قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1885|ئىنكاس: 26

سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ 70 يىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

دوست

2317

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8744
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 15:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئانا مەكتىپىمىز يەكەن پىداگوگىكا مەكتىۋىنى ئەسلەيمىز، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز.


        يەكەن دەريا ۋادىسىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق خۇشپۇراقلىق گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ، ئەل ئىچىگە ئۆزىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ كەلگەن بىر مەرىپەت گۈلزارلىقى بولغان، ئۇ بولسىمۇ سابىق يەكەن پىداگوگىكا  مەكتىۋى.
        تارىختا ئۇيغۇر مەدىنىيتىنىڭ موھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان يەكەن بوستانلىقىدا، ئۇيغۇر مائارىپى خېلى ئۇزۇن دەۋىر گۈللىنىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرىپ، خەلقنىڭ ئىلىم- مەرىپەت تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، مىللى مەدىنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە موھىم رول ئويناپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن يېڭى مائارىپ دولقۇنىنىڭ تۈرىتكىسىدە، يەكەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 30- يىللاردىن باشلاپ پەنئى باشلانغۇچ مەكتەپلەر تۈركۈملەپ ئېچىلىشقا باشلاپ، خەلققە يېڭى ئۈمۈتلەرنى ئېلىپ كەلدى. يېڭىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈپ بىرىش بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى يەكەن پىداگوگىكا  مەكتىۋى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن 1944-يىلى8-ئايدا قۇرۇلۇپ، ئازاتلىقتىن بۇرۇن شىنجاڭدا قۇرۇلغان 10پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا  مەكتەپ نامى ”شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەكەن ئاددى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى“ دەپ ئاتىلىپ، ئۆلىكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇپ، ئەينى ۋاختىدىكى يەكەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ بىرىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلدى. مەكتەپ قۇرۇلغان چاغلاردا مەكتەپ ئورنى ئاددى بىر دارىلئاتامدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ،  1944-يىلىدىن 1949- يىلىغىچە بۇ مەكتەپ جەمئى185 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈردى.
         ئازاتلىقتىن كىيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا مەكتەپنىڭ كۆلىمى ئۈزلىكسىز چوڭۇيۇپ تەرەققى قىلىپ باردى. مەكتەپ نامى 1954- يىلى ”شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەكەن تولۇقسىز دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى“گە ئۆزگەرتىلدى. 1950- يىلىدىن1958- يىلىغىچە ھۆكۈمەت زور مەبلەغ چىقىرىپ،يېڭىدىن 37 سىنىپ ۋە  32 ئېغىز ياتاق سېلىپ، ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى، بۇ مەزگىللەردە جەمئىى 1870 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مائارىپ سېپىگە قېتىلدى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر سانى63 نەپەرگە يەتتى. 1958-يىلىدىن كىيىن مەكتەپ تولۇق دارىلمۇئەللىمىنگە ئايلىنىپ،تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلىپ ئوقۇتتى، ئوقۇتۇشتا《ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش كالىندارى》 قوللۇنىشقا باشلىدى،  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھيە(شەھەر) لىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، مەكتەپ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولدى. 1959-يىلىدىن 1966-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە مەكتەپتە جەمئى3085  نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مائارىپ سېپىگە قېتىلدى، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر سانى71 نەپەرگە يەتتى. 1967-يىلىدىن 1971- يىلىغىچە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدە، مەكتەپ ئاساسەن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى، 1973-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 1967- يىلىدىن1977 - يىلىغىچە مەكتەپتە جەمئى 1922 نەپەر ئوقۇغۇچى  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مائارىپ سېپىگە قېتىلدى.
         ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتىن كىيىن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى يېڭى بىر گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. 1977-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن، بۇ مەكتەپمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ياكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى 2يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى 3يىل ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئىجرا قىلىندى. 1977-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇراق ئۆيى، چوڭ زال، خىزمەت بىناسى سېلىپ مەكتەپ شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ بەردى. 1987- يىلى ئىككى قەۋەتلىك تەجرىبەخانا بىناسى، 1989-يىلى ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى پۈتتى.  1993-يىلى ئىككى قەۋەتلىك  كۈتۈپخانا بىناسى ۋە  ئىككى قەۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى پۈتتى.  1994-يىلى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرلەندى. 2000-يىلى مەكتەپ ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ بەش قەۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، بەش قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى ۋە  ئۈچ دوم بەش قەۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇراق بىناسى سالدۇردى، 100دانە كومپىيوتىر سېتىۋېلىپ ئوقۇتۇشقا ئىشلەتتى.  2004- يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2005-يىلىغا كەلگەندە مەكتەپتە بار بولغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاخىرلاشتى.  1978- يىلىدىن 2005-يىلىغىچە مەكتەپتە جەمئى 9904 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مائارىپ سېپىگە قېتىلدى، بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچى سانى177 نەپەرگە يەتتى(بۇلارنىڭ ئىچىدە11 نەپەر ئالىي لىكتور ، 52 نەپەر لىكتور ۋە بىر نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى بار). 2005- يىلى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى تەڭشەش سىياسىتى بىلەن، يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەكتەپ ئورنىدا يەكەن ناھيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلدى.
         مەكتەپنىڭ تەرەقىياتى جەريانىدا مەكتەپنىڭ مەمۇرى ۋە كەسپىي تارماقلىرىمۇ تەدرىجى مۇكەممەللىشىپ باردى. مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە پارتىيە تەشكىلى  رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزىمى ئىزچىللاشتۇرۇلدى. 1955-يىلى مەكتەپتە 4 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بىلەن پارتىيە ياچىيكىسى قۇرۇلدى، 1988-يىلى پارتىيە باش ياچىيكىسىغا ئۆزگەرتىلدى ، 1999-يىلى پارتىيە ئەزاسى سانى 57 نەپەرگە يىتىپ، مەكتەپ پارتىيكومى قۇرۇلدى. 1957-يىلى كومۇنىستىك ياشلار ئىتىپاقى كومتېتى قۇرۇلدى. 1953-يىلى مەكتەپ مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى، 1985-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ ئىشلىرى ھەيئىتى قۇرۇلدى.  1985-يىلىدىن كىيىن ئىلمىي بۆلۈمى، مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىتىپاق كۆمتېتىدىن باشقا، مەكتەپتە يەنە مەكتەپ ئىشخانىسى،سىياسى خىزمەت بۆلۈمى، ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمى، خوجۇلۇق بۆلۈمى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسى قاتارلىق بۆلۈم دەرىجىلىك ئاپاراتلار تەسىس قىلىندى. 1958-يىلى ئىلمىي بۆلۈم تارمىقىدا تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، سىياسەت، تارىخ-جۇغراپىيە، فىزىكا-خىمىيە قاتارلىق ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلعان، بۇ ئاساستا  1991- يىلى پىداگوگىكا، خەنزۇتىلى، سەنئەت، خىمىيە، بىئولوگىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى كۆپەيتىپ قۇرۇلدى.
         بۇ مەكتەپ ئاددى-ساددا، تەلەپچان بولۇشتەك ئوقۇتۇش ئىستىلى ۋە كەمتەر، تىرىشچان بولۇشتەك ئۈگىنىش ئىستىلىنى مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۈزمەي جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. مەكتەپ تەلىم-تەربىيسىدە باشتىن ئاخىر ئەخلاقى تەربىيەنى موھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىياسى ئىدىيۋى تەربىينى چىڭ تۇتۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى كۈچەيتىپ، يىزا مائارىپى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياراملىق خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشنى نىشان قىلدى. ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدە ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاساسىي پەنلەرنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە پىداگوگىكا، پېسخولوگىيە ۋە ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش مىتودىكىسى قاتارلىق كەسپىي پەنلەرنى ئوقۇتۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. يىزا مائارىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز نىشانى قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسىپلەرنى ئېچىپ، ھەر قايسى پەنلەردىن تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىرگە ماھيىر، كۆپكە قادىر قىلىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى.
         مەكتەپتە تۈرلىك كەسپىي سىنىپلەر ئۈزلىكسىز كىڭەيتىلدى. 1978-يىلىغىچە مەكتەپتە ئاساسلىقى ئومۇمى پەن سىنىپلىرى باشقۇرۇلۇپ كەلگەن ئىدى، 1978-يىلىدىن كىيىن مەكتەپتە كەينى- كەينىدىن يەنە ئىجتىمائى پەن، تەبئى پەن، تەنتەربىيە، خەنزۇ تىلى، باشلانغۇچ مەكتەپ لابورانىتلىقى، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا،  بالىلار مائارىپى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق كەسپىي سىنىپلار قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇلدى. 1985-يىلى شىنجاڭ رادىيو-تېلۋېزىيە ئۇنۋېرستىتى قەشقەر  شۆبىسىنىڭ بىر سىنىپى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بىرىلدى. 1991-يىلىدىن1999-يىلىغىچە 7 قارار باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيلەش كۇرۇسى ئېچىلىپ، جەمئى 450نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى تەربىيلەندى. 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇپتىكى ناھيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دائىملىق تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى قوشۇپ ئورۇنداپ، جەمئى 2755 نەپەر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دائىملىق تەربىيەگە، 2247نەپەر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنۋان ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇنقى تەربىيگە، 1950نەپەر غەيرى پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار پىداگوگىكا- پىسخولوگىيە پەنلىرى بويىچە تەربىيگە ئىگە قىلىندى. 2002-يىلدىن باشلاپ مەكتەپتە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماتىريال ئارقىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرى باشقۇرۇلۇپ، شۇ مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى كەسىپلەردىن مەخسۇس كۇرۇس ۋە تولۇق كۇرۇس سىنىپلىرى ئوقۇتۇلدى. 2004-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپكە يەنە تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىمۇ قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇلدى.
          مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتىگە ياخشى ئەھمىيەت بىرىلدى. ئىلمىي بۆلۈمى ۋە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش فۇنكىتسىيسى ياحشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى داۋاملىق يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. بىر قىسىم ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى كەمچىل ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تۈزۈپ تەييارلاپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش قىيىنچىلىقىنى ۋاختىدا ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەرەللىك ھالدا تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى يەرلىكتىكى  ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى مائارىپى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇردى.
          1982-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپتە 《مەرىپەت غۇنچىلىرى》 ناملىق مەكتەپ ژۆرنىلى چىقىرلىپ، 1993-يىلىغا كەلگەندە بۇ ژۆرنال قوغۇشۇن مەتبەسىدە بېسىپ  مەكتەپ ئىچى- سىرتىغا تارقىتىلىشقا باشلاندى، ژۆرنال سۈپىتى بارغانسىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. بۇ ژۆرنالغا  ئاساسلىقى مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىلىرىنى باسقاندىن باشقا، يەنە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيەتلىرىنىمۇ بېسىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە موھىم رول ئوينىدى. بۇ ژۆرنال ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە بىر ساندىن، جەمئى45سان چىقىرىلىپ، ئۇنىڭعا 500پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش ئىلمىي ماقالىسى بېسىلدى.
         مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانا ۋە تەجرىبەخانا قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى كىتاپلارنىڭ تۈرى4000خىلدىن، سانى  80مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدى. مەكتەپنىڭ فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە تەجرىبە خانىلىرى 1987-يىلى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلىپ، مائارىپ نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. 100كومپىيوتىر سەپلەنگەن ئۇچۇر- تېخنىكا ئوقۇتۇش ئۆيى مائارىپ تېخنىكا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. مەكتەپنىڭ قاتتىق-يۇمشاق قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ شارائىتىدا ئىلغار قاتاردا تۇردى.
         مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىستىلى ياخشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلىك بولغاچقا، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ  ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ  مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقانلارغا قارىتا جەمىيەتنىڭ باھاسى ئىزچىل يۇقۇرى بولۇپ كەلدى. 1991- يىلى مەكتەپ 80-يىللاردا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن 1904نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ%95  دىن ئارتۇقىنىڭ يىزا-كەنت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يەرلىكنىڭ يىزا مائارىپى ئۈچۈن كۈچ قوشۇۋاتقانلىقى  ئېنىقلاندى. ھازىرمۇ يەكەن ناھيىسىدىلا يىزا- بازار ئوتتۇرا- باشلاغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى چاغدا يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ تەربىيلەنگەنلەر.
         يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپى ئۆزىنىڭ 61 يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇن شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ پارتىيىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3- ئومۇمى يىغىنىدىن كىيىن مەكتەپنىڭ تۈرلىك خىزمەتلىرىدە زور  ئىگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىپ، 30نەچچە قېتىم قەشقەر ۋىلايىتى ۋە يەكەن ناھيىسى تەرپىدىن ”مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى ئورۇن“، ”مەدىنى ئورۇن “، ”ئىلغار پارتىيە باش ياچىيكىسى“، ”ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن“ بولۇپ باھالاندى. 1989-يىلى دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرپىدىن《ئۈلگىلىك پىداگوگىكا مەكتىپى》 دەپ باھا بىرىلدى. 1992-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدە بۇ مەكتەپ  تونۇشتۇرغان خىزمەت تەجرىبىلىرى يۇقۇرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى. 1998-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرپىدىن”ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن“ بولۇپ باھالاندى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن 2 نەپىرى ” مەملىكەتلىك مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى “، 5نەپىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ” مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى“ ۋە”مۇنەۋەر پارتىيە ئەزاسى“  بولۇپ مۇكاپاتلاندى، 3نەپىرى ” مەملىكەتلىك زېڭ شيەنزى ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتى“غا ئىرىشتى.
          بۇ مەكتەپتە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، نەچچە ئون يىل تەر تۆكۈپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى، كۈچ-قۇۋىتىنى مەكتەپىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە بېغىشلاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن تۇرسۇن ئىسلام، ھىدايەت جامال، قادىر ھەسەن، تۇرسۇن يۈسۈپ، ھەسەن سىيىت قاتارلىق پىشقەدەم مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ۋە نۇسرەت سادىق، ياڭ جېنشى، غېنى تەۋەككۈل، ھېيىت خۇدابەردى، ۋاھاپجان رازىق، قۇرباننىياز رورى، نىزامىدىن ئايۇپ، ئامىنە ئىمىن، ئەمەت ھوشۇر، يۇنۇس ئەمەت، قەمىردىن كىرىم، تۇرسۇن ھەسەن، ئۆمەر بارات، ئېلى سىيىت، مەمتىمىن مەخسۇت، نۇرمەمەت ئەلەم، ئىسمايىل مامۇت، قۇددۇس توختىنىىياز، تۇرسۇننىياز ئەخمەت، پاشاگۈل ئىمىر،ئەخەت قاۋۇل،مۇتەللىپ توختى قاتارلىق ئۇستازلارنى بىز خىزمەتداشلار ۋە شاگىرىتلار دائىم ياد ئىتىمىز. بۇ مەكتەپتە خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن مىھنەتكەش ئۇستازلارنىڭ چاچقان ئۇرۇقلىرى، قويغان كۆچەتلىرى مەرىپەت بېغىمىزنى باراقسان قىلدى، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان مائارىپچىلىرىمىز شۇ ئىزدىن مەيدانغا كەلدى، مىليونلىغان ئەۋلاتلارنىڭ قەلبى مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇتىلدى. بىز بۈگۈن يۇرتىمىزنى مەرىپەت گۈللىرىگە پۈركەندۈرگەن ئاشۇ ئانا مەكتىۋىمىزنى، مەرىپەت يولىدا مەشئەل بولۇپ يانغان قەدىردان ئۇستازلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.
         پىداگوگىكا مائارىپى ئانا مائارىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. جۈملىدىن يەكەن پىداگوگىكا مەكتىۋى ئۆزىنىڭ 61يىللىق تارىخ مۇساپىسىدە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن 27 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيلەپ چىقىرىپ، يەرلىكنىڭ مائارىپ قوشۇنىنى يېڭى قان بىلەن تەمىنلەپ ، مىللى مائارىپىمىز تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى. بۇ ئۇلۇق تۆھپە ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، ئانا مەكتەپنىڭ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ئىزلىرى مەڭگۈ كۆمۈلمەيدۇ .
ماقالىنى تەييارلىغۇچى: ئەركىن يۇنۇس
بۇماقالە 《ئاسىيا كىندىكى》
گېزىتىنىڭ2014-يىلى26-فېۋرال سانىغا بېسىلغان

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 17:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئانا مەكتەپ ئۈچۈن ،مىنىڭ داداممۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،خىزمەتكە چىقىپ خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئىدى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 18:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
___________________________
باغداشقا نارازىلىق:
ئاخشام(24-چېسلا)  كەچ سائەت سەككىزدىن سەل ئاشقاندا،  يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر تېڭشۈن تورىدا ئېلان قىلىندى. مەن بىر سائەت ئىچىدە قىسمەن تەرجىمە قىلىپ باغداشقا يوللىسام، تېمامنى تەستىقلىماپتۇ. ھازىر يەنى چۈشتىن كېيىن (25-چېسلا) سائەت 3تە باغداشتا بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم.
http://news.bagdax.cn/international/2014/0324/1792.html
ئوخشاشلا شۇ ئۇچۇر، مەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇن شۇ.
مەن يوللىغان ئۇچۇر:
گېنېرال تەرجىمىسى

中新网3月24日电
نورۇز ئېيىنىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 دا، مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىپ جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۇ يىغىندا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 تىپلىق ئايرۇپىلانىنىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسى شۇ كۈنكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا ئايرۇپىلاندا ھايات قالغۇچىلارنىڭ يوقلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇندىن باشقا، ئايرۇپىلاندا كېلىشمەسلىككە يولۇققانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئايرۇپىلان ھۆددىگە ئېلىپ ئاۋىستىرالىيەگە بارماقچى بولدى.
نەجىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتچى ئايرۇپىلان جەنۇبقا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئورنى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان، يەنى ئاۋىستىرالىيەدىكى Perth نىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ.‹‹ ئۇ يەر ئىنتايىن يىراق بولۇپ، پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىقتى››.(قىسقارتىلدى)
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ MH370 تىپلىق ئايرۇپىلانىنىڭ نورۇزنىڭ 8-كۈنى يەر يۈزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملاشتى. ئاۋىستىرالىيە،جۇڭگو،فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سۈنئىي ھەمرا سېگنالىدا  گۇمانلىق ئوبيېكت بايقالغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

تۈزىتىش: ھىندى جەنۇبىي ئوكيان دېمەيمىز، بەلكى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان دەيمىز.

مەن ئۇچۇرنى تولۇق تەرجىمە قىلمىغان، ئاخىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،(马航MH370本月8日失联,各方搜救行动已持续数周。自澳、中、法在南印度海域的卫星图像发现疑似物体后,在南印度洋的搜救力量加强。

24日,澳大利亚总理宣布,澳方飞机在距离澳大利亚珀斯西南2500公里海域发现两个物体,一个为圆形,一个为矩形。

当天澳大利亚海军船只“胜利号”已经抵达相关海域,澳方舰船此前消息称,这两个物体最快可能在未来几小时内被寻获)
ئۇلىنىش ئادرېسىنى قالدۇرغان ئىدىم. باغداش خەۋىرى قىلىپ يوللانغان ئۇچۇرنىڭ تەرجىمە مەزمۇنىمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن، نېمىشقا داۋامىنى تەرجىمە قىلمىدىڭلار؟  ئۇلىنىش ئادرېسى قالدۇرۇلمىغاندىن كېيىن تولۇق تەرجىمە قىلىنمامدۇ!
باغداش مۇنبىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەخلاقسىزلىق يامان ئىللەت!

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 19:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
___________________________
باغداشقا نارازىلىق:
ئاخشام(24-چېسلا)  كەچ سائەت سەككىزدىن سەل ئاشقاندا،  يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر تېڭشۈن تورىدا ئېلان قىلىندى. مەن بىر سائەت ئىچىدە قىسمەن تەرجىمە قىلىپ باغداشقا يوللىسام، تېمامنى تەستىقلىماپتۇ. ھازىر يەنى چۈشتىن كېيىن (25-چېسلا) سائەت 3تە باغداشتا بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم.
http://news.bagdax.cn/international/2014/0324/1792.html
ئوخشاشلا شۇ ئۇچۇر، مەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇن شۇ.
bagdax.JPG

مەن يوللىغان ئۇچۇر:
گېنېرال تەرجىمىسى

中新网3月24日电
نورۇز ئېيىنىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 دا، مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىپ جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۇ يىغىندا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 تىپلىق ئايرۇپىلانىنىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسى شۇ كۈنكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا ئايرۇپىلاندا ھايات قالغۇچىلارنىڭ يوقلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇندىن باشقا، ئايرۇپىلاندا كېلىشمەسلىككە يولۇققانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئايرۇپىلان ھۆددىگە ئېلىپ ئاۋىستىرالىيەگە بارماقچى بولدى.
نەجىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتچى ئايرۇپىلان جەنۇبقا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئورنى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان، يەنى ئاۋىستىرالىيەدىكى Perth نىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ.‹‹ ئۇ يەر ئىنتايىن يىراق بولۇپ، پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىقتى››.(قىسقارتىلدى)
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ MH370 تىپلىق ئايرۇپىلانىنىڭ نورۇزنىڭ 8-كۈنى يەر يۈزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى نەچچە ھەپتىگىچە داۋاملاشتى. ئاۋىستىرالىيە،جۇڭگو،فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سۈنئىي ھەمرا سېگنالىدا  گۇمانلىق ئوبيېكت بايقالغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

تۈزىتىش: ھىندى جەنۇبىي ئوكيان دېمەيمىز، بەلكى جەنۇبىي ھىندى ئوكيان دەيمىز.

مەن ئۇچۇرنى تولۇق تەرجىمە قىلمىغان، ئاخىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،(马航MH370本月8日失联,各方搜救行动已持续数周。自澳、中、法在南印度海域的卫星图像发现疑似物体后,在南印度洋的搜救力量加强。

24日,澳大利亚总理宣布,澳方飞机在距离澳大利亚珀斯西南2500公里海域发现两个物体,一个为圆形,一个为矩形。

当天澳大利亚海军船只“胜利号”已经抵达相关海域,澳方舰船此前消息称,这两个物体最快可能在未来几小时内被寻获)
ئۇلىنىش ئادرېسىنى قالدۇرغان ئىدىم. باغداش خەۋىرى قىلىپ يوللانغان ئۇچۇرنىڭ تەرجىمە مەزمۇنىمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن، نېمىشقا داۋامىنى تەرجىمە قىلمىدىڭلار؟  ئۇلىنىش ئادرېسى قالدۇرۇلمىغاندىن كېيىن تولۇق تەرجىمە قىلىنمامدۇ!
باغداش مۇنبىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەخلاقسىزلىق يامان ئىللەت!

0

تېما

0

دوست

1394

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 19:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما  -ئىنكاس  ئوغرىسى  ،
پەيدا  بولدى مۇنبەردە ،
قۇلۇپلادا  ئىشەنچ يوق ،
ئىشىك تاقاڭ دەملەر دە !

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4869
توردىكى ۋاقتى: 1412
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 20:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن دىيارىدىكى بۇ مەكتەپ تەربىيىلىگەن ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا ئاز ئەمەسكەن.

7

تېما

4

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 21:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك،70يىشىڭغا ئانا مەكتىپىم.مەن ھىلىھەممۇ سىنىڭ نامىڭنى ئىپتىخارلىق ئىلىكىدە تىلغا ئالىمەن،سەندىن پەخىرلىنىمەن.

7

تېما

4

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 21:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان ئىدى.جەنۇبى شىنجاڭغا نىسبەتەن ئوينىغان رولى چوڭ ئىدى بۇ مەكتەپنىڭ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )