قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5036|ئىنكاس: 24

بىلىمخۇمار: ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

225

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 981
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1357
تۆھپە : 6623
توردىكى ۋاقتى: 2100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 03:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم
بىلىمخۇمار

       ئىلاۋە: بۇ مەن 2010-يىلى يازغان، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدىغان بىر پارچە ماقالە بولۇپ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى «دىن ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن ماقالىسا تىلغا ئالغان ئىدىم.  بۈگۈن تورلارلى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسام، بۇ ماقالە ھازىر مەن يېڭى ماقالىلارنى يوللاۋاتقان 3 تور بەتلىرىدە يوق ئىكەن.  شۇڭلاشقا بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.  ماقالىنىڭ بىر قانچە يېرىدە ئىنگلىزچە سۆز-ئىپادىلەر بار بولۇپ، مەن بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقتىن ئىنگلىزچىگە ياندۇرۇپ قوياي، دېسەم، يۇلغۇن يۇمشاق دېتالى سۆز تەرتىۋىنى پۈتۈنلەي بۇزىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقتا يېزىلىشىنى شۇ پېتى قويۇپ قويۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن.
     مىنىڭ قىزىم دىلنارە ئامېرىكىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر قىتىم لىدېرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى. بۇ دەرستە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3 كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، گۇرۇپپىلار بويىچە تاپشۇرۇق بەردى. بۇ تاپشۇرۇقتا ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى 3 ئوقۇغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ پېرىزدىنتى، مالىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى دەپ پەرەز قىلىنىپ، بۇ 3 كىشىنىڭ قانداق قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىردىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىلگەن ئىدى. مەن قارىسام بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا توغرىسىدىكى بىر كىتابنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، بىز شەھەرلىك كۈتۈپخانىدىن بۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزەم بىر قېتىم باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. شۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر داھىيلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىدىغان باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت دەرسلەردە ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەت سىرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختۇلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن "ئاتتىلا" دېگەن كىنونى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تونۇشلۇرۇمغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇ كىنونى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان كىنو ئارتىسى رەگ روگەرسنى شۇنىڭدىن باشلاپ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىپ، ھەر قېتىم ئۇنى باشقا كىنولاردا كۆرسەم، ئايالىم ئامانگۈلگە "ئاۋۇ كىشى ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس شۇ ئىكەن" دەپ قويىدىغان بولدۇم. ("ئاتتىلا" دېگەن كىنونىڭ يوئۇ-تۇبە دىكى ئادرىسىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاستىغا يېزىپ قويدۇم
      بۇ قېتىم داھى ۋە لىدېرلىق ھەققىدە ئىزدىنىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مەن ئاتتىلا ھەققىدىكى كىتابتىن بىرنى قايتا ئوقۇپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ئامازون تور بېتىدىن «ھون ئاتتىلا» (ئاتتىلا تھە ھۇن) دەپ ئىزدىسەم، جەمى 242 نەتىجە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان ۋەسس روبەرتس نىڭ «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» (لەئادەرشىپ سەكرەتس ئوف ئاتتىلا تھە ھۇن) دېگەن كىتابىنى سېتىۋالدىم. بۇ كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتاب ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرغان. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى «ھەممىباپ ئاپتوموبىل» (گەنەرال موتور، گم) دېگەن داڭلىق شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى پائۇل زالەككى مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ كىتابنى ئون نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئۇ مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى يەنە بىر قەدەم كېڭەيتتى. مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن كام ئۇچرايدىغان بىر كىتاب بولۇپ، بىر چوڭ ئادەم توپىغا مەسئۇل بولغان ھەر قانداق بىر كىشى بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك ئىكەن».  «ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نىڭ لىدېرى ۋە رەئىسى كراندالل مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب لىدېرلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن لىق تولغان. ئۇ ئەقەللىي يوليۇرۇقلارنىڭ كارامەت ئىجاتچانلىق بىلەن بايان قىلىنىشى بولۇپ، مەن ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن». 1992-يىلى چوڭ بۇش ۋە كلىنتون بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالاشقان روسس پېروت ئەپەندى ئامېرىكىدىكى "ھەممىباپ ئاپتوموبىل" شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۇشبۇ كىتابنىڭ 1985-يىلىدىكى 1-نەشىرلىك نۇسخىسىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، بۇ كىتابتىن بىراقلا 700 پارچىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك باشلىقلىرىغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە دوستلىرىغا بىردىن تەقدىم قىلغان ئىكەن. مەن يېقىندا كۆرگەن، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر كىنودىمۇ، خۇسۇسىي رازۋېدچىك بولۇپ ئاساسلىق رول ئالغان ئادەمنىڭ بىر كۈتۈپخانىدا ئاتتىلا ھەققىدە ئاشۇ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. يەنى، بۇ كىتاب ئامېرىكا جەمئىيىتىگە خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپتۇ.
      مەن ئۇشبۇ يازمامدا، "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ لىدېرلىق ئىدىيىسى - ئاتتىلائىزم توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مەن بىر كىتابتىكى مەزمۇننى بىر قىسقا ماقالە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدا كىتابتىكى ئەسلى مەزمۇنلارنى ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەن دائىرە ئىچىدە قىسقارتتىم ۋە قايتىدىن رەتلىدىم. لېكىن ئۇ مەزمۇنلارنىڭ مەنىسىنى ئەينەن بايان قىلدىم. بولۇپمۇ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي تەسۋىرلەر يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ ئۆز كۆز-قارىشى بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس. يۇقىرىدا ئازراق تىلغا ئېلىنغىنىدەك، پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ئىدىيىسىگە ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. لېكىن مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا ئاتتىلاغا ئائىت نەرسىلەردىن ئاساسەن خەۋەرسىز. شۇنداق بولغاچقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىنى بۇرۇنقى، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر لىدېرلىرىدىن بىرى دەپ سانايدىغان ھەر بىر كىشىدىن ئۇشبۇ ماقالىنى كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بولسا، "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ تىلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار بولسا مەن ئۇ قېرىندىشىمىزغا بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسىنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن.
1. ئاتتىلانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

      ھونلار كۆچۈپ يۈرۈيدىغان، كۆپ خىلدىكى تىللارنى ئىشلىتىدىغان، كۆپ خىلدىكى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر. روبەتس نىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، ھونلار ئەسلىدە ئۇرالنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۈرك ياكى ئاسىيالىق كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ، دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېغىزاكى تارىخلاردا ئاساسەن خاتىرىلەنمىگەن، ياكى بولمىسا بۇ سوئالغا بەزىدە قالايمىقان جاۋاب بېرىلگەن. لېكىن، مەن يېقىندا ھونلار ۋە ئاتتىلا توغرىسىدا بىر قانچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. "ھونلار كالېندارى" دېگەن بىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، باتۇر تەڭرىقۇت ("مائو-تۇن") نىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈشى بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى باجكال كۆلى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەتىراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇلان باتۇر نىڭ قېشىدىكى لوڭچېڭنى پايتەخت قىلغان. ھەمدە ھونلار مىلادىيىدىن كېيىنكى 469-يىلى ئاخىرقى پادىشاھسى دەڭىزىك نىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن دۇنيادىن غايىپ بولغان. ئاتتىلا مىلادىيىدىن كېيىنكى 395-يىللىرى دانۇبە جىلغىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇغۇلغان (دانۇبە جىلغىسىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ، بۇ ئىسىمنىڭ بىر قانچە دۆلەتتە بارلىقىنى بايقىدىم. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئاتتىلا تۇغۇلغىنى ئاۋىسترىيەدىكىسى بولىشى مۇمكىن). ئاتتىلانىڭ دادىسى مۇندزۇك پادىشاھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىنى 32 ئەۋلادقىچە تاپقىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز ئادەم توپىنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان بىر ئائىلە بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن.
      ئاتتىلا دەسلەپتە قويغا مىنىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىنچە ئات مىنىش ماھارىتىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ھەمدە ئوقيا، نەيزە، ئارغىماق، قېلىچ ۋە قامچا ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن. بۇلار ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ماھارەتلىرى بولۇپ، بىر ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسىدىكى كىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ماھارەتلەر ئىدى. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ۋە ئىقتىدارسىزلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك كەمسىتىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەن. ھەمدە ئۆز ماھارىتىنى ناھايىتى خەتەرلىك ئوۋ-ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن خەلق-ئاممىسى ئالدىدا نامايان قىلغان. مەسىلەن، ئۇ بۆرە ۋە ئېيىقلارنى توزاق قۇرۇپ تۇتۇۋېلىپ، ئاندىن بىر قىسقا پىچاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەن. ئاتتىلا دادىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنداق مۇناسىۋەت پادىشاھ مۇندزۇك نىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ئاتتىلا ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاياغلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان تاغىسى رۇگىلا نىڭ قولىدا قالغان.
     رۇگىلا ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئۈچۈن ھونلار ناھايىتى ئاسانلا يېڭەلەيدىغان چەت ئەللەرگە بېقىندا بولىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ئاتتىلا بولسا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ بالىلىق مەزگىلدىكى تەقدىرى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئاتتىلا 12 ياشقا كىرگەندە، رۇگىلا ئۇنى رىم پادىشاھسى خونورىيۇس (" ھونورىئۇس ") نىڭ ئوردىسىغا گۆرۈگە ئېلىنغۇچى قىلىپ ماڭدۇرغان. بۇنىڭ ئۈچۈن رىملىقلار ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق رۇگىلاغا ئۆزىنىڭ ئېيتىيۇس (" ئائەتىئۇس") ئىسىملىك بىر ياش ئادىمىنى گۆرۈگە بەرگەن. مۇشۇ ئارقىلىق رىم پادىشاھى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوردىسىغا گۆرۈگە كەلگەن كىشىلەرگە رىملىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە ھەشەمەتلىك ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە گۆرۈگە قويغان كىشى سۈپىتىدە ماڭدۇرغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
      رىملىقلار ئاتتىلانىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلاشقا ئۇرۇنغاندا، ئاتتىلا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، رىملىقلارنىڭ ھېچ قانداق نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. ھەمدە گۆرۈگە ئېلىنغان باشقا بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئۇ ئىككى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رىم پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشقان. ئۇ رىمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى، ھەربىي ئىشلىرىنى، ۋە رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلارنىڭ چەت ئەل مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىك يىغىنلىرىنى يۇشۇرۇن ھالدا كۆزەتكەن. لىدېرلىقنى، تاشقى ئىشلار مۇراسىمىنى ۋە باشقا كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە دىپلوماتلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ھەمدە شۇ جەرياندا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ پىلانلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە توغرا تۈزۈلگەن.
      ئاتتىلا رىمدىن دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇلغاندا، ئۇ يەردىكى ھونلار قەبىلىسىدە يەنىلا بىر مەركىزىي سىياسىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولمىغان. ئوخشىمىغان ھون قەبىلىلىرىنى ئوخشىمىغان قەبىلە باشلىقلىرى ("چىئەفتائىن") باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇ باشلىقلار بىرەر ھون پادىشاھىغا تەۋە بولمىغان. ئاتتىلا رىمنى يېڭىش ئۈچۈن چوقۇم ھەممە ھون قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھون تېرىتورىيىسىگە كۆپ قېتىم ئوۋ ئوۋلاش سەپىرى قىلىپ، ھەممە قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھەمدە بۇ قەبىلە باشلىقلىرىغا تەسىرلىك مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. پۇختا تەييارلىق قىلىپ، توغرا پەيتىنى كۈتۈپ، ئىنىسى بلەدا بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، ئاتتىلا دانۇبە جىلغىسىدىكى ھون قەبىلىسىگە پادىشاھ بولغان (بەزىلەر ئىنىسى بلەدانى ئاتتىلا ئۆزى ئاشۇ قېتىملىق ئوۋ جەريانىدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ دەيدىكەن –ئەركىن سىدىق). ھەمدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى دەرىجىلىك داھىيلىق قابىلىيىتى بىلەن باشقا ھون تەبىقىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر تەڭداشسىز ھون ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا، ھونلار قوشۇنىنىڭ ئەسكەر سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
       ئاتتىلا ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، ئۆزى ھونلارنىڭ پادىشاھى بولسىمۇ ناھايىتى ئاددىي-ساددا ياشىغان. ھەمدە ھەممە ئىشلارنى ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن سورىغان. لېكىن، ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەبىلە باشلىقلىرىنى يىغىپ ئوپچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھونلارغا گېرمان بىلەن سلاۋ مەملىكەتلىرىنى ئۆز كونتروللىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش، ۋە رىم بىلەن كونستانتىنوپۇل ("كونستانتىنوپلە") نى ئىگىلەش، ئاندىن پۈتۈن ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا ھۇجۇم باشلاش قاتارلىق مىللىي نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. ئاتتىلانىڭ پىلانى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ، ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئارقىلىق پۇختا تاۋلىغان. ئۇ ئۆز پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇ ھېچ قانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلمىغان، ھېچ قانداق ئىشتا تەۋرەنمىگەن، ۋە باشقىلارغا باش ئەگمىگەن. باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالغان، ئەتىراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن، ھەمدە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېتىپ كەلگىچە سەۋرى-تاقەتلىك بىلەن ساقلىغان.
      ئاتتىلانىڭ قوشۇنى شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇلار مەقسەتتە بىردەك، تەشكىلىي تۈزۈمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، ھەمدە ھەممە ۋاقىت ناھايىتى جاسارەتلىك بولغان. ھون قوشۇنى يېڭى تېرىتورىيەلەرگە يۈرۈش قىلغاندا بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھېچ قانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايلا غەلىبە قازانغان. نۇرغۇن كەنتلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھون ئارمىيىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئوي-ماكانىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.
      خۇددى ئاتتىلا رىمدا رىم پادىشاھلىقىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرى ھەمدە ئۇرۇش ۋە ئەسكەر تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، ئېيتىيۇسمۇ ھونلار يۇرتىدا ھونلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە جەڭ قىلىش تېخنىكا-ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىمنىڭ ھەربىي قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھون قوشۇنىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. يەنى مىلادىيىدىن كېيىنكى 451-يىلى شالون ("چالونس") دىكى بىر ئۇرۇشتا ئېيتىيۇس ئوقيا بىلەن ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھون قوشۇنلىرىنى پىيادە ئۇرۇش قىلىشقا قىستاپ، 162-300 مىڭدەك ھون ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىش بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن. ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانى سوراش ئارزۇسى مۇشۇ قېتىم بىر ئاز ئاجىزلىغان.
      ئاتتىلا قوشۇنىنى دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى قايتىدىن رەتكە سالغان. ئۆز قوشۇنىنىڭ كىيىنىشى، ئۇرۇش تېخنىكىسى، ماھارىتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، ھون قوشۇنى ئاتتىلانىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا رىمغا قاراپ قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، رىمغا يېقىنلاشقان. رىم پادىشاھسى بۇ تەڭداشسىز قوشۇننىڭ قۇدرىتىدىن قورقۇپ، قاتتىق ۋەھىمە ئىچىگە پاتقان. ئۇلار دەسلەپتە ئاتتىلانى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان، لېكىن رىمنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىغان ئاتتىلانىڭ بۇ سودىغا كۆنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن. رىم پادىشاھسى ۋالەنتىنىيان ("ۋالەنتىنىئان") ئۆزىنىڭ سىڭلىسى خونورىيا ("ھونورىئا") نى ئاتتىلاغا خوتۇن قىلىپ تەقدىم قىلىشنىمۇ ئويلىغان. لېكىن  300 دىن ئارتۇق خوتۇنى بار ئاتتىلانىڭ بۇ ئىشقىمۇ كۆنمەسلىگىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كېيىن، رىم پاپىسى لىيو ("لەئو ئى") نى ئاتتىلا بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە ماڭدۇرغان. بۇ پاپا بىلەن ئاتتىلا ئوتتۇرىسىدا نېمە گەپ-سۆزلەر بۇلۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان بىر سىر بولۇپ، ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاتتىلا رىمغا ھۇجۇم قىلماي، باشقا ئۇرۇشمۇ ئېلىپ بارماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دۇنيانى سوراش خىيالىدىنمۇ بارا-بارا ۋاز كېچىپ، ھەممە ئىشنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن. ئۇ ئۆزىنى ھونلارنىڭ پادىشاھسى دەپ قايتىدىن جاكارلاپ، ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلە باشلىقلىرىنى داۋاملىق تۈردە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
      ئاتتىلاغا قارشى چىققان ئاشۇنداق قەبىلە باشلىقلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل كەلگەن بىر قىزى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن دادىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكىنى تىلىگەن. لېكىن، ئاتتىلا ئۇ باشلىقنى يەنىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما ئاتتىلانىڭ كۆزى ئىلدىكو ("ئىلدىكو") ئىسىملىك بۇ گۈزەل قىزغا چۈشۈپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالىدىغان بولغان. ھونلار بۇ توينى بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى، دەپ ئويلىغان. ئۇلار ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلىكلىرىنى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قولىغا ئېلىش يۈرۈشىنى يېڭى ئىرادە بىلەن باشلايدۇ، دەپ ئويلىغان. داغ-دۇغلۇق ۋە خوشاللىق ئىچىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن كېيىن، بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئۆز ھۇزۇرىغا قايتقان. لېكىن ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھېچ قانداق شەپە ئاڭلانمىغان. قايتا-قايتا چەككەن ئىشىككىمۇ ھېچ كىم جاۋاب بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆز پادىشاھىدىن ئەنسىرىگەن قوغدىغۇچىلار ئاتتىلا ھۇزۇرىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ ئېچىپ كىرگىنىدە، قانغا بويىلىپ يالىڭاچ ياتقان ئاتتىلانىڭ ئۆلىكىنى كۆرگەن. بەزىلەر للدىكو ئاتتىلانى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ. لېكىن ئاتتىلانىڭ بەدىنىدە ھېچ قانداق زەخمىلەنگەن يەر يوق. يەنە بەزىلەر ئاتتىلانى ئۇنىڭ يېڭى زىمىنگە ئېرىشەلمەي دادىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ يۈرگەن 6 ئوغلى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ (ئاتتىلا رىمنى قولغا چۈشۈرمەي قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ 6 ئوغلى قاتتىق نارازى بولغان). باشقىلار بولسا ئاتتىلانى توي جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ كېتىپ، تەبىئى سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن، دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.
      ئاتتىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنمەي، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىمىغان. ھەمدە ئىزباسارنى ۋاقتى كەلگەندە ئاسانلا تاللىغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، باشقا بىرەيلەننى ئىزباسارلىققا بېكىتىپمۇ قويمىغان. 454-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ، ھونلارنى گۇمران قىلغان.
      ھونلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان ۋېنگرىيە خەلقى قاتارلىقلار ئاتتىلانى ھازىرمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئېسىدە ساقلايدۇ. گەرچە غەربلىكلەر ئاتتىلانى دېگەندەك بىلىپ كەتمىسىمۇ، ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ بىر ئەقىللىق مەدەنىيەت تارقاتقۇچى بولۇش، ئىش قىلىشتا ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش، ۋە يېڭى ئوي-پىكىرگە باي بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغ ئالېكزاندېر ("ئالەخاندەر تھە گرەئات") ۋە سىسار ("كائەسار") قاتارلىق كىشىلەردىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى كىشىلىك خاراكتېرى، قىممەت قارىشى ۋە پرىنسىپلىرى يېتەكلىگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىدېرلىق سىرلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ماڭىدۇ.

2. ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

       يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابقا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن ۋە ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىكەن. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن 1600 يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ھوننىڭ لىدېرلىق ئىدىيىسىگە ۋە ئۇنىڭ ھونلارغا قىلغان سۆزلىرىگە ئاشۇنداق يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ ئەگەر سىز ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇپ باقسىڭىز، ئۇنىڭدا ئېيتىلغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. مەن شۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، "ئاتتىلائىزم" ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئۇشبۇ كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ھەققىدىكى سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن بىر بابتىكى مەزمۇننى مۇشۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. كىتابتىكى مەزمۇن ئاتتىلانىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان سۆز شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەنمۇ ئاشۇ شەكىلنى قوللىنىمەن. تۆۋەندىكىسى ئاتتىلانىڭ ئېيتقانلىرى.
     كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ لىدېرلىقى لىدېر بولۇپ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشقا چۇشلۇق چوڭ-چوڭ پىلانى يوق، جاسارىتى كەمچىل ۋە ئىقتىدارى تۆۋەن شاھزادىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. مۇشۇنداق قىزىقماسلىق، قورقۇنچاقلىق، ۋە ئالغان ۋەزىپىسىگە چۇشلۇق قابىلىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىش-ھەرىكىتىدە نامايان بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاشۇنداق لىدېرلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، دۈشمەننى كۈچلەندۈرۈۋېتىدۇ.
       باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىستىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىسپاتلىغان قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ ئۆزلىرىگە لىدېر قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش بارلىق ھونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇنداق لىدېرلار بىرىكمە خاراكتېرگە ئىگە بولمايدۇ. ئۇلار خۇددى ھونلار بىر-بىرسىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن لىق تولغان بولمايدۇ. ئۇلار نۇقسانسىز خاراكتېرگە ھەم ئىگە بولمايدۇ. ئەمما، لىدېرلىققا ھەقىقىي تۈردە ئىنتىلگەن ۋە ھەقىقىي تۈردە ئىرادە باغلىغان، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان لىدېرلارنى ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، سەمىمىيىتى، مېھرىبانلىقى، ئابرويى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ تولۇق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىنسانلىق سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ئۆزلىرى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىشقا ۋە ئۆزلىرى يېتەكلىمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ.
       بەزىلىرىڭلار ھازىر مەندىن مۇنداق سورىشىڭلار مۇمكىن: "ئاتتىلا، مەندە بىر قەبىلە باشلىقى بولۇشقا نىسبەتەن ئۆزەمدە يېتەرلىك ئىنتىلىش بار-يوقلىقىنى مەن قانداق بىلەلەيمەن؟" مەندىن مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا مەن تۆۋەندىكى ئىدىيىلىرىمنى سوۋغا قىلىمەن:
ــ باشلىق بولۇشنى ئىستەيدىغان ئادەمدە چوقۇم باشقىلار تەرىپىدىن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىش ھەمدە ئاشۇنداق بىر ھالەتنى پەقەت ئادىللىق بىلەنلا قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۇغما ئىستەك بولۇش كېرەك. بۇنداق تۇغما خاراكتېر باشقا بارلىق كىشىلىك خاراكتېرىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.-  --سەندە خۇسۇسىي تەلەيسىزلىك، ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، ئېتىراپ قىلىنماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارنى يېڭەلەيدىغان ئىقتىدارلار بولۇشى كېرەك.
--سەندە قول ئاستىڭدىكى كىشىلەرگە ياخشى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ياخشى يول كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جاسارەت، يېڭىلىق يارىتىشچانلىق ۋە چىداملىق بولۇشى كېرەك.

--مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىشىڭ ۋە قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك: سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ سېنىڭ چېكىگە يەتكەن مىجەزىڭ ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
--سېنىڭ باشلىق بولۇش ئىستىكىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىنتىزارلىق ياكى تاقەتسىزلىك شەكلىنى ئالمىسۇن. ئۇنداق بولمايدىكەن سەن نۇرغۇن كىشىلەرگە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىسەن. سەن چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ باشلىق بولۇش ئارزۇسىنى تەييارلىق، تەجرىبە-ساۋاق ۋە پۇرسەت ئارقىلىق پۇختىلاپ تۇرۇشنى خالايدىغان بول.
--شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، سېنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىڭ سېنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ۋە ئىزچىل تۈردە قاتتىق ئىشلەشنى خالاش-خالىماسلىقىڭغا باغلىق.

--باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ھەتتا جەڭ ئېلان قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان ئىرادىگە ئىگە بول.
--مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى كەڭ-كۆلەملىك ئەقەللىي ساۋاتلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بول.

--باشقا قابىلىيەتلىك تەڭتۇشلىرىڭ ياكى قول ئاستىڭدىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە بولغان تەھدىت، دەپ ھېسابلىما. ئۇنىڭ ئورنىغا، قابىلىيەتلىك قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى پەقەت قول ئاستىدىكى كىشىلەر ناھايىتى كۈچلۈك بولغان قەبىلە باشلىقلىرىلا قىلالايدىغان ئىشلارغا سېلىش ئەقلىگە ئىگە بول.
--سەن ئۆزۈڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئۆزۈڭ يېتەكلەۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن باشقىلار تونۇپ يەتمىسىمۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتمىسىمۇ ئۆزۈڭ شەخسىي بەدەل تۆلەشكە رازى بول.
--سەندە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنتىلىش ("پاسسىئون") بولسۇن. بۇ ئىنتىلىش ئۆزۈڭنى ۋە سەن يېتەكلەۋاتقان ھونلارنى ھەممە ئىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىدىغان قىلىپ چېنىقتۇرىدىغان بولسۇن.
--سەن ئۆزۈڭگە يۈكلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان بول. كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇنداق مەقسەتكە ئىنتايىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ ۋە ئۆز مەنپەتىنى قۇربان قىلماي تۇرۇپ يەتكىلى بولمايدۇ.
--سەن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ تەبىئى ھالىتىنى ساقلاپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ساختا ئىپتىخارلىقنى نامايان قىلما.
--سەن مۇنداق بىر ئاددىي ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك: سېنىڭمۇ يېتەرسىزلىكىڭ بار بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن ياخشىراق قەبىلە باشلىقى بولۇش ئۈچۈن سەن ھەر كۈنى تىرىشمىساڭ بولمايدۇ.

--ئاخىرىدا مەن ساڭا مۇنداق بىر نەسىھەتنى بېرىمەن: ئەگەردە سەن مەلۇم بىر خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەدەلنى تۆلەشنى خالىمىساڭ، ئۇنداق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ھەرگىز قۇبۇل قىلما.

3. ئاتتىلائىزم: ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيىلىرى

    "ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيىلىرىنى يىغىپ، ئۇنى كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر باپ قىلىپ يازغان. مەن بۇ يەردە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزەم لايىق كۆرگەن مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئاتتىلا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى باشلىقلارنى "قەبىلە باشلىقى" ("چىئەفتائىن") دەپ ئاتاپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنى بولسا "ھون" ياكى "ھونلار" دەپ ئاتىغان. يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئاپتورىمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى شۇ پېتىچە ئىشلەتكەن بولۇپ، مەنمۇ كىتابتىكى ئاتالغۇلارنى ئەينەن قوللۇنىمەن.

نەسىھەت ۋە مەسلىھەت ("ئادۋىكە ئاند كوئۇنسەل")

-- يېزىلغان دوكلاتنى پادىشاھ ئوقۇغاندىلا ئاندىن ئۇ مەلۇم قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
-- پادىشاھنىڭ پىكىرىگە داۋاملىق "قوشۇلىمەن" دەپ تۇرىدىغان تەبىقە باشلىقلىرى پادىشاھقا پەقەت ئادەتتىكى ئادەملەردەكلا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. --ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىز ئۆزىگە بىر يامان خەۋەرنى يەتكۈزگەن ھوننى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەقىللىق باشلىق ئۆزىگە بىر يامان خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ھوننى ئۆلتۈرىدۇ.
-- خاتا سوئالنى سورايدىغان قەبىلە باشلىقى پەقەت خاتا جاۋابقىلا ئېرىشىدۇ.
  
--ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ بىر جاۋابىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سوئالنى سورىمايدۇ.

خاراكتېر ("چاراكتەر")

--بىر ھونىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.
--ئۆز نېرۋىسىنى يوقاتقان قەبىلە باشلىقى غەلىبە قازىنالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشى ۋە ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلسا ئۇ يېڭىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدۇ.

-- غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن بىر قەبىلە باشلىقى ناھايىتى ئەقىللىق بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا چوقۇم قەتئىي قانائەتلەنمەيدىغان غەلىبە تەشنالىقى، ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشقا نىسبەتەن قەتئىيي ئىشەنچىسى، ۋە ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى بولغانلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان يېڭىلمەس ئىرادىسى بولىشى كېرەك.
-- ئۆزىنى مەركەز قىلغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەدھىيىلەيدىغان قەبىلەئە باشلىقلىرى ئاساسەن ئۇلۇغ لىدېرلاردىن بولالمايدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە چۇقۇنغۇچىلاردۇر.
-- ئۇلۇغ قەبىلە باشلىقلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالمايدۇ.
-- ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى مۇھىتقا ماسلىشىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلمايدۇ.
-- ھونلار بىلەن بىللە ئىچىشىدىغان قەبىلە باشلىقى ئاشۇ ھونلارنىڭ بىرسى بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ " قەبىلە باشلىقى" دېگەن سالاھىيىتىنى يوقىتىدۇ.
-- ئىقتىدارسىز قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز ئەتىراپىغا ئىقتىدارسىز ھونلارنى يىغىۋالىدۇ. ئىقتىدارلىق قەبىلە باشلىقلىرى بولسا ئۆز ئەتىراپىغا ئىقتىدارلىق ھونلارنى توپلايدۇ.
-- بىر قەبىلە باشلىقى چوڭ-چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنسېرى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەسەتخورلۇقىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ.

جاسارەت ("كوئۇراگە")

-- ھونلار جاپا-مۇشەققەتنى يېڭىپ ئىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاق ئۇلارنىڭ قالغان ئۆمرىنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
-- مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھونلار كېلىشمەسلىككە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە خاتالىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.
-- ھەر بىر ھون ئۆزى تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەشنى خالايدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ. رىقابەت ھوقۇق بالدىقىنىڭ يۇقىرىسىغا چىققانسېرى ئاجىزلىشىپ ماڭىدۇ.
قارار قىلىش

-- ھەر بىر قارارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى بولىدۇ.
-- سالاھىيىتى توشمايدىغان ئادەمنى ھۆكۈم چىقىرىشقا ۋە قارار قىلىشقا قويغاندا، تۈپ خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
-- بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ قارار چىقىرىشتىكى ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دېيىش ئارقىلىق ئۆز ئابرويىنى ئۆستۈرۈشتىن ساقلايدۇ.
-- ئەگەر غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد بولمىسا، قەبىلە باشلىقى ھونلارنى ئۇنداق جەڭنى قىلىشقا بۇيرىماسلىقى كېرەك.
-- ناھايىتى قىيىن قارارلارنى چىقىرىش ئىقتىدارى بىر قەبىلە باشلىقىنى باشقا ھونلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ.

باشقىلارغا ھوقۇق ۋە فۇنكىسىيە بېرىش ("دەلەگاتىئون")

-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھونلارنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى بەكراق نامايان بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويمايدۇ.
-- ياخشى ھونلار ئادەتتە قەبىلە باشلىقى ئۆزىدىن ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھونلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقلى ۋە چۈشەنچىسى دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى قىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ئەڭ قىيىن ۋەزىپىلەرنى پەقەت ئاشۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ھونلارغىلا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
-- ئىستىپا بېرىش ھەرگىزمۇ ھوقۇقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەمەس. ئۇ ئاجىزلىقنىڭ بىر ئىپادىسى. باشقىلارغا ھوقۇق بېرىش بولسا كۈچلۈكلۈكنىڭ بىر ئىپادىسى.
قەبىلە باشلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

-- كۈچلۈك قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ دائىم چوڭ ئاجىزلىقلىرى بولىدۇ. قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە يەنىمۇ ئۆستۈرۈش پادىشاھنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.
-- ھونلارنىڭ مەغلۇبىيەتتىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى مۇۋەپپەقىيەتتىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.
-- ھونلار كېلىشمەسلىككە دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ تېز ئۆگىنەلەيدۇ.
-- ياخشى قەبىلە باشلىقى بىر تەجرىبىسىز ھونغا ئۇنىڭ لىدېرلىق قابىلىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھوقۇق بېرىشتەك تەۋەككۈلچىلىكنى قىلالايدۇ.
-- ھونلارغا تەدرىجى ھالدا بۇرۇنقىدىن يۇقىرىراق سەۋىيىدىكى مەسئۇلىيەتنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر قەبىلە باشلىقى بولۇشقا تەربىيىلىگىلى بولىدۇ.
-- ئەگەر قەبىلە باشلىقى بولۇش بىر ئاسان ئىش بولغان بولسا، ھەممە ھونلار شۇنداق بولغان بولاتتى.
-- قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلمايدىكەن، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈ ئەمىليەتتە جارى قىلدۇرالمايدۇ.
-- مۇۋاپىق دەرىجىدىكى بېسىم بىر قەبىلە باشلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كام بولسا بولمايدۇ.

دىپلوماتىيە ۋە سىياسەتشۇناسلىق

-- سىياسىي جەڭگە كىرگەن ۋاقىتتا، ئادەم ئۆزىنىڭ ئارقىسىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك.
-- ھونلار غەلىبىسىنىڭ مۇھىم ئامىلى "قەيەردە؟" ۋە "قاچان؟" دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بولىدۇ.
-- ھونلار پەقەت ئۆزلىرى ئۇتالايدىغان جەڭگىلا كىرىشى كېرەك.
-- ھونلار دىپلوماتىيەنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن. ئەمما، دىپلوماتىيەنى باشلاش ئۈچۈن بىر ئۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
-- ھونلار ئۈچۈن توقۇنۇش بىر نورمال ئەھۋال.
-- ھونلار پەقەت مەلۇم مەقسەت ئۈچۈنلا ئۆزىگە دۈشمەن تىكلەيدۇ.
-- ھونلار دىپلوماتىيە ئارقىلىق قولغا چۈشۈرەلەيدىغان نەرسىنى ھەرگىزمۇ ئۇرۇش بىلەن ئالمايدۇ.
-- شۇ نەرسە قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، مېھماندوستلۇق، ئىللىقلىق ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئەڭ قەبىھ رەقىبنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.
-- كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا قەبىلە باشلىقلىرىغا ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ئادەملەر خائىنلىق قىلىدۇ.

نىشان

-- يۈزەكى نىشان ئادەمگە يۈزەكى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ.
-- بىز بىر دۆلەت بولغانكەنمىز، ھونلار پەقەت مىللىي نىشانلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خۇددى خۇسۇسىي نىشانلاردەك مۇھىم كۆرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
-- بىر ئادەمنىڭ نىشانلىرى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا ئەرزىيدىغان بولىشى كېرەك.
--مەقسىتى يوق بىر ئادەم ئۆز مەقسىتىگە قاچان يەتكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ.
-- بىر ئادەم قوماندىغا بويسۇنۇش بىلەنلا كۈتكەن نەتىجىگە داۋاملىق ئىرىشىۋەرمەيدۇ.

-- قەبىلە باشلىقلىرى داۋاملىق يۇقىرى پەللىنى كۆزلىشى، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بىخەتەر يولىدا مېڭىشنى ئەمەس، ھەقىقىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان ئىشلارنى قوغلىشىشى كېرەك.
لىدېرلار ۋە لىدېرلىق

-- پادىشاھ بىر ئادەمنىڭ ھازىرقى ئورنىدا قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر دائىم ئەڭ ياخشى ھونلارنى قەبىلە باشلىقى قىلىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.
-- ھەرگىز مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى تۇرغۇزما. ئەڭ قابىلىيەتلىك ھوننى رەھبىرىي ئورۇنغا قوي، ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق بەر، ئاندىن ئۇنى قىلغان ۋە قىلىدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارت.
-- ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ تەلەيگە يۆلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىشتە قاتتىق تىرىشچانلىق، چىدامچانلىق، باش ئەگمەسلىك ۋە ئىجابىي پۇزىتسىيەگە ئىگە بولۇش قاتارلىقلارغا تايىنىدۇ.
-- بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ھونلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.
-- ھونلارنىڭ بىر لىدېرى بولۇش كۆپۈنچە ئەھۋالدا بىر يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان خىزمەت.
-- بىر ھەركەت ئۈچۈن ئاتلانغاندىن كېيىن، قەبىلە باشلىقلىرى چوقۇم مات بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ھەرگىز مۇرەسسە قىلماسلىقى كېرەك.
-- خەتەرلىك ئىشلارنى بىللە ئېلىپ بېرىش قەبىلە باشلىقى بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
-- كۈچلۈك قەبىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھونلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە قوزغىيالايدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرالايدۇ.
-- ئەڭ ياخشى قەبىلە باشلىقلىرى مۇۋاپىق پەيتتە توغرا سوئالنى سوراش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
-- ئەگەر بىر قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئادەم توپىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا ماڭىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدۇ.


چۈشىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش ("پەركەپتىئونس ئاند پۇبلىكىتي")

-- ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم توغرا ھۆكۈم نەزىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.
-- بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر رىئاللىق بولىدۇ.
-- داۋاملىق ئالدىراش كۆرۈنگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئىشلەپ كەتمەيدۇ.
-- سېنىڭ دوستۇڭ ۋە رەقىبىڭ سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى قىلسا، بۇ ناھايىتىمۇ ياخشى ئىش. ئەمما ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق ھېچ نېمە دېمىگىنىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق يامان گەپلەرنى قىلغىنى جىق ياخشى. ئەگەر بىر ئادەم توغرۇلۇق ھېچ قانداق گەپ تاپقىلى بولمىسا، بۇ ئادەم چوقۇم ھېچ قانداق نەتىجە ياراتمىغان بولىدۇ.
-- كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئويلىغىنىغا قارىمۇ-قارشى ھالدا، كىشىلەر سىنى بۇرۇن قىلغان ئىشىڭ ئاساسىدا ئېسىدە ساقلىمايدۇ، بەلكى سەن قىلغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئېسىدە ساقلايدۇ.

كىشىلىك تۆھپە ("پەرسونال ئاچىئەۋەمەنت")

-- بىر ناچار قەبىلە باشلىقى بولغانغا قارىغاندا، بىر ياخشى ھون بولۇش تېخىمۇ شەرەپلىك.
-- ئەگەر ھەممە ھونلار قارغۇ بولسا، بىر-كۆزلۈك بىر جەڭچى پادىشاھ بولالايدۇ.
-- ئۇلۇغ قەبىلە باشلىقلىرى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن بەزى ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشلاردىكى مەغلۇبىيەتكە شۈكرى قىلىدۇ.
-- ھەر بىر ھون ئۆز ھاياتىدىكى ئەھۋاللارنى ۋە ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا توغرىلاپ ئۆزگەرتىشكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. بىر ھون ئۆزى ئۈچۈن قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىشلارنى باشقا ھونلار ياكى رىملىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ.

مەسىلىلەر ۋە يېشىملەر

-- ھونلارنى ئۆز دىققىتىنى ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئەمەس ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتلەرگە مەركەزلەشتۈرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.
-- بەزى ھونلاردا مەۋجۇت ئەمەس مەسىلىلەرنىڭ يېشىمى بار.
مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش

-- ئۆز ھوقۇقىغا چۇشلۇق ئىقتىدارى يوق بىر قەبىلە باشلىقى ئۆز خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغاندا، بىز ئۇ تاللىغان ۋە ئۆزىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئادەمنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئاساسەن دەسسەتمەيمىز. چۈنكى بىر قەبىلە باشلىقى مەغلۇپ بولغاندا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك لىدېرلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدۇ.
-- ئەگەر بىر ھون ئىشنى ياخشى قىلمىغاندا سەن ئۇنى "ئىشنى ياخشى قىلدىڭ" دەپ ماختىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىماس بولىدۇ. ئۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، سەن ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ماختىغان ۋاقتىڭدىمۇ ئۇ ساڭا ئىشەنمەس بولىدۇ.

سەۋرچانلىق

-- ھەر بىر ھوننىڭ قىممىتى بار. بىر ناچار ئەھۋالنىڭ مىسالى بولۇپ قالغاندىمۇ ھەم شۇنداق.
-- قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىغا يول قويۇشىمىز كېرەك.
-- ساڭا سادىق ئادەتتىكى ھونلارنى قوبۇل ئەت. لېكىن ئىقتىدارلىق ئەمما ساڭا ساداقىتى يوق ھونلارنى قوبۇل ئەتمە.

4. ھونلار كالېندارى


     مەن ئۇشبۇ يازما ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا، "ھونلار كالېندارى" ("ئا تىمە-لىنە ئوف تھە باربارس--ھۇنس") دېگەن بىر ئىنگلىزچە تور بېتىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ھونلار تارىخىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ئاشۇ تور بېتىدىكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.

--مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى: باتۇر تەڭرىقۇت ("مائو-تۇن")  ھونلار ("تھە ھۇنس، خىئوڭنۇ، ھسىئۇڭ-نۇ") نى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باجكال كۆلى ۋە شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە رايونلىرىدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلان باتۇرنىڭ قېشىدىكى لوڭچەڭنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلدى.
--مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى: ھونلار شەرقىي جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى.
--مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 140-يىلى: خەن پادىشاھى خەن ۋۇدى ھونلارغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى.
--مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121-يىلى: جۇڭگو ھونلارنى يەڭدى.
--مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 51-يىلى: ھونلار ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي توپى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
--مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 50-يىلى: غەربىي ھونلار توپى ۋولگاغىچە كېڭەيدى.
--مىلادىيىدىن كېيىنكى 48-يىلى: ھون پادىشاھلىقى خەنلەر تەرىپىدىن يېڭىلىپ، تارقىلىپ كەتتى.
--337-يىلى: رىم پادىشاھسى كونستانتىن ("كونستانتىنە") ۋاپات بولۇپ، رىم ئىمپېراتۇرلىقى شەرقىي كوستانتىنوپۇل ("كوستانتىنوپلە") ۋە غەربىي رىم ("رومە") ئىمپراتۇرلىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
--350-يىلى: ھونلار شەرقىي-جەنۇبىي ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
--376-يىلى: ئۇلدىننىڭ رەھبەرلىكىدە، ھونلار قارا دېڭىز ۋە دانۇبې ("دانۇبە") گە يېتىپ كېلىپ، شەرقىي گوس ("گوتھس") نى بېسىۋالدى.
--395-يىلى: ھونلار ئەرمېنىيەگە ھۇجۇم قىلدى.
--408-يىلى: ئۇلدىننىڭ قوشۇنلىرى دانۇبې دەرياسىنى كېسىپ ئۆتتى، ئەمما رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
--408-يىلى: ھونلار رىم جەمەتىگە تەۋە ئېيتىيۇس ("ئائەتىئۇس") نى تۇتۇۋالدى.
--412-يىلى: ھونلارنىڭ لىدېرى دوناتۇس رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاراتو ("چاراتو، كاراتون") چىقتى، ھەمدە ئۇ پۈتۈن غەربىي ھونلارنى بىرلىككە كەلتۈردى.
--425-يىلى: بىر قېتىملىق سىياسىي كرىزىس جەريانىدا، ھونلار رىملىق گېنېرال ئېيتىيۇس تەرىپىدىن ئىتالىيىدە ئۇرۇش قىلىشقا ياللاندى.
--430-يىلى: ھونلارنىڭ لىدېرى رۇگىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى. رۇگىدا ئۇلارغا تىنچلىق بىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يىللىق مۇئاشقا ئېرىشتى.
--433-يىلى: رۇگىدا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن پاننونىئانى ھونلارغا بېرىش، ئۇنىڭ ئورنىغا ھونلار غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش كېلىشىمى تۈزدى.
--433-يىلى: ئېيتىيۇس غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمدارى بولدى.
--434-يىلى: رۇگىدا ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى بلەدا چىقتى. ئۇ چاغدا ئاتتىلا ئېيتىيۇسنىڭ دوستى ئىدى.
--435-يىلى: ئېيتىيۇس ھونلارنى ياللاپ، ۋاندالسلار ("ۋاندالس"، گېرمانلىقلارنىڭ بىر قىسمى) ۋە فرانكسلار ("فرانكس"، گېرمانلىقلارنىڭ بىر قىسمى) بىلەن ئۇرۇش قىلدى.
--436-يىلى: ئېيتىيۇس بىلەن ھونلار بېرگاندىلىقلارنى ۋەيران قىلدى.
--439-يىلى: ئاتتىلا ئېيتىيۇسقا ياردەم بەردى.
--441-يىلى: ھونلار شەرقىي رىمنىڭ دانۇبې دەرياسى بويىدىكى چەت ياقا جايلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
--441-يىلى: ھونلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى تۈزدى.
--445-يىلى: ئۆزىنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ، ئاتتىلا ھونلارنىڭ بىردىن-بىر لىدېرىغا ئايلاندى. ئۇ چاغدا ھونلار ۋېنگىرىيە (پاننونىيا) نى مەركەز قىلغان ئىدى.
--447-يىلى: ھونلار بىلەن ۋالامېر ("ۋالامەر") نىڭ گوسلىرى ("گوتھس"، گېرمانلىقلارنىڭ بىر تۈرى) بالقان رايونلىرىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، كونستانتىنوپۇل ("كونستانتىنوپلە") غا يېتىپ باردى.
--449-يىلى: ئاتتىلا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن بىر يېڭى كېلىشىم تۈزدى.
--450-يىلى: شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يېڭى پادىشاھى مارشىيان ("ماركىئان") ھون-رىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى.
--451-يىلى: ھونلار پاننونىيادىن گائۇلغا سەپەر قىلىپ بېرىپ، گائۇلغا ھۇجۇم قىلدى، بىراق ئېيتىيۇس بىلەن ۋىسىگوس ("ۋىسىگوتھس"، گوسلارنىڭ بىر قىسمى) لار ھونلارنى مەغلۇپ قىلدى.
--452-يىلى: ھونلار ئالپسنى كېسىپ ئۆتتى، بىراق ئاپەتكە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئاتتىلا پاپا لىيو ("پوپە لەئو") بىلەن تىنچلىق ئورناتتى.
--453-يىلى: ئاتتىلا ۋاپات بولدى.
--454-يىلى: گوسلار ھونلارنى پاننونىيادىن قوغلاپ چىقاردى.
--454-يىلى: ئېيتىيۇس ئۆزىنىڭ پادىشاھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
--461-يىلى: ھونلار پارىجنى قورشىۋالدى.
--469-يىلى: ھونلارنىڭ پادىشاھى دەنگىزىك ۋاپات بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھونلار زاۋال تاپتى.

5. ئاخىرقى سۆز

      مەن ئۆزەمنىڭ 2008-يىلى يازغان "ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش" دېگەن ماقالىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى "مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش" تىن ئىبارەت ئۈچ ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈشنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ "كەسپىي تەرەققىياتى" بىلەن "كىشىلىك تەرەققىياتى" ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن مەزمۇنلار لىدېرلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى بىلەن كىشىلىك تەرەققىياتى، شۇنداقلا ھەر بىر پۇقرانىڭ كىشىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان بىلىملەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلارنى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يەتكۈزمەكچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشى شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا ئاسان يول يوق. ئۇنىڭدىن باشقا قىسقا يول يوق. مېنىڭ ئۇشبۇ ماقالىدا تونۇشتۇرغىنىم ئەنە شۇنداق بىلىملەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ بىلىملەر خۇددى بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. بىز ئاشۇ ئەينەككە قاراش، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇشبۇ يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بىزدە قايسى بىلىم، چۈشەنچە ۋە قابىلىيەتنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە قايسى بىلىم، چۈشەنچە ۋە قابىلىيەتنىڭ كەملىكىنى بايقىيالايمىز. شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىنى بەلگىلىيەلەيمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، ئەگەر بىزنىڭ ئەينەكتە كۆرۈنگەن چىرايىمىز چىرايلىق بولمايدىكەن، بىز گۇناھنى ئەينەكتىن كۆرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا، بىز ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىق قىلىشقا، ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقىنىمىز كۆپ ئەلا.
     مەن ئۇشبۇ يازمامنى ئاتتىلانىڭ "ساداقەتمەنلىك" ھەققىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي: "ھەممىدىن مۇھىمى، ھەر بىر ھوندا ساداقەتمەنلىك بولىشى كېرەك. پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ھەممىسى ساداقەتسىزلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەتى ئۈچۈن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلمايدىكەن، سەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بىر ھون ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىشلارغا ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىدىكەن ياكى باشقىلارنى ئاشۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدىكەن، بۇ ساداقەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنداق ھونلار، مەيلى ئۇلار جەڭچى بولسۇن ياكى قەبىلە باشلىقى بولسۇن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوقىتىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن ھونلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشتىش ئىقتىدارى بىر خىل يۇقما كېسەلگە ئوخشايدۇ. ساداقەتسىز ھەرىكەتلەر ۋە پوزىتسىيەلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچىمىزدىكى بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن ھېچ بىر قىممىتى يوق ئىشلار" دېگەن پوزىتسىيەدە بولىدىغان ھەمدە ئۇ ئىشلارنى ئاغدۇرىۋېتىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنى قاتتىق چارە بىلەن كۆزىمىزدىن غايىپ قىلىشىمىز كېرەك."
بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


پايدىلىنىش ماتەرىياللىرى

1.ئاتتىلا دېگەن كىنونىڭ يۇتۇئۇ دىكى نۇسخىسى:
http://www.youtube.com/watch?v=_yAmtD3IWiw

2.Amazon تور بەتى:
http://www.amazon.com

3.ھونلار كالېندارى (ئا تىمە-لىنە ئوف تھە باربارس):
http://www.scaruffi.com/politics/barbars.html)

4.بىلىمخۇمار، «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش»
http://bbs.misranim.com/thread-107740-1-1.html


(2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى)

رەسىملەر ھەققىدە: مەن تۆۋەندىكى ئاتتىلانىڭ رەسىملىرىنى توردىن تېپىپ چىقىرىپ قويدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5- ۋە 6-رەسىملەر ئامېرىكا ئىشلىگەن ئاتتىلا كىنوسىنىڭ كۆرۈنىشلىرى
.


  

1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم

6-رەسىم

6-رەسىم
uyghuray

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 12:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل،بەك ئېسىل.

1

تېما

3

دوست

6082

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1824
توردىكى ۋاقتى: 351
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 12:56:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەركىن ئاكا ،بىزنى قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت ، ئاتىللا توغرىلىق خېلى كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشتۇق ، «تەڭرى قامچىسى ئاتىللا » دېگەن بىر كىتاپنى ئوقۇغان بولساممۇ ، لىكىن ئۇنىڭدا سىز تەمىنلىگەن ئاتىللانىڭ ھېكىمەتكە باي ئۈگۈتلرى يوق ئىدى . ئاللا خالىسا بۇ كىتاپ تەرجىمە قىلىنىپ قالسا چوقۇم بازارلىق كىتاپ بولىدۇ .
    ھونلارنىڭ زېمىن تىرىتۇرىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر خەرىتە بولىدىغان ،مەن خېلى بۇرۇن كۆرگەن ،كىيىن ئىزدەپ تاپالمىدىم ، تورداشلاردىن بىلىدىغانلار بولسا ،ئۆزىنى ياكى ئادىرىسىنى يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

37

دوست

2908

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 14:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ئىسىل  نادىر جەۋھەر تىما بولۇپتۇ قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قىرىندىشىم.
«سەن ئوزۇڭ خىزمەت قىلغان ۋە يىتەكلەۋاتقان كىشىلەر سىنى تونۇپ يەتمىسىمۇ ۋە تەشەككۇر ئىيىتمىسىمۇ سەن ئوزۇڭ  شەخسى بەدەل تولەشكە رازى بول ».
ماڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان جۇملە مۇشۇ بولدى. بىلىمخۇمار ئاكا ئاللا سىزنى بىزدىن ئايرىمىسۇن سىزگە چۇڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۇرمەن.

1

تېما

0

دوست

991

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   98.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26787
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 14:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم دىگەن راسلا ئالىمدە. ئۆزنىڭ ئالىداش ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق مول مەزمۇنلۇق بىلملەرنى بىزگە سۇنۋاتقىندىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. رەھمەت ئەركىن ئاكا

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3680
توردىكى ۋاقتى: 945
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 14:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى كۆپ بىلىمگە ئىرىشتىم ، رەھمەت.

مىنىڭ تورام   يۇتۇبە  ئۇلىنىشنى قوللىمىدى.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )