پەقەت نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى پۈتۈنلەي خىيالىدا يوق بۇ «چۈش» كە ئاجايىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىزگە ئۇلىشىپ، ھەتتا بىزدىنمۇ بۇرۇن ئىلتىماسلىرىنى ئەۋەتىپ تەق بولدى. ئابلەت خاڭجۇدا تۇرغان مەزگىلدە TOEFL غا تەييارلىق قىلغاچ نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ ئامېرىكىغا بولغان تەلپۈنۈشى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بىرىپتۇ. بىز ئۈچىمىز ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئىلگىرلەشلەردىن خەۋەردا بولۇشۇپ، بىر-بىرىمىزدىن ھەر بىر كىچىك ئىشقىچە سورىشىپ تۇراتتۇق. ئابلەت بىلەن ئۇتۇق ئىلتىماس ماتىرىياللارنى تىزلا تەييارلاپ ماڭا ئوخشاش قىممەت پۇل كېتىدىغان DHL ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىشنى بالدۇر باشلاپ جۇڭگو پوچتىسىدىن ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ماڭغۇزۇپتۇ. مەن تۇنجى ئىلتىماسىمنى تاپشۇرۇپ بولۇپ مەنزىل ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارغانمىدۇ، دەپ كۈندە توردىن قەيەرگە كەلگەنلىكىنى تىت-تىت بولۇپ تەكشۈرۈپ تۇراتتىم. دېگەندەك دەل 4 كۈن بولغاندا مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىلتىماس كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ماتىرىياللىرىم مەن ئىلتىماس قىلغان مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا يېتىپ بىرىپتۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىمتىھان مۇلازىمىتى مەركىزىدىن بىۋاستە ئەۋەتىلىشگە تىگىشلىك بولغان GRE ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇ ۋاقىتتا تېخى مەكتەپكە بىرىپ بولالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا قولۇمدىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەرھال فاكىس قىلىپ بىرىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ خەت كەلدى. بۇ خەتنى كۆرگىنىمدە ئاللىقاچان كەچ سائەت 10 دىن ئېشىپ كەتكەن (ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ئورۇنلاشقان ئورىگون شىتاتىدا ئەمدى ئەتىگەن سائەت 8 دىن ئاشقان ۋاقىت) ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى ئامېرىكىدا ۋاقىت بىزدىن 8-12 سائەتكىچە كەينىدە ئىكەن، بولمىغان بولسا بۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ھېسابلىناتتى. ئۇ كۈنى قانچىلىك جىددىيلەشكەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ياتاقتىن يۈگۈرۈپ چىقىۋاتسام ئوقۇغۇچىلار بىناسىنى تاقاي دەپ تۇرۇپتىكەن، ئاران دېگەندە سىرتىغا چىقىۋالدىم، ئەمما چاتاق يېرى بۇ كەچتە فاكىسنى نەدىن تاپاي؟ ئالدىراپ-تېنەپ ياتاق بىنالىرىدىن ئەڭ يىراققا ئورۇنلاشقان فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىناسىنىڭ يىنىدىكى بىر نۇسخىلاش، فاكىس قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان دۇكانغا يۈگۈردۈم، ئەپسۇس بارسام ئاللىقاچان تاقىلىپ قاپتۇ. ئەمدى شۇنداق قىلىپ ئاران قىلغان بۇ ئىلتىماسىم بىكار بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولاتتى، ۋارقىرىغۇم، توۋلاپ جاھاننى بېشىمغا كەيگۈم كىلەتتى… توختاپ تۇر، بۇنداقلا بولدى قىلماي-دەپ ئويلىدىمدە دۇكانلارنىڭ ئىچىدىكى چىرىقى غۇۋا يېنىپ تۇرغان بىرىنىڭ ئىشكىنى قاتتىق ئۇردۇم، ئادەم يوق بولسا كۆپ ئۇرساممۇ زېيىنى يوق دەپ بولۇشىغا ئۇرۇۋاتسام ئويلىمىغان يەردىن ئىچىدىن بىرسى چىقىپ قالدى.
-بۇ كېچىدە نېمە ئىشىڭ بار؟ بىز تاقاپ بولدۇق، ئەتە كەل! دەپلا كەينىگە يانغۇسى بار.
-توختاپ تۇر! دەپ ئۆتۈنۈشكە باشلىدىم. نېمىلەرنى دېگەنلىكىم ھازىر ئېسىمدە يوق، ئىشقىلىپ بۇ چىرايىمدىن مېنىڭ بىر فاكىس يوللىۋىلىشىمنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى چۈشەندى بولغاي، بۇ ياخىشى كۆڭۈل يىگىت مېنى ئىچىگە كىرگۈزدى. ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئىككى كوي كېتىدۇ دېسە 20 كوينى تۇتقۇزۇپ قويدۇم. ئۇ 200 كوي دېگەن بولسىمۇ بەلكىم ماقۇل دەپ بېرىۋىتىشىم مۇمكىن ئىدى شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمدا. خۇدايىمغا مىڭ شۈكرى! شۇنداق قىلىپ فاكىسىنى يوللىۋىتىپ دۇكاندىن چىقىپ يايراپ كەتتىم. سىرتتا ئاستا-ئاستا قار ئۇچقۇنلاشقا باشلىغان ئىدى. ئاستا قەدەم تاشلاپ مەكتەپ ئىچىدە كىتىۋىتىپ بۇ چىرايلىق ياغقان قاردىن شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىم، ئاجايىپ شىرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. كىلەر يىل مۇشۇ كۈندە قەيەردە بولارمەن؟ دەپ ئويلايتتىم. تېخى كىلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئامېرىكىدا كۆرسەم، ھە دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرىم... توۋا، شۇ ماكاندىن ئايرىلىشقا ئاجايىپ تەقەززا بولۇپ كىتىپتىكەنمەن شۇ ۋاقىتلاردا… كىم بىلسۇن مەن كېتىشنى خىيال قىلغان شۇ تۇپراققا ئەسلى يۈرىكىمنىڭ بېغىشىنىڭ چىڭ باغلانغىنىنى؟! كىم بىلسۇن بىر ۋاقىتلاردا مەن ياشاشتىن بىزار بولۇپ تىللاپ يۈرگەن شۇ ماكاننىڭ ئەسلى بارچە خۇشاللىق، ئىلھام ۋە سۆيگۈنىڭ مەنبىيى ئىكەنلىكىنى؟! ھازىرقىدەك ھەر بىر كۈن، ھەر سائەت، ھەر مېنۇت شۇ ماكانغا بىر دەسسەشنى خىيال قىلىپ تەلپۈنىدىغانلىقىم ھەجەپ ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن-ھە؟! كۈندە كۆرىدىغان تونۇش چىرايلار، ئىللىق سالاملار، ناتونۇشلارنىڭ تونۇش ئاۋازلىرى، ئىشقىلىپ مەن ئۈچۈن چەتئەلگە چىققاندىن كىيىن ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغان يۇرتۇمدىكى ھەممە-ھەممىنىڭ مېنى شۇنچە سېغىندۇرارىنى نېمىشقا ئويلىمىغان بولغىيدىم...

بۇ كېچە بىر يىقىن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كەتتىم. ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىلى 8 يىلغا يىقىن بولۇپ قالغاچقا، ئۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ئۈرۈمچى بىر ئىللىق ماكان بولۇپ تۇيۇلاتتى، كېچىلىرى سىرتتا قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپمۇ سالمايتتىم، خۇددى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇغقىنىمدەك خاتىرجەم. بۈگۈن ئىلتىماس قىلغان بۇ مەكتەپ مېنىڭ بىرىنچى ئارزۇيۇم ئىدى چۈنكى شۆھرەتكام مۇشۇ مەكتەپتە تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان بولۇپ، مېنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ ئاللىقاچان تەۋسىيە خېتىمۇ يېزىپ بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتىلققا قوبۇل قىلىش قائىدىلىرى دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، مەكتەپلەر ئارىسىدا يەنە بەلگىلىك كىچىك پەرقلەرمۇ بار ئىدى. ئالدى بىلەن بىز ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ئەۋەتسەك تۇنجى بولۇپ مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىغا ئۇدۇل بارىدىكەن، شۇ يەردە ئالدى بىلەن بىر قۇر دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ تاللانغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرى ئاندىن ئىلتىماس قىلغان فاكۇلتىتلارغا يوللىنىلىدىكەن. ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى ئاساسلىقى ئىلتىماس ماتىرىياللىرى تولۇقمۇ-ئەمەس، ئىلتىمسا ھەققى تۆلەندىمۇ-يوق، ئوقۇش نەتىجىسى بەك تۆۋەنمۇ-ئەمەس دېگەنلەرگە قارايدىكەن. يەنە GRE ئىمتىھان نەتىجىسى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسىمۇ بۇ دەسلەپكى تاللاشتا شاللىنىپ قالىدىغان گەپكەن. ئەمدى فاكۇلتىتقا يوللانغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ھەر بىر فاكۇلتىت 5-7 پىرافىسورلاردىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى» قۇرۇپ شۇلارنىڭ تەپسىلىي، ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر كاندىداتنى سېلىشتۇرۇپ باھالاپ چىقىدىكەن ۋە تۈرلەر بويىچە نومۇر قويۇپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى دەرىجىگە تىزىدىكەن. شۇنداق قىلىپ فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن دەرىجىسى  ئەڭ ئالدىدا تۇرغانلارنى تاللاپ ئاۋۋال ئۇلارنى يۈز تۇرانە ئىتمىھانغا چاقىرىدىكەن. مەسىلەن، بىر فاكۇلتىت 10 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغاندا ئادەتتە داڭلىق مەكتەپلەرگە 200-500، ئەڭ بولمىغانلىرىغىمۇ يىلدا 50-60 ئادەم ئىلتىماس قىلىدىغان بولغاچقا ئاران ئالدىنقى 15-20 ئادەمگىلا يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى بىرىلىدىغان گەپكەن. ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان 10 ئادەمگە قوبۇل قىلغانلىغىنى ئۇقتۇرىدىكەن. بىز ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ قويۇپ ئالدىراپ كەتكەن بىلەن، بۇلار بىز 12-ئايدا ئىلتىماس قىلىپ قويساق كىلەر يىلىنىڭ 2-4 ئايلىرىدا ئاندىن خەۋەر بىرىدىغان ئىشكەن. ئىشقىلىپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تۇنجى تاللىشى دەپ بىلىپ ئىلتىماس سۇنىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ دوكتۇرلۇققا كىرىش ئىلتىماسىدا غەلبە قىلىشنىڭ ئۆزى ناھايىتى زور مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى، ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنكى مەنىسىنى ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ئويلاشقا بالدۇر ئىدى... تۇنجى ئىلتىماسىم شۇ كۈنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇلغانغا ھېساب بولدى. مەن بۇ كۈنى خۇددى ئەمدى تۇرۇپلا ئامېرىكىغا بېرىپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتلارغا چۆمۈلدۈم، ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ قانداق بولغاندۇ دەپ ئويلاپ كۈنلىرىم ئەنسىرەش ئىچىدىلا ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ ئىلتىماسنى تاپشۇرۋەتكەندىن كىيىن دەرھال مەن ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقلىرىدىن ۋىسكونسون شىتاتىدىكى University of Wisconson-Madison ۋە مىسسۇرى شىتاتىدىكى Washinton University Saint Louise قاتارلىق ئىككى مەكتەپكە 12-ئاينىڭ 15-گە ئۈلگۈرتۈپ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى پوچتىدىن تاپشۇرۋەتتىم. ئىلتىماس ماتىرىياللارنى پوچتىدىن تاپشۇرۇشتىن ئاۋۋال ھەر بىر مەكتەپنىڭ توردىكى ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشتۇرۇشقا توغرا كىلىدىغان بولغاچقا توردىكى ئىلتىماسنى توشقۇزۇپ توردا تاپشۇرغاندىن كىيىن بىر ھېسابات نومۇرى بېرىدىكەن ۋە شۇ نومۇرىمىز بويىچە بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرىپ ئىلتىماسنىڭ قەيەردىن-قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغىلى بولىدىكەن. مەن دەسلەپ بۇ ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمەن، كىيىن بىر قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكىلىق دوستۇم Adam مەن بىلەن باشقا بىر مەكتەپنىڭ توردىكى ئىلتىماسىنى توشقۇزۇشۇپ بىرىپ چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن كۈندە ھەر بىر مەكتەپنىڭ تور بېتىگە نەچچە رەت چىقىپ بىرەر يېڭىلىق بارمىدۇ، دەپ تەكشۈرۈپلا تۇرىدىغان بولدۇم.

شۇنداق قىلىپ يېڭى يىلمۇ كىرىپ كەلدى، مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋە شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆزگەرتۋەتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ 2009-يىلى يۈز بەردى. 1-ئاينىڭ 15-كۈنلىرىگىچە تاپشۇرىدىغان ئىلتىماسلارنىڭ ھەممىنى تاپشۇرۇپ بولدۇم، ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 6 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلدىم. ئىشقىلىپ بۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپلەرنىڭ جاۋابىنى كۈتۈش شۇنچىلىك ئازاپلىق، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە كىشىنى ۋىسالغا يىتىش كويىدىكى ئاشىقلاردەك تەقەززا قىلىدىغان بىر كۈتۈش. بۇنى پەقەت بۇ ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار بىلەلەيدۇ. قىشلىق تەتىلدە ئۇتۇق خاربىندىن، ئابلەت خاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئاتلاندا دەرس ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يازمىسام بولمىغاچ كۈنلەر ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەندەك قىلغان بىلەنمۇ ماڭا يېتەرلىك ئالدىراش بىلىنمەيتتى چۈنكى مەن پەقەت تېزراق مەن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بىرەر ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قوبۇل قىلغانلىق ئۇچۇرىنى قاچان ئاڭلارمەن دەپ تەشنا ئىدىم. ئاتلاننىڭ شۇ يىلى قىشتىكى «تالانىت كۆرىكى» پائالىيىتى كۈنى ئابلەت ئىكىمىز ئۇتۇقنى چاقىردۇق ۋە بىللە ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق. شۇ كۈنى ئويۇندىن كىيىن كەچتە ئۈچەيلەن تاماققا بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق. ئەنىسىرەشلىرىمىز كۆپ ئىدى، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق دەردى بار، ئەمما كۆپىنچىسىدە ئورتاقلىقىمىز بار. قاچانمۇ مەكتەپلەردىن بىرەر خەۋەر ئاڭلارمىز دەپ ئىچىمىز پۇشقىنىنى دېيىشىۋىتىپ يەنە ئەگەر راستىنلار قوبۇل قىلىنىپ قالساق دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشەتتۇق. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىرىمىزنىڭ چوقۇم تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. ھەممىمىز 24 ياشقا كىرىپ قالغان يىگىتلەردىن بولغاچقا ئەلۋەتتە ئويلىشىدىغان باشقا ئىشلارمۇ بار ئىدى. گەرچە چەتئەلدە ياشىغاندا بويتاق ياشىغاندىن توي قىلىپ ئائىلىمىز بىلەن بىللە ياشىساق ياخشى بولىدىغانلقىغا قوشۇلاتتۇق، يۇ-ئەمما چەتئەلدە ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمىگەچكە توي قىلىپ بىللە چىقىشقا كۆزىمىز قورقۇپمۇ قالىدىغانلىقنى ئېتىراپ قىلاتتۇق. دېگەنبىلەن، ئۇتۇق تولۇق كۇرسنى ئوقۇۋاتقاچ شۇنچە كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان ئىلتىماس ئىشلىرىنى ئىلىپ ماڭغان بولغاچقا نەدە قىزلارغا قارايدىغانغا چولى تەگسۇن. ئۇ ئەمدى دادىسىنىڭ تاپىلىشى بىلەن بىرەر ياخشى قىز بىلەن تونۇشۇشى كىرەك ئىدى (ئەمما دادىسىنىڭ تەلىپى تېخى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئورۇندالدى). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىچىدە سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلەر بار ئىدى، ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئويلايتتۇق، نۇرغۇن ئىشلاردىن ئەنسىرەيتتۇق…. ھېسسىياتىمىزدا شۇ قەدەر ئورتاقلىق بار ئىدىكى ھەر قانچە كۆپ ئەنسىرەشلىرىمىز بولسىمۇ، بىز بىر-بىرىمىزگە روھىي يار-يۆلەك ئىدۇق. بىرەرىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم كۈنلىرى تېلېفۇنلىشىپلا كۆرۈشۈپ پات-پاتلا ئۇچرىشىپ تۇردۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاۋا ناھايىتى ئېچىلغان بىر چۈشتىن كىينلىكى ئۇتۇقتىن تېلېفۇن كەلدى.

-ھە ئۇتۇق، قانداق كۆرۈشەمدۇ؟ دەپلا تېلېفۇننى ئالغان ئىدىم.

-ھەئە، كۆرۈشەيلى. ئابلەتمۇ ھازىر كىلىدۇ. دۆڭكۆۋرۈككە ھازىرلا كەل.

مەن شۇ بۇرۇنقىدەك پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قايتىپ كىلىمىز ھەقىچان دەپ بارغان ئىدىم. ئۇتۇقنىڭ چىرايى باشقىچىلا كۆتۈرەڭگۈ.

-ئاداش، بىر خۇش خەۋەر بار.

-راستما؟!!!! ۋاھ، بىلدىم ئاداش. قالتىس! مۇبارەك بولسۇن! قۇچاقلىشىپ كەتتۇق، دوستۇمنى باغرىمغا چىڭ باستىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك خۇشال بولغىنمنى بىلمەيسىلەر… ھەتتا خۇشاللىقتىن كۆزۈمگە ياش كىلىپمۇ ئۈلگۈردى. يەنە نېمە خۇش خەۋەر بولاتتى، ئېنىقكى ئۇتۇققا بۈگۈن چاقىرىق كەلگەن ئىدى.

-كانزاس شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېت فىزىكا فاكۇلتېتىدىن كەپتۇ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىكەن، دەرھال قوبۇل قىلدىم.

-مۇبارەك بولسۇن ئاغىنە! سېنىڭ ئۆتىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم…

ھايال ئۆتمەي ئابلەتمۇ كەلدى، ئۇمۇ شۇنچىلىك خۇشال بولدى. كەچتە ئوبدان تەبرىكلەيدىغانغا دېيىشتۇق ۋە شۇ كۈنى كەچ ئۇتۇق ئۈچۈن يۈرىكىمىز يېرىلغۇدەك خۇشال بولۇشتۇق ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىز ئۈچىمىزدىنمۇ خۇشال ئىنسانلارنى كۆرمىدۇق. ئۇ كۈنىدىكى خۇشاللىقىم ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى، ئۇتۇق قانچىلىك خۇشال بولسا بىزمۇ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇق دەپ ئويلايمەن. كىشى دوستىنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولالىسا بۇ دوستلۇق ھەقىقىي دوستلۇق بولغان بولىدۇ. ئۇتۇق مەن ئۈچۈن ئەنە شۇنداق دوستلاردىن ئىدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.

سىزچە ئەمدى نۆۋەت كىمگە كەلگەندۇ؟

داۋامى بار….

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 10:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ھېكايىنى ئابلەتتىن ئاڭلايسىلەر.
ئابلەت بىلەن ئاتلاندا دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۋاتقان مەزگىللىرىمىز بولغاچقا پات-پاتلا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق ۋە بىر يەرگە كەلسەك دېيىشىدىغىنىمىز قايسى مەكتەپلەردىن ئىلتىماسىمىزنى رەت قىلغانلىق خەۋىرى كەلگەنلىرى، قايسىلىرىنىڭ تېخىچە جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىدىن ئىچىمىزنىڭ پۇشقىنى بولاتتى. ئابلەت دەسلەپ ئىلتىماس قىلغان ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق تۆت مەكتەپنىڭ ھەممىسىدىن رەت قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ GRE ئىمتىھانى ۋە مەكتەپلەردىكى ئىلتىماس قىلغاندىكى رىقابەتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سەل چاغلاپ قالغىنىنى ھېس قىلغان ئىدى. بىر نەچچە مەكتەپلەردىن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنىڭ شۇ يىلى بەكمۇ قىسلىقىنى ئېيتىپ مۇكاپات بېرىشنى رەت قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئابلەت 2-ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە نۇرغۇن مەكتەپلەرنى ئىزدەپ ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چېكى ئۆتۈپ كەتمىگەنلا بولسا ئىلتىماس تاپشۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما ئەپسۇس ھېچ خەۋەر يوق. ئۇتۇق بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەتتۇق، چوقۇم ئۇنىڭغا چاقىرىپ كىلىدۇ دەپ ئىشىنەتتۇق ۋە ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتىپ تەسەللىي بىرەتتۇق. ئەمما قېرىشقاندەك، ئابلەتنىڭ شۇنچە كۈچىگىنىگە باقماي، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلغانلارنى بىر تۇتاش ھالدا ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ۋاقتى بولغان 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا جىم. بۇ ئىلتىماس جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن پەقەت بىر نەچچە ئايلىق ساقلاش بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر نەچچە ئاينىڭ تەقەززالىق بىلەن ساقلاش ئىچىدە قانچىلىك تەس ئۆتىدىغانلىقىنى پەقەت ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ باققانلار ئاندىن ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئابلەت جىمجىتلىشىپ كەتتى، مەكتەپتە كۆرۈشكەندىمۇ ئانچە جىق گەپمۇ قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىلھام بىرىشنى ئويلايتتىم، ئەمما ئۆزۈمنى بىر خىل گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. سىزمۇ ئوخشاش بىر نەتىجىنى كۆرۈش ئۈچۈن دوستىڭىز بىلەن بىللە تىرىشىپ ئاخىرىدا دوستىڭىز كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشمەي سىز ئېرىشىپ قالغاندا مۇشۇنداق ھېسسىياتتا بولۇپ باققان بولغىيتىڭىز بەلكىم…

ئۇ ۋاقىتلاردا دېگەنبىلەن مەنمۇ ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەمنى يازىمەن، ماقالە ئېلان قىلىمەن دەپ يۈرۈپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ 5-ئايمۇ ئۆتتى، 6-ئايمۇ كىردى. ئابلەتنىڭ ئۇتۇق ئىككىمىز بىلەن بىرگە ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلساقمۇ، ئەمما 6-ئاي بولغان مەزگىلدە بۇ خىل ئۈمىدنى ساقلاپ قىلىشمۇ تەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئابلەت ھېلىھەم بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا يەنىلا ئىچىمىزدە بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ قالسىكەن دەپ تىلەيتتۇق. ئابلەت ھېلىمۇ دەرسلىرىنى جايىدا ئۆتۈپ، شۇنچىلىك ئىچى پۇشۇپ تۇرسىمۇ روھىي ئۈستۈن بىر ھالەتنى نامايەن قىلاتتى. دوستۇمنىڭ بۇ خىل قەيسەرلىكىگە قاراپ ئۇنى قايتىدىن تونۇغاندەكمۇ بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام بۇ ئىشلار ماڭا چوقۇم ئېغىز زەربە بولغان بولاتتى، ھەرگىزمۇ ئابلەتتەك ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋىرەلمەيتتىم. ئابلەت رىئاللىققا دادىل يۈزلىنىپ بۇ يىل كۈزدە بارالمىسا چوقۇم كەينىمىزدىن ئۇزۇنغا قالماي بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كىلىشتىكى كەسكىن قارارىنى ئېيتىپ بىزنى خۇشال قىلاتتى. ئامال بار، باشقا ۋاقىتتا ئايرىم كۆرۈشۈپ بولالمىساقمۇ ئاتلاندا كۆرۈشكىنىمىزدە ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئاماللارنى سىناپ بىقىش توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرىلەشتتۇق. ئۇ بىر كۈنى تېلېفۇن قىلىپ مېنى مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈرۈمچى نەنمىن ئەتراپىدىكى «تېكساس قەھۋاخانىسى» غا تەكلىپ قىلدى. بىر خۇشاللىق بار ئوخشايدۇ دەپ پەملەپ دەرھال بارسام ئابلەت كەيىپى چاغ مېنى ھالدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ئالدىنقى كۈنى كەچتە تېكساستىكى بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە ئۇ ئايال پىرافىسورنىڭ ئۇنىڭ ئېنگىلىزچىسىنىڭ شۇنچىلىك راۋان ۋە ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا باشقىچە قىزىقىپ قالغانلىقىنى ۋە بىر ئورۇن چىقققۇدەكلا بولسا خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئابلەتنىڭ ئېنگىلىزچىسىنىڭ ياخشىلىقىغا دېمىسىمۇ گەپ كەتمەيتتى. بۇنىڭ بىر ئەمەلىي ئىسپاتى شۇكى، ئابلەت 2012-يىلى يازدا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىغا مېنى يوقلاپ كەلگەندە مەن تەجىربىخانىدىكىلەرگە سۆزلىگەن بىر ئىلمىي دوكلات سورۇنىغا داخىل بولغان ئىدى. ئۇ دوكلاتىمدىن كىيىن بىر مۇنچە سوئاللارنى سورىۋىدى، مېنى «مەن كۆرۈپ باققان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئېنگىلىزچىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچۇم» دەپ تەرىپلەيدىغان بۇ ئاق چاچ بوۋاي ئابلەتنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە مېنىڭ ئالدىمدىلا يۈزۈمنىمۇ قىلماستىن: «تۇرسۇن، دوستۇڭنىڭ ئېنگىلىزچىسى سەندىنمۇ ياخشىكەن، سىلەر ئۇيغۇرلار تىل ئۆگىنىشتە راستىنلا قالتىس تالانتىڭلار بارمۇ نېمە؟» دېگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئابلەتنىڭ باشقا بارچە ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئۇنىڭ كەم-كۈتسىز سۆزلەيدىغان ئىنگىلىز ئېغىزچە تىلى قوشۇلۇپ ھېلىقى ئايال پىرافىسوردا قاتتىق ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولسا كېرەك. ئابلەت ئەزەلدىن «باشقىلار مۇمكىن بولمايدۇ دەيدىغان ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلىشنى ياقتۇرىمەن» دەيتتى. بۇ كۈنى شۇ ئىشلارنى دېيىشىپ ناھايتى خۇشال بولۇشتۇق ۋە ئۇنى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تويۇمغا تەكلىپ قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئۈرۈمچىدىكى 6-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بۇ گۈزەل بىر كۈندىن كىيىن ئابلەت بىلەن پەقەت بىر قېتىم ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولدى، ئۇنى شۇ كۆرمىگەنچە نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى.

داۋامى بار….

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 14:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ «ئامېرىكا چۈشى» سەپىرى-داۋامى

ھاياتىمىزنىڭ قانداق بىر ھايات بولۇشى ھەم قانداق بىر كىشى بولۇپ ھاياتنى داۋاملاشتۇرىشىمىز ھامان ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەسىر قىلىپ ياشايمىز. مەن ھەر ۋاقىت ئەتراپىمدا ئېسىل كىشىلەرنىڭ بولغىنىدىن ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى قىلىمەن، شۇنداقلا ئەتراپىمدىكىلەرنى مەن بىلەن تونۇشقىنىدىن، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بولغانلىقىمدىن پۇشايماندا ئەمەس بەلكى مەمنۇنىيەتتە قالدۇرۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ ياشاشنى ئارمان قىلىمەن. بۇ ھېكايەمدىكى ئۇتۇق ۋە ئابلەت بۇ سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولغان ئەنە شۇنداق ئېسىل كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى، نۇرغۇنلىغان ھېكايەمدە تىلغا ئالمىغان، ئەمما بۇ ھېكايىنى ئوقۇغاچ مەن بىلەن بولغان ئۆتمۈشىنى ئېسىگە ئالغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۆزلىرىنى مۇشۇ ھېكايىدە مەنمۇ بار دەپ ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، شىئەندە تونۇشقان دوستلاردىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ، ئاسپىرانتىلىق ئوقۇشۇمدىكى ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىم، ماڭا ھەر خىل ئۇسۇلدا ياردەمدە بولغان ئۇستازلار ۋە باشقا بارلىق مېھرىبان كىشىلەرنى ھېكايەمدە تىلغا ئىلىشقا پۇرسەت بولمىدى، ئەمما بۇ ئەسلىمىلىرىمنى ئۇلار ئوقۇپ قالغىنىدا مېنىڭ ئۇلاردىن قانچىلىك مىننەتدار ئىكەنلىكىمنى چۈشەنسىكەن دەيمەن. ئۇلار بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئارزۇلىرىم ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. ھازىرمۇ ھەم ھاياتىمدا ماڭا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان، دوستلۇق-مېھىر بېرىۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ھېكايىلىرىمنى ئوقۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ھاياتىمدا بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىمنى بىلسىكەن دەيمەن. شۇ يىللىرى مەن ئامېرىكىدا ئوقۇشنى، ۋەتەندە قانمىغان، تەشنا بولغان شۇ بىلىملەرگە قانغۇچە ئىگە بولۇشنى، دۇنيانى كۆرۈپ ۋە ياخشىراق چۈشىنىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلدىم. مەن ئۆز ۋاقتىدا بىئولوگىيە كەسپىنى ۋەتەندە ئوقۇپ ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلىپ باققانلار يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم چۈنكى مەن مەسىلىھەت، ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىمدا دەل ماڭا ئەڭ ياردەم قىلالىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەر ھېچيەردە يوق ئىدى، شۇڭىمۇ گەرچە كېيىن قالغان بولساممۇ بۇ ئەسلىمىلىرىم ئارقىلىق ئوخشاش ئارزۇدىكى ياشلارغا ياردەم لازىم بولسا سورىساق بولىدىغانلار بار ئىكەن دەپ خاتىرجەملىنىشنى، گاڭگىرىغان ۋاقىتلىرىدا مەن ياكى باشقا نۇرغۇنلىغان چەتئەللەردە ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇپ باققان دوستلاردىن ئىككىلەنمەي ياردەم سورىسا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمەن. قەلبىمدىكى شۇ ئوتنىڭ ئۇلغىيىپ بېرىشى بىلەن ئاخىرى كۆزلىگەن ئارزۇيۇمغا يېتىپ ئامېرىكىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنىمۇ پۈتتۈرۋالدىم ۋە ئۆزۈم ئەڭ ئارزۇ قىلغان تەتقىقات مەركىزىدە كۆپ ھۆرمەت ۋە خېرىدارلىقنىڭ ساھىبى بولۇپ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بىر خىزمەت ئورنىغىمۇ ئېرىشىپتىمەن. ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىگە يەنە بىر قېتىم شۈكرى.

بۇ مۇشەققەتلىك، ئەمما كىشىنى رازى قىلىدىغان سەرگۈزەشتىلىرىمنىڭ باشلانمىسى بولغان ئامېرىكىدا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۋالغاندىكى ۋە ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار كۆڭۈل قەپىزىمگە ئورناپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا مىڭ بىر جاپالاردا ئىلتىماسىمنى تاپشۇرۇپ نەتىجىسىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشكە باشلىدىم. چاتاق يېرى، جۇڭگودىكىدەك مەلۇم بىر ياكى بىر نەچچە ئىمتىھاننى بىرىپ نومۇر سېزىقىدىن ئاشسىلا ئۆتۈپتىمەن دەپ بىلگىلى بولىدىغان ئىش بولسىمىغۇ ئاسان ئىكەنتۇق. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ، تەلەپ قىلىنىدىغان ئىمتىھانلارنى ياخشى بېرىپ، يەنە بىر مۇنچە ماتىرىياللارنى تەييارلاپ ئىلتىماسنى سۇنۇپ قويسا، بىز ئالدىرىغان بىلەن ئامېرىكا مەكتەپلىرى قارار چىقىرىشقا ئانچە ئالدىرىمايدىغاندەك قىلاتتى. 2009-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دوستۇم ئۇتۇققا كانزاس شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەندىن كىيىن خېلى ئۈمىدلىنىپ قالغان ئىدىم. بۇ يەردە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دېگەننى بىر ئىزاھلىۋىتەي. ھېكايەمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە ئېيتقاندەك (بۇ يەردە ھېكايە دېسەم بەزىلەر يېزىۋاتقانلىرىمنى كۈندىلىك خاتىرە دەپ باھا بېرىپتۇ، مەن ئۈچۈن نېمە بولۇشى مۇھىم ئەمەس، پەقەت مۇشۇ سەرگۈزەشتىلىرىم باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بېرەلىسە، يول كۆرسىتەلىسە ۋە ياكى ھوزۇر بېغىشلىسا مەن شۇنىڭدىن خۇشال)، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى مەلۇم ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، بەزىلىرى تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ دېگەنلىك مەكتەپلەرنىڭ قىممەت ئوقۇش پۇلى (كۆپىنچە ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى يىللىقى 20مىڭ دىن 50 مىڭ دوللارغىچە) فاكۇلتېت تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ. ساغلاملىق سۇغۇرتىسى (يىللىقى كامىدا 3 مىڭ دوللاردىن 5 مىڭ دوللارغىچە) ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك چىقىملارنى يەنە شۇ فاكۇلتىت تۆلىگەننىڭ ئۈستىگە، ھەر ئايدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا 1200-1600 دوللار ئەتراپىدا، دوكتور ئاسپىرانتلارغا 1500-2000 دوللار ئەتراپىدا تۇرمۇش پۇلى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى پەقەت شۇ مەكتەپ بېرىدىغان بولۇپ، مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا مەكتەپلەر ئۆزلىرى ئاۋۋال قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى، ئارقىدىنلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش-بەرمەسلىكنى بېكىتىپ بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلىسىڭىز ئامېرىكىغا قەدەم بېىسۋالغاندىن كىينلا يانچۇقتىن بىر تەڭگە چىقىم قىلماي خاتىرجەم ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرۈۋالالايسىز دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ خىل ئوقۇش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۇتۇقنىڭ خۇش خەۋىرىدىن كىين ئۇزۇن ئۆتمەي مەن تولا كۈتۈپ كۆزۈم تۆت بولغان ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرىۋىلىشقا باشلىدىم. ئېچىنىشلىق يېرى، بۇلار خۇش خەۋەر بولۇشنىڭ ئورنىغا رەت قىلىش خەتلىرى بولۇپ چىقتى. بىئولوگىيە فاكۇلتېتدىكى ناھايىتى قىزغىن ۋاڭ مۇئەللىم فاكۇلتېت قىرائەتخانىسى ۋە خەت-چەكلەرگە مەسئۇل ئىدى. ئۇنى ھەر كۆرسەم خەت كەلدىمۇ دەپ سوراۋېرىپ ئۇ ئامېرىكىدىن خەت كەلسىلا بىر خەت بار ئىدى، كىرىپ قاراپ باق سېنىڭمىكىن دەپ چاقىرىدىغان بولغان ئىدى. بۇ خەتلەرنىڭ بەزىلىرى پەقەت مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇرلىرى، ئېلان خاراكتېرىدىكى تەشۋىقات ماتىرىياللىرى ئىدى، يەنە بەزىلىرى رەت قىلىش خەتلىرى ئىدى. ئالدى بىلەن مىسسۇرى شىتاتىنىڭ سائىنىت-لۇيىس شەھېرىدىكى ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرستېتى گېنىتىكا فاكۇلتېتىدىن، ئارقىدىنلا ۋسىكونسېن ئۇنىۋېرستېتى-مەدىسون (ۋسىكونسېن ئۇنىۋېرستېتى-مىلىۋاكىي دەپ يەنە بىرى بار، ئەمما مەدسىوندىكىسى بەكلا داڭلىق بىر ئۇنىۋېرستېت) مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى فاكۇلتېتىدىن دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىر قېلىپتا يېزىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق گەپلەر بىلەن بىر مۇنچىنى ماختىۋىتىپ زادى نېمە دەيدىغاندۇ دېسە، سېنى قوبۇل قىلمىغانلىقمىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق، ساڭا ئىشىنىمىز ۋە ئامەت تىلەيمىز دەپ يېزىقلىق تۇرغان... بۇنداق خەتلەر ئادەمگە راستىنلا «تىلى شېكەر، دېلى زەھەر» دېگەننى ئەسلىتىپ قويىدۇ ھەم كېيىن خەت كەلسە ئالدىدىكى قۇرۇق گەپلەرنى تاشلاپلا ئۇدۇل قوبۇل قىلدىمۇ يوق شۇنىلا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. بەرىبىر بۇ ئىككى داڭلىق مەكتەپكە مەن تەساددىپىي ئۆتۈپ قالسام ھەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىلتىماس قىلغان بولغاچقا ئۈمىدسىزلەنگەن بولساممۇ، ئەمما كۆڭلۈمنى ئۇنچىۋالا يېرىم قىلىپمۇ كەتمىدىم. ئەمدىكى ئۈمىدىم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى ئىدى. بۇ مەكتەپكە ئەڭ زور ئۈمىدىمنى باغلىغان ۋە تۇنجى بولۇپ بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلار بىلەن ئاران ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ بولغاچقا، خەۋىرىنى ئەڭ تەققازالىق بىلەن كۈتتۈم. ئەڭ مۇھىمى، شۆھرەتكام ئاللىقاچان خەت يېزىپ مېنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولغاچقا كۆڭلۈم خوش ئىدى. ئەپسۇس، كىم بىلسۇن ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا باشقىلارنىڭ سۆزىنى پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتىرىيالى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئاساس قىلمايدىغىنىنى؟! مانا 3-ئاي كىرسىمۇ جىمجىت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىشمۇ خوشياقماي قالاتتى، كۆڭلۈمدە ھەتتا قوبۇل قىلىنغىنىمنى تىزراق بىلسەم ئوقۇشۇمنى شۇ كۈنىلا تاشلاپ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشنى ئويلاشقان ئىدىم. بەرىبىر ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە دوكتورلۇق ئوقۇغاندا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا مەشھۇر ئالىملىرىمۇ ئەزەلدىن ماگىستېرلىقنى ئوقۇپ باقمايلا، تولۇق كۇرستىن كىيىن ئۇدۇللا دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا كىرگەن. ياخشى يېرى، ئىچىم قانچە پۇشۇپ تاقەتسىزلەنسەممۇ، ئانامنىڭ يېنىمدا بولۇشى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولاتتى. ئانام يىراق بىر سەھرادىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ پېنسىيگە چىققان ئاددىي بىر ئايال بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭ ئارزۇلىرىمنى چۈشىنەتتى ۋە مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى يېرىم يىلى قالغاندا ئانام بىلەن ئىككىمىز ئۈرۈمچىدە بىر ئۆينى ئىجارە ئىلىپ بىللە تۇرۇش پۇرسىتى نېسىپ بولدى. ئۇ كۈنلەپ-كېچىلەپ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىۋاتقىنىمغا قاراپ ماڭا ئىچ ئاغىرىتاتتى ۋە نېمىشقا ئورۇقلۇڭنى بىلدىم بالام دەپ ناگان-ناگاندا كۆزىگە ياش ئالاتتى، مەن ئۈچۈن ئۇزۇن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. بىر كۈنلۈك ئىشلىرىمغا پۇت-قولۇم يېتىشمەي دېگۈدەك ھېرىپ كەچلىرى بىر كېچىلەردە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۇ ئۇنىمىغىنمغا ئۇنماي قولۇمنى، باشلىىرىمنى تۇتۇپ قويىمەن دەپ تۇراۋالاتتى ۋە ئۇنىڭ باشلىرىمنى يەڭگىل مۇجۇشلىرى بىلەن ئۇيقۇغا كېتەتتىم. ئۆيدىن 13 يېشىمدا ئايرىلىپ، شۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپ ياتاقلىرى مېنىڭ ئۆيۈمگە ئايلىنىپ ئانامنىڭ مېھرىگە قېنىپ باقمىغاچقىمۇ، ئانامنى بىلەن بۇ قېتىم 6-7 ئاي ھەر كۈنى كۆرۈپ،  بىللە ياشىۋىلىش، ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشتىن ئۆزۈمنى بەكمۇ بەخىتلىك سېزەتتىم. مەنمۇ ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنگىنىگە يارىشا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى كونسېرتلارغا ئاپاردىم، كوچىلارنى بىللە ئايلاندۇق، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتۈم، بىللە كۆزەينەك ياساتتۇق… شۇ يىلى ئاياللار بايرىمى كۈنى ئۇنىڭغا سەنشىخاڭزىدىن سېتىۋالغان بىر ياغلىقنى سوۋغا قىلىۋىدىم، ئۇنىڭ يىغلاپ ياش تۆكۈپ كەتكەنلىرى… شۇنداق قىلپ ئانام بولغاچقىمۇ 3-ئاينىڭ باشلىرى مەن ئازرۇ قىلغان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەت قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالغېنىمدا ئۆزۈم ئويلىغاندەك تۈگىشىپمۇ كەتمىدىم، ئەمما لاسسىدە بوپ قالغان ئىدىم. ئىشمۇ خوشياقمايتتى، ئۈمىدىم يوققا چىققاندەك بولۇپ، خوشياقمىسىمۇ زورلاپ پۈتۈن ۋاقتىمدا ئەمدى ھېلىقى تېتىمايدىغان دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىشقا كىرىشتىم. بۇ مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلماسلىقتىكى ئاساسلىق باھانىسى ئۇلار تەلەپ قىلىدىغان دەرسلىكلەردىن 3 پەننى ئوقۇماپتىمەن، شۇڭا شۇ دەرسلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كىلەر يىلى قايتا ئىلتىماس سۇنۇشۇم كېرەكمىش. ئەمما ئۇ دەرسلەرنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتۈلمەيتتى، بەلكىم مىدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتۈلۈشى مۇمكىن ئىدى. چاتاق يېرى، يا جۇڭگودا ئامېرىكىغا ئوخشاش مەكتەپ ئاتلاپ دەرس تاللاپ ئوقۇش مۇمكىن بولمىسا، بۇ مېنى بۇ مەكتەپكە قايتا ئىلتىماس قىلما دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئىچىم پۇشتى، بىر كىملەرنى تىللىغۇم، كىملەرنىڭدۇر ياقىسىدىن ئالغۇممۇ كېلەتتى. ئەمدى تېخى خەۋەر كەلمىگەن بىر قانچە مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ساقلىغاچ، ئىلتىماس ۋاقتى سەل كېيىنرەك توشىدىغان ياۋروپا مەكتەپلىرىنى ئىزدەشنىمۇ ئويلىدىم،-يۇ، ئەمما مېنىڭ ئامېرىكىغىلا چىققۇم بولغاچقا ياۋروپا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس سۇنمىدىم.

جىمجىتقىنە دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە، ئېنىقى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى مەن ئىلتىماس قىلغان فاكۇلتېتتىن بىر ئىلخەت تاپشۇرۋالدىم. بۇ ئىلخەتكىمۇ بىر مۇنچە قۇرۇق گەپلەر يېزىلغاندىن كىيىن، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مېنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەمەسلىكىنى نەچچە يەردە تەكىتلەپ مەندىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئىلىپ باقماقچى بولغانلىقى يېزىلىپتۇ. يا ئاللاھ، ھەر ھالدا يەنە بىر رەت قىلىش خېتى ئەمەسكەن دەپ ئويلىدىم ۋە ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. دوكتور پىتىر تورسنېس (Peter Thorsness) خېتىدە يەنە بىر دۇ فامىلىلىك جۇڭگولۇق پىرافىسور بىلەن ئىككىسىنىڭ 26-چىسلا سەھەر سائەت 10:00 دا مەن بىلەن تېلېفۇندا سۆزلىشىش شەكلىدە يۈز تۈرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىپتۇ، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل دېدىم. ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋۋال ئىلتىمسا قىلغۇچىلارنى بىر قۇر باھالاپ چىقىپ، ئالدىغىراق تىزىلغا كاندىداتلارنى مەكتەپكە كىلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا چاقىراتتى، بىزدەك چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپكە بېرىشقا پۇرسەت بولمىغاچ بىزدىن سكايىپتا سىنلىق كۆرۈشۈش شەكلى ياكى تېلېفۇندا سۆزلىشىش شەكلى بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالىدىغان ئىشكەن. تېلېفۇن نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىشىم كېرەك، ئەمما بۇنداق مۇھىم ئىشقا ئۇلار سېگنالنىڭ ياخشى بولماي قېلىشىنى كۆزلەپ ئۆي تېلېفۇنى بولۇشى كېرەكلىكىنى سوراپتۇ، ماقۇل دېدىم، ئەمما تېلېفۇن نومۇرىنى ئىمتىھان باشلىنىدىغان كۈنى سەھەردە ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنداق قىلىپ توردىن بۇ خىل ئىمتىھانلاردا سورىشى مۇمكىن بولغان سوئاللارنىڭ دائىرىسىنىڭ بىر قۇر تەكشۈرۋەتكەندىن كىيىن تەرجىمھالىم ۋە شەخسىي بايانىمدا يېزىلغان تەتقىقاتقا ئائىت بارلىق مەزمۇنلارنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوراپ قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان سوئالدىن 50 تېپىپ چىقىپ كاللامدا بىر قۇر جاۋاب تەييارلىۋالدىم، بەزىبىر تەسرەك كەسپىي گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تامغا چاپىلىغىلى بولىدىغان قەغەزگە يېزىپ ئىككى كۈن ئىچىدە تەق بولۇپ خوڭسەندىكى بىر مېھمانىغا تەجىرىبخانىداش دوستۇم دىلشات بىلەن بىللە باردىم. مەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ مېھمانخانىدا بولسا جىمجىت ھەم تېلېفۇنى ئوبدان ئىشلەيدۇ دەپ قاراپ بىر ياتاق زاكاس قىلىپ قويغان ئىدىم. دىلشاتنى ئېنگىلىزچىسىمۇ بەك ياخشى بولغانلىغى ۋە كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغان دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈن روھىي مەدەت بېرىدۇ دەپ ئويلاپ ئىلىۋالغان ئىدىم. 26--چىسلا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، دىلشات ئىككىمىز ياتاققا كىلىپ تېلېفۇن ئىشلەمدۇ-يوق، تور ئۇلىنامدۇ يوق دېگەنلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۋەتكەندىن كىيىن خاتىرجەم بولۇپ تېلېفۇن كېلىشىنى كۈتتۇق. تورغا چىقىپ دوكتور تورسنېسكە ياتاقنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئىلخەت قىلىپ ئەۋەتىپ بەردىم. ئامېرىكىدا (توغرىسى ئوتتورا غەربىي ئامېرىكىدا چۈنكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا 5 ۋاقىت رايونى بار، ۋاشىڭگىتون شەھىرىدە سائەت 10 بولغاندا ۋاشىڭگىتون شىتاتىدىكى سىياتېل شەھرىدە ئەمدى سائەت 6 بولغان بولىدۇ) سەھەر بولغاندا ئۈرۈمچىدە كېچە بولغاچقا ھېسابلىسام كەچ سائەت 11:00 دە تېلېفۇن كېلىشى كېرەك ئىدى. تىت-تىت بولۇۋاتاتتىم، قوللىرىم ئىىسسىق بەدەنلىرم سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى، بولمىسىغۇ بۇ ياتاقنى ئىسسىق دېگىلىمۇ بولمايتتى. ئامال بار ئەركىن بولۇشقا تىرىشىپ دىلشات بىلەن پاراڭلاشقاچ ماتىرىياللارنى ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، لازىم بولسا دەپ يېزىۋالغان كەسپىي سۆزلەرنىڭ ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى دېگەندەكلەرنى تاملارغا چاپلاپ ئاران دېگەندە ۋاقىتنى توشقۇزساق، دەل ۋاقتى بولغاندا تېلېفۇن جىرىڭىشىدى.

داۋامى بار...

24

تېما

19

دوست

5468

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 624
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 14:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۈتكەن تېلېفۇننى ئېلىشقا قولۇم بارماي،  بىر مۇنچە جىرىڭشىپ بولغاندا يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ قوللىرىم تىتىرىگەن پىتى تۇرۇپكىنى «ھېللوۋ» دەپ ئالسام، قاتتىق ھەيران قالدىم… ئاھ خۇدا! كۆردۈڭلارمۇ، ماۋۇ جۇڭگوچىلىقنى؟! تۇرۇپكىدىن مەن كۈتكەن ئاۋاز ئەمەس، بىر ئايالنىڭ ئاۋازى كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنگلىز تىلىدا ئەمەس بەلكى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەۋاتاتتى:

-ئەپەندىم، ……….بەدەن ئۇۋىلىتامسىز؟ يەنە ….
-يوقال!!! يەنە قايتا تېلېفۇن ئۇرىدىغان بولساڭ ….

مۇنداقمۇ ئۇدۇل كەپ قالىدىغان ئىش بولامدۇ؟ بۇ رەسۋالارنىڭ دەردىدىن كىشى خاتىرجەم ئويلىغان ئىشلىرىنىمۇ بىجىرەلمىگەن. غەزەپلەندىم، ئەمما كۆپ ئويلاشقا ۋاقتىم يوق ئىدى، ئەمدى بايا ئالدىراش دەپ چىققان بولسا مەكتەپتىكلەر ئەمدى قايتا تېلېفۇن ئۇرماسمۇ دەپ ئەنسىرەپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا غەزەپتىن تىتىرەك ئولاشتى، ئېغىزىم گەپكىمۇ كەلمەيتتى. دىلشات يۈگۈرۈپ بېرىپ تەييارلاپ قويغان سۇدىن بىر ئىستاكان سۇندى. ئۇمۇ جىددىيلىشىپ ئاغزىنى چىكىلدىتاتتى ۋە چوقۇم قايتا ئۇرىدۇ، ئەنسىرىمەڭ جىددىيلىشىپ كەتمەڭ دەپ تەسەللىي بېرەتتى. سۇنى ئىچىپ ھەر ھالدا ياخشى بولۇپ ئالاھەزەل 7-8 مېنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن تېلېفۇن يەنە جىرىڭشىدى. بەلكىم ھاياجانلىرىم ئالدىنقى قېتىمدا ئىسراپ بولغاچقىمۇ، ئانچىمۇ جىددىيلىشىپ كەتمەيلا تېلېفۇننى ئالدىم. خۇدايىمغا شۈكرى، بۇ قېتىم سۆزلەۋاتقىنى  قويۇق ئامېرىكا تەلەپپۇزى بىلەن ناھايىتى تىز سۆزلەيدىغان دوكتور تورسنېس ئىدى. بايا بىر قۇر جىددىيلىشىپ بولغاچقىمۇ ئانچىمۇ جىددىيلەشمىدىم، ناھايىتى قىزغىن ئەھۋال سوراشتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ كىيىنكى 30 مېنتۇتتىن 50 مېنۇتقىچە مەن بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەلىيىمگە يارىشا، ئۇلار سەل ۋاخ قېلىىپ كېچىكىپرەك تېلېفۇن ئۇرغان ئىكەن. دوكتور تورسنېس گەرچە تىز سۆزلىسىمۇ بەكمۇ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلىگەچكە ئۇنىڭ بىلەن راھەت پاراڭلىشتىم. ئۇ مېنى ئەركىن ھېس قىلدۇراي دېگەن بولسا كىرەك، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋانىڭ قانداقلىقىنى، يەنە ئۈرۈمچىنى توغرا دىيەلمىگەنلىكىگە چاقچاق قىلىپ ئۈلگۈردى. ئۇ پات-پاتلا ئىسمىمنى بىر ئامېرىكىلىققا نىسبەتەن ناھايىتى توغرا تەلەپپۇزدا «تۇرسۇن جووون» دەپ تىلغا ئالغاچ گەپ باشلايتتى ۋە مېنىڭ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىمنى كۆرۈپ ناھايتى تەسىرلەنگەنلكىنى ۋە مېنىڭ شەخسىي بايانىمنى بەكلا ياخشى يازغانلىقىنى ئېيتىپ بىر مۇنچە ماختىدى. كەيپىياتىممۇ كۆتۈرۈلۈپ بايىقى جىددىيچىلىكتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئەمما ئۇ مەندىن قەدەممۇ-قەدەم ئىچكىرىلەپ قىزىقىشلىرىمنى، نېمە ئۈچۈن مەزكۇر مەكتەپنى تاللىغانلىقىم ۋە قايسى پىروفىسورلارنىڭ تەتقىقاتلىرنى ئەڭ قىزىقارلىق دەپ قارايدىغانلىقم دېگەنلەرنى سوراپ بولۇپ، تەتقىقات  نەتىجىلىرىمگە تېمىنى يۆتكىدى ۋە مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئېنىچىكە سوئاللارنى سورىدى. ئۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى ھەر بىر تەتقىقات تەجىرىبىلىرىمنى تەپسىلىي سوراپ، نېمە ئۈچۈن شۇ تەتقىقاتلارنى قىلغانلىقىم، قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىم ۋە ئۇنى قانداق خۇلاسىلىغانلىقىمنى ئىنچىكىلەپ سورىدى، ئاندىن ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتىكى تەتقىقات تېمامغا گەپنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر بىر تەجىرىبخانىدا ئىشلىتىدىغان تەجىرىبە ئۇسۇللىرىغىچە ئىنچىكىلەپ سوراشقا باشلىدى. سۇئاللار مەن ئويلىغاندىكىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە ئىنچىكە بولدى، ھەتتا شۇ قەدەر ئىنچىكە سوئاللارنى سورىدىكى. «سىتاتىستىكا ئىلىمى دەرىسى ئوقۇپتىكەنسەن، ئۆلچەملىك پەرق بىلەن ئۆلچەملىك خاتالىقنى ھېسابلاش فورمۇلىسىنى ئېيتىپ باق؟ بۇ فورمۇلىلارنى قانداق چۈشىنىسەن ۋە بۇلارنىڭ تەجىرىبە لايىھەلەشتە قانداق رولى بار؟» دېگەندەك سوئاللارمۇ سورىلىپ بىر باشقا چىقتى. ئۇ ھەممە سوئاللىرنى سوراپ بولغاندىن كىيىن،  يېنىدىكى دوكتور دۇ نى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى ۋە تۇرۇبكىنى ئەمدى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بولغىنىم بىلەن مەن ئەزەلدىن بىرەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنگىلىزچە دەرىسنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنىڭ  1-يىلى ئۆتۈلگەن ئېنگىلىزتىلى دەرىسىدە مۇئەللىمنىڭ تەلەپپۇزىغا چىدىيالماي تۇنجى سائەتلىك دەرستىن كىيىن قوشنا سىنىپتىكى ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ دەرىسىگە ئالمىشىۋالغان ئىدىم، مانا ئەمدى شۇنىڭ زېيىنىنى تارتىۋاتاتتىم. بۇ دوكتور دۇ سۆزلەۋاتىدۇ، يا گېپىنى ئاڭقىرالمايمەن. ئەسلى بۇ مۇئەللىم ئامېرىكىلىق پىرافىسور گېپىنى چۈشەندۈرەلمەي قالماي دەپ ئاتايىتەن جۇڭگولۇق پىرافىسورنى بىللە ئىمتىھان ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىق، ئەمما بۇنىڭ ماڭا پايدىسىدىن زېيىنى جىقىراق بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن ئەدەپ بىلەن نەچچە رەت سوئالنى قايتا سورىشىنى ئۆتۈنۈپ دېگەندەك ئاران دېگەندە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن 5 مېنۇت 5 يىلدەك بىلىنىپ تېلېفۇن يەنە دوكتور تورسنېسنىڭ قولىغا ئۆتتى. دوكتور تورسنېس ئاخىرىدا بىر نەچچە قىسقا سوئاللاردىن كىيىن فاكۇلتېتتىكى پىروفىسورلارنىڭ تەتقىقاتىنى ۋە مەن ئىلتىماس قىلغان بۇ پىروگراممىنىڭ مەكتەپتىكى بىئولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك 8 فاكۇلتېتكى پىروفىسورلاردىن يېتەكچىلەر قاتنىشىپ قۇرۇپ چىققان ئارىلاشما دوكتورلۇق پىروگراممىسى (interdisciplinary doctoral programm) ئىكەنلكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۇ شۇ يىلى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 150 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى،ئەمما ئاران 10 ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە ھازىرچە بۇ ساندىن بىر ھەسسە كۆپ كاندىداتلار بىلەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، پات ئارىدا چىقىرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قوبۇل قىلىش قارارىنى ساقلىشىمنى، ھازىرچە مېنىڭ قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقىم ئۈستىدە ھېچقانداق قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ تېلېفۇننى قويدى. توپتوغرا 45 مېنۇت كىتىپتۇ، ئۇھ دېدىم … نەچچە ئىستاكان سۇنى بىراقلا ئىچىۋەتتىم. گەپنىڭ راستىنى قىلسام بۇلار ۋەت-ۋەرىكىمنى چىقىرىۋىتەي دەپ قالغان ئىدى. دىلشات بەكلا ياخشى جاۋاب بەرگەنلكىمنى، ئىمتىھاننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى توختىماي دەپ تۇرسىمۇ بىر يەرلەردە ئۇنى دېمەي بۇنى دېسەم بوپتىكەن ئەسلى دەپ خىلى ئۇزۇنغىچە ئۆزۈمنى سوراق قىلىپ ئاخىرىغا ئۇيقۇغا كەتتۇق.

داۋامى بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )