ئۇيغۇر نېمىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ؟
يېقىنقى مەزگىللەردىم بۇيان ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار بىزنىڭ دېققەت نەزىرىمىزنى ئۆزىگە تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر بىر تېمىسىغا ئۆزىمىزنىڭ ئىنكاسىنى بىلدۈرۈشكە ئۇرنۇپ كەلدۇق…
ۋاھالەنكى، كىم نېمىلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ؟ كىملەر نېمىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ؟ بۇنىسى بىزگە نائېنىق بولغان بىر تەرەپ. لېكىن قارىماققا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەندەك قىلغان بىلەن بەزى بىر ھاللاردا ھەيران قالارلىق ئىشلار كىشىنى تەگسىز ئويلارغا غەرىق قىلىدۇ…
بىرلىرى بىر تەرەپتىن «ناۋا »دەپ جار سېلىپ يۈرگەن، بىرلىرى «ئايروپىلان»دەپ ، بىرلىرى ئۈندىدارغا دۈم چۈشكەن، بىرلىرى تورغا باغلىنىپ قالغان، بىرلىرى شاڭخولار بىلەن بىر بىرىنى ياراتماي، دىل ئارلىقى يىراقلاپ كەتكەن، بىرلىرى ماشىنىڭ پارىڭى بىلەن، بىرلىرى بولسا ئۆينىڭ، بىنانىڭ بېزىلىشى بىلەن، بىرلىرى خوتۇن-قىزلار بىلەن، بىرلىرى ئۆزىنىڭ گىرىم، زىننەت بۇيۇملىرى، كىيىم- كېچەكلىرى بىلەن، بىرلىرى ئۇنىڭ ،بۇنىڭ تۇتقان تۇرمۇشىغا باھا بېرىش بىلەن، بىرلىرى بولسا ئۆيدىن كېچىپ، سىرتقا قاراش بىلەن، بىرلىرى ئەرنىڭ ئەرلىك روھىنى ئېتىراپ قىلماي تالادىن خۇشلۇق كۈتۈش بىلەن، بىرلىرى بۇ جاھاندىن تويۇپ، بارىدىن كېچىش بىلەن، بىرلىرى ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن ئاللا دىن تىلەپ ئىبادەت بىلەن،بىرلىرى تۆت كۈنلۈك ئىناۋەت بىلەن ئاتالمىش «ئالدىراش»لىق ئىسكەنجىسدە ھېچبىر جاھاندىن كەتمەيدىغاندەك ياشاپ كېتىپ باراتتى…
كىم نېمە قىلىۋاتىدۇ، بۇ مىللەت ئۈچۈن، بۇ ۋەتەن ئۈچۈن؟ بىز قاچان ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلىمىز؟ قاراڭ، بىزنىڭ ئۇيغۇر غورۇرىمىز ،مىللەت ئۈچۈن تۈننى تاڭغا ئۇلاپ، ئىجاد ئەمگەك بىلەن، ئىلىم، تەتقىقات بىلەن ئاق چاچلىرىغا بەدەل بېرىپ، يىللار سالغا قورۇقلىرىدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ جاپالىرىنى بەخت دەپ بىلىپ جان كۆيدۈرىۋاتقان ئەزىزلەرگە…
كىم ئانىسى توغرىسىدا، كىم ئاتىسى توغرىسىدا،كىم قەۋم، قېرىنداشلىرى توغرىسىدا ئوي ئويلاپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشقا ئۇرىنىپ، ئەتراپىمىزدىكى شۇ «ناۋا»دەك، شۇ «ئايروپىلان»دەك، شۇ «ماشىنا»دەك، شۇ«ئۆي،بىنا»دەك، شۇ «خوتۇن-قىزلار»دەك، شۇ «ئويۇن، تاماشا»دەك، شۇ غەيۋەتتەك كۆڭۈل بۆلۈپ باقتۇق؟
بىز دۇنيانىڭ ۋەزىيتىگە، ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلەلىگۈدەك رايىمىز باريۇ، ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى، قانچىلىك كۈچىمىزنىڭ بارلىقى، كىمگە ياردەم بېرەلىگۈدەك قۇدرىتىمىزنىڭ بارلىقى، قانچىلىك ئەقلىمىزنىڭ، بىلىمىمىزنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئويلاپ باقمايدىكەنمىز… رەڭدار كىيىنىشلەردە، تۇرمۇش باياشادلىقىدا، ماشىنا ،مال-دۇنيادا، ئۆي، بىنالاردا بەسلىشىپ ھالىمىز قالمايدىكەن يۇ، بىلىم جەھەتتە، ئەقىل جەھەتتە، ساپا جەھەتتە نىچۈن بەسلىشىشنى ئويلاپ باقمايمىز؟!
بىز زادى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز؟ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىمىز؟
قۇش جېنىدا ئۆزىنىڭ ماكانى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قوغداش ھالتىدە ھوشيار تۇرىدۇ، بىز ھاياتىمىزنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەلمىگەن ھالەتتە نېچۈن ھوشيار تۇرمايمىز؟ كىم نېمە قىلىۋاتىدۇ بۇ مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن؟
قىلىۋاتقانلارغا قاراڭ، ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق يەنە بىر جېنى بارمۇ؟!بۇ مۇمكىن ئەمەس، ھايات بىر كېلىدۇ! ئەنە ئۇلار بىر كېلەر ھاياتنى مەناغا ئىگە قىلماق ئۈچۈن كىمگە، نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تاللاپ بولغان… سىزچۇ؟ مەنچۇ؟ بىز نېمىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز؟
دېمەك بۇ زامان ھوشيارلىق زامانى زىنھار بىغەملىك بىلەن جان باقىدىغان زامان ئەمەس! شۇنىڭ ئۈچۈن سىز كىمگە، نېمىگە كۆڭۈل بۆلىشنى تاللاپ باقتىڭىزمۇ، بىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ياشاۋاتىسىز؟!
ئەقىل ئىنساننى ھايۋاندىن پەرق ئېتىدۇ، ئېشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى چۈشكەن كۆۋرۈكتىن ئۆتمەيدۇ، سىز يەنە مۇشۇ زاماندا قانداقتۇر ھېچقانداق مەنىسى بولمىغان، تامتىقى يوق، مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن نەپ بېرەلمەيدىغان شەيتان ھېسلارنىڭ ئارقىغا ئەگىشىپ يۈرىۋاتامسىز… كىشى ھاياتىدا ئۆز جېنىنىڭ بەرىكىتىنى مىللىتىگە ، ۋەتىنىگە ئاتىيالمىسا ئۇنىڭ قۇرۇت، قوڭغۇزچىلىك قەدىر ،قىممىتى بولمايدۇ! قەدىرسىز، قىممەتسىز ياشاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جانلار تالاي… بىر تىنىقىدىن غورۇر بېرىپ كەتكەنلەر يوق ئەمەس،ئەلۋەتتە!
سىزمۇ، مەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئىنسانغۇ؟ نېمىشقا بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىمىز ئوخشىمايدۇ؟ بىر تىلدا تۇرۇپ، دىلىمىزنى چۈشەندۈرەلمەيمىز… بىر دىندا تۇرۇپ، بىر -بىرىمىزگە ئىشىنەلمەيمىز… بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ دەل كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىمىزنىڭ بىر ئەمەسلىكىدە!
مەنزىلگە يېتىشىڭ يوللىرى تۈرلۈك بولىدۇ، لېكىن مەنزىل بىر بولسا بۇنىڭ لەززىتى باشقىچە. چۈنكى، يىلتىز بىر بولغان بىلەن شاخچىلار ھەرياندىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟
بىز زادى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز؟!
ئاناڭ بىلەن داداڭ بىر ياندا قېلىپ، خوتۇن بىلەن بالاڭ بىر ياندا قېلىپ، ئويۇن تاماششانىڭ قۇلى بولۇپ، ھايات «پەيزى»نى سۈرۈپ، نېمە لەززەت تېپىۋاتىسەن؟ مىڭ يىل ياشامتىڭ جاھاندا!
بۈگۈننى ئۆتكۈزىۋېلىشقىلا كۆڭۈل بۆلىمىز، ئەتىنى ئويلىماي. ھازىرنى ئويلايمىز، كېيىننى ئويلىماي.بىز نېمىشقا يۈكسەك كەلگۈسىنى ئويلىمايمىز؟ توپىدىن ئايرىلغان مارالدەك، بىرىمىز ئۇيان، بىرىمىز بۇيان، بىرىمىز بۇ ئويدا، بىرىمىز ئۇ ئويدا يۈرۈپ نە بولامىز؟
بىز زادى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىمىز؟ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز؟ «ناۋا»غا، «ھاۋا»غا كۆڭۈل بۆلمىسەكمۇ شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ!لېكىن مىللەتكە، ۋەتەنگە ، غورۇرغا كۆڭۈل بۆلمىسەك ھەرگىز بولمايدۇ، بۇ بىر ئادەمنىڭ، بىر ھاياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بۇرچى!
مەنبە:قەلەندەر يازمىسى
|