غۇلجىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدامچىلىقى
باشقا يۇرتلاردا قانداقكىن بىلمىدىم . مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى غۇلجىدا ھەرخىل ناملاردىكى ‹‹ئىشچى-تېخنىك تەربىيلەش كۇرس ››لىرى كەينى كەينىدىن ئېچىلدى ھەم كۆرۈنۈشتە نۇرغۇن ئىشسىزلارنى تېخنىكا ئۆگىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولدى . ئەمەليەتتە بولسا بۇ بىر ساختىپەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . بۇ تەربىيلەش كۇرسلىرى بىردەك ئاساسى قاتلام ۋە ھەردەرىجىلىك ئىش باشقارمىلارنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرىشى ئاستىدا غۇلجىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارىنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن بىرياقتىن ئىشچى تېخنىك تەربىيلەپ بىر ياقتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋاتقاندەك ساختا مەنزىرە يارىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە . بۇ غۇلجىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى قارىماققا ھەل قىلغاندەك كۆرسىتىپ ئەمەليەتتە بولسا قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىۋاتقان ، يۇقىرىنى ئالداۋاتقان ، تۆۋەننى كوملاۋاتقان بىر قىسىم خەلق كادىرلىرىنىڭ مەسئۇليەتسىزلىگىنى ئاشكارلاپ بەردى . مىسال سۈپىتىدە نۆۋەتتە ئاساسى قاتلام ئۇيۇشتۇرغان شۇ تەربىيلەش كۇرسلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن .
بۇ كۇرسلارنىڭ ھەردائىم ئېچىلىش مەزگىلى قىش پەسلىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ ، چاغاننىڭ ئالدى كەينىدىكى مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتقان پەيتتە ئۇلار ئۆز رايونىدىكى ئىشسىز ، ھۆكىمەتتىن تۆۋەن كاپالەت ئالىدىغان بىر تۈركۈم پۇقرالارنى مەجبۇرى يىغىپ ئاتالمىش ‹‹تەربىيلەش كۇرسى›› دا تېخنىكا ئۆگىتىدۇ . بۇ كۇرسقا قاتنىشىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىز تۆۋەن كاپالەت ئاھالىرى بولغاچقا بارماسلىققا ئامالسىز . ئەگەر سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرىشنى رەت قىلسا بىر قسىم ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئۇلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى توختىدىغانلىقى ياكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ھەل قىلىپ بەرمەيدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ قورقىتىدۇ . تۆۋەن كاپالەت ئالمايدىغانلار ۋە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىشسىز ياشلارنى بولسا ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ››، ‹‹تېخنىك يىتىشتۈرۈش ›› دېگەندەك چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئالداپ ئەكىلىدۇ . نەتىجىدە قىشىچە ياشلار شۇ كۇرسلارغا بەنت بولۇپ ھېچقانداق ئىش قىلالماي ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاساسى قاتلامنىڭ رېمونتچىلىق ، تىككۈچىلىك ، كەپشەرلەش كۇرسلىرىدا قارت ئويناپ ، تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ . بۇ كۇرسلاردا پەقەت شەكىل جەھەتتىلا بىرنەرسە ئۆگنىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەليەتتە يوقلىمىدىن ئۆتۈپ قويۇپ بىر چەتتە قارتا ئويناپ ئولتۇرسىلا بولدى . كۇرسانتلارغا تېخنىكا ئۆگىتىشكە كەلگەن ئادەم پەقەت بۇلارنىڭ ھەركۈنلۈك يوقلىمىسىنى ئېلىپ ئۆزىگە يۇقىرىدىن بەلگىلەپ بەرگەن كۈنلۈك ھەققىنى ئېلىشنىلا بىلىدۇ . كۇرسلارغا مەلۇم بىر كۈننى توغۇرلاپ يۇقىرىدىن رەھبەرلەر كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگىلى كېلىدۇ . بۇنى تېلىۋىزورلاردا تەشۋىق قىلىپ كۇرسلاردا نۇرغۇن ياشلارنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىۋاتقانلىقى ، رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىلىدۇ ...
بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق كۇرسلارنىڭ بىرىگە قاتنىشىپ بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنداق ئەھمىيەتسىز كۇرسلار ئارقىلىق بىزنى ئالدىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالمىغان ئىدىم . كېيىن بىلسەم ئەسلى مەقسەت ياشلارغا بىرنەرسە ئۆگىتىپ جەمئىيەتتە بىركىشىلىك ئورۇن تېپىۋىىلىشىغا ياردەم قىلىش ئەمەس پەقەت ئىشسىز ياشلارنى يىغىۋىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن . كۇرس باشلىنىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يۇقىرىدىن باشلىقلار كېلىپ تەكشۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن كۇرسلار ئۆزلىگىدىن توختايدىكەن . يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر قسىىم ئاساسى قاتلام كادىرلىرى كۇرسقا قاتناشقانلارنى كۈنلىكىگە 15 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلسىمۇ ئەمەليەتتە ئاخىردا ئۇلار ھەرخىل باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ بۇ پۇلنى بېرىشتىن يالتىيىۋالىدىكەن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا پۇلنى سۈرۈشتۈرۈپ بارسىڭىز ھەممىسى يۇقىرىنى كۆرسىتىپ تېخى پۇل بىزگە كەلمىدى دېگەندەك باھانىلەرنى تاپىدۇ . ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەپ ئاتىۋالغان ئورگانلىرىغا بارسىڭىز ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوق دەپ ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ . بىر مەزگىلدىن كېيىن يا سىز ئۇ پۇلدىن ۋاز كېچىسىز ياكى ئۇلار يۇقىرى پۇلنى تەستىقلىمىدى دەپ باھانە تېپىپ ئاغزىڭىزنى تۇۋاقلايدۇ .
ئەمەليەتتە ئۇ پۇل ئاللىبۇرۇن مەلۇم كادىرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ بولغان بولىدۇ . كۇرسقا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ۋەدە قىلغان ھەرتۈرلۈك ئىتىبار بېرىش كىنىشكىلىرى ۋە خېزمەت ئورۇنلىرى بولسا كۇرس مۇددىتى تۈگىشى بىلەنلا كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ . ئەمما ئىلى ئوبلاستنىڭ تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان ئىلى تېلىۋىزىيەسى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى غۇلجا تېلىۋىزىيەسى كاناللىرىدا ھەركۈنى بۇ تەربىيلەش كۇرسلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتىرىپ ، جەمئىيەتتە ئىشسىزلىقنىڭ بۇ شەكىلدە تۈگەۋاتقانلىقىنى ، نۇرغۇن كۇرسانتلارنىڭ بۇ كۇرسلاردا تەربىيلىنىپ ئىش ئورنىغا ئېرىشكەنلىگىنى تەشۋىق قىلماقتا . ئەمەليەتتە شۇ كۇرسلارغا قاتنىشىپ باققان ھەرقانداق بىر كۇرسانت بۇنىڭ بىر تىپىك ئالدامچىلىق ئىكەنلىگىنى ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەدە قىلغان ھېچقانداق بىر ئىش ئورنىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ، كۇرسقا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ۋەدە قىلغان ئۆسۈمسىز قەرىزلەرنىڭ بىرىنىڭمۇ ئەمەلىلەشمىگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ . بۇخىلدىكى ئالدامچىلىقلار غۇلجىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ئېشىش ئەمەس پەقەت ئاپتونۇم رايون بويىچە ئارقىدا قېلىش ۋە ئىشسىزلىقتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشغا سەۋەپچى بولدى . غۇلجىدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەيدىسنىڭ تەھدىدى دەل ئاشۇ ئىشسىزلىق ۋە چېرىكلەشكەن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ساختا سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان. غۇلجا شەھەرنىڭ چېرىكلىشىپ ئاخىرى پاش بولغان كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سابىق شۇجىسى جاۋباۋخۇا پەقەت شۇنداق ئەمەلدارلارنى بىرى خالاس . يۇقۇردا مىسال ئالغان ئاتالمىش تېخنىك تەربىيلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدامچىلىقىمۇ بىر خىل ساختىلىق بىلەن يۇقىرىنىڭ ۋە تۆۋەننىڭ كۆزىنى بوياشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا چىرىكلىككە ۋە ئالدامچىلىققا قارشى كۈرەش قانات يايدۇرۇلماقتا . مېنىڭچە يۇقارقىدەك شەكىلۋازلىقلار ھۆكىمەتنىڭ ئىستىل تۈزىتىش خېزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىشى زۆرۈردۇر .شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك تورداشلار ۋە ئورگانلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
|