قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7917|ئىنكاس: 108

قېرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى كىملەر ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

5

دوست

6373

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 14:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى كىملەر ؟


ئەسلى ئىگىللىرىنى تاشلاپ قويۇپ قىرىمنى روسلار بىلەن ئوكرائىنلار تالىشىۋاتىدۇ.


    قىرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى تاتارلاردۇر .تاتارلارنى بىلىدىغانسىلەر ؟ئۇلار تۈركى مىللەت.
    بۇنداق دىسەم بەزىلەر تاتارلار چىڭگىزخان ئىستىلاسىغا ئەگىشىپ، ئاندىن ھازىرقى زىمىنلىرىغا  بارغان دىيىشى مۇمكىن . توغرا ئۇ دىگەن ئاز كەم مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش ،ئۇنىڭ ئۈستۈگە ئۇ چاغدىكى تاتارلار بىلەن ھازىرقى تاتارلاردا روشەن پەرق بار . چىڭگىزخانغا ئەگشكەن تاتارلار روشەن ھالدا موڭغۇل ئېرىقىغا مەنسۇپ سېرىق تەنلىك  بولسا، بۈگۈنكى تاتارلار پۈتۈنلەي تۈرۈكلەشكەن روشەن ياۋرۇپا ئېرىقىغا مەنسۇپ  بىر ئاق تەنلىك مىللەت .بۇ  ئاز كەم مىڭ يىلدىن بۇيان روسلار بىلەن ،تۈركلەر بىلەن ئۆز ئارا قىز بىرىپ قىز ئېلىشىپ، ئۆز ئارا تويلۇشۇپ قويۇق ئالاقىدە بولغانلىقنىڭ نەتىجسى. ئەگەر ھەممە ئادەم ئاشۇنداق مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى زىمىنلىرىغا قايتىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئىنسانلار ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانسا بۇلۇدۇ.بىر پارچە زىمىندا مىڭ يىل  ئولتۇرۇپمۇ بۇ يەر مىنىڭ دىگىلى بولمىسا كۈلكىلىك بولمامدۇ؟
    تاتارلار بىز بىلەن قان -قېرىنداش ! ئۇلار تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋال جەدىتچىلىك  نى يولغا قويغان (غەرىپچە مائارىپنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان) مىللەت، شۇنداقلا تۇرك دۇنياسىدا غەرپچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىسلام مائارىپى بىلەن غەرپچە مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئەڭ بۇرۇن ھەركەت قىلغان مىللەت.
     بىزگە ،يەنى ئۇيغۇرلارغا غەرپچە مائارىپنى ئەكىرگەنلەر شۇلار .بۇنى بىلمەكچى بولساڭلار شىنجاڭ مائارىپ تارىخىنى كۆرسەڭلار بۇلۇدۇ.
يېقىندىكى گەپنى ئېيتساق، سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ئاتالغان مىللەتلەر بىر بىرنى تالاق قىلىشىپ ئۆي ئايرىپ چىقىشتى. بۇنىڭ بىلەن 15 يېڭى جۇمھۇرىيەت پەيدا بولدى،بىراق تاتارلار ئۆي ئايرىيالمىدى.نىمىشقا شۇنداق بۇلۇدۇ؟
     ( 1 ) تارىختا تاتارلار، روسلارنى 1500- يىلىدىن 1540- يىلىغىىچە 40 يىل تاتار خانلىقىغا قۇشۇۋېلىپ باشقۇرغان . ئەلۋەتتە بېقىندۇرغۇچى مىللەت بېقىنغۇچى مىللەتكە 500 يىلنىڭ ئالدىدا قانداق مۇئامىلىدە بۇلىدىغانلىغى ھەممىزگە ئايان. روسلار بۇ نۇمۇسلۇق تارىخىنى ھەرگىز ئۇنتمىغان، ئۇلار 500 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تاتارلارنى بوش قويۇۋەتمىدى.بىچچارە تاتارلار  مۇشۇ جىنايىتى  تۈپەيلىدىن، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدا بارلىق مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرىلىۋاتسا (ھەتتا نۇپۇسى يۈزمىڭ چىقمايدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ) تاتارلار شۇنچە تەستە  تاتارىستان ئاپتونوم رايونىنى قۇرالىدى.
     ( 2 ) تاتارلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نىمىسلار بىلەن بىرلىشىپ روسلارغا ئوت ئاچقان.تاتارلاربۇ مەزگىلدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،  ئەسلى نىمىسلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، روسلار تەرىپىدىن يوق قىلىنغان ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بولسا كېرەك . بىراق تارىخ پاجىئەنى نىمىسلارنىڭ (گېرمانىيەنىڭ) پىشانىسىگە يازدى .شۇنىڭ بىلەن تاتارلار سىتالىن تەرىپىدىن ۋەتەن خائىنى ،ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلەر سانىلىپ يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قلىندى .شۇنىڭ بىلەن تاتارلارنىڭ ئەسلى زىمىنلىرىدىكى نۇپۇسى شالاڭلاشتى، بۇنىڭ ئورنىنى روسلار ۋە ئوكرائىنلار تولدۇردى.
      بۇ خۇددى دۆلىتىمىزدىكى مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ نەچچە يۈز يىل سەلتەنەت سۈرۈپ بىرەر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭمۇ بولمىغىنىدەك بىر ئىش ...............................................
     بۈگۈنكى كۈندە ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىللىرى تەجرىبىخانىلاردا ساقلىنىدۇ،ھەتتا يوقىلىپ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىللىرىمۇ تېپىلىدۇ.بىراق دۆلىتىمىزدە مۇزېيغا قۇيۇش ئۈچۈن بولسىمۇ بىرەر مانجۇنىڭ جەسىدىمۇ تېپىلمايدۇ......................چۈنكى شەرقى شىمالنى 50 يىل ئاچتۇق ئەمەسمۇ ،(ھازىر بولسا غەربى شىمالنى ئېچىۋاتىمىز).
      تارىختىكى ئاستىراخان خانلىقى ،قازان خانلىقى، قىرىم خانلىقى تاتارلار قۇرغان خانلىقلاردۇر.(ھېچ بولمىسا ئاساسلىق رول تۇتقۇچىلار تاتارلاردۇر)
(ھەممىڭلارغا ئايان سەلتەنەتلىك يۈز يىل فىلىمىدىكى خانىش ھۈررەم قىرىمدىن كەلتۈرۈلگەن).
      يۇقۇرىدا دىگىنىمىزدەك جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندا قىرىم ئوكرائىنانىڭ قولىدا قالدى .ئورنى ئىتايىن مۇھىم بولغان بۇ بىر پارچە زىمىن بۈگۈنكى كۈندە روسلارنىڭ كۆزىنى قىزارتتى.چۈنكى قىرىمغا ئىگە بولغانلىق قارا دېڭىزغا ئىگە بولغانلىق ،بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە روسلارنىڭ قارا نىيەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەركەت بوشلىغى كەڭەيدى دىگەن گەپ ،بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقارا ئىشلاردا ئورنىڭ ئۆستى دىگەن سۆز،بۇ يەنە خەلقارادىكى سىياسى سودىلاردا قولۇڭدا چوڭ بىر كوزىر بار بولدى دىگەن سۆز.دوسلار ئويلاپ بېقىڭلار بۇ يەرنى تارتىۋېلىش ئەرزىمدىكەن ؟ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولمىش تاتارلار بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئاز سانلىق سانىلىدۇ ،شۇڭا ئۇلار لىۋىنى چىشلىمەكتىن باشقا ئامالى يوق.
      ئەگەر روسلارنىڭ قولىدىن مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن مىللەتلەر دىققەت قىلمىسا ،روسلار قولىدىن چىقىپ كېتىپ باشقا بىرەر جۇمھۇرىيەتكە تەۋە بۇلۇپ كەتكەن بىرەر پارچە زىمىننى مۇھىم دەپ قارىسا ،ئەنە ئاشۇنداق تارتىۋالىدۇ . كۆرىۋاتىمىز روسلارنىڭ كۈچى بارا - بارا ئەسلىگە كىلىۋاتىدۇ .چۈنكى يېڭى مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە نۇپۇسنىڭ مەلۇم سانىنى روسلار تەشكىل قىلىدۇ.ئۇلارمۇ نامايىش قىلىش،ۋە كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىپ بىز روسىيەگە قوشىلىمىز دىسە، خۇددى ھازىرقىدەك كىم نىمە دىيەلەيدۇ .ھەتتە بىزدەك ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇنبەردە ئىنكاس يېزىپ ئامېرىكا،ياۋرۇپا نىمە ئىش قىلىدۇ بۇ ئىشقا ئارلىشىپ دىگەندەك.مەنچە بولسا روسلار قىرىمدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك چۈنكى بۇ يەردىكى ئاتالمىش نۇپۇسنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغۇچى روسلار سۈنئى پەيدا قىلىنغان ،بۇلۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان تەشكىللىك پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتنىڭ نەتىجىسى.
مەن ئومۇمى جەھەتتىن بايان قىلىپ قويدۇم ،دوسلار ئىزدەنمەكچى بولسا بۇ توغرىدا ماتىرياللار تۇلۇق.

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 15:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئىگىلىرى تاتارلارما؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

11

دوست

3875

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1222
توردىكى ۋاقتى: 483
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 15:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي...قىرىنداشلىرمىز شۇ چوشقىلارغا قالارمۇ ئەمدى؟
     ....شۇنداق بىر كۇنلەر كىلەر ئاللاھ خالىسا..

0

تېما

7

دوست

4095

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 15:47:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روس چوشقىلىرى ئۇمۇمى خەلق ئاۋازغا قۇيۇش دىگەننى كۈتۈرۈپ چىقىپ ئاخىرى قىرىمنى يۇتىۋالدى، خەلقئارا قائىدە نىزاملارغا ئۇچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلدى. قىرىمدىكى بىچارە تاتارلار يەنە ئەشەددى دۈشمىنىنىڭ قولىغا قالدى.
ئويلاپ قالدىم: روسلار قىرىم خەلقىنىڭ ئۇمۇمى خەلق ئاۋازغا قۇيۇش ئۇسۇلىنى بار كۈچى بىلەن قوللىدى ۋە ئاقلىدى. ئۇنداقتا روسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان ۋە داغىستان قاتارلىق جۇمھۇريەتلەرمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەيمىز دىسە بۇلار نىمە دەر؟

0

تېما

0

دوست

457

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22420
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 15:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئىگىسى ئەلۋەتتە تاتارلاردۇر. رۇسلارنى قىرىمدىن سۈرۈپ چىقىرۋېتىش كېرەك.

56

تېما

4

دوست

9920

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 2092
توردىكى ۋاقتى: 2157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 15:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27195
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 15:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى تاتارلاردۇر .

1

تېما

2

دوست

1455

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 16:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتار قىرىنداشلىرمىزنىڭ ئازابىنى پەقەت قىرىنداشلىرى بۇلۇدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )