قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2882|ئىنكاس: 24

ھىكايىغا ئوخشايدىغان راست ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 11:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىكايىغا ئوخشايدىغان راست ئىشلار


                        

      مەن قارابەگ خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىشلار تۈگەپ، بوش ۋاقىتلىرىمدا ياتاقتىكى كومپىيوتىردا قەرت ئوينىسام، مەسئۇل باشلىقىمىز "يوۇۋشى بۇشىڭ" دەپ ئوينىغىلى قويمىدى. قەرتنى ئېتىۋېتىپ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاۋاتسام، مەسئۇل باشلىق ياتاققا كىرىپ:
- ناخشىنى ئۆچىرىۋەت-دىدى
- نىمشقا؟
- ئۆچىرىۋەت دىگەندىن كېيىن، ئۆچىرىۋەت.
      باشلىق شۇنداق دىگىنىچە، ھومۇيۇپ قويۇپ، چىقىپ كەتتى. بەزىدە دىڭلىجۈننىڭ ناخشىلىرىنى قويۇپ بەرسەم، باشلىق "ناخشا ئاڭلاپسەن" دىيىش تۈگۈل، ئۆزىمۇ تۇيماستىن ناخشىغا غىڭشىپ كېتىدۇ. يات تېلدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاۋېرىشكە رايىمىز بولمىغاچقا، كومپىيوتىرنى ئېتىۋېتىپ، بىكارچىلىقتا ئىچىمىز تىتىلداپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئارىمىزدىكى ھەييارى بىرەيلەن كەنتنىڭ ئاڭلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياتاققىلام ئەكىردى-دە، بارماق دىسكىسىدىكى ناخشا مۇزىكىلىرىنى چوڭ كانايدا بىۋاستىلا خەلىقنىڭ ئاڭلىشىغا قويۇپ بەردى. بۇنىڭغا باشلىق باشقا گەپ قىلمىدى.
      بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مەسئۇل باشلىق مەكتەپ بالىلىرىنىڭ چوڭ كانايدا چىقىۋاتقان ناخشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇسسۇلغا دەسسىگەچ ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
-مۇشۇنداق تەشۋىق قىلساڭلار ياخشى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە ناخشا قويۇپ بېرىڭلار.- دىدى.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلاردىن بىرسى دىدى: تۆۋۋە، بۇ خەقنىڭ تۈگمىدەك ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ، تۈگىدەك ئىشلار بىلەن كارى بولمايدىغا خۇي-پەيلى قاچانمۇ تۈگەر؟

      
***                     ***                        ***


      بۈگۈنمۇ ئادىتىمىز بويىنچە ئائىلە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتۇق. بۇنى ئائىلە زىيارىتى دىگەندىن كۆرە، نوپۇس تىزىملاش دىسەك ياخشى بولاتتى. قىزىق يېرى مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت، ساقچى، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كەنت نوپۇسىنى تىزىملىغان، ئەمما بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، توم-توم نوپۇس دەپتەرلىرى بار بولسىمۇ، بىز يەنىلا نوپۇس تىزىملاۋاتاتتۇق. بىر ئائىلە نوپۇسىنى تىزىملاشقا ئادەتتە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت كېتەتتى. نوپۇسى ئازراق ئائىلىگە ئازراق ۋاقىت كەتسە، نوپۇسى كۆپرەك ئائىلىگە كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ياكى ۋاقىت سەۋەپلىكمۇ كۆپىنچە ئائىلىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاپلا يېنىپ چىقاتتۇق. بۇگۈن مەن قارابەگنىڭ ئىلھامى تۇتۇپ، سىياسەتتىن ئازىراق دەرس سۆزلىگۈم كەلدى.
دەرس سۆزلەۋېتىپ، يەرنى 30 يىللىق ھۆددىگە بەرگەنلىك توغرىسىدىكى مەزمۇنغا كەلگەندە دىخانلاردىن بىرسى پىكىر بەردى.
- مۇشۇ جەھەتتە مەن ئازىراق پىكىر بېرىپ باقسام،-دىدى دىخان، بىزگە قاراپ تۇرۇپ،-ھۆكۈمىتىمىز يەرنى 30 يىللىق ھۆددىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈنغۇ بىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بىراق يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئالدى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ بولدى، بۇ باللىلارغا يەر بېرىلمىدى، بۇلار تېرىي دىسە يەر يوق، ئۆي سالاي دىسە يەر يوق، ئۆز يۇرتىدا مۇساپىر بولىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ كۈن ئالمىقىمۇ تەسلىشىپ كەتتى، شۇڭا ھۆكۈمەت دىخانلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىنى ئويلاپ كۆرگەن بولسا.
- بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ،-دىدىم، جاۋاپ بېرىپ- ھۆكۈمىتىمىز خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدۇ، دىخانلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
- يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىپ بولغان تۇرسا، يەرنى نەدىن تېپىپ بېرىدۇ؟
- ھۆكۈمەتكە ئىشىنىڭلار، ھۆكۈمەت چوقۇم يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
ياندا تۇرغان دىخاندىن بىرسى دىدى:- ھە بىلدىم، ھۆكۈمەت بىكاردىن ئاي بىلەن مارىسنىڭ گېپىنى قىلمايدىكەندە، دەنا ھۆكۈمەت دىخانلارغا ئاي بىلەن مارىستىن يەر ئىزلەۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

1

تېما

7

دوست

6335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1658
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 15:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،مۇشۇنداق ئىشلارنى يېزىپ تۇرسىڭىز بولىدىكەن.تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار قانداق ئەمەلى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 16:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇۋەنگە چۇشكەنلەردىن ئۇمۇت يوق.

2

تېما

9

دوست

5765

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1714
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 16:58:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تۆۋەنگە چۈشكەنلەرمۇ   كونا مۇقام  توۋلاپ يۈرەمۇ ؟   ئەمىلىي  ئىش قىلسا ياخشى بولاتتى....

مۇشۇ خەۋەر دىگەن نەرسىنى كۆرمىسەم دەيمەن.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2768
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 18:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن راۋۇرۇس تىل ئۇرۇشى قىلالىغان بىلەن ئەمىلىيەتتە باشلىقىڭىز ئالدىدا موللام مۈشۈك ئىكەنسىز ھە ؟
ئۆزىڭىز خالىغان ناخشىنى ئاڭلىيالمىسڭىز قانداقمۇ سىزنى ‹بەگ› دەرمىز ؟ ‹قارا قۇل› بەئەينى ...
ئەسكەرتىش : بۇ يەردىكى موللام مۈشۈك دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ پەرھات تۇرسۇنغا قارىتىلمىغان .

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 19:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 19:34  
begir يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 18:48
مۇنبەردە ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن راۋۇرۇس تىل ئۇرۇشى قىلالىغ ...

جانابى بېغىر ئەپەندى!
يازغىنىڭىزنى قايتىدىن بىر ئوقۇپ چىقىڭا، ئازىراق زەھىرى باردەك قىلىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 21:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى ھېكايە تازى ئاچچىق كۈلكىلىك ھېكايىكەن.......

6

تېما

1

دوست

8314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1679
توردىكى ۋاقتى: 2689
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 21:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sadaqat يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 21:36
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قاربەگ ئاكا :

يازمىڭىزنى ئوقۇۋ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سداقەت قېرىندىشىم.
ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم. بىراق سورىغان سوئاللىرىڭىزغا ئۆز چۈشەنچەم بويىچە جاۋاپ بېرىشتىن بەلگىلىك ماتىريال ئاساسىدا جاۋاپ بېرىشنى توغرا تاپتىم. شۇڭا بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلسىڭىز. مەن ئىزدىنىپ جاۋاپ بەرسەم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )