كۆندۈرۈلمىگەن ئىت
(ھېكايە)
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
«بىر ئىت كىچىدە كىرىپ بىر بوۋاينى تالاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ،ئىت تېپىلماپتۇ » دىگەن گەپ چىقىپ كەتتى . تەبئىيكى ساراسىمە ۋە قورقۇش بىزنىڭ ئۆيگە ئىت سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بىر بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن ئىدى .
ــ بالىلار كىچىك ، كىچىدە ھاجەتخانىغا چىققاندا ئىت تالاپ قويمىسۇن ــ دەيتتى دادام .
بىزنىڭ سەھرادىكى ئۆيلەردە ھاجەتخانىغا چىقىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە ئەللىك مىتىر نېرىغا چىقمىسىڭىز بولمايتتى . ئويلىمىغان يەردە بىزنىڭ ئۆيدە ئىتنى قانداق تاللاش توغۇرلۇق تالاش - تارتىش بولۇپ قالدى .
ــ ئوماق ، تۈكلىرى مامۇقتەك ،ئادەمنى كۆرسىلا يالاپ تۇرىدىغان ،ئاۋازى يوغان ئىت بولسۇن ، ــ دەيتتى باشلانغۇچقا ئەمدى ئوقۇشقا كىرگەن سىڭلىم .
ــ ياق، بۆرىدەك يوغان ، ئادەم كۆرسىلا قورقۇپ ئىشتاننىڭ پاچىقىنى يۆلدەيدىغان ئىتتىن بولسۇن ،ــ دەيتتىم مەن .
ــ كىچىك كۈچۈك بولسۇن ، كۆندۈرۈلمىسە ياخشى ، ئىت دىگەننى ئۆزىمىز كۆندۈرسەك ۋاپادار بولىدۇ ، ــ دەيتتى ئانام .
شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش باشلاندى ، ئاخىرىدا سىڭلىم يىغلاپ ئۈلگۈردى ، ئانام باتناپ ئۈلگۈردى ، مەنمۇ جىلە بولۇپ ئولتۇراتتىم . دادام گەپمۇ قىلماستىن چىقىپ كەتتى .
ئىككى كۈن ئۆتتى ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارقىسىغا بىر موزايدەك چوڭ ئىت باغلاندى . بۇ ئىتقا قارىسا كىشىنىڭ قورققۇسى كىلەتتى . قېشىغا كىلىش تۈگۈل ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساقمۇ تىتىرەپ كىتەتتۇق . دادامنىڭ دىيىشىچە بۇ كۆندۈرۈلمىگەن ئىدى ، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە يەنە تالاش-تارتىش باشلاندى ، بۇ قېتىم دادامغا قارىتىلغان ئىدى .
ــ سەن مۇشۇ ئىتنى شۇنچە پۇل خەجلەپ ئەكەلگۈچە ،كۈچۈكتىن بەشنى ئالساڭ بولاتتى ئەمەسمۇ ، ــ دەيتتىم مەن كۈچۈل باققىم بارلىقىنى ئاشكارىلاپ .
ــ ئادەم قوقىدىكەن بۇ ئىتتىن ، خالاغىمۇ چىقالمايدىغان بولدۇم ،ــ دەيتتى سىڭلىم كىچىك ئېغىزلىرىنى ئۈمچەيتىپ .
ــ ئىتنىڭ زەنجىرى بوشاپ كەتسە قانداق قىلىدۇ ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى تالاپ تۈگىتىدۇ ئۇ ئىت ،ــ دەيتتى ئانام .
دادام گەپمۇ قىلماستىن ئولتۇراتتى ، تالاش ـ تارتىش ئاخىرلاشقاندا دادام :
ــ بۇ ئىتنى كۆندۈرىمەن دەپ ئېلىپ كەلدىم ، كۆندۈرىمەن ، ــ دېدى -دە ، چىقىپ كەتتى .
شۇنىڭدىن باشلاپ دادام ھەركۈنى بۇ يوغان كاناي ئىتقا يەم بېرىشكە باشلىدى ، سىڭلىم ھەركۈنى دادامنىڭ يېنىغا كىلىپ ئىتقا قاراپ تۇراتتى ،ئۇمۇ كىچك قوللىرى بىلەن قورققان ھالدا ئىتتىن يىراق تۇرۇپ ئۇنىڭغا يەم بېرەتتى . ئانام بىلەن ئىككىمىزنىڭ كارىمىز يوق ئىدى . ئىت قاۋاپ تۇرۇپ يەمنى يەپ بولاتتى .
كۈنلەر ئۆتتى ، لىكىن ئىت بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە كۆنمىدى ، قويۇپ بەرسە ئۆيدىكىلەرنى يالماپ يۇتقۇدەك ئەلپازى بار ئىدى .
ــ ھۇ باققاننى بىلمەيدىغان يالماۋۇز ،ــ دەيتتىم مەن .
ــ ھۇ يالماۋۇز ــ دەيتتى سىڭلىم نىمە گەپلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ مىنى دوراپ .
بىر كۈنى سەھەردە ئىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى ، چىقىپ قارىساق كىسەل بولۇپ قالغان ئىدى ، پۇتلىرى يىرىڭلاپ كىتىپتۇ . دادامنى ئىت قاۋاپ يېقىن كەلتۈرمىسىمۇ ، دادام تاياق بىلەن ئىتنىڭ يارىسىغا يىراقتا تۇرۇپ مەلھەم چېپىپ قويدى . سىڭلىممۇ دادامنىڭ قولىدىن تاياقنى ئېلىپ يارىغا مەلھەم چاپتى ، ئىتمۇ بىر نەچچە كۈندە ساقىيىپ كەتتى .
ئىت يەنە كۆنمىگەن ئىدى . ئۆيدىكىلەردىن قايسىمىزنى كۆرسە قاۋايتتى . بۇ كۆندۈرۈلمىگەن ۋاپاسىز ئىتقا ئاچچىقىم بار ئىدى .
ــ سىلىگە دىمىدىممۇ ، كۆندۈرۈلگەن ئىتتىن ئالايلى دەپ ، خوپ بولدىمۇ ، بۇ ئىتنى باققاننى بىلمىسە ، ئىسىت سىلىدىكى شۇ كاللىنى ، شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئىشلىمەيدۇ . ــ دەپ كايىدى ئانام .
دادام ئۈنسىز چىقىپ كەتتى .
بىركۈنى كەچ قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئىدۇق ، تۇيۇقسىز چۈشۈمدە ئىتلارنىڭ قاۋاشقان ئاۋازلىرى بىلەن ئىككى ئىت مىنى قوغلاشقا باشلىدى ، مەن قېچىپمۇ قۇتۇلالمىدىم، قورقۇپ يۈرەكلىرىم سېلىپ ئاران تەسلىكتە ئويغىنىېۋالدىم . ئارقىدا ئىتلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ چۈشۈمگە كىرگەن ئىكەن ،ئۆيدىكىلەر سىڭلىمنى قويۇپ قويۇپ ئۆگزىگە چىقىپ ئايدىڭدا ئىتلارنىڭ تالىشىۋاتقىنىنى كۆردۇق . ئىككى موزايدەك يوغان ئىت بىزنىڭ ئىتقا ئېتىلىۋاتاتتى ، ئۇلار چىشلىشىشكە باشلىدى ، لىكىن بىزنىڭ ئىت بوش كەلمەيۋاتتى .
ئىتلارنىڭ قېشىدا ئۇيقۇچىلىقتا ئاران مېڭىپ چىققان كىچىك سىڭلىم پەيدا بولدى ، بۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز سىڭلىمنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانغا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىڭلىمغا ۋارقىرىماقتا ئىدۇق ، ئانام سىڭلىمنىڭ ئارقا دەرۋازىنى ئېچىپ ئىتلارنىڭ قېشىغا چىققانلىقىنى كۆرۈپلا بىر ۋارقىراپ ئايلىنىپ كەتتى ۋە ئولتۇرۇپ قالدى . دادام بىلەن ئىككىمىز سىڭلىمغا كىرىپ كىتىشكە بۇيرۇق قىلىپ ۋارقىراۋاتاتتۇق .
...
ئويلىمىغان يەردىن بىزنىڭ ئىت بىلەن چىشلىشىۋاتقان بىر ئىت سىڭلىمغا قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى ، يەنە بىر ئىت بىزنىڭ ئىت بىلەن تالىشىۋاتاتتى ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشتىن قاتتىق چىرقىراپ كەتتىم . ئۇ يوغان ئىت سىڭلىمنى چىشلىسىلا ......، بۇنى تەسەۋۇر قىلىش قولۇمدىن كەلمەيتتى . ئويلىمىغان يەردىن بىزنىڭ كۆندۈرۈلمىگەن ئىت مۆجىزىدەكلا ھېلىقى ئىتنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى ،ئېلىشىش جەريانىدا ھېلىقى ئىتلار بىزىنىڭ ئىتنىڭ زەنجىرىنى ئۈزىۋەتكەن بولسا كىرەك ، ئىككى ئىت بىلەن بىزنىڭ ئىت سىڭلىمنىڭ ئالدىدا تالىشىپ كەتتى ، ھېلىقى ئىككى ئىت سىڭلىمغا بىر قەدەم يېقىنلاشسا ، بىزنىڭ ئىت ئۇنىڭغا يەنىمۇ قاتتىق ھەيۋە قىلىپ ئېتىلاتتى . ئۇ سىڭلىمنىڭ قورقۇپ ئولتۇرۇپ قالغان ۋە يىغلاۋاتقان ھالىتىنى كۆدى بولغاي ، ھېلىقى ئىككى ئىت بىلەن چىشلىشىكە باشلىدى ، بىز تىت-تىت بولاتتۇق ، ھېلىقى ئىككى ئىت ئويلىمىغان يەردىن بىزنىڭ ئىتنىڭ ئىككى پۇتىنى چىشلىدى ،بىزنىڭ ئىت بىر ئىتنىڭ بوينىدىن ئالدى ، يەنە بىر ئىت بولسا بىزنىڭ ئىتنىڭ پۇتىنى قويۇپ بېرىپ سىڭلىمغا ئېتىلىشقا باشلىدى .
...
«پاڭ»قىلغان ئاۋاز بىلەن سىڭلىمغا ئېتىلىپ كىلىۋاتقان ئىت پۇلاڭلاپ يىقىلىپ نەچچە يۇمىلاپ كەتتى ، سىڭلىمنىڭ ئالدىدا يوغان بىر گۈرجەك تۇتقان گەۋدە پەيدا بولدى ،ئىت يىقىلغان يېرىدىن قوپۇشقا تەمشىلىپ ئېتىلاي دىۋىدى ، يەنەبىر گۈرجەك يەپ مىدىرلىيالمىدى ، يەنە بىر ئىتمۇ گۈرجەك بىلەن جىم بولدى . دادام گۈرجەكنى قويۇپ ئىتنىڭ قېشىدا ئولتۇردى . مەن ئانامنى تۇرغۇزۇپ ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ دادامنىڭ قېشىغا باردۇق . سىڭلىم قورقۇپ ئانامنىڭ قۇچقىغا چىقىپ يىغلاۋاتاتتى .
...
شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ بەرسەم كىنو سۆزلەپ بەردىڭ دەيتتى، لىكىن بىزنڭ ئۆيدىكىلەر بۇ كۆندۈرۈلمىگەن ئىتنى تالىشىپ باقىدىغان بولدۇق،ئىتمۇ مۇلايىملىشىپ قالدى . ئەپسۇس ، نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئىت قېرىپ ئۆلۈپ قالدى ، بىز پۈتۈن ئۆيدىكىلەر جىمىت كۆز يېشى قىلىپ كۆمۈپ قويدۇق ،ھازىرغىچە شۇ كۆندۈرۈلمىگەن ۋاپادار ئىتنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا، ھەتتا ناگاندا بەزى ۋاپاسىز ئادەملەرنى شۇ ئىت بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالىمەن .
2014-03-17
تىيەنجىن
|