قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6312|ئىنكاس: 22

جاۋدىڭشىن:جۇڭگودا ھازىر دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش 1980-يىللاردىكىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26988
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 11:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

             ھازىر دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش  1980-يىلدىكىگە قارىغاندا  ياخشى
                         مامۇتجان نۇرمۇھەممەد(ئاققاش)تەرجىمىسى





ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرىسىتېتىنىڭ پرۇفېسىسۇرى جاۋدىڭشىن ئەپەندى  بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى

تەرجىماندىن ئىلاۋە:                                                                 

    جاۋدىڭشىن،ئەر،خەنزۇ،1953-يىلى تۇغۇلغان.1982-يىلى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيىە فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن،1984-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ ھاشارەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ھاشارەت ئېكىلوگىيسى ماگېستىرى بولغان ،1990-يىلى كانادا مايكىل ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ ھاشارەت ئېكىلوگىيسى دوكتۇرى بولغان ،كېيىن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئالمىشىپ،1995-يىلى كانادا مايكىل  ئۇنىۋىرىسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرى بولغان ،1996-يىلىدىن باشلاپ،ئامېرىكا چىكاگۇ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پاكولتىتىدا ياردەمچى پرۇفېسسۇرى بولغان ،2003-يىلى  بۇمەكتەپنىڭ دوتسېنتلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن .ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت سىياسى جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەت ھەرىكىتى جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.  بۇھەقتىكى ئىلمىي قاراشلىرى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئېلىم - پەن ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسى سىياسى جەمئىيەتشۇناسلىق،جەمئىيەت ھەرىكىتى ۋە تارىخ جەمئىيەتشۇناسلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ،ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى«ئامېرىكا جەمئىيەتشۇنالىق ژۇرنىلى» «ئامېرىكاجەمئىيەتشۇناسلىق ئوبزۇرى»«جەمئىيەت كۈچى»«جەمئىيەت كۆزنىكى»«جۇڭگو تەتقىقاتى پەسىللىك ژۇرنىلى»شۇنىڭدەك دۆلتىمىزدە نەشىر قىلىندىغان«جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.                                                                                   
     The Power of Tiananmen  نامىلىق كىتابى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيتىنىڭ 2001-يىللىق ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتاپ مۇكاپاتىغا شۇنڭدەك2002-يىللىق كۆللىكتىپ ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت تەتقىقاتى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتاپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .2006-يىلى «جەمئىيەت ۋە سىياسىي ھەرىكەت توغرىسدا لىكسىيە» نامىلىق كىتابى ،«شەرقىي جۇ سۇلالسى دەۋرىدىكى يىغىلىق ۋە كوڭزىچىلار قانونى بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەتنىڭ بارىلىققا كېلىشى » ناملىق كىتابى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ  دۆلىتىمىزدە نەشىر قىلىنغان.       تۆۋەندە «جەنوپ كەيپىياتى كۆزنىكى »ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك ماقالا يازغۇچىسى خې شى ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاترسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ھوزۇرىغاسوندۇم.                                                                    

«جەنۇپ كەيپىياتى كۆزنىكى »ژۇرنىلنىڭ تەكلىپلىك ماقالە يازغۇچىسى : خې شى
      1990-يىلى جاۋدىڭشىن كانادا مايكىل ئۇنىۋىرىسىتېتىنىڭ ھاشارەت ئىكولوگېيىسى دوكتۇرى بولىدۇ ،شۇ يىلى يەنە ئۇنىڭ ھاياتىدا زور   بۇرۇلۇش بولىدۇ،ئۇ 12يىل ئۆگەنگەن ھاشارات ئىكولوگېيىسى كەسپىدىن ۋاز كىچىپ،جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئالمىشىدۇ.جاۋدىڭ شىن مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئەسلىدىن جەمئىيەتشۇناسلىققا ئىنتايىن قىزىقاتتىم، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە سەككىز يىل ئىشچى بولدۇم،ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ، ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىشكە كېرىشتىم،ئاساسلىقى پەلسەپە لۇغىتى ،ماركىس، ئىنگىلىس، لېنىنىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنىڭدەك «كاپىتال»نى بېرىلپ ئوقۇدۇم .كېيىن ئالى ماتېماتېكىنى ئۆگەندىم،بۇنڭدىكى ئاساسلىق مەقسەد ماركىسنىڭ «ماتېماتېكا قول يازمىللىرى»ۋە «تەبىئەت دىئالېكتىكسى» نى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئىدى،كېيىن يەنە ئۆزلىكىمدىن فىزىكا ۋە خېمىيە ئۆگەندىم.» ئۇنىڭدا جەمئىيەتشۇناسلىققا نىسبەتەن ئوتتەك قىزغىنلىق بار ئىدى،بىراق، 1977-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلگەندە تەبئىي پەندىن ئىمتىھان بەرگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى باشتىن ئۆتكۈزگەنلكىم ئىدى.» ئەينى چاغدا ئۇنىڭ  نەزىرىدە ئىجتمائىي پەن ئالىملىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئوخشىمىغان  سىياسى كۈچلەرنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ، ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولۇپ قېلىش تەقدىرىدىن خالى بولالمايتتى .«ئەينى چاغدا  مەن ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ تۈرمىگە كېرىش خەۋپى ئىنتايىن چوڭ دەپ قاراپ،تەبئىي پەنگە تىزىملاتقان ئىدىم.»                                             
      كاناداغا بارغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ قەلبىدىكى جەمئىيەتشۇناسلىق ئۇرۇقى  ئاندىن بىخلىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ. 1995-يىلى ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مايكىل  ئۇنىۋىرىسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرى بولىدۇ، ئىككىنجى يىلى  ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرىسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىقتىن دەرس ئۆتىشكە باشلايدۇ.يېقىنقى يىللاردا ئۇ «ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ژۇرنىلى»«ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ئوبزورى»«جوڭگۇ تەتقىقاتى پەسىللىك ژۇرنىلى »قاتارلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا نۇرغۇنلىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.2001-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي ئەسىرى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيتىنىڭ 2001-يىللىق ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتاپ مۇكاپاتىغا شۇنىڭدەك2002-يىللىق كۆللىكتىپ ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت تەتقىقاتى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتاپ مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ.  جۇڭگولۇق بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن دېموكراتىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇ  چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ۋېرنېرنىڭ «ھۆكۈمەت تارىخى» نامىلىق كىتابىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى.(بۇ كىتاپ 2010-يىل 5-ئايدا خۇادوڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرىسىتېتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقتى) ئۇ بۇ كىتابىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دېمۇكراتىيە قۇرۇلىشغا ئازتولا پايدىسى تىگىشنى ئۆمىد قىلىدۇ. ئىلگىرى  ئۇنىڭ « شەرقىي جۇ سولالىسى دەۋرىدىكى يىغىلىق ۋە كوڭزىچىلىق قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەتنىڭ بارىلىققا كىلىشى» ناملىق كىتابى دۆلەت ئىچىدە نەشىر قىلىنىپ،كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.نۆۋەتتە يەنە كوڭزى تەلىماتى قىزغىنلىقى كۆتىرىلىپ كونىلقىنى ياقىلاش پىكىر ئېقىمى ئەۋىج ئالماقتا، جاۋ دىڭ شىن كونىلىقنى تىرىلدۇرۈش ئۈچۈن  قانوننى يېڭىلاش ئېلىپ بارماسلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئۇ كوڭزىچىلىق قانونىنى  دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى قىلىشنى جۇڭگونىڭ  سانائەت كاپىتالىزىم يولىدا ماڭماسلىقىنىڭ يادرۇلۇق ئىچكى سەۋەبى  دەپ قارايدۇ.      

جوڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدىكى خانلىق ھاكىمىيەت ئۇنچىۋالا مۇستەبىت ئەمەس     
      
خې شى :
       جۇڭگونىڭ ئەمىنىيە-ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى بىلەن  ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار،ئەمما، ياۋرۇپادىكى ئوخششىپ كېتىدىغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات سانائەت كاپىتالىزىمى،مىللى دۆلەت ۋە پارلامېنتلىق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پەيدا بولشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،نىمەئۈچۈن ياۋرۇپادىكى ئۇرۇشلاردا بىرلىككە كەلگەن، جۇڭگوچە ئەندىزىدىكى دۆلەت شەكىللەنمىدى؟                                                   
جاۋدىڭشىن : بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار.ئالدى بىلەن جۇغراپىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئەمىنىيە-ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە ، جۇڭگونىڭ تېرىتورىيسى شىمالدا چوڭ قۇملۇققا ، شەرقتە تىنچ ئوكيانغا،غەربتە قاتمۇ-قات تاغلارغا،جەنۇپتا كىسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەت ئاپىتى كۆپ يۈز بىرىدىغان ترۇپىك بەلباغقا تۇتىشاتتى .ئۇنىڭ يادرۇلۇق رايۇنى چاڭجىياڭ ، خۇاڭخې دەريا ۋادىسىدىكى2مىليۇن كۋادىرات كىلومىتىر كىلىدىغان زېمىن ئىدى. ئەكسچە ياۋرۇپانىڭ زېمىنى  بولسا ئوتتۇرا دېڭىزدىن كىچىك ئاسىيا ،غەربى ئاسىيا ۋە رۇسىيگىچە  سوزۇلغان كەڭرى رايۇنلار بولۇپ،ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ يادرۇلۇق رايۇنىدىن خېلىلا چوڭ ، بىرلىككە كەلتۈرۈش نىسبەتەن قېيىن ئىدى.  
      ئەڭ مۇھىم سەۋەپ شۇكى ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپادا  خىرىستىئانلار ، دۆلەت ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر سودىگەرلىرى قاتارلىق ئاساسلىق تۆت كۈچ بار ئىدى .ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن كېيىن خىرستىئانلار تەدىرجى ئاجىزلاپ،دۆلەت ۋە شەھەر سودىگەرلىرى ناھايىتى كۈچەيدى.ئەينى چاغدا ياۋرۇپادىكى ئۇرۇشلار ئىجتىمائىي ھوقۇقنىڭ دۆلەتكە مەركەزلىشىنى شۇنىڭدەك دۆلەت ھاكىمىيتىنىڭ كۈچىيشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.شەھەر سودىگەرلىرىنىڭ كۈچىيشى بولسا ئىجتىمائىي ھوقۇقنىڭ تارقاقلىششىنى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ياۋرۇپادىكى تارقاقلاشقان شەھەرلەر ھوقۇقى بىلەن مەركەزلەشكەن دۆلەت ھاكىمىيتىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ،ياۋرۇپادا جۇڭگودىكىدەك قانونچىلارنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى مومكىن بولماي، ئاقچا ۋە مىللەتچىلىك ھىسياتى ئارقىلىق خەلقىنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى .بۇ،  ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ جەڭگە سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرجىدە ئاجىزلاتتى ھەمدە مىللەتچىلىكنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىلگىرى سۈردى.مىللەتچىلىك پەيدا بولغاندىن كېيىن،پۇقرالارنىڭ  تاشقى ھاكىمىيەتنى ياقتۇرماسلىق خاھىشى  زور دەرىجىدە كۈچەيدى.مانابۇ ، بىرلىككە كەلتۈرۈشكە توسالغۇ پەيدا قىلدى.                                                   
     ئەينى چاغدا، جۇڭگودا  دۆلەت ۋە ئاقسۆڭەكلەردىن ئىبارەت ئىككى كۈچ بار ئىدى.ئەمما ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە كەلگەندە ،« ئۈچ جەمەتنىڭ جىن بەگلىكىنى بۆلىشىۋېلىشى»« تىىيەن جەمەتىنىڭ  چى بەگلىكىنى باشقۇرىشى » قاتارلىق تارىخى ۋەقەلەر تۈپەيلى ئاقسۆڭەكلەر زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى. بۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە قانونچىلارنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن پايدىلىق بولدى.ئۇتۇق قازانغان قانونچىلار ئىسلاھاتى قۇدرەتلىك بىيورۇكراتلىق ھاكىمىيەتنى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ پۇقرالارغا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى يىتىشتۈردى .بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كىلىشى ئۈچۈن داغدام يول ھازىرلاپ بەردى.                                                                       
خې شى :
      « شەرقىي جۇ سولالىسى دەۋرىدىكى يىغىلىق ۋە كوڭزېچىلىق قانونى  بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەتنىڭ بارىلىققا كىلىشى» ناملىق كىتابىڭىزدا، سىز كوڭزىچىلىق قانونى بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەتنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى  جۇڭگونىڭ سانائەت كاپىتالىزىم يولىغا ماڭماسلىقىنىڭ ئىچكى سەۋەبى دەپ  ئوتتۇرغا قويۇپتىكەنسىز.                                                            
جاۋ دىڭشىن :
    دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى كاپىتالىزىمنىڭ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ،خىرىستىئان دىنى،ئىسلام دىنى ،بۇددا دىنى، ھىندى دىنىمۇ ھەم شۇنداق.ۋېيبىر چوقۇنغان، كاپىتالىزىمنىڭ ياۋرۇپادا گۈللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رۇل ئوينىغان كالۋىنىتزىم ئەمەلىيەتتە شەھەرئوتتۇرا بۇرژۇئازىيسنىڭ مەنپەئەتىنى يادرۇ قىلغان دىنى ئىسلاھاتتۇر.ئوتتۇرا ئەسىردىكى  كاتولىك دىنى ئىلاھىيەتچىلىكى بىزنىڭ كوڭزى تەلىماتىغا قارىغاندا  كاپىتالىزىمنىڭ شەكىللىنىشىگە ئازراقمۇ  يارىدەم بېرەلمىگەن.                                                                  
خې شى :
   قەدىمكى  جۇڭگودا  بەزى شەھەرلەر  ھەتتا چوڭ شەھەرلەر  بولغان ، سىزنىڭچە بۇ شەھەرلەر بىلەن غەربنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەرلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟                                                                             
جاۋدىڭشىن :
    سوڭ سۇلالىسىدىن كېيىن تاۋارلاشتۇرۇش نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئەھۋالدىمۇ، جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ يادرۇسى يەنىلا سىياسەتنى مەركەز قىلاتتى. ئىمپېرىيە ئەۋەتكەن يامۇلنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سودىگەرلەر سىياسى ھوقۇق ئۈچۈن سۆز قىلالمايتتى،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خۇشۆيەنگە ئوخشاش ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋېتىنى ياخشىلايتتى ياكى ئەۋلاتلىرىنى تىجارەتتىن ۋاز كىچىپ ئەمەلداربولۇشقا ئىلھاملاندۇراتتى.                                            
خې شى :كوڭزې تەلىماتىنى دۆلەت  ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دېگىلى بولامدۇ؟
جاۋ دىڭشىن :
    ئاددى ھالدىلا بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ.كوڭزى تەلىماتى ھۆكۈمرانلاردىن تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئەمما، كوڭزى تەلىماتى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن  . خەن سولالىسى دەۋرىدە كوڭزى تەلىماتى ھۆكۈمەتنىڭ كوڭزى تەلىماتى  بولغان ئىدى.ئۇ مۇئەننەس، مۇزەككەر بەش ئېلېمىنت ، تەقدىر، پەرشتىلەرنىڭ تەسىرلىنىشى    قاتارلىق ئىددىيىلەرنى كوڭزې تەلىماتىنىڭ كاتىگورىيسىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىللە ئۇ يەنە« خان ۋەزىر،ئاتا بالا » مۇناسۋېتىنىڭ سىممىېترىكسىزلىكنى تەكىتلەپ،پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. بۇ ۋاقىتتا  ئۇ دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيسىگە ئايلانغان ئىدى. جەنوبىي سوڭ سولالىسىغا كەلگەندە بۇددا دىنىنىڭ خىرىسى بىلەن ئاتالمىش «يېڭى كوڭزېچىلار تەلىماتى » بارىلققا كەلدى،جۇشى قاتارلىقلار شەخىس ۋەجەمئىيەتنىڭ كوڭزې تەلىماتىنى كېڭەيتىشتىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.ئەمما«يېڭى كوڭزېچىلار تەلىماتى » ئۇزۇنغا بارمايلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ھۆكۈمرانلىق ئىدېئولوگېيسىگە ئۆزگەرتىلدى.ئەگەر ئۇنىڭ چىڭ ،مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەرەققىياتىنى جۇ شى كۆرگەن بولسا، ئىنتايىن ھەيران قالغان بولاتتى.                                    
    گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ كوڭزى تەلىماتى بولسىمۇ، ئۇ خان ھوقۇقىنى تەكىتلەپ قالماي يەنە خاننىڭ خاندەك بولۇشىنىمۇ تەكىتلەيتتى.ئەگەر خان خانغا ئوخشىماي قالسا،كوڭزىچىلار خانغا نەسىھەت قىلاتتى.خان بىر ئىككى ۋەزىرنى ئۆلتۈرسە بولاتتى،بىراق پۈتكۈل بىيۇرۇكراتلىق تۈزۈلمىگە  تايانمىسا بولمايتتى،بۇنداق بولغاندا خان ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قوياتتى .شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ قەدىمكى خانلىق ھاكېمىيىتى«شەرقنىڭ مۇستەبىتلىكى»دە تەسۋېرلەنگەندەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس .«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى مۇستەبىت تۈزۈمىنى بىللە تىلغا ئېلىش شۈبھىسىزكى قىلچە ئاساسسىز.جۇڭگونىڭ قەدىمكى خانلىق ھاكېمىيىتى  ئۇنچىۋالا مۇستەبىت  ئەمەس، شۇنداقلا زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇستەبىتلىكنى جەمئىيەتتە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانمۇ ئەمەس .                                                                              

« گۇمانتار ئىلىمى قىزغىنلىقى » پەقەت سودا پۇرسىتى يارىتدۇ   
خې شى :
       « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى »   مەزگىلىدىكى «لىن بىياۋ،كوڭزىنى تەنقىد قىلىش»نى قانونچىلارنىڭ مۇرەسسە-مادارىچى كوڭزىچىلارغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلغان بىر قېتىملىق زامانىۋى ئۇرۇنۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ. سىزنىڭچە  نىمە ئۈچۈن قانونچىلار بىلەن كوممونىزىم بۇ دەۋىردە ئۇلارنىڭ كىسىشىش نوقتىسىنى تاپقان ؟                                                                              
جاۋ دىڭشىن :
      «لىن بىياۋ،كوڭزىنى تەنقىد قىلىش» بىر قېتىملىق ھوقۇق كۆرىشى بىلەن ئىدېئولوگىيە ئارىلىشىپ كەتكەن زامانىۋى سىياسى ھەرىكەت . « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » ماركىسنىڭ تارىخى  ماتىرىيالىزىملىق ئىددىيسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مىخاينىكلاشتۇرۇپ ، جەمئىيەتنىڭ  بەش تەرەققىيات باسقۇچى بار،سىنىپىي كۆرەش تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى  دەپ قارىغان .جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە سىنپىي كۆرەشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى دېھقانلار قوزغىلىڭى ئىدى ،ئەمما،دېھقانلار قوزغىلىڭى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى «سىنىپىي كۆرەش »تىن كەلگەن ئىدى،ئۇلار شۇ سەۋەپتىن  يەنە شەھەرلەر ۋە زەكىيلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن «سىنىپىي كۆرەش»ئىزدىگەن،  نەتىجىدە گاڭغا كۆتىرىپ كوڭزى تەلىماتى كۆرىشىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە ئۇنى جۇڭگونىڭ  تارىخى تەرەققىياتىدىكى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھىساپلىغان . «لىن بىياۋ،كوڭزىنى تەنقىد قىلىش» ھەرىكىتىدە لىن بىياۋنى كوڭزىچىلار بىلەن بىرلىكتە تەنقىد قىلىدۇ، نېمىشقا ؟ چۈنكى ئەينى چاغدا لىن بىياۋنىڭ ئۆيىدە « ئۆزۈڭنى بىلىپ،ئەدەپكە قايت»دىگەن مەزمۇندىكى ئاسما خەت بار ئىدى. بۇ ئىككىسىنى زورمۇ زور بىر بىرىگە چېتىش  سىياسەتنىڭ  ئىھتىياجى ئىدى.            خې شى : «4-ماي ھەرىكىتى»دىكى «كوڭ جەمەتىنىڭ دۇككىنىنى غولىتىش »تىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى »دىكى «لىن بىياۋ،كوڭزېچىلارنى تەنقىد قىلىش»قىچە ، سىز بۇنىڭدا ئىچكى تەرەققىيات مەنتىقىسى باردەپ قارامسىز ؟                     
جاۋ دىڭشىن :
     «4-ماي ھەرىكىتى» مەزگىلىدە زىيالىيلار ھەقىقەتەنمۇ كوڭزې مەدەنىيتىنى جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر چوڭ توسالغۇ دەپ قارىغان.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى «كوڭزىنى تەنقىد قىلىش »ئاساسلىقى سىياسەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئىدى.ئەمما بۇنىڭدا  ئەنئەنىۋىلىك يەنىلا بار ئىدى .70-يىللاردىكى جۇڭگو ھاكىمىيتى تېخى ھوقۇق يۈرگۈزۈش خاراكتېرىدىكى ھاكېمىيەت ئەمەس، بەلىكى ئىنقىلاپ خاراكتېرىدىكى ھاكېمىيەت  ئىدى،ئىنقىلاپ  خاراكتېرىدىكى بارلىق ھاكىمىيەت كوڭزى تەلىماتىنى  ياقتۇرمايدۇ،چۈنكى كوڭزې تەلىماتى ھوقۇق يۈرگۈزۈش خاراكتېرىدىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،ئۇ ئىنتايىن كونسېرىۋاتىپلىققا ئىگە ،مانا بۇ ، بىزنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ كوڭزى تەلىماتىنى نېمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.   خې شى : نۆۋەتتە جۇڭگودىكى «گۇمانتار ئىلىمى قىزغىنلىقى» ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يەنە كۆككە كۆتىرىۋاتىدۇ،سىز بۇنى ھوقۇق يۈرگۈزۈش خاراكتېرىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن كوڭزى تەلىماتىنى يۆلگەنلىكى دەپ قارامسىز ؟                                                                           
جاۋ دىڭشىن:
    ھۆكۈمەت بەزى روللارنى ئوينىدى،ئەمما بۇ مەسىلىدە مېنىڭچە ھۆكۈمەت ئارىسالدى بولۇپ بىر قارارغا كىلەلمىدى.جۇڭگو ھازىر قۇدرەت تاپتى،ئەمما جاڭ جى دوڭنىڭ  ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوتتۇرغا قويغان «جۇڭگو ئىلىمى» ۋە« غەرب ئىلىمى»گە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر ھەل قىلىنمايلا قالماستىن،ئەكىسچە تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتى. ھازىر جۇڭگودا ھەقىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقىنى «گۇمانتارلىق ئىلىمى» ئەمەس، بەلكى خىرىستىئان دىنى. جۇڭگودىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە ئاساسى قىممەت قارىشنىڭ كەملىكى.ئۆزىنىڭ ئاساسى ئېقىمغا بولغان بىر قاتار گەپ سۆزلىرى ۋە قىممەت قارىشغا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدىلا « گۇمانتارلىق ئىلىمى»نىڭ ئارقىسىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر .ئەمما ،كوڭزى تەلىماتى جۇڭگودا قانداق گۈللىندۇ ؟ ئەجەبا ئىلگىرىكى ئىمتاھان ئالغۇچى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكمۇ؟ ھازىر شۇئار توۋلىغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، «گۇمانتارلىق ئىلىمى قېزغىنلىقى» پەقەت سودا پۇرسىتى يارىتىدۇ،ئاتالمىش« يۇدەن ھادىسسى » يۈز بىرىدۇ.

دېموكراتىيە كېيىمگە ئوخشايدۇ ،كىم كەيسە بولىدۇ   
خې شى :
     سىز قانداقسىگە سامۇئىل.فېرنېرنىڭ «ھۆكۈمەت تارىخى» نامىلىق كىتابىنى جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟   
جاۋ دىڭشىن :فېرنېرنىڭ «ھۆكۈمەت تارىخى » نامىلىق كىتابىدا ئاساسلىقى ئىنسانىيەت سىياسىي تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدەك ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت سىياسى تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى مۇھاكىمە قىلىندۇ. غەرىپ سىياسەتشۇناسلىق تارىخىدا ئۇ ئىنتايىن موھىم ۋە مۇنەۋۋەر سىياسىئون. مېنىڭچە  غەرىپ ئالىملىرى سېلىشتۇرما تارىخنى بولۇپمۇ چۈشىنىش ئىنتايىن تەس بولغان تارىخنى يازغاندا فېرنېرنىڭ  جۇڭگونى قانداق يازغانلىقىغاقارايدۇ. ئەگەر ئۇ جۇڭگونى ئىنتايىن ئەتراپلىق يازالىغان  بولسا،بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ تىرەن ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.فېرنېر نىڭ جۇڭگو ھەققىدە يازغان بىر قانچە بابىدا ئىپادىلىگەن قاراشلىرى جۇڭگو تارىخىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىلەردىن ئېشىپ چۈشكەن.ئەمما،بۇ كىتاپتا بەزى كەمچىلىكلەرمۇبار، مەسىلەن: ئۇ زامانىۋېلاشقاندىن كېيىنكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى مەسىلىسىگە قارىتا نىسبەتەن ئاز ئويلانغان . ھەرقانداق بىر سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئىنتايىن زور بولغان تەڭشەش ئىقتىدارى بولمىسا ئۇنىڭ زاۋاللىقا يۈزلىنىشى شۇنچىكى تىز بولىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇنىۋاتقان غەرىپنىڭ  دېموكراتىك تۈزۈمىمۇ ئوخشاش .                                                                           
خې شى:
    سىز دېمۇكراتىيە بىلەن قانون -تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋېتىگە  قانداق قارايسىز؟                                                                  
جاۋ دىڭشىن :
   جۇڭگولۇقلار دېموكراتىينى چۈشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.جۇڭگودا« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»  بولغانلىقى ئۈچۈن ،بىز دېموكراتىيىنى تىلغا ئالساق، ئۇلار دېموكراتىيە ھەر بىر ئادەمنى ھەقىقىي باراۋەرەرلىككە، ئەركىنلىككە ئىگە قىلىدۇ، پۇقرالار تەرتىپكە ئەھمىيەت بەرمەي ھوقۇقدارلارنى تەنقىد قىلسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس ،بۇ پەقەت ئوتوپىيە خالاس.
   دېموكراتىيە ئالدى بىلەن تەرتىپ ئادىللىقىنى تەكىتلەيدۇ  ، جەمئىيەتنىڭ زەكىيلەر قاتلىمىدا تەرتىپلىك بولغان ئۆز ئارا چەكلەش ۋە پۇقرالار ئارىسىدا سايلام ئارقىلىق رەھبەرنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ.ئەلۋەتتە،مۇنداق دېموكراتىك تۈزۈلمىنىڭ ئەسلىدىن ئىنتايىن كۆپ كەمچىلىكلىرى بار،ئۇ  نۇرغۇن غەيرى دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ تولۇقلىشى بىلەن ئاندىن تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ،بۇ بىيۇرۇكراتلىق تۈزۈلمە،مۇتەخەسسىس تۈزۈمى،مەنپەئەت گۇرۇھى تۈزۈمى، ھەتتا چەك تارتىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ غەيرى دېموكراتىك تۈزۈملەر دېموكراتىينىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ. ئەمما ئۇلار دۆلەتنىڭ قانونلۇقلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ،شۇڭىلاشقا ئۇلارنى دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.دېموكراتىيە بىر دۆلەتنى نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان قانونىيلىققا ئىگە قىلىپلا قالماستىن،بەلكى ھۆكۈمەت بىلەن  سىياسى تۈزۈمنى ئايرىۋىتىدۇ.دېموكراتىيىدىن كېيىن ئەمەلدارنى تىللاش ئانچىكى ئىش، تىللىسىڭىز تىللاۋىرىسىز،ئۇلار مېنى كۆپچىلىك سايلاپ چىققان دەپ ئىشنى قىلىۋىرىدۇ،بۇنداق بولغاندا دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بېسىمى زور دەرىجىدە ئازىيدۇ ،ھەم  سۆز ئەركىنلىكىگىمۇ پايدىلىق.پەقەت ئەمەلدارنىڭ يۈزى قېلىنراق بولسا بولدى خالاس .  ئەمما ،تۇراقلىق بولغان دېموكراتىيە ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرت شۇكى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن ئۆكتىچىلەردە چوقۇم مۇھىم قىممەت قارىشىغا نىسبەتەن مەلۇم ئورتاق تونۇش بولۇشى ،يەنى ئاتالمىش «قارىشى تۇرۇشقا سادىق بولۇشى» شەرت ،بۇ نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئەڭ قېين تەرىپى.شۇڭلاشقا سىز غەرىپنىڭ دېمۇكراتىيسىگە نەزەر سالسىڭىز،تۇراقلىق بولغان دېموكراتىيە كۆپىنچە ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز .ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن،ياۋرۇپانىڭ  كاپىتالىستىك ئىگلىكى ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى،ئىجتىمائى ئارا كۈچلەر زورايدى،رادىكال ئىددىيىلەر سۇسلاشتى، شۇڭلاشقا ياۋرۇپانىڭ دېمۇكراتىيىسى راسا مۇستەھكەملەندى .   
خې شى :
     ئەگەر قانوننى دېموكراتىيىنىڭ ئالدىغا قويۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا غەيرى دېموكراتىيە قانون- بەلگىلمىلىرى بەلگىلەنسە،بىز بۇ چەكلەنگەن رايۇندىن قانداق بۆسۈپ ئۆتىمىز؟ غەيرى دېموكراتىك جەمئىيەتنى ھەقىقى دېموكراتىك جەمئىيەتكە قانداق ئۆزگەرتمىز؟بۇنىڭدا ئاۋامنىڭ رايىغا تايىنامدۇق؟  
جاۋ دىڭشىن :
    ئاۋامنىڭ رايى ئىنتايىن موھىم ،ئەمما،نوقۇل ئاۋامنىڭ رايىغىلا تايىنىشقابولمايدۇ.قانوننىڭ نامايەن قىلدىغىنى جەمئىيەت زەكىيلىرىنىڭ  ئورتاق تونىشى، ئۇنىڭ ھېچبىر تەرەپكە يان باسماسلىقى مومكىن ئەمەس . قانوننىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرى ئۇنىڭ ئادىللىقىدا ئەمەس،بەلكى قەتئىيلىكىدە.بىر قانون ياكى تۈزۈم تۈزۈلگەن ئىكەن سىز ئۇنى ئىجرا قىلىشىڭىز كېرەك.ناۋادا بىز ئەمەلدارلار جىنايەت ئۆتكۈزسە،بىر دەررە يەيدۇ ،پۇقرالار ئوخشاش جىنايەتىنى ئۆتكۈزسە،ئىككى دەررە يەيدۇ دەپ بەلگىلىسەك ،پۇقرالارنىڭ قورسىقى ئىنتايىن  كۆپىدۇ،ئەمما بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،چۈنكى جەمئىيەت زەكىيلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئورتاق تونىشى بار،ئەكىسچە پۇقرالارمۇ قارىشى كۆرەش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار  ئارقىلىق قانون- تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.                                       
ئەڭ قۇرقۇنچلىقى جىنايەتنى بىكىتىش ئۇسۇلىنىڭ جىنايەت ئوبيېكىتىنىڭ ھوقوقى،ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى شۇنىڭدەك تۈرلۈك سىياسى سىناقلارغا ئاساسەن بەلگىلىندىغانلىقى .بۇنداق بولغاندا قانوننىڭ جەمئىيەتنىڭ زەكىيلەر قاتلىمى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى نوپۇزى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، مانا  بۇ  نۆۋەتتىكى   جۇڭگونىڭ  قانونچىلىق قۇرۇلىشى تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلە.                                                     
خې شى:
     دېمۇكراتىك تۈزۈمنى يولغاقويۇش قانداق شارائىت ۋە پۇرسەتكە ئېھتىياجلىق؟                                                                        
جاۋ دىڭشىن :
   دېموكراتىيە تولىمۇ كونسىرىۋاتىپ تۈزۈلمە ، دېموكراتىيە سايلامغا تايىندۇ،ئەگەر %70ئادەم سايلىسا، ھۆكۈمەت %70ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا چوقۇم ھۆرمەت قىلىشى شەرت.  شۇڭلاشقا ئىقتىسادى تەرەققىيات نوقتىسدا تۇرۇپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ  نۆۋەتتە دېمۇكراتىيە ئېلىپ بېرىش پەيتى 1980-يىلدىكىدىن ياخشى.ئەگەر ئەينى چاغدا دېموكراتيە ئېلىپ بارغان بولسا ئىھتىمال بازارلىششىنىمۇ ئېلىپ بارالماسلىقى مومكىن ئىدى.دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ ،قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماقۇل دەرمىدى؟شەرقىي ياۋرۇپادا دېمۇكراتىيلەشكەندىن كېيىنكى بازارا ئېگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەكىسچە نىسبەتەن ئاستا بولدى.بىر قەدەر ئۇتۇق قازانغىنى ياۋرۇپا  ئىتتىپاقىغا كېرگەن چېخ،شەرقى گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ ،ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرمىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.جۇڭگونىڭ ھازىر دېموكراتىيە ئېلىپ بېرىش شارائىتى پىشىپ يىتىلدى،بازار ئىگىلىكى سىستېمىسى  ئاساسى  جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى،پۇقرالارنىڭ مائارىپ سەۋىيسىمۇ ئۆستى.                                                         
ئەمما،مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا،ئىسلام دۆلەتلىرى  دېموكراتىيە ئېلىپ بارسا،ئۇنىڭ كۆپ ئاسان تەرەپلىرى بار ، ئۇبولسىمۇ  ئۇلاردا ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت  ئاساسى قىممەت قارشى بار ، دېمۇكراتىينىڭ تۇراقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان«قارىشى تۇرۇشقا سادىق بولۇش»نى ئوڭايلا ئورنىتالايدۇ.ئەگەر ئىراندا دېموكراتىيە ئېلىپ بېرىلسا،كىممۇ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلمايمەن دىيەلەيدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپ يېرى شۇكى جۇڭگودا بىرلىككە كەلگەن قىممەت قارىشى يوق،كوڭزى تەلماتى ئاللىبۇرۇن تۈگەشتى،ئۇنىڭ ئورننى ئالىدىغان باشقا  قىممەت قارىشى يوق ،ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك ؟                                                     
خې شى :
   سىز دېموكراتىك سىياسەت  چوقۇم كاپىتالىزىم بىلەن تۈزۈلمە جەھەتتىن  ئۆز ئاراماسلىشىش شەرت دەپ قارامسىز؟                                 
جاۋ دىڭشىن :
   دېمۇكراتىيە كېيىمگە ئوخشايدۇ  ،ئۇنى كىم كەيسە بولىدۇ.جۇڭگو كومپارتىيسى  ئۈچ  چوڭ  ئۇرۇش  ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى،ئۇنىڭدىن كېيىن چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا  ئۆزەڭگە سوقۇشتۇردى، 50-يىللاردىكى ئەل رايى ئاساسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى،«قارىشى تۇرۇشقا سادىق بولۇش»نى ئورنىتىش تامامەن مومكىن ئىدى.ئۇ چاغدا جۇڭگو ئەگەر دېموكراتىيە ئېلىپ بارغان بولسا،بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان سوتسىيالىزىم يولىدا ماڭالايتتى.بىراق ھەممىگە ئايان بولغان سەۋەپلەر تۈپەيلى جۇڭگو تامامەن ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭدى ۋە غايەت زور بەدەللەرنى تۆلىدى.                        

«جەنۇپ كەيپىياتى كۆزنىكى »ژۇرنىلنىڭ2010-يىل9-ساندىن
تىلىماچ :قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدا تېلېفون:13899146980
                                                         

10

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26988
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 11:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى 2010-يىلى تەرجىمە قىلغان ئىدىم،بىراق،ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرالمىدىم،بۇ قېتىم باغداش تورىغا ئەۋەتتىم،ئىشىنىمەنكى بۇ ئەسەر تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

3919

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 16:21:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم خېلى ياخشى گەپ قىپتۇ، بىراق بەزىلەر دىمۇكراتىيەدىن قورقىدۇ ئەمەسمۇ

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 16:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل مەزمۇندىكى تەرجىمىللىرىڭىز بولسا يوللاپ تۇرارسىز ئەجىرڭىزگە رەھمەت

0

تېما

6

دوست

416

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26952
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 17:31:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم ،

0

تېما

0

دوست

581

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26853
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 19:43:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېموكراتىيەنى قاچانغېچە ئوقۇپ تېلۈېزوردا كورۇپ يۇرەمېز

0

تېما

2

دوست

1059

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 19:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمگۇراتىيە دىگەن ئەركىنلىك كىشلىك ھوقۇق دىگەنلىك..
ما جۇڭگودا دىمگۇراتىيىنىڭ 30پىرسەنتى بامىكىن دەيمەن

14

تېما

0

دوست

6261

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11822
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 761
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 1034
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 20:14:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دىمىگىراتىيە يۇرگۇزۇشكە ئاز قالدى ناھايىتى ۋاقىت مەسىلىسى . بۇتۇزۇم يولغا قۇيۇلسا جوڭگۇ خەلقىنىڭ بەختى ، پۇتۇن مىللەتلەر باراۋەر بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )