- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13531
- نادىر
- 1
- يازما
- 554
ئۆسۈش
8.83%
|
ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ... مەنمۇ بىر تەكىلىپ بەرسەم، تەستىقلانمىغان تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبىگە چۈشەنچە بەرسەڭلار. جاپادا يوللىغان تېمىلار ئىزدېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتسە كىشىنىڭ كۆڭلى غەش بولىدىكەن.
باغداشخان: ياخشىمۇسىز، «راك بولغان تاۋۇزنى يىيىشكە بولامدۇ؟» دىگەن تېمىنى مەن يوللىغان...
«تەرجىمە قىلغۇچىلار ئادەملەردىكى راك كىسىلى بىلەن ئۆسۈملۈكلەردىكى راك كىسىلىنىڭ پەرقىنى چۈشىنەمدىكەن.» مەن بۇنى ھەقىقەتەن چۈشەنمەيمەن، ئەمما گېن ئۆزگەرتىلگەن ئۆسۈلۈكلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمالدا بولىشىنىڭ ئادەم سالامەتلىكىگە تەسىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچەم بار.
«شۇ تېمىنى يوللىغۇچى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا ئۇ ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپتىمۇ؟ »
ئۇ ماقالىنىڭ مەنبەسى شۇ مەن يوللىغان مەنبەكەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەنبە تاپالمىدىم، يەنە قانداق سۈرۈشتۈرسەم بولاتتى؟ سىز دىمەكچى بولغىنىڭىز نوپۇزلۇق ژۇرنال، نوپۇزلۇق ھۆكۆمەت توربەتلىرىمۇ؟ بۇنى مەن سۈرۈشتۈرمىدىم. ئەگەر ئۇ ماقالىدە دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسىدىم: ئۇنىڭ ئالدىغا سىز يوللىغان «تاۋۇز پارتىلاش» ۋەقەسىگە يانداشتۇرۇپ يوللىغان، يەنە مەن يوللىغان تېمىدا دىيىلگەندەك سەھىيە مۇتەخخەسسىسلىرى ئوتتۇرغا چىقىىپ ئەڭ ئاخىرقى جاۋاپنى بەرگەنلىك توغرىسىدا خەۋەر بولسا يەنە تەرجىمە قىلماقچىتىم، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سەل ئالدىراشلىق بىلەن ئۇ خەۋەرنىڭ كەينىگە دىققەت قىلالمىدىم. ئۇ تېمىدا دىيىلگەنلەرنىڭ قانچىلىك ئىلمىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن، ئەمما ئەسلى مەنبەدىكى مۇنازىرە، تالاش-تارتىشلارنى كۆرۈپ، مۇنبەردىكى قېرىنداشلانىڭمۇ شۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىش مەقسىدىدە تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم، خاتالىق بولسا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تۈزىتىشىگە قالدۇردۇم، ئەمما ھېچكىم ماۋۇ ئىش مۇنداق دىمىدى. ئەسلى مەنبەدىمۇ ھەرقانداق تېمىنىڭ ئاستىدا: بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار بېكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز پەقەت ئاپتورنىڭ شەخسىي كۆزقارشى، دەپ ئەسكەرتىش بېرىلىدىكەن. خاتالىق بولسا ھەرياقتىن ئۆز ئاساسىنى سۆزلەپ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەيدىكەن. بىز ئەمدى ئۆزىمىز ئۇنداق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى يازالمىغاننىڭ ئۈستىگە «قۇرۇق گەپمىكىن» دىگەن گۇمان بىلەن تەرجىمە قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قاملاشماس، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان، لاۋزا گەپ بولمىسىلا تەرجىمە قىلسام بولىدۇ،دەپ ئويلايمەن مەن ئۆزۈمچە.
بۇ يەردە يەنە بىر تەكلىپ چىقىدىغان بولدى، شۇنداق خاتالىقلار بايقالسا خەۋەردار كەسىپ ئەھلىلىرى ۋاقتىدا چۈشەنچە بەرسە، ھەممىمىز خاتا كۆزقاراشتا ئولتۇرىۋەرمىسەك.
شۇ «راك بولغان تاۋۇزنى يىيىشكە بولامدۇ؟» دىگەن تېمىغا«ھۆكۆمەتكامنىڭ چىشىغا موشۇنچىلىك تىگەلەيدىغانلار چىقىدىكەن ھە؟!!!» دىگەندەك ئىنكاستىن بىرەرسى چۈشسە ئىدى مەن تېما يوللاش مەقسىدىمگە ھەقىقىي يەتكەن بولاتتىم. خۇددى سىز يوللىغان شېئىردەك ھازىر بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز پەقەت داستىخاندىن بېرى كەلمەسلىك بولۇپ كەتتى! شۇ سىز يوللىغان «تاۋۇز يېرىلىش» ۋەقەسى توغرىسىدا ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىلىرىمىزدىن قايسىسى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ بىرەر پارچە بىر نىمە يېزىپ بېقىپتۇ؟ ئىشقىلىپ مەن كۆرمىدىم، ئاڭلىمىدىم. خەق ئالا-تاغىل توۋلىغان بولسىمۇ كۆڭلىدىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كەلتۈرۋاتقان زىيانلىرىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۆمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمۈد قىلىپ شۇنداق بىر نىمە بولسىمۇ يېزىپتۇ. مەنمۇ بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشكەن ماۋۇ، دەپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. بىزدىكى «مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز» ئىدىيسى تۈگىگەن بولسا بۇيەردە بۇنداق تالاش-تارتىش بولماس ئىدى... |
|