مەن نىمە ئۈچۈن سالون قۇردۇم ؟
2012-يىلنىڭ ئاخىرىلىرى بولسا كىرەك ،ئۈرۈمچىدە ئوقويدىغان ئىنىمنىڭ چۈشەندۈرىشى ئاستىدا مەنمۇبۇ ئۈندىدار كوچىسىغا كىرگەن ئىدىم ،باشتا بەزى دوستلىرىم –ۋاي ئۈندىدار دىگەن پەقەت بولمايدىغان نەرسە،ئەر-ئايالنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ،ئادەمنىڭ ئىستىلىدىن چاتاق چىقىرىدۇ،ۋاقىت ئېسراپچىلىقى،ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغان ياۋداق گەپ سۆزلەر........ئىيتاۋۇرھەممەيلەن ھازىرقى زامان كۆچمە ئالاقەۋاستلىردا غالىپ ئوروندا تۇرۋاتقان بۇ يىڭى شەيئىگە مۇشۇنداق باھالارنى بەرگەچكە،مەنمۇ بىر مەزگىل بۇ ئۈندىدار دىگەن نەرسىگە مۆتىدىل مۇئامىلىدە بولغان ئىدىم .بارا-بارائۈندىداردا دوستلار بىلەن ۋەي-ۋەي ،بامۇ سىلە ،قانداق ئەھۋال دىيىشنى ئۈگەندىم ،دوستلار چەمبىرىكىگە خەت يېزىپيوللاشنى ئۈگىنىۋىلىپ ،ھاياجانلانغاندا ،ئىلھامىم كەلگەندە ،بەزى ئىشلار كاللامدىنئۆتمىگەندە شارت-شۇرت قىلىپ كۆز قاراشلىرىمىنى يېزىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپقويىدىغان بولدۇم ،يېزىلارغا چىققاندا سۈزۈك سۇلارنى ،پىشقان ئۈزۈملەرنى ،ئېچىلغانگۈللەرنى رەسىمگە تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ تەسەللى تىپىپ يۈرگەنمۇبولدۇم .ھازىرغىچە ئۈندىدار ئىشلىتىپ يا ئەر –ئايال ئۇرۇش –تالاش قىلمىدۇق،يائىستىلدىن چاتاق چىقمىدى ،نۇرغۇن بىلىملەرنى ،ئۇچۇرلارنى ،زامان ،ماكانچەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىغان ئاساستا بىلىۋالدۇق،ئۈگىنىۋالدۇق .قارىغاندا قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇزيىيىشتىن قورقىساقمۇ بولغاندەك ،نىيتىمىز ساپ ،دىلىمىز ئاق ،ئىتقادىمىزچىڭ،ئەقلىمىز ساغلام بولسا ،مىنىڭچە ئۈندىدار ئويناشتىن قورقمىساقمۇ بولغۇدەك. ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك ،2013-يىلنىڭ باشلىرىدا بىر دوستۇم بىلكان ئۈندىدار سالونىنى قوشوۋىلىشنى تەۋسىيە قىلدى،باشتا بۇ سالون دىگەننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگى ،نىمە رولى بارلىقىنى بىلمەييۈرگەن ئىدىم ،كىيىن قارىسام بۇ سالونغا پايدىلىنىش قىممىتى ،ئىشلىتىلشچانلىقى يۇقرى بولغان مەزمۇنلار يوللىنىپ تۇردى،شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى بۇ سالوندىن كىلىدىغان ئۇچۇرلارنى خۇددى بالېلار تېلىۋۇزۇردىن كارتون فىلىمنىڭ قويولىشىنى زارقىپ كۈتكەندەك كۈتىدىغان بولدۇم ،كىيىنچە باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ھەر خىل مەزمۇنلارغا باي بولغان سالونلارنى قوشىۋالدىم ،بولوپمۇ شىنجاڭ نامازۋاقتى،خانىملارقاتارلىق سالونلار تۇرمۇشىمغا تىخىمۇ رەڭدارلىق ئاتا قىلدى،ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە سەھەر ئورنۇمدىن تۇرغاندا بىرىنچى بولوپ قىلىدىغان ئىشىم ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئېىسل يوللانمىلارنى ۋە نەزىرىمدىكى كوزىرسالونلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىش بولدى . بىر-بىردىنياخشى يازمىلار ،ئىبرەتلىك ھىكايىلەر،قىسقا ،مەنىلىك پەندى –نەسىھەتلەر ،كىشىنى تىلىقتۇرۇپ كۈلدۈرىدىغان يۇمۇر-لەتىپىلەر،كىشىنى ئويغا سالىدىغان كىنايەمەسەللەر......ئۈندىدار راستىنلا بىر گۈزەل مەۋھۈم دۇنياغا ئايلانغان ئىدى . مۇشۇ باشقا سالونلارنىڭ ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىش –پائالىيەتلرىنى بىر قۇر كۈزىتىپ ،مەندىمۇ ئەل-جامائەتكە پايدىلىق ،باشقىلار قارشى ئالىدىغان ،ئىجدمائى ئۈنۈمى يۇقرى بىر سالون قۇرۇپ چىقىش خىيالى پەيدا بولدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ خىيالىمنى ئەقىدىسى دورۇس،يىراقنى كۆرەر،سالون باشقۇرۇش تەجىربىسى مول بولغان بىر قانچە دوستلىرىمغا مەسلىھەت سالدىم ،دوستلىرىم بۇ ئوبدان ئىش بوپتۇ،خەيىرلىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر،بىز قوللايمىز دەپ مەنىۋى مەدەت بەردى،شۇنىڭ بىلەن-باشقىلار قوللاپ مەدەت بىرىۋاتىدۇ ،مەنمۇ بۇ سالوننى باشقىلارغا يارىدەم ،مەدەتبىرش مەقسەت قىلغان بىر سالون قىلىپ قۇرۇپ چىقاي دىگەن مەقسەتتە ئەلمەدەت دەپ سالون قۇرۇپ ئىش باشلاپ كەتتىم،باشتا سالون ئىسمى مۇرەككەپ قويولوپ قالغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن دوستلار سالوننى قوشالمىدۇق دەپ ئىنكاس قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن سالوننى قايتا ئىلتىماس قىلىپ يىڭىدىن ئىش باشلىدىم .بۇ سالونىنڭ ئاساسلىقى مەقسىدى:جەمىيىتىمىزدىكى ھەرقايسى ھالال يول بىلەن ھۈنەر قىلىپ ،ئائىلىگىچە بىرپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ،بىنا تاملىرى ،ئىستولبا ،دەل –دەرەخ،ئېلان تاختىللىرىغائىسىم كارتوچكىللىرى ۋە ئالاقىلىشىش نۇمۇرلىرىنى يىزىپ ئۆزنى تەشۋىق قىلىۋاتقان شۇجاپاكەش ،شەرەپلىك ھۈنەرۋەنلىرىمىزنى ئۈندىدار سۇپسى ئارقىلق باشقىلارغا تەشۋىق قىلىپ ئۇلارنى زامانىۋى،تېز،قۇلايلىق ،تىجەشلىك بولغان ئالاقە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش .يىقىن كەلگۈسىدە سىز ئۆيىڭزدىكى بۇزۇلغان ئېلىكتىر سايمانلىرنى رېمۇنىت دۇككانلىرىغا ئاپىرىشىڭزنىڭ ھاجىتى يوق ،پەقەت سىز ئەلمەدەت ھۈنەرۋەنلەر سالونىدىن ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى رېمۇنىت قىلىدىغان ئۇستامدىن بىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇزۇلغان ئۈسكىنىنىڭ ماركىسىنى ياكى بۇزۇلغان قىسمىنى تېلفۇنىڭىزدا سۈرەتكە تارتىپ ھۈنەرۋەنگە يوللاپ بەرسىڭىزلا بولدى ،ھۈنەرۋەن ئۇستام بازاردىن شۇنىڭغا ماس سايمان،زاپچاسلارنى ئىلىپ كىلىپ بۇزۇلغان نەرسىنى ئوڭشاپ بىرىدۇ.قاچانغىچەزامانىۋى پەن –تىخنىكىغا تايانمايمىز ؟! گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ،سالون باشقۇرۇش كىشىدىن خىلى مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى ،جەمىيەت كۈزىتىش ئىقتىدارى ،كومپىيۇتېر مەشغۇلات سەۋىيەسى،ئازراق بولسىمۇ پىشقان قەلەم قۇۋىتىدىگەندەك بىرمۇنچە نەرسىلەرنى يەنە تىخى ئىشتىن يىنىپ ،كەچلىك تاماقتىن كىيىن سالونغا يازما تەييارلاش ئۈچۈن ئالتۇن ۋاقىتتىن بىر –ئىككى سائەتنى ئاجىرتىشنى،باللارنىڭ تاپشۇرقىىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويوپ سالون بىلەنلا ھەپىلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشكەن . سالون ئارقا بەت يۈزىدىن باشقىلار يوللىغان ئۇچۇرلارنى توپلاپ تۈرگەئايرىپ ،ھۈنەرۋەنلەر ئۇچۇر جەدىۋىلىنى يىڭىلاش ،تور ئارىلاپ سالون ئەھلىگەياقىدىغان ،باشقىلارغا ئۇلاپ يوللاش قىممىتى يۇقرى بىرنەرسىلەرنى توردىن تېپىپ ياكى باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىش .....مانا بۇ ئىشلار راستىنلا ئادەمنىڭ زېھنىنى خورتىدىغان ئىشلار ئىكەن .بەك بىر نىمەتاپالمىغان كۈنلىرى پىشمىغان قەلەملىرىم بىلەن مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ كېتىمەن.ئامال قانچە ،ئومىچى يوق مازاردىن شەيىخ قېچىپتۇ دىگەندەك ياخشى بىر نەرسىلەربولمىسا سالون ئەھلى خۇددى كىنوخانىدا قىزىمايدىغان كىنودىن بىرنى قويسا ئالدى–كەينىگە قارىماي كىنوخانىدىن ئايرىلغاندەك، شۇ سالون يىتىم قالىدىكەن . شۇڭا بۈگۈن بۇ سالون قۇرۇشتىكى مەقسىدىم ھەققىدە بىر نەرسە يىزىۋاتىمەن ،دىمەكچى بولغان گەپ : مۇشۇنداق ئاممىۋى مۇلازىمەت خاراكتىردىكى سالونلارغا دىققەت قىلپ قويساڭلار،ھۈنەرۋەن بولساڭلار سالون كۆرسەتمىسى بويىچە ئختىيارلىق ئاساسىدا ئۇچۇرڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار،زىيارەتچى بولساڭلار باشقىلارغا ئۇلاپ يوللاپ قويوڭلار ياكى دوستلارچەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويوڭلار،سالون ئەزالىرى كۆپەيسە ،ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەن ھۈنەرۋەنلەر سانى ئاشسا چوقوم بىر كۈنى ياخشى بىر ئىجدىمائى ۋە ئىقسادى ئۈنۈم بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. مانا بىز خەلىققە قۇلايلىق بىر ئىش قىلايلى دەپ بۇ سالوننى قۇردۇق ،سىزمۇ باشقىلار بۇ ئىشنى بىلسۇن،پايدىلانسۇن دىسىڭىز ،ئختىيارلىق ئاساسىدا كىچىكىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇيازمىنى باشقىلارغا يوللاپ قويوڭ،بەلكىم مەلۇم بىرەيلەن مۇشۇنداق ئۇچۇرغا بەكرەك ئىھتىياجلىقتۇر. ياخشى ئىش مەخپى قالمىسۇن .
يىڭى سالون ئىزدەش نۇمۇرى:elmedet99 |