«خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانتى (فۇگۇەنى) يۈنۈس موللام» ناملىق ماقالىغا باغداش مۇنبىرىدە
بېرىلگەن ئىنكاسلارغا جاۋاب
ئابلىمىت ئابدۇللا
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ياخشىمۇ سىزلەر؟ئالدى بىلەن ماقالەمنى ئوقۇغىنىڭىزلارغا ۋە تەكلىپ-پىكىر بەرگەنىلىكىڭىزلەرگە رەھمەت. مەن سىزلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسەلىلەرگە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرمەكچى:
بېرىنچى، «خوجىنىياز ھاجى، ئەگەر يۈنۈس موللام قومۇلغا بارسا ئالتە كىشىلىك يىغىننىڭ مەزمۇنىنى يولۋاس بىلەن نىياز دېھقانغا ئېيتىپ قويىدۇ، دەپ خاتىرىجەم بولالمىغان. مەن بۇ چۈشەندۈرۈشكە قوشۇلمايمەن، يۈنۈس موللامغا ئىشەنمىگەن ئادەم ئۇنى ئۆزى جاللاتنىڭ ئۇۋىسىدا تۇرۇۋاتقان ھاجى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمىگەن بولاتتى. باشتىكى بايانلاردىنلا يۈنۈس موللامنىڭ خوجانىياز ھاجىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ. يەنە كېلىپ يۈنۈس موللامنىڭ مۇناپىقلىق قىلغۇسى كەلسە، خەت يېزىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بولسىمۇ بۇ مەقسىتىگە يېتەلىگۈدەك كۈچى بار» دەپ ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى بايان قىلىپسىز.
ھۆرمەتلىك تورداش: مەن مەخسۇس تارىخشۇناس ئەمەسمەن، مەزكۇر ماقالىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەر 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە ئاشۇ ئىنقىلابتىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەمەت مېھرى<1>، ئەزىز نىيازى<2> ، ئەمەت خوجى<3> ، ھەمدۇللا قۇربانوف<4 ، سوپاخۇن سۈرۈروف<5> ، ئابلىمىت توختى<6> ، ھەسەن بارات<7> ، ھاجى ئىساق مېھرى<8> ۋە يۈنۈس موللامنىڭ پەرزەنتلىرىدىن: نەسرۇللا يۈنۈس<9> ، راھىلە ئاپپاق يۈنۈس<10> ، ھەمدۇللا ئيۈنۈس<11> ، ئابلىمىت يۈنۈس<12> ، رازىخان يۈنۈس<13> ، ئابدۇۋاھىت يۈنۈس<14> قاتارلىقلار دادىسى يۈنۈس موللامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان، كېيىن ئۇلار توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ھېيت-بايراملاردا جامائەتكە سۆزلەپ بەرگەن ۋەقەلىكلەر بولۇپ، مەن يېقىنقى يىللاردا ئەزىز نىيازى، ئەمەت خوجى، ھەسەن بارات، ھاجى ئىساق مېھرى، نەسرۇللا يۈنۈس، ھەمدۇللا يۈنۈس، ئابلىمىت يۈنۈس، رازىخان يۈنۈس قاتارلىق كىشىلەرنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاغزاكى بايانىغا ئاساسەن يېزىپ رەتلەپ چىققان ماتېرىياللاردىن ئىبارەت. مەن يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى تارىخى ماتېرىيال يېزىشتا چوقۇم «ئۈچ ئېنىق بولۇش» يەنى «ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇش، ئۆزى قاتناشقان بولۇش، ئۆز قۇلۇقى بىلەن ئاڭلىغان بولۇش» پرىنسىپىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان ماتېرىياللاردۇر. مېنىڭ يۇنۈس موللام توغرىلىق يازغانلىرىممۇ ئاشۇ دەۋرنىڭ شاھىتلىرى ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ۋەقەلىكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۈندۇم خالاس! چۈنكى مەن «مېنىڭ مۇتلەق توغرا» دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر سىىز ماقالىنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلانغان بولسىڭىز، ماقالىنىڭ بېشىدىكى ئىلاۋىدە «مەن يۈنۈس موللامنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئەينەن يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلماقچىمەن. يېتەرسىز تەرەپلىرى بولسا ئوقۇمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىت قىلىمەن» دەپ ئىزاھات بەرگەن ئىدىم. ھېلى ھەم سىز ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلالىغىدەك دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلىسىڭىز، سىز بىلەن داۋاملىق ئورتاقلىشىشنى خالايمەن. مەندىكى سەۋەنلىك شۇكى ماقالىنى تورغا چىقىرىشتىن ئىلگىرى ماتېرىيالىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئىككىنچى، «خوجىنىياز ھاجى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ، قانخور، رەزىل، ئىپلاس، شەرمەندە جاللات شىڭ شىسەينىڭ قىلتىقى تارىيىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە يېنىدىن يوقاپ كەتمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى شىددەتلىك جەڭلەردە قوغدىغاندەك قوغداپ قېلىشىنى ئىستىگەن. شۇڭا يۈنۈس موللامنىڭ ئۆيگە قايتىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن» لىك مەسەلىگە كەلسەك: مەن يۇقىرىقى بايانلارنى يۈنۈس موللامنىڭ 2-ئوغلى ھەمدۇللا يۈنۈس، 3-ئوغلى ئابلىمىت يۈنۈسلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە ئاڭلاپ قەلەمگە ئالغان ماتېرىياللاردۇر. ئۇلار قانداق بايان قىلغان بولسا مەنمۇ شۇنداق خاتىرىگە ئالدىم. ئەگەر يۇقىرىقى ۋەقەلىكلەر چىن ئەمەس دېيىلسە، يۈنۈس موللام ئوغۇللىرىغا قەستەنگە ھەقىقى ۋەقىلىكنى بۇرمىلاپ بايان قىلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ۋە ياكى يۈنۈس موللام ۋەقەلىكنى ئەينەن بايان قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئوغۇللىرى ماڭا قەستەنگە بۇرمىلاپ سۆزلەپ بەرگەنمىدۇ؟ كۆچۈرۈڭ! بۇنىسى ماڭا نامەلۇم...
ئۈچۈنچى، «نىمىشقىكىن ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ...خوجانىياز ھاجىنى تۆۋەن چۈشۈرىدىغان، خاتالىقلارنى ئامالنىڭ يېتىشىچە ھاجى تەرەپكە ئاغدۇرۇدىغان خاھىشنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن». دېيىلگەن مەسەلىگە كەلسەك: مېنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆزەمنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىم سىڭدۈرۈلگەن ئەمەس. شەخسى ھېسسىيات سىڭدۈرۈلگەن تارىخى ماقالىدا چىنلىق بولمايدۇ. تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ. مەن خوجىنياز ھاجى بىلەن زامانداش ئەمەس، ھاجى قۇربان بولۇپ 15 ~ 20 يىلدىن كېيىن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئادەممەن. ھاجى قۇربان بولغان ۋاقىتتا مەن ئانامنىڭ قورسىقىدا تېخى تۆرەلمىگەن ئادەم قانداقسىغا خوجىنىياز ھاجىغا باھا بېرەلەيمەن؟ ئەگەر مەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن زامانداش، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنقىلاب قىلغان ئادەم بولغان بولسام، ئاندىن سىز ماڭا بۇ گۇمانلىق خائىشنى تاڭغان بولسىڭىز قانداق بولاركىن.«ھەقىقەت ئەمەلىيەتنى ئۆلچەيدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم» دەيدىغان پرىنسىپ بار، خوجىنىياز ھاجىنىڭ سايىسىنى كۆرۈش تۇرماق، ھاجى قۇربان بولغان چاغدا تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۆرەلمىگەن ئادەمدە قانداقسىغا ھاجىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈدىغان، خاتالىقلارنى ئامالنىڭ يېتىشىچە ھاجى تەرەپكە ئاغدۇرىدىغان خاھىش شەكىللىنىپ قالسۇن؟ مەن پەقەت ھاجى بىلەن زامانداش بولغان يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى توپلاپ قەلەمگە ئېلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم خالاس. ئۇنداقتا ماڭا ئاغزاكى ماتېرىيال بەرگەن يۇقىرىقى 10 قانچە كىشىنىڭ ھەممىسىدىلا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈدىغان، خاتالىقلارنى ئامالنىڭ يېتىشىچە ھاجى تەرەپكە ئاغدۇرىدىغان خاھىش مەۋجۇتمىدۇ؟ ئەجەبا ئۇزۇن يىل خوجىنىياز ھاجىغا ئاديۇتانت (فۇگۇەن) ھەم ئىمام بولغان يۈنۈس موللام ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈدىغان، خاتالىقلارنى ئامالنىڭ يېتىشىچە ھاجى تەرەپكە ئاغدۇرىدىغان خاھىشتىكى كىشىلەرمىدۇ؟ يۈنۈس موللام ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى يۇقىرىقى ئىدىيەدىكى كىشىلەرمۇ دەيلى، ئەپسۇس، ھاجىنىڭ باجىسى قۇربان دورغا (1882-1950) نىڭ تەكلىپى بىلەن 1933-يىلى 12-ئايدىن 1936-يىلى 9-ئايغىچە مەخسۇس خوجىنىياز ھاجىنىڭ خىزمىتىدە بولغان قۇربان دورغىنىڭ 2-ئوغلى ھەمدۇللا قۇربانوف بىلەن 1934-يىلى 7-ئايدا قومۇلدىكى سەدەنشاھ ئەلەم (1853-1947)، يۈسۈپ تەيجى (1864-1940)، يولۋاس (مامۇت ھوشۇر، 1888-1971) قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە بارماسلىق توغرىلىق نەسىھەت قىلىپ يازغان خېتىنى تۇرپانغا ئېلىپ چىققان ھەمدە 1938-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى 2-تۈرمىدە خوجىنىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشكەندە ھاجى ئۆزىنىڭ سەدەنشاھ ئەلەم، يۈسۈپ تەيجى ۋە يولۋاسلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ھەسرەت چەككەنلىكىنى ئۆز قۇلۇقى بىلەن ئاڭلىغان ئەزىز نىيازى قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا ھاجىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈدىغان، خاتالىقلارنى ئامالنىڭ يېتىشىچە ھاجى تەرەپكە ئاغدۇرىدىغان كىشىلەرمىدۇ؟ بۇنىڭغا كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئوبېكتىپ باھا بەرسە بولىدۇ.
تۆتىنچى، «ئەگەر ئاپتور ۋە ئاپتوردەك ئىدىيىدىكىلەر شۇ چاغدا ھايات بولغان بولسا جەڭگە گاھى بولۇش تۈگۈل قولۇغا بىرەر تال كۆسەي ئېلىپ ئۇرۇشقا چىقالىشىمۇ ناتايىن. قاتناشقان تەقدىردىمۇ...شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگىمۇ كىرەلمىگەن بولاتتىمىكىن. ھازىرغا قەدەر بىرەر تارىخى شەخسىگە باھا بېرىپ باققان ئەمەس، بولۇپمۇ خوجىنىياز ھاجىدەك ئاتاغلىق تارىخىي شەخسىلەرگە تېمىخۇ باھا بېرەلمەيدۇ» دېگەن مەسىلە: مەن يۇقرىدا ئىزاھات بەرگىنىمدەك خوجىنىياز ھاجى قۇربان بولۇپ، 15 ~ 20 يىلدىن كېيىن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان، سىزگە ئوخشاشلا تارىخ، تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئادەممەن. شۇڭا كەچۈرۈڭ، مەن ھاجىغا باھا بېرىش سالاھىتىگە ئىگە ئەمەسمەن...
ھۆرمەتلىك تورداش: سىز بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ مېنىڭ ئەجداتىمدىن بەش كىشى، يەنى ئانامنىڭ دادىسى قاسىم پالۋان (1885-1931)، چوڭ دادىسى نىياز دېھقان (پالۋان پالۋان، 1882-؟)، ئىككى نەۋرە ئاكىسى تۇرسۇن ئاخۇن (1903-1952)، توقسۇن ئاخۇن (1905-1955)، دادامنىڭ 4-ئاكىسى مۇھەممەت تالىپ ئاخۇن (1903-1931) لار 1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل دىيارىدا پارتىلىغان زۇلۇمغا قارشى دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، خەلقنىڭ ئازاتلىقى، ئەركىلىكى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، قاسىم پالۋان بىلەن مۇھەممەت تالىپ ئاخۇن جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان بولسا، نىياز دېھقان خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە پۇرسەت تېپىپ قېچىپ قۇتۇلغان. ئەپسۇس! مەن ئاشۇ جەڭگىۋار يىللاردا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان ئىكەنمەن… خوش، سىزدىن سوراپ باقاي؟ جەمەتىڭىزدىن قانچە ئادەم ئاشۇ جەڭگىۋار يىللاردا قولىغا قورال ئېلىپ ئوتتۇرىغا چىقالىدى؟ سىز ئاشۇ يىللاردا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ياش يىگىت بولغان بولسىڭىز قانداق مەيداندا تۇرغان بولاتتىڭىز؟…
بەشىنچى، ئىنكاسىڭىزدا «ماقالىنى خىلى كۈچ چىقىرىپ، كۆپ ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ يازغاندەك تۇرۇسىز، لىكىن فۇگۇەن، ئاديۇتانت دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي قىينالغىنىڭىزغا ھەيران قالدىم، ''مۇئاۋىنى''، ''ئورۇنباسارى'' دىگەندەك ئاتالغۇلارنى قوللانغان بولسىڭىز تىخمۇ ياخشى بولاتتى، ئاتا بوۋىلىرىمىز كۆپلىگەن لەشكىرىي ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن، كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىگىنىمىز تۈزۈك، تىمىسىدىكى ئاتالغۇلارغا قاراپ ماقالىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم» دەپ ئىنكاس بېرىپسىز. مەنمۇ سىز ئېيتقاندەك ماقالەمگە ئىمكان قەدەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قولىنىشنى ئويلىنىپ ئىزدەنگەن بولساممۇ، مۇۋاپىق ئاتالغۇ تاپالمىغاچقا يەنىلا ئاشۇ «فۇگۇەن»، «ئاديۇتانت» دېگەن ئاتالغۇلارنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. مەن «مۇئاۋىنى»، «ئورۇنباسارى» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىكنىڭ سەۋەبى: تارىخى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 1930-يىللاردا شېڭ شىسەي (1897-1970) شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ۋالىسى (دۇبەن-督办)، ليۇ ۋېنلوڭ (刘文龙، 1870-1950) شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، خوجىنىياز ھاجى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئىكەن، ھاجى مۇئاۋىن رەئىس تۇرۇقلۇق يەنە مۇئاۋىننىڭ مۇئاۋىنى بولامدۇ؟ ئەگەر يۈنۈس موللامنى ھاجىنىڭ «مۇئاۋىنى» دېسەك، ئۇنداقتا ھاجى رەئىس بولغان بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ليۇ ۋېنلوڭنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟ بەيدۇ (百度) تورىدا گومىنداڭ قوشۇنىدا «فۇگۇەن ئادەتتە باشلىقنى، ھەربىي ئۇنۋانى بار كاتىپنى كۆرسىتىدۇ» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. شۇڭا «فۇگۇەن» ياكى «ئاديۇتانت» ھەرگىزمۇ«مۇئاۋىنى»، «ئورۇنباسارى» دېگەن مەنانى بىلدۈرمەيدۇ. يەنە بىر مەسەلە «فۇگۇەن» ياكى «ئاديۇتانت» 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا شىنجاڭدا كەڭ قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئاتالغۇنى ئىشلەتسەك ماقالە زامان تۈسنى ئالمايدۇ. شۇڭا ماقالەمنى زامان تۈسىنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن «فۇگۇەن» ياكى «ئاديۇتانت» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن. ئالتىنچى، «...ماقالىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم» دېگەن مەسىلە: گوماننى دۆلەت قانۇنى، ئىسلام شەرىئىتى (ئىسلام قانۇنى) بىردەك ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئىسلام دىنىدا «گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دېگەن پەتۋا بار. شۇڭا گۇمان قىلىشنىڭ ئورنىغا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتۈپ ئوقۇرمەنلىرنى قايىل قىلالىسىڭىز، مەن سىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.
ئىزاھەتلەر:
<1> ئەمەت مېھرى 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) 86 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر بازىرى غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان. <2> ئەزىز نىيازى 1996-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى (پەيشەنبە) 91 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. <3> ئەمەت خوجى 2002-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى (شەنبە) 93 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇنتام كەنتىدە ۋاپات بولغان. <4> ھەمدۇللا قۇربانوف 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى (چارشەنبە) 82 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. <5> سوپاخۇن سۈۋۈروف 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى (دۈشەنبە) 87 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. <6> ئابلىمىت توختى (ئابلىز داموللام ‹1907-2005› نىڭ ئۇكىسى) 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى (سەيشەنبە) 91 يېشىسدا قومۇل شەھرىنىڭ غەربىي ئۆستەڭ رايونى چاھارباغ كەنتىدە ۋاپات بولغان. <7>ھەسەن بارات 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى (جۈمە) 90 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ ئاستانە بازىرى شار (گۇمبەرۋەن) كەنتىدە ۋاپات بولغان.<8> ھاجى ئىساق مېھرى 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) 85 يېشىدا غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان. <9> نەسرۇللا يۈنۈس (ئاقسوپا يۈنۈس ) 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (پەيشەنبە) 76 يېشىدا غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان. <10>راھىلە ئاپپاق يۈنۈس 1987-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى (دۈشەنبە) 73 يېشىدا غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان. <11> ھەمدۇللا يۈنۈس 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) 78 يېشىدا غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان. <12> ئابلىمىت يۈنۈس (كىچىك ئاخۇن يۈنۈس) 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) 73 يېشىدا غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان. <13> رازىخان يۈنۈس (ئايخان يۈنۈس) 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) 82 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ شەرقىي ئۆستەڭ رايونى يۇقىرى ئاقيەر كەنتىدە ۋاپات بولغان. <14> ئابدۇۋاھىت يۈنۈس 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى (دۈشەنبە) 44 يېشىدا غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
|