قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6289|ئىنكاس: 153

ئەركيار:بۈگۈنكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەخلاق ئەھۋالىغا قىسقىچە نەزەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 11:15:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەخلاق ئەھۋالىغا قىسقىچە نەزەر

      ئەرەب جەمئىيتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن دېيىش كېرەك.بەزى ئەنئەنىچى ئەرەب ئالىملىرى ئىسلام ئەخلاقىنى ئۇمۇمىي تۇرمۇش شەكلى سۈپىتىدە بايان قىلىپ،بۇ شەكىل ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا تاقىشىدۇ،دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىنى بەدەلى گۇناھ تۇيغۇسى،بويسۇنۇشچانلىق،ئاقىلانە كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەبئىي يۈزلىنىشتىن ئىبارەت تۆت مۇھىم مەزمۇنغا  يىغىنچاقلايدۇ. مانا شۇنىڭدىن ئىسلامىيەتنى «تەبىىئى»ئىجتىمائى ئېتىكا سېستىمىسى دەپ شەرھىيلەيدۇ. بۇ ئامىللار ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىكىسىنى قايتا  بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ،بۇ ئەنئەنىۋى ئېتىكا ئىنسانىيەتنىڭ مەسلىلىرىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلدى، شۇڭا بۈگۈن بۇ خىل ئېتىكا ئەندىزىسىگە زامانغا لايىق مۇئامىلە قىلىنسىلا كۇپايە دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ئىسلام دىنىنى ھەرىكەت ھالىتىدىكى مەدەنىيلىك،بۇ دىن ھازىر غەربنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىپلا قالماستىن بەلكى ئىككى خىل مەدەنىيلىكنىڭ توقۇنۇشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.يەنى ئۆز-ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشقا يېڭىۋاشتىن يېقىنلىشىش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈستىدىكى تۇقۇنۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.ئىسلام دىنى ئۇزۇن يىللار رىمۇنت قىلىنماي قالغان  ناھايىتى چوڭ قەدىمكى بىناغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ ئۇلى ئىنتايىن پۇختا بولسىمۇ،لېكىن بەزى قىسىملىرىنى ھەقىقەتەن قايتىدىن ياساشقا توغرا كېلىدۇ،دەپ قارايدۇ.
      ئەمەلىيەتتە1920-يىلدىن1950-يىللارغىچە غەرب مەدەنىيتى ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا بولغان خىرىسى كۈچىيىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىدا ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. بۇنداق ئۆزگىرىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ زورايدى.
ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى مىسىرلىق يازغۇچى شەرۋى خانىم1923-يىلى خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رىمغا كېتىۋېتىپ،پاراخۇتتا بېشىدىن چۈمبەلنى ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىپ،چۈمبىلىنى ئېلىۋەتكەن تۇنجى ئەرەب ئايالى بولۇپ قالغان.شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىدا غەربنى دوراشتىن ئىجتىمائى بۆلۈنۈش،ئەخلاقتا چېكىنىش پەيدا بولدى. دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۆزگىرىشمۇ پەرقلىق بولدى.
       سەئۇدى ئەرەبىستانىدا شەرىئەتكە ئەمەل قىلىنىدۇ.شۇڭا ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مىسىردىكى ئەخلاق ئەھۋالى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىگە ئوخشىمايدۇ.1952-يىلىدىن كېيىن مىسىردا ئەخلاق ئىسلاھاتى تەييارلاندى.ئىسلاھاتچىلار ئەنئەنىۋى ئېتىكا قارىشى ھۇرۇنلۇق ئامىللىرىنى پەيدا قىلدى،ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.ئېتىكا قارىشىنى مەقسەتلىك ئىسلاھ قىلىش كېرەك،دەپ قارىدى.نەتىجىدە ئىجتىمائى ئەخلاق،نىكاھ،ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە  غايەت زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى.بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىجابىي تەسىرى رۆشەن بولدى.ئاياللار ھوقۇقى مەسلىسىدە ئاياللارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتىرىلدى،ئۆز قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئاياللارنىڭ قىزىق سۆز تېمىسى بولۇپ قالدى. كەسپىي ئەخلاق تەشەببۇس قىلىندى،مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ياخشى ئۆلچەملىرى پۇقرالار ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى.لېكىن،بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىمۇ رۆشەن بولدى.يەنى غەرب ئېتىكا قارىشىنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا،ئەخلاق جەھەتتە  قاتىللىق قىلىش،زەھەر چېكىش،شەھۋانىي جىنايەت سادىر قىلىش،زىناخورلۇق قىلىش،ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئادەمنى ئەنسىرىدىتىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلار كۆپەيدى. مەسىلەن:زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش مىسىردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ تۈرى كۆپەيدى.نەشە،ئەپيۇن،خىروئىن،كوكايىننىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغان بولدى.مىسىردا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنىڭ يېشى بارغانسىرى تۆۋەنلىگىلى تۇردى(تېخىمۇ كۆپ چۇڭقۇر تېمىلارئۇيغار تورىدا).ھەتتا 10ياشقا كىرمىگەن بالىلارمۇ زەھەرچېكىشكە خۇمار بولۇپ قالدىد.زەھەرلىك چېكىملىك ئاشكارىلاشتى.زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ئاشكارا خەلقئارالاشتى. ھەتتا چېكىشكە بولىدىغان پوچتا ماركىلىرى چىقتى.ماركىنىڭ كەينىگە سۈركەلگەن شىلىمسىمان ماددا ئادەمنىڭ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنى غىدىقلايدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم 1-ماركىنى چېكىپ دەسلەپ خامۇش بولغاندىن كېيىن1-2سائەت روھلىنىپ كېتىدۇ.ئاندىن كېيىن ھاڭۋاقتى بولۇپ قالىدۇ،ئىچى ئېلىشىدۇ،ياندۇرىدۇ،يەنە چەككۇسى كېلىپ تۇرىدۇ.زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى پەيدا قىلغان سەۋەبلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەخلاق سەۋەبىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئۇنى چەككەنلەر زەھەرلىك چېكىملىك ئادەمنى مەنىۋى جەھەتتىن يېنىكلىتىپ قويىدۇ،خۇشاللاندۇرىدۇ،دەپ قارايدۇ.بۇنىڭغا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىكى،ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشى،ئاتا-ئانا تەربىيسىنىڭ بوشاپ كېتىشى،جەمئىيەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەملىكى،ئۈمىدسىزلىك كەيپىيات قاتارلىقلارمۇ سەۋەبچى بولغان.
ئامماندىمۇ ئەنئەنىۋى ئىسلام ئېتىكا قارىشى خىرىسقا دۇچ كەلدى.ئەڭ رۆشەن ھادىسە شۇ بولدىكى،ئاممان كوچىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئايال ساقچىلار پەيدا بولدى.ئۇلار يېشىل يوپكا،ئاق كۆڭلەك،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ،ساقچى شەپكىسى كېيىپ،ئاق-قارا بالداقلىق رېمىن تاقىدى.بۇ ئايال ساقچىلارنىڭ كوچىلاردا تەرتىپ ساقلىشى ئاممان جەمئىيتىدىكى ھەرساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئىگە بولدى.بۇ،ئەرلەرن تالانىڭ ئىشىنى قىلىش،ئاياللار ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىش دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەخلاققا قىلىنغان خىرىس.
ماراكەشتىمۇ جىنايەت سادىر قىلىش كۈنسايىن ئېغىرلاشتى.ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى ئەمەلدارى خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ،ئىككى يىلدا 518ئايالنىڭ ئىپپىتىگە چېقىلغان ئەھۋال كۆرۈلدى.
       تۇنىستا ئاياللار نىكاھلىنى توختامى تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق،ھېچقانداق ئادەمنىڭ ھامىيلىقىنى كېرەك قىلمايدۇ.كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى مەنئىي قىلىنغان.سوت ھەرقانداق نىكاھتىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى بېجىرىدۇ.ئايال ھېچقانداق سەەب كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولىدۇ.
باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ بەزى ئەخلاق قاراشلىرىدا ۋە ئەخلاق ئەھۋالىدا ئۆزگىرىشلەر بولدى.ئەڭ ئۇمۇميۈزلۈكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەخلاق قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بولدى. يەنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە،شەخسلەرنىڭ بانكا،سۇغۇرتا شىركىتى،ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئېچىشىغا،پاي چېكى سودىسى قىلىشىغا يول قويۇلدى.چەتئەللەرنىڭ چېكىنى سېتىۋېلىپ غايەت زور پايدا ئېلىشمۇ تەدرىجى قانۇنلاشتى.
ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بۆلۈنۈش ھالىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن،ئەرەب دۇنياسىدىكى ئېتىكا پەرقىمۇ چوڭ بولدى. بۇنى ئېتىكا جوغراپىيسىگە دائىر بىرەر چوڭ كىتاب يېزىپ مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ۋەھالەنكى،ئۇمۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا،ئىسلام دىنى داۋاملىق مەۋجۇتلا بولىدىكەن،سىرتقى دۇنيا بىلەن،بولۇپمۇ غەرب بىلەن قارشىلىشىدىغانلىقىنى مۇقەررەر ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،لېكىن ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ھېلىمۇ ئۆز رۇلىنى جارى قىلىۋاتىدۇ.سانائەتلىشىش،شەھەرلىشىش يەنىمۇ تەرەققىي قىلسىمۇ بۇ جەريان ئىسلام تەرتىپى بىلەن بىللە داۋاملىشىدۇ.

      مەنبە:ئابدۇللاجان كېرەم تەرجىمە قىلغان«بۈگۈنكى زامان ئىسلام-ئەرەب پەلسەپىسى»ناملىق كىتابنىڭ 364-بېتىدىن368-بېتىگىچە بولغان مەزمۇنلارغا قارالسۇن.

تورغا يوللىغۇچى: مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

0

تېما

1

دوست

1078

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6230
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 243
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 13:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام تۇرمۇش ھايات ۋە ئەخلاق ھەققىدە مۇستەققىل پەلسەپىگە ئىگە، بۇنىڭغا ھەرقانداق مىللەت ياكى رايۇننىڭ پەلسەپىسىنى سىڭىشتۇرۇش ياكى باغلاپ چۈشەندۈرۈش مۇتلەق خاتالىق. بۈگۈنكى يەھۇدىي دىنى خىرىستىئان دىنى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى دەل ئەينى چاغدىكى ھەرخىل پەلسەپە ۋە سەپسەتىلەرنىڭ ساماۋىي دىنلارغا سىڭىشىپ كىرىشى تەسىرىدە شەكىللىنىپ قالغان. مەيلى غەرب بولسۇن ياكى يەھۇدىيلار بولسۇن تەرەققىياتى ئالدىدا ئەمما روھىيىتى بۇلغانغان، تۇرمۇش ئەخلاقى بۇلغانغان. بۇخىلدىكى بۇلغىنىش مانا ھازىر ئىسلام دۇنياسىغا قاراپ سىلجىۋاتىدۇ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5532
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 13:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەخلاق تەربىيىسىدە ئانا بولغۇچى ئەڭ مۇھىم ، لىكىن تەربىيە قىلدىم دەپ تولا ۋاتىلدايدىغانلاردىن بەك بىزارلىق ھىس قىلىمەن ، ئۆزى ياخشى ئۈلگە بولسىلا تەربىيە دىگەن شۇ ، ھازىرقى جوڭگۇچىلىقتا ئەرلەر ماسلىشىشچان بولمىسا نېنىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشلارنىمۇ كۆرگەنمەن ، شۇڭا -- موللامنىڭ دىگىنىنى قىل ، قىلغنىنى قىلما دىگەنگە قوشۇلىمەن .

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 13:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 13:17
ئۇكام، نېرى بېرىپ ئوينىغىنا ماڭ، قارا ئا ئىشتىنىڭدا پ ...

شۇ شۇ… نىمە ئۇ ئۆزىچە پىكىر بېرىپ كېتىشىكەن… تېخى…

1

تېما

2

دوست

3079

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 13:49:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە ئويلىغان ،بىلگەن پىكىرىنى بەرسە بولمامدۇ؟

14

تېما

0

دوست

6211

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11822
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 761
تۆھپە : 1459
توردىكى ۋاقتى: 1029
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 13:56:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەرەپ ياۋايىلىرى نەچچە يۇز مىليون ئادەم كىچىككىنا بىر ئىسرائىلىيەگە تەڭ كىلەلمىگەندىكىن ، كەشىنى توغۇرلاپ ئۇيىگە كىرىپ ئۇخلاپ قالسا بولغىدەك ، ئوز خەلقىنى قىرسىلا بولىدۇ ، تاشقى دوشمەنلەگە تەڭ كىلەلمەيدۇ .

0

تېما

0

دوست

1316

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 13:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amirka يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 12:24
ئەرەپ ياۋايىلىرى تىرورلۇق ۋە دىنى ئەسەبىيلىك ئىچىدە گ ...

سېنىڭ  ۋەزىپەڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشما !!!!!

2

تېما

1

دوست

2162

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21931
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 14:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anwarili يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 13:56
ئەرەپ ياۋايىلىرى نەچچە يۇز مىليون ئادەم كىچىككىنا بى ...

جاھاننىڭ ئىشلىرى سىز ،مەن بىرنىمە دەپ قويغانغا پۇتمەيدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )