قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2381|ئىنكاس: 9

ئەمەلدارلار قىلسا بولمايدىغان قاراملىق(فىليەتون)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

0

دوست

812

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25382
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 19:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنسەپنىڭ ئۆرلىشى ۋە ياشنىڭ تۆۋەنلىشى

(فېليەتون )

كامرانبەگ يوللانمىسى


      «مەنسەپنىڭ ئۆرلىشى ۋە ياشنىڭ تۆۋەنلىشى»ھازىرقى زاماندا ئەمەلدارلار ئىچىدە پەيدا بولىۋاتقان ئومومىي ھادىسە .بۇ يەردىكى «تۆۋەنلەش»دېگەن سۆز ،«يۇقىرى ئۆرلەش» دېگەن سۆزنىڭ ئەكسى.تەبىيەت قانۇنى بويىچە،ئادەمىنڭ يېشى تەبىئىي ئۆسۈپ بارىدۇ .ھەربىر كادىرنىڭ نوپۇس دەپتىرىدىكى يېشى،ئارخىپتىكى يېشى ۋە ئەمەلىي يېشى ئوخشاش بولىشى لازىم .ئوخشاش بولمىسا بىرە يېرىدىن چوقۇم چاتاق چىقىدۇ.
      ئەمەلىي تۇرمۇشتا كادىرلارنىڭ مەنسەپتە يۇقىرى ئۆرلەش يولى خۇددى «سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا چۈشكەن بۇقا »نىڭ ھەدەپ مۆڭگۈزى بىلەن تىرەجەپ ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىغا ئوخشايدۇ.ھەممىگە مەلۇم ،بۇنداق بولۇشى ھوقوق جىدىلىنىڭ نەتىجىسى ،مەسىلەن ئالايلى ،مەنسىپى يۇقىرى ئۆرلىگەندە خۇي-پەيلى  يامان بولۇشى ،مەنسىپى يۇقىرى ئۆرلىسە خورىكى ئۆسۈپ قېلىشى ،مەنسىپى يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى ئىلىم-بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۇپ قېلىشى ۋاھاكازا دېگەندەك كۆزگە كۆرۈنىدىغان مۈلۈك ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ.ۋاھالەنكى ،مەنسەپدارلارنىڭ يېشى ئارقىسىغا ماڭىدۇ، كېمىيىپ بارىدۇ،خۇددى كومزەككە سېلىپ باققان تاشپاقىنىڭ باققانسېرى قورۇلۇپ تۈگۈلگنىگە ئوخشاش ،ئۇ بارغانسېرى ياشىرىدۇ.قانداق، بۇ قىزىقارلىقمىكەن ؟
       ئاچچىقسۇنىڭ چۈچۈمەللىكى نەدە ؟تۇزنىڭ تەمى نىمىدە ؟گەپنى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلاۋىلىشىشىدىن ،ياشلىشىدىن ،بىلىملىك بولۇشىدىن ،مۇتەخەسىسلىشىشىدىن باشلاش توغرا كەلسە كېرەك .مەسىلەن ،كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە قارىغاندا ،پالانى ياشقا كىرگەندە مەنسىپىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ .،پوكون ياشقا ياتكەندە مەنسىپىدىن قالدۇرلىدۇ،پۇستاننى ياشقا يەتكەندە پىنسىيىگە چىقىرىلىدۇ ۋاھاكازا.دېمەك ياش بۇ يەردە ئەنگۈشتەر بولۇپ قالىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ ،زامانىمىزدىكى چېچەن ئادەملەر بوش كەلمەيدىكەن  ،ئۇلار ئوڭ گەپنى تەتۈرگە ئايلاندۇرۋالدىكەن،ئۇلارنىڭ چارە- ئاماللىرى سىياسەتكە قارىغاندا جانلىق بولىدىكەن ،تەدبىرلىرى قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشىدىكەن .سېنىڭ بەلگىلىمەڭ بىر بولسا ،ئۇلارنىڭ چارىلىرى تۈمەنمىڭ بولىدىكەن .«يۇقىرىنىڭ سىياسىتى بولسا،تۆۋەننىڭ تاقابىل تۇرالايدىغان چارىلىرى بار »دېگەن گەپ شۇ ئىكەن .مەلۇم بىر يەردە بىر ئىدارە باشلىقى بار ئىكەن ،ئۇنىڭ يېشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرلىدىغان مۇھىم چەككە بېرىپ قالغان .ئۇ رەھبەر ئاسانلىقچە قولغا كەلمىگەن «تاجى بەخىت»نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،«ناننى تونۇرنىڭ قىززىقىدا ياق »ماقچى بولۇپ،«تىل تۇمارى »نى ئېچىپ «جاربارۇمى»...«باربارۇنى»...دەپ ئەپسۇن ئوقۇپ ،جۈدە قىلىپ ،سۈپ-كۆپ دەپ ،يىلنى ئۇستىلىق بىلەن بەش يىل سۈرۈپتۇ.ئىشلەتكەن ھۈۈنەرلىرى كارغا ياراپ ،باشلىقلىق ئورنىدا قالىۋېرىپتۇ.مەنسەپدارلىق يولىدا ماڭىۋېرىپتۇ،ھوقوقلىرىنى ئىشلىتىپ بېقىپتۇ.«تەلىيى بار ئادەمگە تەلەي كېلىۋېرىدۇ»ئىكەن،ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي يۇقىردىكىلەر تەرىپىدىن مەنسىپى ئۆستۈرلۈپتۇ..شۇڭا مۇنداق بىر غەزەل چىقىپتۇ:

«ياش دېگەن بىر ئەڭگۈشتەر ئىكەن ،
دېپلۇم بولمىسا بولمايدىكەن .
ئۈلپەتچىلىك ئاندىن مۇھىم،
قابىليەتنىڭ كارى -بارى چاغلىق ئىكەن.»

      بۇ غەزەلدە ئىلمىيلىق بولىشى ناتايىن ،بىراق بۇلار بىر مۇنچە ئادەملەر نەزىرىدە مەنسەپتە ئۆرلەشنىڭ ،كۆچۈشنىڭ زۆرۆر شەرتى بولۇپ قالغان ؛مۇئەييەن دەۋىر ئەمەلدارلىرىنى چۈشىنىشنىڭ ۋە ئەسلىنى ئېچىپ كۆرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسىي بولۇپ قالدى.
      مەشھۇر ئادەملەردىن بىرى :«قۇماندان بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس »دەپتىكەن .مەنسەپدار بولۇشنى ئارزۇ قىلىش ،مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش كويىدا بولۇش  مەنسەپتە كۆتۈرلۈش ئويىدا بولۇش ئەسلىدە يامان ئىشمۇ ئەمەس .ھەركىم ئۆزىنىڭ خىز،مەت نەتىجىلىرىگە ئۆزىنىڭ سۈپەت -ساپاسىغا ،خىزمەت ئەملىيىتىدە ھازىرلىغان بىلىم ۋە قابىليىتىگە بېقىپ رىقابەتلەشسە ،تىركەشسە ياكى تىرىشسا ،كۆپچىلىكنىڭ دېتىغا ياراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ،توغرا يول تۇرسا ئەگرى يولدا ماڭغاننىڭ ،يۇقىرىدىكىلەرنى ئالداپ ،تۆۋەندىكىلەرنىڭ كۆزىنى باغلاپ ،كۆزىنى پوزا قىلىدىغان نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىشنىڭ نېمە رولى بار ؛« ئارخىپتىكى ياش »نى كىچىكلىتىپ بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن بولسا ،كېلەر يىلى 18 ياشقا ئۆزگەرتىپ ،بۇ يىل توخو يىلى بولسا كېلەر يىلى ئىت يىلىغا ئۆزگەرتىپ ،،ياندۇقى يىلى توڭگۇز يىلى دەپ ئۆرگەرتىپ يۈرۈشنىڭ قانداق «پەيزى»سۈرەر ؟قارىماققا ۋەزىپىنى ساقلاپ قالغاندەك ،مەنسەپنى ئۆزگەرىتكەندە،
       ياش تۆۋەنلىگەندەك تۇرسىمۇ ،لېكىن ئادەمىنڭ پەزىلىتى تۆۋەنلەيدۇ،جامائەتنىڭ گەپ سۆزى ئۇلغىيىدۇ.
       ياشنى يالغانلاشتۇرۇشيەككە يىگانە بىر ئىش ئەمەس ،بۇ تولا چاغدا ياغان دېپلوم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،يالغان خىزمەت نەتىجىسى ۋە يالغان خەلق رايى بىلەن قوشكېزەك ؛ئۇ پارتىيە ئىستىلىنەڭ ساپ ئەمەسلىكىنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى ،جىڭ چىرىكلىك.ئويلاپ قارايلى نوپوس دەپتىرىدىكى ،ئارخىپتىكى ياشنىڭ يىل ،ئاي كۈنلىرىنى ئۆزگەرتىش ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس ،ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەست قىلغۇدەك مەنسەپ خۇمارى ،قاراملىق قىلغۇدەك يۈرىكى بولىشى كېرەك ؛جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ نوپۇس تارماقلىرىدا ،تەشكىلات -كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرىدا  ئۈلپەتچىلىك قىلىدىغان «كاتتا ئادەم »لەر يېقىندىن ماسلاشقان بولۇشى لازىم .ئۇنداق بولمىسا قانداق قىلپ ئۇنداق ئاسان ئىش پۈتتۈرەلىسۇن ؟!ئەپسۇسكى ،مۇشۇنداق يالغان ئىسپتنامە يېزىپ بېرىپ ،ئارخىپتىكى ماتىرياللارنى ئۆزگەرتىش ،ئەدەپ-ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىدىغان ،قانۇننى-نىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ،،ھەتتا جىنايەتكە ياتىدىغان ئىشلار ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ دېقىتىنى تارىتمايۋاتىدۇ ياكى بيۇرۇكراتچىلىقنىڭ كاساپىتى بىلەن سەزمەيۋاتىدۇۋە ياكى ئۇ كۆڭلىدە بىلىشىپ ،سىڭا كۆزلىرىنى قىسىشىپ يۈرىشەمدىغاندۇ؟ئەگەر مەنسەپ تېپىش ،مەنسەپ ئېلىش يولىدا پالاقلىغان ،مەنسەپ سېتىۋېلىپ-سېتىپ بېرىپ خىيانەت قىلغان ،چىرىكلەشكەنلەرنىڭ دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش تولىمۇ مۈشكۈل ،بۇنىڭغا كۆپىنچە »يەر ئاستى خىزمەت »دىكى يەڭ سودىسى سەۋەپچى بولغان ،«بۇنىڭ بىر ئاللا بىلىدۇ،بىر مەن بىلىمەن بىر سەن بىلىسەن »دېگەندەك خۇپىيانىلىك دەرىجىسى بەك چوڭ دەيدىغان بولساق ،«ئارخىپتىكى ياش »مەسلىسىنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپ ئاسان .ئىپتىدائىي ماتىرياللارغا قاراپ باقسا،ئەھۋالنى بىلىدىغان ئادەملەردىن سوراشتۇرۇپ باقسىلا ،ھەقىقىي ئەھۋال ئىنىق مەلۇم بولىدۇ .شۇنداق بولسىمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان چىرىكلىك دىلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق ،شۇنداق دېلولارنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز .ئاخىرىدا يەنە بىر نەچچە ئېغىز گېپىمىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي .«مەنسىپى ئۆرلىسە يېشى تۆۋەنلەش»ھەربىر ئەمەلدار بەس بەستە دوراپ ئىنتىلىدىغان ئۈلگىگە ئايلنىپ قالىدىغان بولسا ،جىڭ ياش پالاكەت باسىدىغان ،يالغان ياش قاراملىق قىلىدىغان ،ساقتىپەزلىك پايدا ئالىدىغان ،لىللا توغرا ئادەملەر زەخمەت چېكىدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئەھۋال شۇنداق كېتىۋەرسە ،ھەممە ئادەم يامانلىق تەرىپىگە مېڭىپ ،ۋاقتى كەلگەندە قاراملىق قىلسا قانداق بولىدۇ؟
مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»دىن ئېلىندى




ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

0

دوست

4308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 945
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 11:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26948
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 13:29:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ياش دېگەن بىر ئەڭگۈشتەر ئىكەن ،
دېپلۇم بولمىسا بولمايدىكەن .
ئۈلپەتچىلىك ئاندىن مۇھىم،
قابىليەتنىڭ كارى -بارى چاغلىق ئىكەن.»

0

تېما

0

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26948
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 13:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ياش دېگەن بىر ئەڭگۈشتەر ئىكەن ،
دېپلۇم بولمىسا بولمايدىكەن .
ئۈلپەتچىلىك ئاندىن مۇھىم،
قابىليەتنىڭ كارى -بارى چاغلىق ئىكەن.»

دىنىڭنى قوغدا ۋە تىلىڭنى

0

تېما

8

دوست

6667

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10293
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1164
تۆھپە : 1241
توردىكى ۋاقتى: 387
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 14:39:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

6

دوست

415

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26952
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 22:28:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان بولسا ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ  دەپتىرىدىكى سان -سىفىرلارنى ئۆزەەرتىپ باقمىسۇنما......قانداق دىدىم باللا...
    ئىشقىلىپقۇ بۇ ئادەملەرنى بىر نەرسە دىگلى بۇلمايدۇ ،دىتىغا ياقمىسا ئەزرائىلنىمۇ قايتا
سايلاپ چىقامىكىن دىمۇگراتىك يول بىلەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )