قەشقەردىكى قەدىمقى دىنلار
قەشقەر ۋىلايىتى - غەرىب بىلەن شەرىقنىڭ قاتناش تۇگۇنىگە جايلاشقان ، ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرى ، ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستۇرى دىنى قاتارلىق كوپ خىل دىنلار مەشھۇر يىپەك يولىنى بويلاپ ، ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە تارقالدى . ئىسلام دىنى قەشقەرگە تارقالغاندىن كىيىن ، باشقا دىنلار پەيدىنپەي يوقالدى . كىيىن خىرىستىئان دىنى ، كاتولىك دىنىمۇ قەشقەر تەۋەسىگە تارقالدى .ھازىر قەشقەردە ئولتۇراقلاشقان ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدە ئۇيغۇر ،ئۆزبىك ،قازاق ،تاتار، قىرغىز ، تاجىك ، خۇيزۇ ، دۇڭشىياڭ قاتارلىق مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ؛ ئاز ساندىكى خەنزۇلار خىرىستىئان دىنى ، كاتولىك دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ؛ روسلار پىرۇسلاۋىيان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ؛ مانجۇلار شامان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ .
ئۇززاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ، شىنجاڭدا نۇرغۇنلىغان قەدىمقى دىنلار مەۋجۇد بولغان بولۇپ ، ئۇلار ئىلگىرى -كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ، بەزىلىرى بىرگە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بەزىلىرى ئوزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى يوقۇتۇپ باشقا دىنلارغا ئورۇن بەرگەن . ئاخىردا پەقەت دۇنيادىكى بىر قانچە چوڭ دىنلار ئاساسلىق چوڭ دىن سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالغان .
دۇنيادىكى ئۇچ چوڭ دىن ئىچىدە ئىسلام دىنى ، بۇددا دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ئاخىرقى دىن . ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا كوپ خىل دىنلار تارقالغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىپتىدائى دىن مۇشۇ زىمىندا پەيدا بولغان ھەم ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن دىن ئىدى .
1 . ئىپتىدائى دىن
قەشقەر ئىنسانلار پائالىيتى ئەڭ بالدۇر باشلانغان رايۇنلارنىڭ بىرى . خۇددى باشقا جايلارغا ئوخشاش ، يىراق قەدىمقى دەۋىردە شىنجاڭدىكى ئىپتىدائى ئاھالىلەر ئىچىدە ئىپتىدائى دىنى قاراش پەيدا بولغان ، ئۇلار ئادەمدە تەندىن ئايرىلغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان "روھ " نىڭ بارلىقىغا ۋە بۇ روھنىڭ تەنگە ئوخشىمايدىغانلىقىغا ، ئۇنىڭ ئولمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن . ئۇلار ئادەم ئولگەندىن كىيىن ئۇنىڭ "روھى " تىنىدىن ئاجىراپ باشقا دۇنياغا بارىدۇ ، ئۇلار ئۇ جايدا ھازىرقى رىئال دۇنياغا ئوخشاش ياشايدۇ دەپ قارايتى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار ئولگەنلەرنى كومگەندە ئولگۇچى ھايات چىغىدا ئىشلەتكەن كۇندۇلۇك تۇرمۇش بويۇملىرنى ۋە ئىشلەپ چىقىرىش قۇراللىرنى ھەتتا زىبۇ-زىننەتلىرىنىمۇ بىللە كومۇۋىتەتتى . ئۇنىڭ مەنىسى ئۇ دۇنيادىمۇ شۇ نەرسىلەرنى داۋاملىق ئىشلەتسۇن دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى . ھازىرقى قەدەر شىنجاڭدىن تىپىلغان
يىراق قەدىمقى دەۋىردىكى قەبرىلەردىن ئوخشىمىغان مىقداردا ھەر خىل ئاخىرەتلىك بويۇملار تىپىلدى . كىيىن ئىنسانلار تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا ھەر خىل ھادىسىلەرنى چۇشۇنەلمەي ، خاتا ھالدا تەبىئەت دۇنياسىنىڭمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش " روھى " بار دەپ قارىغان ، ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەبىئەتنىڭ روھىنى ئىنسانلاشتۇرۇپ ۋە ئىلاھلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ، خاپىلىقى بار ، بەلكى ئۇنىڭ كۇچ- قۇدۇرتى چەكسىز ، دەل ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىنى كونتىرول قىلغانلىقى ۋە چاڭگىلىغا ئالغانلىقى ئۇچۇن ، تەبىئەت دۇنياسى سىرلىق ھەم چۇشۇنىكسىز ، ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىرىشمەكچى بولسا ، ھەر خىل چارە -ئاماللار ئارقىلىق تەبىئەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئىلاھلارغا ياخشىچاق بولىشى كىرەك دەپ قارىغان ، بۇنىڭ بىلەن تەبىئەتكە چوقۇنۇش پەيدا بولغان .
قەشقەردىكى ئىپتىدائى ئاھالىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبىكتىلىرى ئىنتايىن كوپ بولۇپ ، ئاسمان ، يەر ، قوياش ، ئاي ، بوران ، يامغۇر ، گۇلدۇرماما ، دەريا ، تاغ قاتارلىق شەيئىلەر ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبىكتى بولغان . ئارخىلوگلىرىمىز لوپنۇردىكى قەدىمى قەبرىستانلىقتىن بىر جەمەتنىڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىقىنى تاپقان . بەزى قەبرىلەر توم ۋە ئىنچىكە ياغاچ قوزۇقلار بىلەن يەتتە قەۋەت قاشالانغان بولۇپ ، قاشانىڭ سىرتىغا توت تەرەپكە چىچىلغان نۇر شەكلىدە ياغاچ تىزىلغان ، ئاشۇ توغرىسى ۋە يىنىچە قويۇلغان يۇمۇلاق ياغاچلار ئارقىلىق نۇر چىچىپ تۇرغان بىر قوياشنىڭ شەكلى چىقىرىلغان . مانا بۇنىڭدا قەدىمقى لوپنۇرلۇقلارنىڭ قوياشقا چوقۇنىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن . ئالتاي ۋىلايىتى كوكتوقاي ناھىيسنىڭ تاڭبالىق تاش ئوڭكۇرىدىن قىيا تاشقا سىزىلغان رەڭدار رەسىم تىپىلغان بولۇپ ، رەسىمنىڭ ئۇستى قىسمىغا مەركەزداش ئىككى چەمبەر ، ئۇنىڭ يىنىغا رەڭدار بۇلۇت ، ئاستىغا بىر غەلىتە ئادەم بىشى سىزىلغان . بۇ تاش رەسىمدە ئىپادىلەنگىنى ئىنسانلارنىڭ قوياش ۋە ئايغا چوقۇنىدىغانلىقىدۇر .
قەدىمقى تاشكەنىتلىكلەر ئوزلىرىنى "قوياشنىڭ ئۇرۇقى " دەپ ئاتىغان بولۇپ ، مەنىسى قوياشنىڭ ئەۋلاتلىرى دىگەنلىك ئىكەنلىكىنى چۇشۇنىۋالغىلى بولىدۇ . قوياش ۋە ئايغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى ھازىرمۇ نۇرغۇن مىللەتلەر ئارىسىدا ساقلانماقتا . قازاقلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ "ئوزلىرىنى قوياشتىن تۇغۇلغانلار " دەپ تونۇپ ، يەنىلا قوياش ۋە ئايغا چوقۇنىدۇ . ئاي شەرىقتىن كوتۇرۇلگەندە كىشىلەر ئايغا قاراپ ئىلتىجا قىلىدۇ .
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھايۋانلار ۋە ئوسۇملۇكلەرمۇ شىنجاڭدىكى ئىپتىدائى ئاھالىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان يەنە بىر موھىم ئوبىكتى بولغان .
قەدىمقى لوپنۇرلۇقلار جەسەتنى كومگىچە ئولگۇچىنىڭ مەيدىسىگە چاكاندا شىخى سىلىنغان بىر كىچىك خالتا قويۇپ قويغان ؛ ئوسۇملۇكلەرگە چوقۇنۇش يىزا - ئىگىلىك بىلەن شۇغۇنلىندىغان ئاھالىلەر ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇلاشقان بولسا ، چارۋىچىلار ئىچىدە ھايۋانلارغا چوقۇنۇش ئومۇملاشقان . تەڭرىتاغ ، كوئىنلۇن تىغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرىدا كالا ، قوي ، توگە ، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان نۇرغۇن قىيا - تاش سىزمىلىرى بار . دىھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا بىر قەدەر ئىغىر زىيان سالىدىغان ھايۋانلار مەسىلەن بۆرە ، چاشقان قاتارلىقلارغا كىشىلەر تىخىمۇ بەك ساداقەتمەنلىك بىلەن چوقۇنغان .
تۇتىمغا چوقۇنۇش شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان . " مۇتيەنزى تەزكىرىسى " ۋە " تاغ -تىزىمىلىرى قۇرئى " دا خاتىرلىنىشىچە ، مۇتيەنزى غەرىبتىكى كوئىنلۇن تىغىغا چىقىپ " ئۇماي " بىلەن كورۇشكەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا " تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىكەن ، چىشى يىلپىزنىڭكىدەك ، قۇيرۇقى يولۋاسنىڭكىدەك ئىكەن ، چاچلىرى ئوسۇپ كەتكەن ئىكەن " دەپ خاتىرلىگەن . " ئۇماي " بەلكىم يىراق قەدىمقى دەۋىردە كوئىنلۇن تىغى ئەتراپىدا ياشىغان ، يولۋاس ۋە يىلپىزنى تۇتىم قىلغان ماترىئارخاللىق قەبىلىنىڭ سەردارى بولۇشى مومكىن .شىنجاڭدىكى نۇرغۇن قەدىمقى مىللەتلەر بورىنى تۇتىم قىلغان بولۇپ ، تۇرۇكلەرنىڭ بايرىقىغا بىر كوك بورىنىڭ باش سۇرتى چۇشۇرۇلگەن . قاڭقىللار ، ئۇيسۇنلار ، قىرغىزلار ئوزلىرىنى " بورىنىڭ ئەۋلادى " دەپ ئاتايدۇ .
تۇتىمغا چوقۇنۇش ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ نەسىل قالدۇرۇشنى چۇشەنمىگەنلىكتىن پەيدا بولغان خاتا تونۇشىنىڭ مەھسۇلى . كىشىلەر نەسىل قالدۇرۇش ھادىسىسىنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يەتكەندىن كىيىن ، نەسىل قالدۇرۇشقا چوقۇنۇشقا باشلىدى . قۇتۇبىدىكى مەشھۇر قامجاي تاش ئىشكىگە چىكىلگەن نەسىل قالدۇرۇشقا چوقۇنۇش سۇرتىدە ، ئەينى چاغلاردىكى كىشىلەرنىڭ نەسىل قالدۇرۇشقا چوقۇنۇشقا دائىر كورۇنۇشلەر جانلىق ئىپادىلەپ بىرىلگەن ۋە ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن . ئاياللار نەسىل قالدۇرۇشنى بىۋاستە ئۇستىگە ئالغانلىقى ئۇچۇن ، ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ جىنسى ئەزاسى كىشىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبىكتى بولۇپ قالغان . گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەر ئىچىدىن نۇرغۇن ياغاچ ئويما ۋە تاش ئويما ھەيكەللەر چىقتى . ئىنسانىيەت جەمئىيتى ماترىئارخاللىقتىن پاترىئارخاللىق جەمئىيتىگە كوچكەندە ، ئەرلەر ئاستا-ئاستا ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ ، چوقۇنۇشنىڭ ئاساسى ئوبىكتى بولۇپ قالغان . مورىنىڭ چىداۋگۇ دىگەن يىرىدىكى يىغىلىق دەۋرىدىن قالغان بىر قەبرە ئىچىدىن ئەرلەرنىڭ تاشتىن ياسالغان جىنسى ئەزاسى چىققان بولۇپ ، ئۇنىڭ شەكلى راسىتتەكلام كورۇنىدۇ . يىقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەردىمۇ بۇ خىلدىكى تاش بويۇم تىپىلدى .
داۋامى بار ..........
مەنبە :«قەشقەر مەجمۇئەسى »دىگەن كىتابتىن ئىلىندى .
|