قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 773|ئىنكاس: 12

ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقى (سۆز ئۇيۇنى )مەخەت ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

3

دوست

1350

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقى
سۆز ئۇيۇنى

(مەخەت ئابدۇرېھىم)


ساھەلەرگە سەپلەنگەن،
ساۋاتسىزلار ساماندەك.
ساۋاتسىزلار سۆزلەيدۇ،
ساسلىقتىكى سازاڭدەك.

       سودىگەرلەرنىڭ سۇنى سوغاق ساقلايدىغان ساندۇقلىرىدا،ساخاۋەتچىلەرنىڭ سامان ساقلايدىغان ساڭلىرىدا ساقلانغان؛ ساراڭلار ساناتورىيسدە ساچقاننىڭ سۈتۈنى سەكسەن سەككىز سوتكا سۈمۈرۈپمۇ ساقايمىغان ساۋاتسىزلار؛-ساياھەتچىلەرنىڭ سالمىسىدەك سەكرەپ، سۈت ساتقۇچىلارنىڭ سۆۋىتىدە سازاڭدەك سايراپ،سەركەردىلەرنىڭ ساسلىقتىكى سېرىق سۆگەت سايىسىدا سايىداپ،ساراڭ سوپىلارنىڭ سېرىق سەللىسىنى  ساغرىسىغا ساڭگىلىتىپ، سەپەرداشلىرىغا سۆرەمدەك سۆرۈلىۋىلىپ،سەپەرداشلىق سالاھىتىنى ساقلىيالمىدى.سىياسىتىمىز ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتىدىكى سۈپەتسىزلىكنىڭ سەۋەپلىرىنى سىستىمىلىق سۈرۈشتۈردى.
     سەۋەپ؛-سىياسىتىمىزنىڭ سەمىمىلىكىدىن ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتىنى سىستىمىلىق سۈرۈشتۇرمەيلا،ساۋاتسىزلارنى ساھەلەرنىڭ سىزىقلىرىغا سىستىمىلىق سەپلەپ ساھەلەرنىڭ سۈزۈك سۇلىرىنى سىكىن-سىكىن سۈمۈرۈتىپ ساغلام سەمرىتىشنى سىياسەتلەشتۈرگەن.
     ساۋاتسىزلار سەپلەنگەن ساھەلەرنىڭ ساپ، سۈزۈك سۇلىرىنى سىستىمىلىق سۈمۈرەلمىگەچكە سەمىمى، ساغلام سەمرىيەلمىدى. ساھەلەرنىڭ سالاپەتلىك سەيناسىنى سەتلەشتۈرۋەتتى، سەپەر سۈرئىتىنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى.سەپداشلار سورۇنلىرىنىڭ سۆھبىتىنى سويتىۋەتتى،سەپداشلىرىنى سەسكەندۈرىۋەتتى.
     ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھيەت سۈپۈتىنى ساۋاتلىقلارنىڭكىگە سېلىشتۇرساق؛ ساۋاتلىقلار سانسىزلىغان سەھنە-سەپەرلەردە سەمىمى،سىياسەتكە سادىق، سالام-سائەتتە سالاپەتلىك،سۆزلىرى سۈزۈك سۇدەك.سەييارىلەردەك سەزگۈر.
     ساۋاتسىزلار؛-سەھنىلەردە سىلىق-سىپايە سۆزلەيدۇ، سورۇنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ساغلىقنىڭ سۈدىكىدەك سېسىك. سىماسى ساماندەك، سىياقى سالمىدەك،سۆڭنىڭ سۆڭكى سۇنۇق،سوڭىدا سېسىق سۇ سازاڭدەك سايراپ سالمىدەك ساڭگىلايدۇ، سىماسى سۇنىڭ سايىسىدەك،سويمىغان سامساقتەك،ساسلىقتىكى سۆرەمدەك.سۆلىتى سۆيگىنىنى سۆيەلمەي سۇغا سەكرىگەن سەتەڭدەك. سەمىمى سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىرى سەت،سەبىيلەرنى سوتلايدۇ،ساقچىلىق سالاھىتىدە سۆزلىگەندە سەۋەپلەرنى سەمىمى سۈرۈشتۈرمەي سېسىق سۆزلەردە سوتلاپ، ساغرىسىغا ساۋاپ،سۆڭەكلىرىنى سېستىۋىتىدۇ. سەھىيە سىستىمىسىدىكى ساۋاتسىزلار؛-ساغلاملارنىمۇ ساناتوريەگە سولاپ، سېغىزخاننىڭ سۈتىنى سانتىلاپ سېتىپ،ساغلىقنى ساغماي،سەركىنى سېغىپ سىپىرلاپ ساقايتىشقا سۆزلىشىدۇ،ساقايسا ساقايدى ساقايمىسا ساراڭلار ساناتوريىسىگە سېتىۋىتىدۇ.
    ساۋاتسىز سودىگەرلەر؛- سۇنى ساغلىقنىڭ سۈيدۈك سىياسىدا سىرلاپ، سامساق سۈيىدە ساڭزا سېلىپ، سەينىڭ سەركەردىسى سەۋزىنى سامانلىقتا ساقلاپ سودا- سانائەت سارىيىدا سولاشتۇرۇپ ساتىدۇ.
      ساۋاتسىز سىكىرتارلار؛-سۇنى سايدا ساقلاپ سۇ سالىدىغانلارغا سېسىق سۇنى سانتىلاپ سېتىپ،ساپ-سۈزۈك سۇنى ساسلىققا سىلجىتىۋىتىدۇ،سەھرادىكى ساددا سەبداشلىرىنى سوقا-سۆرەملىرىنى سۆرۈتۈپ،سايغا سامانلىق سالدۇرۇپ سىياقىنى ساماندەك سارغايتىپ ساپ-سالقىن سەھرادىن سەسكەندۈرۋىتىدۇ.
      سوت ساھەسىدىكى ساۋاتسىز ساقچىلار؛-سۆگەتنى سۈرۈشتۈرمەي سايىنى سوتلايدۇ، ساننى سۈرۈۋىتىپ،سۈپەتنى سىرلاپ،سومنى سومكىغا سالالمىغانلارنى سولىتىۋىتىدۇ. ساۋاتسىز ساخاۋەتچىلەر؛-سەبىلارنى ساننىڭ سىرتىغا سۈرۈۋىتىپ،سىمىزلەرنىڭ ساغرىسىنى سىلايدۇ.
      ساۋاتسىز سالاچىلار؛-سەمىمى سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ساختا سۆزلىگەنلەرنى سۈپەتلەپ سەبداشلار سورۇنىنى سۈلھى-سالا سۈيىدە سۇغۇرۇپ سالام سائەتنى سوغۇق سۇغا سېلىۋاتىدۇ. سامسپەزلەر؛- سامانلىقتا ساقلىغان ساغلىق سامساقنىڭ سىڭلىسى-سۇڭپىيازنىڭ سۈتىنى سىڭدۈرۈپ سېتىپ سەبداشلىرىنى سەمرىتىۋاتىدۇ.
      سۆھبەتداشلار!،ساۋاتسىزلار سەھىپىسىدىكى سۆھبەتتە سۆزلىسەك ؛-ساۋاتسىزلارنىڭ ساۋاتسىزلىق سەۋەنلىكلىرى سامانلىقتىكى سېسىق ساماندەك،ساسلىقتىكى سېسىق سۇدەك سان- ساناقسىز. ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقىنى  سۆزلىگەن سۆزۈمنىڭ سەھنىمىزدىكى سەركەردىسى؛- ساۋاتسىزلارغا ساۋاتسىزلىقنىڭ ساۋاقلىرىنى سەمىمى سەزدۈرۈپ، ساۋاتسىزلارنى ساۋاتلىق ساناتوريەسىنىڭ ساپ، سۈزۈك سۈيىدە سۇغۇرۇپ، ساھەلەرگە سەپلەنگەن ساۋاتسىزلارنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىدا ساقلاۋەرمەي ساھەلەرنىڭ سەپەر سەيناسىغا ساغلام سەكرىتەيلى!

مەخەت ئابدۇرېھىم

     

0

تېما

0

دوست

2444

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6089
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 583
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 11:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەت مۇئەللىم سىزنىڭ ھەربىرسۆزئويۇنىڭىزنى كۆرگەندەتىلىمىزنىڭ نەقەدەرئېسىل بىرتىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇرھىس قىلىمەن.32ھەرپنىڭ ھەممىسىدەسۆزئويۇنى چىقىرىپ بولاي دەپ قالدىڭىزغۇدەيمەن،مۇشۇنداق سۆزئويۇنلىرىنى ئوقۇشمۇئادەمگەبىرھوزۇر،ھەراسىت مىسرانىمدىن يامانلاپ قالمىغانلامەخەتكايىقىندىن بىرى مىسرانىمداسايىلىرىنى كۆرگىلى بولماس بوپ قالدىيىڭىسى ياندا،كونىسى جاندادىگەن گەپ بارجۇمۇسىلا
بۇئىنكاسىمنى خاتاچۈشىنىپ قالمىغايسىلەر،مەخەتكام مىسرانىمغىمۇمۇشۇنداق تېمىلىرىنى يولللايىتتى شۇڭاچاقچاق قىلىپ قويدۇم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27195
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 14:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەپ؛-سىياسىتىمىزنىڭ سەمىمىلىكىدىن ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتىنى سىستىمىلىق سۈرۈشتۇرمەيلا،ساۋاتسىزلارنى ساھەلەرنىڭ سىزىقلىرىغا سىستىمىلىق سەپلەپ ساھەلەرنىڭ سۈزۈك سۇلىرىنى سىكىن-سىكىن سۈمۈرۈتىپ ساغلام سەمرىتىشنى سىياسەتلەشتۈرگەن.
  

بەك كەپتۇ.

0

تېما

0

دوست

387

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26948
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 17:08:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سوت ساھەسىدىكى ساۋاتسىز ساقچىلار؛-سۆگەتنى سۈرۈشتۈرمەي سايىنى سوتلايدۇ، ساننى سۈرۈۋىتىپ،سۈپەتنى سىرلاپ،سومنى سومكىغا سالالمىغانلارنى سولىتىۋىتىدۇ. ساۋاتسىز ساخاۋەتچىلەر؛-سەبىلارنى ساننىڭ سىرتىغا سۈرۈۋىتىپ،سىمىزلەرنىڭ ساغرىسىنى سىلايدۇ.         بەك كەپتۇ.

1

تېما

0

دوست

1698

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 17:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 11:24
مەخەت مۇئەللىم سىزنىڭ ھەربىرسۆزئويۇنىڭىزنى كۆرگەندەت ...

شۇڭا دەيمەن، مەخەتكام نوچى بولسا ‹‹ڭ›› ھەرپىنى بىر ئويناپ باقسا بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

103

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25900
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 19:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بەك ياخشى بوپتۇ.

8

0

تېما

6

دوست

2405

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 19:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنلۇق ،ھەمدە بىر بىرىگە بەكلا مۇناسىپ يېزىلىپتۇ، تىلغا ھەقىقەتەنمۇ باي ئىكەنسىز،رەھمەت!

2

تېما

0

دوست

7144

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1674
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 22:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 17:28
شۇڭا دەيمەن، مەخەتكام نوچى بولسا ‹‹ڭ›› ھەرپىنى بىر ئو ...

بۇ يەردە بىرسى نوچىلىق دەۋاسى قىلغىنى يوققۇ؟ ھەرپ دېگەن ئوينايدىغان سىزنىڭ قونچىقىڭىز ئەمەس ئۇكام، تىلنىڭ قانۇنىيتى بولىدۇ، بەك ڭىڭە ئاڭلىغىڭىز كەلسە بوۋاق بالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاڭ.ڭىڭە، ڭىڭە،ڭىڭە.........................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )