- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4505
- نادىر
- 0
- يازما
- 152
ئۆسۈش
83.5%
|
قىرىندىشىمىز مائارىپتا كۆرىلىۋاتقان ئەڭ پەسكەش ،نومۇس قىلارلىق مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ.بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى يوچۇقنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئىمتىھان مائارىپى نەتىجە مائارىپىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا تەبىئى كۆچۈرۈش،ئوقۇتقۇچىلاردا نەتىجىگە ئاساسەن مائاش بىكىتىش،ئىنۋان باھالاشتەك پاسسىپ ئىشلارنىڭ تۈرتكىسىدە نارىسىدە باللاردا بۇنداق كۆچۈرمىچىلىكتىن ئىبارەت رەزىل قىلمىش كۆپۈيۈپ،ھەتتا ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.دىمىسىمۇ كىممۇ ماختاشنى ،يۇقۇر ئابروينى خالىمايدۇ دەيسىز؟كىممۇ ئۆز ئۆمرىدە زادىلا يالغانچىلىق قىلىپ باقمىدىم؟دىيەلەيدۇ؟.ئامىرىكىنىڭ بىر كىنوسى يەنى يەھۇدىلارنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان ‹‹善意的谎言››دىگەن فىلىمىدىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنى قوغداپ قالىدىغان ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ.دىمەكچى بولغىنىم ھەرگىز كۆچۈرمىچىلىك ياخشى بولىدۇ،شۇنداق قىلىش كىرەك دىگىنىم ئەمەس.ئادەم ئىجتىمائى جەمىيەتتە ياشىغاندىكىن بولۇپمۇ ئەقىللىق ئادەمنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقۇرى بولىدۇچۇ،شۇڭا ئومۇمى ئەخلاق بۇزۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جان بىقىش ئۈچۈن نىمە قىلمايدۇ؟
ئەگەر بۇ خىل ناچار قىلمىشقا خاتىمە بىرىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئىمتىھان شەكلىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كىرەك.يەنى جانلىق ،ئەمىلىيەتچانلىقى كۆچلۈك بولغان، تەبەككۈر ئىختىدارىنى سىنايدىغان سۇئاللارنى چىقارسا،كىچىك كىچىك ئىمتىھاننى كۆپەيتىپ مەۋسۈم ئاخىرىدا ئومۇمى نەتىجە چىقارسا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىمۇ قوشسا،باللارنىڭ ئىستىقبالىنى بىرقىتىملىق نەتىجە بىلەن بەلگىلىمىسە،ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ نەتىجە بىلەن باھالىمىسا بۇ خىل قىلمىش تۈگەرمىكى دەيمەن.
|
|