قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 3

تەرجىمە فىليەتون:شەھەر ئىتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26988
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 11:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەھەر ئىتلىرى
(فىليەتون)
موپىجى
   


     ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئىنسانلار ئىپتىدائى جەمئىيەتتىلا ئىتنى كۆندۈرگەن ئىكەن،ئىت  ئىنسانلارغا ھەمراھ بولۇپ،ئۇزاق زامانلارنى بېسىپ كەلدى،ئىتنىڭ قانچە تۈرگە بۆلىندىغانلىقىنى بىلمەيمەن،ئەمما مەن ئۇلارنىڭ بۆگۈنكى كۈندە ئىككى تەبقىگە بۆلىنگەنلىكىنى، ئىككى قوتۇپقا  قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلىمەن.شەھەردىكى ئىتلارمۇ ئىت،بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق،سەھرادىكى ئىتلارمۇ ئوخشاشلا ئىت،بۇنىڭغا قىل سىغمايدۇ.
   بىراق، شەھەردىكى ئىتلار بىلەن سەھرادىكى ئىتلارنىڭ ئەھۋالىدا ئاسمان-زېمىن پەرىق بار  بولۇپ،ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ.ياشاش شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتساق،شەھەردىكى ئىتلار بىلەن سەھرادىكى ئىتلارنى سېلىشتۇرغاندا شەھەردىكى ئىتلار ئاسماندا، سەھرادىكى ئىتلار يەردە بولۇپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ.شەھەردە ئىت باققۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى بايلار بولۇپ،ئۇلار ئىتنى ئەرمەك نەرسە  دەپ قارايدۇ،ئەرمەك نەرسە دېگەنلىك جاندىن ئارتۇق ئەتىۋارلايدىغان نەرسە دېگەنلىكتۇر.شەھەردىكى ئىتلار ئالىي دەرىجىلىك يىمەكلىكلەرنى يەيدۇ. بېلىق يېگۈسى كەلسە بېلىق ،گۆش يىگۈسى كەلسە گۆش ،سۆڭەك يىگۈسى كەلسە سۆڭەك تەييار،ھەتتا بەزى جايلاردا ئىت يىمەكلىكى دۇككىنى ئېچىلغان بولۇپ،مەخسۇس ئىت ئامراق يىمەكلىكلەرنى ساتىدۇ، ئىت ھەقىقەتەنمۇ مەززىلىك يىمەكىلكلەرنىڭ قەنتىنى چاققۇچىغا ئايلانغان.ئىت يەيدىغان يىمەكىلكلەر مەززىلىك، تەملىك بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇزۇقلۇق تەركىبىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ،بىر قېتىم مەن بىر ئىت باققۇچى بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۇنىڭ ئىتىنىڭ قانداق يىمەكلىك يەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ئىت باققۇچى خۇپسەنلىك بىلەن:« بۇ ئىتنى باقماق بەسى مۈشكۈل،ئۇ پەقەت دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قېيما قىلىنغان تۈگۈر يەيدۇ» دېدى،تەڭرىم،بۇ ئىتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى نەقەدەر يۇقىرى ھە؟ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ دېسە؟ شەھەردىكى ئىتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەملەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، زامانىۋى بىنا،زامانىۋى بىزەك،زامانىۋى ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلاردىن ئۇلارمۇ يىتەرلىك بەھرىمەن بولىدۇ،شەھەردىكى ئىتلار بوران-چاپقۇدىن ئەسلا قورقمايدۇ،چۈنكى ئۇلار پۇلات چىۋىقلىق، مۇستەھكەم،بىخەتەر،ئازادە ئۆيلەردە تۇرىدۇ.شەھەردىكى ئىتلار دائىم كۆڭۈل ئېچىش پۇرسىتىگە ۋە شارائىتىغا ئېرىشىدۇ،ئۇلار خۇجايىنلىرى بىلەن سىرىتلارغا چېقىپ سەيلە قىلىدۇ،ئوينايدۇ، ئۇلار بىتۇن بىلەن قاتتىقلاشتۇرۇلغان يەرلەردە، ماي يوللاردا، چۆرگىلەپ يۈرىدۇ، ياپيېشىل چىملىقلاردا قانغۇچە ئويناپ كۈلىدۇ.باغچىلارغا بېرىپ چېپىپ يۈرىيدۇ،گۈلزارلىقلاردا ئارام ئالىدۇ، شەھەر ئىتلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئادەتتىكى ھايۋاناتلار ھەرگىزمۇ يىتىشەلمەيدۇ،ھەتتا ئۇلار كېسەل بولۇشتىنمۇ قورقمايدۇ.ھايۋانات دوختۇرخانىسى شەھەر ئىتلىرىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىپ،ئۇلارنىڭ ساغلام ياشىشىغا ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە، غەم ئەندىشىسىز  تۇرمۇش كەچۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.         
    ئەكىسچە،سەھرا ئىتلىرىنىڭ ھالى ئىنتايىن خاراپ،يەيدىغىنىنى مىسالغا ئالساق،سەھرادىكى ئىتلار ئاساسەن ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ياكى ئىت يىمەكلىكىنى يەيدۇ،ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا يېزىلاردىكى ئادەملەر ئېشىپ قالغان تاماقلارنى  ئىتقا بېرىشكە قىيىماي، كۆپىنچە ھالدا ساقلاپ يەيدۇ،تاماقلار كۆكىرىپ يىگىلى بولمىغاندا ئاندىن ئىتقا بىرىدۇ.بەزى ئائىللەر سۈپەتىسز كۆممەقوناق، ئاققوناق ئۇنىغا تۇز سېلىپ،ئاندىن قايناقسۇ تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىت يىمەكلىكى تەييارلاپ بېرىدۇ.مۇشۇ تەمىنتاتقا ئېرىشەلىگەن ئىتلارنىڭ ئامىتى كەلگەن ھىساپلىنىدۇ سەھرادىكى بەزى ئىتلار ھەتتا تويغىدەك يىمەكلىككىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ،بىر قىسىم كىشىلەر ئىت «ئۆلۈپ قالمىسىلا بولدى،يىمەكلىك بولسا قوي باققان ياخشى،چۈنكى قوينى سەمرىتىپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ،ئىتنى يىل بويى باقسىمۇ سەمرىمەيدۇ» دەپ قارايدۇ.شۇڭا سەھرا ئىتلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئاچ - زېرىن قالىدۇ.سەھرا ئىتلىرى ئادەتتە كاپىدا تۇرىدۇ،كاپا دېگىنىڭىز پىششىق خىش بىلەن تاشنى تىزىپ ياسىغان ئىت ئۇۋىسىنى كۆرسىتىدۇ ، كاپىنىڭ بىر تەرىپى ھاڭغىرغاي ئۇچۇق بولۇپ، ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرى ھەر ھالدا ئۆيگە ئوخشايدۇ،بىراق بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردە ئۇلار بوراننىڭ ھوشقىستىشىدىن، ھۆل يىغىننىڭ ھۆل قىلىشدىن خالى بولالمايدۇ،بىراق سەھرا ئىتلىرى بۇنىڭغىمۇ كۆنۈك.سەھرا ئىتلىرى ئادەتتە ئۇزۇن زەنجىر بىلەن بوينىدىن باغلاپ قويۇلىدۇ.ئۇلار بىر نەچچە مىتىر دائىرىدە چۆرگىلەپ يۈرىيدۇ،شەھەر ئىتلىرىغا ئوخشاش سىرىتلارغا چىقىپ كۆڭۈل ئاچالمايدۇ. سەھرا ئىتلىرى كېسەل بولۇپ قالسا چىدىشى كېرەك ، چىدىيالمىسا ئۆلۈپ كىتىدۇ،ئۆلگەن ئىتلار دەرەخنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ ئوغۇت قىلىنىدۇ.شۇڭلاشقا سەھرا ئىتلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى شەھەر ئىتلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.   
    شەھەر ئىتلىرى بىلەن سەھرا ئىتلىرىنىڭ نەرقىمۇ ئوخشىمايدۇ.شەھەر ئىتلىرىنىڭ نەرقى قىممەت بولىدۇ،مەن ئىت بازىرىنى ئايلانغان،ئەمدىلا تۇغۇلغان كۈچۈكنىڭ باھاسى 3مىڭ يۈەن بولۇپ ئالتۇن ئىتقا ئايلانغان ئىدى.گېزىتكە بېسىلغان خەۋەردە دىيىلىشىچە، بەزى شەھەرلەردە ئىتنىڭ باھاسى نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىليۇنغا ھازىر شەھەردىكى شوپۇرلار ئىتلاردىن قاتتىق قورقىدۇ،چۈنكى ئۇلار ئىھتىياتسىزلىقتىن ئىتنى بسېىۋەتسە،ياكى سوقۇۋەتسە بۇ ئىتقا نەچچە يۈزمىڭ ياكى نەچچە مىليۇن تۆلىيەلمەيدۇ دە!ئەكىسچە سەھرا ئىتلىرى ئىنتايىن ئەرزان.سەھرادىكى ئىتلارنىڭ نەرقى ئىت گۆشىنىڭ نەرقى بىلەن ئوخشاش،ئەگەر بىر ئىتتىن 30جىڭ گۆش چىقسا ھەر جىڭى 5يۈەندىن ئاران 150يۈەنگە يارايىدۇ.سەھرادىكى ئانا ئىتلار كۈچۈكلىسە، كۈچۈكلىرى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست - بۇرادەر، تونۇش كىشىلەرگە سوۋغا قىلىنىدۇ. قولۇم قوشنىلار مەن كۈچۈكىڭىزدىن بىرنى باقماقچى ئىدىم  دېسە ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيلا ئالالايدۇ. سەھرالاردا ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىت يوقىتىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان،بەزى تارماقلار ئىت بېقىشنىڭ نۇرغۇن ئىۋەنلىرى بار دېگەن،نەتىجىدە ھۆكۈمەت بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئىت يۇقىتىشا تەشكىلللىگەن.ئۇلار قوللىرىغامىلتىق ئېلىپ ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئىت ئاتقان،ئىت ئاتقاننىڭ ھېچقانداق سورىقى بولمىغان. نەتىجىدە سەھرا ئىتلىرى تۈركۈم- تۈركۈملەپ مىلتىقنىڭ ئوقىغا يەم بولۇپ قىرىلىپ تۈگىگەن.ئىت ئېتىشنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بار دېگەن مەسلىدە ھېچكىممۇ لىللا بىر ئېغىز گەپ قىلمىغان. ئۆلگەن ئىت مەڭگۈلۈك ئۆلگەن،ھېچكىممۇ ئۆلگەن ئىتلار ئۈچۈن ئادالەت ياقىلىمىغان.شەھەردىكى ئىتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشى ئەسلا مومكىن ئەمەس.سىز قاپلاننىڭ يۈركىنى يىگەن تەقدىردىمۇ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئىت ئاتالمايسىز.بولمىسا باشقىلار سىزنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ قاماپ قويىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا شەھەردىكى ئىتلارنىڭ جېنى بەكلا قىممەتلىك،ھەم بىخەتەر،سەھرا ئىتلىرىنىڭ جېنى بەكلا ئەرزان،بىخەتەر ئەمەس.
     شەھەر ئىتلىرى بىلەن سەھرا ئىتلىرىىنڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئوخشىمايدۇ،شەھەر ئىتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىگىسىگە ھەمراھ بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش،شەھەر ئىتلىرى ئەمگەك قىلمايدۇ،ئىگىسىگە خۇشامەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ،ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنسىلا بولدى. شەھەر ئىتلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۇنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان-ئۇقمايدىغانلىقىغا قاراپ بىكىتىلىدۇ. ئىت ئىگىسىنىڭ مەقسىدىنى قانچىكى بىلەلىسە ئىگىسىنىڭ غەرىزىنى چۈشىنەلىسە شۇنچىكى ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشدۇ.ئىگىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلىگەن ئىت ئەقىللىق ،ياراملىق ئىتتۇر،شەھەردە ئەگەر ئىت دۆت بولسا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. سەھرا ئىتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى  ھويلا-ئارامغا ياخشى قاراش،ئۇلارنىڭ پۈتكۈل خىيالى ئۆينى قانداق قوغداشتا، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەمەلىي ئەمگەك،مەيلى كىچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ئۇلار ھەر قاچان ھوشيار تۇرۇپ يۈكسەك سەزگۈرلۈكىنى ساقلايدۇ، ھەرقاچان ئوغرى يالغان كېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.شۇڭلاشقا سەھرا ئىتلىرى ئىگسىنىڭ رايىغا بېقىپ خۇشامەت قىلمايدۇ،ئۇلار ھويلا-ئارامنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىدۇ، قىلچىمۇ بىخەستىلىك قىلمايدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا سەھرا ئىتلىرى ئىپتىدائى مەنىدىكى ئىتقا يېقىن كىلىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىنىسانلارنىڭ ئەمگىكىگە يارىدەملىشىدۇ. بىراق،شەھەر ئىتلىرى ئەمگەكتىن   يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ كاللىسىغا ۋە ماھارىتىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھايۋانغا ئايلانغان.ئۇلار ھەقىقى ئىتتىن بارغانسىرى يىراقلاپ ،ئىتمىكىن دېسە ئىت ئەمەس،ئىت ئەمەسمىكىن دېسە ئىتتەك بىر نەرسىگە ئايلانغان.

خەنزۇچە«تاللانغان فىليەتونلار»ژۇرنىلىدىن:مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش) تەرجىمىسى
ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى
تېلېفون:13899146980
地址:喀什疏附县旅游局 马木提.努尔麦麦提 653121197606073814                  

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 18:00:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئاجايىپ سېلىشتۇرما ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەتەن يىزا بىلەن شەھەر كىشىللىرنىڭ تەڭسىز مۇامىلسى ئۇستۇلۇق بىلەن ئىچىپ بىرلىپتۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25830
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 20:26:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25830
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 11:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر ئىتلىرى ئەمگەكتىن   يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ كاللىسىغا ۋە ماھارىتىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھايۋانغا ئايلانغان.ئۇلار ھەقىقى ئىتتىن بارغانسىرى يىراقلاپ ،ئىتمىكىن دېسە ئىت ئەمەس،ئىت ئەمەسمىكىن دېسە ئىتتەك بىر نەرسىگە ئايلانغان.
``````````````````````````````````
``````````````````````````````
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~````

شەھەر ئىتلىرى مەدەنىيەتلىك «ئىتلار» قىزىل چىراغدىن خالىغانچە بۆسۈپ ئۆتمەيدۇ، يېشىل چىراغ يورۇغاندا زېبرا سىزىغىدىن ماڭىدۇ. چاپان كىيىدۇ. پايپاق كىيىدۇ. ئەخلاقسىزراقلىرى يول بويىدا قالايمىقان توختۇتۇپ قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ چاقىغا بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ سىيىپ قويىدۇ. بايراقلىرى «ئالتۇن چىش »سالدۇرىدۇ.
«ئالتۇن چىشلىق ئىت».
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )