قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2384|ئىنكاس: 18

«تېرە پۈتۈك» نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26095
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 20:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«تېرە پۈتۈك» نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى

  

ئىلاۋە:
      بۇ كىتاب نەشىر قىلىپ تارقىتىلۋاتقىنىغا ئىككى ئايغا يېقىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا باغداش تورىدىكى تورداشلارنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىپ قېلىشى، ئوقۇپ چىقىپ، بۇ كىتاب ھەققىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن بۇ تېما يوللاندى.
      

مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،
      بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر بابىنى ئوقۇغىنىڭىزدا ھەر بىر باب گويا مەخسۇس سىزگىلا يېزىلغان «تېرە پۈتۈك» تەك سىزنى تامامەن ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ. سىزنى كېرەكلىك ساۋاتلار بىلەن تەمىنلەپ، ھاياتلىق يولىڭىزدىكى ھاڭلارنى تىندۇرۇپ تۈزلەيدۇ. گەپ كەتمەيدۇكى، بۇ ئەسەردە مۇنبەرگە چىقىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىدىن مۇنەۋۋەر زاتلاردۇر. بىز بۇ يەرگە ئۇلارنىڭ ئەنگۈشتەرلىرىنى مۇجەسسەم قىلىپ، سىزگە ئۇتۇق ۋە غەلىبىگە قانداق يېتىپ بېرىشنى ئۆگىتىپ قويماقچى.
           دالى كارنىگ،  فرانكىلىن، ئاكا - ئۇكا گىئويوروس، ناپالېئون خېئول، T . P . بانام،  دوكتور نورمان ۋىنىسېت پېر، دوكتور . W . دىيەر، W . كىلەمېنت سىتون،  دورۇتخ براند،  رىچارىد . M . دىۋۋس،  دوكتور ماكسىۋىل مارىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئالىم بىز مۇجەسسەم قىلغان 50 زات ئىچىدىكى ھاياتىي كۈچكە ئەڭ باي، ئەڭ دانىشمەن شەخسلەرنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇلار مېنىڭ كۆپ  يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشىم «كۇللىياتى ئۇتۇقنامە» نى تۇنجى بولۇپ نەشر قىلدۇرۇشۇمنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جەم بولدى. مەن سىز ئۈچۈن ئەنە  شۇنداق نامى ئۇلۇغ- پىركامىللارنى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈردۈم. ئەمدى ئۇلار سىزگە مەسلىھەتچى بولۇپ، كۆڭلىڭىزدىكى غۇۋالىقلارنى يورۇتىدۇ.
        شەك- شۈبھىسىزكى، مەكتەپلەر سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. لېكىن، سىز بىرەر مەكتەپ ياكى سىنىپتا، ئۆگەنگەن ئاشۇ بىلىملەرنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، سىزنى بەختلىك، ئۇتۇقلۇق، نەتىجىلىك ھايات كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلغۇدەك بىرەر دەرسنىڭ تەسىس قىلىنغىنىنى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟ ھەتتا مۇشۇ توغرىسىدا بىرەر سائەت دەرس ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟
       بۇ كىتاب دەل مانا مۇشۇ  كەملىكنى تولدۇرۇشنى نىشان قىلدى. بۇ نىشان تۇرغۇزۇلغانىدى. ئەمدى سىزنىڭ  يوشۇرۇن قابىلىيىتىڭىز ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك بۇنىڭغا قويۇلسىلا، ئىشىنىمەنكى، بىز جەزمەن ئۇتۇق گۈلشىنىگە ئورتاق يېتىپ بارىمىز.
                                                                     ــــــــ:«تېرە پۈتۈك» تىن.

      «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ نامى دۇنياغا پۈر كەتكەن ئوگ ماندىنو ئىلھام بەخىش كىتاب يېزىش جەھەتتە ئەڭ بازارلىق، ئەڭ تەسىرچان يازغۇچىلىق شەرىپىگە ئىگە بولدى. مەيلى قانداقلا كەسىپتە بولسۇن، ھەممىلا كىشى ئوگ ماندىنونىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھېكمەت، ئۆتكۈرلۈك ۋە سۆيگۈ بىلەن تولغانلىقىنى مەھىيەلەيدۇ. ئۇ 14 پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، 18 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 30 نەچچە مىليۇن نۇسخا تارقىتىلغان.
      يېقىندا كۆكنۇر يۇقىرى تېخنىكا ئېچىش ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئۆزتۇغ كىتابخانسىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، «ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ناملىق كاتتا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئوگ ماندىنونىڭ يەنە بىر بۈيۈك ئەسىرى «تېرە پۈتۈك» نەشىر قىلىنىپ، بازارغا سېلىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.
      بۇ كىتابنى «سوفىيەنىڭ دۇنياسى»، «ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ»، «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە»، «ھەييە بىننى يەقىزان ھەققىدە قىسسە»، «مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ، بۆلگۈنچىلىك ماجراسىمۇ؟» .... قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان، «بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك»، «قانداق قىلىش كېرەك»، «پەلسەپە نېمىشقا لازىم؟»، «مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر» ... قاتارلىق ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان، ئېستىداتلىق تەرجىمان، ياش مۇتەپەككۇر، ئۆزگىچە تىل ئۇستىسى داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلغان بولۇپ، بۇ كىتابنى تەپسىلىي بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقشىڭىزغا تەۋسىيە قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتاب سىزگە باشقىچە قاراش، يېڭىچە بىر تونۇش ئاتا قىلغۇسى.
       ئۇمۇ مۇھىم، بۇمۇ مۇھىم، زادى قايسى مۇھىم؟ بەختىيار ۋە غالپ ئىنسان بولماقنىڭ ھەر مۇھىملىرىنى ئۆز لايىقىدا تولۇق بايان قىلغان بىرەر ئەسەر يوقمۇ؟ بار. ئۇ بولسىمۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ناملىق كاتتا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئوگ ماندىنونىڭ يەنە بىر بۈيۈك ئەسىرى- تېرە پۈتۈك.
     
   * ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى؛
      * ئامېرىكىنىڭ ئاسانلىقچە باشقىلارغا ساتمايدىغان بىلىم مۈلىكى؛
      * ناتىقلىقنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى ئۇستاز؛
   
      
      ئۆز قىممىتىڭىزنى ئاشۇرماقچى، يامان ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى، ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىزنى ئۆز پېتى ساقلىماقچى، پاسسىپ ھالەتتىن قۇتۇلماقچى، تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ يولىنى تاپماقچى، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرماقچى، كوڭلىڭىزدىكىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرماقچى- بولسىڭىز- «تېرە پۈتۈك» ناملىق بۇ كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ.
                              
     

   مۇندەرىجە:

مۇۋەپپەقىيەت  گۈلى مۇنداق ئېچىلىدۇ
1. دەرس ئۆز ئۆتمۈشىگە قانداق قاراش كېرەك؟
2. دەرس ئۆز كامالىتىنى  قانداق نامايان قىلىش كېرەك؟
  3. دەرس ئۆز بەخت - تەلىيىنى قانداق تونۇپ يېتىش كېرەك؟
4. دەرس مەغلۇبىيەتنىڭ بېشارىتىنى قانداق ئىلغا قىلىمىز؟
5. دەرس ئەڭ بەك مەغلۇبىيەت چىللىغۇچى ئون ئامىلدىن قانداق ساقلىنىمىز؟
6. دەرس ئۇتۇقتىكى رىقابەتلەرگە يۈزلىنىش كېرەك؟
7. دەرس ئۆزىڭىزگە  ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى قانداق بېرىسىز؟
8. دەرس قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز؟
9. دەرس قانداق قىلغاندا ئۆز ئىقتىدارىڭىزنىڭ مېغىزىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك چاقالايسىز؟
10. دەرس قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئۈنچە - مارجان كېنىمىزدا گۈللەپ ياشنىيالايمىز؟
11. دەرس پەقەت قەلبىم ئاق- قارىنى ئايرىيالىسىلا، پەقەت غېرىبلىق،  بەخت  ۋە نامراتلىق ئېلىپ كېلەلىسىلا.
12. دەرس چەكسىز ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ تۇرمۇشنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟
13. دەرس قانداق قىلىپ ئىززىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيمىز؟
14. دەرس پاسسىپ روھىي ھالەتتىن قانداق قۇتۇلىمىز؟
15. دەرس ئۈمىد سەنئەتلىرىدىن قانداق بەھرىلەنگىلى بولىدۇ؟
16. دەرس جاسارەتنى قانداق ئۇرغۇتۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىمىز؟
17. دەرس ئۆزىمىزنى- ئۆزىمىز قانداق ئىلھاملاندۇرىمىز؟
18. دەرس ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت كۈنتەرتىپىنى قانداق لايىھىلەيسىز؟
19. دەرس قانداق قىلغاندا  ئوتتەك قىزىقىشنى  ئۆز سۈپىتىدە ساقلىغىلى بولىدۇ؟
20. دەرس يامان ئادەتلەرنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟
21. دەرس قانداق قىلغاندا بۈگۈنكى ئىش ئەتىگە قالمايدۇ؟
22. دەرس ۋاقىتنى قانداق قەدىرلەش كېرەك؟
23. دەرس ۋاقىتنى قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى تەقسىملەپ ئەۋۋەللىك ھوقوقىنى كامالى ئويلاشقىلى بولىدۇ، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟
24. دەرس قانداق قىلغاندا تۇرمۇشنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ
25. دەرس نەپنى يۇقىرىلىتىش پرىنسىپىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟
26. دەرس قانداق قىلغاندا پۇل تېپىش ماھىرىغا ئايلانغىلى بولىدۇ؟
27. دەرس قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكى ئوينى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
28. دەرس «ئۆز خەزىنىمىز» نى قانداق بەرپا قىلىمىز؟
29. دەرس قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ شانۇ- شەۋكىتىگە ئېرىشەلەيمىز؟
30. دەرس ئۆز قەدىر- قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇشنى ئويلاڭ.
31. دەرس ھەسەلنى قانداق قىلغاندا ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزىۋەتمەي ئالغىلى بولىدۇ؟
32. دەرس باشقىلارنى قانداق قىلىپ ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايسىز؟
33. دەرس قانداق قىلغاندا تۇرمۇشنىڭ ئىگىسى بولغىلى بولىدۇ؟
34. دەرس ئۇتۇق يولىنى قانداق تاپىمىز؟
35. دەرس قانداق قىلغاندا غالىبلارچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققىلى بولىدۇ ؟
36. دەرس جىددىي ھالەتتە قانداق ياشاش كېرەك؟
37. دەرس رىقابەتنىڭ پاتقىغىغا غەرق بولۇشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
38. دەرس تەلەي قانداق يارىتىلىدۇ؟
39. تۇرمۇش ئاتا قىلغان تۈرلۈك تاللاشلاردىن قانداق قىلغاندا ئاقىلانە پايدىلانغىلى بولىدۇ؟
40. دەرس مەغلۇبىيەت قانداق قىلغاندا غەلبىگە ئايلىنىدۇ؟
41. دەرس قانداق قىلغاندا تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئېسىل نەرسىدىن ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ؟
42. دەرس قانداق قىلغاندا ھەربىر ۋەزىپىنى بەجا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟
43. دەرس ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدىغان ياكى چىققىلى بولمايدىغان بۇرۇچلارنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
44. دەرس ئۆز دۈشمەنلىرىمىزگە قانداق تاقابىل تۇرىمىز ؟
45. دەرس مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئۆرە تۇرىمىز
46. دەرس ئۇتۇقنىڭ توزاندەك توزۇپ كېتىشىدىن قانداق ساقلىنىمىز؟
47. دەرس قانداق قىلغاندا كامالەت تاپقىلى بولىدۇ؟
48. دەرس قانداق قىلغاندا بالىلارنى ئۆزلىكىدىن ياراملىق ئادەم بولىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟
49. دەرس بەختلىك تۇرمۇشقا قانداق ئېرىشىمىز؟
50. دەرس مۇۋەپپەقىيەت ئوتىنى قانداق قىلغاندا ئۈزمەي لاۋۇلداتقىلى بولىدۇ؟


                                                        مۇۋەپپەقىيەت گۈلى مۇنداق ئېچىلىدۇ
      

  مەرھابا!
        ناۋادا بۇنىڭدىن بۇرۇن كۈلپەتلىك دۇنيانىڭ ئەسكى ئەلگەكلىرىدە يەتكۈچە تاسقالغان بولسىڭىز، خۇش نەپەس بىلەن دەيمەنكى، بەس، ئەمدى سىزگە بۇنداق تۇيۇلمايدۇ. تۇرمۇشىڭىزمۇ ھەسسىلەپ بېيىيدۇ، بىر كۈنىڭىز يەنە بىر كۈنىڭىزگە ئوخشىمايدىغان بولىدۇ.
         «تۈنۈگۈننى، ئۆتكەن ئاينى، ئۆتكەن يىلنى ئۇنتۇڭ. غەم- قايغۇلۇق كۈنلەرنى ئۇنتۇڭ. مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكنى ئۇنتۇڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئارقىمىزدا قالدى، يېڭى بىر كۈن قۇچىقىنى ئاچتى. بۇرۇن كەلسە ئىدى دەپ قانچە تەشنا بولغان كۈنلەر مانا كۆز ئالدىمىزدا ھازىر بولدى، خوش، ئەمدى ھازىردىن باشلاپ ھاياتىڭىزدىكى شانلىق قۇرلارغا قەلىمىڭىزنى سۈرۈڭ؛ مەزكۇر دەرسلىكتىكى باب ۋە پاراگىرافلاردىن ئۇتۇق قازىنىشنىڭ بىباھا ھېكمەتلىرىنى سۈزۈڭ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بۇ بەيتۇل ھېكمەتتە ئۆگەنگەن ئەنگۈشتەرلەرنى تەتبىقلاپ، ئۆزىڭىز ۋە يارەنلىرىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى ئىجاد قىلىشنىڭ كويىغا كىرىڭ».
     ھىنرى دادۋىد مۇنداق دەپ يازغانىدى: «بىزنىڭمۇ بىر پارچە ‹تېرە پۈتۈك› كە ئىگە بولىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى. شۇندىلا بىز چوڭ بولۇپ قاپتۇق دەپلا تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىمىزدىن ۋاز كەچمەيدىغان بولىمىز». مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر بابىنى ئوقۇغىنىڭىزدا ھەر بىر باب گويا مەخسۇس سىزگىلا يېزىلغان «تېرە پۈتۈك» تەك سىزنى تامامەن ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ. سىزنى كېرەكلىك ساۋاتلار بىلەن تەمىنلەپ، ھاياتلىق يولىڭىزدىكى ھاڭلارنى تىندۇرۇپ تۈزلەيدۇ. گەپ كەتمەيدۇكى، بۇ ئەسەردە مۇنبەرگە چىقىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىدىن مۇنەۋۋەر زاتلاردۇر. بىز بۇ يەرگە ئۇلارنىڭ ئەنگۈشتەرلىرىنى مۇجەسسەم قىلىپ، سىزگە ئۇتۇق ۋە غەلىبىگە قانداق يېتىپ بېرىشنى ئۆگىتىپ قويماقچى.
       دالى كارنىگ،  فرانكىلىن، ئاكا - ئۇكا گىئويوروس، ناپالېئون خېئول، T . P . بانام،  دوكتور نورمان ۋىنىسېت پېر، دوكتور . W . دىيەر، W . كىلەمېنت سىتون،  دورۇتخ براند،  رىچارىد . M . دىۋۋس،  دوكتور ماكسىۋىل مارىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئالىم بىز مۇجەسسەم قىلغان 50 زات ئىچىدىكى ھاياتىي كۈچكە ئەڭ باي، ئەڭ دانىشمەن شەخسلەرنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇلار مېنىڭ كۆپ  يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشىم «كۇللىياتى ئۇتۇقنامە» نى تۇنجى بولۇپ نەشر قىلدۇرۇشۇمنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جەم بولدى. مەن سىز ئۈچۈن ئەنە  شۇنداق نامى ئۇلۇغ- پىركامىللارنى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈردۈم. ئەمدى ئۇلار سىزگە مەسلىھەتچى بولۇپ، كۆڭلىڭىزدىكى غۇۋالىقلارنى يورۇتىدۇ.
         شەك- شۈبھىسىزكى، مەكتەپلەر سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. لېكىن، سىز بىرەر مەكتەپ ياكى سىنىپتا، ئۆگەنگەن ئاشۇ بىلىملەرنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، سىزنى بەختلىك، ئۇتۇقلۇق، نەتىجىلىك ھايات كەچۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلغۇدەك بىرەر دەرسنىڭ تەسىس قىلىنغىنىنى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟ ھەتتا مۇشۇ توغرىسىدا بىرەر سائەت دەرس ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟
        بۇ كىتاب دەل مانا مۇشۇ  كەملىكنى تولدۇرۇشنى نىشان قىلدى. بۇ نىشان تۇرغۇزۇلغانىدى. ئەمدى سىزنىڭ  يوشۇرۇن قابىلىيىتىڭىز ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك بۇنىڭغا قويۇلسىلا، ئىشىنىمەنكى، بىز جەزمەن ئۇتۇق گۈلشىنىگە ئورتاق يېتىپ بارىمىز.
       ئۇتۇق! نېمىدېگەن جەزبىدار سۆز - ھە! ئۇ گويا ئالتۇن، ئۇ گويا ئىشىقى- مۇھەببەت، ئۇ گويا شېرىن مېۋە! ئۇلارنىڭ كاللىڭىزدىكى ئالمىشىشلىرى گەرچە ئۆزگىچە خىياللارغا چىگىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، يەنى ئوخشاشلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شۇنداق بىر گۈزەل مەنزىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. دۇرۇس سىز تېخى تۇرمۇشىىڭزدا بۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەرنى تېپىپ بولالمىدىڭىز، كۆردى دېگەندىمۇ ئۇخلىماي چۈش كۆرگەن چاغلىرىڭىزدا كۆردىڭىز. شۇنداقمۇ؟ تەقدىر ماڭا تەبەسسۇم قىلامدۇ - قىلمامدۇ؟ ماڭا مەردانىلىك بىلەن چوڭ - چوڭ بايلىق، قارا كۆزلەر تاشلىنىپ تۇرىدىغان مەرتىۋە، چەكسىز كۈچ، چەكسىز ئەركىنلىك، ھېچبولمىغاندا  ھازىرقىدىن ئۈستۈنرەك ئورۇن بېرەمدۇ - بەرمەمدۇ؟ دەپ ئويلىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟



                                                  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىيىن؟

  

         بىز ھەر بىرىمىز بىردىن مۆجىزە، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۈمىد يۇلتۇزلىرى ئەزەلدىن ئۆچمەيدۇ. بىز مەيلى ماشىنىساز، دېرىكتور، سودىگەر، ئوقۇغۇچى، مودېل، يازغۇچى، ياغاچچى، پروگىراممىچى، سارايۋەن ، كارخانىچى، باغۋەن، پايچىك بىدىكى، ئائىلە ئايالى بولايلى، ھەممىمىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە شېرىن خىيال ۋە ئۈمىدلەردە بولىمىز. يېمەك- ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسەم، قەرزدىن خالىي بولۇپ ئېسىل پىكاپلاردا ئولتۇرسام، ھەشەمەتلىك زىياپەتخانىلاردا مېھمان بولسام، چەت ئەللەرگە بېرىپ مەشھۇر جايلارنى ساياھەت  قىلسام، داڭلىق ماركىلار چاپلانغان كىيىملەر كىيىم ئىشكاپىمدا دائىم تەييار تۇرسا، بالا - چاقام ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇسا دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزدىن كەچۈرۈپ تۇرىمىز.
        نېمىشقا ئۇنداق ئۈمىدلەردە بولمايدىكەنمىز؟ بىز بۇ جاھانغا تۆرەلگەندىن  باشلاپ كىشىلەر بىز تۇرغان بۇ دۇنيانى «پۇرسەتلەرگە باي» زېمىن دېمىگەنمىدى؟ راست - دە! نېمىشقا شۇنداق بولمايدىكەن؟ روشەنكى، جەزمەن شۇنداق بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئادەمنى چۆگىلىتىپ چۆللەرگە تاشلاپ زەردەگۆش قىلىۋېتىدىغان ئىشلار يەنە باردە ئەپسۇس! شۇڭلاشقا بىزنىڭ  ئۇنداق ئۈمىدلەردە بولمىقىمىز ھەق بولغان بىلەن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانغا زار بولۇپ كۆپچىلىكىمىز تېخى ئۇ شېرىن خىيالىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنى بىلەلمەي كېتىۋاتىمىز. ئەمما مەيلى قانداقلا بولسۇن شەك - شۈبھىسىزكى، ھەممىمىزدە ئەنە شۇنداق گۈزەل تۇرمۇشنى قۇرغۇدەك دەسمايە بار، لېكىن، بىز بۇ دەسمايىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمىسەك، بۇنداق ئىنسانى ئۈستۈنلۈكنىڭ  نېمە كېرىكى؟ ئىنسانىي دىت ۋە پىلان بولماي، تولۇق ئەھمىيەتلىك، قىممەتكە باي بىر تۇرمۇشنى  قانداقمۇ ياراتقىلى بولسۇن؟
       مەيلى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ بولسۇن، ياكى نامى ئۇلۇغ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بولسۇن، بىرەرسى سىزگە نىشان تۇرغۇزۇش ھەققىدىكى ئەقەللىي ماھارەتلەرنى، ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ بىرەرسى سىزگە قىيىنچىلىق ۋە رىقابەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدىغان ئادەتلەرنى قانداق تۈزىتشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ ۋاقىتتىن  قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ ئۆز ئەمەلىيىتىدىن چىقىپ تاللاش ئېلىپ بېرىشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ ئۆزىدە قانداق ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئۆگەتكەنمۇ؟  بولۇپ قالمىسىدى دەپ تۇرغان ئىشلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ قىزغىنلىقنى قانداق قوزغاشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ تۇرمۇشنى قانداق تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ بايلىقنى قانداق توپلاشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ باشقىلارنى قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ ھەرقاچان ھەرزامان قەددىڭىزنى غالىبلاردەك  تىك تۇتۇپ  يۈرۈشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ بالا - چاقىڭىزنى قانداق يېتەكلەشنى ۋە باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەنمۇ؟ بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى  ئۆگەتكەنمۇ؟ بەخت- سائادەتنى قانداق ھېسابلاشنى  ئۆگەتكەنمۇ؟ ھاسىلىي كالام شۇكى، سىز  شۇنىڭ ئۈچۈن بۇگۈنگىچە ياشاپ كەلدىڭىزكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ شىجائەت ۋە ئىرادىڭىزدىن بولدى. لېكىن، بىز ھەرقاچان باتۇرلارچە  ئالغا باسقان تەقدىردىمۇ، بىزدىكى ئاجىزلىقلار يەنىلا سايە كەبى ئىز قوغلاپ كېلىۋەردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇمانى روھىي دۇنيايىمىزدىن تارقىمىدى. بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى بېسىۋالالماي تېلېۋىزورنى ئاچتۇق ياكى قىلىدىغان  ئىشى يوق، كوچا- كويلاردا قىزىقچىلىق ئىزدەپ  يۈرگەن ئادەمدەك، گېزىت - ژۇرناللارنى ۋاراقلىدۇق، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇ ئاجىزلىقلىرىمىز يىلتىزىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇق. لېكىن، بىز يەنىلا ھالىمىزغا باقماي تەكەببۇرلۇق قىلدۇق - دە، كۆز ئالدىمىزدا مانا مەن دەپ تۇرغان شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بايلىقى ۋە ئۇتۇقلىرىغا قارىماي تۇرۇۋالدۇق. ھالبۇكى، بىز باشقىلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىمىزدىن ئۇتۇقلۇق ياشاۋاتقانلىقىنى مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ تۇرۇپ ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدۇق. بىز ھاياتىمىز مۇساپىسىدە تەكرارلانغان مانا مۇشۇنداق جاھالەت دەقىقىلىرىنى  بىر- بىرلەپ ئەسلىگىنىمىزدە، ھىندىكP · R  ئېيتقان مۇنۇ سۆزگە قايىل بولماي قالمايمىز: تۇرمۇشتا ياشىغاندەك بولۇش تارىختىكى ئىزلارغا ئوخشاشلا ئۇتۇق قازىنىش قازانماسلىققا باغلىق بولىدۇ.
        ھەسسەنە، بۇ گەپلەر بەلكىم بەك كېچىكىپ قالغاندۇ. ئەجىبا سىز چاڭ - توزاڭلار قاپلىغان، تارلىغىدا سىقىلىپ تۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان  پاكار كەمسىنىش ئالچۇقلىرىڭىزغا كىرىۋېلىپ، بۇ دۇنيانىڭ ئاجايىباتلىرىنىڭ يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە چىداپ كەتمەكچىمۇ؟ ياق!  ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ!


ئەڭ قىممەتلىك بايلىق

      
         ئۆز خەزىنىمىزنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى. تازا ئويلىنىپ كۆرۈڭكى، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭىزدا يېشىڭىز، ماھارىتىڭىز، ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىڭىز، رەڭگى- رۇخسارىڭىز ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياكى ئۆز - ئۆزىڭىزگە بولغان تونۇشىڭىزدىن باشقا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدىغان نەرسىلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىۋالدىڭىز؟ تازا قېتىقىنىپ ئويلىنىڭكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇ نەرسە بولسىلا ئېھتىياجىڭىزنىڭ ھەممىسى قانائەت تاپىدىغان شۇنداق بىر نەرسە بارمۇ يوق؟
       ئالدى بىلەن بۈيۈك ئىنگلىز نەسرچىسى، تارىخشۇناس، تەزكىرەشۇناس، پەيلاسوپ توماس كارىلنىڭ نېمە  دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى:
        «ياخشى ئويلىنىپ كۆرەيلى، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن نەرسىسى ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىش بولدى. بىز ئوخشىمىغان تىللاردىكى كىتابلارنى ئوقۇدۇق. ئوخشىمغان پەنلەرگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇدۇق، ئوخشىمىغان ھەرپلەردە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇدۇق، شۇنداقلا خەت شەكلى ئوخشىمايدىغان كىتابلارنى ئوقۇدۇق. ئېرىشمەكچى بولغان بىلىملەر، ئۇ نەزەرىيە بىلىملىرى بولغان تەقدىردىمۇ ھەممىسى كىتابلاردىن تېپىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي مەكتەپ قولىمىزدا بار بولغان زور بىر تۈركۈم كىتابلاردۇر! » خۇددى كارىل ئېيتقاندەك، ھازىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرغان <تېرە پۈتۈك> كىتابلار دېڭىزىدىكى بىر پارچىدۇر. بۇ كىتابتا بىر يۈرۈش بىلىم، پاراسەت، ماھارەت ۋە پرىنسىپلار بار. ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەرلەردىن چەكلەنگەن بولۇپ، بۇلار سىزنىڭ قانداق قىلىپ ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا ئاتاپ تاللانغان. ئىشىنىمەنكى، بۇ كىتاب سىزنى  ئۆزگىچە نەپكە ئىگە قىلىپ، سىزنى ئەنگۈشتەر تېپىۋالغاندەك ھېسسىياتقا ئەكىلىدۇ. چۈنكى  بۇ كىتابتىكى ھەر بىر مەزمۇن زامانلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق ئىشلەتكەن ھامان كېرەككە كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بالىقتۇر.
       لېكىن، شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى،  دەس تۇرۇپ  ھەرىكەتكە كەلمىسىڭىز يۈزلەپ، مىڭلاپ ئۇتۇق، ماھارەتلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ بەرىبىر. ئېھتىمال سىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىڭىزنى مۆجىزىگە تولدۇرۇشقا بۇ ماھارەتلەرنىڭ بىرسىلا كۇپايە. قولىڭىزدىكى <تېرە پۈتۈك> نىڭ مېغىزىنى چېقىش ئۈچۈن ساۋاتىڭىز ۋە ساۋاتىڭىزغا يانداشقان ئوتتەك  يالقۇنلاپ تۇرىدىغان قىزغىنلىق ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئىرادىسى بولسىلا بولىدۇ. سىز ئاۋۋال كىتابنى ئوقۇڭ. ئوقۇشنى يېڭى باشلىغاندا قەلبىڭىزدىكى ئۇچقۇنلارنىڭ يانغىنغا ئايلانماي ۋىلىلداپ تۇرۇۋېلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرمەڭ، بۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تېمپېراتۇرا دېگەن ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلىدۇ؛ بۇ كىتابنى ئوقۇپ تەدرىجىي ئىچكىرلەپ كىرگىنىڭىزدە، تۇرمۇشىڭىزدا ئاسمان - زېمىن ئۆزگىرىشلەرنىڭ  بولىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.


بۇ كىتابتىن قانداق قىلىپ ھەق دادىدا پايدىلانغىلى بولىدۇ؟

     

      مەزكۇر كىتابنى باشتىن ئاخىر ئوقۇڭ، بىرەر مەزموننىمۇ چۈشۈرۈپ قويماڭ. ھەر بىر دەرسنىڭ تەرتىپى تەكرار دەڭسەش ئارقىلىق ئىدىتلىق بېكىتىلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت:
        نۆۋەتتىكى ھالىتىڭىزنى پىلانلىق  ھالدا ئىسلاھ قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېپيېڭى ئۆزلۈككە مۇشتىرە بولۇشىڭىز ئۈچۈندۇر.
شۇ تاپتا سىز خۇددى پايانسىز بايلىققا قاراپ ئاتلاندىڭىز، ئەگەر تەرتىپ بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىسىڭىز، كىتابنىڭ مەزمونىنى ھەزىم  قىلىپ ئۆزلەشتۈرمىكىڭىز ئاسانراق بولۇپلا قالماي، ئۈنۈم قازىنىشىڭىزمۇ كۆزگە  كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.  ئەڭ ياخشى  ئۈنۈم  قازىنىش ئۈچۈن، مەن كۆپچىلىكنىڭ ھەر كۈنى بىر دەرسنى ئوقۇشىنى شۇنداقلا ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن  بۇرۇن ئوقۇشنى تەكلىپ قىلىمەن. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاڭلىقىڭىز خىزمەتكە چۈشكەندە ناھايىتى كۆپ تەسۋىرلىگۈسىز ياخشى ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئويغانغان ۋاقتىڭىزدا ئېسىڭىزدە قالغان نەرسىلەرنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى بايقايسىز. شۇڭا ھەممىنى بىراقلا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ كەتمەي، سەۋر- تاقەت بىلەن ھەر بىر جىلىدنى ئوقۇپ، پىركامىللارنىڭ  كۆرسەتمىسىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىڭ. شۇندىلا ئۇتۇق قازانغىنىڭىزدا ھولۇقۇپ تىرىڭشىپ كەتمەيسىز.
        ئەگەر سىز ئايال بولسىڭىز كىتابىمىزدىكى بىر نەچچە دەرسلىكتە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان « پان ئەرچىلىك » كە ئېرەن قىلىپ كەتمەڭ. بۇ ئىشلار سىزنىڭ بۇ كىتابتىن جەۋھىرى بىلىملەرنى ئېلىشىڭىزغا دەخلى قىلمىسۇن. دەرسلەرنىڭ كۆپچىلىكى 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزىلغان بولۇپ، خوتۇن قىزلار ئازادلىق ھەرىكىتى باشلىنىشتىن  بۇرۇن يېزىلىپ بولغان. سىزنى ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بەزى مەزمۇنلاردا ئالىمادىس بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاشۇ دەۋرنىڭ ئوشۇقچە مەھسۇلاتى، خالاس. ھازىر ئۇتۇق ھەرگىز ئەرلەرنىڭ پاتېنتى ئەمەس. ئاياللاردىمۇ خۇددى  ئەرلەرگە ئوخشاش  ئۇتۇق  قازىنىش ھوقۇقى ۋە ئىمكانىيىتى بار.
مەن يەنە بىر ئىشنى تەكىتلەپ قويىمەنكى، ئەگەر قوشۇلسىڭىز، بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا ھېكايە -چۆچەك ئوقۇغان چاغدىكىدەك ئۆزى باغدا، كۆڭلى تاغدا، تەپسە تەۋرىمەس بولىۋىلىشتىن ساقلىنىڭ.شۇنداقلا تىياتىر كۆرگەندىكىدەك ئۆزىڭىزنى  سەھنىنىڭ سىرتىغا قويۇپ، باشقىلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرىۋاتىمەن دەپ قالماڭ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇستازلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى غەيرەت -شىجائەتلىك، مۇستەھكەم، تەۋرەنمەس، قەلبىدە ئىلھام جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان پىركامىللاردۇر. شۇڭا ھەرگىز شۇنداق توزاقلارغا چۈشۈپ قالماڭكى، سىز ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، مىجەزى، سالاپىتى، مال -مۈلكى ھوقۇقلىرىنىڭ ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆز مەقسىتىڭىزنىڭ ئۇلار سىزگە بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتقان ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئېپى ۋە پرىنسىپلىرىنى ئىگەللەش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
       بۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر ئىش. سىز بۇ كىتابنى ئوقۇشقا كىرىشكەندە  قولىڭىزغا بىر تال قېرىنداش ئېلىڭ - دە، ئۆزىىڭىزگە پايدىلىق جايلارغا كەلگەندە ئاستىغا سىزىڭ! مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر ئەپ، سىز ئوقۇغان بىر جۈملە ياكى بىر ئابزاس سۆزنىڭ ئېسىڭىزدە قېلىش پرسەنتىنى ئۈچ ھەسسە  ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر كۈنلەردە سىز شۇ جەھەتتىكى پىكىر ۋە يېتەكچى پرىنسىپلارنى ناھايىتى تېزلىكتە يادىڭىزغا كەلتۈرەلەيسىز. دۇرۇس، يەنە ئۆزىڭىزگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئىلھام بولغان تەكلىپ  ۋە ئۇسۇللارنى ئالاھىدە بەلگىلەر بىلەن ئايرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداقتا بۇلار كۆزىڭىزگە تېخىمۇ تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىزدە گۇمان ۋە باشقىچە پىكىر بولۇپ قالسا، بۇنىڭغىمۇ بىرەر ئۈندەش  ياكى سوئال بەلگىسى قويۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەر نېمە دېگەن بىلەن سىزنىڭ شانلىق ئەتىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان خۇسۇسىي دەرسلىك.



ھەممە ئىش سىزگە باغلىق

     

        كۆپ ساندىكى ئالىي بىلىم  يۇرتلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى بىزنىڭ بۇ جەمئىيەت مەكتىپى دەپ ئاتالغان «تېرە پۈتۈك» نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى يوق، ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسى يوق، ھەر قانداق بىر شەكىلدىكى مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلىرى يوق، تەبىئىيكى، ئىلمىي ئۇنۋانلىرىمۇ يوق.سىز ئىگە بولىدىغان بىردىنبىر مۇكاپات قەلب تىنچلىقى، ئۆزلۈك مەمنۇنىيىتى، يەنە ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، شۇنداقلا يەنە بايلىقنىڭ توپلىنىشىدۇر. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا، تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنىشىلىرىڭىزغا باغلىق.
      تارىخ كىشىلەرنىڭ كۈرەش ھېكايىلىرى بىلەن تولغان.ھەر قانداق ئادەم مەزكۇر كىتابنى قولىغا ئالغاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ يېپيېڭى ھايات سەھىپىسىنى ئاچالايدۇ.مەن نام -شەرىپىڭىزنىڭ شانلىق ئوبرازلار ۋە ھەممىلا ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان ئۇلۇغلارنىڭ ئىسمى بىلەن تولغان ئاشۇ سەھىپىلەردە كۆرۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي سىزگە باغلىق، سىزگە ۋاكالىتەن تۇرمۇش كەچۈرۈشۈپ بېرىدىغان ئادەم يوق.سىزگە ۋاكالىتەن ئۇتۇق قازىنىشىپ بېرىدىغان ئادەممۇ يوق.
خوش ئەمدى سىزگە مەرھەممەت...

                                                                     -ئوگ.ماندىنو

1

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26095
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 20:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oztugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 20:59  

تورداشلارنىڭ بۇ كىتاب ھەقتىكى پىكىرلىرىنى كۈتىمىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 22:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كىتابنى سۇرۇشتۇرسەم سىز دىگەندەك «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى » دىگەن كىتابنىڭ تولۇقلىمىسىكەن دىگەن ئىدى ، لىكىن ئوقۇپ باقمىدىم ، لىكىن «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى » دىگەن بۇ كىتابنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم بۇ كىتابنىمۇ سىتىۋىلىپ ئوقۇپ باقاي .

1

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26095
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 22:22:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى، ئالدى بىلەن ئەستەيىدىل  بىر ئوقۇپ بېقىڭ.

0

تېما

0

دوست

1699

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24348
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 01:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپلەپ سېتىلىشىغا تىلەكداشمەن. كۈتكىنىڭلارنى بەرسۇن.

2

تېما

8

دوست

4398

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1276
توردىكى ۋاقتى: 376
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 10:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ قولى تەككەن كىتاب بولسا چوقۇم بىرنى سېتىۋالىمەن .

0

تېما

1

دوست

1126

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26128
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 340
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 11:14:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كىشى  ئارتۇق كىيىم-كىچەك ۋە يېمەك -ئىچمەككە خەجلەيدىغان پۇلنى كىتاپ سېتىۋىلىشقا ئىشلەتسە بەك ياخشى بولاتتى.ئاللا خالىسا بۇ كىتابى چوقۇم سىتىۋالىمەن

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7880
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 13:56:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دالى كارنىگنىڭ ئەسەرلىرنى ياقتۇراتتىم مەنمۇ سىتىۋىلىپ ئوقۇپ باقاي جايلاردىكى شىنخۇ كىتابخانىلاردىن سىتىۋالغىلى بولار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )