ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى
(بىلىمخۇمار) 2014-يىلى 25-مارت
يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا غا ئاجراتقان خامچوت مىقتارىنى بۇرۇنقىدىن بىر ئاز ئازلىتىۋەتكەن بولۇپ، ھازىر ناسا نىڭ يىللىق خامچوت مىقتارى پۈتۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىنىڭ يىللىق خىراجىتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ دېنۋەر شىتاتى كولورادو شەھىرىدە ياشايدىغان 6.5 ياشلىق كوننور جونسون (Connor Johnson) 3 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپلا چوڭ بولغاندا بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى غايە قىلغانىدى. ئۇ يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان خامچوت مىقتارىنى ئازايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى بىر خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى. كوننور دەسلىۋىدە ئامېرىكا پرېزىدەنتى ئوباماغا خەت يازماقچى بولدى. ئەمما، ئۇ كېيىنچە ئامېرىكا ھازىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزى يىققان 10.41 دوللار پۇلنى ناسا غا ئىئانە قىلىش قارارىغا كەلدى.
گەرچە بۇ ئىئانە قىلىش ئىشى كوننورنىڭ توغرا ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كوننورنى ناسا غا ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنىڭ بىر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن كوننور ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى. گەرچە چاقىرىق خېتىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش كوننورنىڭ ئىدىيىسى ئىدى.
ئۇ خەتنىڭ ماۋزۇسى مۇنداق يېزىلغان: «ناسا نىڭ خامچوتىنى كۆپەيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار بىز يېڭى دۇنيانى بايقىيالايمىز، ئۆزىمىزنى خەتەردىن مۇداپىيە قىلالايمىز، ھەمدە ئۆز غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. كوننور جونسون، 6.5 ياش.» ئۇ خەتنىڭ ئىچىدە مۇنداق گەپ بار: «ناسا خامچوتىنى كۆپەيتىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار بالىلار كائىناتتىكى يېڭىلىقلارنى بايقاشنى ئۆزىگە غايە قىلالايدۇ. ئىلىم-پەنگە ئاجراتقان پۇل ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ.»
كوننورنىڭ چاقىرىقى «بىز خەلق» (ۋە تھە پەئوپلە) دېگەن تور بېتىگە چىقىرىلىشقا لايەقەتلىك بولۇش ئۈچۈن 150 ئىمزا توپلاش زۆرۈر بولۇپ، ئۇ بۇ 150 ئىمزانى توپلاپ بولدى. ئەمدى ئۇ يەنە 90 مىڭ ئىمزا توپلىسا، ئۇنىڭ چاقىرىقى ئاق ساراينىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ. كوننور 2014-يىلى 24-مارت كۈنى بىر ئاخبارات ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، ناسا ئۇنىڭغا ھەر قانداق بىر مەقسەتنى كىچىك قەدەملەرنى ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى، فلورىدا شىتاتىدىكى كېننېدىي ئالەم مەركىزىنىڭ ھازىرقى دىرېكتورى 15-مارت كۈنى بىر كوننورنى قارشى ئېلىش مۇراسسىمى تەشكىللەپ، كوننورغا بىر قىسىم ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرە بويۇملىرىنى سوۋغات قىلدى. ھەمدە ئۇنى ھازىرقى غايىسىنى بويلاپ داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردى. كوننورنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقتى ناسا نىڭ مارسقا ئادەم چىقىرىش ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدىكەن.
كوننورنىڭ يۇقىرىدىكى ئىش-ئىزلىرى يېقىندا ئامېرىكىدىكى مېدىئالاردا كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىندى.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] 6-year-old boy from US starts petition to save Nasa
<http://www.independent.co.uk/lif ... sa-8996210.html>
[2] NASA This Week
<http://www.youtube.com/watch?v=xHJ1uO2bJEY&feature=youtu.be>
1-رەسىم: ئالتە يېرىم ياشلىق كوننور جونسون (Connor Johnson)
2-رەسىم: كوننور جونسون فلورىدادىكى كېننېدىي ئالەم مەركىزىنىڭ دىرېكتورى بىلەن بىللە
3-رەسىم: ناسا نىڭ ئاپوللو-11 پروگراممىسى ۋاقتىدا ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇزز ئالدرىننىڭ ئاينىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆرىنىشى
|