ئۇيغۇر قىزى باتۇرلۇقى شاھىتى ئىپارخان،
پاك ئپىتىقاد ۋىجدان غۇرۇر داھىسى ئىپارخان،
ئۇيغۇر قىزى باتۇرلىقى شاھىتى ئىپارخان.
ئوردا چاڭگىلدا ئىپپەت ساقلىغان مۆجىزىدەك،
پەزىلەتلىك قىزلىرىمىز غايىسى ئىپارخان.
ئۇيغۇر پەخرى بولغىدەك تارىخ قالغان ئىپارخان،
دۈشمەن سېپىنى باھادىردەك يارغان ئىپارخان.
بىراق قۇمدەك تولا چىرىكلەر ئالدىدا ئاخىر،
ئەسىر بولۇپ چىڭ ئوردىسىغا بارغان ئىپارخان.
تا ئۆلگىچە جەڭ كىيىم بىلەن كەتكەن ئىپارخان،
ئىپپەت دىيانەتتە ۋايىغا يەتكەن ئىپارخان.
ئەجدادى تۇمارىستەك، ۋارىسى نۇزۇگۇمدەك،
تارىخىمىزغا شەرەپ بەخىش ئەتكەن ئىپارخان.
ئىسمىڭىز نۇرئەلانۇر ئىكەن ئەسلى ئىپارخان،
خۇشپۇراقلار چاچاركەن كۆرگەن پەسلى ئىپارخان.
شۇنىڭ بىلەن مانجۇلار‹ئىپارخان›دەپ ئاتاپتۇ،
بولغاچ بىزيەنە پاك ياشار خەلق نەسلى ئىپارخان.
پاكلىقنى ساقلاپ ئۆلگەن ئەرگە سادىق ئىپارخان،
ئىتىقادى ئۈلگىلىك ئەلگە سادىق ئىپارخان.
يولدىشى ئىدى شۇ مەردۇ-مەردان خوجا جاھان،
ئەل ئەركىسى يولدىشى ھەققە سادىق ئىپارخان
2013-3
ئىپارخان
گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتاپتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرىق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. .ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسۇندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەلىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسىبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بۇياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوشۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جوڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. ...
تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بۇغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
بېيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەرنۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان.
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس، قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى، - ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.
مەنبە: شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ
ئاپتورى: نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى ھەققىدە يەنە بىر راۋايەت.
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
رﯨﯟاﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن لاﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯩﺰى ﺑﻮﻟﯘپ، دادﯨﺴﻰ ۋە ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺟﻪﯕﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎن ﺋﯚزى ﺗﺎﻟلاپ ﺋﯘﻧﻰﺋﻮردﯨﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪن. ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﮬﺎﻣﺎن ﺋﯚزى ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺳﻜﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﻪن. ﻳﯘرﺗﯩﻨﻰ زارﯨﻘﯩﭗ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎن؛ ﺧﺎن ﺋﻮردﯨﺴﯩﺪا ﻧﺎزۇﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪر ﺋﯧﺸﯩﭗ-ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﻳﯘرﺗﯩﻨﯩﯔﺟﯩﮕﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎن. ﺧﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰﻳﯘرﺗﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﮕﺪە ﺋﻪﻛﻪﻟﺪۈرۈپ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻳﻪﻧﻪﮬﯩﺪﻟﯩﻖ ﺟﯩﮕﺪە ﭼﯧﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﺪا ﺧﺎن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﭻﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯘرﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن. ﻳﻮل ﺑﻪك ﻳﯩﺮاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، 100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎدەم ﺗﻪﺧﺘﯩﺮاۋاﻧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﺋﯜچ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪا ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن (ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻳﻮﻟﺪا ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﻐﺎن). ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚز ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯔﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ ﺋﻪۋلادﻗﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ رﯨﯟاﻳﻪﺗﺘﯘر.
ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪردە ﻗﻪﻳﺖﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﭼﻴﻪﻧﻠﯘڭ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻧﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﭘﯜﻟﺪەپ ﺟﯩﮕﺪە ﮬﯩﺪى ﭘﯘراپ ﺗﯘرﻏﺎﭼﻘﺎ، «ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن»دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪن. ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘڭ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴلاﻣﯩﻴﻪﺗﭽﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯚرپ-ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋە دﯨﻨﯩﻲﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﺎﺷﭙﻪز ۋە ﻛﯧﻨﯩﺰەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن، ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯚزى ﻳﺎﻗﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎزەت ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﺧﺎن ﺋﻮردﯨﺴﯩﺪا ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮا 28 ﻳﯩﻞ ﮬﺎﻳﺎت ﻛﻪﭼﯜرۈپ ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ، زۇﻧﺨﯘادﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻦ دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘر. ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ 1640-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﺎزﯨﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﻳﯜﺳﯜﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪرﮔﻪ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰﻧﻮﭘﯘزى ۋە دﯨﻨﯩﻲ ﺋﻮرﻧﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﺎرا-ﺑﺎرا ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ﻣﺎزﯨﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﭼﯩﯔ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن.
ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﺪﯨﻦﺑﻪش ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﻏﺎن دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻳﯘرﺗﺘﺎ ﺋﯩﺴلام ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎرەت – ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ ﻗﻪد ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴلام ﻣﻪﻗﺒﻪرە ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻗﻪﺑﺮە ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯩﺮﺗﻰ ﭼﺎﺳﺎ، ﺋﯩﭽﻰ ﻳﯘﻣﯘلاق ﮔﯜﻣﺒﻪز ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﻘﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ-ﺗﺎۋاﺑﯩﺌﺎﺗلار ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪر ﺗﻮﭘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرۈﻟﮕﻪن. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ ﺗﯚت ﺑﯚﻟﻪﻛﺘﯩﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﺪە ﮬﯧﻴﺖ ۋە ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﺎزﻟﯩﺮى ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﻮڭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﻪدرﯨﺲ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺑﺎر. ﺳﯩﺮﺗﻰ ﭼﺎﺳﺎ، ﺋﯩﭽﻰ ﻳﯘﻣﯘلاق ﺑﯘ ﭼﻮڭ ﮔﯜﻣﺒﻪزﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 40 ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯚت ﺑﯘرﺟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﮕﻪﺗﺎﻣﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘرۇپ ﻳﯘﻣﯘلاق ﺗﯜۋرۈك ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن. ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﯜۋرۈﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎي ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﭙﺘﺎ، ﻧﻪﭘﯩﺲ ﺋﻪزان ﻣﯘﻧﺎرى ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ دﯨﺌﺎﻣﯧﺘﯩﺮى17 ﻣﯧﺘﯩﺮﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯚﮔﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﺎرﻧﺎي ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯩﭽﯩﻚ راۋاق ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪل ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﮬﯩلال ﺋﺎي ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮬﯩلال ﺋﺎﻳﻐﺎ 50 ﺳﻪر ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯩﻨﮕﻮﻧﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﻰﺳﻮرﯨﻐﺎن ﻣﺎﺷﺎۋۋۇ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪر ﮬﯩلال ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻣﯩﺴﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎپ ﻗﻮﻳﻐﺎن.
ﮔﯜﻣﺒﻪزﻧﯩﯔ ﺗﺎم-ﺗﻮرۇﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻳﯧﺸﯩﻞ ﭼﺎﻗﭽﯘق ﭼﺎﭘلاﻧﻐﺎن، ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚزﻟﻪر ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪن ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻛﯚك ﻓﺎر-ﻓﯘر ﺧﯩﺸلارﻣﯘ ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇﻟﯘپ، ﮔﯜل-ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪر ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎن. ﻳﻮﻏﺎن زاﻟﻐﺎ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜدەك ﺳﯘﭘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 72 ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﯘرۇﻟﻐﺎن. رﯨﯟاﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺳﯘﭘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺑﯘرﺟﯩﻜﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪردﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺟﻪﻟﭗﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻣﺎﮬﺎرەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﻤﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﮬﯜﻧﻪر-ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
(ئىپارخان ھەققىدە ئىككى شېئىر )
ئىپارخان (يەن جىڭ)
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا ، چۆمۈلدى جىگدىلەر چاچقان پۇراققا . گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى ، ھالقىپ تەڭرىداغدىن كېتەر ئۇزاققا .
ئوتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس ، قەشقەردىن چىققانتى بىر ئۇيغۇر قىزى . ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ - ، پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى .
كۆتۈرلۈپ قۇملۇقتا قۇيۇن دۇچ كەلدى قەشقەر زور ئاپەتكە ، مەنچىڭنىڭ خېنى ، ئەسىر قىپ بېيجىڭغا قىزنى ئېپ ماڭدى . تاشلىدى ئوردىنىڭ تېگىگە ئۇنى .
ۋەھشى خان تەلمۈرەر شۇم نىيەت بىلەن ، لېكىن قىز قەلبىدە خانغا ئورۇن يوق ، سۆيگۈگە قارا كۈچ بولالماس ھاكىم ، مۇھەببەت ئالدىدا مەغلۇپتۇر زورلۇق .
ئالماقچى بولۇپ قىز مەيلىنى ، تۆكەر - ئالتۇننى ، قىزىتار نەغمە – بەزمىنى . قالدىمۇ بىر چارە خان قوللانمىغان !؟ قىز قەلبى رەت قىلىدى ھەممە – ھەممىنى .
شايىگە ، ئۈنچىگە ، زىبۇ – زىننەتكە ، قىيا كۆزىدىمۇ قويمىدى قاراپ ، ئۇ ، گويا باش ئەگمەس بىر باتۇر لاچىن ، پايانسىز ئاسماندا يايغان كەڭ قانات .
ئاقىدۇ سۈپ – سۈزۈك قەشقەر دەرياسى ، ھەر كېچە شۇ قىزنىڭ ياستۇقىن بويلاپ . ئېگىز تام ئورىغان ئوردا ئىچىدە ، سوقىدۇ يۈرىكى يۇرتىنى ئويلاپ .
ئىزدەيدۇ ئاندا ئۇ ، ئۆز ئېلى بىلەن ، بىرلىكتە ئۆتسە دەپ قايغۇ – كۈلكىسى . بوزەك قىپ بولمايدۇ باتۇر مىللەتنى ، ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى .
يېنىغا شەمشەردەك خەنجەرنى ئاسقان ، تىكەنلىك قىزىلگۈل گوياكى تۇرقى . خان قانچە ۋەھشىلىك قىلسىمۇ ئاڭا ، قىز دادىل تۇردى ، تېز چۆكمىگەن بويى .
ياتقا باش ئىگىشتىن ئەلا دەپ ئۆلۈم ، دۈشمىنى كۆزىگە مىق بوپ قادالدى . شۇڭلاشقا سەمىمىي داغسىز يۈرىكى ، تۇلۇن ئاي ھۆسنىدەك نۇر تۆكۈپ قالدى .
ئەسىرلەر تىلىدا بۇ قىز تەرىپى ، قەۋرىدىن چېچىلار ئالتۇن زىياسى . ئادەملەر كېلىدۇ ئۆزۈلمەي يادلاپ ، كۈيلەيدۇ شەنىگە قەشقەر دەرياسى .
﹡ باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا ، چۈمۈلدى جىگدىلەر چاچقان پۇراققا ، گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى ، ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا .
رەخىم قاسىم تەرجىمىسى ( 1962 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ « تاڭ جىلۋىسى » ناملىق كوللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىدىن )
ئىپارخانغا سابىت مۇقانوۋ ( قازاقىستان ، قازاق شائىرى )
ئۇيغۇرنىڭ كۆپ تېتىپ يىدىم تۇزىنى ، جېنىم بىلەن ئۆتىمەك بولۇپ قەرزىنى . تۇتقۇزدى قولغا قەلەم ، قوشاققا قاتتىم مۇشۇ ئەلىنىڭ ئارزۇلۇق بىر قىزىنى .
رىۋايەت ئەمەس بۇ قىز ئويدىن چىققان ، سېھىرلىك چۆچۆك ئەمەس توقۇپ تاپقان . تارىختا ئۆتكەن قىز بۇ ، ھۆرمەت قىلىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىسمىنى تۇغ قىلىپ تۇتقان .
بۇ ۋەقە بولغانلىقى چىن ھەقىقەت ، باش ئەگدىم ئىززەت قىلىپ مەنمۇ ئەلۋەت . ماڭا قەلەم تۇتقۇزۇم ئىلھام بەرگەن ، ۋەتەنپەرۋەر ئەشۇ قىز ۋە مۇھەببەت .
مەنبە:(« پەرۋاز » ناملىق مەجمۇئەدىن ) ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش تەييارلىغان
|