قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kilaqak

باغداش مۇنبىرىگە تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

3722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  697
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 740
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 1092
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 17:39:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
      ئەسسالام ئەلەيكوم مۇنبەر ئەھلى، مەن يەنە كىچىككىنە ئىنكاس يېزىش قارارىغا كەلدىم. مېنىڭ يازغان ئىنكاسىم ئوغۇزخانغا بەكرەك تەسىر قىلغاندەك قىلىدۇ. ناۋادا ئوغۇزخان مېنىڭ ئورنىمدا بولغان بولسىدى، ياكى بولمىسا ئۆزىنى مېنىڭ ئورنىمغا قويۇپ ئويلاپ باققان بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى سەزگۈسى قانداق بولار ئىدىكىن؟ توغرا مەن ئىنكاسىمدا ئۇيغانغان زىمىن توغۇرلۇق قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويدۇم. ئەمما شۇ نەرسە ئىسىڭلارد بولسۇنكى، ھەر كىم ئۆز مەيدانىدا پادىچى!
      ئادەتتە بىرەر پارچە ئەسەرنى مەتبۇئاتلارغا يوللىغاندا، مەتبۇئاتلار مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئەھلىلىرگە كۆرسىتىپ تەكلىپ-پىكىر بېرىدۇ، مەتبۇئاتتىكىلەر ئاشۇ-تەكىلىپ پىكىرلەرنى ئاپتورغا يەتكۈزىدۇ. بۇ پىكىلەر ئاساسەن ماقالىنى قانداق ئۆزگەرتىش، ۋە ياكى باشقا ژۇرناللارغا يوللاش توغۇرلۇق بېرىلگەن بولىدۇ. ئاپتورغا نىسبەتەن ھەممە ئىش ئېنىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتور ئۇقمايدىغىنى، مەتبۇئاتتىكىلەر تەكىلىپ قىلغان موشۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئەھلى. بۇ ناھايتى مەسئۇلىيەتچاقلىق بىلەن ئىش كۆرگەنلىك بولۇپ، ماقالىسى قايتۇرۇلغان تەغدىردىمۇ، ئۆز-ئارا ئۇقۇشماسلىق بولمايدۇ.
      باغداش مۇنبىرىمۇ، مۇمكىن بولسا ئەزالار يوللىغان ھەر بىر تېمىنى مۇناسىۋەتلىك كشىلەرگە كۆرسىتىپ، تەكىلىپ-پىكىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان بولسا، ھېچ بولمىسا ئاپتور بىلەن مەسلىھەتلەشكەن بولسا،مۇنبەر سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولاتتى.
ئەلۋەتتە پىكىر بىزدىن، قوللىنىش سىزدىن!
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى ! باغداشخان

36

تېما

0

دوست

4233

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 19:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق نەرسىگە ئىلمىي يوسۇندا قارىساق ياخشى بولاتتى.ئەنە ئاشۇنداق ھېچقانداق مېھنەتسىز سۇنغان ،پايدىلىنىش قىممىتى زور،باشقىلارغا نەپ ئېپ كېلىدىغان مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلار ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا بىز «ناخشا -ئۇسۇل مىللىتى» بولغاندىكىن باشقا بىر قىسىم بېكەتلەردەك ساپلا ،ناخشا ،ئۇسۇل، مۇزىكا تېمىلىرىكى ئەسەرلەرنى يوللايلى . مۇشۇنداق ياخشى تېمىنىڭ «سىياسى»غا بېرىپ تاقالغىنى قىززىق. خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە كىرىپ بېقىڭلار ،چۆچۈپ كېتىسىلەر ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن ،سىياسى ،ئىقتىساد ،ئىشقىلىپ ھەر ساھەدىكى تېمىلار تېپىلىدۇ،قورقماستىن ئىنكاس يازىدۇ،مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدۇ...... بۇنىڭغا بىرنىمە دەيدىغان ئادەم يوق،ئەجىبا  ئاشۇ چىلان توغرىلىق يېزىلغان ئىلمىيلىكى،پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالا سىياسىي سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەنلەر تەرىپىدىن ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى كۈلكىلىك ئىش! ئالدىنقى قېتىملىق باغداش تورىدىكى قايسى بىر ماقالام توغرۇلۇق ماڭىمۇ قاتىىق «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىلگەن،(ئۇلار IP ئادرىسى ئارقىلىق مېنىڭ كىملىكىمنى تاپقانمىش)كېيىن توردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالغانىدىم...
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئىنسان دىگەن نىم

100

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4203
تۆھپە : 2392
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 20:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئالدى بىلەن باغداشنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ،ئاندىن قالسا ئاپتورلارنى ئويلايمىز ،ئۇيغانغان زېمىن بۇ ھەقتە بىر نەرسە دىسە بولغىدەك.

ئادەم ئادەمدەك ي

14

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2134
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 22:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىيانداش ھاشارەتنى يوقىتىش چارىسى سىياسى جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىنسا،باغۋەنلەر چىلاننى ساتقان چېغىدا، سىياسىيىۋىلىكى يۇقۇرى چىلان،رەھبەرلەرنىڭ يوليۇرىقى بىلەن تەملىك پىشقان چىلان،دەپ ساتامدۇ؟توۋا،دوستلار،گەپنىمۇ ئويلىشىپ قىلايلى،مۇنبەرنى چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ كۆرىشى مۇمكىن،بىزگە ھەيران قالمىسۇن.

30

تېما

5

دوست

7295

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1679
تۆھپە : 1077
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 23:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم،باغداش  مۇنبىرىمىزنىڭ  خالىس  ئاگرانومى  باغداشخان،ئالدى  بىلەن  سىزنىڭ  باغداش  مۇنبىرىمىزنىڭ يېڭى  سەھىپىسى  ئۈچۈن  تۆكىۋاتقان  قىممەتلىك  ئەجىر-مېھنىتىڭىزگە  چىن دىلىمدىن  تەشەككۈر   ئېيتىمەن،باغداش  مۇنبىرىمىزدە  سىزگە  ئوخشاش  خەلق ئۈچۈن قەلەم  تەۋرىتىدىغانلار  ئۇنچىلا  كۆپ  ئەمەس،بولۇپمۇ  ئەمەلى  نەپ  بېرىدىغان  تېمىلارنى  يوللايدىغانلارنى  دېڭىزدىن  يىڭنە  ئىزدىگەندەك  ئىزدەيدىغان  گەپ،مەن  باغداش  مۇنبىرىنىڭ  ساقىلىغا  <<ئاق>>  كىرگەن  ئەزاسى،مەيلى  مۇنبەردىكى  ئىسمىم  يا    ئۇنداق  يا  مۇنداق  بولسۇن  بۇ سىزنىڭ  ئىستىداتىڭىزغا  ھېچقانداق  تەسىر  يەتكۈزمەيدۇ،باغداش  مۇنبىرىمىزدە  ھېسيتقا تايىنىپ قىزززىق  قانلىق  بىلەن  مۇنازىرە  قىلىدىغان  ياشلىرىمىز  كۆپ،بىراق  ماھىيەتنى  چۈشىنىپ  ئەقىل بىلەن  ھۆكۈم چىقىردىغان،خۇلاسە  قىلىدىغان  سوغاققان  دانالار  ئاز.شۇڭا  نەچچە ۋاقتتىن ئادەمنىڭ  ئېسىدە << قالغۇدەك>> بىر قىسىم   <<ياخشى>>  ئىنكاسلار  باغداشنىڭ  ساپ ھاۋاسىنى  بۇلغاپ  بىرقىسىملارنىڭ  ئىچىنى  ئاچچىق  قىلدى،مەززىسىز  ئىختىلاپ-مۇنازىرىگە  سەۋەپ  بولدى،ھەتتا  باغداش  سەيناسىدىن  ھەيدەپ  چىقىرىلدى.مۇنبەرنىڭ  ئۆزى كۆڭۈل  ئېچىش  مەيدانىلا   ئەمەس  بەلكى ئىلىم-ھېكمەت،ئەدەپ-ئەخلاق  ئۆگۈنىش  مەيدانى  بولغىنى  ياخشى.
ئەمدى  مەقسەدكە  كېلەيلى،مېنىڭ  چىلان  ئۆسەك  قۇرىتى  ھەققىدىكى  ماقالىنى  ئۆچىرىشنى  ھاۋالە  قىلىشىمدىكى  مەقسەد  بەلكى،سىزنىڭ  خالىس  نىيىتڭىزدىن  قېلىشمايدىغان  ئېزگۈلۈكنى  ئىزدىگەنلىكىمدىن  ئىبارەتتۇر.
1.قومۇل  چىلىنى  بىرقانچە يىلدىن بۇيان  دۆلتىمىزدىن  ھالقىپ خەلقئارادا   ئالاھىدە  بازار  تاپتى،بۇ  قومۇلدىكى دېھقان  قېرىنداشلىرىمىز  ئۈچۈن  تېپىلغۇسىز  پۇرسەت  ئەلۋەتتە.قومۇلدىكى دېھقانلىرىمىزنىڭ  ئەڭ  كۆپ  كىرىمى  ھازىر  چىلاندىن  بولىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ  بالدۇر  ئويغانغانلارنىڭ.شۇڭا  چىلانغا  كەلگەن  بۇ  ۋەھىمە  پۈتكۈل  تىرىكچىلىكىنى چىلانغا  باغلىغان بىرقىسىم  دېھقانلىرىمىز  ئۈچۈن  بەكمۇ قورقۇنچلىق  ئەھۋال،بۇنى  ئاللىبۇرۇن چۈشەنگەن  ۋە  بايقىغان   مۇتەخەسسىس،پراففىسورلار  بۇ  ھەقتە ئىنتايىن  كۆپ تەتقىقاتلارنى  ئېلىپ بارغان  ۋە بۇ  قۇرۇتقا مۇناسىۋەتلىك  ئەمەلى  خىزمەتلەرنى  ئىشلىگەن،ئىككى يىلغا  يەتمىگەن  قىسقىغىنا  ۋاقىتتىللا  قومۇلدىكى  مۇشۇ  قۇرۇتنى  يوقىتىش  ئۈچۈن  30 مىليون يۈئەنگە  يېققىن  ئىقتىساد  ئاجرىتىلغان ۋە  ئىچكىرى ئۆلكىلەر،ئاپتوبۇم  رايۇندىن  مۇتەخەسىسلەر  تەكلىپ  قىلىنغان.بۇنىڭدىن  ئورمانچىلىق  تارماقلىرىنىڭ  دېھقانلار  ئۈچۈن  قانچىلىك كۆپ  ھەرەج تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىش  تەس  ئەمەس  دەپ  قارايمەن.
2.چىلاننىڭ خەلقئارادىكى  ئىناۋىتى   دېھقانلىرىمىزنىڭ  يانچۇقىدىكى  خىراجىتىنىڭ  كاپالىتى.
ئىستىمال  بۇيۇملىرىغا  نىسبەتەن  سەزگۈرلىكى  ئىنتايىن كۈچلۈك  بولغان چەتئەللىكلەر  مەرۋايىتتەك  كۆز  چاقنىتىپ  كېلىۋاتقان  چىلانلىرىمىزغا  تەگكەن  بۇ   نىجاسەتتىن  خەۋەر  تاپسا    بۇ <<قىزىل  ئالتۇن>>ىمىزنىڭ  ئېكىسپورت  قىلىنىشى  قانداق  ھالغا  چۈشۈپ  قالار؟  بۇ  دېھقنالىرىمىزنىڭ  قانچىلىك  ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كۆپۈككە   ئايلاندۇرار؟!( بۇ  ئىشنىڭ  سىياسىۋىلىق  بىلەن  ھېچقانداق  مۇناسىىۋىتى  يوق،بۇ  تەرەپلەردىن  قۇرۇق  ئەسنەپ  كەتمەڭلار).
  بۇ  جەھەتتە كەسىپ ئەھىللىرى   ئالاھىدە  ئەسكەرتىش  بەرگەن يەنى  بۇ  نىجاسەتنىڭ  نامى  تارقىلىپ  كەتمەستىلا   ئۇنى   بۆشۈكىدە  ئۇجۇقتۇرۇشنىڭ  چارىلىرى  ھەققىدە  ھەركەتكە  كەلگەن،شۇنداقلا  بۇ بايقالغان  جايلارغا  نۇرغۇنلىغان  كەسپىي خادىملارنى   ئەۋەتىپ   بۇ نىجاسەتنى يوقىتىشنىڭ  كۈرىشىگە  زەربىدارلىق بىلەن  ئاتلانغان.سىز  كۆرسەتكەن  چارىلەردىن نەچچە  ھەسسە  ھالقىيدىغان  چارىلەرنى  قوللانغان.  (ھازىرمۇ  قوللىنىپ  كېلىۋاتىدۇ)ئۆز مەنپەئەتىنىڭ  زىيانغا  ئۇچرىشىدىن  ئەنسىرگەن  دېھقانلىرىمىز  ئۇلارغا    يېققىندىن ماسلىشىپ قاپاق ياردى سوغاقلاردا،كاللا  قاينار  ئىسىقلاردا  ھەركەتكە  كەلگەن.بۇمۇ  ئۇلارنىڭ  بۇ  قۇرۇتنىڭ  نامى  تارقىلىپ كەتمەىستە  تېزراق  بېشىقتۇرۇشنىڭ   غېمىنى يىگەنلىكىدۇر.
3.بۇ  ئەھۋال  ئىلگىرى  باشقا  ۋىلايەتلەردىمۇ  كۆرۈلگەن،شۇنداقلا  پۈتۈن ۋىلايەت  ،ناھىيە  بويىچە  چىلانلار  كېسىلىپ  دېھقانلىرىمىزنىڭ  جانىجان مەنپەئەتىگە  قاتتىق  تەسىر  كۆرسەتكەن،تور  دۇنياسى  ھەممەيلەنگە  ئايان  بولغان دۇنيا،ئۇنىڭدا  تارقالغان تەشۋىقات  ناھايتى تېزلا  يەر  شارىنى  ئايلىنىپ  چىقالايدۇ،سىزنىڭ  ئېزگۈ  ھېسياتتا  يوللىغان  بۇ ئىلمىي  يازمىڭىز  بىرقىسىملارغا مەنپەئەت  ئېلىپ  كەلسىمۇ  لېكىن  ئۇنىڭ  ئەكس  تەسىرىنى  ئويلاشمايمۇ  بولمايدۇ،چۈنكى  مەسلىنى  ئىككى  تەرەپتىن  ئويلاشنى  بىلگەنلەر  بۇنىڭغا  ئەقلى  ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.قاراپ باقسام سىزدە بىلىم، قايناق ھېسيات  باركەن،تەمكىنلىك  كەمكەن  ئەگەر بۇلارنى  زىچ  بىرلەشتۈرەلىسىڭىز  باغداشنىڭ يېزا  ئىگىلىكىگە  مۇناسىۋەتلىك سەھىپىسىگە  مەسئۇل  بولسىڭىزمۇ  بولغۇدەك.(چىن  دىلىمدىن دەۋاتىمەن،مەنمۇ  باغداش  مۇنبىرىنىڭ بىر  مەسئۇلى ئىدىم،مەلۇم سەۋەپلەر  بىلەن  ئىستىپا  بەرگەن)،باغداش  مۇنبىرىمىز  ئىلگىرىمۇ  نۇرغۇن  ياخشى  پائالىيەتلەرنى  ئېلىپ بارغان،بۇ  پائالىيەتلىرىمىز  ھەتتا  خەلقئارادا  ئالاھىدە  تەسىر  قوزغاپ  چەتئەللەرنىڭ  تور بەتلىرىمۇ  تەشۋىق  قىلغان.ۋە  بىزنى قوللاپ  مەخسۇس  ئۇچۇرلار  كەلگەن...
4.مۇشۇ   مۇناسىۋەت بىلەن سىز  ۋە  باشقا  قېرىنداشلىرىمغا  دەيدىغىنىم    باغداش  مۇنبىرىمىز  بۇنىڭدىن كېيىن  تېخىمۇ  ئۆزگىچە  رەڭدە  خەلقىمىزگە   مەنپەئەت   بەرگۈسى،بۇنىڭ  ئۈچۈن بىزدە   ئىناق-ئاتتىپاقلىقنى گەۋدە  قىلغان  بىرلىك بولىشى  كېرەك،ھەدىستە  ئېيتىلغاندەك<<  ئېغىرلىق راھمانلىق، يېنىكلىك شەيتانلىق>>،بىلگەنلىرىمزنى  بىر-بىرىمىزدىن  ئاياشمايلى. ئۇسسۇلۇققا  تېگىدىغان تېمىلىرىڭىزنى  باغداشتىن  ئايىمىغايسىز.

ئادەم ئادەمدەك ي

14

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2277
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3305
تۆھپە : 2134
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 09:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىر ئىنسانلارغا يېمەكلىكلەردىن كېلىۋاتقان ۋەھىمە ئىنتايىن يوقۇرى،مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئىمپورت-ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان كارانتىن سەزگۈرلىشىپ كەتتى.2 يىلدىن بېرى قۇمۇل ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى ھەل قىلالمايۋاتقان،ھەتتا مەركەزدىن تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ئاپەتنى يىلتىزىدىن قۇرىتالمايۋاتقان شارائىتتا،ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ بۇ خاتا ئىش ئەمەس،جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەرگە تونۇلمىغان ئەمىلى تەجىربىگە ئېگە يەرلىك بىلىم ئەھلىلىرى چىقىپمۇ قېلىشى مۇمكىن،شۇلارنىڭ ئىلمى ياردىمى نەتىجىسىدە بۇ نىجاسەت قۇرۇت يوقىتىلىشىمۇ مۇمكىن،ھەتتا خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن ياردەم كېلىشىمۇ مۇمكىن،شۇنىڭ بىلەن بۇ نىجاسەت قۇرۇت يوقىتىلسا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلىمىڭ ئاشكارا دېگەن گەپ بار،پۈتكۈل ئىلىم ئەھلىلىرى يېقىندىن ماسلاشسا بۇ ئاپەت چوقۇم يوقىتىلىدۇ.سېنىڭ چارەڭدىن نەچچە ھەسسە ئىلغار چارىلەر كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى دەپ بىراۋنىڭ بىلىمىگە سوغۇق سۇ سېپىش ئاقىلانىلىك ئەمەس،مۇشۇمۇ ئۆزىمىزدىن چىققان ئىلىم ئەھلىلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىك،سۇنى يېقىلغۇ قىلىدىغان دېۋىگاتىلنى كەشىپ قىلغانمۇ ئۇيغۇر دېھقان،ئۇ قانداقتۇر بىر ئالى مەكتەپنى ئوقىمىغان،ياكى بىر تەتقىقات ئورنىدا تەربىيىلەنمىگەن،ئۇنىڭ يوقۇرى تەپەككۇرى ئاشۇ تەتقىقاتنى مەيدانغا چىقىرىشقا سەۋەپ بولدى،ئۆزىگە ئىشەنگەن،تىرىشقان كىشى مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ،ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىك تولىمۇ بىلىمسىزلىك،ئاخماقلىق.بىلىمنىڭ يۇقۇرى تۆۋىنى يوق.ئىككى يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان بۇ مەسىلە ئەمدى جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلىپ كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئورتاق كۈچ چىقىرىش ھالىتىگە كەلگەندەك تۇرىدۇ.

5

تېما

0

دوست

2033

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 402
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 10:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چىلان ئۈزەك قۇرتى » توغۇرسىدىكى ماقالىنىڭ ئۆچىرۋېتىلىشى مېنىڭچىمۇ توغرا بولمىغاندەك قىلىدۇ. ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى پەقەت «چىلان ئۈزەك قۇرتى»نىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ۋە ئۇنى يوقۇتۇشنىڭ تەدبىرلىرىكەن،.....دېمەك ،بۇ تېما بىزنىڭ جاپاكەش دېھقانلىرىمىزغا نەپ ئېلىپ كىلىدۇ،خالاس. بۇ بەلكىم دوكتۇر باغداشخاننىڭ سىناقلاردىن ئۆتكۈزگەن رېستىپى بولىشى مۇمكىن.....

11

تېما

0

دوست

3722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  697
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 740
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 1092
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 20:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكوم مۇنبەرداشلار، مەن ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى دوستىمىز ئۇيغانغان زىمىننىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
     ھازىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتىدىكى ئادىل ساتتار مۇئەللىم، شنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادىمىيسىدىكى پىروففىسور ئەختەم ئۇۋەيىش ئاكا قاتارلىق كىشىلەر دۆلەت تەبىئى پەنلەر فوندى ۋە باشقا ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ تەتقىقات مەبلىقىگە ئېرىشتى ھەم تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەختەم ئاكا بۇيىل بېشىدا دۆلەت تەبىئى پەنلەر فوندىغا مىۋىلىك دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەر نىڭ ئونۋېرسال ئالدىنى ئېلىش توغۇرسىدا مەخسوس بىر تەتقىقات تۈرى ئىلتىماس قىلدى. ئەگەر تەستىقلىنىپ قالسا موشۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى. ھازىر مەن تۇرغان تەجرىبىخانىدا  بىر خىل ھاشارەتلەردە پارازىت ياشايدىغان ماكرو ئورگانىزىم (绿僵菌) بار بولۇپ،  ھازىر چىكەتكە، يەرئاستى زىيانداش ھاشارەتلىرى(چىملىقلاردىكى زىيانداش ھاشارەتلەر) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا قوللىنىلۋاتىدۇ. بۇ خىل بىئولوگىيلىك دارا ئادەملەرگە زىيانسىز بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدۇ. پىروففىسور ئەختەم ئۇۋەيىشنىڭ ئىلتىماس قىلغان تۈرىدە بىر بۆلەكنى ئىگەللىگەن بولۇپ، كېيىن قومۇلدا چىلان ئۈزەك قۇرتىغا نىسبەتەن سىناق ئېلىپ بارماقچى.
ھازىر شىنجاڭدا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان كارانتىن ئوبىكتى چىلان ئۈزەك قۇرتى ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئىقتىسا دى زىرائەتتىكى كېسەللىك.
تۆۋەندىكىسى ئادىل مۇئەللىم قاتارلىقلارنىڭ چىلان ئۈزەك قۇرتى ھەققىدىكى «ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكىسى» دىگەن ئىلمى ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسى، كۆرۈپ بېقىڭلار (چەتئەللىكلەر توردىن ئېنگىلىزچە نامى ياكى لاتىنچە نامى بىلەن ئىزدەپ تاپالماسمۇ؟ ).
1.JPG
2.JPG
3.JPG
基金.JPG
6.JPG
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى ! باغداشخان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )