قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5495|ئىنكاس: 79

قېرىم تاتارلىرنىڭ ھەقىقىي تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

5

دوست

858

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22331
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 04:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قېرىم تاتارلىرنىڭ ھەقىقىي تارىخى

قىرىم تاتارلىرى كىملەر


          قىرىم يېرىم ئارىلى قارا دېڭىز رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى يۇقىرى جاي بولۇپ، تارىختىن بېرى قىرىم تۈرلۈك قەبىلىلەر ۋە ئىمپېرىيىلەرنىڭ تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 8 - ئەسىرلەردىن باشلاپ، قىرىمدا تۈركىي قەبىلىلەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، كېيىنكى خازار خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى 15 - ئەسىرگە كەلگەندە تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ قىرىم خانلىقى قۇرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ دەۋردىن باشلاپ، ھازىرقى قىرىم تاتارلىرى دەپ ئاتالغان خەلق شەكىللىنىشكە ۋە راۋاجلنىشقا باشلىغان ئىدى.
         قىرىم تاتارلىرى ھازىرقى قىرىم نوپۇسىنىڭ 13 % نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلىغاندىن سىرت يەنە، ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىلىرى قىرىمنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخى جەريانى بىلەن زىچ باغلانغان.
قىرىملىق تارىخچى ئە.چۇباروفنىڭ باش تەھرىرلىكىدە نەشر قىلىنغان «قىرىم تاتارلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئوچېرىكلار» ناملىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، قىرىم تاتارلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى قىرىم تاتارلىرى، قىرىملىقلار، قىرىملار دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ.
        ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپتۇر. تۈركىيىدە ئولتۇرۇشلۇق قىرىم تاتار زىيالىيسى زەفەر قاراتاي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تىل ۋە ئۆرپ - ئادەتلەر جەھەتتىن ئۇلار قازان تاتارلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق تەرەپلەرگە ئىگە. قىرىم تاتارلىرى دىنىي جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپتۇر.
تاتارلارنىڭ تارقىلىشى

            تارقىلىش جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى، يەنى 260 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىرىمغا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆزبېكىستاندا 90 مىڭ ئەتراپىدا، تۈركىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق ئەللەردە 24 مىڭ، بولغارىيىدە 3 مىڭ، رۇسىيىدە 4 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ياشايدۇ. تۈركىيىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ نوپۇسى مەسىلىسى مۇھىم بولۇپ، بىر قىسىم تاتار ۋە تۈرك تارىخچىلىرى ھەر خىل تارىخىي دەۋرلەردە 5 - 6 مىليون قىرىم تاتارىنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ تۈركلەرگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تارىخىي مۇساپىلەر
            قىرىمدا قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تاۋر، سكىف، سارمات، ئالان، بولغار، گرېك، خازار، پېچېنېك، پولوۋىس، چېركەس، كىچىك ئاسىيا تۈركلىرى بولۇپ ھەر خىل تۈركىي تىللىق ۋە ياۋروپا تىللىرىدىكى خەلقلەر ياشىغان، ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخى جەرياندا قەدىمكى بۇ خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھازىرقى زامان قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ، ھازىرقى زامان قىرىم تاتارلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. 13 - ئەسىردە قىرىم موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 13 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە قىرىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەركىپىدە بولدى. بۇ ۋاقىتلاردا قىپچاق قەبىلىلىرى قىرىمغا يېيىلغان بولۇپ، 13 - ئەسىردىن باشلاپ، ۋولگا دەريا ۋادىلىرى ۋە قىرىمدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاتارلار دەپ ئاتالدى. بولۇپمۇ سلاۋىيان خەلقلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاتارلار ياكى، موڭغۇل - تاتارلىرى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىدى.
          ئالتۇن ئوردىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1441 - يىلى قىرىم تاتارلىرى قىرىم تاتارلىرى: شانلىق ۋە پاجىئەلىك ئۆتمۈش، ئەندىشىلىك كېلەچەك (2)قىرىم تاتارلىرى 15-ئەسىردە قىرىم خانلىقىنى قۇرۇپ، 16-ئەسىرگە كەلگەندە رۇس-موسكۋا دۆلىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا بولدى.
      18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قىرىم خانلىقى رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ قىرىم رۇسىيەنىڭ زېمىنى بولدى ۋە قىرىم تاتارلىرى تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىقى 1944-يىلى ئۇلارنىڭ ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدۇر. ئۇلار يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلەلىگەن ئىدى. قىرىم تاتارلىرى ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى.
    قىرىم 18-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا رۇسىيەنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ تۈركىيەگە،يەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشتى. 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يېرىمىدا قىرىم يەنە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تالىشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك قىرىم ئۇرۇشى يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇشلار جەريانىدا تاتارلار كۆپلەپ ئوسمانلى تەۋەسىگە كۆچتى. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋاللىرى 20-ئەسىردىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتى.
    ئاسان سابىرى ئاۋازوفنىڭ «قىرىمدىكى مىللىي ھەرىكەتلەر» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1917-يىلى چار پادىشاھ يوقىتىلغاندىن كېيىن، قىرىمدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى زىيالىيلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىرىمدا ئۆز مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى.
      قىرىم تاتارلىرىدىن كېلىپ چىققان زىيالىي زەفەر قاراتاي ئەپەندى قىرىم تاتارلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تارىخىي ئۆتمۈشى ھەققىدە توختىلىپ، 1917-يىلى 1-2-نويابىر كۈنلىرى قىرىم تاتارلىرىنىڭ قۇرۇلتاي تەشكىلاتى سىمفېرېپول شەھىرىدە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، رەسمىي مۇستەقىل قىرىم خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     قىرىم تاتار زىيالىيلىرىدىن تاتارلاردىن نومان چەبىجاھان قىرىم خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، جەفەر سەيدەخمەت ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى بولدى. بىراق، بۇ جۇمھۇرىيەت بىر يىل مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن، بولشېۋىكلار قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، 1918-يىلى فېۋرال ئېيىدا نومان چەبىجاھان ئېتىپ تاشلاندى. قىرىم خەلق جۇمھۇرىيىتى يوق قىلىندى. جەفەر سەيدەخمەت چەتئەلگە قېچىپ قۇتۇلدى.
      ئارىلىقتا ئۇچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1921-يىلى، موسكۋانىڭ قوللىشى بىلەن قىرىم تاتارلىرى ۋە رۇسلارنى ئاساس قىلغان قىرىم سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، تاكى 1946-يىلىغىچە مەۋجۇت بولدى. مەزكۇر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتتىمۇ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق رەھبەرلەر تاتارلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، تاتارلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىدى.
         1942-1943-يىللىرى قىرىم گىتلېر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. سوۋېت ئارمىيىسى 1944-يىلى قىرىمنى قايتا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1944-يىلى ماي ئېيىدا ستالىن ھۆكۈمىتى قىرىم تاتارلىرىنى گىتلېر گېرمانىيەسى بىلەن ھەمكارلاشتى، «ۋەتەن خائىنلىرى» دېگەن جىنايەت بىلەن پۈتۈنلەي قىرىمدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلدى. نەتىجىدە، قىرىم تاتارسىز قىرىمغا ئايلىنىپ، ئۇلارنى ئورنىغا رۇسلار ۋە ئۇكرائىنالار تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى.
         1946-يىلى، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، رۇسىيەنىڭ بىر ئوبلاستىغا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.
        قىرىم تاتارلىرى ئارىلىقتا يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلاپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ھازىرقى 260 مىڭ نوپۇسقا يەتتى.
قىرىم 1954-يىلى ئۇكرائىناغا تەۋە بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، ھازىرغىچە 60 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ، ئاخىرى قىرىمدىكى رۇسلار بۇ زېمىننى قايتىدىن رۇسىيەگە قوشۇشنى قولغا كەلتۈردى.




0

تېما

3

دوست

3655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتارلار بالا تۇغۇشنى ياخشى كۆرمەمدىغاندۇ نوپۇسى بەكلا ئازغۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

2355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7732
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 413
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
moma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:19
تاتارلار بالا تۇغۇشنى ياخشى كۆرمەمدىغاندۇ نوپۇسى بەكل ...

بەلكىم ئۇلارغىمۇ پىلانلىق تۇغۇت باردۇ .

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27195
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىلى قىرىم ئوكرانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى ، ھەمدە جەمھۇرىيەت نامى بىلەن روسىيە ئىتتىپاقىغا كىردى.

7

تېما

4

دوست

5483

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادامنىڭ بىر ئاغىنسى بولدىغان بىز ئۇيغۇر دەپ يۈرسەك ئۇ كىشى ئەسلىدە تاتار ئىكەن. ئىسمنىمۇ يازاالمايدىغان بۇ ئادەم قازاقستان -غۇلجا ئارلىقىدا گۈلدۈرلەپ يۈك ماشىنسى ھەيدەپ خېلى پۇل تاپقان .كېيىنچە دادامنىمۇ مۇشۇ چېگىرا سودسىغائېلىپ كىرىپ ئۇرۇق تۇغقانلاردەك بولۇپ كەتتۇق ھازىر، تاتارلارنىڭ يەنە بىر ئاتلىشى نوغاي بۇلۇپ، ئۈرۈمچى يەنئەن يولدىكى بىر مەسچىتنى نوغاي مەسچىت دەپ ئاتايدۇ.بۇ
بەلكىم شۇ تاتارلار تەرىپدىن سېلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
ئالدىنقى يىلى بىر ئاكىمىز ئىشلگەن تاتارلارنىڭ غۇلجدىكى نوروزلۇق يېغلىش فىلىمنى كۆرگەن ئىدىم. مۇمكىن بولسا تورغا يوللاشنىڭ ئامالىنى قىلىپ باقاي

0

تېما

0

دوست

261

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26663
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:47:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ روس كۈچۈكلىرىدىن كىمگىمۇ ۋاپا كېلە ھە

0

تېما

1

دوست

3071

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18016
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xabghun يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 10:47
مۇشۇ روس كۈچۈكلىرىدىن كىمگىمۇ ۋاپا كېلە ھە

كۈچۈك چوڭ بۇلۇپ ئىت بولغاندا كۈچىكىگە ۋاپا كىلىدۇ ،

2

تېما

12

دوست

4223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 11:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتارلار مەدىنىيەتلىك مىللەت،مائارىپنى بىزگە شۇلار ئەكىرگەن لىكىن  روس چوشقىلىرى ئۇلارنى قىرىۋەتكەن،رەھىمسىز ئەبلەخلەردە روس چوشقىلىرى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )