قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6111|ئىنكاس: 20

ئەلكۈن لوندون: ئۇيغۇرلارمۇ ئىنسانىي سۆيگۈگە تولسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 08:57:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيگۈ ۋە ئىنسانلىق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


   « سىز ئىنسانلىققا بولغان ئېتىقادىڭىزنى يوقاتماڭ. ئىنسانلىق ئۇ بىر دىڭىزغا ئوخشايدۇ. گەرچە ئوكيانغا بىر قانچە تامچە مەينەت سۇ چۈشسىمۇ ئەمما پۈتۈن ئوكيان سۈيىنى مەينەت قىلالمايدۇ»

- ماھاتما گەندى (ھىندىستاننىڭ تېنىچلىقپەرۋەر مۇستەقىللىق داھىسى)




     بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن كەلدۇق، سۆيگۈ بىلەن ياشايمىز ۋە ئاخىردا بىز بۇ دۇنيادىن بىزنى سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈ ياشلىرى بىلەن ۋىدالىشىمىز.

       بىز ئادەملەر ئادىمىيلىكنىڭ گۈل تاجى سۆيگۈدۇر. ئادەملەر باشقىلارغا سۆيگۈ ئاتا قىلىش بەدىلىگە ئۆزى سۆيۈلىدۇ ۋە ئىززەتلىنىدۇ. سۆيگۈ ئادەملەرگە ئۆز - ئارا  مەدەت، ھۆرمەت، كۈچ قۇۋۋەت ۋە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان، ئادەم ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ساپلىقنىڭ كاپالىتىدۇر.  ئەلۋەتتە ئىنسانلىق سۆيگۈ ئۇقۇمى ۋە قوللىنىلىشى نوقۇل ھالدا خاس بىر شەخسكىلا قارىتىلماستىن بەلكى بىز چوڭ بولغان بىر ئۆيدىن، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان كۈنىمىزدىن تارتىپ ئاتا- ئانىمىز بىزگە ھەدىيە قىلغان سۆيگۈدىن باشلىنىپ بىز تەۋە بولغان قەۋم، بىر پۈتۈن جەمئىيەت، بىر پۈتۈن مىللەت ۋە پۈتۈن بىر ۋەتەن، ھەتتا دۇنيانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە بولىدۇ.
             سۆيگۈ ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. سۆيگۈ كىشىلەرنى ئادىمىيلىككە، ئۆز - ئارا ئىنسانلىقنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئادەم ئاڭ سېزىمىدىكى تەڭداشسىز بىر ھاياتىي كۈچ. ئادەملەر بىر - بىرلىرىگە سۆيگۈ ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۆز - ئارا روھىي ئوزۇق ئالىدۇ، ھاياتىدىكى مەنىۋى ئاجىزلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ ۋە روھتىكى مەنىۋىيەت كەمبىغەللىكنى تولدۇرىدۇ. سۆيگۈ يەنە كەڭ ئۇقۇمدا مېھرى- مۇھەببەت ئاتالغۇسى بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ تۈپ خاسلىقى ۋە خاراكتېرىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان بىلىش ئاڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار بولۇش بىلەن بىرگە بۇ ئىقتىدارنىڭ ئادەملەر تۇغۇلغاندا تەبىئىي گېن ئىرسىيەت ئارقىلىق ئۆز ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشى بىلەن داۋام ئەتكەن بولىدۇ. مانا بىز ياشاۋاتقان تۈرلۈك جان- جانىۋارلارغا تولغان بۇ يەرشارىمىزدا سۆيگۈ ۋە مېھرى - مۇھەببەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىلىش، سېزىش، تۇيۇش، پىكىر قىلىش، سۆزلەش ۋە ھايات پائالىيىتىدە ياراتقان تۇيغۇلىرىنى  كېيىنكى ئەۋلادلىرىغىچە مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق ئىنسان گېنى ئىقتىدارلىرى پەقەت ۋە پەقەت ئادەملەرگىلا خاس بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنى يارىتىلغاندىن بۇيان ئادەم سېزىمىمىز ئادەم دەپ ئاتىغان، باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىنىپ ياشايدىغان ھايات ئادەت ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بەرپا قىلغان ھەم ئىنسان ھاياتىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان بىر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىقدۇرمىز.
          تۇغۇلۇش ۋە ماماتلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا ئۆز مەنىسىنى تاپقىنىغا ئوخشاش مېھىر-مۇھەببەتمۇ سۆيگۈ ۋە نەپرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نۆۋەت بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان قەلبىدىكى سۆيگۈ ھەر ۋاقىت غەزەپ، نەپرەت بىلەن كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ. غەزەپ كۈچلەنگەندە سۆيگۈنى ئۆلتۈرىدۇ، سۆيگۈ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە غەزەپنى يوق قىلىدۇ. ئادەم ئىچكى دۇنياسىدىكى مۇنداق توختاۋسىز تۈردە ھېسسىي تۇيغۇنىڭ دائىم ئالمىشىپ تۇرۇشى ئادەملەرنىڭ ئەقلى بىلىشىنى، ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە، شەيئى ۋە ياشاش مۇھىتىدىكى ھادىسىلەرگە قارتا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلايدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.
           ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتىكى ياشاش مۇھىتى شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ روھىيىتى ۋە پسىخىكىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشىغان مۇھىتتىن ئىگىلىگەن ھايات كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدىكى بىلىشى، تەپەككۇرى مۇئەييەن ھالدا يەنە ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر قىلىدۇ. ماددىي ئېھتىياج ئادەم ھاياتىنىڭ تۈپ ھاياتلىق كاپالىتى بولسا ساپ روھىيەت، گۈزەل ئىنسانىي ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋى بايلىق، ۋە ھاياتقا تولۇپ-تاشقان قىزغىن سۆيگۈ ئادەم ھاياتىنىڭ ساپا ۋە سۈپەت تارازىسىدۇر. ئەگەر ئادەملەردە ياكى بىر جەمئىيەتتە مۇنداق ئىنسانلىق ساپا تارازىسى خۇنۈكلىشىدىكەن، ئۇنداق ئادەملەر توپىدىن ۋە جەمئىيەتتىن سۆيگۈ يوقىلىدۇ. ئىنسانلىق مېھرى - مۇھەببەت ۋە سۆيگۈدىن مۇستەسنا جەمئىيەت خۇددى بىر ياۋايى ھايۋان- ئاتلار باغچىسىغا ئوخشىغان بولىدۇ. سۆيگۈ يوقالغان جەمئىيەتنى ئاڭلىقلىقتىن مۇستەسنا ھالدا جەمئىيەت تەۋە بولغان ھاكىملىقنىڭ ئىجراچى زورلۇق كۈچلىرى تىزگىننى تۇتقان بۆلىدى. قىسقىسى سۆيگۈ يوقالغان جەمئىيەت بىر بىمار ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلى بار بولسا، ئۇ ئادەم ئۆز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان قالسا، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ كېسەللىك سەۋەبلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا ئوخشاش بىر جەمئىيەتمۇ ئۆزىدىكى ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن كېسەللىكلىرىنى ئوز ۋاقتىدا تونۇپ، توغرا دىئاگنوز قويۇپ، يىلتىزىدىن داۋالاش ئېلىپ بارمايدىكەن، ئۇ جەمئىيەت روناق تاپالمايدۇ ۋە ئاخىر زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. دېمەك بىر جەمئىيەت ئادەملىرى ئارىسىدىكى ئىنسانلىق سۆيگۈسى شۇ قەدەر مۇھىمكى ئۇ تىل ۋە دىللىرى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرگە سۆيگۈ، ئىنسانلىق قەدرى-قىممەت، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت شىپالىق مەلھەملەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ھۆرمەت ۋە ئىشەنچى يۈكسەلدۈرىدۇ، ئادەملەر ئارا ئىنسانلىقنىڭ ئىنسانلىقنىڭ چىن ھەقىقىتىنى تونۇتىدۇ. ئىنسانلىق مېھرى – مۇھەببەتكە تولغان جەمئىيەت خۇددى خۇش - پۇراقلىق گۈل-گىياھلارغا تولغان، غەزەلچى قۇشلار سايراشقان بىر باغچىغا ئوخشايدۇ.
           ئىنسانلىق سۆيگۈسىنىڭ كۈچى ۋە شىپالىق رولى ئۆز- ئارا پەرقلىق بولغان مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە ئادەملەر توپلاملىرى بىرگە توپلىشىپ ياشىغان جەمئىيەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. كۆپ مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىلاشمىسىدىكى مۇھىتتا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى خاسلىققا ئىگە پەرقلەر تۈپەيلىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياكى ئۇنداق ياكى ئۇقۇشماسلىق ياكى كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن خالى بولالمايدۇ. ئەمما ئەگەر شۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنچ ئاساسىدا يېتىلگەن ئىنسانلىق سۆيگۈسىلا بولىدىكەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىك ۋە دىل ئازارلىغىنىڭ، ھەتتا قورقۇنچلۇق ئىنسانلىققا يات بەدەللەرنى تۆلەشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قادىر بولالايدۇ چۈنكى ئۇلار ئارىسىدا ئىنسانلىق سۆيگۈ، ئادىمىيلىك ئەخلاق بار بولغان بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتى سائىتى كەلگەندە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا شۇ جەمئىيەتتىكى ئادىل قانۇن يېتەكچى بولسا ئادىمىيلىك، ئىنسانلىق سۆيگۈ تەشەببۇسكار بولغان بولىدۇ ۋە ئاخىر مەسئۇلىيىتىنى ئىنسانلىقنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئومۇمىي مەنتىقىسى دائىرىسىدە ھەل قىلىشقا قادىر بولالايدۇ.
            ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئېسىل سۈپىتى ۋە گۈل تاجى بولغان ئىنسانلىق سۆيگۈسىنىڭ ھەم ئىككى قارمۇ قارشى تەرىپى بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەت توپىدا ياشايدىغان ئادەملەر ئارىسىدا سۆيگۈ يوقالسا بۇنىڭ زىيىنىنى باشقا ئىنسانلار ئەمەس ئەينەن شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەر تۇنجى تارتىدۇ ۋە بۇ سۆيگۈسىز جەمئىيەت ئۈچۈن سانسىزلىغان روھى ۋە ماددىي قۇربانلىقلارنى تۆلىگەن بولىدۇ.
             ئۇنداقتا بىز تەرىپلەۋاتقان ئادەم ئەخلاقىنىڭ گۈل تاجى ئىنسانلىق سۆيگۈسى قايەردە؟ ئۇ ئىككى يەردە. بىرىنچى – ئۇ  ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىدە، ئىككىنچى – ئۇ كىتابتا! چۈنكى ئادەم بالىسى تۇنجى ئاپىرىدە بولغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇپ جان كىرىدۇ. كىتاب – يەنى ئوقۇش (مائارىپ) بۇ ئادەم بالىسىغا ھەممە بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە پۈتكۈل ئادەملەرنىڭ دۇنيا ۋە كائىناتنى بىلىش تارىخى ۋە كەلگۈسىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىدەك ھايات قانۇنىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەندۇر.
             بىز ئىنسانلىق سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟ – باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت، شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق. ئەگەر سىز ھاياتىڭىزدا باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت، سۆيگۈ ئاتا قىلغان بولسىڭىز، سىز ئاتا قىلغان شۇ سۆيگۈ ھامان بىر كۈنى ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ. سىز بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئادەملەر ھاياتىڭىزدا قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ.
            سۆيگۈ مۇقەددەستۇر چۈنكى سۆيگۈ ھايات-ماماتلىقتىن تۇغۇلغان. ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇلغان، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە باھارنىڭ سۈزۈك ۋە ساپ تاغ سۇلىرىدەك جىلغىلاردىن شىلدىرلاپ ئېقىپ، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلى دەريا ۋە كۆللەرگە قويۇلۇپ، تەبىئەتنىڭ ھاياتىغا ئۈزۈلمەس ھاياتى كۈچ قوشۇپ تۇرغىنىغا ئوخشاش، غەزەپلەنگەندە خۇددى يانار تاغ ۋولقانلىرى كەبى پارتلاپ چىقىپ، ھاياتلىقتىكى غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ھەر تەرەپكە چاچرىتىپ، ئىنسانلىقتىكى رەزىللىكلەرنى ئۆز ئوتلىرىدا كۈل قىلىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.  بىز ئىنسانلاردا ئەنە شۇنداق ئۆز تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان مىسلىسىز جىسمانىي، روھىي كۈچ قۇۋۋەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ پلانېىتتىكى بارلىق جانلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىمىزنى بۇ زېمىننىڭ خوجايىنى قىلغانمىز.
        سۆيگۈ ھاياتلىقنىڭ كاپالەتچىسى ۋە داۋامچىسىدۇر. "سۆيگۈ"بۇ سۆز تەرجىمانسىز ھەممە ئىنسان تىللىرىدا ئەڭ ئاسان چۈشىنىلىدىغان سۆزدۇر.
دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئېرىق،  مىللەت ۋە خەلقلەر ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىنسانلىق سۆيگۈگە ئېرىشىنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئۆز -ئارا ساقلىنىدىغان پەرقلەرگە ئاڭلىقلىق بىلەن ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
          بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن كەلدۇق، سۆيگۈ بىلەن ياشايمىز ۋە ئاخىردا بىز بۇ دۇنيادىن بىزنى سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈ ياشلىرى بىلەن ۋىدالىشىمىز. ئادەم ھاياتى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئىنسانلاردا سۆيگۈ شۇ قەدەر كۈچلۈكتۇر. سىز ئۆز ئۆيىڭىزدە ياكى سىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس چۈنكى بۇ دۇنياغا ئادەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچ ئادەم تاكى بۈگۈنگىچە ئىنسانلىق سۆيگۈدىن مەھرۇم ياشاپ باققان ئەمەس.
              قېنى دوستۇم، سىزمۇ كېلىڭ، قولنى قولغا، قەلبنى قەلىبلەرگە تۇتاشتۇرايلى، كۆڭلى سۇنۇقلارغا كۆڭۈل، پۇتى سۇنۇقلارغا پۇت قول بولايلى. ئۇيغۇرمۇ ئىنسانلىق سۆيگۈسى بىلەن كۆكلىيەلەيدۇ، ياشنىيالايدۇ ۋە كۈچلىنەلەيدۇ! بۇ ھايات قىسقا، پەقەت بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالىدىغىنى بىزدىن سۆيگۈدۇر چۈنكى بۇ سۆيگۈلەرنىمۇ سىزگە ئاتا-بوۋىلىرىڭىز ئامانەتكە قالدۇرغان.



14 - مارت، 2014، لوندون






1

تېما

0

دوست

1759

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23265
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 13:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    لۇندون  تورداشنىڭ  يازمىلىرىمۇ  بىزلەرنى  سېغىندۇردىغان بۇلۇپ قالدى .
   ھازىر بىزلەرگە  سويگۇ پەقەت ، چوڭلارغا  بالىلاردىن ،كىچىكلەرگە  ئاتا-ئانىلاردىنلا كىلىدۇ .باشقىسىدىن پەقەت ۋەھىمە .....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 13:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىنسانىيلىق دىگەن نىمىكىن تاڭ ، ، ،

1

تېما

2

دوست

2455

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14467
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 14:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشقا تېگىشلىكلەر بىلمەيۋاتىدۇ دە !

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4857
توردىكى ۋاقتى: 1410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 15:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەممىمىز ئىنسانىلىق نوختىسىدا ،ئۆز-ئارا ياردەم قىلىپ كۆيۈنىشتەك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلالىساق نېمە دېگەن ياخشى.

1

تېما

0

دوست

290

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   96.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26491
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 17:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 15:54
بىز ھەممىمىز ئىنسانىلىق نوختىسىدا ،ئۆز-ئارا ياردەم قى ...

ياخشى تەكلىپ بۇپتۇ

0

تېما

4

دوست

656

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   31.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20752
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 17:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsu يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 14:53
بىلىشقا تېگىشلىكلەر بىلمەيۋاتىدۇ دە !

ئۇلار مەڭگۈ بىلمەيدۇ

0

تېما

0

دوست

1389

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 18:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مۇشۇنداق  قەلىبلەرنى  يايرىتىدىغان ، كىشىلەرگە  مىھرى - مۇھەببەت  بېغىشلايدىغان  تېمىلار  كۆپ  بولسا ،   ھەر  بىر  ئوقۇغاندا   ئەدەم  ئارقىسىغا بىر قېتىم قاراپ  »  مەن كىمنى رەنجىتكەندىمە؟«   دەپ ئويلاشقا مەجبۇر بولىدۇ .   ئەقىللىق  ، كەڭ  قورساق  ئاەم  خاتالىقلىرىنى  تۈزۈتۈپ  ماڭىدۇ ، ئەلۋەتتە .     ئادەم    40-50 ياشقىچە  داۋاننىڭ  چوققىسىغا  قاراپ  ماڭىدۇ ، بەزىلەر  چوققىغا  چىقالايدۇ  ، بەزىلەر يېرىمىدا قالىدۇ .    ئەمما  مەيلى چىققانلار  بولسۇن ، ياكى يېرىمىدا  قالغانلار  بولسۇن ھامان  چۈشۈشكە   مەجبۇر  بولىدۇ .   بەزىلەر  داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا   چىققىچە    باسقەان خاتا   قەدەملىرىنى  تۈزىگەچ  چۈشىدۇ ،   بەزىلەر تېخىمۇ  ئەگرى - بۈگرى يوللار  بىلەن  دومىلاپ  چۈشىدۇ ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )