- تىزىملاتقان
- 2013-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5335
- نادىر
- 0
- يازما
- 171
ئۆسۈش
6.7%
|
elkelem يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 13:07
تازنىڭ نىمىسى بار تۆمۈر تارغىقى دېگەندەك بىر تىمىنى ھە ...
مىنىڭ چۈشەنچەمدە ،ۋاھابىزىم كۆرنۈشى دىنى ئىدلوگىيە، ماھىيىتى پانئەرەبىزىمنىڭ كىڭىيشىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوللايدىغان، ئىتقادنى رەزىل سىياسى مۇددا ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردىغان رەزىل نەرسە !
مەيلى بۇخىل كۆزقاراش ئۆزۋاقتىدا مەيدانغا كەلگەن دەۋىردە شۇ دەۋىر كىشلىرگە قانچىلىك ياققان بولسۇن ،بۇ خىل كۆزقاراشنى ئىجتاھاد بىلەن ئوتتۇرغا چىقارغۇچىنىڭ پەزىلىتى قانچىلىك ئىسىل بولشۇدىن قەتتىي نەزەر بۇ خىل كۆزقاراش
ئاللى بۇرۇن باشقىلار تەرپىدىن قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ بىراۋلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ مۇئەييەن دەرجىدە ئۆزىگە نىسبەتەن قارشىلىق شەككىللەندۈرۈپ بولدى ،يەنە كىلىپ بۇ قارشىلىقلار ئادەتتىكى قارشىلىقلار بولماستىن ناھايىتى كۈچلۈك بولغان دۇنياۋى ئىقتىسادى ۋە ھەربى كۈچلەردۇر . شۇڭا كونراپ ئاجىزلىقلىرى مانا مەن دەپ كۆرنۈپ قالغان بۇ كونا سىستىما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرغا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ ھەم بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ مىجەزى بۇنداق رەزىل نەرسىلەر بىلەن پەقەتلا چىقشالمايدۇ دەپ قارايمەن ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋجۇتلىقىمىزنى دۈشمەنلىرمىز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىنكار قىلۋاتقان ئەبلەخلەر كەشىپ قىلغان سىستىما بۇ ، بۇنچىۋلا يوغان قالپاقنى كىيىپ دۇنياۋى تىرورىزىمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بەدەل تۆلەشكە ھىچ ئىھتىياجىمىز يوق ، ھەم بۇنچە چوڭ قالپاقنى كۆتۈرەلىگۈدەك ھالىمىز كىيەلىگۈدەك سالاھىتىمىز يوق !
ئۇيغۇر خەلقى تىنىچلىققا مۇھتاج ، دىنىي تونغا ئورنىۋالغان مەلئۇنلارنىڭ قۇرغان قاپقىنىغا ئەمەس ! |
|