كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭمۇ ئىستىقبالى پارلاق
2011-يىلى مەركەز مەملىكەت بويىچە توققۇز ئۆلكە، شەھەردىكى 33 دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچ يىللىق ئوقۇشنى بۇ يىل ئىيۇندا تاماملايدىكەن. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ساندىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار يۇقىرى مەلۇماتلىق خادىملارنى ىوبۇل قىلىشنى شەرت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي مەكتەپ(ئوتتۇرا تېخنىكوم)، تېخنىك مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىش يولى زادى قەيەردە؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەتتە بولدى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىچكى ئۆلكىدىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ(ئوتتۇرا تېخنىكوم)، تېخنىك مەكتەپلىرىگە تۇنجى قارار قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ يىل يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بار 111 ئوقۇغۇچى ئىچكى ئۆلكىدە ئۆرلەپ ئوقۇشقا، 811 ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ۋە سالاھىيەت تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
_ چوڭ ئوغلۇم 2010-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانىدى، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇنى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ياكى ئىچكى ئۆلكىدىكى كەسپىي تېخنىك مەكتەپلىرىدە ئوقۇتمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن. شۇڭا بۇلتۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنجى ئوغلۇمنى كەسپىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بەردىم. مانا بىر يىل بولمايلا ئۇ كومپىيۇتېردا كارتون فىلىم، مۇقاۋا لايىھەلەش تېخنىكىلىرىنى ناھايىتى تېز ئىگىلىدى. ئۇ يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئىشلەپ مائاش ئېلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئىدىيەمىز ئازاد بولمىغاچقا، چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، «تۆمۈر تاۋاق» قا ئېرىشتۈرۈشنىلا ئويلاپتىكەنمىز. مېنىڭچە بالىلار ئاۋۋال بىر تېخنىكىنى ئىگىلەپ، ئاندىن شۇ كەسپ بويىچە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇسىمۇ بولىدىكەن، دېدى ئادالەت خانىم.
ئۈرۈمچى شەھىرى 16- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خې ليۇ مۇنداق دېدى:
_ بۇ يىل سىنىپىمدىن ئىچكى ئۆلكىدىكى كەسپىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار دەرسلەردە سىنىپنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى ئالدى بىلەن كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئاندىن يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەردە ئوقۇماقچى، بەزىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ، ئوقۇغان كەسپىگە يېقىن كەسىپلەر بويىچە تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەنمەكچى. زىيارەت داۋامىدا قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يۇقىرى مەلۇماتلىق بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكى ئۆلكىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدا مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
_ بۇ يىللىق ئىچكى ئۆلكىدىكى كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزغا بېرىلگەن سان پەقەت 3300(بىڭتۈەن بۇنىڭ ئىچىدە). مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملىتىش باشلاندى، 10-ئاپرېل ئاياغلىشىدۇ. 20-،22-ئىيۇن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا بەرگەن ئېتىبار سىياسىتى. ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىتىشتا سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، تاللىشىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قوبۇل قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىچكى ئۆلكىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى كەسپىي مەكتەپلەردە ئۈچ يىل ھەقسىز ئوقۇيدۇ ۋە پىراكتىكا قىلىدۇ.
ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نەتىجىسى ئالالىرى ساۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاللىسا بولىدۇ؛ ئىختىيار قىلغانلىرى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ؛ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىدە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشا رۇخسەت قىلىنىدۇ، شىنجاڭغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوش يۆلىنىشلىك تاللاش، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش پىرىنسىپى بويىچە بولىدۇ. بۇ بالىلار ئوقۇيدىغان كەسپىي مەكتەپلەر دۆلەت تەسىس قىلغان نۇقتىلىق كەسپىي مەكتەپلەر بولۇپ، باشقۇرۇشى ئەلا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى يۇقىرى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى ئورۇنسىز.
مەنبەسى: قانۇنچىلىق گېزىتى
|