يېڭى ئىدىيە ئورفات (ئافغانىستان)
مەن ئۇنى مەغرىپتىن-مەشرىققىچە ھەممە كىشىدىن ئىزدىدىم،لېكىن ئۇنىڭ تۇرار جايىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.مەن بۇ يەردىن ئىزدىگەن نەرسەمنى تاپالمىدىم،لېكىن كاتتا مەنسەپدار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۇشى ئۇچۇن زۆرۇر بولغان شوتىغا ئېرشەلىدى. يېڭى ماشىنىغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلار ئاللىقاچان ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپبولدى.بايلىققا ئىرىششنى ئارزۇ قىلدىغانلارپۇلنى بانكىلارغا توشقۇزۇۋەتتى. پەقەت مېنىڭلا ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىدى.مەن ئىرىشمەكچى بولغان نەرسەھەقىقەتەن ئەتىۋارلىق،لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئىرىششنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق ئىرىشمەكچى بولغىنىم يېڭى دۇنيا،يېڭى ئىدىيە. بۇ يەردە يېڭى رادىئو قۇبۇللىغۇچ،يېڭى كىنو،يېڭى سائەت،يېڭىزىبۇزىننەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق،لېكىن يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تىما يوق. بۇيەردە تالاي شائىر نۇرغۇن شىئىر يىزىشتى،لېكىن ھېچقايسىدا يېڭى ئىدىيەيوق. باھارنىڭ بىزگە ئىپكىلىدىغىنى يەنىلا بىز تالاي قېتىم كۆرگەن ھەم پۇرىغانئاشۇ گۇللەر. بىز ئەسىرلەر بويى <<گۇل ۋە بۇلبۇل>>تېمىسىدا تەكرار-تەكرارشىئىر يازدۇق،ھېچقانداق يېڭى نەرسە ئىجاد قىلمىدۇق. بىز كونا نەرسىلەردىن يېڭى تىما ئىزدىدۇق.بۇ،موماينىڭ يۇزىگە ھىلىلەھياغلىق ئارتىپ قويغاندەك ئىش بولدى. بۇ يەردە ئانىلار يېڭى ئوغۇللارنى تۇغدى،لېكىن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا يېڭى ئىدىيە تۇغۇلمىدى. بۇ يەردە ئاياللار كوچىلارغا چىقالايدىغان بولدى،لېكىن مېڭىمىزدىن يېڭى تىماچىقمىدى. بۇ يەردە ئۆرۇپ-ئادەت تۇپەيلىدىن ،قىزلار دادىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپقىرى قىز بوپكەندىلا ئەرگە تىگەلەيدۇ. بۇ يەردە ئەلچىلەر كونا ئىدىيە تۇپەيلىدىن ئۆيلەرگە كىرىپ-چىقىپيۇرىشىدۇ،ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەت يېڭى ئىدىيەدىن بازارلىق. بۇيەردە كونا قاراشلار مومايلارنىڭ گۇلەنگۇچلىرىدە چايقالماقتا،ئۇلارنىڭئىيتىدىغىنى يەنىلا كونا مۇقام. بۇ يەردە خەير-ئېھسانغا تاينىدىغانلار مىليونىر بولىدۇ،ئىلىپنىڭ سۇنىقىنىبىلمەيدىغانلار ئىدارە باشلىقى بولىدۇ. خوتۇننىڭ ھەيۋىسى ئىرىدىن ئېشىپ كەتكەن،موللىلار ھاراقكەشلەرگە ئۇلپەتبولۇۋاتقان بولسىمۇ،تىخىچە يېڭى ئىدىيە ،يېڭى تىما تېپىلمايۋاتىدۇ. بالىلار تۇغۇلىشى بىلەنلا بوۋايلارغا ئايلىنىدۇ،ئۇلار كونا دەۋىرنىڭبۆشۇكلىرىدە يېتىپ،قەدىمكى ناخشىلارنى ئاڭلايدۇ.ئۇلارنى مومايلارباقىدۇ.ياشلىرىمىز ساقلىنى قىرۋەتمىسە بوۋايلارغا ئوخشايدۇ. بىز بېشىمىزغا يېڭى دوپىلارنى كىيىۋاتىمىز،لېكىن يېڭى ئىدىيەنى رەتقىلۋاتىمىز.بىز يېڭى شەھەرلەرنى بىنا قىلدۇق،لېكىن ئۇيەردە تۇرىدىغانلارنىڭھەممىسى بوۋايلار،سۆزلەيدىغىنى ساپ كونا ھىكايىلەر. مەن ئارزۇيىمغا يېتەكمىدىم.يېڭى ئىدىيەنى باشقا جايلاردىن ئىزدىشىم كىرەك. بۇنداق يېڭى ئىدىيە كونا ئادەملەر ئارىسىدا بولمايدۇ. 80ياشلىق بوۋاي يىقىندىلا ئۆيلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر بوۋاي،قىرى ئادەمھەرقانداق يېڭى كىيىم كىيسىمۇ ،بەرىبىر قىرى ئادەم.ئۇ،كونا شەھەردىن يېڭى شەھەرگەكۆچۇپ كىرسىمۇ،ئۇنىڭ ئۆي بىساتلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى يېڭى ،لېكىن ئىدىيسى كونا.ئۇلار يېپيىڭى ئۆيلەردەتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تىما چىقمايۋاتىدۇ.
|