قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

2221

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10029
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 228
تۆھپە : 507
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 19:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام دوستۇم
تۈگىدىمۇ بۇ يازما ئەمدى ؟

0

تېما

2

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27402
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 17:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمبەھرىلنىپ يوللىشمغا رۇخسەت قىلغايسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

1

دوست

4098

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1034
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 636
تۆھپە : 843
توردىكى ۋاقتى: 637
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 18:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەجاننىڭ تور دۇنياسىدا بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئەجىرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن ، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇنۇڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك ھەم بەخىتلەر تىلەيمەن  

0

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27831
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 20:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىدىغان بولساق .مۇشۇ كۈنلەردە غەيرىتى .شىجائىتى بار دوسلىرىمىز خېلى كۆوپ

30

تېما

31

دوست

7546

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2528
توردىكى ۋاقتى: 869
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 12:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (2) - ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى - خاتىمە

2009-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ماڭا كەلگەن خوش خەۋەردىن كېيىن ئىشلار ناھايىتى تىز راۋاجلاندى ۋە مېنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارالايدىغانلىقىمغا بولغان ئىشەنچىم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى. مەن ئالاھەزەل بىر ھەپتىلەردە مەكتەپنىڭ رەسمىي چاقىرىق قەغىزىنى پوچتىدىن تاپشۇرۋالغان ۋاقتىمدا ئۇتۇق ئاللىقاچان ۋىزا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ شېنياڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا كىلىشىپ بولغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇتۇق ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋىزىغا ئېرىشىپ ئامېرىكىغا بېرىشى ئېنىق بولدى. ئۇنىڭ تەجىرىبىلىرىنىڭ ياردىمىدە مەنمۇ ئاسانلا 6-ئاينىڭ 7-كۈنىگە بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن ۋىزا يۈز-تۇرانە ئىمتىھانىغا كىلىشىۋالدىم. بۇ كۈنلەردە خۇشاللىقلار ۋە خاپىلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى ۋە 2009-يىلى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر يىلغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەريانى شۇ يىللاردىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مەن ۋىزا ئىلتىماسىغا تەييارلىق جەريانلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغۇم كەلمىدى، ئەمما بىر نۇقتا ئېنىقكى، سىز ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولسىڭىز بانكىدا پۇلىڭىز ياكى ئۆي-ۋاقىڭىز بولمىسىمۇ، ئاساسەن ۋىزا ئىلتىماسىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىۋىرىدۇ. بۇ ياۋروپا ياكى باشقا دۆلەتلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمدى ئابلەتكە كەلسەك، ئۇ توغرىدىكى ھېكايەمدە تىلغا ئالغان ئىككىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كەلدى. ئابلەت بىلەن بۇ قېتىم كۆرۈشكىنىمدە شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم. نەچچە ئايدىن بىرى ئارىمىزدىن پەقەت ئابلەتكە چاقىرىق كەلمىگەچ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئازراق كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى، ئەمما بۇ قېتىم ئابلەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۋالالمايدىغان خۇشاللىقى تىپىپ تۇرغان چىرايىدىن ئۇ ئۆتكەندە ياخشى ئۇچۇر ئاڭلىغان تېكساس شىتاتىدىكى جەنۇبىي مىتودېست ئۇنىۋېرستېتىدىن چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى پەملىيەلەيتتىم.  ئابلەتنىڭ 6-ئايدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن چاقىرىق تاپشۇرىۋىلىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزىدەك ئىش بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئابلەت زېرىكمەي-تېرىكمەي تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بەل قويۇۋەتمەسلىكنىڭ غەلبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىز ئابلەت بىلەن ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز بولۇپ قالدى. ئۇ دەرھال ۋىزا ئىلتىماسىنى باشلىدى ۋە بىر مۇدھىش كۈنى سەھەردە (2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى) ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا شۇ كەتكەنچە قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى ئۆيدىكىلىرىگىمۇ خوش دېيەلمەي شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىغا ئۇچقانلىقىنى كېيىن ئامېرىكىدا ئۇنىڭدىن ئاڭلىدىم. ئۇتۇقمۇ 7-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكىغا كىلىپ ئامېرىكىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇش ھاياتىنى باشلىۋەتتى. ماڭا كەلسەك، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈردۈم ۋە شۇ كۈنى يەكەنگە قاراپ يول ئالدىم. كېلىۋاتقان مىسىلسىز بىر پاجىئەدىن بىخەۋەر 7-ئاينىڭ 4-كۈنى يەكەندە ئاددىي ۋە كۆڭۈللۈك ھالدا تويۇمنى قىلىۋالدىم. نۇرغۇن ئەنسىرەشلەر، تەمتىرەشلەر ئىچىدە 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتا-ئانام، ئايالىم، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە يۇرت ئەھلىنىڭ دۇئاسىنى ئىلىپ شۇ قالايمىقان مەزگىللەردە ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تازا بىلەلمەي، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ يەكەندىن يولغا چىقتىم. ئۈرۈمچىدىكى دوستلار ۋە ماڭا مەدەت بەرگەن ئۇستازلار بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ جىمجىتلا بېيجىڭغا كىلىۋالدىم-دە، شۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيىسى» نىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ ئاسمىنىدىن كۆتۈرۈلگەندە ئاخىرى ئۆزرۈمنىڭ ئامېرىكىغا بارىدىغانلىقىمىغا تۇنجى قېتىم چىن پۈتكەن بولدۇم ۋە شۇ دەقىقىدە ئاللاھقا مىڭ ھەمدۇ-سانالار، شۈكرىلەرنى ئېيتتىم. شۇ كۈنى بۇ ئۇزۇن سەپەرگە خاتىمە بېرىپ ھاياتنىڭ يېڭى بىر سەپىرىنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن سوئال، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستىم...

شۇنداق قىلىپ ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچىمىز ئامېرىكىدا يېڭى ۋە ئوخشىمايدىغان ھېكايىلەرنى ھايات خاتىرىلىرىمىزگە يېزىشقا باشلىدۇق. مانا ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ، گەرچە ئۇتۇق بىلەن ئابلەت كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، مەن ئۇتۇق ۋە ئابلەت ھەر ئىككىلى دوستۇم بىلەن ئامېرىكىدا ئايرىم-ئايرىم 3-4 قېتىم كۆرۈشۈپتىمەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەر كۆرۈشكەندە ئاجايىپ خۇشال ھېسلار ۋە يېڭى تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپتىمەن. ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ۋە بېسىمغا تولغان ئىكەنلىكىنى ئويلىغاندا ئۇلار بىلەن ئامېرىكىدا شۇ بىر نەچچە نۆۋەت كۆرۈشۈپ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغىنىمغا شۈكرى قىلىمەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەر قاچان كۆرۈشۈش پۇرسىتى ئىستەيمەن. مەن ئۇچراتقان كىشىلەر ئىچىدە زېرەك ۋە تىرىشچانلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئاخىرىغىچە بەل قويۇۋەتمەي دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىرى ساناقلىق. كۆزىتىشىمچە، ئامېرىكىغا پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا چىقالىغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئورتاقلىق بار: ھەممىمىز سۆزىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر قەدەمدىن بولسىمۇ ئالدىغا ماڭىدىغانلار ۋە قېيىنچىلىق قانچىلىك زور بولسۇن بەل قويۇۋەتمەي ئارزۇيىمىز ئۈچۈن تىرىشقانلارمىز. ئامېرىكىدەك دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىش شەرتى ئەڭ يۇقىرى، ئەمما تاللىنىپ دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەر جەھەتتىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى ئوتتۇرا يولدا ئوقۇشنى تاشلاپ چېكىنىدىغانلار (ياكى چېكىندۈرۈلىدىغانلار) ئوقۇشنى باشلىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 37% نى ئىگەللەيدىغان دۆلەتتە، جەڭنىڭ ئاخىرغىچە بارلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا لايىقلاشقانلىرىنىڭ قانداقراق ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىغى دۇنيا جامائىتىگە ئايان بولغان بىر ئىشتۇر. بىز ئۈچىمىز باسقانغا ئوخشاش يوللار بىلەن ئامېرىكىغا دوكتورلۇققا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىچىدىن نى-نى نەتىجە قازىنىۋاتقانلارنى، مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرغانلارنى ئاڭلىسام ئاڭلىدىمكى، تېخى بىرەرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرەلمىگىنى ياكى ئوقۇش ۋە تەتقىقاتلىرىدا نەتىجىسى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. شۇغىنىسى، ئەپسۇسكى بۇ سان ھازىر ناھايىتى ئاز بولۇۋاتىدۇ. مەيلى كىيىن نېمە ئىش قىلسۇن، قەيەردە ياشىسۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ئۆز نېنىنى ھۆرمىتى بىلەن ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان دوكتورلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئەسلى بىر ئېسىل ئىش ئىدى. ئامېرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئاددى بولغان ياشلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە تېخى ئايان بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، ھەقىقىي بىلىم ئاشىنالىرىنى نا ئۈمىدتە قالدۇرمايدىغان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش مەيلى باي، مەيلى كەمبەغەل، مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن ھەر قانداق بىر تىرىشچان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىندۇر. ئەلۋەتتە، ھەر كىشىنىڭ ئارزۇسى ھەر خىل بولىدۇ، ئەمما «ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى» دېگەندەك ھەر بىر ئامېرىكا چۈشى كۆرۈۋاتقان ئارزۇ ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۈمىد بىلەن، ھەرىكەت بىلەن، ئۇزۇنغا ۋە مەغلۇبىيەتكە چىداشچانلىق بىلەن باسقان ئۈزۈلمەس قەدەملەردىن پەقەت مېھنەت گۈللىرى ئۈنسە ئۈنىدۇكى ھەرگىز شۇمبۇيا ئۈنمەيدۇ. مەن بىر سەھرا بالىسى، ئاتا-ئانام يېراق سەھرادىكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ قويىدىغان ئاددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى. ئابلەتمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىمىسى، پەخىرلىك بىر ئانىنىڭ ئوغلى. ئۇتۇق ئۇنىۋېرستېتىكى بىر جۈپ مۇنەۋۋەر، ھەر ئىككىلى بالىسىنى (ئۇتۇقنىڭ تىرىشچان سېڭلىسىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ) ئامېرىكىدا ئوقۇشقا يولغا سالغان سۆيۈملۈك ئۇستازلارنىڭ پەرزەنتى. دېمەكچى، ئەگەر سىزدە بىر ئارزۇ بولسا، مەيلى قانداق ئارزۇ بولسۇن، سىزنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشىڭىز قانداق بولمىسۇن، پەقەت كەينىگە قايتمايدىغان روھ، زور تىرىشچانلىق، بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادە ۋە ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق سىز ئارزۇيىڭىزغا ھامان يېتەلەيسىز. ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئېنى-سېڭىللار، ئاچا-ئاكىلار ۋە تەڭتۇشلار،  مەيلى باشقىلار نېمە دېسۇن، ئالدىڭىزغا قاراڭ، ھەرىكىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ چۈنكى ئۇلۇغۋار ئارزۇدا بولۇشنىڭ ۋاقتى تېخى ئۆتمىدى ھەم ئۆتمەيدۇ...

قەدىرلىك ئوقۇرمەن، «ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر» ناملىق قىسملىق ھېكايەمنىڭ بۇ قىسمى شۇنداق قىلىپ مۇشۇ يەردە ئاياغلىشىدۇ. ئابلەت، ئۇتۇق، تۇرسۇنجان (مەن) ئۈچ دوستنىڭ «ئامېرىكا چۈشى» سەپىرى سىلەرگە تۇرسۇنجاننىڭ ئاددىي بايانلىرى بىلەن سۇنۇلدى. مەقسەت پەقەت ۋە پەقەت راست بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ھېكايە تەرىقىسىدە سىلەرگە ئاشكارا قىلىش ئارقىلىق بىر ئارزۇنىڭ قانداق قىلىپ خىيالدىن رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش ئىدى. مەيلى سىز بۇ ھېكايىلەردىن قانداق تەسىراتقا ئېرىشكەن بولۇڭ، مەن بۇ ئىشلارنى قەلەمگە ئالغىنىمدىن خوش، ھېكايەمدىكى دوستلىرىممۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش. بىز ئۈچىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قىزىقساڭلار ھېكايەمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىغا داۋاملىق دېققىتىڭلارنى بەرگەيسىلەر، ئۈچىمىز توغرۇلۇق يەنە قاچان يازىمەن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم بىر ۋاقىتتا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى دوستۇم ئابلەت ۋە ئۇتۇقلارنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە سەرگۈزەشتىلىرىنى بەلكىم مەندىن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئاڭلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. مەن ئۇتۇق ۋە ئابلەتتەك مۇنەۋۋەر ياشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسى ئورناتقىنىمدىن ۋە دوستلۇقىمىزنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇقۇمنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تىلەيمەن. ھەر بىر كىشىگە ھاياتتا مۇشۇنداق ئېسل سەپەرداشلار نېسىپ بولسۇن!

تامام.

2014-يىلى ئۈمىد ئېينىڭ (4-ئاي) 19-كۈنى، سان ئانتونىيو، ئامېرىكا

3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 22:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلكىتابى بارمۇ؟

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 03:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ  شۇخۇلۇق چىتلاقتىن تەستە ئۆتۈپ كەتكەن قوزىچاق كەڭرى يايلاققا چىقىپ ئوتلاشقا باشلىغاندەك  بىر ئىش بولۇپ كىتىپتۇ..قېنى قالغنى ئىلىمدە ئالدىغا مىڭشىڭىزنى ،يېڭى شەرەپلەرنى قۇچىشىڭزنى تىلەيمەن. ھەرزامان ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بايقاشلار بولسا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرغايسىز..

0

تېما

2

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 19:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولغۇچە يۇرىكىمگە داۋاملىق ئوقۇش  ئوتى كىرىپ كوزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار توكۇلدى غەيرىتىڭىزگە ئاپرىن كەينىنى ئوقۇشقا بەك تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )