قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3458|ئىنكاس: 22

زامانىمىزدىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك مۇتەپەككۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11643
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 317
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 17:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   زامانىمىزدىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك مۇتەپەككۇرى – ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى
   

   ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، لېكىن زامانىمىزدىكى ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە ئاساسەن ، تۇنجى بولۇپ  مۇكەممەل سىياسىي تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى پاكىستانلىق ئەبۇل ئەلا   مەۋدۇدىدۇر .
      ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى 1903-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى جابالپۇردا ئولتۇرۇشلۇق سوپىزىمچى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلىسىدە ئەنئەنىۋىي دىنىي تەربىيە ئالغان . كېيىن دىنىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىسىدە ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى ۋە  سالامەتلىكى  تۈپەيلىدىن  مۇنتىزم دىنىي  دەرسىلەرنى  تۈگۈتەلمەي قالغان  بولسىمۇ،  ئۆزلىكىدىن  ئۆگىنىپ مەشھۇر ئىسلام   مۇتەپەككۇرى  بولۇپ    يېتىشكەن.  ئەبۇل ئەلا  مەۋدۇدى ئەنئەنىۋىي  مۇنتىزم ئىسلام  ئوقۇتۇش   ئۇسۇلى بۇيىچە تەربىيەلەنمىگەنلىكىدىن  بولسا كېرەك ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى   ئەنئەنىۋىي ئىدىيىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان. شۇ سەۋەپتىىن ،ئىسلامىيەتنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرغان. ئەبۇل ئەلا مەۋ دۇدىنىڭ ئۆزىمۇ سوپىزىمچى ئۆلىمالارنى كۆزگە ئىلمايمەن  ، ئۇلار زىھنىي قۇۋۋىتىنى يوقىلاڭ  سىرلىق مەسىلىلەرگە ۋە چاكىنا ، ئەسقاتمايدىغان ئىسپاتلاشلارغا سەرپ قىلىدۇ دېگەنىدى.                                             
        ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى باشتا ھىندىستان مىللەتچىلىكىنى قىزغىن قوللۇغۇچى بولۇپ ، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى كۆرەشلەر گە قاتناشقان. لېكىن 1920-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ۋە ھىندى مىللەتچىسى  مۇھەندەس كەرەمچەند گەندى رەھبەرلىك قىلغان ‹‹ ھەمكارلاشماسلىق  ھەرىكىتى››نىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ ،ھىندىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسدىكى ئىختىلاپلارنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقانىلىقىنى كۆرۈپ، مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ، نەزىرىنى ئىسلام دىنىغا يۆتكىگەن. ئۇنىڭ   ئىسلام سىياسىي ئىدىيىسى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 1940 –يىللارنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن. شۇ چاغلاردا ئۇ بىر دىنىي ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىكىنى  ئۇستىگە ئالغان. شۇ چاغدىكى ھىندىستان مىللىي مۇسەققىللىق ھەرىكىتىنىڭ تەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ھىندىستاندىكى  مۇسۇلمانلار مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قېلشىمۇ ، ياكى ھىندىلار ھۆكۈمىرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن دۆلەتتىكى  ئاز سانلىق  مىللەت  بولۇپ  قېلىشىمۇ  مۇمكىن ئىدى . مۇشۇنداق  ئەھۋال ئاستىدا  ،   ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى ئۆزىنىڭ  بىر يۈرۈش نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، دۆلەتنىڭ شەكلى ، سىياسىي تۈزۈمى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى چۇڭقۇر شەرھىلىگەن ، شۇنداقلار ئاياللارنىڭ ئورنى ، مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرىي   مۇسۇلمانلارنىڭ  مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان.سىياسىي جەھەتتە ، ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى بىر تەرەپتىن ‹‹ كاپىر ›› ئىنگىلىزلارنىڭ ھۆكۈمرانىلىقىغا  ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندىلار ھۆكۈمرانىلىقىدىكى  ھىندىستاندا    ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ ياشىشىغا قارشى تۇرغان . لېكىن  يەنە بىر   تەرەپتىن ،  شۇ چاغلاردىكى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ ، مۇھەممەد ئىقبال قاتارلىق ‹‹ مۇسۇلمان مىللەتچىلەر ›› رەھبەرلىك قىلغان‹‹ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى›› غىمۇ كۈچەپ قارشى تۇرۇپ ، ‹‹ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ›› نىڭ مەقسىتى دىندىن  خالىي دۆلەت قۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس  دەپ  قارىغان.  ئەبۇل  ئەلا  مەۋدۇدى ئۆزىنىڭ ئىنتىلدىغىنى‹‹ مۇسۇلمان دۆلىتى ›› ئەمەس   ، بەلكى ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئىسلام دۆلىتىگە ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› ۋە ‹‹ ھەدىس ›› نى ئاساس قىلغان ئىسلام سىياسىي ئىدىيەسىدىكى ئادەم رەھبەرلىك قىلىشى ،دۆلەتنى ئىسلام قانۇنى –شەرىئەت بويىچە باشقۇرۇشى ، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانىنى خەلق بىۋاستە سايلاپ چىقىشى ، بەلكى كېڭىشىش يىغىنىنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن . ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : بۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەلقى ‹‹ ھەقىقىي مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان ›› بولۇشى، ئۇلار ھىندى دىنىنىڭ ، غەربنىڭ ۋە غەيرىي ئىسلامىيەتنىڭ ھەممە تەسىرلىرىنى تەرك  ئېتىشى ، ئىسلامنىڭ قىممىتىنى  ئۆزلىرىنىڭ   نەمۇنىلىك ھەرىكىتى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە قوغدىشى ،كونكرېت ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مۇكەممەل ئىسلام جەمئىيتىنى بەرپا قىلىشى لازىم.
          ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ سىياسىي پرۇگراممىسىدىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى  شۇكى ، جەمئىيەتتىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ مۇھىم رولى ناھايىتى قاتتىق تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئورۇنلىنىشى لازىم . يەنى  ئىسلام ئىدىيەسىدىكى داھىينىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا تايىنىش لازىم.جەمئىيەتنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا  رەھبەرلىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇ 1941-يىلى  ‹‹ ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى ›› قۇرغان .  ھەمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى ئەزالىرىنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىقتىن ، يېڭى ئەزانى ئۇزۇن  مۇددەت كۈزەتكەندىن كېيىن قوبۇل قىلغان. شۇڭا ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىىنىڭ ئادىمى كۆپ بولماي ، تەسىرى ناھايتى چوڭ بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن ،1970-يىلىدىكى سايلامدا ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش  ئۇيۇشمىسىنىڭ 2500 دىن كۆپرەك رەسمىي ئەزاسى بولسىمۇ ، مەملىكەت بۇيىچە 2 مىليۇن 500 مىڭ ئاۋازغا ئىگە بولغان . 1947-يىلى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى  مۇستەقىل دۆلەت – پاكىستاننى قۇرغاندىن كېيىن  ، ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ تەلىماتىنى  تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن ،   ھىندىستاندىن  پاكىستانغىچە كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن  مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشى نامرات بولۇپ ،  بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا ، مىللەتچىلەر رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان . بۇنىڭدىن باشقا ، بەزى باي سودىگەرلەر ، يەر ئىگىلىرىمۇ  ‹‹ ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى››نى قوللاپ ،  ئۇنى   رادىكال سولقانات كۈچلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان كۈچ دەپ قارىغان.
        1947-يىلى ھىندىستان  بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەت بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى ھىندىستاندىن پاكىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان .بۇ چاغدا ئۇ پاكىستاندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان ، ھەمدە ھۆكۈمەتنى  تەنقىد قىلىدىغان سۆزلىرىنى ئاشكارە ئېلان قىلغان . شۇڭا پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى1948-يىلدىن 1950 –يىلغىچە قاماپ قويغان. كېيىن ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى  بىلەن مۇرەسسە  قىلىپ ، ھۆكۈمەتكە قاراتقان ھوجۇمىنى يۇمشاتقان ، ھەمدە زوراۋانلىق كۈچى ئىشلەتمەي ۋە تەشكىللىك شەكىل بىلەن پاكىستاننى ئىسلام دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش پائالىيىتىگە كىرىشىپ كەتكەن . شۇنداق  بولسىمۇ ،  پاكىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى دىنىي ۋە سىياىسي كۆرەشلەرنىڭ  ئۆزگۈرۈشىگە  ئەگىشىپ ، ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى دىنىي كۈچلەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە نەچچە قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان . 1953 –يىلى بىر قېتىمىلىق قوزغىلاڭغا چېتىلىپ قېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشقا تاس قالغان .  لېكىن ئۇ قۇرغان  ‹‹ ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى ››  قانۇنلۇق  سىياسىي  تەشكىلات  سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن . ھەمدە50-يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم يەرلىك ۋە مەملىكەتلىك سايلامغا قاتناشقان . ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇنلۇق سايلام رىقابىتى  ئارقىلىق سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان . ھەر قېتىمدا ناھايتى ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن . 70-يىللارغا كەلگەندە بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولغان .
      ئەگەر‹‹ ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى ››بىلەن مىسىردىكى‹‹ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئويۇشمىسى›› نى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى ئورتاقلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز.
      بۇ ئىككى تەشكىلاتنى قۇرغۇچى ھەسەن بەننا بىلەن ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى ئەنئەنىۋى ئۆلىمالار تەبىقىسىگە مەنسۇپ ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى  مۇسۇلمان زىيالىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى تەشكىلات جەمئىيەتنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ ، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى سىياسىي جەھەتتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ ، دىندىن خالىي مىللەتچىلىككە قارشى تۇرىدۇ . شۇڭا ئۇلار  ئۆز دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي تەرەققىياتقا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرقمۇ بار . ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىغا قارىغاندا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بالدۇر قۇرۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇزۇنغىچە مۇكەممەل سىياسىي پرۇگراممىغا ئىگە بولمىغان . مىسىر جەمئىيىتىنى ئىسلاملاشتۇرۇشنى  مۇجىمەل ئوتتۇرىغا قويغان . ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى بولسا ، باشتىلا ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ ئىسلام دۆلىتى توغرىسىدىكى تەلىماتىغا ئاساسەن ،ھەقىقىي ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان . قېرىنىداشلار ئۇيۇشمىسى باشتا خەلق ئىچىدىكى بۇرادەرلەر تۈسىدىكى تۆۋەن قاتلام ئاممىۋىي تەشكىلات بولغان ، ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى بولسا ، سىياسىي جەھەتتىكى دانالاردىن تەركىب تاپقان ھازىرقى زاماندىكى سىياىسي پارتىيە بولغان . ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق شۇ يەردىكى ، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى زوراۋانلىق كۆرەشنى ناھايىتى بالدۇر باشلاپ ، كۆپ قېتىم قاتتىق باستۇرۇلغان . چوڭ يۈكسىلىپ ، چوڭ چېكىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى بولسا ،زوراۋانلىقتىىن خالىي كۆرەش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، قانۇنلۇق  يول بىلەن سىياىسي ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ ، نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان .  
        ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى كېيىنچە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەلىماتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تەسىرى ئەڭ چۇڭقۇر بولغىنى ئۇنىڭ قەدىمكى ‹‹ خاۋارىجلار ›› ئىدىيەسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قۇيغان ‹‹   ئىسلام دىنىنى ساپلاشتۇرۇش ›› كۆز قارىشىدىن ئىبارەت . ئۇ دۇنيادىكى ھەممە ھوقۇقنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ، ئىنسانغا ئاللاھنىڭلا ھۆكۈمرانىلىق قىلالايدىغانلىقىنى ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھۆكۈمرانىلىقىنىڭ ئىسلام دىنىغا   خىلاپ ئىكەنلىكىنى  تەكىتلەيدۇ .  ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئاللاھنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلمىسا ، جەمئىيەت ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە باشقۇرۇلمىسا ، ھەممە جاھىلىيەت ( ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى غەپلەت دەۋرى  ) ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى مۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى مۇسۇلمان جەمئىيىتىدىكى جاھىلىيەت مۇنداق ئىككى تەرەپتىن ، بىرى ، مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) دىن ۋە دەسلەپكى خەلىپىلەردىن كېيىنكى سىياىسي رەھبەرلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى بۇرمىلىشى ۋە قوشۇمچە قىلىشىدىن ؛ يەنە بىرى ، غەرب مۇستەملىكىچىلىكى ۋە جاھانگىر لىكىنىڭ تەسىرىدىن كېلىدۇ . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى پاسسىپلىق بىلەن قوبۇل قىلماي ، بەلكى ، ‹‹ ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ ، يامانلىقنى يوقۇتىدىغان ›› كوللىكتىپ ھەرىكەتكە پائال قاتنىشىشى ، يەنى رىئال سىياسىي ، ئىقتىساد ، قانۇن ، مەدەنىيەت قاتارلىق  ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىسلام قىممىتىنى كۈچەيتىپ ، جاھىلىيەت ھالىتىدىن قۇتۇلۇشى لازىم . ئۇنىڭ بۇ قارىشى زامانىمىزدىكى ھەرقايسى ئىسلام ئەسلىيەتچى مەزھەپلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى .
       بەزى ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى مەسىلىلەردە مەۋدۇدى بىر قاتار  مۇستەھكەم بولغان دىنىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن  . ئۇ جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ بىللە يۈرمەسلىكىنى ، ئاياللار سىرىتقا چىققاندا چۈمبەل ئارتىشنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان . ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بەرگەندىمۇ ، ئۇلارنى مەمۇرىي ھوقۇق ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان . ئۇ ‹‹ ئىسلام دىنىغا ئاساسلانغاندا ، ھەرخىل سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئىشلار ئاياللار پائالىيەت قىلشقا ماس كېلىدىغان ساھە ئەمەس ›› دېگەن .
      ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى ئۆمرىدە 60 نەچچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالە يازغان. 1000 قېتىمدىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلىگەن . بۇلارنىڭ مەزمۇنى سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ،  پەلسەپە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ . ئۇ 30 يىل  ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەن ‹‹ ‹ قۇرئان كەرىم › تەفسىرى ›› ئۇنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
      ئۇنىڭ ئوردۇ تىلىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ۋە سۆزلىرى  ئەرەب ، پارىس ، ئىنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقالغان . ئۇ يۈكسەك پەزىلەتكە ۋە غايەت زور ئەقىل –پاراسەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۇرى دەپ تونۇلغان . ئۇ ئىسلام دىنى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغۇچى بولمىسىمۇ ، پاكىستانلىقلار ھەرقانداق ئادەمدىن بىلىمى ئارتۇق ئىسلام ئالىمى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ . ئۇنىڭ نۇرغۇن تەشەببۇسلىرى ئەمەلگە ئاشماي قالغان بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشىغا ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى ئىسلام ئۆكتىچىلىرى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتتى . 1970- يىللارنىڭ ئاخىرىلىرى زىيا ئۇل ھەق پاكىستاندا ‹‹ ئىسلامنى ئىجىتىمائىيلاشتۇرۇش ›› ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندا ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ قارىشى بۇيىچە  قىلغان . بۇ مەزگىلدە ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ مىسلىسىز يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن .
     ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ تەسىرى پاكىستاندىن باشقا ، ھىندىستان ، ئافغانىستان ، ئىران قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان .
         

7

تېما

4

دوست

5527

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1565
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 17:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئىسلام دولقۇنى دېگەن كىتابتىن ئېلنغانمۇ ؟  ياكى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

5

دوست

921

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 284
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 17:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە نى ‹‹ خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى ›› دىگەن كىتاپتىن ئالغاندەك تۇرىسىز تولۇق يوللىغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتى

10

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11643
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 317
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 17:59:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق

0

تېما

2

دوست

1059

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 18:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaribag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 18:14  

سەئۇدىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنتىغان پادىشاھى  جاللات سىشنى قوللاپ مىسىردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار  ئۇيۇشمىسىنى تىرورچى تەشكىلات قاتارىغا چىقاردى.
بۇ نىمىدىگەن چوڭ چىكىنىش ھە!!!

0

تېما

0

دوست

941

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24502
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 18:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaribag يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 18:13
سەئۇدىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنتىغان پادىشاھى  جاللات سىش ...

بۇنى ئەپتى-بەشىرىنى ئاشكارىلاش دىسەك توغرا بولامىكىن.

5

تېما

1

دوست

2108

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17372
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 18:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAREHU يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 17:55
مەنبە نى ‹‹ خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى ›› دىگەن كىتاپ ...

شۇنداق شۇ كىتاپتىن ئېلىنغان ئىكەن  

5

تېما

1

دوست

2108

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17372
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 18:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaribag يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 18:13
سەئۇدىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنتىغان پادىشاھى  جاللات سىش ...

سەئۇدىيمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ چوڭىيپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
سەئۇدىي پادىشاھى ھامان بىر كۈنى تەخىتتىن چۈشىدۇ.
يۇقىرىدا بىر تورداش دېگەن (خەلىقئارادىكى ئىسلام دولقىنى ) دېگەن كىتااپتا شۇ توغۇرلۇق سۆزلىنىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )