قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kilaqak

باغداش مۇنبىرىگە تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

3538

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2076
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 857
تۆھپە : 489
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 02:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
 كەپتەردە بار شۇ كۆڭۈل پاختەكتىمۇ بار. نادىرلاشقا  تېگىشلىكنى نادىرلاش كېرەك، باھالاشقا تېگىشلىكنى باھالاش كېرەك. چىقىرىپ تاشلاشقا تېگىشلىكنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. كۆكتۈرۈكنىڭ ئالغان(ئۆسەك سۆز تارقىتىش،ئاپەتنى كۆپتۇرۇپ سۆزلەش بىردەك چەكلەنگەن بولغاچقا بۇ ئىسىل تېما ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇچۇرىلدى.)
يازىمەن دەپ يازالمىدىم، يازمايمەن دەپ تۇرالمىدىم

5

تېما

0

دوست

4628

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1794
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 917
تۆھپە : 799
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 07:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چىلان ئۈزەك قۇرتى توغرىسىدا»دېگەن تېما ئىلمىيلىكى يۇقۇرى كىشگە نەپ تېگىدىغان تېما ئىدى،ئىنكاسلادىمۇ قۇرۇت ۋە ئۈششۈك توغۇرلۇق ياخشى گەپلەر بولۇنۇۋاتاتتى،مېنىڭچە بولسا خېلى تېخنىكلارمۇ شۇ قۇرۇت توغرىسىدا تەپسىلى بىر نەرسە بىلمەسلىكى مۇمكىن. نەدە بۇ تېمىدا ئۆسەك گەپ باكەن؟ ھەر ئۆچۈرۈلۈشكە تېگىشلىق تېمىلارنى بىرلا ئادەم پۇتكۈل مۇنبەردىكىلەر ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ خېلى ۋاقلارغىچە تاشپاقىدەك بېشىڭلارنى ئىچىڭلارغا تىقىۋېلىپ مىڭ تەسلىكتە ئۆچۈردىڭلار دېھقانلارغا ئازراق نەپ تېگىدىغان تېمىنى بىر ئادەمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆچۈرۋېتىپسىلەر. تەبىي پەن توغرىسىدىكى تېمىلار يالغۇز بىر باغداشتىلا ئەمەس باشقا مۇنبەرلەردىمۇ بىر بوشلۇق ئىدى، بىز زادى مۇنبەر دېگەندە شېئر قوشاق يېزىشىپ يۈرسەكلا بولىدىغان ئوخشايدۇ.مۇنداق دېسەم ئۆزەڭ قاملاشتۇرۇپ بىر تېما يازمامسە كۆرۈپ باقىلى دەيدىغانلار چىقىدۇ ھەقاچان. بولدىلا مەنمۇ جىق سۆزلىمەي ، قايناپ قالىدىغاندەك قىلىمەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئادەم ئادەمدەك ي

14

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2134
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 10:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ مۇشۇ تېمىدىكى بەزى تالاش تارتىشلارنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم،مۇنبەر مانا موشۇنداق ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشىدىغان،ئىلىم-بىلىم ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان بولىشى كېرەك،شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نادانلىقنى تۈگىتىشكە زور تۈرتكە بولىدۇ.مەن يېقىندىن بېرى مەلۇم مۇنبەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغان،بۇ جەرياندا مەن بىر قىسىم شاتۇتىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالدىم،نەتىجىدە مەن مۇنبەردىن چەكلەندىم،ئۇ شاتۇتىلار ھازىرمۇ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر تورچىلىقى خەلقنى نادانلىققا،خۇراپاتقا يېتەكلەيدىغان جاھىلىيەت  سورىنى بولۇپ قالماستىن،ئىلىم پەنگە،يېڭىلىققا،زامانىۋى ھاياتقا،ئۈندەيدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان بىر مەكتەپ بولىشى كېرەك.

ئادەم ئادەمدەك ي

14

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2134
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 10:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «چىلان ئۈزەك قۇرۇتى توغرىسىدا»دېگەن تېما قارىغاندا ئىلمىيلىكى يۇقۇرى،پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما ئىكەنلىكى ئىنكاسلاردىن چىقىپ تۇرىدۇ،مەن ئۇ تېمىنى كۆرمىگەن بولساممۇ،بىر تەلىپىم دوستلار،ئىلمىي تۈسنى ئالغان،خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان تېمىلارنى ياخشىسى ئۆچىرىۋەتمىسەڭلار،ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇنداق تېمىلارنى داۋراڭ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىشى،بىر قىسىم ئورگانلاردىكى خىزمەتچى خادىملار  مەسىلىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ،ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي،مەسىلە كۆرۈلگەندە ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش،ئۆزىنىڭ خاتالىقىنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ كېتىپ ئاتالمىش"ئابروي"ىنىڭ تۆكىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قولىدىكى كوزۇردىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىلەرگە بۇيرۇق چۈشىرىدۇ.مۇنبەر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
   مەن يېڭى مۇنبەردېشىڭلار،دوستلار،ئاتىكاچىلىق قىلغان بولسام كەچۈرۈڭلار.

51

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 3031
تۆھپە : 1976
توردىكى ۋاقتى: 1806
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 10:50:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چىلان ئۈزەك قۇرۇتى توغرىسىدا»دېگەن تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبى تازا مۇۋاپىق ئەمەستەك قىلامدۇ نىمە؟ مېنىڭچە ئۇ تېمىدا كۆپتۈرۈپ سۆزلەنگەن گەپلەر يوقتىغۇ؟ بىز قاچانغىچە ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ئۈركۈپ يۈرۈيمىز؟ شۇنچىلىك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە تەتقىقات تېمىسى مۇنبەرلەردە ئورۇن ئالالمىسا قانداق بولغىنى؟ ھەقىقەتەن داڭلىق چىلاننىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىشى مۇمكىن، ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە، دىگەندەك بىر ئىشلار بولۇپ قالسىچۇ؟ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ بۇ ئاپەت كونترول قىلىنغاندىن كېيىن مەيدىمىزگە مۇشتلاپ تۇرۇپ، خاتىرجەم ئىستىمال قىلىڭلار، دىسە كىم ئىشەنمەيدۇ؟ ھەممە نەرسە كەم كۈتىسىز بولمايدۇ، ئازراق تەپەككۈر قىلالايدىغان كىشى ئۈچۈن، چىلاندىن چاتاق چىقتى دەپلا ئاسماندىن يەرگە  تاشلاشنىڭ ئورنى يوق، دەپ ئويلايمەن.
ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇنچە چوڭ ئاپەتكە موشۇ خەق بىرەر تەدبىر قوللانماي قاراپ تۇرۇپتۇ، دىگەن يوغان قالپاق كىيدۈرۈپ قويۇش...   نىمە ئۇيغۇرچە  توربەتلەردە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئۇچرىتىش تەسكىن دىسە مۇنداق سەۋەپ باركەندە

11

تېما

0

دوست

3722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  697
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 740
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 1092
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 11:38:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكوم، سىڭلىم گۈلجەننەت ياخشىمۇسىز؟ توغرا دىدىڭىز مۇنبەر ھەر بىر كۆرۈرمەن، سەييارە يازغۇچى، ھەۋەسكار ھەم يەنە داڭلىق ئەربابلارنىڭمۇ  كىرىپ سەيلە قىلىدىغان ئۆزىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان ئەسىرىنى، يازمىلىرىنى قىزىق نۇقتىلارنى يوللايدىغان جاي. سىزقىسمەن ئەھۋال ياكى ئىنكاسلارغا قاراپ ماڭا باھا بەرمەي، مەن ئۆتكەندە يوللىغان چىلان ئۈزەك قۇرتى توغۇرسىدىكى تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
       مەن سىزنىڭ تېمىڭىزنى مىسال قىلغىنىم خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟ مېنى ئىچى تار ئادەمكەنسىز دەپ يۈرمەي، سوغۇققانلىق بىلەن ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ. مەن ئىچى تالاردىنمۇ ئەمەس، باشقىلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن. مېنىڭ تېمامدا ھېچ قانداق ۋەھىمە پەيدا قىلدىغان مەزمونلار يوق، ۋە قومۇل چىلىنىنىڭ  سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چىلان ئۈزەك قۇرتى ئالدىنى ئېلىش تەس بولغان زىيانداش ھاشارەت، ئەگەر ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا چوڭ ئاپەت بولدۇ، بۇ ئەھۋال قومۇلدىكى رەھبىرى كادىرلارغىمۇ ئايان.  ھازىر قومۇل ۋىلايىتىلا ئەمەس دۆلەت مەخسوس مەبلەغ ئاجرىتىپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرگە قارتا مۇتەخخەسىسلەر سېستىمىسى قۇرۇلۇپ كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتنى ئازايتىشتا ئۈنۈمى ياخشى بولىۋاتىدۇ. ئەمما يۇرتىمىزدىكى قىسمەن كىشىلەر قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك بېكىنمىچىلىك قىلىپ مېنىڭ ھېچقانداق بىر ۋەھىمىسى يوق بولغان، خەلىققە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرىمنى ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۆسەك سۆز قاتارىغا چىقىرىپ، مۇنبەردىكىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۆچۈرگۈزۋەتسە، بۇنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق كۆز-قاراشتا بولغۇچىلار خەنزۇچە توربەتلەردىكى، نوپۇزلۇق ئىلمى ژۇرناللاردىكى چىلان ئۈزەك قۇرتى توغۇرسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرنى ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۋەتسە بولمامدۇ؟ موشۇنداق بېكىنمىلىك دەستىدىن دېھقانلىرىمىزنىڭ كۈنى تېخىچە ياخشى بولالمايۋاتىدۇ.
تۆۋەندىكىسى مەن بۇرۇن يوللىغان چىلان ئۈزەك قۇرتى ھەققىدىكى تېما، كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىڭلار، ئەقىل كۆزۈڭلار نىمىنى كۆردى؟ سىلەرگىمۇ ۋەھىمە ياكى سەپسەتە تۇيۇلىۋاتامدۇ؟ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەن چىلان ۋە كېۋەزدىكى قىزىل ئۆمۈچۈك ھەققىدە مەخسوس تېما يوللايمەن، شۇ چاغدىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلامدىكەن ياكى خەلىققە پايدىلىق بولامدىكىن؟ كەڭ جامائەتنىڭ ئادالەت تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ بېقىشىنى سورايمەن.

مەن بۈگۈن باغداش تورىدىكى "tohotur" نىڭ "ئىست چىلان ئىست دىخان" دىگەن يوللانمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولۇمدىكى ئىشىنى قويۇپ، چىلان ئۈزەك قۇرتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىشنىڭ زۆرۆرىيتىنى ھېس قلدىم. باغداش ئەھلىنىڭمۇ مالال كۆرمەي، نەزەر سېلىپ قويسا دەپ ئويلايمەن!
  
ئاۋال تۈزىتىش بېرەي:«قۇرۇت كېسىلى»دىگەن ئاتالغۇ يوق، توغرىسى«قۇرۇت ئاپىتى»دىيىلدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپىدىكى:«زىيانداش ھاشارەت»،«ئۆسۈملۈك كېسەللىكى»ۋە«دېھقانچىلىق دارىسى»قاتارلىق 3چوڭ يۆلىنىشنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەك. قارا دۆۋىدىكى قۇرۇت بولسا ئۆيىمىزدە ياز بولسا كۆپىيىپ كېتىدىغان چىۋىنگە ئوخشاش ھاشارەت،
«چىلان ئۈزەك قۇرتى»دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ. ھازىر چىلانغا بۇ خىل قۇرۇتلا ئەمەس، قىزىل ئۆمۈچۈك(يوپۇرماق كانىسى)مۇ زىيان سالىدۇ، بۇقېتىم مەن "چىلان ئۈزەك قۇرتى"توغرىسىدا  ئازراق مەلۇمات بېرەي.

枣食蝇Carpomya vesviana Costa
  
جۈپ قاناتلىقلار ئەترىتىDiptera
            چىۋىن ئائىلىسىTephritidae
                        چىۋىن كەنجى تۈرىTrypetinae  
                                     كاشى ئۇرۇقدىشىغا Carpomya Costaتەۋە.
ئەسلى ئورنى ھىندىستاندىلا بولۇپ، ھازىر ئىتالىيە، پاكىستان،ئۆزبېكىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان.
دۆلىتىمىز 2007يىلدىن باشلاپلاجىگرا كارانتىن ئوبىكتى قىلىپ بىكىتكەن.
مەيلى تېخنىك بولسۇن ۋە دېھقان بولسۇن،ھەممىسىدىلا ئىزدىنىش روھى يېتەرلىك ئەمەس، تېخنىكلار نىڭ تەربىيلىنىش پۇرسىتى ئاز ،كۆڭۈل بۆلۈش كەمچىل. دېھقانلىرىمىزنىڭ ئىلمى دېھقانچىلىق بىلەن سوغۇللنىۋاتقانلىرى بەك ئاز، مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى توغرا ئەمەس.

«چىلان ئۈزەك قۇرتى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسولى تۆۋەندىكىچە:

1. چىلاننىڭ زىيانغا ئۇچىراش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، قۇرۇت چۈشكەن چىلان بولسا دەرھال يوق قىلىش (باشقا يەرگە تاشلىۋەتمەي، كۆمۈش ياكى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش). چىلانلىق باغنىڭ ئىچىدىكى شاخ-شۇمبىلارنى ۋە ياۋا چىلاننى ئېلىپ تاشلاش كېرەك.
2. چىلان تېگىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى توپىنى ئاغدۇرۇپ، لىچىنكا ۋە قورچاق ھالەتتىكى قۇرۇت بولسا دەرھال يوقىتىپ، كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  
3.يېتىلگەن ھاشارەت پەيدا بولغان ۋاقىتتا،دىدىۋى(敌敌畏)ياكى مالالىيۇۋلىن(马拉硫磷)قاتارلىق دارىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
دارىنى ئۆلچەملىك مىقداردا ئىشلىتىڭ، بولمىسا قۇرۇت تېنىدە دارىغا نىسبەتەن قارشىلىق شەكىللىنىدۇ ھەم كۈشەندىلىرنى بىرگە ئۇزىتىپ قويىسىز، كېيىن دارا ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، بەلكى ئاپەتنى كۆپەيتىۋالىسىز.(ھەممەئىش مۇۋاپىق بولغان ياخشى!!!) .
4. دېھقانچىلىق دارىسىنى ئشلىتىش بىلەن بىرگە، جىياجى دىڭشىياڭفېن(甲基丁香酚) ئىشلىتىپ قۇرۇت بار ياكى يوقلىقىغا دىئاگنوز قويغىلى ۋە قۇرۇتنى جەلىپ قىلىپ يوقاتقىلى بولىدۇ. مالالىيۇۋلىن(马拉硫磷) بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى ! باغداشخان

ئادەم ئادەمدەك ي

14

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2134
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 12:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چىلان ئۈزەك قۇرۇتى»دېگەن ماقالىنى كۆرۈپ،مۇشۇ تېمىنىڭ مۇنبەردىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە ھەيران قالدىم،بۇ  ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى  قانداقتۇر  كېسەلنى داۋراڭ قىلغانلىق، دەپ چۈشەنمەستىن،بەلكى ئۇيغۇر پەن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى،كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئۆزلىرى ھەل قىلالايدىغان ئەقىللىق مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى يەر شارى خاراكتېرلىق شۆھرەت تاپىدۇ.

2

تېما

0

دوست

2635

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-19 12:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تورىنىڭ لاھىيەلىنىشىنىڭ ئازادە ،كۆركەم . تېمىلىرى ئاز ھەم ساز ، ئەخلەت يازمىلار يوق دىيەرلىك ، نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ، ئۆتكۈز پىكىرلىك ئەزالار بار ، مەن تولىمۇ ياقتۇرىمەن،

ئۈستىدە بولىۋاتقان چىلان تېمىسىدىكى مۇنازىرىگە كەلسەك مېنىڭچىمۇ بۇ تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلىشى خاتا.

بىرىنجىدىن ، باغداشخان دەسلەپتە چىلان توغۇرلۇق تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئالاھىدە بۇ يازمىنى تەييارلاپ تورغا يوللىغان ، باغداشخان ناھايتى ياخشى نىيەتتە مىننەتسىز بۇ يازمىنى تەييارلىغانلقى مېنى سۆيۈندۈرگەن.

يەنە بىرسى .سىرتتىكىلەرنىڭ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ تېمىنى ئۆچۈرمەسلىك كېرەك . چۈنكى بۇ تور ، گېزىت ئەمەس ،ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق ئىشنى  ھەل قىلىش ، قامچىلاش ، ئىشلىرىنى قىلساق تامامەن بولىدۇ .
قارىغاندا بىز توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېخىچە بىلەلمەيۋاتقان ئوخشايمىز ،خەنزۇتىلىدىكى تورلارنى كۆزىتىپ باقساق ھەرخىل ئىشلارنى يازىدۇ ، قامچىلايدۇ.
  خەنزۇتىلىدىكى مەلۇم بىر توردا مۇنداق بىر رەسىم ئېلان قىلىنغان:
  مەلۇم ئىدارنىڭ باشلىقى يىغىن ئېچىۋاتقاندا تاماكا چىكىۋاتقان،يېنىدا بىر قاپ تاماكا بار ،يېنىدىكى تاماكا 1000 نەچچە يۈەنلىك تاماكا ،
  بۇ رەسىم توردا ئېلان قىلنغاندىن كېيىن تورداشلار بەس بەستە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى يازغان .، پارىخور بولمىسا ئۇ تاماكا نەدىن كەلدى دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان .
  ئىشىنىڭ ، ئۇ باشلىقنىڭ تور بېكەتكە تېلفۇن ئۇرۇپ ياكلى باشقا يول ئارقىلىق بۇ تېمىنى ئۆچۈرۈشكە تامامەن يېتىدۇ . بەلكىم كۈچەپ باققاندۇ ، لېكىن بۇ تېما ئىزچىل قىزغىن مۇنازىرىغا ئايلىنىپ ئاخىرى بۇ باشلىقنىڭ ئەمەلدارلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەندە ئاندىن ئاخىرلاشقان .

     بۇنداق مىساللار بەك نۇرغۇن ، لېكىن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە بىز نىمىشقا شۇنداق قىلالمايمىز ، خەنزۇتىلىدىدىكى تور بەتلەر چولپانلارنىڭ ،ئەمەلدارلارنىڭ خىلمۇ خىل سەتچىلىكلىرىنى يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىپ تورغا يوللىيالايدۇ .
   ئەگەر سىز شىنجاڭدىكى مەلۇم يېزىنىڭ ئەمەلدارانىڭ بىرەر ئىشىنى رەسىم تارتىۋېلىپ تورغا يوللاپ بېقىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 سائەت تۇرالايدۇ .
   باغداشخاننىڭ تېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سورايمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )