بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ayding تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-28 23:11
ياش ئوتتۇز بەش
ئاپتور ھەققىدە: جاھىت سىتقى تارانجى 1910 -يىلى دىيارباقىردا تۇغۇلۇپ، 1956 - يىلى ۋېيىنادا ۋاپات بولغان، تۈركىيە جۈمھۇرىيەت دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلاردىن بىرى. بۇ ئوتتۇز بەش ياش شېئىرى 1946-يىلى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ شېئىر مۇكاپات سەھنىسىدە بىرىنچىلىكنى قازانغان ۋە شائىرنى جامائەتچىلىككە كەڭ تونۇتقان. ئاپتورنىڭ «ئۆمرۈمدە سۈكۈت»، «ياش ئوتتۇز بەش ياش»،«چۈشتىن گۈزەل» ،« كېيىنكىسى» ئاتلىق شېئر كىتابلىرى نەشىرقىلىنغانئاپتورى: جاھىت سىتقى تارانجى
تەرجىمە قىلغۇچى: دىلئارام ۋەلى ياش ئوتتۇز بەش، يولنىڭ يېرىمى تۈگەر، دانتې 1 كەبى قاپ بەلدىمىز ئۆمۈرنىڭ. ياشلىق چېغىمىزدىكى جەۋھەر، يالۋۇرۇش، يېلىنىش نەپلىسىدۇر بۈگۈننىڭ، كۆزنىڭ ياشلىرىغا قارىماي كېتەر.
چېكىلىرىمگە قار ياغدىمۇ ئەجىبا؟ مېنىڭمۇ، ئاللاھىم، قورۇق باسقان يۈز؟ كۆزلىرىم ئاستىدىكى قارا-قارا ھالقا، نېمىشقا شۈنچە دۈشمەن كۆرۈنىسىز؟! ئاھ، يىللار بويى دوست بىلگەن سىيما.
زامان بىلەن ئۆزگەرگەن ئىنسان، قايسىلا رەسىمگە باقسام مەن ئەمەس. قەيەردە ئۇ كۈنلەر، ئۇ زوق- ھاياجان؟! بۇ كۈلگەنچەك كىشى مەن ئەمەس! يالغاندۇر قايغۇسىز يۈرگىنىم يالغان! خىياللىق ئىشلاردىن - تۇنجى سۆيگۈمىز، خاتىرىسى چېغىدا ناتونۇش كېلەر، ھاياتنى تەڭ باشلىغانلرىمىز، دوستلارنىڭ يوللىرى ئايرىلدى بىر- بىر، بارغانچە يۈكسىلەر يالغۇزلىقىمىز.
كۆك يۈزىنىڭ باشقا رەڭگى بار ئىكەن، كەچ بىلىپتىمەن تاشنىڭ قاتتىقلىقىنى. سۇ ئىنساننى بوغار، ئوت كۆيدۈرەركەن، ھەر تۇغقان كۈننىڭ دەرت ئىكەنلىكىنى، ئادەم بۇ ياشقا كېلىپ چۈشىنەر ئىكەن. بىخ سېرىقى، ئانار قىزىلى كەچ باھار، ھەر يىل ئاز- ئازدىن ئاڭقىرغىنىم، كېلەر، كېتەر ھاۋادا قۇشلار، نەدىن چىقتى بۇ جىنازا، ئۆلگەن كىم؟ نەچچىنى كۆردۈم، ئاھ، پەرىشان باغلار!؟
نەيلەيىن، ئۆلۈم ھەر كىشىنىڭ بېشىدا، كۆزنى يۇمۇپ، ئاچالماسلىق بولۇپ قالىدۇ. كىم بىلەر قەيەردە، قانداق، قانچە يېشىڭدا، بىر نامازلىق سەلتەنىتىڭ بولۇپ قالىدۇ، تەخت مىسالى ئۇ قەبرە تېشىڭدا!؟
ئىزاھ:1. دانتې ئىتالىيەلىك شائىر، 1265-يىلىفلورېنسىيەدە تۇغۇلغان، ئۇ دەل 35 ياشقا كىرگەن يىلى پېتىراركا بىلەن ئىلاھى بىرسەپەرنى باشلايدۇ، يول بويى ئاۋال جەھەننەمنى، ئاندىن ئاراف (دوزاخ بىلەنجەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەر)نى، ئاخىرىدا جەننەتنى كۆرگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ، « ئىلاھكومىدېيەسى» نى يېزىشقا باشلايدۇ. ئۇ بۇ ئەسەرىنى «ھايات يولىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدائۆزۈمنى قاراڭغۇ بىر ئورمانلىقتا كۆردۈم » دەپ باشلايدۇ.
ئاپتۇر بۇ مىسرادا شۇنى كۆزدە تۇتقان. ئىستانبۇل، ئاتا شەھەر2014.3.25 |