ياشلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەيلى
سۆز ئوينى مەخەت ئابدۇرېھىم يۇرتىمىزدىكى ياشلار يۇرتىمىزنى يورتىدىغان يىراقتىكى يالقۇنلۇق يۇلتۇزدۇر. يۇرتداشلىرىمىزنىڭ يەلكىسىنى ياشارتىدىغان يۈرەكتۇر.ياشانغانلارغا يىقىلماس يار - يۆلەكتۇر. ياشلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەش- يۇرتداشلارنى ياشارتىپ، يۇرتىمىزنى يىڭىلىققا،يىراقلارغا يۈكسەلدۈردىغان ياخشى يولدۇر. يولداشلارنىڭ يادىغا يەتكۈزەي،ياشاش يولىمىزغا ياندىشىپ يۈرگەن يورغا يىللار يەر يۈزىدە يىلمۇ-يىل يىڭىلىقلارنى يارتىپ يازدا ياشارتىپ، يارماسلارنى يىغىشتۇرۇپ، ياخشىلارنى يۆلەپ، يامانلارنى ياتقۇزۇپ،ياخشىلارغا ياندىشىپ يامانلارنى ياندۇرۇپ يېڭىلىققا يۈزلىنىپ يېڭى يول ياسايدۇ. يىڭى يىلمۇ يۇرتىمىزنىڭ يازدىكى يەرلىك يالدامىسى يامغۇرنى ياساندۇرۇپ، يالتىرايدىغان ياقۇت يامغۇرنى ياغدۇرۇپ، يىڭى يوللارنى ياساپ، يۇرتداشلارنى يۇرتىمىزدا يىڭىلىقلارنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەيدۇ. يۇرتداشلارغا، يازغۇچىلارغا ياكى ياشلارغا يەتكۈزدىغانلىرىم، ياشاش يولىنىڭ ياڭزىسىغا يانداشمىساق يىڭى يىل ياقتۇرمايدۇ. يىللارنىڭ يورغىلىشىغا يىتىشەلمەي يىرىم يولدا يىنىۋالساق ياكى يېتىۋالساق ياشاش يولىنىڭ يامۇللىرى يارلىق يوللاپ يەلكىمىزنى يەنجىپ ياشاش يولىمىزنى يوقىتىۋىتىدۇ. يۇرتىمىزدىكى ياشلارغا يار يۆلەك يازغۇچىلار:- ياشلىرىمىزنىڭ ياشاش يولىدىكى يىڭى يولغا يارىمايدىغان يەرلەرنى ياخشى يەكۈنلەپ ياشلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەيلى! يازما يازغاندا ياشلارنىڭ يىڭىلىق يارتىش يولىنى يورتىدىغان ياخشى يازمىلارنى يازايلى! يازمىنىڭ ياشلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ياڭزىسى:-
ياشلار- يىڭى يىلنىڭ يوللىرىدىكى يارىماسلارغا يۆگۈمەچتەك يۆگۈشىۋالماي، يىلپىزدەك يوغۇناپ،يولۋاستەك يۈگرەپ يىراقلارغا يۈزلەنسۇن.
ياشلار- يەلتىراققا يۆگەلگەن يېغى يوق يىمەكلىكلەرنى يىمەي، يەرلىك ياخشى يىمەكلىكلەرنى يەپ، يۆتەلدىن يىراقلىشىپ يۈرىكىنى ياخشىلىسۇن.
ياشلار- يوتقانغا يۆگۈنۈپ يىتىۋەرمەي ، ياستۇقنى يىڭىلاپ، يورۇقلۇققا يۈزلەنسۇن.
ياشلار- ياقىسىنى يۆگەپ،يەلكىسىنى يېپىپ يۈرسۇن.
ياشلار- يىتىم-يىسىرلارغا،يوقسۇللارغا ياقا-يۇرتتىكىلەرگە،يىزىلاردا يىمەكلىك يىتىلدۈرۋاتقانلارغا،يىڭىلىق يارتىۋاتقانلارغا يىقىندىن ياردەملەشسۇن.
ياشلار- يانتاققا يۆگۈمەچتەك يۆگۈنۈپ ياتماي،ياقۇت ياپراقلىق ياڭاقتەك ياشسۇن.
ياشلار- يانچۇقتىن-يانچۇققا يول ياسايدىغان يانچۇقچىلاردىن يىراقلاشسۇن.
ياشلار يىڭى يولدىكىلەرگە يانداشقاندا يىلاندەك يورغىلماي، يولۋاستەك يۈگرەپ، يىلپىزدەك يۆتكەلسۇن.
ياشلار-يىمەكلىكلنى يەلتىراققا يۆگەپ، يانتۇ يىتىپ يالاپ، يالماۋۇزدەك يالمايدىغان ياۋۇز ياڭزىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ ياشاش يولىدا يۇلتۇزدەك يالتىرسۇن.
ياشلارنىڭ يادىغا يەتكۈزەيلىكى:-ياش يولداشلار! يۇلتۇز-ياشلىقنىڭ يالدامىسىدۇر.يۇرتىمىزنىڭ ياشلىرى ياشاش يولىدا يۇرتۇڭلارنىڭ يۈزىنى يورتۇڭلار،يۇرتداشلارنىڭ ياشاش يولدىكى يۈكنى يەڭگىللىتىڭلار.
ياشلار-يادىڭلار يوق يۇقتۇرۋالغان، ياشلىق يولۇڭلارغا يامراۋاتغان،ياشلارغا ياراشمايدىغان يارىماس ياڭزىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ، ياشاش يولىدا يۈزۈڭلارنى يەنى- يۈزىمىزنى يورتۇڭلار.
ياشلار- يۇرتداشلارنى يىقىنلاشتۇرۇپ يىڭىلىققا يۈزلەندۈرۇپ يۇرتىمىزنى يىراقلارغا يۈكسەلدۈردىغان يىڭىلىقلارنى ياراتساڭلار يۇرتىمىزنىڭ ياشلىرىدەك ياشايسىلەر. ياشاش يولىمۇ ياخشىلارنى ياختۇرۇپ يۈرەكلەرنى يالقۇنلىتىدۇ. ياشاش يولى يۇرتداشلىرىمىز ياقتۇرمايدىغان ياڭزىلارنى يۇغۇشتۇرمىغانلارنى يالىڭاچلاپ، يۈندىدە يۇيۇپ، ياپراقتا يۆگەپ يانتاقلىكتىكى يەككە يەرلىكتە ياتقۇزىدۇ.
ياشلار- ياخشىلىققا يۈزلىنىڭلار! يىڭىلىق ياراتساڭلار يالغىنى يوق يۈز يىل ياشىيالايسىلەر.
ي نى يۆتكەپ يۈر يەدە، يۇمۇر يازدىم يىڭنىدەك. يامانلارنى يىغلىتار، ياخشىلارغا يار-يۆلەك.
ياشلىرىمىز يامغۇردەك، يەر يۈزىگە يۈزلەنسۇن. يۇرتداشلارغا ياندىشىپ ياخشى يولدا يۈگۈرسۇن.
تامام
|