قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1533|ئىنكاس: 7

ئادەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالدامچىلىقلىرى (قىسمەن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 15:18:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىزمەت ئىزدىگەندەئۇچرايدىغان ئالدامچىلىقلار

-ھەزەر ئەيلەڭ


   تۆۋەندە ئىش ئىزدەش جەرياندا دائىم ئۇچىرايدىغان بىرقانچە خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى تۇنۇشنى سۆزلەپ ئۈتەي.


ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئالداش

      بەزى يۈزى قېلىن  زاۋۇتلار، ئادەم قۇبۇل قىلشتىن بۇرۇن ،تىزىملىتىش پۇلى ئېلىپ پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ ئاۋۋال تىزىملىتشىنى، نەق مەيداندا تىملاش ھەققى ئېلىشنى تەلەپ تەلەپ قىلىدۇ.
      ئۇلار ئادەم ئېلىش ئېلانى چىقىغارغان كۈنى شىركىتىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ ،سىزنى مايىل قىلىدۇ، ئاندىن سىز تىزىملاتماقچى بولسىڭىر سىزدىن تىزىملاش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنى تاپشۇرغاندىن كىيىن شىركەت يەنە باشقا نۇرغۇن باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ سىزدىن ھەق تاپشۇرشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ھەقلەرنىڭ ئىچدە ئارخىپ تۇرغۇزۇش ھەققى ، كىنىشكە بىجىرىش ھەققى ، كىپىللىك ھەققى ، خېيىم خەتەر سۇغۇرتا ھەققى. تەربىلەش ھەققى دىگەندەك نۇرغۇن ھەقلەر بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقايسىغا تالۇن ،ياكى ئىسپات بەرمەيدۇ،ھەممە ھەقلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ،خىزىمەت ئشىنى ئارقىغا سورەيدۇ،ياكى ھەم يىراق  ھەم ھېچكىم قۇبۇل قىلمايدىغان ئىش تۈرىنى تېپىپ سىزنى بۇ ئشىنى قىلشىتىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن سزنىڭ نۇغۇن پۇلىڭىزنى قاقتى سوقتى قىلىدۇ.
1)   يۇقۇرى مۇئاش بىلەن ئادەم قۇبۇل قىلىمىز دەپ ئالداش.
مانا يالغان شىركەتلەرنىڭ يەنە ئۇچىغا چىققان ئالداش ۋاستىسى بولۇپ ، بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يۇقۇرى مۇئاش بىردىغانلىقىنى پەش قىلىپ سىزنى جەلىپ قىلىدۇ، بۇنداق بۇنداق يۇقۇرى مۇئاشنىڭ ئارقىىسدا مەسئۇلىيتى تولىمۇ ئېغىر بولغان ،ياكى قىلدۇرماقچى بولغان ئىشى قانۇنغا خىلاپ ئىشلار بولۇپ سىنى بالادا قويىدۇ، ناۋادا دىگەن ئىشنى قىلغان تەقدىردىمۇ قىلغان ئىشڭىز باشتىنلا خىلاپ ئىشلار بولغاچقا پۇل ئالدىغان چاغدا سىزنى ھەرباپ بىلەن باپلاپ كىتىدۇ،ھەم سىز قىلغان ئىشڭىزنى دەپ ھەق ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ ھېچقانداق يەرگە ئەرىز قىلىپ بارالمايسىىز.
2)   قۇبۇل قىلدۇق دەپ قۇيۇپ قىلتاققا چۈشۈرۈش.
بۇنداق ئالدامچىلىق بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ ، ئادەم قۇبۇل قىلىش خادىمى نامىدا، باشقۇرغۇچى،كاتىپ …دىگەندەك ناملار بىلەن ئىش ئىزدىگۈچىلەرنى ئالدايدۇ، ئىشقا چىققان ۋاقتىدا بولسا تېزلا سىزنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىڭىز كاتىپ ،ياكى باشقا بىر نېمە بولماستىن سۇغۇرتىسىمۇ يوق ، باشقا نمىسىمۇ يوق  مال ساتقۇچى ياكى ،تېلفۇنىس چىقىپ قېلىشى مۇمكىن،بۇنىڭغا ئوخشاشا ئالدانغانلار تېزلا ئىستپا بەرسىمۇ ،يەنە ئالدىندىغانلار ئۆزلۈكسىز چىقىپ تۇرغاچقا بۇنداق ئالدامچىلىق داۋاملىق بولىۋىرىدۇ.
3)   نوپۇزىنى پەش قىلىپ ،يالغان ۋەدە بىرىپ ئالداش
بۇنداق  ئورۇنلارغا ئالدانغانلار ئاساسلىقى ،تەشۋىقاتنىڭ ،ئېلاننىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كىرىپ قالىدۇ،بۇ ئۇرۇنلار باشتا ئشىقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ،يۇقۇرى سوممۇلۇق تەربىيلەش ھەققى ياكى ئەزالىق بەدەل پۇلى ئېلىپ سىزدىن پۇل ئۈنددۈرىدۇ،بۇمۇ ئالدامچىلقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ،بەزى شىركەتلەر ئېلان بېرىپ مۇنداق ،مۇنداق ئۇنۋانى بارلارنى قۇبۇل قلىمىز،دىگەندەكلەرنى ئېيتىپ ،ئاخىرىدا قارىسا سىزنى مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى سېتىپ چىرىشنى ،شۇنى سېتىپ چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مۇئاشىڭزىنى بىرىمىز دەيدۇ، بۇ چاغدا سىز ئاللىقاچان تەربىيلىنىش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان ياكى ئەزالىق پۇلىنى بىرىپ بولغان بولىسز.دىمەك سىز قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولىدىڭىز.
4)   سەللىسى يوغان ئىمانى يوقلارنىڭ قىلىتى
بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار نۇرغۇن ئىشلەمچىلەرنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ،ئىمتىھان ئېلىپ ئادەم قۇبۇل ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قاتناشقۇچىلاردىن نۇرغۇن ئىمتىھان پۇلى ئېلىپ يىغىدۇ.قەستەن قۇبۇل قىلماقچى بولغان ئىشچىغا ئىرشىدىغان خىزمەتنى نوچى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن سۇغۇرتا تەشۋىقاتچىسى ئالىدىغان بولسا،ئۇنى پەردازلاپ ماليە پىلانلىغۇچى خادىم دەپ ئالىمىز دەيدۇ، مال ساتقۇچى ئالدىغان بولسا ،ئۇنى مۇلازىمەت دىرىكتۇرى قۇبۇل قىلىمىز دەيدۇ، ئارقا سەپ ئىشلىرنى قىلدىغانغا ئادەم ئالماقچى بولسا ئۇنى پەردازلاپ مەمۇرى باشقۇرۇش خادىمى دەيدۇ،ئىشخانا يۈگۈريىتىم ئىشلرىغا ئادەم ئالماقچى بولسا ئۇنى كاتىپ نامىدا بىزەپ چىقىپ ئېلان قىلىدۇ.بۇنى ئشىقا چۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسلا نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى شۇ ئشىقا چىققۇچى ئوبدان بىلىپ قالىدۇ.
5)   جىددى ئادەم ئېلش ئېلانى ئارقىلىق باپلاش
ئاز ساندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياكى ئشىقا تۇنۇشتۇرغۇچىلار بۇرۇن ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىرمۇ ئادەم قىلىشنى خالىمغان خىزمەتنى دەرھال ئادەمگە جىددى ئىھتىياجىلق دەپ پەردازلاپ سىزنى جەلىپ قىلىدۇ،بۇنداق ئىشلارنىڭ  سىناق ۋاقتىدىكى تۆۋەن مۇئاش بىلەن ئىش قىلدۇرۋېلىشنى ئويلايدىغان ئورۇنلار چىقرىدىغان بولۇپ 1-2ئاي سىناق ئىچىدە ئىشلىتىۋېلىپ سىزنى ئىش قىستاپ ئىستىپا بىرىشكە زورلايدۇ.
سىز سىناق ۋاقتىدا بەلەن ئىشلىسەم ۋاقىت توشقاندىن كىيىن مۇئاشىم ئۆسۈدۇ دەپ بەكمۇ تۈجۈبىلەپ ئىشلەيسىز ،ئەمما ئالدامچىلار ئورنلار سىزدىن ئەڭ تۆۋەن مۇئاش بىلەن پايدىلىنىپ بولۇپلا سىزنى كىتشىكە قىستايدۇ.
7)ئادەم ئېلش شەرتىنى كەڭ كۇشادە قىلىپ باپلاش
ئەمدى جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ياشلار ياكى ئەمدى ئەمگەك كۈچى بازىغا قەدەم قويغان ياشلار باشتىلا مۇشۇ قىلتاققا چۈشىدۇ.قارسىڭىز ئادەم قۇبۇل قىلىش شەرتى ناھايتى  مەدەنىيەت سەۋيىسى چەكلەنمەيدۇ، ئۇ نىمسى چەكلەنمەيدۇ، بۇ نىمسى چەكلەنمەيدۇ،تەجرىبىسى بولمىسمۇ بولىۋىرىدۇ، دىگەندەك خەتلەرنى كۆرۈپ كۆزىڭىز ۋاللىدە يۇرۇپ كەتكەن بىلەن گەپنىڭ كەينىدە گەپ بار. شۇنىڭ بىلەن سىز دەرھال تەرجىمالىڭىزنى تاپشۇرۇپ ،ئىشقا چۈشمەكچى بولغان شىركەتنىڭ ئالدى كەينىنى شۈرۈشتۈرمەي ئىشقا چۈشسىڭىز ئاخىرىدا سزنى بابلاپ كىتىدۇ. بەزى ئ ئادەم ئالدىغان ئورۇنلار ئادەم قۇبۇل قىلىش شەرتىنى تۆۋەن قىلىش بىرگە ئۆزنىڭ يۇغان تامغىسنى بىللەپ ئېلانغا چاپلاپ چىقىرىپ قۇيىدۇ. ئەملىيەت بۇ تامغا سىزنىڭ پىشانىڭىزگە ئۇرۇلغان مۇش بىلەن ئوخشاش.شۇڭا ئىش ئىزدىگۈچىلەر سەل سۇغۇق قان بولۇپ ئشىنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاپراق ئىش ئىزدەش كېرەك.
6)   سىناپ ئشىلىتىپ باپلاش
بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەمچىلەرگە ئاز پۇل بىلەن  جىق ئىش قىلدۇرشنى ئويلاپ ياكى پۇل بەرمەيلا ئىشلىتشنىڭ قازىنىنى ئېسىپ ،سىناق ۋاقتى دىگەن ئورۇننى دائىم بوش قالدۇرۇپ قۇيىدۇ،بىر مەزگىل ئشلەپ ھېچ ئۆزىنىڭ سىناق ۋاقتىنىڭ توشمىغانلىقىنى بايقىغان بايقۇش ئاللاقاچان قىلتاققا چۈشۈپ بولغان بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سىزدىن باھانە ئىزدەيدۇ ياكى سىزنى ئسىتپا برىشىكە قىستايدۇ.ئۇچاغدا پۇشايماننى ئالدىغانغا لىگەن ياكى داش قازان يوق بولۇپ قالىدۇ.
7)   برىدىغان پۇلىنىڭ ئاياغ قۇرقىنى ئۈزمەي باپلاش
يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ياكى بەرسىمۇ بىرقسىمنى تۇتۇپ قىلىپ داۋاملىق ئىشلەشكە مەجبۇلاش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەتتا ئشىنى پۈتتۇرپلا خۇجايىن پۇلىنى ئېلىپ قاچىدىغان ئىشلارمۇ ھەم بولدى.
8)   چىرايلىق گەپ بىلەن ،يۇقۇرى مۇئاش بىلەن يوق شىركەتكە قۇبۇل قىلىپ قانۇنسىز ئىش قىلشقا سېلىش
بىر قىسىم قانۇنسز ئونسۇرلار ئۆزىنڭ ھېچقانداق ئورۇنغا ئەنگە ئالدۇرمىغان شىركىتىنى پەش قىلىپ ،بەك چىرايلىق گەپ قىلىپ، ئۇسۇلچى ئالىمىز ياكى باشقا بىرنىىمچى قۇبۇل قىلمىز ، مەدەنىيەت سەۋيىسىگە چەكلىمە يوق ، پالانى كاتتا سارايدا تىزىملاش ئېلىپ بارىمىزدەپ ئالداپ تىزملاش ھەققى ئېلىپ شۇ يەرگە سىزدەكلەرنى يىغىپ  بىر تۇنۇشتۇرۇش قەغىزى يېزىپ ،ئاندىن تۇنۇشتۇرۇش قەغىزى يازغانغا ئايرىم پۇل ئېلىپ ،بۇ قەغەزنى ئېلىپ پالانى شىركەتكە بېرىڭ دەپ ئادرىسنى دەپ بىرىدۇ،ئەمدى سۇكۇلداپ شۇ شىركەتنى ئىزدەشكە چۈشۈپكەتكەندە ھېلقىلار ئاللاقاچان قۇيرۇقىنى تىكىۋەتكەن بولىدۇ،قارسىڭىز ھېچقانداق يەردە ئۇنداق شىركەت يوق.
ئۇلارنى تاپقان تەقدىردىمۇ سزگە ھېچقانداق تالۇن ياكى ئىسپات بەرمىگەچكە ئامالسىز قالىسىز.


0

تېما

0

دوست

209

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19153
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 15:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

100

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27044
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 16:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقېرىدىكىدەك ئەھۋللار ھېلىمۇ ھەم مەۋجۇت شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللارغا راستىنلا دىققەت قىلمىسا ئۆزىگە زىيان..... مەنمۇ بۇرۇنراق ئەسلى مۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام زىيان تارىتماس ئىكەنمەن.
رەھمەت تېما ئىگسىگە جاپاچەكتىڭىز.....

0

تېما

2

دوست

3487

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 843
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما.قويمىچىلارنىڭ قىلتىغىدىن ئاگاھ،ھوشيار بولۇش زۆرۈردۇر.

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 14:41:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 14:48  

ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا ھوقۇق ،مەجىبۇرىتىنى ئايىدڭلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى سۇئاللاغا جاۋاپ تېپىش كېرەك.
كىم بۇ خىزمەتكە مەسئۇل ياكى نازەت قىلىدۇ ؟ خىزمەتنىڭ نامى نېمە؟
قىلماقچى بولغان خىزمەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپسى نېمە؟
ۋەزىپىنى قايسى خىل ئۈسكىنىدىن پايدىلىنىپ قانداق تاماملايمەن.
نېمىقا بۇ ئىشنى قىلماچقى ،بۇ خىزمەت بىلەن باشقا خىزىمەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ ناۋادا قىلۋاتقان ئىش تاسادبىي توختاپ قالسا قانچىلىك زىيانلىق ئاقىۋەت كىلىپ چىقدۇ.؟
ئىشلىتىۋاتقان سايمان ياكى ئۈسكىنە بىلەن باشقا ئشىداشلانىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟ بولسا ئۇلار قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.؟خزىمەت شارائىتى قانداق ؟خىزمەت ۋاقىتى قانچىلىك ؟شاۋقۇن سۈرەنمۇ؟تىمپۇراتۇرسى قانداق ؟ ئشىنى تاماملاشتا قانداق سالاھىيەت كىتىدۇ. كەسپى ساپا،تېخنكا ،ئىجادچانلىق دىگەندەك..
ياتاق تاماققا سىلەر ئىگە بولامسىلەر؟ ياكى قانچىلىق قىسمنى كۆتۈرىسلەر.؟
دەم ئېلىش كۈنى بارمۇ ؟ بىر ئاي ئىچدە قانچە كۈن ئارام ئېلىش بار؟ ئەگەر كەسپىي بىلىم سەل كاملىق قىلسا سىلەر تەربىيلەش ئېلىپ بارامىسلەر ؟  تەربىيىلەش ھەقلىقمۇ ھەقسىز?..شىركەت ئىشىدىن سىرىت شەخىسى ئىشقا بويرۇش ئەھۋالى بارمۇ يوق؟  مۇئاشنى ۋاقتىدا بىرەمدۇ؟ ...ئىش ئۈستىدە يارلىنىپ قالسام ئىگە بولامدۇ؟..

5

تېما

4

دوست

3754

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1134
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 22:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azat007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-18 22:20  

مەن ئىشلىگەن  ئورۇن چوڭ شىركەت  

مەن مانا بۇ قىلتاقنىڭ ئىچىدە ئىشلەۋاتىمەن 1-ئايلىق مۇئاشنى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېرىدۇ2-ئايلىق مۇئاشنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېرىدۇ شۇنداق قىلىپ بىر ئايلىق ئىش ھەققىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىشىلتىدۇ ،نىمە ئامال دەيسىز   قىلتاق ئالدىدا پۇتلار بەرىبىر !!!

0

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26779
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 13:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز رگخمەت سىزگە . بۇنداق ئىشلانىڭ يامراپ كىتىشىگە كىم مەسئول .

1

تېما

0

دوست

380

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19855
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 17:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تورى ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخسى چىرايلىق كۆرۈنمەيدىكەن ، ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )