قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tadlax

ياخشىلىق ۋە تۆت تادۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26544
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 01:14:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قېرىندىىشىم . ياخشى تەتقىقات  ئىكەن . تەتقىقات مەزمۇننى ئالدىرماي تېخىمۇ  چۈشۈنۈشلىك يازسىڭىز بوپتىكەن. يازغىنىڭىز ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى مەزمۇن ئىكەن .مەخمۇت قەشقىرىدەك ئالىملارمۇ سىزدەك ئادەم ئىدى .

1

تېما

1

دوست

1527

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22356
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 480
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 04:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ ئىنساندىكى نەپىس ۋە ئۇنىڭدا سۈزۈكلۈك يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا ئازراق ئىزدەنگەن ئىدىم. ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ھاياجىنىم تۇتۇپ يوللاپ قويدۇم. ناۋادا مۇنبەردىكىلەر قوللاپلا قالسا ھەممىنى باسقۇچقا بۆلۈپ يوللايمەن.... ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ھېچقانداق سىياسىي ياكى ئېقىم مەسىلىرى توغرىسىدا گەپ يوق. پەقەت روھ ۋە نەپسنى پاكلاش ھەققىدىلا توختىلىدۇ...


ئاسىيلار دائىم شەيتان چاڭگىلىدا، شەھۋەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەر كونتروللىقىدا ياشايدۇ. دېمەك ئۇ، باغلانغان تۇتقۇندۇر. ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغاندىنمۇ ئېغىر كۈندە ياشايدىغان تۇتقۇن بولمىسا كېرەك! ھاۋايى-ھەۋەسلەر تۈرمىسىدىنمۇ تارراق كامىر بولمىسا كېرەك! شەھۋەت ئىشكەللىرىدىنمۇ بەكرەك قىينايدىغان ئىشكەل بولمىسا كېرەك! ئەسىر ئېلىنغان، تۈرمىگە قامالغان، ئىشكەللەنگەن قەلب قانداقمۇ ئاللاھ تەرىپىگە، ئاخىرەت تەرىپىگە يۈزلىنەلىسۇن! بۇنداق قاتمۇ-قات ئىشكەل، قاتمۇ-قات باغلاقتا تۇرغانلارنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىيالىشى مۇمكىنمۇ!؟
ئىنساننىڭ قەلبى ئىشكەللىنىپ، قامال قىلىنغانسېرى ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپلەردىن خىلمۇ-خىل ئاپەتلەر يوپۇرۇلۇپ كەلگىلى تۇرىدۇ. قەلبلەر ئۇچارلىقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇچارلىقلار قانچىكى ئىگىز ئۇچقانسېرى خەتەرلەردىن شۇنچە يېراق بولىدۇ. قانچىكى پەس ئۇچقانسېرى قاپقانلارغا چۈشۈپ قېلىشى، خىلمۇ-خىل بالايى-ئاپەتلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شەيتان ئىنساننىڭ بۆرىسى.»  
پادىچىسى بولمىغان قوي بۆرىگە دۇچ كەلسە، تىزلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدەك بىر ئادەمگە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھاپىزەتچى بولمايدىكەن ئۇنى شەيتاننىڭ ئوۋلىشى شەكسىزدۇر. تەقۋادارلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مۇھاپىزىتىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. تەقۋادارلىق ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ بۆرىسى (شەيتىنى) ئارىسىدىكى قورغاندۇر. تەقۋادارلىق ئىنسان بىلەن دۇنيا ئازابلىرى ئارىسىدىكى قورغاندۇر. ئۇ ئىنسان بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئازابلىرى ئارىسىدىكى قالقاندۇر. قوي پادىچىغا يىقىنراق تۇرسا يىرتقۇچتىن ساقلىنىپ قېلىشقا پايدىسى بار. پادىچىغا قانچە يىراق تۇرسا ھالاكەتكە شۇنچە يىقىن تۇرغان بولىدۇ. بۆرىمۇ پادىدىن ئايرىلغان قوينى ئوۋلايدۇ.
دېمەك، قەلىب ئاللاھتىن قانچە يېراقلاشسا، ئۇ ناھايىتى تىزلا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئاللاھقا قانچە يىقىن بولسا ھالاكەتتىن شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئاللاھتىن يىراقلىشىشمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بەزىلەر بەك يىراقلىشىدۇ، بەزىلەر بوشراق يىراقلىشىدۇ. غاپىللىق قەلبنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر غاپىللىقتىنمۇ بەكرەك يىراقلاشتۇرىدۇ. بىدئەت گۇناھ-مەئسىيەتلەردىنمۇ بەكرەك يىراقلاشتۇرىدۇ. مۇناپىقلىق ۋە مۇشرىكلىق يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدىن بەكرەك يىراقلاشتۇرىدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىكى ۋە ئىنسانلار ئالدىدىكى ئىززەت-ئابرۇيىنى چۈشۈرۈۋىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئالدىدا ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە ئەڭ مۇناسىپ ئادەملەر ئەڭ تەقۋادار، ئاللاھقا ئەڭ يىقىن تۇرغان، ئاللاھقا ئەڭ بەك ئىتائەت قىلغان ئادەملەردۇر. بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى ئۇنىڭ ئاللاھقا قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرى ۋە تەقۋادارلىقىغا قارىتا بولىدۇ. ناۋادا بەندە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بەندىلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىۋىتىدۇ. ناۋادا بىر ئادەم ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان كىشىلەردىن ئۆزىگە تېگىشلىك ھۆرمەتكە، ئىززەتكە ئىرىشەلمىسە، باشقىلار ئۇنىڭغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمىسا، بۇنىڭدىنمۇ خار، بۇنىڭدىنمۇ بىچارە ھايات بولامدۇ؟! بۇنداق ئادەملەر نامسىز، قەدىرسىز، ھالسىز ھالەتتە ياشايدۇ-دە، ھاياتتا ھېچقانداق خۇشاللىقى، ھۆرمىتى بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، تىلغا ئېلىنماسلىق، قەدىرسىزلىك، ئابرويسىزلىق بارلىق غەم-قايغۇ، ھەسرەت-نادامەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ لەززىتىگە قارىغاندا ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان نادامەتلىرى، ئەلەملىرى نېمىدېگەن ئېغىر-ھە!
پۈتۈن ئالەم خەلقنىڭ تىللىرىدا داستانغا ئايلىنىش، قەدىر-قىممەتكە سازاۋەر بولۇش، ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە مۇشەررەپ بولۇش ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېئمەتلەردىندۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى باشقىلارغا نىسىپ بولمىغان ھۆرمەت، قەدىر-قىممەت، ئابرويلارغا ئىگە قىلغان ۋە ئۇلارنى تىللاردا داستان قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن. ئۇلارنى بىز پاك-خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق.»
ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نامىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كېيىنكىلەر ئىچىدە تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان قەدىر-قىممەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشتۈرۈشنى تېلەپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن.»
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق.»
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق.»
ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرگە قانچىكى ئەگەشكەنسېرى، ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان شەرەپ، ھۆرمەتلەردىن نېسىۋىدار بولىدۇ. شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدىن قانچە يېراقلاشقانسېرى، ئۇلارغا قانچىكى قارشىلىق قىلغانسېرى شەرەپ، ھۆرمەت، قەدىر-قىممەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.


ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئوخشىمىغان ئىككى كۈچنىڭ ئېلىشىشى

قاراپ باقىدىغان بولساق، ئىچىمىزدە ئۆزئارا قارشى ئىككى قوشۇننىڭ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىككى ئەسكەرنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بىر نۆۋەت بىز يىقىتساق يەنە بىر نۆۋەت بىزنىڭ رەقىبىمىز يىقىتىدۇ.
كاپىرلانىڭ شاھى شەيتان ئۆزىنىڭ يانتاياقچىلىرىنى ۋە قۇيرۇقچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، قەلبنىڭ تولۇق قوغدىنىپ مەملىكىتىنىڭ كۇرسىسىدا ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ياردەمچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ئاتاكىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شەيتان بۇ قەلبكە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يېقىن كىشىلىرى كىم؟ دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئەسكىرى نەپىس دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. شەيتان چاپارمەنلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: نەپىسنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ نېمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى تەقلەپ بېرىڭلار! خاھ ئويغاق، خاھ ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىدا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغان قىلىۋېتىڭلار! بۇ خىل ھالەتكە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى شەھۋەت قارماقلىرى ۋە كانارىلىرىغا ئېلىپ سۆرەپ كېلىڭلار! ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگەللەپ ئۆزۈڭلەرگە ئەگەشتۈرۈپ بولساڭلار ئۇلارنىڭ كۆز، قۇلاق، تىل، ئېغىز ۋە پۇت-قوللىرى سىلەرگە ئەگەشتى دېگەن گەپ. سىلەر بۇ چېگرالارنى ياخشى مۇداپىئە قىلىڭلار! سىلەر بۇ چېگرالار ئارقىلىق قەلبكە كىرەلىسەڭلار قەلبنى ئۆلتۈرەلەيسىلەر ياكى ئەسىرگە ئالالايسىلەر ياكى ئېغىر يارىدار قىلالايسىلەر. بۇ چېگرالاردىكى پوستنى بوشاشتۇرۇپ قويماڭلار. بولمىسا ئۇ يەردىن باشقا قوشۇنلار كىرىۋېلىپ، سىلەرنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ناۋادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىساڭلار، قارشى سەپنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تېرىشىڭلار. ئۇلار ھەرگىزمۇ قەلبنى كونترول قىلىۋالمىسۇن. ناۋادا قەلبكە كىرىۋالدى دېگەن تەقدىردىمۇ كۈچى ئاجىز ھالەتتە كىرسۇنكى، قەلبكە تەسىر كۆرسىتەلمىسۇن!

كۆز چېگراسى
ئىبلىس ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ناۋادا يۇقىرىقى چېگرالارنى قامال قىلىپ بولساڭلار، كۆزلەرنى شەيئىلەرگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىغىلى قويماڭلار. كۆزلىرىنى نېمىگە قارىسا تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن مەقسىتىدە قارايدىغان قىلىۋېتىڭلار! ناۋادا كۆزلەر شەيئىلەرگە ئىبرەت كۆزى بىلەن قاراپ قالسا، ئۇنى دەرھال بۇزۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن، تولىمۇ سۆيۈملۈك، تولىمۇ قولاي بولغان غەپلەت، شەھۋەت، كۆڭۈل ئېچىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان قىلىۋېتىڭلار. كۆزلەرنىڭ چېگرالىرىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىڭلار. بىز مەقسىتىمىزگە كۆزلەر ئارقىلىق يېتەلەيمىز. مەن ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا، بۇزۇشتا كۆزدىن ئۈنۈملۈكرەك ۋاستە بار دەپ قارىمايمەن. مەن قەلبلەرگە شەھۋەت ئۇرۇقلىرىنى تىكىپ قويىمەن. ئۇ ئۇرۇقلارنى ئارزۇ-ئارمان سۇلىرى بىلەن سۇغىرىمەن. ھەمىشە ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ناھايىتى كۈچەيتىۋېتىمەن. ئۇنى شەھۋەت تىزگىنىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ پاكلىقىدىن ۋاز كەچكۈزىمەن. بۇ چېگرانى قوغداشقا قەتئىي سەل قارىماڭلار! قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئۇنى بۇزۇۋېتىڭلار. قەلبنى چېگرا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، پەرۋاسىز قىلىۋېتىڭلار. كۆزلەرگە «شەيئىلەرگە قانچە قارىغانسېرىڭ، ياراتقۇچىغا شۇنچە كۆپ تەسبىھ ئېيتالايسەن. ئۇنىڭ يارىتىشتىكى ئاجايىباتلىرى ھەققىدە ئويلىنالايسەن. بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئاللاھنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە يارىتىلغان. ئاللاھ كۆزلەرنى بىكارغا ياراتمىغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر قارىماسلىق ئۈچۈن يارىتىلمىغان» دەپ پىچىرلاڭلار. ناۋادا يۇقىرىقى باسقۇچتا بىلىمسىز، چولتا ئەقىل كىشىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالسىاڭلار ئۇلارغا يەنە «بۇ كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەت كۆرۈنۈشلىرى ياكى ھەقنىڭ جۇلاسى» دېگىلى تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى «ئىتتىھاد» قارىشىغا قايىل بولۇشقا چاقىرىڭلار. ناۋادا بۇ قاراشنى قوبۇل قىلمىسا، ھېچبولمىغاندا «ھۇلۇل» قارىشىغا قايىل قىلىڭلار. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن ئۇنى يۇقىرىقى قاراشلار ئارقىلىق ناسارالار سېپىگە ئەكىرىپ قويۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى ئىپپەتلىك بولۇش، ئۆزىنى ساقلاش، ئابدلىق ۋە زاھىتلىققا چاقىرىڭلار. ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ نادانلارنى ئوۋلاڭلار. بۇ ئادەملەر مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزباسارلىرىم ۋە بۈيۈك قوشۇنلىرىمدۇر. بەلكى تېخى مەن ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە ياردەمچىلىرىدىن بولىمەن.

قۇلاق چېگراسى
ئىبلىس ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قۇلاق چېگرىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قامال قىلىپ، ئىشلىرىڭلارنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى قەتئىي كىرگۈزمەڭلار. قۇلاقلاردىن پەقەت نەپسكە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان، شېرىن تۇيۇلىدىغان، قولايلىق دەر قارىلىدىغان باتىللا كىرسۇن. باتىل پىكىر ۋە باتىل گەپ-سۆزلەرگە ناھايىتى تاڭسۇق، جەلىبكار، ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان سۆزلەرنى تاللاپ بېرىڭلار ۋە ئۇ گەپلەرنى كۆڭۈلگە ناھايىتى يېقىشلىق نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرۇڭلار.
ئۇلارغا شۇنداق گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن بۇ گەپلەرگە مايىللىق كۆرۈلسە، دەرھال شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى تۆككىلى تۇرۇڭلار. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بايقىساڭلار ئۇلارنىمۇ شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان قىلىپ قويۇڭلار. بۇ چېگرانى ناھايىتى ياخشى مۇداپىئە قىلىڭلار! ئۇنىڭدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كالامى ياكى باشقا نەسىھەتچىلەرنىڭ سۆزلىرى ئۆتۈپ قالمىسۇن! ناۋادا بۇ چېگرادىن يۇقىرىقى كالام ياكى گەپ-سۆزلەر ئۆتۈپ قېلىپ، سىلەر ئۇتۇققا ئىرىشەلمىسەڭلار، قارشى گەپلەرنى قېلىش ئارقىلىق ياكى ئۇلار ئاڭلاپ قالغان ھەق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ قارىشىدا ھەيۋەتلىك، ئادەتتىن تاشقىرى مۇقەددەس كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ سۆزلەرنى توغرا چۈشەنگىلى، تەپەككۇر قىلغىلى، بۇ كالام ۋە گەپ-سۆزلەر توغرىسىدا ئويلانغىلى، ئۇنىڭدىن نەسىھەت قوبۇل قىلغىلى قويماڭلار. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كالاملىرى ياكى نەسىھەتچىلەرنىڭ ھەق سۆزلىرىنى ھەيۋەتلىك، ئادەتتىن تاشقىرى مۇقەددەس كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ھەق كالاملار ئوتتۇرىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلار بۇ كالاملارنى چۈشىنىش ئۆزىگە نېسىپ بولمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللار كار قىلمىسا، يۇقىرىقى گەپ-سۆزلەرنى تولىمۇ ئادەتتىكىچە، ئەرزىمەس قىلىپ كۆرسىتىڭلار ۋە ئۇلارنى ھەممە ئادەم مۇھىم ۋە چوڭ دەپ قارايدىغان ۋە باشقىلارغا يوچۇن بىلىنىدىغان، بازارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكتەك؛ ھەقىقەت ئاقمايدىغاندەك، ھەقىقەت تەرىپىدە تۇرىدىغانلار نۇرغۇن قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغاندەك؛ ھەقىقى پايدا ئالىمەن دېگەنلەر ھەقىقەتنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ تۇرۇشى كېرەكتەك تۇيغۇلارغا كەلتۈرۈپ قويۇڭلار-دە، ئۇلارغا باتىلنى قوبۇل قىلالايدىغان، يەڭگىل شەكىلدە تاشلاپ بېرىپ، ھەقىقەتنى يامان كۆرسىتىپ، ئېغىر بىلىندۈرۈپ تۇرۇپ تارتىپ چىقىڭلار!
بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادىمىي شەيتاندىن ئىبارەت ئاكا-ئۇكىلىرىغا قاراپ باقايلى. ئۇلار ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى ئارتۇق ئىش، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلىق، كىشىلەر ئىچىدە پىتنە پەيدا قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چولتا ئەقىل، كالتە پەم كىشىلەرگە ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان، كۆڭلىگە ياقىدىغان سۆزلەرنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. بۇلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر-بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ.»  ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئايەتتە ئۇلارنىڭ باتىل گەپلىرىنى شېرىن سۆز دەپ ئاتىدى. چۈنكى باتىل تەرەپتىكىلەر قولىدىن كېلىشىچە گەپنى ياساپ، يېقىشىلىق قىلغىلى تۇرىدۇ-دە، تەنتەك ئادەملەر بۇ گەپلەر ئارقىلىق ئالدىنىپ قالىدۇ.
خۇلاسىكالام، شۈبھىسىزكى شەيتان قۇلاق چېگرالىرىنى قامال قىلىپ، ئۇنىڭدىن بەندىگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى توسۇپ قالىدۇ. ناۋادا ئەھمىيەتلىك گەپ-سۆزلەر كىرىپ قالدى دېگەن تەقدىردىمۇ شەيتان ۋە ئادىمىي شەيتانلار ئۇنى ئۆز پېتىچە ئەمەس بەلكى بۇزۇپ چۈشەندۈرىدۇ.

تىل چېگراسى
ئىبلىس ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي بۇرادەرلەر، ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى ياخشى قامال قىلىڭلار. ئۇ ناھايىتى مۇھىم چېگرادۇر. ئۇ ئىنساننىڭ باشقا ئەزالىرىغا نىسبەتەن شاھلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. تىللارنى پايدىسىز قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئەمەك قىلىڭلار. ئاللاھنى ئەسلەش، ئىستىغپار ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش، مەنپەئەتلىك ئىلىم يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت پايدىلىق ئىشلارغا كەلگەندە ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇڭلار! سىلەر تىل چېگرالىرى ياخشى قامال قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى مۇھىم ئىككى نەتىجىگە ئىرىشەلەيسىلەر. بۇ ئىككى نەتىجىنىڭ قايسى بىرىگە ئىرىشسەڭلار سىلەر يەنە زور ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولىسىلەر.
بىرىنچى: باتىل گەپلەرنى دېگىلى سالالايسىلەر. ئۇ باتىل گەپ قىلغان ھامان سىلەرنىڭ بۇرادىرىڭلارغا، سىلەرنىڭ ئەسكىرىڭلارغا، سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلارغا ئايلىنىدۇ.
ئىككىنچى: ھەقىقەتتىن سۈكۈت قىلدۇرالايسىلەر. گويا بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر سۆزلەش ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇرادىرىڭلارغا ئايلانغاندەك، ھەقىقەتتىن سۈكۈت قىلغان ئادەممۇ سىلەرنىڭ گاچا بۇرادىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ. تېخى ئىككىنچى خىلدىكىلەرنىڭ پايدىسى بىرىنچى خىلىدىكىلەردىن زور ۋە ئۈنۈملۈكرەك بولىدۇ. بىر نەسىھەتچنىڭ «باتىلنى سۆزلىگەن تىللىق شەيتان، ھەقتىن سۈكۈت قىلغان تىلسىز شەيتان» دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭلار؟!
تىل چېگراسىنى ناھايىتى ياخشى قوغداڭلار! بۇ يوچۇقتا بار كۈچۈڭلار بىلەن پوستتا تۇرۇپ، ئۇنى مۇستەھكەم قامال قىلىڭلار! ئۇ ھەقنى سۆزلەپ قالمىسۇن، باتىلدىن توختاپ قالمىسۇن! باتىل سۆزلەرنى ۋە ئۇ سۆزلەرنى قىلىشنى بار كۈچۈڭلەر بىلەن چىرايلىق كۆرسىتىڭلار. ھەق سۆزدىن ۋە ئۇنى سۆزلەشتىن ھەرخىل ئاماللار بىلەن قورقۇتۇڭلار.
ئىي بالىلىرىم! شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، تىلى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولغان. تىل تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئادەم دوزاخلارغا مەھكۇم بولغان. مەن قانچىلىغان ئادەملەرنى تىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە، ئەسىرلىككە، يارىدارلىققا مەھكۇم قىلغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟!
ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئى بالىلىرىم! مەن سىلەرگە بىر ۋەسىيەت قىلاي، ئۇنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار. بىرىڭلار ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان بۇرادىرىڭلارنىڭ تىلىدا سۆزلەڭلار. يەنە بىرىڭلار ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىسى قىياپىتىدە تۇرۇپ سۆزلەڭلار. سۆزلىگەندە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ قايىل قىلارلىق سۆزلەرنى تاللاپ سۆزلەڭلار. ئۇنى ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان بۇرادىرىڭلارغا ئۆگىتىپ قويۇڭلار. سىلەر ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئادىمىي شەيتانلارغا ياردەم بېرىڭلار. ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئادەملەر قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يوللىرىغا چازا قۇرۇڭلار. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا نېمىدەپ قەسەم قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭلار ھەقىچان؟! مەن مۇنداق قەسەم قىلغان: «سېنڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكرى قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن.»
ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي پەرزەنتلىرىم، قاراپ بېقىڭلار! مەن ئىنسانلارنىڭ يوللىرىنى قانداق قامال قىلدىم. ئۇلار مەن قامال قىلغان يولدىن باشقا يوللاردىن ئۆتىمەنلا دەيدىكەن، مەن ئۇ يوللارنىمۇ قامال قىلىمەن. ھەتتاكى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن بولسىمۇ مەقسىتىمگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنساننىڭ بارلىق يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئۇنى ئىسلامدىن توسۇپ «سەن ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئەجدادلىرىڭنىڭ دىنىنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولامسەن؟!» دېگىلى تۇرىدۇ. ئۇ ئادەم شەيتاننىڭ گېپىنى ئاڭلىماي مۇسۇلمان بولۇۋېرىدۇ. ئاندىن شەيتان ئۇنىڭ ھىجرەت يولىنى توسۇپ «زېمىنلىرىڭنى تاشلاپ ھىجرەت قىلامسەن؟!» دېگىلى تۇرىدۇ. ئۇ ئادەم شەيتاننىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ھىجرەت قىلىۋېرىدۇ. ئاندىن شەيتان ئۇنىڭ جىھاد يولىنى توسۇپ: «جىھاد قىلامسەن، سەن جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ، ماللىرىڭنى باشقىلار بۆلۈشىدۇ، خوتۇنۇڭنى باشقىلار ئالىدۇ؟!» دېگىلى تۇرىدۇ.»  
ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي بالىلىرىم، سىلەر بارلىق ياخشىلىق يوللىرىنى قامال قىلىڭلار! بىرەر ئادەم سەدىقە قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئالدىنى توراپ، دىلىغا «ماللىرىڭنى مۇشۇنداق چىقىم قىلىۋەرسەڭ مۇشۇ سائىلغا ئوخشاش بولۇپ قالىسەن» دەپ ۋەسۋە قىلىڭلار! سىلەر مېنىڭ سەدىقە سورالغان بىر ئادەمنىڭ تىلىغا «بۇ دېگەن بىزنىڭ مال، بۇنى سىلەرگە بېرىۋەتسەك، سىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟!» دېگەن گەپنى تاشلاپ قويغانلىقىمنى ئاڭلىمىغانمۇ؟!
ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي بالىلىرىم، ھەج يوللىرىنى قامال قىلىڭلار! كىشىلەرگە «ھەج يولى تولىمۇ خەۋپلىك، جاپالىق يول، بۇ يولغا ماڭغۇچىلار ئۆزىنى ۋە مېلىنى تۈگەشتۈرىدۇ» دەپ ۋەسۋەسە قىلىڭلار.
شۇنىڭدەك بارلىق ياخشىلىق يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئۇلارنى ئۈركىتىپ، ئۇ يولنىڭ قېيىنچىلىق ۋە ئاپەتلىرىنى ئەسلىتىڭلار. ئاندىن كېيىن گۇناھ-مەئسىيەت يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئۇ يوللارنى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكىلىى تۇرۇڭلار. دىللىرىغا گۈزەل ھېس قىلدۇرۇڭلار. بۇ جەھەتتە ئاياللاردىن ياخشى پايدىلىنىڭلار، ئۇلارنى ياردەمچى قىلىڭلار. ئاياللار ئارقىلىق كىشىلەرنى ئازدۇرۇڭلار. ئاياللار سىلەرگە تولىمۇ ياخشى ھەمكاردۇر.
ئاندىن كېيىن قول ۋە پۇت چېگرالىرىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىڭلار. ئۇلارنى سىلەرگە زىيانلىق ئىش-ھەرىكەتلەردە بولغىلى قويماڭلار.

يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس
ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىي پەرزەنتلىرىم، بىلىڭلاركى بۇ چېگرالارنى قوغداشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىڭلار يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپستۇر. سىلەر ئۇ نەپس بىلەن ياردەملىشىڭلار. مەدەت بېرىشىڭلار. يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئارام تاپقان نەپسلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئارام تاپقان نەپسنى سۇندۇرۇش ۋە كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن تېرىشىڭلار. بۇنىڭ بىردىنبىر يولى ئارام تاپقۇچى نەپسنىڭ ئوزۇقلۇق يولىنى كېسىپ تاشلاشتۇر. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق يولى كېسىپ تاشلىنىپ، يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس كۈچەيسە ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى سىلەرگە بوي سۇنغىلى تۇرسا قەلبنى قورغىنىدىن چىقىشنى تەلەپ قىلىڭلار-دە، دەرھاللا ئۇنى مەملىكىتىن چەتلەشتۈرۈڭلار. ئۇنىڭ ئورنىغا يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپسنى ھۆكۈمران قىلىپ قويۇڭلار. يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس پەقەت سىلەر خالايدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايدۇ. سىلەر كۆرسەتمە بەرگەن ئىشلاردا سىلەرگە قەتئىي خىلاپلىق قىلمايدۇ. بەلكى سىلەر بىر ئىشقا بۇيرۇساڭلار دەرھاللا ئۇنى بىجا كەلتۈرىدۇ. ناۋادا قەلب بىلەن يامانلىققا تەلپۈنگۈچى نەپس ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، سىلەر ئۇنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن نەپس بىلەن قەلب ئارىسىنى نىكاھلاپ قويۇڭلار ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىڭلار. قەلبگە يامانلىققا تەلپۈنگۈچى نەپسنى يېڭى توي قىلغانلاردەك ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرسىتىڭلار. ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: ھازىرغىچە ئۇرۇشنىڭ دەردىنى تارتقاندەك، نەيزە-قېلىچنىڭ تەمىنى تىتقاندەك ۋىسالنىڭ تەمىنى تىتىڭلار. يېڭى توينىڭ پەيزىنى سۈرۈڭلار. نەپس بىلەن قەلىب ئارىسىدىكى مەسلىنى بۇ ئۇرۇش ۋە جەڭگى-جىدەللەرگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار. جەڭگى-جىدەلنى ئاخىرلاشتۇرۇڭلار. ئۇرۇش دېگەن بىر كۈندە تۈگىمەيدۇ. بۇ جەڭگى-جىدەللەر ئۆلگىچە داۋاملىشىدۇ. ئىزچىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق كۈچلىرىڭلار ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.»
ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى بۈيۈك قوشۇن بار. ناۋادا بۇ قوشۇنلار بىلەن بىر سەپ بولالىساڭلار سىلەر مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايسىلەر.»
بىرىنچى: غەپلەت قوشۇنى. سىلەر پۈتۈن چارە-ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ ئادەم بالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئاللاھتىن، ئاخىرەتتىن غاپىل قالدۇرۇڭلار. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بۇ قوشۇندىنمۇ پايدىلىنىشتىنمۇ ئۈنۈملۈك يول يوق. قەلىپ ئاللاھتىن غاپىل بولسا، ئۇنى پۈتۈنلەي ئىگەللىيەلەيسىلەر ۋە ئازدۇرالايسىلەر.
ئىككىنچى: شەھۋەت قوشۇنى. شەھۋەتنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ياساپ كۆرسىتىڭلار ۋە كۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىڭلار. سىلەر غەپلەت ۋە شەھۋەت قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا بۇ ئىككى قوشۇندىن ياخشىراق ھەمكار بولمايدۇ. غەپلەت ۋە شەھۋەتنى ئۆزئارا ياردەملەشتۈرۈڭلار ۋە بۇ ئىككى غاپىلنى بىرلەشتۈرۈپ ئاللاھنى ئەسلەيدىغان نەپسكە قارشى ھەرىكەت قىلىڭلار. بۇ نەپس ئۆزى يالغۇز غەپلەتكە بېرىلگەن نەپس ۋە ئۇنىڭ شەيتىنى، شەھۋەتكە بېرىلگەن نەپس ۋە ئۇنىڭ شەيتىنى، شەيتانغا ئەگەشكەن ئاللاھنى ئەسلىگۈچى نەپىس قاتارلىق بەش نەرسىگە قارشى تۇرالمايدۇ. ناۋادا بىر توپ كىشىلەر يىغىلىپ ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى، چەكلىمىرىنى ۋە دىنىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە زىيان سالماقچى بولسا، سىلەر ئۇلارغا قارشى تۇرالماي قالساڭلار دەرھال بىكار-تەلەت ئادىمىي شەيتانلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارغا يىقىنلاشتۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىڭلار.
ئومۇمەتەن قىلىپ ئېيتقاندا، سىلەر بارلىق ئىشلارغا ئۆزىگە تېگىشلىك ئادەملەرنى تەيىنلەڭلار. مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئادىمىي شەيتانلارنى ھەمكارلاشتۇرۇپ ۋە ياردەمگە چاقىرىپ، ئىنساننىڭ شەھۋەت ۋە ئىرادە يوللىرىدىن ھۇجۇم قىلىڭلار. ئاللاھ ئۇلارنى بەرداشلىق بېرىشكە ۋە سىلەر بىلەن كۆرەش قىلىشقا، چېگرالارنى مۇستەھكەملەپ سىلەرنىڭ كىرىۋېلىشىڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان بولسا، سىلەرمۇ بەرداشلىق بىرىڭلار ۋە ئۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى قامال قىلىش ئۈچۈن تېرىشىڭلار. ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ۋە شەھۋىتى قوزغالغاندا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇلارنى مەغلۇب قىلىڭلار. ئىنسانلارنى ئوۋلاشتا، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتا غەزەبلىنىش ۋە شەھۋەتتىنمۇ قىممەتلىك يەمچۈك يوق.
شۇنى بىلىڭلاركى، ئىنسانلار ئىچىدە شەھۋىتىگە قۇل بولغان، ئەمما ئاچچىقى ئانچە يامان ئەمەس ئادەملەر بار. بۇلارنى ئازدۇرۇشتا ئۇلارنىڭ شەھۋىتىنى ئاساس قىلىش ۋە ئاچچىقلىنىش يوللىرىنى داغداملاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئاچچىقى يامان ئەمما شەھۋىتى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ئادەملەرمۇ بار. ئۇلارنى ئازدۇرۇشتا شەھۋىتى بىلەن تولا ھەپىلەشمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ئەمما شەھۋەت چېگرالىرىنى بىكار تاشلاپ قويماسلىق كېرەك. ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ئادەملەر ئەلۋەتتە شەھۋىتىنىمۇ كونترول قىلالمايدۇ. سىلەر ئۇلاردىكى شەھۋەت ۋە غەزەپ يوللىرىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ، غەزەبنى تۇتقا قىلىپ شەھۋەتكە، شەھۋەتنى تۇتقا قىلىپ غەزەبكە ئۈندىيەلەيسىلەر...
شۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلاركى، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا شەھۋەت ۋە غەزەب ئىنتايىن مۇھىم ئەگڭۈشتەر. ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم شەھۋىتىنى دەپ جەننەتتىن چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن. قان تۆكۈشكەن، مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشكەن.
بىلىڭلاركى، غەزەب ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بىر تال چوغقا ئوخشايدۇ. شەھۋەت ئىنساننىڭ قەلبىدىن بىخلىنىدۇ. سۇ چوغنى ئۆچىرىدۇ. يەنى تاھارەت، ناماز، زىكىر-تەسبىھلەر قەلبتىكى غەزەپ چوغلىرىنى ئۆچۈرىدۇ. سىلەر ھوشيار تۇرۇڭلاركى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاچچىقى كەلگەندە، شەھۋىتى قوزغالغاندا تاھارەت ئېلىپ قالمىسۇن، ناماز ئۆتەپ قالمىسۇن. ناۋادا ئۇ ئىشلارنى قىلىپ قالسا ئۇلارنىڭ غەزەپ ئۇچقۇنلىرى ۋە شەھۋەتلىرى ئۆچۈپ قالىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرى ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، غەزەپ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بىر تال چوغدۇر. قاراپ بېقىڭلار، ئىنسان ئاچچىقلانغاندا كۆزلىرى قىزىرىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟! كىمكى مۇشۇنداق ھالەتكە كېلىپ قالسا دەرھال تاھارەت ئالسۇن!»
پەيغەمبىرى ئۇلارغا «ئوتنى سۇ ئۆچۈرىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا «شەيتانلارغا سەبىر ۋە ناماز بىلەن قارشى تۇرۇڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. سىلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ شەھۋىتىنى ۋە غەزىپىنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار. ئىنسانلارنى مەغلۇپ قىلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئۆتكۈر قورال غەپلەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشتۇر.
ئىنسانلارنىڭ سىلەردىن قوغدىنىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ۋە مۇستەھكەم قورغىنى ئاللاھنى ئەسلەشتۇر ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ھاي بېرىشتۇر. بىراۋنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭ ئۆزىگىغۇ يىقىنلاشماڭلار، سايىسىدىنمۇ يىراق قېچىڭلار.
دېمەك، گۇناھ-مەئسىيەتلەر قورال ۋە مەدەتتۇركى، ئىنسان ئۇ قوراللار ۋە مەدەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنى ئۆزىگە قارشى كۈچەيتىپ قويىدۇ ۋە مەدەت بېرىپ قويىدۇ. شەيتاندىن ئىبارەت دۈشمەن ئىنساننىڭ ئۆز قورالى ئارقىلىق ئۇنى ھالاك قىلىدۇ. ئىنسان گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى شەيتان بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكتۇر.
نادانلار ئۆزىگە سالغان زىياننى،
دۈشمەنمۇ ئۇنچىلىك سالالماس ئۇنى.

ئۆزىگە شەرەپ، ئىپتىخار، ئەڭ بۈيۈك نېسىۋېلەرنى ئىستەيدىغان بىر ئادەمنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنى خار ۋە زەبۇنلۇقلارغا مۇپتىلا قىلىشى ناھايىتى ھەيران قالارلىقتۇر.
بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەنىكەن: نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىگە شەرەپ ۋە ئىپتىخار ئىستەيدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىدۇ-يۇ، ئەمما گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنى خارلايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە لايىق ئالاھىدە ئادەم بولۇشنى ئىستەيدۇ-يۇ، ئۆزىنى زايا قىلىپ، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بىلەن بىر سەپ بولۇپ ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلسا، دۈشمەنلەر قىلمىغان زىيانكەشلىكنى ئۆزىگە ئۆزى قىلسا بۇنى ئۇچىغا چىققان نادانلىق دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟!
(ئاللاھ ھەممىمىزنى شەيتانلار ئۈسىتىدىن غەلىبە قىلىدىغان روھقا ئىگە قىلسۇن)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 14:04:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 22:19
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تالداش
سىزنىڭچە تادۇ ھەققىدىكى بىل ...

تىكەن بۇرادەر
تۆت تادۇ بۇ پەلسەپە، بۇنىڭ ئىختىساد بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. ناۋادا پەلسەپە بىلگەن كىشى بولسا، ھازىرقى ئىختىسادنى تادۇلاپ، يەنى پاي بازىرىدا ئۇزۇپ چىقىشىغا كۇزۇم يىتىدۇ. ھەتتا قايسى ساھا قايسى ئورۇننىڭ قانداق پىيى، قانچىلىك، قانچىلىك ۋاقىت ئۆسىدۇ. بۇنى ھىساپلاپ چىقالايدۇ. ياكى بىلەلەيدۇ. تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ زاماننى بىلىش ئىقتىدارى يۇقرى، زامان جەھەتتە قىلغان ھۇكۇملىرى ئاساسەن ئۇدۇللىشىدۇ.
مەسلەن ؛ ئىختىسادنى ئالتۇن پۇل نىفىت ئاش بۇ تۆت نەرسە تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇلار ئوتتۇرسىدا تادۇچە مۇناسىۋەت بار. ئۆتكەندە ئالتۇن ئۆسىۋىدى، نۇرغۇنلار ئالتۇن ئۆسىدىكەن دىيىشتى، نۇرغۇن سىتىۋالغانلار دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. تۆت تادۇ بۇيىچە ئاۋال بىلىش ئالتۇن، ئاندىن ئادىللىق پۇل دوللار، ئاندىن ياخشىلىق سۇ نىفىت، ئاندىن يەتتە باشاق بوغداي تەقۋادارلىق. مۇشۇ يۇلۇنۇش بۇيىچە ئۆسىدۇ. بۇزاماننىڭ مىڭىش قانۇنىيتى.
دىمىسىمۇ ھازىر دوللار كۇچەپ ئۆسمەكتە. ئالتۇن يەنە ئادەم گوللاۋاتىدۇ. بەلكىم دوللار 150 ئەتراپلىرىغىچە قاڭقىشى مۇمكىن.
يۇقارقىسى كۆز ئالدىمىزدىكىسى، گۇمانىمنى دىسەك. تۆت تادۇدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى ۋال كۇچىسىغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ، ئۇنىڭدىنمۇ ھالال ھەم ئادىل بىر پۇل مۇئامىلە بازىرنى قۇرۇپ چىققىلى بۇلىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىبابىتى مۇشۇ پەلسەپىنى نەزىريەۋىي ئاساس قىلىدۇ. دىمەك ئادەم داۋالىغىلى بۇلىدۇ. چۇشەنگەنچە چىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى بىلەلەيسىز.
بۇ خۇي ئىلمى، ئالدى بىلەن دوس بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ مىجازىنى ئايرىشنى ئۇگۇنۇشىڭىز كىرەك، قايسى مىجازدا. سەۋدا بىلىشمۇ، سەپرا ئادىللىقمۇ، بەلغەم ياخشىلىقمۇ، خۇن تەقۋادارلىقمۇ؟.قۇتادغۇ بىلىگنى كۇرۇپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 14:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadlax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-22 14:39  
doqmush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-22 04:37
مەنمۇ ئىنساندىكى نەپىس ۋە ئۇنىڭدا سۈزۈكلۈك يېتىلدۈرۈ ...

يۇقارقىلارنى سىز يازغان بولسىڭىز، روھىيەت جەھەتتە سىزنى سەل چاغلىغىلى بولمىغىدەك،
ئىنسان روھىيتى تەپەككۇر نەفىس كۆڭۇل روھ دەپ تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ. يەنە نۇرلۇق كىتاپسىز، ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ئىختىلاپ قىلىشامدۇ. دەيدىغان گەپ بار. نۇرلۇق دىگىنى پاساھەت بالاغىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلىم دىگەنلىك مۇشۇ تۆت تادۇ ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ھىدايەت دىگەن يەرگە كەلسەك، كۇپۇنچىمىز پالانى ئۇنداق بۇلۇپ كىتىپتۇ ، تەقۋا بۇلۇپ كىتىپتۇ، ئىشتىنى ھۇشۇقتىكەن، ياكى ساقىلى چىچىدىن ئۇزۇن بۇلۇپ كىتىپتۇ، ھىدايەت تىپىپتۇ دەيمىز. بۇنى ھىدايەت دىگەندىن كۇرە قىزىقىش دىگەن تۇززۇك. ھەقىيقى ھىدايەتنىڭ مەنىسىنى قىياسلىساق،  قۇرئاننىڭ ھىدايەت تۇسى بۇلىدۇ. يەنى بۇمۇ بىر ئىلىم، سىزىپ چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغان ئىلىم. تەسەۋۋۇپتا بەزى ئىپادىلىرى بار. يەنى ماۋۇ ئايەتنى مانچە قىتىم ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇئايەتنى مانچە قىتىم، ئوقىسا ئۇ بۇلىدۇ بۇ بۇلىدۇ دىگەندەك، بىشىدىن ئۆتمىسە دىمەيدۇ. مۇشۇنداق ئايەت كۇچىدىن پايدىلىنىپ ھىدايەت تىپىپ روھ داۋالاش. ماۋۇنى ھىدايەت دەيمىز. بۇمۇ خالىغان ئادەملەردە بولمايدۇ. مەسلەن شىئەلەرنىڭ ئىمامى دەيمىز. بۇلار مۇشۇنداق ئىلىم بىلەن نەچچە زامان مەشىق كۇنەگ قىلىپ ئاخىردا ئىمام بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھىدايەت قىسمىدىن پايدىلىنىدۇ. ھازىر قارساقمۇ، تەپەككۇرنى چىقىش قىلغان، ئەرەپلەرگە باققاندا ھىدايەتنى روھنى چىقىش قىلغان شىئەلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى  گايىدا تەپەككۇردىنمۇ يامان نەرسە بارلىقىنى نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ.
دىمەك تۆت تادۇدىكى روھ ماۋۇ گەپنىڭ يۇقاردىكى ھىدايەت سۇزى بىلەن ئالاقىسى بار، بەلكى تۇتقىسى شۇ.
يۇسۇپ خاس ھاجىپ 18 ئايدا قۇتادغۇ بىلىگىنى يىزىپ چىققان. ناۋايى سۆز ئويناشتا يۇكسەك پەللە ياراتقان، نىمىشقا ھازىر ئارىمىزدا ئۇنداق ئىستىدات يوق، پۇتۇن دۇنيادىمۇ يوق. نىمىشقا ئەسھابۇل كەف زىيارىتىدە نۇرغۇن ئادەم ماقامى ئىبرايىم ئۇچۇق جەسسەت بۇلۇپ كىتىدۇ. بۇيەردە شۇ ھىدايەت دىگەن تىما ئاساس رول ئوينىغان بۇلىشى مۇمكىن.


دىمەك قەلىپ نەفىس روھ مۇشۇ ساھالارغا قىزىقسىڭىز. يان پىشىڭىزدا تۆت تادۇ پەلسەپىسى بولمىسا، بۇنى يىشىپ بۇلالمايسىز.

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 18:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىق بىلەن قىلغان ئەجزىڭىزگە خۇرسەنمەن .

0

تېما

0

دوست

188

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30209
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 18:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆرەت چىقمىدىغۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )