مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى
نورۇز كەلدى،ئۆستەڭدە سۇلار ئاقتى ئويناقلاپ، ئىللىق شامالقوينىدا، سۆگەت لىڭشىپ ئىغاڭلاپ، تېرەكلەردەسېغىزخان خەۋەر بېرەر شاراقلاپ، كاككۇك جۈپتىنئىزدەيدۇ، ھەربىر شاختا سوراقلاپ.
نورۇز كەلدى،كەڭ دالا، توننى كەيدى مايسا رەڭ، ئۇچۇپ ئۆتتىتۇرنىلار قاتار بولۇپ تەڭمۇ-تەڭ، مەجنۇنتاللاريېشىلدى سۇمبۇل كەبى ئۆسكىلەڭ، زەپ چىرايلىقيۇرتۇمنىڭ باھارىدىن ئۆرگىلەڭ.
نورۇز كەلدى،يېڭى كۈن يۈزنى ئاچتى خىسلەتتە، مۇقام ئوقۇپسازەندە، گەپ باشلىدى سەنئەتتە، غۇلاچ يايدىرەققاسلار، مەرغۇل ئويناپ بەس-بەستە، شائىر تولدىئىلھامغا، شېئىر ئوقۇپ ھەۋەستە.
نورۇز كەلدى،قىز-ئوغۇل بولدى خۇرسەن-شادىمان، يېڭىلاندى ئەلۋە يۇرت، يېڭىلاندى يەر-جاھان، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئېيتىپ ناخشا «جانىجان»، تەڭكەش بولۇپزوقلاندى، ئاتا-ئانا قەدىردان.
نورۇز كەلدىناغرا چال، يىگىت چۈشسۇن ساماغا، قىقاس سېلىپ ئاتبىلەن ئوغلاق تارتىپ دالادا، قىزلار ئېيتقان«يارىيار» ئۈنى ياڭراپ ھاۋادا، كۆز ئوينىتارنۇر چاقناپ كەيگەن دۇردۇن-تاۋاردا.
نورۇز كەلدى،بەزمە قىل، قېنى دوستۇم قەدەھ تۇت، شېئىر ئوقى،ناخشا ئېيت، ئۇسسۇل ئوينا، داپنى تۇت، ئۇلۇغ مىللىيبايرامنى تەبرىكلىگىن ھەم تونۇت، ۋەتەن، مىللەتئۈمىدى، ئارزۇسىنى كۆپ ئوقۇت.
نورۇز كەلدى،مەرىپەت، ئىلمۇ ئېرپان بەت ئاچتى، قۇياش بولۇپتاغۇ دەشت، ئاسمىنىدا نۇر چاچتى، جاھىل، نادان،خۇراپات، تۇرالماستىن تىز قاچتى، پەن-تېخنىكا ،ماھارەت يوللىرىنى چوڭ ئاچتى.
نورۇز كەلدى،سۆيۈندى ئىشچى، دېھقان، زىيالى، كۆڭۈل ئەركىن،شاد-خۇرام، نۇرغا تولدى جامالى، بەسلەشمەكتەئىسلاھات قىلغۇچىنىڭ ئامالى، ئەجەپ ئىلھامكەلتۈردى، تەرەققىيات شامالى.
نورۇز كەلدى،جاھانمۇ بولدى يەنە كۇشايىش، يېزا-شەھەرباياشات، مەمۇرچىلىق ئاسايىش، ئىشىكلەرمۇئېچىلدى، بولماس قايتا تارايىش، سايرىغانلار قولباغلاپ، ئۆرە تۇرۇپ قارايىش.
نورۇز كەلدى،ئامەتتىن بىزگە ئېلىپ خۇش خەۋەر، ھەربىر قەدەم،ھەرئىشتىن قۇچار خەلقىم شان-زەپەر، زىمىستانمۇيوقالدى، قاغا-قۇزغۇن كۆپ خەتەر، ۋەتەن قوينىرەيھانلار پۇرىقىدىن مۇئەتتەر.
نورۇز كەلدى،قوشاق ئېيت ئەھلى ھۇشيار قېشىدا، «ھاي-ھاي تېرەك»ۋە ياكى «نورۇز بۇلاق» بېشىدا، ئۇلۇغ ئالىم باشقويغان تۇپرىقىدا، خىشىدا، سىرلىق ھېكمەت،خىسلەت بار، تامچە سۇدا، تېشىدا.
نورۇز كەلدى،مىسرادا تىرىلگۈسى ناۋايى، پەرى بىلەن لىقتولغاي ئاماننىسا سارايى، قەسىر-ئايۋانلەرزىگە كەلدى سازنىڭ سادايى، ئاشۇ مۇقام، شۇمەشرەپ دىلنىڭ شىپاھ-داۋايى.
نورۇز كەلدى،ئەجدادنىڭ روھى بولدى بۇندا جەم، ئۈمىدلەرنى چىڭتۇتقان ئەۋلادلاردىن خاتىرجەم، ئىشەنچ بىلەنئېتىقاد ئىرادىسى مۇستەھكەم، يېڭى دەۋران،يېڭى يول، ئىقبال گۈزەل ۋە كۆركەم.
نورۇز كەلدى،قېرى-ياش، قىز-يىگىتلەر مۇبارەك- ئالىم بىلەنمۇئەللىم شاگىرتلار ھەم مۇبارەك، چىگرادا جەڭچىھەم، خاڭچىلارغا مۇبارەك، دېھقان ئاكامۋەتەنداش-تۆھپىكارغا مۇبارەك.
1988-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى.كاشىغەر |