قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 619|ئىنكاس: 4

تەرجىمە ھىكايە:باھا تالىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26988
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 11:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا تالىشىش
(ھىكايە)
شىنچى خوشى [ياپونىيە]



       ئەن ئەپەندى پومېشچىك بولۇپ،ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر ئورمانلىق يېرى  بار ئىدى.ئۇ بۇ زېمىنىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغدايتتى،ھەمدە كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئامەت قۇشىنىڭ بېشىغا قونىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
       دېگەندەك ئۇ تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى، قۇرۇلۇشى غايەت زور بولغان بىر مۇھىم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۇنىڭ ئورمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇشلۇقىدىن ئاغزى بۇرنىغا يەتتى.
ــ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى!يەر ئالدىغانلار كەلسە،چوقۇم باھانى ئۆرە قويىمەن،ئۇچاغدا مەن پۇلدار ئادەمگە ئايلىنىپ ،ئۆمرۈمنى راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۆتكۈزىمەن!
      ئۇ پۇخادىن چىققۇچە يەپ –ئىچىپ، ئاسماندىن چۈشكەن بۇ خۇش خەۋەرنى تەبرىكلىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي،يەر ئالغۇچى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.ئۇ ئەن ئەپەندىگە مۇنداق دېدى: ــ بۇ پىلان ئىچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ مىسالغا ئالساق خۇددى ئادەم بەدىندىكى غول تومۇرغا ئوخشايدۇ،بۇ يول پۈتسە،ئۇنىڭدا ماڭىدىغان قاتناش قۇراللىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ.شۇڭلاشقا دۆلەت،ئوموم ئۈچۈن،تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن سىز بۇ ئورمان يېرىڭىزنى بىزگە بەرمىسڭىز بولمايدۇ.
ــ بولمايدۇ،مۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ،بۇ دېگەن ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان زېمىن،مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ ساتمايمەن،ئەجداتلىرىمىز ۋەسىيەتناملىرىدا بىزگە تەسىرلىك تەشۋىقاتلارنىڭ دامىغا چۈشمەسلىكنى ئەسكەرتكەن.
ــ مەن سىزنىڭ بۇ زېمىنغا بولغان ھىسسىياتىڭىزنى چۈشىنىمەن،بىراق، بىز سىزگە نۇرغۇن پۇل بېرىمىز.
ــ بۇ بالىلار ئويۇنى ئەمەس،ئەگەر سىلەر يەرنى چوقۇم ئالىمەن دېسەڭلار ئۇنداقتا ماڭا شەھەردىن مۇشۇنىڭىچىلىك چوڭلۇقتا زېمىن بېرىڭلار.
يەر ئالغۇچى قاتتىق ھەيران قالدى،ئۇ «كېيىن بىر نەرسە دېيىشەيلى» دېگىنىچە كىتىپ قالدى،ئەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ باشتىلا گەپنى يوغان قىلىپ،باھانى ئۆرە قويالىغانلىقىدىن قاتتىق خۇرسەن بولدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ بىر مەيدان باھا تالىشىش جېڭى باشلاندى،بىرسى «سېتىپ بېرىڭ » دېسە يەنە بىرسى «ياق »دەيتتى.
بىراق،بۇ يەر ئالغۇچى ئىشقا پىشقان كاداڭ ئادەم بولغاچقا ھەم گوللاپ،ھەم پوپوزا قىلىپ ئاخىرى ئەن ئەپەندىنى ئەيۋەشكە كەلتۈردى،ئەن ئەپەندى رېئاللىققا تەن بېرىپ،كىلىشىم تۈزۈشنى قارار قىلدى.
دەل مۇشۇ چاغدا ئەن ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بىر يوچۇن ئادەم كىرىپ كەلدى. كۆرىنىشىدىن سەمىمى ئادەم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
ــ ئاڭلىسام،سىز يەر ئالغۇچى بىلەن كېلىشەلمەپسىز،ئۇنىڭغا يول قويماپسىز ... دېدى يوچۇن ئادەم.
ــ شۇنداق،بىراق مەن ھازىر ئۇنىڭ كىلىشىم تۈزمەكچى بولىۋاتىمەن.
ــ نېمە؟سىز بەكلا بوشاڭلىق قىپسىز،ئۇ سىزنى بوزەك قىپتۇ.سىزنىڭ بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋاقتىڭىز دەل ئۇنىڭمۇ بەل قويىۋىتىدىغان ۋاقتى،سىز ئۇنىڭ بىلەن جېنىڭىزنى تىكىپ ئاخىرغىچە ئېلىششىڭىز كېرەك،بۇ ئىشتا كەمىنە سىزگە مەرتلىك بىلەن يارىدەم بېرىشكە ھەرۋاقىت تەييار.
ــ رەھمەت ،سىز ئارتوقچە ئىشلارغا ئارىلىشىدىغان ئادەمكەنسىز.قارىسام سىزنى يەر ئالغۇچى ئەۋەتكەندەك قىلىدۇ،ياكى بولمىسا ئارىدىن پايدا ئالماقچى  بولغاندەك قىلىسىز،شۇڭا ماڭا باھا تالىشىپ بەرمەكچى بوپسىزدە؟ھىم! بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تىجارەت.
ــ سىز بىھۇدە ئويلاپ كەتمەڭ، مېنى قارىشى تەرەپ ئەۋەتكەنمۇ ئەمەس،ھەم سىزدىن ئاز تولا نەپ ئۈندۈرىۋېلىش نىيتىممۇ يوق،ماڭا ئىشىنىڭ،مەن ھېچقانداق ھەق ئالمايمەن.
ــ نېمە مۇددىئايىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلمىدىم،ئەمما،سىز ھەق ئالمسىڭىز ئۇنداقتا سىزگە تاپشۇردۇم،ــ دېدى ئەن ئەپەندى ئىككىلەنگەن ھالدا.
يوچۇن ئادەم بارىلىق ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئىشقا سالدى؛ئۇ ئەن ئەپەندىگە يەر ئالغۇچىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىپىنى ئۈگەتتى؛يەر ئالغۇچىنىڭ ئاجىزلىقىنى تېپىپ، ئەن ئەپەندىگە ئېيتىپ بەردى؛ئۇ ئەن ئەپەندىگە گەپكە ئۇستا ئۆتكۈر ئادۋۇكاتتىن بىرنى تەكلىپ قىلدى،ئاندىن يەنە قەيەردىندۇر بىر يەردىن ئاجايىپ غارايىپ ھۆججەتلەر توپلىمىدىن بىرنى تېپىپ كىلىپ، ئۈستىگە «بۇ يەر نوقتىلىق قوغدىلىنىدۇ» دېگەن خەتنى يازدى؛ئىلاھلارنىڭ مۇقەددەس تاختىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى نەدىندۇر ئارىيەت ئېلىپ كەلدى،ھەمدە يەرنى ساتقانلار تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى.خەۋەر بىردىنىلا ھەممە يەرگە تارقالدى،مۇشۇ ئەتراپتا يەر داۋاسى قىلىۋاتقان  قىلىۋاتقان دېھقانلارمۇ غەۋغا كۆتۈردى.
ئىش يامانغا ئۆرۈلۈپ،يەر ئالغۇچى پۈتۈنلەي پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، باشتا قوبۇل قىلمىغان شەرتكە ماقۇل دېگەندىن باشقا  باھاغا يەنە پۇل قېتىپ بېرىدىغان بولدى.
ــ پۇرسەت كەلدى،سىزنىڭچە قانداق قىلىسام بولار؟
ــ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ كىلىشىمنامىگە ئالىدىراپلا قول قويسىڭىز بىر ئۆمۈر پۇشمانغا قالىسز،ئەلۋەتتە،يەر سىزنىڭ،ناۋادا سىز يەرنى مۇنداق ئەرزان سېتىۋىتىمەن دېسىڭىز بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەن ئەپەندى قايتىدىن غەيرەتكە كەلدى:ــ توغرا،مەن چىشىمنى چىشلەپ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەي!
ئەن ئەپەندى تاغدەك دۆۋلەنگەن باغلام-باغلام پۇلنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باي بولۇشنىڭ شېرىن خىيالىدىن مەست بولدى،ئۇ بۇ جەڭنى ئاخىرغىچە قىلىشنى قارار قىلدى،ھېلىقى يوچۇن ئادەم تاماق ۋە ئۇيقۇنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا يول كۆرسەتتى.
يەر ئالغۇچى يىتىپ كەلدى.ئۇ ئەن ئەپەندىگە:ــ مەن ئۇتتۇردۇم،مېنىڭ باشقا ئامالىم يوق،- دېدى.
ــ ئۇنداقتا مەن دېگەن  باھا بويىچە پۇلنى بېرىڭ!
ــ ياق،بىز پىلاننى ئۆزگەرتتۇق،بىز بۇيەردىن يەر ئالمايدىغان بولدۇق، بۇيەرنى ئەگىپ ئۆتۈپ تاغ -داۋان ئاشىدىغان بولدۇق،بۇ ئىشقا ھەقىقەتەنمۇ ئامال بولمىدى.
ئەن ئەپەندىنىڭ بېيىش شېرىن خىيالى بىردەمدىلا كۆپۈككە ئايلاندى،بۇ ئىش تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە ئۇ چۈچىگىنىدىن جايىدا قاققان قوزۇقتەك  تۇرۇپلا قالدى.بۇ قېتىمىلق زەربە ۋاقتىنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەسەيگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ھېلىقى يوچۇن ئادەمگە بولغان غەزەپ –نەپىرىتى تېخىمۇ كۈچەيدى.
ھېلىقى ئەبلەخ ئىشنى يوققا چىقارغاندىن كېيىن ئۆزى تۈگۈل سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى.«ئۇ زادى نېمىشقا مېنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ؟زادى نېمە دەپ شۇنچىۋالا كۈچ سەرىپ قىلىپ ماڭا يارىدەم بېرىدۇ؟»ئەن ئەپەندى ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يىتەلمىدى. كېيىن بۇ سىر ئاخىرى يىشىلدى.بىر كۈنى ئەن ئەپەندى شەھەرگە كىرىپ،ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى يوچۇن ئادەمنى ئۇچىرتىپ قالدى.
ــ سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە مېنى قارا باستى،دىدى ئەن ئەپەندى ئاغرىنغان ھالدا.
ــ مۇنداق دېسڭىز قانداق بولىدۇ؟سىز ھېچنىمىنى زىيان تارتمىدىڭىزغۇ؟نېمە دەپ مەندىن ئاغرىنىسىز؟
ــ مەن نۇرغۇن پۇلدىن قۇرۇق قالدىم، سىز زادى نېمە ئويۇن ئويناۋاتىسىز؟
ــ سىزگە راست گەپنى قىلاي،ــ دىدى يوچۇن ئادەم،ــ مەن خەلقئارا نىفىت ئىستىمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،يولنى يۆتكەپ،تاغ داۋانلاردىن ئاشقاندا،ئىشلىتىدىغان نىفىتنىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئاجىزلارغا ھەقىقى يارىدەم بېرىدىغان ئادەم تېخى ھازىرغىچە تۇغۇلمىدى.
«ئوقۇرمەنلەر»(读者)ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانىدىن:مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى
تېلېفون: 13899146980
喀什疏附县旅游局:马木提.努尔麦麦提   邮编:844100     

2

تېما

0

دوست

1869

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 02:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  ياخشى ئەسەركەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

yaxnar

1

تېما

4

دوست

5892

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 09:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن

1

تېما

8

دوست

3452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 11:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«باھا تالىشىش سۈننەت!»
              ___ باش سۈرىتىمدىكى ياۋۇز!

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27195
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 14:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى ئاجىزلارغا ھەقىقى يارىدەم بېرىدىغان ئادەم تېخى ھازىرغىچە تۇغۇلمىدى.

جىڭ گەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )